مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 673|ئىنكاس: 18

ئوقۇتقۇچى كىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 161
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 04:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يازمامغا‹‹ئۇقۇتقۇچى كىم؟›› دەپ تېما قويسام بەلكىم سەل مەۋھۇمدەك چۈشەنچە بېرىپ قۇيار.لىكىن ئۇقۇتقۇچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ئىزدەنگۈم كىلىپ قالدى.100مېتىر يېراقلىقتىن سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان،ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى بولغان،كەلگۈسى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بولغان،سۇيۇملۈك ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ،مىھرىبان باغۋەنلەرنىڭ،جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ كىملىكىنى؛تەشۋىقات،ئېغىزدىكى قۇرۇق ماختاشلاردىن ئەمەس؛رىيال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئىزدەنگۈم كەلدى.ئۇنداق بولسا بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ چىقايلى.
     بىرىنچى شەخس تىلى بىلەن بايان قىلاي:مېنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كېنىشكامدا‹‹ئالى مەكتەپ››دەپ بار.بۇ مېنىڭ ئالى مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ،گەپنى مېنىڭ ئىشخانامدىن باشلاي:ئىشخانام بىز ئولتۇرىۋاتقان بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدە يەنى شۇ بىنانىڭ ئەڭ ئۈستى ھەم ئەڭ چېتى،مەكتىپىمىزدىكى ئىشخانىلار ئىچىدە جايلىشىش ئورنى جەھەتتىن ئەڭ ناچىرى،قىزىقارلىق يېرى شۇكى يازدا ئىسسىق،قىشتا سوغوق.بالىلىق ئۆي بازا،بالىسىز ئۆي مازا دىگەن تەمسىل مەكتىپىمىزدىكى ئىشخانىلارغا  خېلە ماس كىلىپ قالىدۇ.بىزنىڭ ئىشخانىدا توققۇز نەپەر ئۇقۇتقۇچى بىر ئىشخانىدا ئىشلەيمىز.دەرسى يوق دەپ ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەن ،دەرۋازىۋەن،ياتاق باققۇچى بۇلۇپ كەتكەن ئۇقۇتقۇچىلار ، سالاھىتى ئەسلىگە كىلىپ قايتىپ كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپىيىپ كېتىمىز،توققۇزىمىز ئىشخانا تىنچلىقى ئۈچۈن مىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ مەغلۇپ بولىمىز ،بىزگە دەرس تەييارلاش،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش.....دىگەندەك خىزمەتلەرگە تىنچ مۇھىت لازىمتى تولىمۇ ئەپسۇس بۇ بىزدە يوق. مەكتىپىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچى ئەمەسلەرنىڭ ئىشخانىسى ئۇنىڭ ئەكسىچە بىر ئىشخانىدا بىردىن،ئىككىدىن ئېشىپ كەتسە ئۈچتىن ئىشلەيدۇ،بەزىلىرى بىر جېنىغا ئىككى ئىشخانا ئېلىۋالغانلارمۇ خېلە بار.بونداق دىسەم بىز باشلىق بولغاندىكىن ،ھوقۇق جەھەتتە ئۈستۈن بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ دىيىشى مۇمكىن،شۇنداق بولىشى ھەق دىگۈچىلەر ئاز ئەمەس. ،ئەمدى گەپنى خىزمەت ئۈستىلىمدىكى كومپىيوتىرغا يۆتكەي. سېپى ئۆزىدىن 90-يىللارنىڭ مەھسۇلاتى شىنجىياڭغا  ئېغىزلار بويىچە ياردەم بېرىش باشلانغاندا شاڭخەيلىك كەسىپداشلار ياردەم قىلغان.ئەگەر ئۇ كومپۇيوتىردا  ھازىر مەشغۇلات قىلسىڭىز بىرىنچى كەڭرى ۋاختىڭىز ئىككىنچى يۈكسەك سەۋرىچان بولىشىڭىز لازىم.ئۇنىڭ ئەكسىچە مەكتىپىمىزدىكى ئەڭ ئاددى مەمۇرنىڭ ئۈستىلىگە قارىسىڭىز كىرىستال ئېكرانلىق ئەڭ ئىلغار كومپىيېتىرلارنىڭ بىكار ئۇيۇن ئۈچۈن خوراۋاتقىننى كۆرىسىز.بۇنداق كىچىك تەپسىلاتلار بايان قىلىپ خېلە كۆپ ئەقىللىق ئۇقۇرمەننىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇم يوق.پىكىرنى يۆتكەيكى،ئۈتۈپ كەتكەن بىرقانچە يىللاردا ئېلىمىزدىكى رەھبىرى كادىردىن تارتىپ ئەڭ تۆۋەن خىزمەتچىگە قەدەر ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارشى››نى ئۈگىنىپ ئۆتتۇق،مەكتىپىمىزدىمۇ بىرقانچە رەت ئۈگىنىپ ،يۇقىرى ئۇرۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشىدىنمۇ مۇھاپىقىيەتلىك ئۆتتى.‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارشى››ھەممە ئۇرۇنلارنىڭ خىزمەتمەتلىرىدىكى يىتەكچى ئىدىيەسى بولىشى ،خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك ئىدى،مەيلى خىزمەت ۋە باشقا ئىشلاردا بولسۇن قانۇنيەتكە ھورمەت قىلىش،ئىلمىيلىكنى چىقىش قىلىش،تەرەققىياتنى ئاساس قىلىش مۇشۇ ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارشى››نىڭ مۇھىم مەزمۇنى .يەنە كىچىك تەپسىلاتلاردىن گەپنى باشلىسام؛ئەگەردە بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلار تەتىل قىلمايدۇ،مەكتەپتىكى مەمۇرى خادىملار تەتىل قىلىدۇ دىسەم ئىشىنەمسىز؟مەكتەپتىكى بارلىق قائىدە تۈزۈملەر ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈنلا چىقىرىلغاندەك مەيلى مائاشنى تۇتۇش بولسۇن،چارە كۈرۈلۈپ جازالىنىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇقۇتقۇچىلار كۆپ دىسەم ئىشىنەمسىز؟مەن ئۆزەمنىڭ بىر قېتىملىق دەرس ئۈتۈشىمنى بايان قىلىپ بېرەي:ھېلىقى باشتا گېپىنى قىلىپ بەرگەن تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانامدىن چىقىپ يەنە بىر بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىگە دەرس ئۆتكىلى ماڭىمەن،بەزىدە ئىككى سائەت بەزىدە تۆت سائەت،بەزىدە سەككىز سائەت(بىر كۈندە) دەرس ئۈتىمەن، دەرس ئارلىقى دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئىشخانىغا قايتىپ كەلگىلى بولمايدۇ،ۋاقىت يەتمەيدۇ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەم ئېلىش ئورنى يوق،دەرس سۆزلەپ ئېغىزلار شالدەك قۇرۇپ كەتكەن،ئىچەي دىسەك چاي ئورنىدا تازلىق ئۈيدىكى تۇربىدا سۇدىن باشقا نەرسە يوق،ئامال نەچچە ئۇقۇغۇچى يوق يەرگە بېرىپ ئاچچىق تاماكىدىن بىرنى چىكىمەن .يەنە قوڭغۇراق چېلىندۇ يەنە دەرسخانىغا ماڭىمەن.
    بىر ئۇقۇتقۇچى زادى مەكتەپتە كىم؟ئۇ مەكتەپنى مەكتەپ قىلىپ تۇرغۇچى،مەكتەپنىڭ چاقىنى ئالغا سىلجىتقۇچى كۇچ.مائارىپنى،مىللەتنى گۈللەندۈرگۈچى.شۇنداقلا ئۇمۇ ھېسياتلىق بىر ئادەم.ئۇمۇ مەكتەپتە ئۆز ئەجرىگە چۇشلۇق ئورۇن ۋە ئىمتىتازغا ئىگە بۇلۇش كېرەكمۇ ئەمەسمۇ؟خىيالىمغا ئىلىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەسرى‹‹غەرىپكە ساياھەت››كىلىپ قالدى.بۇ ئەسەر ئىلىمىزدىكى ھەممە ئادەملەرگە تۇنۇشلۇق،تاڭ سىڭ،سۇن ۋۇكۇڭ،قۇ باجې،شا خېشاڭ،تاڭ سىڭنىڭ ئېتى بۇلار غەرىپكە بېرىپ نوم ئەكىلىشكە ماڭغان بىر كوللىكتىپ.بۇلارنىڭ كىملىكىگە قاراپ باقايلى؛تاڭ سىڭ _ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلىسەك بۇ كوللىكتىپنىڭ باشلىقى.قالغانلار مۇشۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.سۇن ۋۇكۇڭ_گوروپپىدىكى ئەڭ ئەقىللىق،ئەڭ باتۇر،ماھارەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان پىرسۇناژ.جۇ باجې_يەپ تويمايدىغان ئاچكۆز،خۇتۇنپەرەس،شەخسىيەتچى،ئەتىگەندىن كەچكىچە يىسەم،ئىچسەم،ئوينىسام دەيدىغان بىر پىرسۇناژ.شا خېشاڭ_جاپاكەش،ئاق كۈڭۈل،سادىق بىر شەخس.تاڭ سىڭنىڭ ئېتى_ ئۇ ئەسەردە تاڭ سىڭ ئۈچۈن ئات ئورنىدا خىزمەت قىلىش بەلگىلەنگەن.ئەقىللىق ئۇقۇرمەن ئوبدان ئويلاپ باقساق،مۇشۇ ئەسەردىكى بۇ پىرسۇناژلار ئوبرازلىرى كۆز ئالدىمىزغا بىر جەمىيەتنى،جەمىيەتنىڭ تۈزۈلۈش قۇرۇلمىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ،ئەگەر مۇشۇ گوراپپا سۇن ۋۇكۇڭدىن ئايرىلسا ھىندىستانغا بېرىپ نومنى ئەكىلالىشى مۇمكىن ئەمەس،لىكىن ئەسەردە ئەڭ كۆپ جازالىندىغان،گوروپپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىغان ،بېشىغا چەمبىرەك سېلىپ باشقۇرۇلدىغان ،ئەڭ جاپاكەش يەنىلا سۇن ۋۇكۇڭ.
     خوش ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى؛مەيلى ئۇقۇتقۇچىنىڭ كىملىكى ،مەيلى باشقا كەسىپتىكى ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ كىملىكى بولسۇن،بۇلارنىڭ كىملىكى رىئالنى جەمىيەت تەرپىدىن ئېتراپ قىلىنىپ ئۆز ئىززەت ھورمىتىنى تېپىشى كېرەك!بۇنىڭ ئۆزى ئەسلى قانۇنيەت.ئەپسۇس بۇ قانۇنيەتكە بىزنىڭ بۇ جەمىيىتىمىز كىشىلىرى ھورمەت قىلمايۋاتىدۇ ياكى قىلمايۋاتىمىز،كىملىكنىڭ ھورمەت قىلىنىشى؛ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلغانلىقى.
     ئاللا! تاس قاپتىمەن دەرسكە كېچىكىپ قالغىلى،مەن ئۇقۇتقۇچى بولغاندىكىن يەنىلا دەرسىمنى ئۆتەي.

           مەنبە:ئۆزۈم

مۇيۇنچۇر

فىلىم ئشلەش ھەۋە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4262 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 07:17:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتىپىمىزدىكى ئەڭ ئاددى مەمۇرنىڭ ئۈستىلىگە قارىسىڭىز كىرىستال ئېكرانلىق ئەڭ ئىلغار كومپىيېتىرلارنىڭ بىكار ئۇيۇن ئۈچۈن خوراۋاتقىننى كۆرىسىز.

ما گەپنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار  مۇشۇ  يازلىق تەتىلدە مەن مەكتەپتىكى مۇئەللىمىمگە ياردەملىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قېلىشتا قالغان  ئۇ مۇئاللىمنىڭ ئالدىدىكى كومپىيۇتىرنى مەكتەپتىن  8500كويغا ئېلىپ بىرىپتۇ ئەمما ئۇ مۇئەللىمىمىز قارتا ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن. بىر كۇنى كومپىيۇتىرغا 金山卫士نى قاچىلاپ تۇرسام ئىكراندىكى بەلگىنى كۆرۈپ نىمە ئۇ ؟دەيدۇ .مەن كۈلۈپ كىتىپ : ئۇ بىر ۋىروسخۇر دىسەم :ھە مەن ئاڭلاپ باققان ئەمما كۆرمىگەنكەنمەن  ،قانداق ئىشلىتىدۇ ماڭا ئۈگۈتۈپ قويە دەيدۇ . ماقۇل دەپ كومپىيۇتىرنى تازلاپ قىلدۇق بۇرۇنقىدىن خېلىلا تىزلىشىپ قالغىنىنى كۆرۈپ :ۋاي بۇ خېلى بولدىغان نەرسىكەن ھە دەيدۇ .ھە ئە دەپ قويدۇم ئەمما ئارتۇق سۆزلىگىم كەلمىدى .( ئۇ ئوقۇتقۇچى مەلۇم ئىننىستىتوتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلش ئىشخانسىدىكى ئىككنچى قول باشلق )

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47330
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1703
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 07:21:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47330
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1703
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 07:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7724
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 07:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىك نىمىسى بار؟بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مەمۇرىيەت ئىشخانىلىردىكىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدە شوجاڭ دىگەن مۇقەددەس نام بار،ئۇلارنى شۇنداق ئاتىمىسڭىز تېخى نۇمۇس قىلماي بىزنى شوجاڭ دەڭلار دەپ كىتىدۇ تېخى،بەزىلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى يېزىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئوقالمايدۇ..ھەممىسىنىڭ ئالدىدا بىردىن كىرىستال ئىكرانلىق كومپىيۇتىر بار،لىكىن ئۇلار كومپىيۇتىرنى قوزغىتىش ۋە ئۆچۈرۈشنىلا بىلىدۇ...نى نى بىلىملىك ئىددىيسى ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇ ئاتالمىش شوجاڭلار تەرپىدىن چەتكە قىقىلىدۇ..بەزى سەۋەپلەر بىلەن ئۆچ ئىلىش ئوبىكتى قىلىنىدۇ....سىزنىڭ مەكتەپ شارائىتى خىلىلا ياخشىكەن تېخى..شۈكرى دەڭ.............بۇ ئىشلار ھامان ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9073
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7180 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 08:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ھازىرقى مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى پەيدا قىلغان بولۇپ ،ئۇ دۆلىتىمىز مائارىپى گىرىپتار بولغان ساقايماس سۈرەلمە كېسەللىك .مېنىڭچە ئۇنىڭ داۋاسى:بىرىنچىدىن ، مەكتەپنى باشقۇغۇچى قېنىئانىلارنى ئازايتىش ،ھەتتا مائارىپنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆز ئانىسى «مائارىپ ئىدارىسى »نىمۇ ئىشلارغا ئازراق چات كېرىۋالىدىغان قىلىش.ئىككىنچىدىن ،مەكتەپ مەمۇرىيىتىنى سىياسى يول بىلەن ئەمەس ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيى ئارقلىىق ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئورگان مەمۇرى كادىرلىرى بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ۋەزىپە دەرىجسىنى قالدۇرۇپ ،ئۇنۋانى يەنى كەسپىي ئىقتىدارى ،ئوقۇش تارىخى قاتارلىق ئارتۇقچىلىغىغا ئاساسەن يەيدىغان دېنىنى چېچىپ بىرىش كېرەك .ھەممە نەرسىنى (مۇئاشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ئۇنۋانىغا ئاساسەن بىكىتكەندە ،ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆز كەسپىنى تەتقىىق قىلىدىغان ،بارلىغىنى ئۆز كەسپىگە بىغىشلايدىغان روھ پەيدا بولىدۇ .بولمىسا باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقانلىق ئىدىيىسى ئۇنىڭ ھەربىر سائەتلىك دەرىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،مائارىپنىڭ سۈپۈتى ۋە ئۈنۈمىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ .ئۈچۈنچىدىن ،مەكتەپ مەمۇرىيىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھەقىقى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ چىقىپ ،مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كېرەك .گەرچە بۇلار مېنىڭ خىياللىرىم بولسىمۇ ،كۇنسىرى دېموگىراتلىشىۋاتقان دۆلىتىمىزدە بۇ خىياللىرىمنىڭ ئۇزاققا بارماي ئەمەلگە ئاشىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

گۇناھ ئوغول بالى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5147
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2282 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 08:48:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەس ماقما  ..........

بىزنىڭ دوختورخانا باشلىقىمىزمۇ ھەر قىتىم ئىشخانىسىغا كىرسەم، ئالىي كومپىيۇتىردا قارت ئوينىغىنىنى كۆرىمەن.

ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2021
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24050
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5145 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 09:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ تەرەققى قىلىۋاتقان جۇڭگۇ مائارىپى ،كۈندىن كۈنگە گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى .
بىراق نەدىمۇ بىر كۈندە 8 سائەت دەرىس ئۈتۈدىغان ئىش بار ؟ بۇ راس گەپ  ئەمەستۇ ھە ؟ھەپتىلىك دەرىس ئۆلچىمى 16 سائەتتىن 24 سائەتكىچە تۇرسا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58759
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2011-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 09:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ نىمە دىگەن ئوخشاشلىقلار بۇ.زامان ئاخىرىدا بىر سەپتىكى ئادەملەرنىڭ ئەڭ ناچىرى شۇ سەپكە باشلىق بولىدۇ دەپتىكەن راس ئوخشايدۇ-ھە...
بۇنداقلار بىلەن بىرگە ئىشلىسىڭىز ئۇزىڭىزنى بۇلغانغاندەك خۇرلۇق ھىس قىلىسىز تېخى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53245
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 460
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1379 سائەت
تىزىم: 2011-8-25
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 09:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئوقۇتقۇچى كىمجاڭدىن

دىمىسىمۇ شۇ  بىزنىڭ بىر ئوتتۇرامەكتەپتىمۇ  باش شوجاڭدىن بىرسى ،مۇئاۋىندىن ئۇچى بار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش