مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 553|ئىنكاس: 12

ئەركزات روبائىيلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەركزات ئۇچۇر- ئېلانچىلىقى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 514
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 38945
تۆھپە نۇمۇرى: 2297
توردا: 5997 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 11:36:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        

  ئەركزات روبائىيلىرى
بولمىسا ئادەمدە ئىنسانىي ئەدەب،
تۆت پۇتلۇق مەخلۇق ئۇ يېگۈچى ھەلەپ.
ھەممىگە ئىنسانىي كۆز بىلەن قاراش،
چىن ۋىجدان ئەھلىگە ئەقەللىي تەلەپ.

   بەك ئاسانلا كىرلىشىدۇ ئاق كىيىم،
كىرلەشسىمۇ بۇلغانمايدۇ پاك كىيىم.
تىتىلسىمۇ ئوقلىرىدا تۆھمەتنىڭ،
ئاتىلىدۇ چوقۇم بىر كۈن ساق كىيىم.

مىڭ توۋا، بەزىلەر شۇ قەدەر ياۋۇز،
ھەر ۋاقىت ئىچىدە قاترايدۇ توڭگۇز.
ھەمسۆھبەت بولغاندىن ئۇنداقلار بىلەن،
باياۋان-چۆللەردە ياشىغىن يالغۇز.

سۆيمىگەنگە سۈركىلىشتىن بىزارمەن،
سۆيگەنلەرگە چىن ئاشىق بىقارارمەن.
ۋاپا ئەھلى ساداقەتمەن دوستلارغا،
ئېھتىرامدا گۈل دەستىلەر تىزارمەن.

ئۆز-ئۆزىگە شاھدىن بۈيۈك ھەر كىشى،
ئۆزگىنى خەس، ئۆزىنى زەر دەر كىشى.
پىچالايدۇ ھەممىگە خاس شايى تون،
ئادەمىيلىك مىزانى بار ئەر كىشى.

ئۆزگەرمەيدۇ ئىت-ئىشەكنىڭ خۇي-پەيلى،
ھاڭراپ، قاۋاپ كۈن ئۆتكۈزسە ئۆز مەيلى.
ھېسابلىساق ئۆزىمىزنى چىن ئىنسان،
ئادەم سىياق ھايۋانغا ئوق ئۈزەيلى.

ئىنساننىڭ قىممىتى ئەدەب ۋە ھايا،
ھاياسىز ھەر كىمدىن كېلىدۇ بالا.
ئەر چاغلاپ ياشىساڭ ئۆزۈڭنى دوستۇم،
شىر چاغلا ئۆزگىنى، كۆڭلىنى ئايا.

تاشلارنىڭ تۈرى كۆپ، رەڭلىرى ھەر خىل،
ئېسىلى قاشتېشى، زىننەت ئۇ سەر خىل.
ئالەمدە ئىنسان كۆپ-سايدىكى تاشتەك،
بولسا كىم ئەڭ ئاقىل، شۇنى دانا بىل.

ئەقىل دېگەن شۇنچە ئۇلۇغ بىلگەنگە،
دانىش بولماس ھېچكىم تولا كۈلگەنگە.
ئىنسان دىلى نۇرلانمىسا ھېكمەتتىن،
ھاياتلارمۇ باراۋەردۇر ئۆلگەنگە.

مەستلەر تولا ئېگىۋەرگەچ قوغامنى،
ئايرىۋەتتىم ئۇلار بىلەن چېگرامنى.
قايناتماسلىق ئۈچۈن يەنە ئوۋغامنى،
تەڭ يېمەسمەن ناندىن بىرەر توغرامنى.

كەلمەس رەقىب ئامېرىكا يا ئىراقتىن،
كەلمەس تاشقى پىلانېتتىن-يىراقتىن.
رەقىبىڭ شۇ: ئامىتىڭنى كۆرەلمەي،
تولغانسا كىم ئەلەم يۇتۇپ پىراقتىن.

ئىشەك ئەسلا ئۇچالمايدۇ دۇلدۇلدەك،
سايرىيالماس تورغايمۇ ئۇز بۇلبۇلدەك.
پەرىدىنمۇ قەدىرلىكتۇر قەدىناس،
كۆرۈنسىمۇ لاتاپىتى جۇلجۇلدەك.

ئىنساننى ئازدۇرار ھاۋايۇ-ھەۋەس،
ھەۋەسكە بېرىلگەن چىن ئىنسان ئەمەس.
سۈرسىمۇ بىر مەھەل ھەۋەس پەيزىنى،
ئۇنداقلار ھامىنى بولۇر چاۋار-خەس.

دوست-بۇرادەر شۇنچە زۆرۈر ھاياتتا،
دوستى كۆپلەر ئېرىشەر جۈپ قاناتقا.
دوستۇم دېگىن شۇنى تاللاپ ئۆمۈرلۈك،
ساڭا كىم جۈر بولسا ھايات-ماماتتا.

بەك مۇرەككەپ تەبىئەتنىڭ قانۇنى،
ئۆزگەرمەيدۇ باشتا يازغان تالونى.
ئۆتسە كۈنلەر ئايەم كەبى شادىمان،
شۇنچە قىزار چىن ھاياتنىڭ سالونى.

پۇل-مال شۇنچە زۆرۈر ھەر بىر ئىنسانغا،
خارۇ-زارمىز پۇل بولمىسا ئاش-نانغا.
داغ تەككۈزمەي چىن غۇرۇرغا، ۋىجدانغا،
باياشاتراق ياشا بېقىپ دەۋرانغا.

ساغلاملىققا كاپالەتتۇر ھەرىكەت،
ھەرىكەتتە باردۇر چەكسىز بەرىكەت.
بەرىكەتلىك ياشاي دېسەڭ شادىمان،
تار ئۆيۈڭگە بېكىنىشنى تەرك ئەت.

بىلمەس ھېچكىم چۈشكە نېمە كىرىشنى،
بىلمەس ھېچكىم نەدە، قاچان ئۆلۈشنى.
تاللىۋالدىم تىلسىماتلىق ھاياتتا،
ئاھ ئۇرۇشتىن كۈندە يايراپ-كۈلۈشنى.

قىيانلىق دەريادا تولغۇنۇپ ئاقتىم،
جىلۋىگەر ئۇپۇققا زارىقىپ باقتىم.
ئەجرىمگە مۇناسىپ قەنتلەر چاقتىم،
كەچمىشتىن زارلاشقا يەتمىگەي ۋاقتىم.

چاچلىرىمغا قاپتۇ ئاقلار ئارىلاپ،
يۈرەر بەلكىم ئەزرائىلمۇ مارىلاپ.
تاغنى تالقان قىلىش ماڭا نە ھاجەت،
نېمە قىلاي يۈرىكىمنى يارىلاپ.

ئەگىپ يۈرەر ئەجەل قۇشى بېشىمىزدا،
يىراق ئەمەس ئەزرائىلمۇ قېشىمىزدا.
ئىچىمىزدە روزا تۇتۇپ ئەلەم يەتسە،
ھېيت ئوينايمىز چاندۇرماستىن تېشىمىشدا.
تاسما ئىكەن نادان خوتۇن ئۈزۈلمەيدىغان،
تۈمەن يىللار ئىللەتلىرى تۈزۈلمەيدىغان.
ئاسساڭ بىلمەي شۇ تاسمىنى بوينۇڭغا ئەگەر،
ئۆمرۈڭ ئۆتەر تۈن قوينىدا سۈزۈلمەيدىغان.

قىزلارنىڭ زىننىتى ئەخلاق ھەم نازدا،
ۋاپادار ئوغلانلار ماختىلار سازدا.
خانلارغا يارىغان ئالتۇن باشلارمۇ،
يارىماس گاھىدا قوماق باش تازغا.

چىقىدۇ يۇيسىلا كىيىمنىڭ كىرى،
تۆلىنەر ھەتتا چوڭ زىياننىڭ دىرى.
بولغانسا پاك ۋىجدان  پاكلانماس ئەبەد،
ناكەستىن بىر ئۆمۈر تورغايسەن نېرى
.


      

    (   مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
YuqunAdam + 222 بىرىنجى كۆپلىت رۇبائىي شەكلىدىن چەتن
zulayha + 200 بەك ئېسىل چىقىپتۇ.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 422   باھا خاتىرىسى

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.

www.uyblog.cn

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16192
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4498
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 01:14:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركزات ئەپەندىمنىڭ نادىر يازمىلېرىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە قايتا كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن! نادىر يازمىلېرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .

www.uyblog.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 282
توردا: 8679 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 01:14:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى بىرىنچى بوپ كورۇپتىمەن، بەك ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4992
تۆھپە نۇمۇرى: 1800
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 01:21:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشى كۆڭلىنى سەن ھەرگىز ئاغرىتما ،
ئېھتىمال بۇ يولدا تىكەن ياتقاي .
چىقارغىن كەمبەغەلنى ھاجەتتىن ،
بىر كۈنى ئۇمۇ ساڭا ئەسقاتقاي .

سەئىدى شىررازىي .

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

ئۆلۈم ھاياتنىڭ خ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56580
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1704
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1986 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 01:28:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇييۇۇۇۇۇۇۇۇ
ھەجەپمۇ ياخشى يېزىپسىزغۇ بۇ شىئېرنى توۋا شائىركەنسىز جۇمۇ!
ئىلھاملىرىڭىزدىن ماڭىمۇ ئازراق بەرسىڭىز بولغۇدەك، مەزمۇنلىرى شۇنداق يېقىشلىق، مىسرالىرى شۇنداق ئەركىن، قاپىيەلىرىمۇ شۇنداق ماسلاشقان.
بۇ شىئېرىڭىزنى مەن كۆچۈرۋالاي، رۇخسەت قىلاسىز ھە؟ ئۆزىڭىزنىڭ نامى بىلەن كۆچۈرىمەن.

ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزى بىر يېڭى چىقىش يولى .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 5001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53411
تۆھپە نۇمۇرى: 3673
توردا: 6430 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 01:35:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساننىڭ قىممىتى دىيانىتىدە،
ئەخلاقى زىننىتى پاك نىيىتىدە،
ئەخلاقسىزلاردىن ئۇزەق تۇر دوستۇم،
ئۆلۈمىڭ ئىستەيدۇ بەدنىيىتىدە.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115977
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6788 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 02:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە ھۆرمۈتىم ئاشتى. ئىنسانلىق قىممىتى، غورۇر ھەم ۋىژدان قەلەملىرىڭىز ئارقىلىق ئۆز رولىنى تېپىپ تېخىمۇ جۇلالىنىپتۇ . خۇشاللىق سىزگە يار بولسۇن. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

www.uyblog.cn

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16192
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4498
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 03:57:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەركزات روبائىيلىرى


بولمىسا ئادەمدە ئىنسانىي ئەدەب،
تۆت پۇتلۇق مەخلۇق ئۇ يېگۈچى ھەلەپ.
ھەممىگە ئىنسانىي كۆز بىلەن قاراش،
چىن ۋىجدان ئەھلىگە ئەقەللىي تەلەپ.

بەك ئاسانلا كىرلىشىدۇ ئاق كىيىم،
كىرلەشسىمۇ بۇلغانمايدۇ پاك كىيىم.  
تىتىلسىمۇ ئوقلىرىدا تۆھمەتنىڭ،
ئاتىلىدۇ چوقۇم بىر كۈن ساق كىيىم.

مىڭ توۋا، بەزىلەر شۇ قەدەر ياۋۇز،
ھەر ۋاقىت ئىچىدە قاترايدۇ توڭگۇز.
ھەمسۆھبەت بولغاندىن ئۇنداقلار بىلەن،
باياۋان-چۆللەردە ياشىغىن يالغۇز.

سۆيمىگەنگە سۈركىلىشتىن بىزارمەن،
سۆيگەنلەرگە چىن ئاشىق بىقارارمەن.
ۋاپا ئەھلى ساداقەتمەن دوستلارغا،  
ئېھتىرامدا گۈل دەستىلەر تىزارمەن.

ئۆز-ئۆزىگە شاھدىن بۈيۈك ھەر كىشى،
ئۆزگىنى خەس، ئۆزىنى زەر دەر كىشى.
پىچالايدۇ ھەممىگە خاس شايى تون،
ئادەمىيلىك مىزانى بار ئەر كىشى.

ئۆزگەرمەيدۇ ئىت-ئىشەكنىڭ خۇي-پەيلى،
ھاڭراپ، قاۋاپ كۈن ئۆتكۈزسە ئۆز مەيلى.
ھېسابلىساق ئۆزىمىزنى چىن ئىنسان،
ئادەم سىياق ھايۋانغا ئوق ئۈزەيلى.

ئىنساننىڭ قىممىتى ئەدەب ۋە ھايا،
ھاياسىز ھەر كىمدىن كېلىدۇ بالا.
ئەر چاغلاپ ياشىساڭ ئۆزۈڭنى دوستۇم،
شىر چاغلا ئۆزگىنى، كۆڭلىنى ئايا. ,

تاشلارنىڭ تۈرى كۆپ، رەڭلىرى ھەر خىل،
ئېسىلى قاشتېشى، زىننەت ئۇ سەر خىل.
ئالەمدە ئىنسان كۆپ-سايدىكى تاشتەك،
بولسا كىم ئەڭ ئاقىل، شۇنى دانا بىل.

ئەقىل دېگەن شۇنچە ئۇلۇغ بىلگەنگە،
دانىش بولماس ھېچكىم تولا كۈلگەنگە.
ئىنسان دىلى نۇرلانمىسا ھېكمەتتىن،
ھاياتلارمۇ باراۋەردۇر ئۆلگەنگە.

مەستلەر تولا ئېگىۋەرگەچ قوغامنى،
ئايرىۋەتتىم ئۇلار بىلەن چېگرامنى.
قايناتماسلىق ئۈچۈن يەنە ئوۋغامنى،  
تەڭ يېمەسمەن ناندىن بىرەر توغرامنى.

كەلمەس رەقىب ئامېرىكا يا ئىراقتىن،
كەلمەس تاشقى پىلانېتتىن-يىراقتىن.
رەقىبىڭ شۇ: ئامىتىڭنى كۆرەلمەي،
تولغانسا كىم ئەلەم يۇتۇپ پىراقتىن.

ئىشەك ئەسلا ئۇچالمايدۇ دۇلدۇلدەك،
سايرىيالماس تورغايمۇ ئۇز بۇلبۇلدەك.
پەرىدىنمۇ قەدىرلىكتۇر قەدىناس،
كۆرۈنسىمۇ لاتاپىتى جۇلجۇلدەك.

ئىنساننى ئازدۇرار ھاۋايۇ-ھەۋەس،
ھەۋەسكە بېرىلگەن چىن ئىنسان ئەمەس.
سۈرسىمۇ بىر مەھەل ھەۋەس پەيزىنى،
ئۇنداقلار ھامىنى بولۇر چاۋار-خەس.

دوست-بۇرادەر شۇنچە زۆرۈر ھاياتتا،
دوستى كۆپلەر ئېرىشەر جۈپ قاناتقا.
دوستۇم دېگىن شۇنى تاللاپ ئۆمۈرلۈك،
ساڭا كىم جۈر بولسا ھايات-ماماتتا.

بەك مۇرەككەپ تەبىئەتنىڭ قانۇنى،
ئۆزگەرمەيدۇ باشتا يازغان تالونى.
ئۆتسە كۈنلەر ئايەم كەبى شادىمان،
شۇنچە قىزار چىن ھاياتنىڭ سالونى.

پۇل-مال شۇنچە زۆرۈر ھەر بىر ئىنسانغا،
خارۇ-زارمىز پۇل بولمىسا ئاش-نانغا.
داغ تەككۈزمەي چىن غۇرۇرغا، ۋىجدانغا،
باياشاتراق ياشا بېقىپ دەۋرانغا.

ساغلاملىققا كاپالەتتۇر ھەرىكەت،
ھەرىكەتتە باردۇر چەكسىز بەرىكەت. .
بەرىكەتلىك ياشاي دېسەڭ شادىمان،
تار ئۆيۈڭگە بېكىنىشنى تەرك ئەت.

بىلمەس ھېچكىم چۈشكە نېمە كىرىشنى،
بىلمەس ھېچكىم نەدە، قاچان ئۆلۈشنى.
تاللىۋالدىم تىلسىماتلىق ھاياتتا،
ئاھ ئۇرۇشتىن كۈندە يايراپ-كۈلۈشنى.

قىيانلىق دەريادا تولغۇنۇپ ئاقتىم،
جىلۋىگەر ئۇپۇققا زارىقىپ باقتىم.
ئەجرىمگە مۇناسىپ قەنتلەر چاقتىم،
كەچمىشتىن زارلاشقا يەتمىگەي ۋاقتىم.

چاچلىرىمغا قاپتۇ ئاقلار ئارىلاپ،
يۈرەر بەلكىم ئەزرائىلمۇ مارىلاپ.
تاغنى تالقان قىلىش ماڭا نە ھاجەت،
نېمە قىلاي يۈرىكىمنى يارىلاپ.

ئەگىپ يۈرەر ئەجەل قۇشى بېشىمىزدا،
يىراق ئەمەس ئەزرائىلمۇ قېشىمىزدا.
ئىچىمىزدە روزا تۇتۇپ ئەلەم يەتسە،
ھېيت ئوينايمىز چاندۇرماستىن تېشىمىشدا

تاسما ئىكەن نادان خوتۇن ئۈزۈلمەيدىغان،
تۈمەن يىللار ئىللەتلىرى تۈزۈلمەيدىغان.
ئاسساڭ بىلمەي شۇ تاسمىنى بوينۇڭغا ئەگەر،
ئۆمرۈڭ ئۆتەر تۈن قوينىدا سۈزۈلمەيدىغان.

قىزلارنىڭ زىننىتى ئەخلاق ھەم نازدا،
ۋاپادار ئوغلانلار ماختىلار سازدا.
خانلارغا يارىغان ئالتۇن باشلارمۇ،
يارىماس گاھىدا قوماق باش تازغا.

چىقىدۇ يۇيسىلا كىيىمنىڭ كىرى
تۆلىنەر ھەتتا چوڭ زىياننىڭ دىرى.
بولغانسا پاك ۋىجدان پاكلانماس ئەبەد،
ناكەستىن بىر ئۆمۈر تورغايسەن نېرى.

(   مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )



www.uyblog.cn

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19356
تۆھپە نۇمۇرى: 1358
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 05:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل روبايىلىرىڭىزنى رۇخسىتىڭىزسىز خاتىرەمگە كۆچۈرۋالدىم .

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63569
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1358
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 08:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ھەقىقەتەن ئېسىلكەن،تىلى ئاددى ئەمما ساز.ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.مەنمۇ يېزىپ قوياتتىم لېكىن سىزنىڭ ئالدىڭىزدامەن«بالىكەن تېخى....»

ئۆلۈمۈڭنى ئويلاپراق ياشا!

تۈلكىلەرگە قارا

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2253
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 81797
تۆھپە نۇمۇرى: 1655
توردا: 9154 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 10:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر بىرىنجى كۆپلىت رۇبائىي شەكلىدىن قېچىپ كەتتىمۇ قانداق.  ھەلاپ بىلەن ساۋات قانداقمۇ قاپىيەلىنىدۇ.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ، ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش! پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن، خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تەقدىر ، قولۇڭنى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3047
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 6239 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 10:41:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،بولۇپمۇ بۇ مىسرالار:

قىزلارنىڭ زىننىتى ئەخلاق ھەم نازدا،   
ۋاپادار ئوغلانلار ماختىلار سازدا.   
خانلارغا يارىغان ئالتۇن باشلارمۇ،  
يارىماس گاھىدا قوماق باش تازغا.

چوڭقۇر مەنىلىك،كىىشىنى ياخشىلىق،ۋىجدان -غورۇرغا،چىن ۋاپا-ئەقىدىگە ئۈندەيدىغان يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي...

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟ قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟ تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ، كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟ ئابدۇقادىر جالالىدىن

bir lukqakman ,sining koqangda

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 848
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16553
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 5771 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 11:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم رۇبائېيلار  قاپىيە قوغلىشىپ كەتتىمۇ يەنى بىر پىششىقلاپ باقسىڭىز؟
دىلبەر نامىدىكى ئۈستىنكى رەتتىكى تورداشنىڭ ئىمزاسىدىكى بۇ رۇبائېينى كۈرۈپ بېقىڭ:

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش