ئەرلەر كېلىشكەن بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئەرلەرگە خاس بولىشى كېرەك!
1. ئەرلەردە چوقۇم بىر نىشان بولىشى كېرەك: ئۆزىدىن ھالقىپ كېتىش.
2. ئەرلەردە چوقۇم مۇنداق ئىككى تەسەۋۋۇر بولىشى كېرەك: غايە ۋە نىشان.
3. ئەرلەردە چوقۇم مۇنداق ئۈچ خىل ئىچكى مىجەز بولىشى كېرەك: ئىرادە)مەقسەت(، ئالىيجاناپلىق)ۋىجدان(، جاسارەت)جۈرئەت( .
4. ئەرلەردە چوقۇم مۇنداق تۆت تال ساپ يۈرەك بولىشى كېرەك: ئىشەنچ، مۇھەببەت، مەسئۇلىيەتچانلىق، كەسىپچانلىق.
5. ئەرلەردە چوقۇم بەش خىل كۈچ بولىشى كېرەك: ئەقىل-پاراسەت، قەتئىيلىك، تىرىشچانلىق، ئەمەلىي كۈچ، ساغلام ھاياتىي كۈچ.
6. ئەرلەر جەمئىيەتتىكى ئاساسىي كۈچ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئەرلەردە چوقۇم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولىشى كېرەك.
7. ئەرلەر ئائىلنىڭ تۈۋرىكى. شۇڭا ئەرلەر كۈچىنىڭ بارىچە ئۇلار ئۈچۈن تىرىششى كېرەك.
8. ئەرلەر ئۆمىرىدە ئىككى ئىشنى ئورۇنلىشى كېرەك: ئارزۇسىنى تاماملاش، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
9. ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بارا-بارا چىراي-تۇرىقىدىن ئېشىپ چۈشىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ چىراي-تۇرىقى ۋە بوي ئېگىزلىكى سەۋەبلىك غەم يەپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.
10. ئەرلەرنىڭ بۇلۇتقا ئوخشاش كۆكىسى-قارىنى بولىشى كېرەك. بوران-چاپقۇن، يامغۇرلاردىمۇ سىغدۇرغىلى بولسا سىغدۇرۇش كېرەك. ھەقىقەتەن چىدىيالمىغۇدەك ئىش بولسا يامغۇرلۇق كۈندە ئادەم يوق يەرنى تېپىپ تازا بىر يىغلىۋال.
11. ئەرلەردە تاغقا ئوخشاش تاغقا ئوخشاش ئومۇرۇتقا بولىشى كېرەك. ئازاب-ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرىشى، زەربىگە ئۇچىرىغاندا، ھاياتتا ھەممە نەرسىنىڭ قايتىلىندىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
12. ئەرلەردە كالىلاردەك مەنىۋىيەت بولىشى كېرەك. جىق ئىشلىيەلىسە جىق ئىشلەش كېرەك. كىم سېنى ئەركەك دەۋاتىدۇ؟ ئەركىشى دېگەن غۇدۇڭشىمايدۇ)ئاغرىنمايدۇ(، ھېچ بولمىغان كالا ساڭا قارىغاندا بەخىتلىك. ئېسىڭدە بولسۇن، تۇرمۇشىڭغا ماھىر بول، دوستلىرىڭغا ئېسىل مۇئامىلە قىل، ئائىلەڭگە مېھرىبان بول...
1. سەن ھەقىقىي توي قىلماقچى بولغان قىزغا سادىق بول.
2. كۆپرەك بول يىغ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆزى چۈشمىسۇن.
3. سەندىن يۈز ئۆرىگەن ئادەم توۋا قىلماقچى بولسا، كېسىپلا دېگىن: ياق.
4. چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپىڭدا چىڭ تۇر، كىچىك ئىشلاردا ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىپ قوي.
5. ئاياللاردىن پۇل ئالغاندا، سانى ئاز بولسا ئېرەن قىلمىساڭ بولىدۇ، لېكىن سانى جىق بولسا ئالما، ئالغاندىكىن قايتۇرمىساڭ بولمايدۇ.
6. ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپ مەسىلىنى زوراۋانلىققا تايىنىپ ھەل قىلىشنى ئويلىما، سەن تەيسىن(泰森) ئەمەس، ھەم چىن خاۋ نەن(陈浩南)مۇ ئەمەس.
7. ئائىلىسى بار ئاياللارنى ھەرگىز ياخشى كۆرۈپ قالما، بولمىسا ھامان بىر كۈنى ئۆزۈڭنىڭ بەك ئەخمەقلىقىنى ھىس قىلىسەن.
8. سۆيگىنىڭنىڭ پۇلىغا ۋاپا قىل، كۆپرەك ئاتا-ئاناڭغا خەجلەپ بەر.
9. ھەرگىزمۇ قايىتا باشقىلارنىڭ ھېسىياتى بىلەن ئوينىشىۋاتىمەن دەپ قارىما. قارىشى تەرەپ سەندىن ئاقىل بولىشى مۇمكىن.
10. ئون يەتتە، ئون سەككىز ياشلاردا پۇل بولمىسا، كارتا بولمىسا ئەركىنلىك دەيمىز، 25ياشتىن كېيىن پۇل بولمىسا، كارتا بولمىسا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ.
11. ئىشقا چىقىپ، ئىشتىن چۈشكەندە ئاممىۋى ئاپتۇبوستا ئولتۇرۇشنىڭ ھەرگىزمۇ يۈز تۆكۈلدىغان يېرى يوق. ھەر كۈنى ماشىنا كىرا قىلغان پۇلنى يىغىپ، كەلگۈسىدىكى بالاڭغا كۆپرەك ياخشى سۈت پاراشوكى ئېلىپ بەرسەڭ بولىدۇ.
12. ئورۇنلاشقا ئامال بولمايدىغان ئىشقا ئاسانلا ۋەدە بەرمە، ئەرلەرنىڭ ئىشەنچى بەك مۇھىم.
13. تۈز---بولۇشنىڭ نېمە يامىنى بار.
14. مەڭگۈ باشقىلارنىڭ خوتۇنى مىنىڭكىدىن ياخشى دەپ ئويلىما، چۈنكى ئۇ ئېنىقلا سېنىڭ ئەمەس، خوتۇن دېگەننىڭ ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۆزىنىڭكى.
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسى:داۋان ئاشقۇچى |
http://blog.sina.com.cn/neyze