مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1526|ئىنكاس: 10

ئانا.....ئۇ، بىھىساپ بەدەل تۆلىگۈچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63480
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1236
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 09:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا.....ئۇ، بىھىساپ بەدەل تۆلىگۈچى
دىلبەر ناسىر ( نەۋرىزە )
تەربىيە كۆرگەن ئاياللار ھەر قانداق ۋاقىتتا قانائەتچان، سەۋىرچان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن نۇرغۇن نادىر گۈل دەستىلەر پۇتىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا قانائەتسىز ئاياللار تۇرمۇشتا كۆپ مۇشاقەتلەرگە دۇچار بولۇپلا قالماي، ئاچكۆزلىكى چەكسىز بولغانلىقتىن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق كوچىلىرىدا تەمتىلەپ يۈرۈپ گۈزەل ھاياتىدىن قارا تىكەنلەر ئۈنۈپ، پۇتكۈل ھاياتى نولگە تەڭ بولىدۇ. دېمەك لايەقەتلىك ئاياللارلا لاياقەتلىق ئانا بولالايدۇ.
ئانا بولۇش بۈيۈك بىر نېئمەت ۋە تەڭداشسىز شەرەپتۇر ئانىلىقنى سۈيەلىگەن لايەقەتلىك ئانىلارلا بۇ شەرەپلىك ئالى ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ. بۇ خىلدىكى ئانىلار ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانا بولۇپ، ئائىلىنىڭ بەختى، ئۆينىڭ چىرىقى، ئەرنىڭ دىلكىشى، ياردەمچىسى، مەداركارى،بالىنىڭ يىتەكچىسى ئۈلگىسى، ئۇستازى، غەمگۈزارى ۋە بالا ئۈچۈن بىھىساپ بەدەل تۆلىگۈچى، دۇنيادا ئانا مىھرىگە يېتىدىغان ھېچ قانداق مىھرى- مۇھەببەت يوق، چۈنكى ئانا مىھرى ئۇ، شەخسىيەتسىز مۇھەببەتتۇر. شۇڭا ئانا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈلتاجىسى، ئائىلە دۇنياسىنىڭ شاھىن شاھى ھەمدە مالىي، بىھىساپ بەدەل تۆلىگۈچى....
ئاياللارنىڭ ئانا بولۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيدىغانلىغىنى ھەر قانداق فورمىلاغا سېلىپمۇ ئىشلەپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئانا بولغۇچى؛ ئانا بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان دەسلەپكى باسقۇچتىن تارتىپ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت ئوتىدا كۈيۈپ، پەرزەنت سۈيىدە ئېقىپ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش يولىدا تۆلىگەن بىھىساپ بەدەللىرى ئۈچۈن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭدىن ھېچكىممۇ رازى بولمايدۇ. ئانىنىڭ بالىدىكى ھەققى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ماددىي جەھەتىكى قىممىتىنى تۆلەش مۇمكىن دىيىلسىمۇ، مىھرى- مۇھەببەت ئەجرىنى تۆلەپ تۈگۈتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئانىنىڭ تارتقان جاپالىرىنى، «ئەللەي» ناخشىسى بىلەن تالاي تاڭنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىرىنى، بىر كېچىدە نەچچە تۇرۇپ، قېنىدىن ئايرىلىپ چىققان ئاق سۈتى بىلەن بالىسىغا كۈچ- مادار قوشقانلىقىنى، ھۆل زاكىلارنى ئۆز تەپتىدە قۇرۇتقانلىرىنى، مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشتىن ۋاز كەچكەنلىرىنى پەقەت بۆشۈك، قازان بېشى، ئائىلىدىكى توت تامدىن تارتىپ بارلىق جانسىز سەرەمجانلار ئېنىق سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.....ئەپسۇس!!! ئۇلار تىلسىزدە.... شۇڭا ئانىلار نامسىز قەھرىماندۇر، ئۇ، قۇرالسىز جەڭچى، ئائىلە قۇرۇلىشىدىكى زەربىدار ئىشلەمچى. ئۇ، ئائىلىسى ئۈچۈن تارتقان بارلىق جاپالارنى راھەت دەپ بىلگۈچى. ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتقۇچى، ئائىلىسىنىڭ باللىرىنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئۈمىد يۇلتۇزلىرى مەڭگۈ چاقناپ تۇرغۇچى، پەرزەنت بەختىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، بۇ دۇنيادىكى بارچە راھەتنى باللىرىغا قوش قوللاپ سوۋغا قىلغۇچى، زۆرۈر تېپىلغاندا راھەتنى داجىپ ئۆتكۈچى، راھەت كۆرۈشكە قايسى ئىنسان ئىنتەلمەيدۇ؟! راھەتتىن كىمۇ ۋاز كېچەلەيدۇ؟! پەرزەنتى ئۈچۈن يۈركى ئوت بولۇپ لاۋىلداپ كۈيىۋاتقان مىھرىبان ئانىلارلا شۇنداق قىلالايدۇ. راھەتكە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تۈپ ماھىيەتلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ بىراق ئانىلار ئۈچۈن راھەتتە ياشاش تولىمۇ مۈشكۈل، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن ئېرىغا، بالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىلا ئويلاپ، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ھايات كۆچۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت ئىجتىمائىي تۈزۈملەر تەرىپىدىن شەكىللىنىپ، ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەتتا تاماق ئەتسىمۇ، ئاشنىڭ باش بۇرنىنى ئالدى بىلەن ئېرىغا ئاندىن باللىرىغا ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى يەيدۇ، تاماق ئۈستىدە بىرەر قېتىم ئورنىدىن تۇرماي تاماق يېگەن ۋاقىتلىرىمۇ ساناقلىق، ھېچ بولمىغاندا چاي قۇيىمەن دەپ بولسىمۇ ئورنىدىن بىر رەت تۇرىدۇ ،ئەگەر تاماق ئۈستىگە پەۋقۇلادە مىھمان كېلىپ قالسا، مېھماننىڭ شۇنداقلا ئۆزىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەھۇزۇر غىزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاشنىڭ سۈيىگە نان چىلاپ يەپ ۋە ياكى ئاش قۇرساق ئىشقا چىقىپ كېتىشكىمۇ چىن كۆڭلىدىن رازى بولىدۇ. بۇ ئانىلاردىكى قۇربان بېرىش روھى، مىھرى- مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ھەر قانداق ئىشقانىسپەتەن سەۋرى- تاقەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
  ئۇلۇغ جاپاكەش ئانىلار ھەققىدە بىر نەچچە مىسالنى سۆزلەپ بېرەي:
1- ئۇلۇق جاپاكەش ئانا!
يېقىندا، ئايال ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا بىر ساۋاقدىشىمىز خېلىلاكېچىكىپ كەلدى، چىرايى ناھايىتى سۇنغۇن، قاتتىق چارچىغانلىقىنى ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزى سۆزلەۋاتاتتى، شۇڭا ئارتۇق ئەيىپلەشكە پېتىنالمىدۇق، ئەمما ئۆزى ئازاراق دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېتيىن كېچىكىش سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى : ئۆزەڭلەر بىلىسىلەر مەن باللىرىمنى يالغۇز قاتارغا قوشقان ئايالمەن( يولدىشى بىر چوكانغا بۇزۇلۇپ، خوتۇن باللىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن) كىچىك ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، سالامەتلىكىدىن ئۆتەلمەي ئونۋېررېسېتېتتدا ئوكقيالمىدى، شۇڭا 21 ياشتىلا ئۆيلەپ قويدۇم. ئۆپكىسدىن چاتاق چىقىپ نۇرغۇن چىقىملار بىلەن ئۇنى داۋالاتتىم، ئەمدى كۈن سوۋۇشقا باشلىدى، ئۆيى پارلىق ئۆي بولمىغىنى ئۈچۈن، ئوت قالىمىسا بومايدۇ، نەچچە دېدىم، «كۆمۈر چۈشىرىۋال» دەپ، يېڭىدىن ئۆيلەنگەن بولغاچ، كېلىم- بېرىمى جىق ،خىزمىتى تېخى ئالدىراش، شۇڭا بۇ سۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلەلمىدى، چۈنكى كىچىكىدىن دادىسى يوق دەپ، باللىرىمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزۈم بايراق كۆتۈرۈپ باش بولۇپ كۆندۈرۈپ قويۇپتىمەن، شۇڭا بۈگۈن سوغاق ئىسسىقنىڭ ئارلىقىدا، ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە كۆمۈر چۈشۈردۈم، ئۇنى توشۇدۇم، بىر چەتتىن بىر بۇلۇڭغا رەتلىك قىلىپ تىزىدىم، قار- يامغۇرنىڭ زەخمىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۈستىنى ياپتىم،  يېرىم كۈن ئوتۇن ياردىم، ئۇنىمۇ رەتلىك قىلىپ بىر قالام- بىر قالام قىلىپ تەييارلاپ قويدۇم، شۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغىچە مۇشۇ چاغ بولدى....كېچىكمەسمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق ئۇ خېلى كۆپ ئىشكەن....
-تەرەپ- تەرەپتىن ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ....
- ئۆيلەپ قويۇپمۇ، يەنە ئۆزۈڭ قىلامسەن؟ بۇنداق يامان ئۆگەتمە، ھېلىمۇ بۇ باللىرىڭنى قاتارغا قوشقىچە ئاز جاپا تارتمىدىڭ، تويلىرىنى راۋۇرۇس قىلىپ بەردىڭ، سەندە بالاڭنىڭ ھېچ قانداق ھەققى قالمىدى....
-شۇنداق دەيسىلەر جېنىم دوسلۇرۇم....سىلەر چۈشەنمەيسىلەر، دادىسى يوق تىرىك يېتىم باللارنى بېقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆمۈر ۋاقتىدا چۈشىرىلمەي، ئالىماھادىسە كېسىلى قايتا قوزغۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمەن؟! دەپ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشلىرىنى ئارانلا، تۇتىۋالدى.
2- ئۇلۇغ ئانا، خىزمەتدىشىم ئىدى، ئۇمۇ ئوغلىنى بۇ يىل ئۆيلىگەن، دەرس ئۆتۈپ يۈرەتتى، تۇيۇقسىز ياتاقتا يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ دوختۇرغا يوقالاپ باردۇق، مىدىرىيالماي يېتىپتۇ. ئۇ خىزمەتدېشىمنىڭ داس سۆڭىكىدە تۇغما خاراكتېرلىك چاتاق بولغىنى ئۈچۈن، 10 يىل ئىلگىرى، بىر پۇتىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، چوڭ ئوپىراتسىيەگە چۈشۈپ، ھاسسا بىلەن ماڭىدىغان بولۇپ قالغان، ئەمدى يەنە بىر پۇتىنى ئوپىراتسىيە قىپتۇ. «بىر ياخشى مېڭىۋېتىپ يەنە ئوىراتسىيە قىلدۇرماقچى بولۇپ قاپسىزغۇ» دېسەم، كېلىنىم بالىلىق بولغىچە ھاسسانى تاشلاپ، نەۋرە بېقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، قۇدىلارنىڭ نەۋرەمنى بېقىپ بېرىشىدا شەك يوق، بىراق يىراققا ئېلىپ كەتسە، بىرىنچىدىن؛ باللىرىم بالىسىنى ۋاقتىدا كۆرەلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن نەۋرەممۇ ئاتا- ئانا مىھرىگە قانماي چوڭ بولىدۇ. شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن نەۋرەمنى ئۆزۈم بېقىشىم كېرەك دېدى، بۇ خىزمەتدىشىممۇ تولىمۇ قەيسەر بولۇپ، ئوغلىنى ئۆزى يالغۇز قاتارغا قوشۇپ، بېىجىڭ ئونېۋېرېسېتېدا ئوقۇتۇپ، ھەممە كىشىنىڭ كۆزى چۈشكىدەك ياراملىق مىنەۋۋەر ياش قىلىپ تەربىيەلىگەن ئىدى.
  ئوقۇرمەنلەر بۇ مىساللارنى كۆرگىنىدە، بۇ ئۇلۇغ جاسارەتلىك ئانىلارغا ئالقىش ياڭراتماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولغان بولغان ئىشلار، بۇنداق مىساللار كۆپ بولسىمۇ، نوقتىلىق قىلىپ، مۇشۇ ئىككى مىسالنى كۆرسەتتىم.....بۇنداق غەيرەت- شىجائەتلىك ئانىلار تىپىگە كىرىدىغان ئانىلار ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ،بۇنداق ئانىلار ئۆزىدە ئاجايىپ ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ،  ئۇلار ئۈچۈن پۇلنى سامەندەك بۇزۇپ چېچىپ خەجلەيدىغان، ئېسىل مودا كىيىملەرنى كىيىپ، ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقاپ باشقىلارغا كۆز- كۆز قىلىش ئادەتلىرى تامامەن ياتتۇر. ئۇلار ئائىلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ ئۆزىدە جۇشقۇن، مىھرىبان، مۇلايىم، سىپايە، جاپاغا چىدايدىغان، تىرىشچان، ئىختىساتچان، كەڭ قۇرساق،مۈشكىلات ئالدىدا ۋاي سالمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ.ئۇلارنىڭ راھەتكە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىچە بولۇپ تولىمۇ ئاددى. ئۇلار خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۆيلىرنى كۆڭۈلدىكىدەك سەرەمجانلاشتۇرىۋالسا، پاكىز رەتلەنگەن ئۆيىدە ئائىلە ئەزالىرى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ خاتىرجەم ھالەتتە، «تاماق ھەجەپ ئوخشاپتۇ» دېگەن ئالقىشلار ئىچىدە بىر قاچا تاماق يېسە، تۇرمۇشقا يېقىن بولغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى تولۇق كۆرۈشكە شارائىت بولسا، بۇ فىلىم ئارقىلىق يەنىلا ئائىلە تۇرمۇشىنى رەڭلىسە، كەلدى- كەتتى مىھمانلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى ئۇزىتىۋالسا، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدىرىماي بىرەر ئىككى سائەت بەھۇزۇر مۇڭدۇشىۋالسا، ۋە ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە، ئۇلار رازى بولغىدەك ئادىمىگەرچىلىك قىلىۋالسا،دەم ئېلىش كۈنلىرى بىر كۈن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاپ كەتكەندە، يولدىشى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە يەنى بىرەر سىركاي قىززىق چاي ئىچىشكە مۇيەسسەر بولسا، پەرزەنتلىرى ساق- سالامەت چوڭ بولۇپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەردە ئۆقۇيالىسا، ياراملىق مىنەۋەر ياشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالىسا، ئوغۇل پەرزەنتى بولسا، ئۇنىڭغا بىرەر پەزىلەتلىك قىز نېسىپ بولسا، ياكى قىز پەرزەنتىگە ياراملىق تىرىشچان كەسىپچانلىق كۈچلىك بىرەر يىگىت نېسىپ بولسا، ئۇۇلارنى ئۆي- ئوچاقلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ شاتلىقىدىن تەڭ بەھىر ئالسا، ۋە شۇنداقلا پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئوماق نەۋرىلىرىنى تەڭ بېقىشىپ قاتارغا قوشۇشىغا ياردەمدە بولسا…… قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدىكى قىسقىسى ئانىلارنىڭ راھىتى نورمال ئادەملەرگە خاس بولغان ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش خۇشاللىقلىرىدىن بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت. ئەپسۇس ئانىلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ياشىشى، راھەت كۆرۈشى كېرەكىدى، بىراق نۇرغۇن ئانىلار جىددىي تۇرمۇش ھالەكچىلىكىدە بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلار يېڭى تۇرمۇشلۇق بولغاندىن تارتىپلا ئۆينى قانداق قىلسام ياخشى تۇتارمەن، شۇ ئارقىلىق يولدۇشۇمنىڭ، قىيىن ئانامنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشەرمەن  دەپ پۈتۈن دېققىتىنى ئائىلىسىگە قارىتىدۇ. بالىلىق بولغاندىن كېيىن، يۈرەك پارىسىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەرۋىش قىلىپ، ئۆلچەملىك تەربىيەلەش، ياخشى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز كۆرەش قىلىدۇ. بۇ ناھايىتى ئۇزۇن جەريان..... بۇ جەرياندا مەڭگۈ قىلىپ تۈگىتەلمەيدىغان تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى ئۇنى ئۆزىگە مەھكەم چىرمىۋالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا، ياشلىقىنىڭ بارغانچە ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقى، تۇخۇمدەك پارقىراق سىلىق، ئاق ئۈرۈكرەك سۈزۈك گۈزەل چېھرىگە قورۇق چۈشۈشكە باشلاپ، بىر يىل بىر كۈندەك تېز ئۆتۈپ، خۇددىي ھەممىلا ئىشقا ئۈلگىرەلمەيۋاتقاندەك ھېسىيات شەكىللىنىدۇ. مىڭ بىر تەستە پۇل غەملەپ نۇرغۇن ئىجتىساد بىلەن ئوقۇتقان باللىرى خىزمەتنىڭ قارىسىنى كۆرىشىگىلا، ئۇلارنى ئۆيلىك- ئوچاقلىق قىلىش غېمىدا تېپىرلايدۇ، ھەتتا، خىزمەت ئورنىدىن ھېىيت – بايراملىق بەرگەن پۇللىرىنىمۇ ئۆزى خەشلەشكە كۆزى قىيماي توي تەييارلىقى ئۈچۈن ئىقتىزاد توپلايدۇ. بالام خىزمەتكە چىقىپ ماڭا پۇل بېرەرمۇ دېگەننى ھەرگىز ئويلىمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، نەۋرە بېقىشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشنى بۈيۈك ئارزۇلار قاتارىغا قويىدۇ. بۇ خىلدىكى روھى ھالەت ئانىلارنى بىلىپ بىلمەي روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىتىپ، ئۆزىنىڭ نوۋھەر ۋاقىتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. شۇندىلا ھۇشىنى يىغىپ تارتقان جاپالىرىنى ئەسكە ئېلىپ، تۆت كۈن بولسىمۇ ئەمدى كىچىككىنە راھەت كۆرەي، كۈننىڭ سېرىقىنى ئۇزاققىراق كۆرەي دېگەندە، ئەپسۇس…..تولىمۇ ئەپسۇس، سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىدۇ، ۋە ياكى بەل- پۇتى  ئاغرىيدۇ، ئۇزۇن يول ماڭالمايدۇ، قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللەرنىڭ ۋەھىمىسى بىلەن ساياھەت قىلىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ. تەبىئەتنىڭ گۈزەل مۇكاپاتلىرىدىن مەھرۇم بولىدۇ. چىشى بوشاپ كەتكەنلىكتىن ئېسىل تەملىك نەرسىلەرنى يېيەلمەيدۇ. تاتلىقمۇ، ئاچچىقمۇ، سوغاقمۇ ھەممىسىلا زىيان قىلىدۇ، تاتلىقنى يىسە قەن ماددىسى ئۆرلەپ، ئاچچىقنى، سوغاقنى يىسە زىقا قوزغۇلۇپ يۆتىلىدۇ، مايلىقنى يېسە ئۆتى قوزغۇلۇپ ئاغرىيدۇ، ياش ۋاقىتلىرىدا كۆرۈشكە ۋاقتى يەتمىگەن كىنولارنى كۆرەي دېسە كۆزىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ ، كۆزى تېلىپ ئاغرىيدۇ. شوق رەڭلىك كىيىملەرنى، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى ئالاي دېسە، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللى ھىساۋىغا بېرىلگەن يۈزىگە چۈشكەن ھەر بىر تال قورۇقنىڭ ئىزناسى بولدى بەس!!! دەيدۇ. مۇشۇنداق ئارزۇ- ئارمانلار كۆپۈككە ئايلانسىمۇ، ئانىلار يەنىلا قىلچە زارلانماي، باللىرىنىڭ بەختىنى ئۆزىنىڭ بەختى دەپ ھېساپلايدۇ. ئۆزى ئېرىشەلمىگەن بەخىت مېۋىلىرىنى باللىرىغا قوش قوللاپ سۇنىدۇ. شۇڭا ئەدىبلەر « دۇنيادا ئانىدىنمۇ پىداكار، جاپاكەش ئىنسان بولغان ئەمەس، ھەر قانداق مۇھەببەتكە شەخسى مەنپىئەت ئارلاشقان بولىدۇ، بىراق ئانىنىڭ پەرزەنتكە بولغان مۇھەببىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇنىڭغا زەرىچە مۇدا، مەنپەئەت ئارلاشمىغان» دەپ ئېيتقان.
ئانىلار بىر ئۆمۈر خىزمەت ئائىلە، پەرزەنت، ئىجتىمائىي ئىشلار ئوتتۇرسىدا خۇددىي ماشىنىنىڭ مۇككىسىدەك توختىماي ھەركەتلىنىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا تۈگىمەس ئىشلارئۇنىڭ كاللىسىنى غەمخانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرىدۇ. بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈش ۋە جايىغا ئاپىرىشنى ئۆزى ئۈچۈن مەسئولىيەت ۋە مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنسابىنى، بەختىنى، قىززىقىنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلىشنى ئۇلۇق ئاللادىن كېچە- كۈندۈز تىللەش بىلەن، پەرزەنتلىرىنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق مۈشكىلاتلارنى يېڭىشقا ئۆزلىگىدىن، خۇشاللىق بىلەن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ، چەكسىز جاپالار بەدىلىگە كېلىدىغان باللىرىنىڭ بەختىنى ئۆزى ئۈچۈن خۇشاللىقىم دەپ بىلىدۇ. شۇڭا بىر ئۆمۈر خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ، قېنىپ ئۇخلىيالمايدۇ، ھەي!!!! جاپاكەش دىلكەش ئانىلار!!! ئۈمىدلىرىمىز ئۆلمىگەي ،پەرزەنتلىرىمىز خىزمەتتىكى  مۇۋاپىقىيىتى، ئائىلىسىدىكى شاتلىقى بىلەن بىزگە چوقۇم يارقىن جاۋاپلارنى قايتۇرىدۇ. مانا بۇ بىز ئانىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئېرىشكەن بەخت- سائادىتىمىز، خاتىرجەملىكىمىز....شۇنداقلابۈيۈك ئارزۇيىمىزدۇر....شۇنداققۇ؟! مانا بۇ شەخسىيەتسىز مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى.....
2008- يىلى ئۈرۈمچىدە يېزىلدى
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1230
تۆھپە نۇمۇرى: 52
توردا: 4473 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 10:48:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياىشى ئەسەركەن مەن ساقلىۋالدىم

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 11:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئاڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانىلاردۇر
قولىڭىزغا ئاپىرىن

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3034
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 9345 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 11:33:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما ھازىرقى بەزى بىر قىز ئوغوللىرىمىز بۇ دۇنيانىڭ ئۆتنە دۇنيا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ . ئاتا ئانىنىڭ قەدرىنى ۋاپات بولغاندا بىلىدۇ .

ھەسەل يىغاي دېسەڭ ، ھەرە كۆنىكىنى بۇزىۋەتمە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1899
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1095 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 12:41:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار قەدىمى ئاستىدا جەننەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54496
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 12:57:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ھەقىقى مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ بولسىمۇ-ئانىنىڭ پەرزەتىگە بولغان مۇھەببىتىدۇر...چۈنكى ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى-ئەڭ سەمىمى، غەرەزسىز، مىننەتسىز، بارلىغىنى ئايىمايدىغان، ئەڭ ساپ، ئەڭ پاك مۇھەببەتتۇر!...

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24026
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5168 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 01:07:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ۋاقتىدا كارى يوق ،  يوقلاپ قويمايدۇ ، ئۆلگەندە سەككىز كۈن يىغلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4375
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1132 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 05:24:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلىرىمىزنىڭ بىزگە بەرگەنلىرىنى ئەسكە سالغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم.بالا ۋاختىدا بۇنى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدىكەنمىز،ئانا بولغاندا ئاندىن چۈشىنىدىكەنمىز.ئانىلىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا، تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا. غورورۇمنى ساقلاپ قالماقتا، ئايلىنارمەن تىكەن_ يانتاققا.

ھايات بىر شام ئۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1704
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 07:12:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېغىزىمزدا ئانا دەپ  قويغانغا ئىش تۈگىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجىرنى تۇنۇپ يىتىشىمىز كىرەك  شۇچاغدىلا ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە  قىلىشنى  بىلۋالالايمىز .تېما ئىگىسىگە رەھمەت خۇدا ئىشلىرڭىزنى  ئاسان  قىلسۇن

ھايات بىر شام ئۇ تۇيۇقسىز ئۈچۈپ قېلىشى ياكى كۈيۈپ تۈگىشى مۇمكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3639
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5483
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 1412 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 01:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئانىدىنمۇ پىداكار، جاپاكەش ئىنسان بولغان ئەمەس، ھەر قانداق مۇھەببەتكە شەخسى مەنپىئەت ئارلاشقان بولىدۇ، بىراق ئانىنىڭ پەرزەنتكە بولغان مۇھەببىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇنىڭغا زەرىچە مۇدا، مەنپەئەت ئارلاشمىغان.
مەجنۇنتال  قەددىنى  ئىگپ  مۇلايىم،
سۇ  بەرىگەن  ئوستەڭگە  قلدۇ  تازىم.
سۈت  بېرىپ  ئوستۈرىگەن  ئانا  ئالدا،
بۇرچمز  قانچلك  ئويلايلى  دائىم .

سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَن

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19356
تۆھپە نۇمۇرى: 1358
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 04:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا رازى ، ئاللاھ رازى .

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش