مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2386|ئىنكاس: 19

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلەش پىسخىكىسىغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 161
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 01:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يىتىم بالىنىڭ ئەيىپى كۆپ بولىدۇ.
                                    _خاتىرەمدىن

   يېقىنقى مەزگىللەردە مەيلى بىر پارچەئەدەبىي ئەسەر ئوقۇيلى، ماقالە ياكى تېلېۋىزىيە فىلىمى كۆرەيلى بىر خىل ئېقىم، بىر خىل پىسخىكا ئىدىلوگىيىمىزدە ئەدەپ كېتىپ بارىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەش، ئۆزىمىزنى سۆكۈش، ئۆزىمىزنىڭ يېغىرىغا ئۆزىمىز تىگىش، ھەتتا ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ناخشا ئۇسۇل، ئۆزىمىز نىڭ قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن سەنئەتنى سۆيۈش پىسخىكىمىزمۇ يەنە ھەتتا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارىنى بېغىشلىغان باتۇر قەھرىمانلىرىمىز، ئالىم، سىياسۇنلىرىمىز، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىزمۇ بۇ ئەيىبلەشلەر، سۆكۈشلەردىن خالى بولالمىدى. ئەجداتلار نەچچە مىڭ يىللار داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىزمۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئەتە، ئۆگۈن بىزنىڭ سۆيۈنگۈدەك، مەنىۋىيەت نوقتىسىدىن بىز تايانغىدەك نېمە قالا؟ بالىلارغا، نەۋرىلەرگە ئاتا، ئانىلار سۆزلەپ بەرگىدەك بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ھىكايىسى قالارمۇ؟ ئىنسان دىگەندە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولمىسا قانداق بولار؟ بۇ بىز دىققەت قىلمىساق بولمايدىغان سەزگۈر مەسىلە. بەلكىم مۇشۇنداق ئىدىيىدە بولىۋاتقانلار ، مىللىتىمىزگە پايدىسى بار دەپ قارىشىمۇ مۇمكىن، كەمچىلىكىمىزنى تونۇساق ئاندىن ئوڭشىلىدۇ دەپ قارىشىمۇ مۇمكىن. ئەيىپىمىزنى تاپماي ئەيىپىمىزنى تۈزەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىشىمۇ مۇمكىن. مەن بۇ يەردە ھەرگىز ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى تونۇش، ئۇنى تەنقىدلەشنى خاتا دېمەكچى ئەمەس مەن. تەنقىدلەشمۇ، ماختاشمۇ مۇھاپىق بولغىنى، ئادىل، رېئالنى بولغىنى ياخشى دېمەكچى. رىئاللىقتا ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى، ئۆزىگە تۇشلۇق يولى بولىدۇ، بىر مىللەت سەنئەتنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي كىلىپ چىقىشى، خارەكتىرى بەلگىلىگەن بولىدۇ، ئۇ ھەرگىز شۇنداق بولىۋالىمەن دەپ قىسقا بىر مەزگىلدە  بۇلىۋالغان ئىش ئەمەس. بىر باتۇر،باتۇرلۇقنى، يۇز ئابروينى، غۇرۇرنى ھاياتتىن ئۈستۈن كۆرسە ئۇنىڭ خاراكتىرىدىن كۆرمەي، ئۇنى ئۇنداق نادان ، مۇنداق نادان دەپ نادانلىققا ئىتتىرىپ قويساق، رىئاللىقنىڭ ،ھاياتنىڭ قانۇنيەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلەرمۇ؟
    بىز تەپەككۇرىمىزنى باشقا نوقتىغا ئاغدۇرۇپ پىكرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ باقايلى:ئامېرىكىدا بىر مەكتەپ مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئىشلىگەن. ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى سىنىپقا ئايرىپ تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان.بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان. يەنە بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەنقىدلەپ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارغان سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى نەتىجىسى، تەنقىدلەپ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارغان سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى بولغان.
    كورىيەنىڭ كىنو، تىلېۋېزىيە فىلىملىرى ھەممىمىزگە خېلە تۇنۇشلۇق، كىنو، تېلېۋىزىيەدىكى كورىيىلىك بىلەن رىئاللىقتىكى كورىيىلىكلەر ئوخشاشمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممىمىز بىلىمىز كىنو، تىلېۋېزىيە دېگەن ھامان كىنو، تىلېۋېزىيە ئۇ رېئاللىق بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا شۇنداق بىر مۇھىم قانۇنىيەت بار ئۇ بولسىمۇ كىنو، تېلېۋىزىيىنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولى. كورىيە ھۈكۈمىتى مۇشۇ نوقتىنى قاتتىق گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ كىنو، تىلېۋېزىيە شىركەتلىرىگە كورىيە مەدەنىيىتىنى كىنو، تىلېۋېزىيە چوقۇم گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا كورىيە فىلىملىرىدە ئەكس ئېتىۋاتقان مىللى مەدەنىيەت، ئادىمىلىك ئىدىيىسى كورىيە فىلىملىرىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈپلا قالماي كورىيە خەلقىنىمۇ تەربىيىلەش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.
      بىز تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت.بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا نۇرغۇن چاقناپ تۇرغان مىللى مەدەنىيەت، قولغا كەلتۈرگەن  ساناقسىز نەتىجىلىرىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە كەمچىلىك نوقسانلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا نوقسانلىرىمىزنى تۈگۈتۈپ، مەدەنىيەتلىك مىللەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم بىز ئىلمىي تەرەققى قىلىش يولىنى تېپىشىمىز كېرەك. بۇ يولنى قانداق تاپىمىز؟ بۇ بىر مۈشكۈل جەريان، ئوڭايلىقچە جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان قىيىن سوئال، بۇ يولنى تېپىش ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ھەر بىر خەلقىمىزنىڭ زىممىسىگە يۈكلەكلىك، بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئىزدىنىش، ئىلىم - پەن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى نادانلىق ، خۇراپاتلىق پاتقىقىدىن بالدۇرراق تارتىپ چىقىرىپ شان - شۆھرىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش.
  ئاخىرىدا  دەيدىغىنىم ئۆزىمىزنى ئازراق ئەيىبلەيلى! بىز ھازىر تەنقىتلەش، ئەيىپلەشلەرگە موھتاج ئەمەس، ئەكسىچە زور مەدەتكە موھتاج!
        
مەنبە:ئۆزۈم  

مۇيۇنچۇر

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18349
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 7758 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 05:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمەن.

بىراق شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
باشقىلارنىڭ زەررىچە لوقمىسىغا تاما بىلەن تىكىلىدىغان ، قان - قېنىغا ھەسەت ، پىتنە ئۇرۇقلىرى تېرىلىپ كەتكەن ۋە بۇ ئۇرۇقلارنى ئەۋلاتلار قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقان ‹‹ دانا ›› لىرىمىز، مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان داڭلىق شەخسىلەرنىڭ شۆھرىتىدىن قىزغىنىپ ھەسەت ئوتىدا پۇچلىنىۋاتقان يۈرىكىگە ئاشۇلار ئۈستىدىن غەيۋەت، شىكايەت، ئۆسەك سۆز تېپىش بىلەن تەسەللىي تېپىۋاتقان ‹‹ ئەلسۈيەرلىرىمىز ›› بۇ ئېسىل دەسمايىسىدىن ئايرىلسا قانداقمۇ جان كەچۈرەلەر؟ ئالىمادىس قان قۇسۇپ، ئۈلۈم ئىشى كېلىپ چىقسا بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىممۇ ئۈستىگە ئالار؟

ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ، يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟ كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ، بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟

بۇتخانىدىن ئىبر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61123
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1410
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 06:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالەڭنى ئوقۇپ، سېنىڭ خېلى بىلىملىك ئىكەنلىگىڭنى ھېس قىلدىم. شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن ئىملاغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانسەن ؟

       ئانا تىلنى توغرا يېزىش _ ھەربىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، بىز بۇ مەسئۇلىيەتكە شەرەپ تۇيغۇمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك !

مۇھەببەت-نۇرلۇق قول بىلەن نۇرلۇق قەغەزگە يېزىلغان نۇرلۇق سۆز!

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7424
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 13296 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 06:16:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئادەت بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتتىمىكى دەيمەن.مۇنبەرگە چىققاندىن كىيىن ھىس قىلغىنىم بىر نەرسىنى كۆرسە ياخشى تەرىپىنى كۆرمەي يامان تەرىپى بىلەن قالىدىغانلار خېلى جىقكەن.
كورىيەلىكلەر يول ياقىسىدىكى تاشلارنى كۆرسىمۇ زادى بىزنىڭ دۆلەتنىڭ تېشى باشقا دۆلەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ،بەك ياخشى دەپ ماختاپ ھالى قالمايدىكەن.مۇشۇ جەھەتتە ئۇلارغا قايىل بۇلىمەن جۇمۇ.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36245
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1051
تۆھپە نۇمۇرى: 1403
توردا: 3209 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 06:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۈمۈدگۈلۈم ئچىل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61532
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 06:49:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇنداق قاراشتا .
ئىللەت دىگەن ھەرگىزمۇ كوللىكتىپتا بولمايدۇ،شەخسنىڭ ئىللىتى ھەرگزمۇ كوللىكتىپقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
hokumranنىڭ تەھلىلى بەك توغرا بولدى.بەزىلەرچە بولغاندا بىز ھەمىشە ئۆزىمىزنى ئەيىپلەپ ئۆزىمىزنى سۆكۈپ ،چۈشۇرۈپ يۈرمەي ئەكسىچە بولۇپ قالسا،ئۆزىمىزنى تونۇپ قالساق تازا ‹‹ياخشى››بولماي قالغۇدەك.

ئاشىق كۈيى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1693
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6885
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 08:37:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(muyunqur) نىڭ تېمىسىغا

گىپىڭىزنى تامامەن قوللايمەن.ئۆزىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلماي ئەكسىچە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز  سۆكسەك،چۈشۈرسەك...باشقىلار چۈشۈرمەي قالامتى ؟ باشقىلارغا رەددىيە بەرگىدەك قايسى گىپىمىز قالىدۇ ؟
ۋاي سەن ياخشى قىلىۋاتىسەن،ئوبدان قىلدىڭ دىسەك،ئۇ ئىشنى ئۇنىڭدىنمۇ ئوبدان قىلالىشى مۇمكىن.ۋاي لەقۋا،شۇنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمىغان،ئاق-شاق دىسەك ئۇ يەنە نىمىمۇ قىلالىسۇن.
ئۇيغۇر جەمىيىتى مىنىڭچە ئۇنچە بەك ئوساللىشىپ كەتمىدى،ئەكسىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا كۆزىنى يۇمىۋىلىپ سۆكۈشنىلا بىلگەنلەرنى زادى قانداق  تىل بىلەن تەسۋىرلەشنى پەقەتلا بىلمىدىم.

ئادەملەرنىڭ تۈلكىسىدىن،يامانلارنىڭ كۈلكىسىدىن پاناھ بەرگىن خۇدايىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64306
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2170
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1468 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 09:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنقىد ___ ئۇ ياخشى ئىش، ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد ___ تېخىمۇ ياخشى ئىش.  تەنقىد قىلىمەن دەپ ئەتىدىن كەچكىچە كاپىلداۋەرسە ھە........... ھەممە ئىش لايىقىدا بولىشى كېرەك. يازغانلىرىڭىز مېنى خېلىلا قائىل قىلدى، ياخشى يېزىپسىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64817
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 10:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازما ئىگىسىگەئالاھىدە تەشەككۇر ئېيتىمەن.لىكىن مەندەك ياغاچ قۇلاقلار ھازىر سىزگە تەشەككۇر  بىلدۇرگەن بىلەن، ھايال ئۆتمەي‹‹بىلەرمەن›،لىك قىلىپ يەنە قاساشقا باشلايمىز. ئەمىلىيىتىمىزدە ئەل سەسكەنگەن،  ئۆزىمىز  قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان ئىشلاردىن  قانچىلىك ئۆزەمنى تارتتىم...دىگەنلەرنى ئويلىمايمىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59193
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 812
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 1164 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 10:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنى ئەيىبلەشنىڭ ماھىيىتى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشتىن بولۇدۇ . ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش كۆپ ئامىللار بىلەن چېتىشلىق بولغان پاسسىپ روھىي ھالەت شەكلىدۇر . پاسسىپ روھىي ھالەت كۆپ ھاللاردا ئىشى ئوڭغا تارتمىغان ... خىلدىكى ئادەملەردە كۆپەرەك كۆرۈلىدۇ . ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلىشىدە كۆپ سەۋەبلەر بار ، ئۇلارنى بىرمۇبىر دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق . ئەلۋەتتە مەدەت شەكلىدىكى سۆز ئىبارىلەر كىشىگە ئۈمۈد ، جەسسۇر روھ ئاتا قىلىدۇ . ئەمما ئۆزىمىزىدە يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان سەلىي ئىش ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا ئەينەن بىلىپ تۇرغىنىمىزنىڭمۇ زىيىنى يوق . ئارمىزىدىكى بەزەن ئادەملەرگە شۇنداق ئاچچىق ئىبارىلەر تەسىر قىلمىسا ... سىلىق سۆز ھەركەتلەر كۈچىنى كۆرسۈتەلمەيدۇ . دېمەك مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بويىچە تەھلىل قىلغىنىمىزدا بەزىدە ئۆزىمىزنى قامچىلىغىنىمىزنىڭمۇ پايدىسى بار ....  ،  گېپىم مۇشۇنچىلىك بولسۇن .

100 دوكتۇردىن بىر كارخانىچى ئەلا !
بۈگۈن ماڭمىساڭ ، ئەتە يۈگرىشىڭگە توغرا كېلىدۇ !
دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە رىقابەتچىلىرىڭ كىتاب ۋاراقلاۋاتقان بولۇدۇ !
ئۇيغۇر ، كۆپلىگەن كارخانىچىلارغا مۇختاج !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش