ئادەم ئۆز يۇرتىدا ئانا يۇرت، ئانا مىللەت دېگەنلەرنىڭ قەدىرىنى بىلىپمۇ كەتمەيدىكەن. شەخسەن ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتساممۇ، يۇرتۇمدا يۈرگەن چاغلاردا شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئانا يۇرتۇم،مىللىتىم دەپ يازغان ئەسەرلىرىگە ئانچە زېھىن سەپمۇ كەتمەيتتىم. مانا ئەمدى يۇرتتىن،ۋەتەندىن ئايرىلىپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە ھەمىشە مىللىتىم ئۈچۈن،يۇرتۇم ئۈچۈن كىچىك بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەم دەپ ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.بىز جوڭگودىن ھەتتا شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسەك، باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى دەماللىققا چۈشەندۈرۈپ بۇلالماي ئىچىمىز سىقىلىدۇ. بىز كورىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلۇش سالاھىيتىمىز بىلەن بۇنداق ئىشلارغا تولا يۇلۇقۇپ كەلدۇق.ئۇيغۇرلار كورىيەنىڭ كىنولىرىنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ ھەتتا شۇ كىنودىكى ئارتىسلارنىڭ ئىسمىنىمۇ يادقا بىلىدىغانلار ئاز ئەمەس، لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان كورىئانلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس. شۇڭا بىز كورىيەلىكلەرگە يۇرتىمىز شىنجاڭنى،مىللىتىمىز ‹ئۇيغۇر›نى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمىز ھەم تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمىز......
كۆڭۈل سۆزى ئۇزىراپ كەتتى، گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك:
ئۇيغۇر پالۋىنى ئۆمەرجاننى كورىيە تېلۋىزىيە پروگراممىسىغا ئېلىپ كېلىش ئىشلىرىنى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، بۇ كىشىنى ئۇزىتىپ بۇلۇپلا كىينكى پىلانىمىزنى باشلىۋەتتۇق. مانا ئەمدى بۇ ئىشلاردىنمۇ ئاز-تولا نەتىجە چىقىپ قالدى.
11-ئاينىڭ 22-كۈنى بىز بىر قىسىم كورىيە پارلامنىت ئەزالىرى،خەلقئارالىق سەھىيە-داۋالاش، مائارىپ-سودا ساھەلىرىدىكى ئەربابلار بىلەن بىرگە شىنجاڭغا يىتىپ بارىمىز.ئۇلار بۇ قېتىم شىنجاڭ بازىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شىنجاڭغا كەڭ دائىردە مەبلەغ سالماقچى. پىلاندىكى ھەمكارلىشىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە:
1.كىيىم-كېچەك،زىبۇ-زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى
2.يىمەك-ئىچمەك. ئاشخانا-رېستۇران
3.نىمكەش ماشىنا. كورىيەنىڭ 现代 ،起亚،三星 ،大宇 قاتارلىق نىمكەش ماشىنلارنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش
4.باغچا-كۆڭۈل ئېچىش. كورىيەنىڭ ئىلغار ئۇيۇن ئۈسكۈنلىرىگە سودىگەر چاقىرىش.
5.خەلقئارالىق داۋالاش. مېڭە قان-تۇمۇر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا داۋالاش قىيىن بولغان بىمارلارنى ، ھۆسىن تۈزەتكۈچىلەرنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىپ داۋالاش.(بۇ خىل خەلقئارالىق داۋالاشقا كېتىدىغان چىقىم دۆلەت ئىچىدىكى چىقىم بىلەن ئوخشاش).پاسپورت-ۋىزا قاتارلىق مەسىللەرنى كورىيە تەرەپتىن ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
6.كورىيە ھەمكارلىقىدىكى چاچ لايھىلەش،تېرە ئاسىراش كۇلۇبى قۇرۇش.خادىملارنى كورىيەدە مەخسۇس تەربىيلەش
7.ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش. تۇلۇقسىز،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرغۇچى سۈپىتىدە كورىيەگە ئېلىپ كېلىپ زىيارەت قىلدۇرۇش. ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 1 يىللىق ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش.(国际交换生)
8.دوختۇرخانا،ئۆي-زىمىن قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش.
يۇقارقى ساھەلەرگە قىزىقىدىغان ۋە كورىيەلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغانلار بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، بىز بۇ قېتىم تەكشۇرۇش-زىيارەتكە بارىدىغان كورىيەلىك خادىملار بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ-مەسلىھەت سوراش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىمىز.
بلوگىمىز:
http://xjkorea.blogbus.com
كورىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۆرەت
مەنبە:ئۆزەم