دەرتمەن ھاراقكەش
شۇنداق ئىچەيكى،ئۆلسەم شۇ شاراپ،
ھىدى چىقسۇن ۋە كەتسۇن ئەتراپقا تاراپ.
خۇمارلار ئۆتكەندە قەبرەم يىنىدىن،
پۇرىقى ئۇلارنى ئەيلىسۇن خاراب.
ئۆمرۈڭ قاچانغىچە ئۆزۈم دەپ ئۆتەر،
يوقلۇقى-بارلىق ئارا كېزىم دەپ ئۆتەر.
ئىچىپ قال،غەم بولغاچ ئۆمرۈڭ تىگىدە،
ئۇيقۇ يا مەستلىكتە بىردەمدەك ئۆتەر.
دەرلەركى:جەننەتتە ھۆر كەۋسەر بولارمىش،
ئېرىقتا لىق شاراپ،شىكەر بولارمىش.
قەدەھنى تولدۇرۇپ،ئۆز قولۇمغا بەر،
مىڭ نىسىدىن بىر نەقى دىلبەر بولارمىش.
ئەپسۇسكى يىگىتلىك مەۋسۇمى پۇتتى،
كۆكلەم ئۆتۈپ كەتتى،قىش كېلىپ يەتتى.
ياشلىق دەپ ئاتالغان سۆيۈنۈش قۇشى،
بىلمىدىم،قاچانلار كەلدىيۇ كەتتى.
داۋامى بار.............
مەنبە(ئېران يازغۇچىسى،ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرىدىن) ئېلىندى