مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3027|ئىنكاس: 22

ھايات(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن سەن بولغىن،ھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48999
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3161
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1928 سائەت
تىزىم: 2011-7-24
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 12:17:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
25كۋادرات مىتىرمۇ كەلمەيدىغان كىچىككىنە يالغۇز كىشىلىك كىسەلخانىدا تومۇرلىرىمدىن يۈرۈگۈمگە ئىقىپ كىرىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى مۇزلىتىشقا باشلىغان سۇيۇقلۇققا قاراپ ياتىمەن،ئەتراپىمدا ئاپئاق كىيىملىك پەرىشتىلەر مىڭىپ يۈرۈشىدۇ،يەنە بىرلىرى باش تەرىپىمگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆت بۇرجەكلىك ماشىنىدىكى ئەگرى بۈگرى سىزىقلارغا قاراپ ئولتۇرۇشقان.مەن بارا بارا مۇزلاپ كىتىپ بارىمەن،جىسمىملا ئەمەس پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم مۇزلاپ كىتىپ بارىدۇ.ئورنۇمدىن تۇرۇشقا قانچە ئىنتىلسەممۇ،ئەتراپىمدىكى پەرىشتىلەرنى چاقىرىشقا قانچە كۈچىسەممۇ نەتىجىسى بولمىدى،ھالسىزلىنىپ كىتىپ باراتتىم،گەرچە بار كۈچۈمنى ئىشقا سىلىپ كۆزلىرىمنى يىرتىپ دىگۈدەك ئىچىپ تۇرساممۇ،مىنى بۇخارا شەھىرىگە سۆرەپ ئىلىپ ماڭغان ئۇيقۇ مەپىسى مىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىتىپ كەتتى...


ئۆزۈم يالغۇز چەكسىز قۇملۇقتا نىشانسىزكىتىپ بارىمەن، كالپۇكلىرىم قۇرۇشۇپ يىرىلىپ پىشانەمدىن تۇزلۇق سۇيۇقلۇقلار ئىقىپ چۈشۈپ ئىغىزىمغا كىرىپ كىتىپ بارسىمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلغۇدەك مادارىم يوق،ئاشۇ تۇزلۇق سۇيۇقلارلا ئۆزۈمنىڭ تىخى يىقىلىپ قالمىغىنىمدىن بىشارەت بىرىپ تۇرىدۇ،دىمەك تىخى ئۈمۈد بار،يەنە داۋاملىق ماڭاي،بىراق،نەگە ماڭىمەن؟نىشانىم قەيەر؟؟ ئۇدۇل تەرىپىمدە نۇر چاقنىغاندەك قىلىدۇ،ئاۋال شۇ يەرگە باراي....نىشانغىمۇ كەلدىم،ئۇ يەردە ئىككى قولىدا يوغان تەڭنە سۇ كۆتۈرۈپ ئىككى پەرىشتە ماڭا قاراپ تۇرۇشىدۇ،كۆزلىرىدە شەبنەم چاقناپ قالغان،ئۇ شەبنەملەردىن تولىمۇ سۆيۈملۈك نۇرلارنى كۆردۈم.بۇ نۇرلارنى مەن تونۇيمەن،كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا مەندىن بىردەممۇ ئايرىلىپ باقمىغان بىرجۈپ قەدىردانىمنىڭ ۋۇجۇدىدىنمۇ مۇشۇنداق نۇرلارنى كۆرەتتىم....تەڭنىدىكى سۇلارنى بىرە تامچىنىمۇ قالدۇرماي ئىچىىۋەتتىم،سەل ئىسىمگە كەلگەندەكمۇ بولدۇم،ئەمدى ئۇ ئىككى پەرىشتە ماڭا بارا بارا تونۇش بىلىنىۋاتاتتى...كالپۇكلىرىنى گەز باغلاپ كەتكەن،چاچلىرى ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن، بەللىرى مۈكچىيىپ قالغان بىر جۈپ پەرىشتە،پەقەت مەن ئۈچۈنلا ياشاپ مەن ئۈچۈنلا قۇربان بىرەلەيدىغان جۈپ قەدىردانىم..

چۈشلىرىمدە بولسىمۇشۇ مىھرىبانلىرىمنى كۆرەلىگىنىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھىس قىلىمەن،سىغىنىش شۇنداق بولامدىكىنن،ئىلگىرى  بوۋامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندىمۇ ئەلھەكمۇلىللا بىلەن تىترەپ تۇرغان يۈرۈكۈمنى ئەمىن تاپقۇزغانىدىم، نامازلىرىمدا،ھەربىر دۇئالىرىمدا،قىسقىسى ھەربىر تىنىقىمدا شۇ جاپاكەشلەر،مەن ئۈچۈن باغرى  گۈلخان ئەزىزلىرىم ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن دۇئالار قىلىمەن...

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان جاھان بۇ،قىسقىغىنە 24 يىللىق ھاياتىم تولىمۇ تاتلىق،غەم غۇسسىز ئۆتۈپ كىتىپتىكەن،ئەركىلىسەممۇ،خۇيلانساممۇ،ھەتتا جاھاننى بىشىمغا كىيىپ بەڭباشلىق قىلساممۇ يەنىلا شۇ مىھرىبانلىرىم يىنىمدا بولغاچ شۇنچە يىل ئەركىن تايچاقتەك ياشاپتىمەن.ھەتتا بۇلتۇر بىر ئوبدان ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتىپىمدىن ئۆز بىشىمچىلىق قىلىپ چىقىپ كىتىپ چەتئەل تەييارلىقىغا چۈشكەنىدىم.ھازىر ئويلىسام توۋا دەيمەن،ئەگەر تەقدىرىمنى ئالدىن بىلەلىگەن بولسام جاھاننىڭ بۇ قىتىدا مۇساپىر بولغۇچە  ئاتا ئانام ئالدىدا بىر ئۆمۈر ئەزىز بولۇپ يۈرمەسمىدىم؟...

دەسلەپكى بىر يىللىق ياۋروپا ھاياتىمنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك،بايۋەتچىلەردەك ئۆتكۈزگەنىدىم،خالىغىنىمنى قىلاتتىم،ئىقتىسادنى ئەلۋەتتە يەنە شۇ بىر جۈپ جاپاكىشىم ھەل قىلاتتى،ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم،يەرلىكلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خۇددى ئۆز قىرىنداشلىرىمدەكلا بولۇپ كەتكەنىدى،بولۇپمۇ مەندەك تاماقنىمۇ ئوڭلاپ ئىتەلمەيدىغان بىرىگە كۈنىگە2 ۋاق تاماق تەييار ئىدى،ئۇلارنىڭ تاماقلىرىدىن زىرىكسەم سىرتلاردىن يەيتىم،ئىشقىلىپ شۇ پەرىشتە سۈپەت دوستلىرىم،ئاكا ھەدىلىرىم بولغاچ كۈنلىرىم تولىمۇ خاتىرجەم ئىدى.سىنىپىمدىمۇ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىم بويىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىدىم،ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا تولىمۇ ئامراق ئىدى،مەندىن مىللىتىمىز،مەدەنىيىتىمىز توغرىسىدا سوراپ ھارمايتتى.مەنمۇ ئويۇنغا شۇنچىلىك ئامراق بولغىنىمغا قارىماي مەكتەپتىن بىر كۈنمۇ قالمايتتىم.

ھازىر ئويلاپ باقسام،مۇشۇ بىر يىل مەن جاھاندا توققۇزۇم تەل ياشاپتىمەن،سىخى ئاللا ماڭا تىلىگەنلىرىمنى بىراقلا بىرىۋەتكەنىكەن.شۇ كۈنلىرىمدىمۇ بىر ئېغىز شۈكۈر دەپ قويمىغىنىمغا ئۆكۈنىمەن...
بىر يىللىق ئوقۇشۇم ئاخىرلىشىپ ۋىزام توشۇشقا ئاز قالغانغا ئۈلگۈرتۈپ بىر مەكتەپتىن ئوقۇش ئىشلىرىمنى ھەل قىلدىم،لىكىن ئۇ كەسىپنى پەقەتلا ياختۇرمايتتىم.بىراق ۋىزا ئىلىش ئۈچۈن ئامالسىز شۇ كەسىپنى تاللىشىم شەرت ئىدى.
ۋىزام توشۇشقا ئۈچ ئاي قالغاندا بىز بىلەن چىگرا دۆلەتتە ئاپىسى بىلەن بىللە يەرلىكلەشلەن بىر ئۇيغۇر بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،ئۇ مەندىن 15 ياش چوڭ بولغىنىغا قارىماي تولىمۇ چىقىشىپ كەتكەنىدۇق،كىيىن ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن يۈرۈپمۇ قالدۇق....يۈرگەندىن كىيىنكى 2 ئاي تولىمۇ قىسقا ئەمما بەكلا تاتلىق ئۆتكەنىدى.كىچەكىچىلەپ تىلىفۇنلىرى، قىسقا ئۇچۇرلىرى ئۈزۈلمەيتتى.  
ئوقۇشۇممۇ ئاخىرلاشتى،ئوقۇتقۇچىلرىمغا، بىر يىلدىن بىرى قىرىنداشتىن چارە ئۆتكەن دوستلىرىمغا،مىھرىم چۈشكەن شۇ مەكتەپكە،شۇ دۆلەتكە پەقەتلا قىيمايتتىم، ئۇ ئىمتىھانىم تۈگىگەن كۈنىلا مىنى ئالغىلى كەلدى،مەنمۇ يىڭى ئۇقۇشقان مەكتىپىمدىن يىرىم يىللىق رۇخسەت ئىلىپ شۇ كۈنى كەچلىك ئايروپىلان بىلەن ئەتىسى سەھەردىلا ئۇنىڭ ئويىگە،مەن ئۈچۈن دوزاق بىلىنىدىغان شۇ گۆرگە يىتىپ باردۇق.
ئاپىسى مىنى تولىمۇ سوغۇقلا قارشى ئالدى،شۇ چاغدا كۆڭلۈم نىمىنىدۇ تۇيغاندەك يۈرۈگۈم ئىچىشىپ كۆزلىرىمگە ياش ئولىشىپ كەتكەنىدى.تىتىلداپ كىتىپ باراتتىم، خۇددى نەپەسلىرىم يىتىشمەيۋاتقاندەك دىمىم سىقىلاتتى.سوغۇقلا مىھمانخانا ئۆيگە تەكلىپ قىلىندىم،شۇ چاغدىلا نىمە بولسام بولاي دەپ شۇ دوزاقتىن چىقىپ كەتكەن بولساممۇ بەلكىم بۇ  جاپالارنى تارتماستىم...
بىر كۈنۈم تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى، سوغۇق چىرايلار،سوغۇق ئۆي،ھەممە شۇنچىلىك سوغۇق.ئۇنىڭ چىرايىدىمۇ بۇرۇنقى قىزغىنلىقتىن ئەسەرمۇ يوق،خۇددى ئۆيىدىكى قىممەت بۇيۇملۇق بۇيۇملارنى چىقىپ قويغان بالىدەك ئاپىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ كەمسۆز بولۇپ كەتكەنىدى.ئاددى ناشتىدىن كىيىن ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن مەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيدە ئارام ئالىدىغان بولدۇم.تولىمۇ خۇشال بولۇپ كەتكەنىدىم.چۈنكى يولدا كەلگۈچە ئۆزۈممۇ چارچىغان ھەم نامازلىرىم قازا بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ئۆيگە كىرىپ ماسلاشتۇرۇپ قويۇلغان ئۆي جاھازلىرىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇرۇشۇم ئۇمۇ كەينىمدىنلا كىرىپ كەلدى.
-ئەمدى سىز مۇشۇ ئۆيدە تۇرىسىز، يەنە بىر تازىلىق ئۆيى بار،لىكىن قالغان ئۆيلەرگە كىرىشىڭىزگە بولمايدۇ،سىرتلارغىمۇ ئاپامنىڭ رۇخسىتىسىز ھەم يالغۇز چىقىشىڭىزغا رۇخسەت يوق،مەنمۇ كۈندە  بىر كىلىپ سىزنى كۆرۈپ كىتىمەن...
گەرچە ئۇ بۇ گەپلەرنى ماڭا قاراپ دەۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن....تولىمۇ غەلىتە،تىخى مەن مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىكەنمەن،ئۇ كۈندە بىر كىلىپ مىنى كۆرۈپ كىتىدىكەن،تالاغىمۇ چىقمايدىكەنمەن....ئەجىبا...
-نىمىشقا ئەمدى؟گەپلىرىڭىزنى چۈشەنمىدىم
-ئەمسە ئوبدان ئاڭلاڭ،مىنىڭ ئايالىم بار،بالاممۇ بار، ئىسلام قائىدىسى بويىچە ئىككى ئايالنى بىر ۋاقىتتا نىكاھىمغا ئالساممۇ بولىدۇ،لىكىن ئايالىم خالىمايدۇ،ئۇ ئېغىر كىسەل،جىق بولسا يىرىم يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ،شۇڭا ھازىرچە ئۇنى رازى قىلىشىم كىرەك.سىزنى ھازىرنىكاھىمغا ئالىمەن،لىكىن بىز يىرىم يىلدىن كىيىن ئاندىن بىللە تۇرىمىز....
مىڭەم ئىتىلىپ كىتەيلا دىدى...نىمە گەپلەر بۇ!مەن توقالمۇ ئەمدى؟!كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى،ئەتراپىمدا تۆت تام بىربىرىنى قوغلىشىپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرىدۇ...
قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن،بىر چاغدا ئەسلىمگە كىلىپ كۆزلىرىمنى ئاچتىم،يىنىمدا ئۇ ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك نەپرەتلىك نەزىرىم بىلەن قارىدىم.ئىلگىرى ماڭا قامەتلىك، كىلىشكەن،قىزلارنىڭ كۆزى چۈشكۈدەك كۆرۈنىدىغان ئۇ ئەمدىلىكتە تولىمۇ بەتبەشرە كۆرۈنىۋاتاتتى.
-مەندىن رەنجىگىنىڭىزنى بىلىمەن،لىكىن مەندىمۇ ئامال يوق.
-ئامال يوق؟ بولمىسا ئامالىنى مەن دەپ بىرەي،مىنى ھازىرلا ئايدورومغا ئاپىرىپ قويۇڭ،ياكى مۇشۇ گۆرنىڭ ئىشىكىدىن چىققىلى قويۇڭ!
-ئۇ مۇمكىن ئەمەس،ماڭا ئۆچ بولسىڭىزمۇ،نەپرەتلەنسىڭىزمۇ مەن ھەممىگە چىدايمەن، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئۆيدىن ئايرىلمايسىز،سىزنى رستلا ياخشى كۆرىمەن،لىكىن ھازىر ئايالىم بار،ئاپاممۇ سىزگە كۆڭۈل بەرگىنىمگە بەكلا قارشى، شۇڭا ھازىرقى ئايالىمنى قويۇپ بىرىشكە ئۇنىمايدۇ،لىكىن ئۇنىڭمۇ كۈنى ئاز قالدى.ئاللا خالىسا ئىككىمىز كىيىن ھەقىقى ئەر ئايال بولىمىز.
توۋا،مۇشۇنداق بىر نائەھلىنىڭ ئاغزىدىن ئاللا زىكىر قىلىنىدىكەن.
-ئەمسە مەن بۇرۇنقى دۆلىتىمگە بىرىپ ئوقۇپ تۇراي،بۇ يەردە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يۈرمەي،تەقدىرىمىز قوشۇلغان بولسا يىرىم يىلدىن كىيىن كۆرۈشۈپ قالىمىز،ئ-بۇ گەپلەرنى بىر ياشلىق بالىلارغا دىسەممۇ مىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ كىتىشى ئىنىقلا.لىكىن مىنىڭ  كىچىككىنە ئۈمۈدنىمۇ قولدىن بەرگۈم يوق ئىدى.
-ھىچنەگە بارمايسىز، كۈندە كىلىپ سىزنى كۆرۈپ كىتىمەن،دەم ئالغان كۈنلىرىم ئۆزۈم سىرتقا ئىلىپ چىقىمەن،ھەراس، كومپىيوتىرىڭىز بىلەن تىلىفۇنىڭىز مەندە، ئەمدى تورغىمۇ چىقىشىڭىزغا رۇخسەت يوق،ئەسلى ئاپام سىزنى ئۆزىنى كۈتۈشكە بۇيرۇغان، لىكىن مەن ئۇنىمىدىم،سىز مۇشۇ ئۆيدىلا تۇرۇپ بەرسىڭىز،ھەممە ئىشنى مىنىڭ دىگىنىم بويىچە قىلسىڭىزلا بولدى..
ئىشىك چىكىلىپ ئۇنىڭ مۇز چىراي ئاپىسى كىرىپ كەلدى:
-ئىماملار كىلىۋىتىپتۇ.
ئۇ شۇنداق دەپلا ماڭا بىر سوغۇق قارىۋىتىپ چىقىپ كەتتى.
-بولدى ئەمدى يىغلىماڭ،ئاۋۇ ئىشكاپتا نىكاھلىق كىيىملىرىڭىز تەييار،چىقىپ بىر يۇيۇنىۋىلىڭ،قالغان گەپنى نىكاھتىن كىيىن دىيىشىمىز.
تەلەپپۇزى يەنىلا بۇرۇنقىدەك مۇلايىم،چىرايىدا كۈلكە،ماڭا تولىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىدۇ،بىراق....
بىشىم ئۇرۇپ چىقىۋەتكەندەك ئاغرىيتتى.چىقىپ يۇيۇنۇپ كىرىپ جەينامىزىمدا ئاللاغا يالۋۇرۇپ يىغلىدىم،ئۆتۈندۈم،دىمىسىمۇ ھازىر ماڭا بىردىنبىر ياردەم قىلالايدىغىنى شۇ يىگانە ئاللاھىم...
بىر ئازدىن كىيىن ئۇ تولىمۇ يارىشىملىق بىر قۇر كىيىم بىلەن كىرىپ مىنىڭ پەسكە چۈشۈشۈمنى ئېيتتى. تۇيۇقسىز نىمىلەردۇ ئىسىمگە كىلىپ يۈگۈرەپ دىگۈدەك پەسكە چۈشتۈم،مىھمانخانا ئۆيدە مۇزچىراي "قىيىن ئاپام" بىلەن يەنە بىر نەچچە ئىمام ئولتۇراتتى.
-مەن بۇ نىكاھقا رازى ئەمەس!بۇلار مىنى مەجبۇرلاپ....يىغلاپ ۋارقىراشلىرىم ئۇنىڭ كەڭ ئالقانلىرى ئارىسىدىلا قالدى.ئۇ شىددەت تىزلىكتە مىنى قۇچاقلىغىنىچە ياندىكى ئۆيگە ئىلىپ كىردى:
-ماۋۇ جاھاندا ئادەمگە يۈز بىرەمسىز يوق!كىيىن بەختكە ئىرىشتۈرىمەن دىدىمغۇ!
-قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ئىرىشتۈرىدىغان بەختىڭ!مەن بىلەن نىكاھ ئوقۇيمەن دىسەڭ مىنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىم بىلەن ئوقۇ!...
كاچىتىمغا تەگكەن شاپىلاق بىلەن تەڭلا كەينىمدىكى كارىۋاتقا يىقىلدىم.ئۇ قايتىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن قوللىرىنى ئاستا چۈشۈرىۋىتىپ نىمىنىدۇ ئىسىگە ئالغاندەك ئالدىراش چىقىپ كەتتى.مەن ھەممىنى بىلىپ تۇراتتىم،ئىماملار كەتكەنىدى،لىكىن مەندەك بىر ئاجىزەنى مۇشۇنداق يالغۇز،ياردەمسىزلا تاشلاپ كەتتى...
بارغانسىرى ھالسىزلىنىپ كىتىپ باراتتىم،خۇددى بىرى مىخلاپ قويغاندەك يىقىلغان يىرىمدىن تۇرماي 3 كۈن ياتتىم،ئاغزىمغا بىر تىمىم سۇ تىمىتمىدىم.ئىشىكتىن سۇنۇپ بىرىلگەن تاماقلارغا قاراشقىمۇ رايىم يوق ئىدى.ئۇ نەچچە رەت كىرىپ چىرايلىق گەپمۇ قىلدى،يالۋۇرۇپمۇ باقتى،قاپاق تۈرۈپمۇ باقتى،مەن خۇددى بىر تىرىك مۇردىدەك بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا ياتاتتىم.كاللامدىكى بارلىق ئۇچۇرلار شۇ بىر شاپىلاق بىلەن تەڭ نەلەگىدۇ ئۇچۇپ كەتكەن.مانا بۈگۈن ياتقىنىمنىڭ ئۈچىنچى كۈنى.ئاچلىققىمۇ خىلى بەرداشلىق بەرگۈدەك بولدۇم.لىكىن ئۇسسۇزلۇققا پەقەت چىدىمىدىم.تەلىيىمگە ئۇ يەنە تاماق كۆتۈرۈپ كىردى.ئەمدى يىتىۋەرسەم بولمايتتى،مەن بۇنچىلىك ئاجىز ئەمەسقۇ؟ئاز تولا كاللامنى ئىشلىتەي.
-سىرتقا چىقىمەن.
-خۇداغا مىڭ شۈكرى،ئاخىرى گەپ قىلدىڭىز،ماقۇل، مەن ئىلىپ چىقاي،ئەمسە تەييارلىقىڭىزنى قىلىۋىلىڭ،مەن ھازىرلا كىرىمەن.
ياندىكى ئۆيگە كىرىپ يۈز كۆزلىرىمنى يۇدۇم،قايتىپ كىرىپ كىيىشكە ئۈلگۈرمىگەن يىڭى كىيىملىرىمنى كەيدىم.چاچلىرىمنى يارىشىملىق تارىدىم.
-مانا ئەمدى مىنىڭ ئەسلىدىكى جىنىمغا ئوخشىدىڭىز،قەيەرنى كۆڭلىڭىز تارتىدۇ؟
چىرايىمغا يالغان كۈلكىلەرنى يۈگۈرتۈپ سۆزلىدىم:
-مەن ئويلاندىم،سىز بىلەن قارشىلاشسام زىيان تارتقۇدەكمەن،يەنە كىلىپ بەرىبىر مىنى راھەتكە ئىرىشتۈرىمەن دەۋاتسىڭىز،بوپتۇ مەن رازى.لىكىن ماڭا يىڭى كىيىم،بىر قۇر كۈمۈش زىبۇ زىننەت ئەپ بىرىڭ،ئاندىن شەھەر مەركىزىدىكى ياخشى بىر ئاشخانىغا ئاپىرىپ تاماق ئىلىپ بىرىڭ.
-ئەلۋەتتە  سىزنى مۇنداقلا ئالمايمەندە جىنىم،مەن بۈگۈن بەكلا خۇش!
كۆڭلۈم بىرخىل ئازادىلىك ھەم يەنە بىر خىل تەشۋىش ئىچىدە ماشىنىسىغا چىقتىم،بۇ ئەتراپتا ئاساسلىقى ئەرەپ،تۈرك مىللەتلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقانىدى.ئۆي شەھەر سىرتىغا جايلاشقان بولۇپ بايلار مەھەللىسى دەپمۇ ئاتىلاتتى.
بىرە سائەتلەرچە مىڭىپ،شەھەردىكى ئەڭ داڭلىق كىيىم دۇكىنىغا كىردۇق.ئۆزۈمگە لايىق كەلگۈدەك كىيىملەرنى تولىمۇ ئەستايىدىل تاللاۋاتاتتىم،ئاخىرىدا ئۆزۈم ياختۇرغان پاسوندىكى 2 قۇر كىيىم ئالدىم،ئاندىن ئاياق،سومكا،زىبۇ زىننەتلەردىنمۇ ئالغۇزدۇم.
يەنە ماشىنىنى سىلىق ھەيدەپ خىلى داڭقى بار بىر ئىرانلىق ئاشخانىسىغا ماڭدۇق،مەنزىلگە يىقىنلاشقانسىرى يۈرۈكۈم سىلىپ كىتىپ باراتتى.نىمىلا بولمىسۇن پىلانىم خىلى ئوڭۇشلۇق كىتىپ باراتتى،بىر كۈننى شۇنداق خۇشخۇي،ئوچۇق چىراي ئۆتكۈزگىنىمدىن ئۇمۇ بەكلا خۇشال ئىدى.
تاماق ئۈستىلى تولىمۇ مول ئىدى.لىكىن جىددىيچىلىكتىنمۇ تاماققا رايىم يوق ئىدى.پىلان بويىچىغۇ شەھەر مەركىزىگە،ئادەم ئەڭ قايناق يەرگە ئەكەلگۈزدۈم،ئەمدى قاچىدىغان پىلاننى قىلىشىم كىرەك.تازىلىق ئۆيىنى باھانە قىلسام بولمايدۇ،ئۇ نەگىلا بارسىڭىز سىزنى كۆزۈم كۆرۈپ تۇرسۇن دىگەن،قانداق قىلىش كىرەك...ئۇدۇلۇمدا تاماق ئىلىۋاتقانلارغا كۆزۈم چۈشتى،ئۇلار ھەرخىل قىياملار ئارىسىدىن ئۆزى ياقتۇردىغانلىرىنى تاللاۋاتاتتى.بىز ئولتۇرغان يەرگىمۇ يىراق ئەمەس ئىدى،ئۇ چوقۇم يالغۇز بىرىشىمغا قوشۇلىدۇ.يەنە ئۇنىڭغا ئەركىلەشكە باشلىدىم:
-بۇ خىل قىيام ياخشى ئەمەسكەن،مەن باشقىنى تاللاپ كىلەي ھە.
تولىمۇ جىددى قەدەملەر بىلەن قىيام قويۇلغان يەرگە كەلدىم،ئەتراپنى باشتىلا كۆزىتىپ قويغانىدىم،ئوڭ تەرەپكە سەل ماڭسىلا ئاشخانىنىڭ يەنە بىر بۆلىكىگە چىقاتتى،ئۇ يەردە ئايرىم ئىشىكىمۇ بار ئىدى.
-ئاۋۇ ئۈستەلدىكى ئادەمگە بىرنىمە كىرەك ئوخشايدۇ،بىرىپ سوراپ بىقىڭە،مەن گىپىنى تازا چۈشەنمىدىم.
قىيام تەڭشىگۈچىگە ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەلنى شەرەتلەپ بوش سۆزلىدىم.قىيام تەڭشىگۈچى قولىغا تاماق تىزىملىكىنى ئىلىپ ئۇنىڭ يىنىغا كەتتى.مانا پۇرسەت!ئۇلار ئەمدى سۆزلىشىشكە باشلىشىغا مەن ئاشخانىنىڭ يەنە بىر بۆلىكىگە چىقىپ ئوقتەك تىزلىكتە يەنە بىر ئىشىكتىنمۇ چىقىۋالدىم!پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى.كۆزلىرىم ھاياجاندىن نەملىشىپمۇ ئۈلگۈردى.
ئۇدۇلۇمدا ئۇچرىغان بىرىدىن پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنىنى سوراپ بىلىۋىلىپ،پۇللىرىمنى شۇ يەر پۇلىغا ئالماشتۇردۇم.ئاندىن يەنە باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئايدورومغا كەلدىم.
بىراق بۇ قەدىمىم ئوڭۇشلۇق بولمىدى.ھاۋا شارائىتى سەۋەپلىك مەن بۇرۇن تۇرغان شەھەرگە 2 كۈنگىچە ئايروپىلان قاتنىمايتتى،قىرىشقاندەك پويىز ھەم ماشىنا بىلىتىمۇ تۈگىگەنىكەن.يا بۇ جاينى بىلمىسەم....سوراپ يۈرۈپ ئۇ دۆلەتنىڭ باشقا شەھىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلان بىلىتىنى تاپتىم.توغرا،ئىلگىرى تولۇقتا بىللە ئوقۇغان بىر قىزمۇ شۇ يەردە،شۇنىلا ئىزدەي ئەمدى...
ئۇ شەھەرگىمۇ باردىم،ئالدىن ئالاقىلىشىپ قويغان بويىچە ئۇ قىز ئالدىمغا چىققانىكەن.ئادەتتىكىدەكلا كۆرۈشتۇق.ئاندىن ئىككى ئىغىز لىكىن ئانچە رەتلىنىپ قويۇلمىغان ئۆيىگە باردۇق.مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ تاماكىغا ئۆگىنىپ قالغانىكەن.ئۇمۇ مۇساپىرلىقنىڭ تەمىنى ھارغۇچە تىتىدىمۇ ھىچ ئۇخلاي دىمەيتتى.شۇنداق قىلىپ يىرىم كىچىگىچە  مۇڭداشتۇق.
-ھەراس،بىر چاغدا توي قىلدىم دەۋاتاتتىڭ، يولدىشىڭچۇ؟
-ھە...ئۇ سولاقتا.
-نىمە؟؟؟مۇشۇ يەردىكى سولاقتا؟نىمە بولۇپ؟؟؟
-ۋاي ئاداش،شۇ بۇ يەدە بىز قىزلانىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ ئەمەسمۇ،ئىككى ئاي  ئاۋال تاكاللىشىپ قالغانتۇق،مىنى بىر شاپىلاق سىلىپ ساقچىغا كىرىپ قالدى.ساقچىلار ئەگەر ئەرز قىلساڭ يولدىشىڭ ساڭا 20 مىڭ بىرىدۇ ئۆزى تۈرمىدە ياتىدۇ دىگەنتى،شۇ  تۇرمۇشنى دەپ....
كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم،ئەمدى 20 مىڭنى دەپلا نىكاھلاپ تەگكەن يولدىشىنى سولىتىۋەتسە...ئۇنىڭ گەپلىرىدىن سەسكىنىپ گەپلەشكۈممۇ كەلمەي ئۇيقۇم كەلگەننى باھانە قىلىپ تەتۈر قاراپ يىتىۋالدىم...
ئەتىسى ئەتتىگەنلا بىرىپ بىلەت ئۇقۇشتۇم.تەقدىرىم سەل كاجمۇ مەن تۇرغان شەھەرگە يەنە بىلەت تاپالمىدىم.ئامالسىز شۇ ئاۋارە قىز بىلەن بىللە قايتىپ كەلدىم.
-ئاداش،بۈگۈن بۇ يەردە تونۇشۇپ قالغان بىر نەچچە ئۇيغۇر قىزلار كۆرۈشمەكچىتۇق،سەنمۇ بارە،ھەممىمىز ئۇيغۇرغۇ.
ئويلاپ باقسام بۇمۇ ياخشى ئامالكەن.
كەچلىك سورۇنمۇ باشلاندى،بىراق تازا ئىچىلالمايۋاتاتتىم،ساۋاقدىشىم مىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى:  
-خەپشۈك باللا،بۇياق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم،بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى شەھىرىدىن كەلدى.
-ھە،ئەمسە سىز ئوقۇغۇچىكەنسىزدە ئۇ يەدىن كەلگەن بولسىڭىز؟،-ئارىدىن بىرى سوراپ قالدى،-ئۇ شەھەردە ئىككى تۆت تال ئۇيغۇر بار، ھەممىسى ئوقۇغۇچى دەپ ئاڭلىغانتىم  
بۇ يەردىكى بالىلار مەن تۇرغان شەھەردىكى ئۇيغۇر بالىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى،بۇ يەردە ھەممە قىزلار دىگۈدەك تاماكا،ھاراق بىلەنلا ئولتۇرىدىكەن،ئارىدا مىنىمۇ نەچچە قىتىم زورلاپ مەن ئۇنىمىغاچ مەندىن رەنجىشىپ كىتىشتى.بىر چاغدا سىرتتىن يەنە بىر قىز قولىدا يوغان ئاق رەڭلىك خالتا كۆتۈرۈپ كىرىشىگە سورۇندىكىلەر ھەممىسى چۇقان سىلىشىپ كەتتى:
-ۋوي دىلنۇر،كىچىكىپ كىلىپ گۇنايىڭنى يۇياي دەپسەندە؟مۇشۇلا كامتى بۇ سورۇندا،ھە باللا  يىڭى ياقىلا بولسا تاتىنماي كونىلادىن ئۆگىنىلى،ئوبدان نەسە بۇ!
شۇ گەپلەر جەريانىدا خالتىدىن چىقىرىلغان ئاپئاق ئۇنسىمان نەرسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم...توۋا!مەن تىخى قىزلار بىلەن بىللە ئولتۇردۇم ھە!
ساۋاقدىشىمغا ئۆڭۈپ يۈرۈپ ئاچقۇچىنى ئىلىۋىلىپ قايتىپ كەتتىم.ئۆيگە كىرىپلا تولىمۇ غىرىپلىق ھىس قىلىپ كەتتىم،كۆڭلۈم تارتىپ ئۆز مىللىتىمنىڭ باللىرى دەپ بارغىنىم نىمە بولدى؟
ئۆيدىنمۇ رايىم يىنىپ سىرتقا چىقتىم،بۇ دۆلەتنىڭ ھەممە نىمىسى ياخشى،بىر شامىلىنى ياختۇرمايتتىم،مەن مىڭىش ئالدىدا ئاپام ئاتايىتەن ئىلىپ بەرگەن ئەتلەس شارپامنى تىخىمۇ چىڭ يۆگىدىم.جىنىم ئاپا،سىزنى قاچانمۇ كۆرەمەن؟
خىياللار بىلەن شەھەر مەركىزىگە كەلدىم،يەرلىكلەردىن بىكارچى ئادەم ئۇچراتقىلى بولمايدۇ،ھەممىسى تولىمۇ ئالدىراش،تراملار بىرىنىڭ كەينىدىن  بىرى كىلىشىپ بىكەتلەردىكى تۈركۈم تۈركۈم ئادەملەرنى ئىسسىق ئۆيلىرىگە ئاپىرىدۇ،پەقەت مىنىڭلا ئۆيۈم يوق...
-سىز ئۇيغۇرما؟؟؟
كەينىمدىن كەلگەن ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم ھەم ئىتتىكلا كەينىمگە قارىدىم،ماڭا سۆزلىگىنى سەل قارامتۇلراق،بويلىرى ئىگىز،ئۇچىسىغا ئىسىل كىيىنگەن بىر تىپىك ئۇيغۇر چىراي بىرى ئىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھەئە مەن ئۇيغۇر...
-شۇ،مەنمۇ شارپىڭىزغا قاراپ يا ئۆزبىك يا ئۇيغۇر دىگەن،قارىسام شارپىڭىز بىزنىڭ يۇرتنىڭكىگە ئوخشايدىكەن ئىشلىنىشى...
ئۇنىڭ خوتەن تەلەپپۇزىدىكى مۇلايىم گەپلىرىگە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ جاۋاپ بەردىم:
-ئوقۇمسىز بۇ يەدە؟
-ھە،ياق،ئىشلەيمەن بىر تۈرك ئاشخانىسىدا،مۇشۇ بىكەتنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە،بايام تاماكا چەككىلى چىقىپ قارىسام سىز ئۆتۈپ كەتتىڭىز،چوقۇم ئۇيغۇر دەپ كەينىڭىزدىن مىڭىپ مۇشۇ يەرگە كەلدىم.
ئۇنىڭ قايتا قايتا تەكەللۇپى بىلەن ئاشخانىسىغا كىردۇق.بۇ خىلدىكى ئاشخانىلار كەچلىكى تولىمۇ ئاۋات بولۇپ كىتىدۇ،بولۇپمۇئوتتۇرا ئاسىيالىققا قارىغاندا يەرلىكلەر بەكرەك كىرىشەتتى.
-بىزنىڭ دۈنەر بەكلا داڭلىق،شۇنى يەڭە مەن مىھمان قىلىمەن...
تاماق يىگەچ خىلى پاراڭلاشتۇق،ئۇ تولىمۇ ئوچۇق،ئوڭلۇق بالا ئىكەن،مىنىڭ ھىلىقى ساۋاقدىشىم ھەم باشقا قىزلارنىڭ گىپىنى قىلىۋىدى تونۇمايمەن،مەن پەقەت ساياھەتكە كەلگەن دەپلا گەپنى بۇرىۋەتتىم.
-سىزگە دىسەم،سىزدەك ئوقۇغۇچى قىزلار بەكلا ئاز بۇ دۆلەتتە،ئوقۇشنى بەك قەدىرلەڭ،مەن ئۇيغۇر دىسىلا ھەممىلا قىزلارغا ئىشىنىپ كەتمەڭ،سىز ياخشى قىزكەنسىز،دوست بوپقالايلى،كەلسىڭىز ئىزدەپ تۇرۇڭ.
  ئۆزۈم تۇرىدىغان شەھەردىن ئايرىلغاندىن بىرى ئۇچراتقان ئەڭ ئاقكۆڭۈل بىرى بىلەن ئەڭ تەملىك تاماقنى يەپ بولۇپ،تىلىفۇن نومۇرلىرىمىزنى يىزىشىپ خوشلاشتۇق.
ئەتىسى ئاخىرى بىلەت ئىلىپ مەن قايتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن شەھەرگە يولغا چىقتىم.بۇ شەھەر مىنى يەنە كونا قائىدىسى بويىچە بىر مەيدان يامغۇرى بىلەن كۈتۈۋالدى،ئىلگىرى بۇ يامغۇر ماڭا قانچە زىرىكىشلىك بىلىنگەن بولسا مانا ئەمدى شۇنچە سۆيۈملۈك بىلىنەتتى.
بىكەتكە كىلىپلا ئىلگىرى بىر قىرىنداشتىنمۇ چارە ئۆتۈشكەن دوستلىرىمنى كۆردۈم.مەن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ئالدىن خەۋەر قىلىۋەتكەنىدىم.بىز خلى ئۇزۇنغىچە قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ كەتتۇق....
ئەتىسى سەھەردە ماڭا تونۇش بىر مۇھىتتا كۆزۈمنى ئىچىپ شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتىم.
-ۋاي جىنىم دوستەك،نەچچە كۈن ئۇخلىمىدىڭىزمۇ نىمە؟ساياھەتكە بارىمەن دەپ چىقىپ كەتكەنتىڭىز،بەك چارچاپسىزدە؟
دوستۇمغا كۈلۈمسىرەپ قويدۇم،لىكىن كاللام يەنە خىياللار بىلەن تولۇپ كەتتى،ئىلگىرى تۇرغان ئۆيۈمنى ماڭغۇچە قايتۇرۋەتكەن تۇرسام،ئەمدى نەدىمۇ تۇرامەن؟يەنە ئۆي ئىزدىشىم كىرەك.ئالدى بىلەن مەكتەپكە بىرىپ تىزىمغا ئالدۇردۇم،ئاندىن ئۆي ئىزدەشكە باشلىدىم.چارچاپ قالدىممۇ قانداق ترامغا چىقىپلا سومكامنى يىنىمدىكى ئورۇنغا قويۇپلا ئۇخلاپ كىتىپتىمەن،ئويغانسام سومكام يوق...دىمەك مىنىڭ بارلىق پۇللىرىم،پاسپورتۇم ھەم باشقا قىممەت بۇيۇملۇق نەرسىلىرىم بىر يولىلا يۈتكەنىدى.
بىر ھەپتىگىچە ئۈزۈلدۈرمەي ساقچى ئىدارىسى ھەم قاتناش شىركىتىگە باردىم،بىراق ھەممىسى نەتىجىسىز بولدى.بۇ دۆلەتنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىدە يىنىمدىكى نەچچە يۈز يۈئەن(خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا)بىر ھەپتىگە ئاران يىتەتتى.قانداق قىلىمەن؟؟ ئەمدى يەنە ئۆيدىكىلەرگە پۇل دىيىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى.
ئۈچ كۈنگىچە مەن بارمىغان ئاشخانا،كىچىك تىپتىكى ماگىزىنلار قالمىدى،بىراق ھىچقايسىغا  سائەتلىك خىزمەتچى كىرەك ئەمەس ئىدى،بىرىدىغان پۇلنى دىسەمغۇ پۈتۈن كۈن ئىشلىسەم بولاتتى،بىراق بىرىنجى قىتىم ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپ تارتقان پۇشايمىنىم ئاز بولمىغاچ مىڭ تەسلىكتە ھەل قىلغان مەكتىپىمدىن ۋاز كەچكۈم كەلمىدى.ئاخىرى بىر ئاسىيالىقنىڭ ئاشخانىسىدىن يىرىم كۈنلۈك خىزمەت تاپتىم.بىراق پاسپورتلىرىم تىخى تولۇقلاپ ئىشلىنىپ بولمىغاچ ۋاقىتلىق قارا ئىشچى ھىساپلىناتتىم،ھىچقانداق ھوقۇقۇم بۇ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدالمايتتى.تەلىيىمگە خوجايىننىڭ تونۇشى ئارقىلىق تۇرىدىغان ئۆيمۇ تاپتىم.
شۇ تەرىقىدە يىرىم كۈن ئوقۇپ يىرىم كۈن ئىشلەپ بىر ئاينى غەمسىز ئۆتكۈزدۈم. مۇئاشىمنى ئالىدىغان كۈندىن باشلاپ كۈندىلا ئاشخانىدىن نىرى بولمايدىغان خوجايىن بىر ھەپتىگىچە كۆرۈنمىدى.ئورنىدا ئىنىسى ئاشخانىغا قاراۋاتاتتى.كىيىن خوجايىننىڭ دۆلىتىگە باشقا بىر سودا ئىشى بىلەن كەتكىنىنى بىلدىم.ئىنىسىمۇ ئۆزىنىڭ قارا ئىشچىلارنىڭ مۇئاشىغا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ تۇرىۋالغاچ،بىر ئاي بىكىرىغا ئىشلىگەن بولۇپ ئۇيەردىن ئايرىلدىم.بىر ئاي جەريانىدا ئۈچ ۋاق تامىقىمنى شۇ ئاشخانىدىن يىگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا بىر تىيىنمۇ كىرىم قىلمىغانىدىم.ئۆي پۇلىنى دوستلىرىمدىن قەرز ئىلىپ تۆلەپ،يەنىلا شۇ پەرىشتە سۈپەت دوستلىرىمنىڭ قايتا قايتا  تەكلىپى بىلەن ئارىمىزدىكى ياشقا چوڭ بىر ھەدىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان بولدۇم.ھەدەم ئىجارە ئىلىشقا پەقەتلا ئۇنىمىغاچ ئۆيىدە تۇرۇش ھىسابىغا بالىلىرىغا ئۇيغۇريىزىقىنى ئوقۇپ يىزىشنى ئۆگىتىدىغان بولدۇم.ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يىنىك ھىس قىلىۋاتاتتىم.
قەھرىتان قىشتا تۇغۇلغىنىمغا قارىماي قىش پەسلىنى پەقەتلا ياختۇرمايتتىم،بولۇپمۇ بۇ دۆلەتتە قىش پەسلىدىلا ئەمەس يازدىمۇ قۇياش نۇرىنى كەمدىن كەم كۆرەتتۇق.قىش بولسىغۇ كۈندۈزى 10 لاردا تاڭ ئاتقىنىغا قارىماي چۈشتىن كىيىن 4 لەر بولا بولمايلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتەتتى.بۇ  قىشنىمۇ شۇنداق زىرىكىش ئىچىدە كۈتىۋالدۇق.بۇ يەرنىڭ سوغۇقى بەكلا بولاتتى. شۇڭا مەكتەپتىن كىلىپلا بىر ئىستاكان ئىسسىق قەھۋە ئىچىپ ئۆيدىنمۇ چىقماي ئولتۇراتتىم. شۇ سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاكام(ئۆي ئىگىسى) بىر كەچلىكى ئۆيگە ئەمدىلا 50 تىن ئاشقان بولسىمۇ كىسەللىك ۋە دەرد سەۋەپلىك بالدۇرلا قىرىپ كەتكەن بىر كىشىنى باشلاپ كەلدى.
-بۇ ئاكام ئىككىمىز ئىلگىرى بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان،ئىسمى تاھىر،بۇ شەھەر سىرتىدا ئولتۇرىدۇ،ھەدىڭىز ئىككىمىزنىڭ نىكاسىنى مۇشۇ ئاكام ئوقۇغان سىڭلىم.
ئاكام ئۇ كىشىنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،مەنمۇ خۇددى ئۆز دادام بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشىۋاتقاندەك كۆزلىرىم نەملىشىپ كەتتى،دىمىسىمۇ ئۇ كىشى ياش جەھەتتىن دادام بىلەن تەڭ دىگۈدەكلا ئىدى.
-ھە قىزىم،ئاڭلىسام مەكتەپتە ئوقۇيدىكەنسىز،ھەم بىر كىم مەجبۇرلىمىسىمۇ نامازلىرىڭىزنى تەرك قىلماي كەپسىز،ئاتا ئانىڭىزسىزدىن قانچە رازىدۇ....تاھىر دادام گەپلىرىنى تۈگىتىپ بولالمايلا كۆزلىرىدە چاقناپ قالغان شەبنەمنى بىزدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
ھەدەمگە تولىمۇ قايىل ئىدىم،بەش بالىسى بارلىقىغا قارىماي مۇشۇ دۆلەت شارائىتىدىمۇ ھەممە بالىلىرى ئانا تىلىمىزنى شۇنداق راۋان سۆزلەيتتى،تولىمۇ ئەدەپ قائىدىلىك تەربىيلىگەنىدى،ئۆيىدە ھەر ھەپتىسى دىگۈدەك بىزدەك مۇساپىر ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل تەملىك ئەنئەنىۋى تاماقلاردىن ھۇزۇرلىناتتۇق،ئاكامنىڭمۇ مىھمانلىرى كۆپ ئىدى، لىكىن ھەدەمنىڭ بىرە قىتىم ھىرىپ چارچىدىم دىگىنىنى بىلمەيمەن.شۇ كۈنىمۇ ھەدەم ۋەتەندىلا يىيىشكە نىسىپ بولىدىغان ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى تەييارلىغانىدى،ھەتتا ئۆپكە ھىسىپمۇ بار ئىدى. تاماقنىمۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك يىدۇق.
-بالا چاقىنى تاشلاپ قويۇپ كۆچۈپ كەلگىنىڭىز بولماپتۇ ئاكا،-ئاكام تاماق ئارىلىقىدا سۆز ئىچىپ قالدى،-ئەمدى ئەكىلىۋىلىڭ،ياش چوڭايغانسىرى يالغۇزلۇق ئىغىر كىلىدۇ.
-مەن بۇ دۆلەتكە كەلگىلىمۇ 3 يىل بوپتۇ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بۇ يەردىكى ۋەتەنداشلار ئالدىدا خىجىل بولۇپ بالا چاقامنى شۇ شەھەرگە تاشلاپلا كەلدىم دىدىم،- نىمىشقىكىن تاھىر دادامنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالغانىدى،- سىلەر يات خەق ئەمەس،راستىنى دەي،دەسلەپ بۇ ياشتا چەتتە نىمە بار دەپ كەلگىلى پەقەت ئۇنىمىدىم،لىكىن بالىلىرىم چىڭ تۇرىۋىلىپ،ھەدىسىلا چەتنى ماختاپ ئايالىممۇ قىزىقىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن بار بىساتنى سىتىپ ۋەتەندىكى گۈلدەك تۇرمۇشنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلدۇق،ئىلگىرى نىمىلا دىسەم سىزىقىمدىن چىقمايدىغان ئايالىم،بالىلىرىم بۇ يەرگە كىلىپلا ئۆزگىرىۋالدى،ئۈچ بالىنىڭ ئىككىسى كىلىپ يىرىم يىل بولمايلا مۇشۇ يەرلىك ياشلار نىمە بولسا بىزمۇ شۇ دەپ بىر ئۆزگىرىپلا خىرىستىئان بولۇۋالدى،بۇ يەردە يا بالىلارغا قاتتىقراق تەگكىلى بولمىغان،ئازراق گەپ قىلىپ بولغۇچە ساقچى ئىزدەپ كەلگەن.لىكىن يەنىلا تەربىيەنى توختاتمىدىم،كىيىنچە ئايالىمغا نىمە بالا تەگدى تۇرۇپلا ھە دىسىلا بالىلارغا يان بىسىپ مەن بىلەن تاكاللشىدىغان بولىۋالدى،بىر كۈنى تاماق يەپ ئولتۇرۇپ بالىلارغا سەل ئىغىر گەپ قىلىپ قويۇپتىم،ئايالىم مۇشۇ ياۋروپادىمۇ مەن مۇسۇلمان،دىنىم ئىسلام دەپ يۈرەمسىز ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرۈپ دىۋىدى،ئاچىچىقىمدا ئەزەلدىن قول تەگكۈزۈپ باقمىغان ئايالىمنى بىر شاپىلاق سالدىم.ئەتىسىلا ئايالىم ئىككى بالىنى ئىلىپ باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كەتتى،دىيىشىچە ئۇلار بۇ دۆلەتكە  ئەركىن ياشىغىلى كەپتۇمىش،ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا يىنىمدا قالغان بىرلا قىزىممۇ ئاپىسى بىلەن ئاكىلىرىنى سىغىنغاننى باھانە قىلىپ  ئۇمۇ كەتتى...مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە كۆڭۈل ئاغرى تارتىپ باقمىغان ئادەم مۇشۇ ئىش بىلەن ئاغرىپ يىتىپلا قالدىم...يىقىندا مۇشۇ شەھەر سىرتىدىن ئۆي چىقىپ قىلىۋىدى،كۆچۈپلا كىلىۋالدىم...-بۇ جەريانلارنى ئاڭلاپ بولغۇچە يالغۇز تاھىر دادامنىڭلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەنىدى...
شۇنىڭدىن كىيىن تاھىر داداممۇ بۇ ئائىلىنىڭ دائىملىق مىھمىنىغا ئايلاندى،مىنىڭ كۈنلىرىممۇ شۇ بىر تەرىقىدە ئۆتۈۋاتاتتى.بىراق نىمىشقىدۇ ئاتا ئانامنى،ئۇرۇق تۇغقانلىرىمنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك سىغىنىدىغان بولۇپ قالغانىدىم.
ئۇزۇن ئۆتمەي تىنىق كۆلدەك بىر خىل رىتىمدا كىتىپ بارغان تۇرمۇشۇمغا يەنە تاش ئىتىلدى.
ھەدەم بالىلارنى ئىلىپ ۋەتەنگە ئۈچ ئايلىق كەتتى،ئاكام قانچە قىتىم ئۆزىنىڭ تاھىر دادامنىڭ ئۆيىگە كىتىدىغىنىنى دەپ مىنىڭ شۇ ئۆيدە تۇرىۋىرىشىمنى ئىيتسىمۇ لىكىن يەنىلا مىڭ جاپالاردا ئۆي تىپىپ كۆچۈپ كەتتىم،چۈنكى ئاكامنىڭ دۇكىنى بىلەن تاھىر دادامنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 2 سائەتلىك يول ئىدى.ئۆزۈمنى دەپ ئاكامنى جاپادا قويسام بولمايتتى.
كىچىكىمدىن بىرلا بالا بولغاچقىمۇ تولىسى يالغۇزلۇقنى خالايتتىم.شۇڭا يىڭى ئۆيۈم گەرچە سەل كىچىك بولسىمۇ لىكىن كىرەكلىك نەرسىلەر ھەممىسى تولۇق ئىدى،بۇ مەھەللە ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاجرىتىپ بىرىلگەنىدى،شۇڭا خوشنىلىرىم ھەممىسىلا ھەر يەرلەردىن كىلىپ يىقىن ئەتراپتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىدى،ئۇلار بىلەنمۇ شۇنداق تىز چىقىشىپ كەتتىم.ئارىسىدا يىرىمىدىن كۆپرەكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىدى،شۇڭا تولىسى بىللە تاماق قىلىپ يەيتۇق.
بىر كۈنى ئادەتتىكىدەكلا مەكتەپتىن قايتىپ قەھۋە دەملەپ تۇرۇشۇمغا تىلىفۇنۇم جىرىڭلاپ قالدى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟
-ھە،مەن بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بۇ دۆلەتكە يىڭى كەلگەن،ئىسمىم ئالىيە،ھازىر ئايردورومدا،ئالدىمىزغا ئالغىلى چىققان بىر خەنزۇ بالا ئىلگىرى كەلگەن ئۇيغۇر قىزلارنى مۇشۇ يەردە ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىز كۈتۈۋالىدۇ دەپ سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى دەپ بەرگەن...
دىمىسىمۇ بۇ دۆلەتتە بىزدەك ئوقۇغۇچىلارغا ئۆي تىپىش تەس بولغاچقا ئىلگىرى يىڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوغۇللارنى ئاساسەن بۇ يەردىكى دوستلىرىم ئورۇنلاشتۇراتتى،مەن قىزلارغا مەسئۇل ئىدىم،ئۇ چاغلاردا دوستلىرىم چاقچاق قىلىپ مەن تۇرغان ئۆينى <تەڭرىتاغ مىھمانسارىيى> دەپ ئاتىشاتتى.
-بولىدۇ،مەن 20 مىنۇتتا بارىمەن،سەل كۈتۈڭ.تىلىفۇننى قويۇپلا سىرتقا يۈگۈردۈم،يۈرۈگۈم خۇشاللىقتىن يىرىلىپ كىتەيلا دىگەنىدى،شۇ تاپتا مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،بارلىق خۇشاللىقىم،كۈلكىلىرىمگە گۇۋاھچى شۇ سۆيۈملۈك شەھەردىن كەلگەن بىرى مىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ....
ئۆيگە كەلگۈچە ئۇ قىزغا بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەم باشقا تەپسىلاتلارنى تونۇشتۇرۇپ چىقتىم، قىزمۇ پاراڭ جەريانىدا سىرىق بويالغان بۈدرە چىچىنى بىردەم بىردەم ئوڭشاپ قوياتتى، ترامدىن چۈشۈپ بولغۇچە نەچچە قىتىملاپ يەنە قانچىلىك ماڭىدىغىنىمىزنى سوراپ بولدى.چارچىغان بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم،ئەمما ئويلىغىنىمدەك ئەمەس ئىدى.
-چاقماق بارمۇ يىنىڭىزدا؟-ئۇ قىز ترامدىن چۈشۈپلا سوراپ قالدى.
-ياق...نىمە قىلاتتىڭىز چاقماقنى؟؟
-ھە،چاقماقنى ئايروپىلانغا ئىلىپ چىققىلى بولمىغاچقا ئالمىغان،بەكلا تاماكا چەككۈم كىلىپ كەتتى،ھىلىمۇ ئايروپىلاندا 10 سائەت چىدىدىم...
دەسلەپكى خۇشاللىقلىرىم نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتتى،ئۇنىڭ قىنىق گىرىم قىلىنغان چىرايىغا يەنە بىر قۇر قاراپ چىقتىم،بەك چوڭ بولسىمۇ مەندىن ئىككى ئۈچ ياش چوڭدۇ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،يىشىنى سوراپ بىقىش مەقسىتىدە سورىدىم:
-سىزنى ھەدە دەپ چاقىرسام بولامۇ ياكى؟
-ھە مەن 90-يىلنىڭ،سىزچۇ؟
كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم،ئۇ قىز مەندىن توپتوغرا 4 ياش كىچىك ئىدى.
-مەن سىزدىن سەل چوڭكەنمەن،-شۇنداق دەپلا گەپنى تۈگەتتىم.
ئۆزۈم ئارزۇلىغان يالغۇز تۇرمۇش بىلەن خوشلاشقىنىمغا ئانچە خۇش بولمىساممۇ،ئۆي ئىجارىسىنى بىللە تۆلىگۈدەك بىرى چىققىنىغا خۇش ئىدىم.ئۇ كۈنىمۇ ئادەتتىكىدەكلا مەكتەپتىن يىنىپ كەلسەم ئۇ قىز ئالدىراش نەرسە كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقانىكەن.
-سىرتقا چىقامسىز؟
-ھە،يەنە بىر شەھەردە دوستۇم بار ئىدى،توردا بۈگۈن پاراڭلاشسام بەك كەل دەپ كەتتى،بىرىپ كىلەي دەيمەن،بىر ھەپتىلەردە كىلىمەن...
ئالىيە كىتىپ 3 كۈنگىچە ئالاقىلاشمىدۇق،3-كۈنى كىچە سائەت 1 لەرگە يىقىن ئالىيەدىن تىلىفۇن كىلىپ قالدى،بۇ كىچىدە تىلىفۇن قىلغىنىغا ھەيران بولۇپ تىلىفۇننى ئالدىم:
-مەن بۇ يەردە ئوغرىغا يولۇقتۇم،يىنىمدا بىر تىيىنمۇ يوق،كىتەلمەيۋاتىمەن،ماڭا پۇل سىلىپ بەرسىڭىز،ئەتىنىڭ بىلىتىنى ئالاي دىگەن،يەنە بۇ يەردىكى دوستۇمغا قەرز ئىدىم،ئۇ پۇلىنى سوراۋاتىدۇ،مىڭغا يىقىن سىلىپ بىرەمسىز...پۇلنى قايتىپ بىرىپ ئۆيدىكىلەرگە پۇل سالدۇرۇپ قايتۇرۇپ بىرىمەن...
ئۇ تىلىفۇننى ئىلىشىمغىلا گەپ باشلاپ كەتتى.تەلەپپۇزىمۇ بەك جىددى ئىدى.لىكىن يىنىمدا ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق ئىدى،شۇنداقتىمۇ ئامالىنى قىلىپ بىرىدىغىنىمنى ئىيتىپ تىلىفۇننى قويۇۋەتتىم.بىراق خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئۇ قىزدىن ئەنسىرەپ ئۇيقۇممۇ كەلمىدى.ئەتىسى ئەتتىگەندىلا دوستۇمغا تىلىفۇن قىلىپ ماڭا پۇل كىرەك بولۇپ قالغىنىنى ئىيتىپ پۇل سورىۋىدىم،ئۇمۇ كۆپ سورىمايلا ماقۇل بولدى.پۇلنى ئالىيە دەپ بەرگەن كارتا نومۇرىغا سىلىۋىتىپ خۇددى يەلكەمدىن ئىغىر يۈكنى ئىلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.ئۇ قىزغا ياردەم قىلالىغىنىمدىن خۇشال ئىدىم.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئالىيەدىن ھىچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدىم،تىلىفۇنىمۇ 24 سائەت ئىتىكلا تۇراتتى.قىرىشقاندەك ئۇ قىزغا بەرگەن پۇلنى دوستۇمغا بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنىدىم...لىكىن ئۇ بىر ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى،ئالىيەدىن خەۋەر يوق.
ئىچىم تىتىلداپ كىتىپ باراتتى،تۇرۇپ ئالىيەگە بىرە ئىش بولغاندىمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم.ئاخىرى ئۆيدىكىلەر پۇل سىلىپ بىرىشى بىلەنلا دوستۇمنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردىم.
شۇ كۈنلەردە نىمىشقىدۇ تولا ماغدۇرسىزلىنىپ،بىشىم قايىدىغان بولۇپ قالدىم،تۇرۇپ تۇرۇپ ئاشقازىنىم مۇجۇپ ئاغرىيتتى،دەسلەپتە سەل كۆنەلمىسەممۇ كىيىنچە كۆنۈپمۇ قالدىم،ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۈندىلا بىشىمنىڭ يىرىمى توختىماي ئاغرىيدىغان بولۇۋالدى.
ئۆيدىن سىلىپ بەرگەن پۇلنى دوستۇمغا قايتۇرۇپ بەرگەچكە يىنىمدا تۈزۈك پۇل قالمىغانىدى،يەنە ئىش ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇم.قىرىشقاندەك بىزدەك چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىش چىقمىغىنى...
بۇ دۆلەتتە ئەر ئاياللار باراۋەرلىك سەۋەبىدىنمۇ كۆپىنچە ئەرلەر قىلىدىغان ھەممە ئىغىر ئىشلارنى ئاياللار قىلىۋىرەتتى.مەنمۇ ئاخىرى بىر شىركەتتە يۈك توشۇيدىغان خىزمەت تاپتىم.گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ئۆز تۇرۇمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن چىدىشىم كىرەك ئىدى.ھاۋامۇ مەن بىلەن قىرىشىپ بارا بارا سوۋۇپ كەتكەنىدى،شىمالى ياۋروپا بولغاچقىمۇ قىش كۈنلىرى بەكلا سوغۇق بولاتتى.
شۇ تەرىقىدە يىرىم كۈن ئوقۇپ يىرىم كۈن يۈك توشۇدۇم،خىزمەت ئورنىم يىراق بولغاچقا دەرستىن چۈشۈپلا مىڭىشىمغا توغرا كىلەتتى.تاماق يىيىشكىمۇ ۋاقىت يوق ئىدى.قىش كۈنلىرى سائەت 3 لەردىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە ئۆيگە كىلىپ بولغۇچە ھىچنىمىنى پەرق قىلغىلى بولمىغۇدەك قاراڭغۇ بولۇپ كىتەتتى.
بارا بارا بىر ئۆمۈر مەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ،پەقەت مەن ئۈچۈنلا بارلىق ياشلىقىنى،ئۆمرىنى سەرپ قىلغان ئاتا ئانامنىڭ قەدرىگە يىتىشكە باشلىدىم.مۇمكىن بولسا ھازىرلا ئۇچۇپ بىرىپ بىرە ۋاق ئىسسىق تاماق ئىتىپ بەرسەم،بىردەم بولسىمۇ جاپادا ئىگىلگەن بەللىرىنى تۇتۇپ قويسام...
ئۇ كۈنىمۇ ئادەتتىكىدەكلا ئىشتىن يىنىپ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ،تاماق ئىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ چارچىغىنىمدىن ئادەتتىكىدەكلا بىر ئىستاكان قەھۋە دەملەپ بىر كۈنلۈك تاماق ۋەزىپەمنى تۈگەتتىم.بىراق ئاشقازىنىم،بىشىم بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئاغرىپ كىتىپ باراتتى،ئاغرىقنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئۇخلىماقچى بولدۇم.لىكىن ھىچ ئۇيقۇم كەلمەيتتى.ئاغرىقىم بارا بارا كۈچىيىشكە باشلىدى،قىرىشقاندەك ئوڭ بىقىنىم قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى،ئۇ ئاغرىققا ھىچنىمە توغرا كەلمەيتتى.ئاخىرى چىداپ دوستۇمغا تىلىفۇن قىلىپ،ھازىرلا كىلىشىنى ئىيتىپ تىلىفۇننى قويۇۋەتتىم،كارىۋاتقا چىقىپ تۈگۈلۈپلا قالدىم....نىمىشقىكىن كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كىتىپ باراتتى،ئاغرىقنىمۇ بارغانسىرى ھىس قىلالمايۋاتاتتىم....
بىر چاغلاردا ئەتراپىمدا كىملەنىڭدۇ پاراڭلىرىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم،يىنىمدا دوستلىرىم تۇراتتى،ئۇلاردىن ئاشقازىنىمنىڭ قاناپ كەتكىنىنى،يەنە سوقۇر ئۈچىيىمنىڭمۇ ياللۇغلىنىپ كەتكىنىنى ئاڭلىدىم.دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئاشقازىنىمنىڭ قانىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى روھى جەھەتتىكى جىددىيچىلىكتىن ئىكەن،مەندە يەنە ئىغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،چارچاش بار ئىكەن.دوختۇرخانىدا خىلى بىر كۈنلەرگىچە يىتىشىم شەرت ئىدى.كۈندە دىگۈدەك ھەرخىل ئوكۇل،دورىلار ماڭا ھەمرا...ئۆزۈمگە يۈز كىلەلمەيتتىم،دۇنيانىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى ئۈچۈن،كىيىنكى ئىستىقبالىم ئۈچۈن دەپ شۇنچە يىراق جايدا تىپىرلاپ يۈرۈپتىمەن،ئائىلە خۇشاللىقى،تىنچ تۇرمۇشنى نەچچە قات ئاسماننىڭ نىرىسىغا چۆرىۋىتىپ،مۇساپىرچىلىقتا ھالسىرىدىم،ئىلگىرى ماڭا جەننەت بىلىنگەن چەتئەل تۇرمۇشى ئەمدى شۇنچىلىك مەنىسىز،زىرىكىشلىك بىلىنىۋاتاتتى،ئۆزۈمنى بارغانسىرى بىر نورمال ئادەم ئەمەس بەلكى ماشىنا ئادەمگە ئوخشىتىپ قىلىۋاتاتتىم...
تۇرۇپ ئويلاپمۇ قالىمەن،ھەممىمىز بۇ دۇنياغا قۇرۇق قول كىلىمىز،لىكىن ئۇ دۇنياغا كىتىشتىن بۇرۇن بار ئۆزىمىزدە بار بولغان شۇ ئاددى بەختنى قۇربان قىلىپ ئۆزىمىزگە نامەلۇم بولغان بىر مەۋھۇم بەختنى ئىزدەپ بىر ئۆمۈر تىپىرلايدىكەنمىز،بايلىق غەزىنىمىزنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەرنىمىلەرنى قىلىشتىن يانمايدىكەنمىز،لىكىن ئۇ دۇنياغا يەنە قۇرۇق قول كىتىدىغىنىمىزنى ئويلاپمۇ قويمايدىكەنمىز،ئاخىرىدا ئەزرائىل كەلگىنىدە ئىلكىمىزدىكى بايلىقلارغا،بىز ئىگە بولغان بارلىق دۇنيالارغا تارتىشساقمۇ يەنىلا باقىيغا سەپەر قىلىدىكەنمىز...ئويلىغانسىرى چارچاپ كىتىپ باراتتىم...ئەمدى ئويلىماي،بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالاي...  

مەنبە  : ئۆزۈم

مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 01:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسىز،(ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغىچە،ئۆزيۇرتۇڭدا ئۇلتان بول) دەپ بىكار ئېيتىلمىغان .
تاشمۇ ئۆزىنىڭ چۇشكەن يېرىدە ئەزىز ،لىكىن ھاياتنىڭ قاينىمىدا ئۇزۇپ يۇرگەن چاغدا بۇنى ھىس قىلالمايدىكەنمىز .
ھىس قىلغاندا بولسا ئاللاقاچان كېچىككەن بۇلىدىكەنمىز،خۇددى (ھايات دىگەن ئەنە شۇ) دىگەن ناخشىغا ئوخشاش.

ئاللاھ، ھەممە مۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56568
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 871
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2011-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 02:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5667
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 3228 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 08:48:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدا بۇيرۇسا ئىشلىرىڭىز ئاسان بۇلۇپ كىتەر. ئاۋۇ ئادەم سياقىدىكى ئويغۇر بالا بىلەن سىزدىن پۇل سورىغان ئالدامچىنىڭ قىلغانلىرى ئۆزىگە يانا .
سىزمۇ بەك بىخەستەلىك قىلىپسىز ،ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن بىلەنمۇ ئالدىراپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارمايدىغان گەپتى(تېخى ياش پەرقىمۇ راۋرۇسلا باركەن ،ئىنقلا بىر توي قىلغان ياكى ئاجرشىپ كەتكەن دەپ پەرەز قىلغانتىم 15 ياش چوڭ دىگەنى كۆرۈپلا). يېىلىمۇ خېىلى ئاسانلا قۇتۇلۇپسىز.
كېينكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەگەر يەنە باشقىلار ئاشۇ يەرگە ئوقۇشقا بېرىپ قالسا كەچۈرمۈشلىرىڭىزنى دەپ بىرىپ ئۇلارنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ قۇيۇڭ. مەن ھازىرغىچە چەتئەلدىكى ئويغۇرلارنى بىر -بىرىگە كۈيۈنۈپ شۇنداق ياخشى ئۆتىدۇ دەپلا ئويلايتىم ،ئارسىدا تېمىدا تىلغا ئېلىنغاندەكلىرىمۇ باركەن
http://jeckblog.com     ماۋۇ بىلوگدا چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار توغۇرلۇق ئۇچۇرلار بار ،سىزگە پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
KFC,MCDONALDS,DICOS.... لار مۇسۇلمانچە ئەمەس يەپ سالماڭ.

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

سەن سەن بولغىن،ھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48999
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3161
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1928 سائەت
تىزىم: 2011-7-24
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 10:25:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(crazysoul110) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

رەھمەت دوستۇم، چەتئەلدە ھەقىقەتەن بىر تۇغقان قىرىنداشلاردەك ئۆتىدىغانلارمۇ بار،ماڭىمۇ شۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپ ياردەملەرنى قىلغان،لىكىن ھەممىلا يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت،ياخشىمۇ بار يامانمۇ بار...سىزگە رەھمەت...

مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64306
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2190
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 02:53:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە دەپسىز، بۇ توقۇلمىمۇ ياكى ھەقىقى ۋەقەمۇ؟ «ھىكايە» دىگىنىڭىزدىن توقۇلمىمىكىن دىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64306
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2190
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 03:12:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە بار ئىكەنسىز بولمىسا، ساقلىسام جاۋاپ بولمىدى. ۋاقتىڭىز چىققاندا ئىزاھلاپ قويارسىز. ئەسەرنى خېلى ياخشى يېزىپسىز بولمىسا. «تەسىرلىك» دەپ باھالىۋەتتىم بولمىسا.

سەن سەن بولغىن،ھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48999
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3161
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1928 سائەت
تىزىم: 2011-7-24
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 04:01:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(dilnijat) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئاساسەن تۇرمۇشۇمدىكى ھەقىقى ئىشلار

مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1605
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1304 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 10:54:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز...
بۇ ھىكايىڭىزنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيتى خىلىلا چوڭقۇركەن،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

سىنىڭ شاتلىغىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزاق،
مىنىڭ قايغۇلىرىم چەكسىزدۇر بىراق.
ھەم ئۇنىڭغا ھەم بۇنىڭغا تايانما چۈنكى،         ھەممىنى بۇپەلەك قىلۇر ئويۇنچۇق.

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 01:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات دېگەن شۇنداق ئەگرى-توقاي، گەپ سېنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىڭدا. ھەقىقەتەنمۇ تەربىيۋى ئەھمىيەتلىك بىر تىما بوپتۇ.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش