ئۇيغۇر ئاندرويىد گورۇپپىسىغا بىلەت تاشلاڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار!
مەملىكەتلىك 6-نۆۋەتلىك ئاندىرويىد يۇمشاق دېتال ئېچىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە نامزات تاللاش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ يىل مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشقانلار بىر قەدەر كۆپ تەلەپمۇ بەك قاتتىق بولدى.
قاتناشقانلار چوقۇم گورۇپپا نامىدا قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن، شۇنداقلا ياسىغان يۇمشاق دېتالنى لىيەنتوڭ تورىغا چىقىرىپ خەلقنىڭ چۈشۈرۈش قېتىم سانىغا ئاساسەن يۇمشاق دېتالنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىش نىسبىتىنى ھېسابلايدىكەن.چۈشۈرۈش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، خەلقنىڭ شۇ خىل يۇمشاق دېتالغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئادەتتە چۈشۈرۈش قېتىم سانى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش نومۇرىنىڭ 20% نى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانسا بېيجىڭغا بېرىپ رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن،ئاندىن دۆلەت شۇ تۈردىكى تەتقىقاتقا مەخسۇس مەبلەغ سالىدىكەن.
شۇڭا قېرىنداشلار كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە دېگەندەك، ھەممىمىز ھەركەتلىنىپ ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىدا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈنبىر كىشىلىك كۈچ چىقىرايلى! ئاندرويىد قوللايدىغان يانفۇنىڭىز بولمىسامەيلى، بىراق ئانا تىل ۋە يېزىقنى سۆيىدىغان قەلىبىڭىز بولسا 2 مىنۇتۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ چۈشۈرۈپ قويۇڭ.
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:
1. ئاۋۋال تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ تىزىملتىسىز.
تەپسىلى ئۇچۇرى :
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=6128
http://store.wo.com.cn/login_registerByEmail.do
2. يۇقارقى ئادرىسقا كىرىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن ئېلخېتىڭىزگە بىرمۇقىملاشتۇرۇش خېتى كېلىدۇ. ئېلخەتنى ئېچىپ مۇقۇملاشتۇرۇش ئادرىسىنى چېكىپمۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ چۈشۈرسىڭىزلا بولىدۇ.
http://store.wo.com.cn/download/ ... ?productindex=38266
شىنجاڭ داشۆ ئوقوغۇچىلار گورۇپپىسى بىلكان نامىدىكى ئاندرويىد يۇمشاق دېتال توپلىمى ياسىغان بولۇپ، ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
لۇغەت ئىقتىدارى:
1.خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە قوش يۆلىنىشلىك سۆز ئىزدەش
2.ئىنگلىزچە – ئۇيغۇرچە قوش يۆلىنىشلىك سۆز ئىزدەش
باشقا قوشۇمچە تۇر
3.قانۇندىن ساۋات
4.تىيانشان تورنىڭ مۇنبەر تېمىلىرىنى كۆرگۈچ
كود ئىزدەش ئىقتىدارى:
1.يانفون تەۋە رايوننى ئىزدەش
2.خەنزۇچە خەتنىڭ كود نومۇرنى ئىزدەش(ئىمتىھانلارغا تىزملاتقاندا ئىشلىنىدۇ)
3.مىللەت كود نومۇرنى ئىزدەش
4.رايون نومۇرى، رايون ئىسمى قاتارلىلارنى ئىزدەش
5.خىزمەتچىلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ ئىشلىنىدىغان، دۆلەت بىرتۇتاش بىرلىككە كەلگەن بىر قىسىم نومۇرلار(ئالىي مەكتەپ كود نومۇرلىرى،كەسىپ نومۇرلىرى...)
ئاپتۇبۇس ئىزدەش(ئۈرۈمچى رايون)
ئاپتۇبۇس يول نومۇرغا ئاساسەن بېكەت ئىزدەش
بېكەت ئىسمىغا ئاساسەن ئاپتۇبۇس نومۇرنى ئىزدەش
خالىغان ئىككى بېكەتنى كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي مۇساپە، قايسى بېكەتتە قايسى ئاپتۇبۇسقا ئالمىشىدىغاننى ئىزدەش
ئويۇن تۈرى:
بۇنىڭدا ئاساسلىق ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، سۆز تېپىش ئويۇنى، سۆز تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى قاتارلىق ئاددىي بولغان ئويۇنلار.
بېلەت تاشلاش بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەسكەن، دېتالنى قانچە كۆپ چۈشۈرسە شۇنچە بېلەت تاشلانغانغا ھېساپ ئىكەن، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئوغلانلارنى قوللاپ، بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ تېمىنى ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە تارقىتىپ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنى سەپەرۋەر قىلايلى