مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4637|ئىنكاس: 47

ئۇيغۇرنى تەنقىد قىلغان ئاتالمىش«ئالىم»نى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6849 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 09:16:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئابلاجان مەمتىمىن  
يېقىندا «غەربلىك ئالىم ئۇيغۇرلارنى تەنقىد قىلدى »دېگەن ماقالە ھەرقايسى تور بەتلىرىدە قىزىق تېما بولۇپ قالدى. ئەڭ دەسلىۋىدە بۇ تېمىنى تارىمى تورىدا كۆرگەنىدىم. شۇ چاغدا تېمىغا قاراپلا تولىمۇ قىزىقتىم. چۈنكى ”كىشى ئۆزىگەئەينەك بولالمايدۇ “ ،بىر مىللەت ئۈچۈن ئۆز مىللەت كىشىللىرىنىڭ كەمچىلىكلەر ھەققىدە ئويلىنىشى زۆرۈر بولۇپلا قالماي بەلكى ،دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر ئەقىلدارلىرىنىڭ سەمىمىي ئوپراتسىيىسىمۇ ھەم مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆز مىللەت كىشىللىرى كۆپىنچە ھالدا نۇرغۇن ئىجدىمائىلىقلار تۈپەيلى،پىچاقنى بىلىگەندە سەل ئېھتىيات بىلەن سالسا ،ئەمما باشقا مىللەت كىشىللىرى تولىمۇ يۈرەكلىك ۋە 3-نوقتىدىن تۇرۇپ ئوپراتسىيە قىلىشى مۈمكىن .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كىشىلەر بىر ئالىم ئاتالغان ئەقىلدار بولغىنىدا ،ئۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ساپاسى ۋە ئالىم ئاتىلىۋاتقانلارنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا نەزەرنى ئاغدۇرۇپ بېقىش تولىمۇ مۇھىم ئىش ئىدى ئەلۋەتتە.
شۇنداق قىلىپ تېمىنى ئاچتىم .ئەمما تېما مېنى ئاجايىپ ئەپسۇسلاندرغان بىلەن بىرگە يەنە غەزىۋىمنى قوزغىدى. ئوقۇغانسىرى بۇ تېمىنىڭ بىر ئالىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىدىن گۇمان قىلدىم. ئىشەنمىسىڭىز ،تۆۋەندە بۇ تېمىدىكى ئەبگا ئەيىبلەشلەرگە قاراپ باقايلى!  
بۇ «ئالىم» ئۇيغۇرلارنىڭ ئېدىلوگيىسى ھەققىدە پىكىر قىلغىنىدا ،ئۇلارنى ناھايىتى تەلۋە،قاشاڭ ،ھېچقانداق نەرسىگ ئىنتىلىشى بولمىغان ،يا خوشاللىق يا خاپىلىقنى بىلمەيدىغان،ھەممىگە تەقدىر دەپلا بويسۇنىدىغان ، ھايۋان سۈپەت قىلىپ تەنقىد قىلىدۇ.كىشى بۇ قاراشلارنى ئوقۇغاندا غەزەپلىنىش بىلەن بىرگە بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەۋرنىڭ سىمۋولىدۇر ؟..دەپ سوئال قويماي قالمايدۇ. تارىختا غەربلىكنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ۋە مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلىگەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان زامانى ئۇيغۇر زامانى ئەمەسمىدى؟ ئەكسىيەتچىل زوراۋان ھاكىمىيەتلەرگەئىزچىل خەنجەر ئۇرغان سادىر پالۋان ،سىيت نوچىلار ئۇيغۇر ئەمەسمىدى؟ يېقىنقى زامانلاردكى تۆمۈر خەلىپە، خوجىنيىاز ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،مەمتىلى ئەپەندى ،ئابدۇقادرى داموللاملار ئۇيغۇر ئەمەسمىدى؟ ئەجىبا بۇ مۆھتىرەملىرىمىز ئۇيغۇر قېنىدىن پەۋقۇلئادە چىقىپ قالغانلىرىمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ كەينىدە ۋە ئاساسىدا ئۇيغۇر ۋىجدانى ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ راست سۆزلۈك ، ھەقپەرەس ، مېھرى مۇھەببەتلىك ۋە ئەقىللىق خۇسۇسىيەتتىكى ئاساسى يوقمىدۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ھېچ بولمىغاندا 700يىلغا يېقىن جاھالىيەتتە قالغان بىر قەۋمنى ئەتراپلىق تەھلىل ۋە تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ، ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق تەنقىد قىلدىم دەپ تىللىغان بۇنداق ”ئالىم“لارغا بەس دەيمەن ۋە تۈكۈرىمەن. بۇ خىل ئالىملارنى ھەم كۆككە كۆتۈرۈپ ،ئاتالمىش ”مىللەت ئوپراتسىيىسى“ ھەققىدە گەپ ساتقان تور بەتلەرگىمۇ  ۋە تور بەت ئىگىللىرىگىنىمۇ نادانلىقتا ئەيبلەيمەن.  
ئەمدى بۇ زاتنىڭ كەينىدىكى بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!) قىزىل رەڭلىكى شۇ ماقالىدىن ئۈزۈندە  
ئۇلار قارىماققا دىنغا تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۇ بەندىلەر ئۆزىنى قايرىپ قويۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرنى بەكرەك ئويلىشاتتى.ئۇلارنىڭ پاكلىق ۋە ناپاكلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى تولىمۇ ئەخمىقانە ئىدى.مەسىلەن، بىرەرسى 14 خىل ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى سۇيۇق تاماق قالدۇقلىرىنڭ چىشلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغىنىنى بايقىسا ياكى بىرەر تامچە يېشى ئېقىپ كەتسىمۇ ،ئۇلار بۇ نامازنى بۇزدى دەپ بىلىپ، باشقىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ.ئۇ خىل قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قويغان كىشى چوڭ ئالدامچى ۋە يالغانچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  
قاراڭ ،ماۋۇ ھاماقەتلەرچە ،زەھەرخەندە سۆزلەرگە . بۇ بىر ئالىمنىڭ نە ئالىمكى توغرا ئەقىدىدىكى ۋە ئەخلاقتىكى ئىلىم ئىگىسىنىڭمۇ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس. ئىسلام دىنى ھەققىدە گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاۋال مۇشۇ دىننى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەڭ ئاددى ساۋاتقا ئىگە بولۇش كېرەك. فېقىھ ئىلىمىدا ئېغىزدا قالغان نۇقۇتچىلىك يېمەكلىكنىڭ يۈتۈلۈپ كېتىلىشى نامازنى بۇزىدۇ دەپ بار. ئاق كۆڭۈل خەلقىمىزنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس. بۇ ھۆكۈمدە ”قۇدرەتلىك ،تەڭدىشى يوق ئاللاھقا چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار بار. !“ ئويلاپ باقايلى : تەڭدىشى يوق،كەرەملىك ،ھەممىنى ياراتقان ،ئاخىرەتتە سوئال سوراق قىلىدىغان بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا ،پاك ،پاكىز ،پۈتۈن دېققەت ۋە خوشۇ بىلەن تۇرماي ،نان خېشەك چايناپ لەلەڭلەپ تۇرساق ،بۇ ئاللاھنىڭ سۈپىتىگە ماس قىلىقمۇ؟بۇ مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىگە ماس قىلىقمۇ؟ ھالبۇكى  ئاۋۇ ئالىمنىڭ بۇنى بىلگىچىلىكى بارمىدۇ؟ بىلمىسە نېمىشقا كۆپتۈرۈپ مەسخىرە قىلماق بولىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە مەن بۇئالىمنىڭ مۇددىئاسىدىن ھەم گۇمانلىنىشقا باشلىدىم.ياش ھەققىدىكى بايانلىرىغىغۇ قەتئى ئىشەنمىدىم.
ئەر –ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتە ،مۇھەببەت ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئىشەنچ ۋە ھۈرمەتنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، قارىماققا ئۇلاردا پەقەت جىنسىي تارتىش كۈچىلا ئۆزارا ئۇلارنى باغلاپ تۇرغان ئاساسىي كۈچتەك قىلاتتى.

قېنى بۇ تەلۋە«ئالىم»نىڭ بۇ ھاقارىتى ھەققىدىكى ئاساسلىرى؟ ئۇ دەلىل كەلتۈرەلەرمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنىڭدا دەلىلنىڭ سۇنىقىمۇ يوق ! نوزۇگۇمنىڭ پاكلىق ئۈچۈن جان بېرىشى ،7 قىزنىڭ پاكلىق ئۈچۈن جان بېرىشى ، ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھەم ئۆز مەشۇغى ئۈچۈن جان بېرىشلىرىنى بۇ تەنتەك ئالىم بىلەمدىغاندۇ ياكى قەستەن بىلمەسلىككە سېلىۋىلىپ ،ئۇيغۇرلارنى پەقەت شەھۋەتنى قاندۇرۇشنى بىلىدىغان ھايۋان دەپ ھاقارەتلەۋاتامدىغاندۇ؟  
ئۇلاردا يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ھالقىغان بىر خىل چۈشىنىش تەس ھېسسىيات بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋە تۈركلەرگە ئاجايىپ قىزىقاتتى.ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ 40-50 يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا “ياتلار“دەپ ھېسابلايدۇ.شۇڭا باشقا دىندىكىلەرگە قارشى قوزغىلاڭ ۋە جەڭلەردە ئۇلار ئاسانلا سەپكە قوشۇلۇپ ياۋلارغا قارشى تۇرالايدۇ.  
ماۋۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا ،كىشى ماۋۇ «ئالىم»ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك ھاقارەت قىلىش ئۈچۈنلا يازغان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ كىشى. چۈنكى بۇ قۇرلاردا ھېچبىر لوگىكىغا چۈشىدىغان مەنتىقىلىق مەزمۇن يوق. قىزىق ئىش ،ئۇيغۇرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئوخشىمايدىغان ،چۈشىنىش تەس بولغان بىر ھېسسىيات بارمىش – بۇ ھېسسىياتنىڭ دەلىلى ”باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۇ جايدا 40-50يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا يات ھېسابلايدىغىنىمىش“ توۋا، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ يېتەرلىك دەلىلى ئەمەسمۇ؟ كاللىسى جايىدىمىدۇ يا ،دەپ قالىدۇ ماۋۇنى كىشى.
ھەممىنى يېزىپ بولۇش ھاجەت ئەمەس ،خالىغانلار ماقالىنىڭ ئاخىرىغ بېرىلگەن ئۇلىنىشتىن ئەسلى تەنقىدنى كۆرۈپ باقسۇن ،بىزئاخىرىدا كىشىنى مەقسەتلىك ھاقارەت قىلغان ماۋۇ ئالىمنىڭ تۆۋەندىكى ئۈزۈندىللىرىنى كۆرۈپ باقايلى:  
مېنىڭ بۇ زېمىندىكى پۈتكۈل مۇساپەمدە، مەن يەنە شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئۇيغۇرلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەمدۇ ياكى خالىمامدۇ،ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا گۈل تېرىپ تەبىئەتكە ھۆسن قوشقىنىدىن باشقا، مەن شۇ جەرياندا بىرەرسىنىڭ توختاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىنىنى ياكى تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئون قەدەم ماڭغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنۈشى _ كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسا،كۈزگە تەلپۈنۈشى _مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.
توۋا ،تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمىگەن كىشى گۈلنى تېرىپ نېمە قىلسۇن؟  

جېنىنى ئاران بېقىۋاتقان ، بىردە مۇشۇنداق ياۋروپالىق ئاتالمىش زەھەرخەندە ”ئالىم“نىڭ تىلىغا ،بىردە جاھانگىرلىكنىڭ زۇلىمىغا ،بىردە باتىل دىن تارقاتقۇچىلىلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ،بىردە يېقىن خوشنىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە يەنە بىردە مۇناپىق كېزەندىلەرنىڭ ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ نادان قالدۇرىىشىغا ئۇچراپ ،شورپىشانە بولىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ، زىيادە ھېسسىياتچانلىقتىن بۇرنىغا يەپ كېلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئۆز ھوزۇرىنى ،ئاھۇزارى ياكى خوشاللىقىنى ئانچە مۇنچە قەلبىگە يوشۇرغىنىنىڭ نەرى خاتا؟ ئۇلار يىرتىق كېيىملەر بىلەن ئېتىزلاردا ئورما ئورۇپ يەر ئاغدۇرۇپ بىر كۈنلۈك ئىشىنى تۈگەتكىنىدە  ھالال ئەمگىكىدىن سۆيۈنۈپ ”ئۇھ…“دەپ تىنىق ئالغان بىچارە دېھقاننىڭ مەڭزىدىكى ،قەلبىدىكى خوشاللىقنى كۆرۈشكە ئاجىز . ئۇلار بالالارغا ،زالىملارغا پىسەنت قىلماي ،ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىگە ھەم پىسەنت قىلماي گۈس گۈس دەسسەپ مەيدانغا چىقىپ ھەق گەپنى دەپ بولۇپ ،زالىملارغا خەنجەردەك  تىكىلگەن كۆزلەردىكى جاسارەت ۋە پالۋانلىقنى كۆرۈشكە ئاجىز . ھەم ئەشۇ دەقىقىدە ئۆلۈمگە ئېلىپ بېرىلغىنىدا  ئايالى ئاياللىقى تۈپەيلى ئېرىگە چىدىماي يىغلاپ توۋلىغىنىدا ،كەينىگە قاراپ مىيىغىدا خاتىرجەم كۈلۈپ قويغىنىدىكى قەھرىمانلىقنى كۆرۈشكە ئاجىز. ئۇلار يەتتە قىزنىڭ يار لېۋىدە تالاي نامەرتلەرنى يەر چىشلىتىپ ئاخىرىدا ياڭراق ئاۋاز بىلەن بىللە قىيادىن سەكرىگەندىكى زىل زىلىنى ۋە پاك ئىپپەتنى كۆرۈشكە ئاجىز. ئۇلار نوزۇگۇم قۇمۇشلۇقلاردا مۆكۈنۈپ يۈرگىنىدە ،زالىملار بىلەن يەكمۇ يەك ئېلىشقىنىدىكى مۇھەببەتنى ،پاك ۋىجداننى كۆرۈشكە ئاجىز. ئۇلار ئابدۇقادرى داموللام ،مەمتىلى ئەپەندىلەرنى چەت يۇرتلاردىكى مەئىشەتنى تاشلاپ يۇرتىغا دادىل قورقماس قەدەملەرى بىلەن قەدەم تاشلىغىنىدىكى پاك ئەقىدىنى ۋە جاسارەتنى كۆرۈشكە ئامالسىز. ئۇلار مەھمۇد سىجاڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ”ياخشىسى مەن يولىڭىزنى قىلاي ،بىر مەزگىل قېچىپ ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئېلىڭ …“دەپ كۆيۈنگىنىدە ،“ياق ،مەن كەتمەيمەن…“دەپ چوقان توۋلىغاندىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە زالىملارغا بولغان غەزەپ نەپرەتنى كۆرۈشكە ئاجىز. ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر جادۇغا بېسىلغاندا ئىككى خىل تىلدا توۋلىغان شوئارىدىكى ھەقىقى ئۇيغۇرلۇقنى كۆرۈشكە ئامالسىز. شۇنداق ئۇلار بۇلارنى كۆرۈشكە ئاجىز ،ئامالسىز ،چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ تەنقىدىدە سەمىمىيەت يوق ،ئىلمىيلىك يوق ، مۇھەببەت يوق پەقەت يامان غەرەز ۋە ئۆچمەنلىك بار پەقەت. ;4O;74`Zh  
مەن بۇنى سەزگەچ ، بۇ ”ئالىم“زادى قانداق ئالىمدۇ راست ئالىممىدۇ ياكى ؟ دەپ ئىزدىنىش ئېلىپ باردىم. نەتىجىدىدە كېينىچە ئاساسلىقى تارىمى تورىدىن تارقالغان بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى يەنە بىر مەنبە تىۋىش بىلوگىنى ئىزدەشكە توغرا كەلدى. گوگىلدىن تىۋىش دەپ يازسام بىلوگباس سۇپىسىغا قۇرۇلغان بۇ بىلوگنى چىقىرىپ بەردى. ئالدىراپ  مۇشۇ ماقالىنى ئىزدىدىم .چۈنكى خىيالىمدا مۇشۇ ئەسلى مەنبە بولسا ،بۇ ئالىمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ماقالىدا پەقەت ئىككىلا مەنبە قالدۇرۇلغاچ بۇ ئەڭ ئاخىرقى يىپ ئۇچى ئىدى.
ھەقىقەت ئاخىرى ئاشكارا بولدى:  
تىۋىش تورىدىكى ئەسلى بىرىنجى مەنبە: http://tiwish.blogbus.com/logs/39166843.html
تارىمى تورىدىكى بۇرمىلانغان ئىككىنجى مەنبە: http://www.tarimi.com/383.aspx y(p: )Iv  
ئەسلى بىردىنبىر مەنبە بولغان تىۋىش بىلوگىدا بۇ ماقالە پەقەت قىسقىچە پايدىلىنىش يوسۇنىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خاراكتىرى» دېگەن ماۋزۇدا بېرىلگەن بولۇپ ،تەرجىمان تولىمۇ مەسئۇلىىيەتچانلىق بىلەن غەربلىك بۇ كىشى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن.  

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى
ل.ې.ھۆگبېرىي
( ل.ې.ھۆگبېرىي_شىۋېتسىيىلىك مىسسىيونېر.ئۇ شىنجاڭغا ئىلگىر-ئاخىر ئۈچ قېتىم كەلگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم1894-1900-يىلغىچە ، ئىككىنجى قېتىم 1903-1909-  يىلغىچە،ئاخىرقى قېتىم 1911-1916-يىلغىچە تۇرغان.ئۇ يەنە روسىيە، ئىرانلاردىمۇ مىسسىيونىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان.—تەرجىماندىن)  

دېمەك ئەسلى مەنبەدە ھېچقاچان ماۋۇ قاپاق كاللا ،رەزىل دىن تارقاتقۇچى مىسىيونېرنى ئالىم دېمىگەن . ئۆزلۈك ۋە كىملىكنى ئوقۇغانلار شىۋىت مىسىيونېرلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ۋە ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق بىر بۆلۈكلەرنىڭ ئۇلارغا جاننى ئالقانغا ئەپ قويۇپ قانداق كۆرەشلەرنى قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلسە كېرەك. ھالبۇكى ئابدۇقادرى داموللىدەك بۈيۈك ئەللامىمىزگە قىلىنغان نومۇسسىزلارچە قەست ۋە قەتلىتائامدا ،مۇشۇ مىسىسيونېرلارنىڭ رەزىل قولى بارلىقىنىى ھەم بىلسە كېرەك.  
ھالبۇكى تارىمى تورىدىكى بىر قىسىم قىلچە خىجىل بولمايدىغان نادان تەھرىرلەر – مۇشۇ ئۆز پېتى ئېلان قىلسىمۇ بولىدىغان ئادەتتىكى بىر ماقالىنىڭ ئاپتورىنى ”بىر دىن تارقاتقۇچىدىن – ئالىملىققا ئۆستۈرۈپ ئۇيغۇر تور ئابونتلىرىغا داۋراڭ قىلغان. نەتىجىدە ئاق قارىنى دەررۇ پەرق قىلالمايدىغان نۇرغۇن تورداشلار بۇ ماقالىدىن زەھەرلەنگەن. ناھايىتى ئېنىقكى ۋەتەنپەرۋەر – ۋەتەنسىزلىككە قويۇۋاتقان دۈشمەنلەرنى تىللاپ ماقالە يازىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۆيگۈسى شۇنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. مىللەتپەرۋەر بولسا – مىللىتى يولۇقاۋاتقان رېئال كىرزىسلەر ھەققىدە سەمىمىي ماقالە يوللايدۇ . چۈنكى ئۇنىمۇ سۆيگۈسى شۇنىڭغا يېتەكلەيدۇ. ئەمما بىر مىسىسئونىرچۇ؟ بىر ئىسلام دىنىغا ئۆچ دىن تارقاتقۇچىچۇ؟ بىر 18يىل ئۇيغۇر ئىچىدە يۈرۈپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي بۇرنىغا يېگەن ،ئۇيغۇر ئوت يۈرەكلىرى تەرىپىدىن لالما ئىتتەك قوغلاندى بولغان مىسسىئونىرچۇ؟
ئەلۋەتتە مانا مۇشۇنداق ئۆچمەنلىك ،يامان غەرەز ،رەزىل مەقسەتكە تويۇنغان ئىپلاس ماقالە يېزىپ ئاچچىغىنى چىقىرىدۇ.ۋە بۇ ئارقىلىق  خوجايىنلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلايدۇ…!
ئاخىرىدا:
مانا يوقارقىدەك قايمۇقۇشلارغا يول ھازىرلىغان ، ئاساسسىز تەنقىد ۋە ھاقارەتلەرنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە ھېچ خىجىل بولماي سۇنۇشقا ئالدىراپ ،بىر رەزىل نىيەتلىك مىسىيونېرنى – مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئالىم دەپ سۈپەتلەپ داغ دۇغا قوزغاشقا ئالدىراپ كەتكەن تارىمى تور بېكىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى قاتتىق ئەيبلەيمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورداشلارنى ھەرقانداق ماقالىگە دۈچ كەلسە،زېرەكلىك ۋەمۇستەھكەم ئەقىدە نۇقتىسىدا  مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.  
ئەسكەرتىش: باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ خانتەڭرى تورىنى ۋە مۇشۇماقالە ئۇلىنىشىنى ئەسكەرتىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!  
مەنبە:خانتەڭرى تەپەككۇر دۇنياسى  

http://www.yultuzlar.com/read.php?tid=2331&u=2


        

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
mahbusman + 100 ئىزدىنىشلىرىڭىزگە تەشەككۈر!
KURAX.JAN + 100 خېلى يەڭگىللەپ قالدىم اللا رەخمەت قى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13503
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5950 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 09:37:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا قۇل سودىسى قىلىپ بېيىپ ئىنساننىڭ ماھيىتىگە داغ كەلتۇردىغان ئىشلارنى قىلىپ بۇنى ئاتالمىش مەدەنىيەت دەپ ئاتاۋاتقان،ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ،گۈزەللىك قاراشلىرىغا ماس كەلگەنلەرنى ئاتالمىش ھەرخىل مۇكاپاتلار بىلەن بىزەپ باشقىلارنى قىزىقتۇرۋاتقان ئاتالمىش ‹‹ئىسىلزادەغەرىپ مەدەنىيەتلىكلىرى››گە  ئارتۇقچە سۆزلەرنى قىلىشنى ۋاقىت ئىسراپچىللىقى دەپ بىلسەك دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23566
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4425
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 4815 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 09:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇنجى قىتىم شۇ ماقالىنى ئوقۇغاندا بىشىنى ئازراق ئوقۇپلا ئاخرىنى ئوقۇماي چىقىپ كەتكەن،
مەنمۇ بۇ ياۋرۇپالىق قايسى ئالىمكىن ؟؟ دەپتىكەنمەن، ئەسلىدە شۇ بىر دىن تارقاتقۇچى لالما كەنغۇ!!!
لىكىن ئاشۇ تىمىغا ‹‹ئالىم›› دەپ ماۋزۇ قويغان توردىشىمىزمۇزە سەل ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ قاپتۇ!!!

ئالتۇن قونداق قەپەزدىن لىڭ لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!!!!! مەنبە: بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 09:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئۆلۈشىدە ئەينى ۋاقىتتا شېۋىتلارغا دۈشمەنلىك ،ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە بولغان تەسىرىگە نىسبەتەن خەۋپىسرەش ھېس قىلىۋاتقان ،لېكىن دۆلەتلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە خەلقئارادىكى ئەيىپلەش ساداسىدىن قورقۇش تۈپەيلى ئۆزى بىۋاستە قول سېلىشقا ئاجىز كەلگەن شۇ ۋاقىتتىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنى پەردە ئارقىسدىكى قارا قول دەپ قارايتتىم ( ئەھەت مەزىن بەلكىم شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت پايدىلانغان يەنە بىر قۇربانلىق بولىشىمۇ مۇمكىن  )،چۈنكى شېۋىتلەر تاشقى دۈشمەن بولسا ،ئابدۇقادىر داموللىدەك ئەڭ چوڭ رەقىبىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تونۇپ يەتسە  خەلققە يەنە بىر قېتىم باشچىلىق قىلالايدىغان ھۆرمەتكە ئىگە زات بولسا  ئىچكى دۈشمەن ھېسابلىناتتى،،،، ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا شېۋىت باسمىخانىلىرىنى چېقىپ تاشلاپ ،چېركاۋلارنى پاچاقلىغانلىقى،شۇ ۋاقىتتا شېۋىتلەر بېسىپ چىقارغان كىتابلارنىڭ تۈرى،ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ،قۇرغان مەكتەپ -دوختۇرخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان دىنغا مۇناسۋەتلىك ۋە مۇناسۋەتىسز بولغان ۋەقەلەر دېگەندەكلار توغرىلىق ئەلكۈيىدىمۇ ياخشى مۇنازىرىلەر بولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 09:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتۇ ماۋۇ تېمىنى . بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق بىر ئىسىل مىللەت ئىكەنمىزكى دۇنيا ئېتراپ قىلغۇدەك ھەر ئىسىل قېرىنداشلىرىمىز ئۆتكەن ۋە ئۆتىۋاتىدۇ . كىچىككىنە بۇراننىڭ تەسىردىن بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىنىڭ پەردىللىرىنى چۈشۈرۋالغانلىقىغا ھەيرانمەن . ئۇنى بۇنى دىسىمۇ ھەقىقەت دىگەن يەنىلا ھەقىقەت ، ھەقىقەت مەڭگۈ يۇقالمايدۇ !

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6849 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 09:57:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئوبزورنى كۆرۈپ ئۇھ دېدىم.چوڭغىنا بىرنى تىنىۋالدىم.بۇ ئوبزوردا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش ئالىمنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ گېلىمنى بىرسى بوغۇۋالغاندەك بولغان ئىدىم.شىنجاڭغا كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئالىم بولۇپ كەتمەيدۇ.شۇڭا گەپ قىلغاندا تەپسىلى تەكشۈرۈپ ئاندىن گەپ قىلىش لازىم.

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

توۋا دەيمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 11:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتەقىزلىرىمزنى ،نۇزۇگۇمنى تىلغا ئىلىش منىڭچە بىھاجەت ،  ئويلاپ بىقىش كىرەك ، بۇرۇن زامانلاردا ئۇلار ئۈزۈنىڭ ئىززەت غۇرۇر ۋىجداننى‹‹قىزلقنى›› قوغداش ئۈزچۈن جاندىن كەچكەن. لكىن ھازىر قۇچا كويلاردا كۈرۋاتىمىز بىزنىڭ شۇ ئۇيغۇر قىز - ئۇغۇلىرىمزنى ھايا دىگەن قەتئى يوق ھايۋاندەكلا بوپ كىتىۋاتسا ...............تىمدىن چەتنەپ قالدىم .........................................

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 11:58:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ھاياتنىڭ پەيزى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1023
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10547
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 912 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 01:31:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      

تەقدىرمۇ ئۆزگىرەر تەدبىر گە بېقىپ.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6021
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5712 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 01:34:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ دىن تارقاتقۇچىنى ئالىم دىگەن ئادەم چاتاق . تارىمى تورىدىكى كىمكەن  شۇ تېتىقسىز ؟‹
بىزنىڭمۇ نۇرغۇن ئالىملىرىمىز بار ، بىز ئىتىراپ قىلىدىغان ، ھۆرمەتلەيدىغان .
بەلكىم شۇدىن تارقاتقۇچىنى ئالىم دەپ ئېتىراپ قىلغۇچى چۇقۇم شۇ ئالىمنىڭ مۇرتى ئېتىراپ قىپتۇ ئەمەسمۇ.
ياكى بولمىسا چىركاۋغا كىرىپ دوللار ئالدىغان مۇناپىق .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش