مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان ۋە ئۇنىڭ شاھانە ئەسرى تارىخى رەشىدى
ئاتاقلىق تارىخچى ، شائىر مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مىلادىيە 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ماڭلاي سۆيەر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش داۋامىدا پەيدىنپەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىدىن بولۇپ ، مىلادىيە 1500 - يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قاراشلىق كەشتان رايونىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئەينى چاغدا ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆرەگان موغۇلىستان خانى مەھمۇدخاننىڭ يېقىن دوستى بولۇپ ، خان ئۇنىڭغا سىڭلىسى خوبىنگار خانىمنى ياتلىق قىلىپ ، ئۇنى كۆرەگانلىق ئورنىغا كۆتۈرگەن ۋە ئۆرە تۆپە رايونىنىڭ ھاكىمى قىلغانىدى . مىرزا ھەيدەر ئاتا - ئانىسىنىڭ نەچچە پۇشتىغىچە ھەممىسى خانلارنىڭ نەۋرە تۇققانلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ ، نەسەبىنى دوغلات ئەمىرى پولاجىغىچە سۈرىدۇ . ( "تارىخىي رەشىدى" دىن ) خوبىنگار خانىم بابۇر شاھنىڭ قۇتلۇق نىگار خانىمنىڭ سىڭلىسى بولۇپ ، مىرزا ھەيدەرمۇ ئۆز نۆۋېتىدە زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇر ۋە مەھمۇدخاننىڭ ئىنىسى ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى سەئىدخانلار بىلەن بىر نەۋرە تۇغقانلاردىن ئىدى . مىرزا ھەيدەر توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ دادىسى شەيبانىخاننىڭ سۈيقەستى بىلەن ھىراتتا ئۆلتۈرۈلىدۇ .ئەينى ۋاقىتتا مىرزا ھەيدەر بۇخارادا ، ھەدىسىنىڭ يېنىدا ئىدى . شەيبانىخان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن قالماي ، مىرزا ھەيدەرنىمۇ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنى پىلانلايدۇ . مىرزا ھەيدەر دادىسىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ياردىمىدە بەدەخشاننىڭ زەپەر قەلئەسىگە بېرىپ پاناھلىنىدۇ . مىلادىيە 1509 - يىلى ئۇ بابۇر شاھ تەرىپىدىن كابولغا چاقىرىۋېلىنغان ۋە بابۇر شاھنىڭ ئاتىلارچە غەمخورلىقىغا ئېرىشكەن .ياندۇرقى يىلى ئۇ بابۇر شاھنىڭ ماۋەرائۈننەھرگە --- شەيبانىخانغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا سۇلتان سەئىدخان سەمەرقەندتە خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئەنجاندا تۇرۇۋاتقان ۋە مىرزا ھەيدەرنىڭ ھەدىسىنى نىكاھىغا ئالغانىدى . 1512- ۋە 1513-يىللىرى ئەنجانغا _ سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان،سۇلتان سەئىدخان كىچىك قىزىنى مىرزا ھەيدەرگە نىكاھلاپ بېرىپ ، ئۇنى كۆرەگانلىق ئورنىغا كۆتۈرگەن ، 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان ھەمدە مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن تاكى 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغانغا قەدەر، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ساھەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەدەخشانغا كەتكەن، ئۇ ياردىن كابۇلغا_ كامران مىرزىنىڭ سائىيىغا بارغان. ئۇ يەردىن ئەگرەگە _ ھۇمايۇن مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ، 1541-يىلى كەشمىرنى ئالغان. شۇ ۋاقىتتىن تاكى 1551-يىلىغىچە كەشمىرنى ئىدارە قىلغان ۋە شۇ يىلى تاغلىق قەبىلىدىكىلەر ئاتقان ئوقتا يارىلىنىپ، كەشمىردە ئالەمدىن ئۆتكەن
مىرزا ھەيدەر كوراگان كەشمىرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، يەنى 1547-يىلى يەركەند خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى، سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئاتاپ پارسچە «تارىخىي رەشىدىي» (ئىككى كىتابقا بۆلۈنگەن، ئاپتور بىرىنچى دەپتەر، ئىككىنچى دەپتەر دەپ ئاتىغان)نى يازغان، بىرىنچى كىتاب «رەسمىي تارىخ» 70 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1329-1362-يىللىرى)نىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىدىن تارتىپ ئابدۇرەشىدخان (1510-1559-يىللىرى) دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان؛ ئىككىنچى كىتاب «ۋەقەلىكلەر بايانى» (ئاپتور بۇ قىسىمنى «مۇختەسەر» دەپ ئاتىغان) 117 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، بوۋىسى يۇنۇسخاننىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت تۇتقىنىدىن ئۆزىنىڭ كەشمىردە ھاكىمىيەت تۇتقىنىغا قەدەر بولغان تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.
ئومۇمەن، بۇ كىتابقا 200 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ، ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، دىن، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۇيرات موڭغۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پائالىيەتلەر سۆزلىنىپ، موڭغۇل خانلىرى ۋە دوغلات جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغانلىق تارىخىمۇ بايان قىلىنغان.
<<تارىخىي رەشىدىي>> ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنىڭ ئەينى مەزگىلدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىۋاسىتە ماتېرىيال بولالايدۇ. ئۇ شەرق مەملىكەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەر خىل قوليازما نۇسخىلىرى ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا. خەلقىمىز ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ تۈرلۈك قوليازمىلىرى ۋە تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. 18-، 19-ئەسرلەردە بارلىققا كەلگەن مۇھەممەد سادىق كەشىغەرىي ۋە موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇرنىڭ تەرجىمىسى، 19-ئەسرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە تەرجىمە قىلىنغان، ھازىر تاشكەنتتە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر نۇسخىسى بىزدە بارلىققا كەلگەن مۇھىم تەرجىمە نۇسخىسىدۇر. 1895-يىلى ئەنگلىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم ئېدۋارد دېنىسون رۇس تەرجىمە قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر غەربىي ياۋروپادىكى شەرقشۇناسلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە 1898-يىلى 2-نەشرى نەشر قىلىنغان، 1972-يىلى قايتا بېسىلغان؛ ئەنە شۇ ئىنگلىزچە نۇسخا ئاساسىدا خەنزۇچە نۇسخىسى 1983-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم قىلىپ نەشر قىلىنغان.
تۆۋەندە دوسلارغا <<تارىخىي رەشىدىي>>دىن ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئابزاسنى ئوقۇپ بىرەي:
بىر شەھەردە ناھايتى .ئابرويلۇق بىر كىشى بار بولۇپ ئۇ كىشى ۋاپات بولۇش ئالدىدا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ.
مەن ئۆلگەندىن كىيىن قەبرەمنى 4كوچا ئوتتۇرسىغا دەپنە كىلىڭلار ،قەبرەم ئۈستىگە مۇنداق يىزىپ كويۇڭلار،<<قەبرەمنى زىيارەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە لەنەت بولسۇن، قەبرەمنى زىيارەت قىلمىغانلارنىڭ ئاتا -ئانىسىغا لەنەت بولسۇن >>
قانداق قىلىش كىرەك دوسلار ئويلىنىپ بىقىڭلار.
بۇ گەرچەبىر ئابزاس بولسڭمۇ(ئەسلى خىلىلا ئۇزۇن ئىدى ئسىمدە مۇشۇنچىلىك قاپتۇ ) لىكىن بۇ بىر بولەككە يىقىن ۋەقەلىكنى روشەن شەرھىيلەپ بىرىلگەن.
مەنبە:ئىنتىرنىىت تورى ۋە <<تارىخىي رەشىدىي>>دىن ئۆزۈم يىغقان