بۇ ئۇچۇر مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. پەقەت ئۇيغۇرلاردىن بىرەر ئۇچقۇچى جىقىراق چىقىپ قالسىكەن دىگەن ئۈمىدتە خالىس تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
شىنجاڭ تور ئۇچۇرىغا قارىغاندا (مۇخبىر ماتىك، ئۇچۇرچى ياڭ يى)، ھاۋا ئارمىيەنىڭ 2012-يىللىق ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
ھاۋا ئارمىيە پەقەت ئوغۇللارنىلا قوبۇل قىلىدىكەن.
قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئۈچ خىل بولۇپ، بىرىنچىسى، 2012-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمپتىھان نەتىجىسى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرسنىڭ نومۇر چېكىگە يەتكەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار؛
ئىككىنچىسى، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان، دىپلوم ۋە باكلاۋورلۇق ئونىۋانى بار بولغان ئوقۇغۇچىلار، ھەمدە تولۇق كۇرسنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقانلار. مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل- سەنئەتتە تالانتى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. چەتئەل تىللىرىدىن ئېنگلىزچە ۋە ئورۇسچە تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ھەربىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغانلار ياكى ھەربىي سەپتە ئىشلەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.
باشقا ئۇچۇرلارنى لەنجۇ تاللاش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىڭ:
پىلان بۆلۈمى تېلېفونى: (0931)4865353、8950983
مەنبە:
http://xj.edu88.com/newsInfo.aspx?pkId=25624