ھازىر ھەر قايسى جايلاردا ئاساسى جەھەتتىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن 1- باسقۇچلۇق تەكرار ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى. شۇڭا مەن بىر قانچە يىللىق تەكرار قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھانى ئۈچۈن تەكرار قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزەمنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك تەجىربەمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
1. ۋاقىتنى مۆلچەرلەش
بۈگۈندىن باشلاپ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا دەم ئېلىش كۈنلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەپتىدە 6 كۈن دەرس ئوقۇدۇق دېسەك، يەنە تەخمىنەن 220 كۈن 32 ھەپتە ئەتىراپىدا ۋاقىت بار. ئادەتتىە 1- باسقۇچلۇق تەكرار كىتابلىرى تەخمىنەن 80 لىكسىيە ئەتىراپىدا بولىدۇ دېسەك، ھەپتىدە 10 سائەت تەكرار دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلسا،ھەر ھەپتىدە 4 لىكسىيە تۈگىتەلىسەك، 20 ھەپتە ۋاقىت ساپ دەرس ئۆتۈشكىلا كېتىدۇ. 2- باسقۇچلۇق تەكرارغا 4 ھەپتە ۋاقىت كەتسە، ئاخىرىدا قىزىق نۇقتا تەكرارىغا يەنە 4 ھەپتە سەرىپ قىلساق، ئاخىرقى 4 ھەپتە مانىۋېر ئىمتىھان بىلەن ئۆتسە ئاران يېتىشىدۇ.
شۇڭا ئاۋال چوقۇم سېستىمىلىق ھالدا ئۆتۈلىدىغان دەرسنى ياخشى پىلانغا ئېلىش، شۇ ئاساستا ئامال بار پىلاننى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى تەكرار قىلىدىغانغا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
2. ماتېرىيالنى ياخشى تاللاش
ھازىر بەزى نەشىرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاپتورلار تەكرار كىتابنى ھېچقانداق تەتقىق قىلمايلا پايدىنى قوغلىشىپ، خەنزۇچە كىتابلارنى ئۆز پېتىچە تەرجىمە قىلىپ چىقىرىۋاتىدۇ. بەزى يىللىرى كىتابنىڭ تېشى ئاق، بەزى يىللىرى قارا، يەنە بەزى يىللىرى كۆك بولغان بىلەن ئىچىدىكى بىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. شۇڭا ماتېرىيال زاكاس قىلغاندا چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، مۇئەييەن دائىرىدە تەتقىق قىلىپ تاللانغان ماتېرىيالنى تاللاپ ئىشلەتكەن ياخشى. مېنىڭچە قۇرۇلمىسى: ئاۋال ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتابنى تەكرار قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بوش ئورۇن شەكلىدە قىسقىچە سۇئال بىرىلگەن ئاندىن مۇۋاپىق ئۈلگە مىسال ئاساسىدا، دەرىجىگە بۆلۈپ مەشىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كىتاب ئاخىرىدا پايدىلىنىش جاۋابى بار ماتېرىيال تاللانسا ياخشى دەپ قارايمەن. دورامچىلىق قىلىپ، بىر قانچە تۈرلۈك كىتاپنى تەڭ ئېلىپ ماڭىمەن دەپ ئۆزىڭىزگە بېسىم ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىڭ.
3. ئاساسىي ئۇقۇم ئاساسى بىلىملەرنى دەرسلىك كىتابتىن چوقۇم ياخشى كۆرۈش
بۇ ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى مەيلى قانداق چىقمىسۇن مەزمۇنى چوقۇم دەرسلىك كىتاپتىن سىرىتقا چىقىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا دەرسلىك كىتابتىكى ئاساسىي ئۇقۇم قائىدە قانۇنىيەتلەرنى چوقۇم ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش مۇۋاپىق ئۇسۇلىدا مۇھىم نۇقتىلارنى خاتېرلەپ مېڭىش كىرەك. چۈنكى بۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قېلىپ يۈرىكىڭىز سوققان ئاشۇ ۋاقىتتا كۆرۈشكە ئەسقېتىپ قالىدۇ. خاتىرلىگەندە، ھەممىنى خاتىرلەپ ئۆزىڭىزگە بېسىم ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىڭ. پەقەت تىپىك مىساللارنىڭ يېشىلىش جەريانىنى ۋە بەزى تەكرار جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققانلىرىڭىزنى خاتىرلىسىڭىزلا بولىدۇ. يەنە ئىمتىھانغا ئاز قالدى دەپ كۆپ مىقداردا تەقلىدى سۇئال ئىشلەشتىن ساقلىنىڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالغانلىقىڭزنى ئاز دەپ، يەنە بەك جىق ئۈنۈمىنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ماتېماتىكىدا ھېساب ئىشلەش مۇھىم ئەمەس بەلكى ئۇسۇل ماھارەت ئىنتايىن مۇھىم.
4. يىللاردىن بۇيانقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھان سۇئاللىرىنى چوقۇم كۆرۈڭ
شىنجاڭ رايونى بۇلتۇردىن باشلاپ يېڭى دەرسلىككە كۆچكەن بولغاچقا، بەش ئالتە يىللىق سۇئالنى كۆرۈشىڭىز ھاجەتسىز. پەقەت ئۆتكەن يىلقى سۇئالنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە يىلدىكى باشقا يېڭى دەرسلىككە كىرگەن رايونلارنىڭ سۇئاللىرىنى بىرەر قۇر كۆرسىڭىز بولىدۇ. گەرىچە، بۇ سۇئاللارنىڭ بۇندىن كېيىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا چۈشۈشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ سىزنى دەرسلىكتىكى ۋە تەكرار كىتاپتىكى مۇھىم بىلىم نۇقتىللىرىغا ئۇدۇللا باشلاپ ئاپىرىدۇ. ئىمتىھان دائىرىسىدە بولمىغان مەزمۇننى كۆرۈشتىن ساقلىنىپ ۋاقىتنى تېجەپ قالالايسىز. بولسا بىر قانچە رايوننىڭ سۇئاللىرنى ئۆزىڭىز قول تۇتۇپ مەزمۇن بويىچە تۈرگە ئايرىپ بېقىڭ.
5. ئىزچىللىققا ئىگە بولۇڭ
بۇ ئۆگەنگۈچى بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئاۋال قىلماقچى بولغانلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزنى ئەھۋالغا ماس ھالدا ناھايىتى ياخشى پىلانلاپ، شۇ پىلان بويىچە ئاز ئازدىن ئىزچىل مېڭىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ياخشى پىلانلانمىغان، ئىزچىللىققا ئىگە بولمىغان ئىشنىڭ باش ئاخىرى چىقمايدۇ. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىسىزلا خالاس.
6. ۋاز كېچىشنى بىلىۋېلىڭ
شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قويايكى، ماتېماتىكىدا نومۇر چېكى بار، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ شۇ نومۇر چىكىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىڭ. لېكىن بەك تىرىشتىم دەپ، بەك چوڭقۇر مەزمۇنلاغا كىرىپ كەتمەڭ، چۈنكى سىز تەتقىقاتچى ئەمەس بەلكى ھازىرچە بىر ئۆگەنگۈچى. مەيلى نېمىلا دېمەڭ، ئىمتىھان ئۈچۈن ئۆگەنمىسىڭىز، شۇ ئالدىڭىزدىكى توساقلاردىن ئۆتمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بولغاندىن باشقا يەنە ۋاز كېچەلەيدىغان جرئەتمۇ سىزدە بولۇشى كېرەك. ماتېماتىكىدىن بەرىبىر تولۇق نومۇرئالالمايدىغان بولغاندىن كېيىن، 30 نومۇرلۇق يەردىن چوقۇم ۋاز كېچىڭ، 90 نومۇرلۇق جاينى چوقۇم ئۆگىنىڭ يەنە 30 نومۇرلۇق يەرگە تىرىشىپ بېقىڭ. 90 نومۇرلۇق جاينى ئىشلەپ 10 نومۇردىن 20 نومۇرغىچە خاتالىق پەرقى چىقسا مەيلى. 70 ياكى 80 نومۇر ئالالىسىڭىز، 20 ياكى 30 نومۇر ئالغاندىن كۆپ ياخشى. 120 نومۇرلۇق جاينى ئىشلىيەلىسىڭىز ئۇ تېخمۇ ياخشى. دەل مۇشۇ يەردە باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن نومۇر پەرقى چىقىرالايسىز...
7. دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تەڭشەڭ
سىز پەقەت يېزىقچىدىنلا ئىمتىھان بەرمەيسىز بەلكى سىز بېرىدىغان 1- ئىمتىھان - سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىمتىھانى. يېزىقچىدا قانداق يۇقىرى نومۇر ئېلىڭ سالامەتلىكىڭىزدىن چاتاق چىقسا سىز بەرىبىر قوبۇل قىلىنالمايسىز. شۇڭا مۇۋاپىق تەنھەركەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە ۋە روھى كەيپىياتىڭىزنى ئۇرغۇتىشىڭىزغا پايدىلىق...
قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ كەتتىغۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟ ياق! قۇرۇق گەپنىلا قىلماي... ھەر قايسىڭلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ تېىخمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، تۆۋەندە ئالدىنقى يىللىق ھەر قايسى جايلارنىڭ ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا سۇئاللىرىنىڭ تەپسىلىي يەشمىسى ۋە تۈرگە ئايرلغان سۇئاللىرىنى تەمىنلىدىم. پايدىلىناسىلەر.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
مەنبە:
ئىزدەن بىلوگى http://www.izdengin.com