|
|
|
|
مىليون گۈل فىلىمىنىڭ سۈپىتى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە
7 @) R3 w+ L2 r& s+ Y/ l) m, V O: Q$ j9 w
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق بولغان ‹‹مىليون گۈل ››فىلىمى بازارغا سېلىنىپ مەۋھۇم توردۇنياسىدىكى خەلىق ئارىسىدا مەلۇم تەسىر ۋە غولغولا قوزغىدى ،تو ريۈزىدىكى پىكىر مۇنازىرىلەر ئاساسى جەھەتتىن مەزكۇر فىلىمنىڭ فىلاستىنكا باھاسى ھەققىدە بولۇپ ،پەقۇلاددە يۇقۇرى قويۇلغان بۇباھاغا ئازبولمىغان تورخەلقى پىكىر تەكلىپلىرىنى ئوتتىرىغا قويۇپ قويۇلغان بۇباھانىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى ھەققىدە فىلىم ئىگىلىرى ۋە شاھىتلىرىغا ئورتاق پىكىرىنى جارسالدى ،ئەلۋەتتە بۇجەرياندا مەلۇم كىشىلىرىمىز ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ ئۆزشەخسىيىتىنىلا كۆزدە تۇتۇپ ھۆرىيەت فىلىم شىركىتى ۋە فىلىم ئارتىسلىرىغا قارغۇلارچە پىكىرقىلىپ ئارتىسلارنىڭ كۆڭلىنى كىر قىلىشتەك تەسىرى سەلبىي بولغان ئىشلارمۇ يۈزبەردى ،ھۆرىيەت شىركىتى ۋە شۇفىلىم ئارتىسلىرىنىڭ مەۋھۇم دۇنيا بولغان بۇ توردۇنياسىدىكى بەزىبىر ئامال قىلىش تەس بولغان ۋە ئامال قىلىپ بولمايدىغان بەزى ئىشلارنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن ۋە بەزىبىر ئەرزىمەس سۆزلەرگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.3 F- `7 W- m2 x# ]; `! ^# B/ C6 F3 }
/ g7 [7 E9 \6 Z$ ?. pشۇنداق كەمىنە ئۆزۈممۇ مەزكۇ فىلىم پىلاستىنكا باھاسىغا پىكىر بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى .يەنە شۇنىڭدەك ھەم كۆپ سانلىق ئۇيغۇر خەلقىدەك 1 L/ g5 E$ t2 a% K
((مال ياخشىلا بولسا پۇلنىڭ كارايىتى چاغلىق ))دەيدىغانلارنىڭ بىرى،شۇڭا بۇقېتىمقى گەپ فىلىم باھاسى بىلەن تا مامەن مۇناسىۋەتسىز.... ! E7 A# f5 Z- {, o/ b3 @$ W
ھۆرىيەت فىلىم شىركىتىنىڭ تور دۇنياسىدىمۇ مەلۇم ئىگىلىكى ۋەتەسىرى بولغاچقا ئۆز ئەمگەك مىۋىسى بولغان مەزكۇر فىلىمنىڭ توردۇنيسىدا قوزغىغان تەسىرلىرىگە ۋە پىكىرلەرگە ئالاھىدە پوزۇتسىيە تۇتقان چېغى ، كەڭ تور ئەھلى ئوتتىرىغا قويغان فىلىم فىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى ھەققىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بىر ئاز بولسىمۇ ئىلىك ئېلىپ، ياكى قۇبۇل قىلىپ فىلاستىنكا باھاسىنى بىر ئاز بولسىمۇ چۈشۈرۈپ كەڭ خەلىقىگە بولغان سەمىمىيىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ ئىپادىلىدى ،بۇھال ھۆرىيەت فىلىم شىركىتىنىڭ ۋە فىلىم مەسئۇل خادىملىرىنىڭ يەنىلا خەلىققە يېقىن ئۆزخەلقى كۆڭلىنى بىر ئاز بولسىمۇ ئىزدەيدىغان خەلىقچىل ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسە كېرەك ،كەمىنە ھۆرىيەت فىلىم شىركىتىنىڭ مۇشۇ خەلىقچىل ئىپادىسىدىن ئىلھاملىنىپ بۇقېتىم ھەقىقىي بىر كۆرۈرمەن بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەزكۇر فىلىم مەزمۇنى ۋەسۈپىتى شۇنداقلا ئۆزۈم ھىسقىلغان مەلۇم تەرەپلىرىگە ئۆز قارشلىرىمنى ئوتتىرىغا قويۇپ كەڭ كۆۈرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستىدىم ،شۇڭا مەزكۇرفىلىمنى كۆرگۈچى ۋە كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ مۇشۇ ھەقتە ئۆزپىكىرىنى دادىل ئىلمىي بولغان ئۇسۇلدا يېزىپ قالدۇرۇپ ھۆرىيەت فىلىم شىركىتىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە ئۆزى بايقىغان مەلۇم سەۋنلىكلەرنى ئىلمىي پىكىردە ئوتتىرىغا قويۇپ، مەزكۇ ر فىلىم شىركىتىگە ھەمنەپەس بولغان ھالدا فىلىم ئارتىسلىرى ۋە فىلىم مەسئۇللىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ،نادىر ۋە دۇنياۋىي تەسىرلەرگە ئىگە بولغۇدەك ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى ساپ ھەم ساغلام ئۇيغۇر جەمىيىتىنى پۈتۈن دۇنيا خەلىقلىرىگە نامايان قىلغۇدەك ،ھېچ بولمىسا تۈركى مىللەتلەر دۇنياسىدا ئۇيغۇر دىگەن بۇنامنى چاقناتقۇدەك داڭلىق بىر فىلىم بولۇپ قېلىشىغا ئۈمۈت بىلەن ئانچە مۇنچە ھەسسە قوشۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ھەم بۇ سۆھبەتكە قىزغىنلىق بىلەن چاقىرىمەن .$ W" E& u; O: N7 C3 R3 |: e
4 O0 W' ^) `1 x7 r4 iخوش كۆڭۈلدىكى گەپ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپكەتتى ،ئەمدى نەق گەپكە كەلمەك زۆرۆر .
, t7 o# u8 S! S" F# |. v9 D
a& D: u& q% u7 a: G+ _( U4 aھەرقانداق بىر خەلىق ئارىسىغا تارقىلىدىغان سەھنە ئەسىرى، مەتبۇئات ئەسىرى، ياكى نەشىرى ئەسەر بولسۇن ،بۇ شۇ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان سىياسى ئۆتكەنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ ،ئەلۋەتتە بۇئۆتكەلنىڭ چىڭ تۇتىلىشى مۇھىم ،چۈنكى بۇنداق ئەسەر ژانىرلاردا خەلقنى يىتەكلەش سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشەببۇس قىلىش تەك ئامىللا بولغاچقا ساغلام بولمىغان ۋە ناتوغرا بولغان تەشەببۇس ۋەسەپەرۋەرلىكلەرنى ۋاختى ۋاختىدا شاللاپ تازىلاش زۆرۆر ، مەزكۇر فىلىم مۇشۇ نۇقتىدىن قانداق قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتى بۇبىزگە تامامەن بولمىسىمۇ بىر ئاز قاراڭغۇ ،نىمىلا دىگەن بىلەن ئىشقىلىپ بىز بۇ مەسىلىدە يەنىلا قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىمىز ۋە بىلىپ يىتەلەيمىز .شۇڭا بىز بۇتەرەپلەردىن ساۋاتسىز بولغاچقا كۆپ سۆزلەش بىھاجەت .......
2 Q7 t' L6 D4 @1 R; ]# ]9 @; F1_ مىلىيون گۈل فىلىمىنىڭ سۈرەت ئىنىقلىقى ۋە ئاۋاز ئېلىنىشى گەرچە بۇفىلىمنىڭ سىن غا ئېلىنىشىنى ۋە ئاۋاز ئېلىنىشىنى دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتارغا قويغىلى بولمىسىمۇ لىكىن دىيارىمىزدا ھازىقى زاماندا ئىشلەنگەن فىلىملار غا سېلىشتۇرغاندا مەزكۇر فىلىمنىڭ سۈرەت سىن ئېلىشى ۋە ئاۋاز ئېلىش ئىنىقلىقى تېخنىكىسى ھەقىقەتەن يۇقۇرى بولغان ،بۇبولسا ھەرقانداق بىر كۆرۈرمەن فىلىمنى كۆرۈپلا بايقايدىغان تىپك بولغان تېخنىكىلىق ئىلغارلىق .
& v1 k* Z7 [0 F5 c# q" y% H2- فىلىمغا قاتناشقان ئارتىسلار ، مەزكۇر فىلىمغا قاتناشقان ئارتىسلار بولسا يېقىندىن بۇيان ئۆزتالانتى بىلەن خەلىقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ۋە مۇقۇم كەسىپلەشكەن كۆزگە كۆرۈنگەن كۆرۈرمەنلىگە تۇنۇشلۇق بولغان ياش بىرقىسىم ئارتىسلار قاتناشقان بولسا پىشقەدەم ئارتىسلىرىمىزدىن مۇ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بۇندىن بۇرۇنقى ئىكران ۋە سەھنىلەردە ھەرخىل تىپ ۋە ئەرخىل ئوبرازلاربىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەر قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ كۆرۈرمەنلىنىڭ كۆڭۈل قاتلىمىدا ساقلانغان، بىرقاتار ئۇستاز ئارتىسلىرىمىز قاتناشقان، مەيلى بىز فىلىم تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرەيلى ياكى قىسقا ئېلان فىلىمىنى كۆرەيلى ، كۆزگە چېلىققان بۇ ئارتىسلىرىمىزدىنلا فىلىمغا بولغان ئىشەنچىمىز ۋەقىزىقىشىمىزنى تەبئىيلا قوزغىلىدۇ .
9 h+ w- K0 z- `; K( H4 r6 B6 ~) E) p3 @! q- G0 |, t% W
3-تىلنىڭ ئىشلىتىلىشى ، مەزكۇر فىلىمدا ئاۋاز نەخ مەيدان ئاۋازى بولغاچقا ھەم دىيارىمىزدىكى فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىغا نىسبەتەن بۇتېخى يىڭى بۇرۇلۇش بولغاچقا مەلۇم سەۋەنلىكلەرنى يولۇقتۇردۇق ،لىكىن شۇنداقتىمۇ مەن ئارتىسلارنىڭ تىل ئىشلىتىشتە ئانچە- مۇنچە خەلق تىلىنى ئىشلەتكەن جايلىرىنى بايقىدىم ،ھەم شۇ خەلىق تىلىنىڭ كىنوچىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ تېخىمۇ ماسكىلىدىغانلىقىنى تۇرمىشىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولىدىغانلىقىنى ھىسقىلدىم ،
6 S+ T3 O2 {8 R8 U3 Rمەسىلەن :ئۈچۈنجى قىسىمنىڭ ئەڭ بېشى
: H9 G/ Y. w9 F3 n" J# J- ^' N6 u' ]3 v7 S
ئەختەم دېسكىغا بىرنىمىلەرنى چۈشۈرۋاتقان چاغ
6 v& Z v2 h! Q; @تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ ئۇنىڭ قىزدوستى ھەلىمە كىرىپ كىلىدۇ ،دە دىئالوگ باشلىنىدۇ 9 E0 G% j2 i6 }, g' S
ھەلىمە -ئىشىڭىز تۈگىمىدىما ؟) M6 F" d! c, E& n( {5 w7 h
ئەختەم -مىنە تۈگىدى، دەپ كومپىيوتىرنى ئىتىدۇ
/ e0 }' W% \4 T* r5 x- J- `2 z0 @5 V& _) A+ E& m6 G; y( J$ `
6 Z, d2 j' U% ?6 x
شۆھرەتباي بىلالغا تېلېفون قىلغان چاغ
X. A; ?, W$ t, K5 r* d! v% F/ _# T5 j
بىلال ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.; Z8 v5 t: I D# R. |
شۆھرەتباي-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قەدىناس دوستۇم، قانداق ئەھۋالىڭ؟
/ q: @. P) n( Z" Z Sبىلال-ياخشىغۇ شۆھرەتباي.0 v+ L7 o9 b6 |8 { t: P8 J
شۆھرەتباي-ھا ھا ھا... ئىشلىرىڭ بەك ئالدىراش بوپ كىتىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ سېنىڭ بىلەن بىرەر ۋاق تاماق يىگەچ ھاردۇق سورىشىۋالارمىز دەپتىم خەۋىرىڭنى بەك ئۇزۇن كۈتۈپ كەتتىمغۇ ئاغىنە؟!قانداق، بىرەر –يېرىم دەملىك ۋاقتىڭنى ئاجرىتالامسەن.+ m- t- K8 k$ h8 F. p2 u0 R
- Y/ u3 U- ]% K- c1 @, E/ }
يەنى
' Z! y' G; C7 D) j9 l6 ^' _ o
, k4 k# A% {% Dشۆھرەتباي:-بولدى بىلال، ئىشلار ھەر ئىككىلىمىزگە ئايان،بەزى ئىشلاردىن خاتا خەۋەردار بولىۋالغاندەك قىلىسەن. ھەر قانداق ئىشقا ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ، ئوبدان ئويلاپ باق دىگەندەك ئەمىلىيەتتە فىلىمدا بۇنداق خەلىق شىۋىسى كۆپ ئۇچرايدۇ
7 b' N# R/ d6 l7 P8 c* e
6 @7 V% D' T" m8 @! }+ `. w3 N" [; yقالدىسىغا بۇھەقتە باشقا كۆرۈرمەنلەرمۇ ئىلمىي بولغان ئاساس بىلەن ئۆزپىكىرىنى ئوتتىرىغا قويسا ھۆرىيەت فىلىم شىركىتىنىڭ بۇمەسىلىگە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
* M: Q9 `, I* d0 Q9 F3 a% U$ J# P0 D: J4 M+ c, u. V% A
4- مەن ياقتۇرغان ئوبرازلار: فىلىم ئارتىسلىرىنىڭ بەزىسىدە ئىشھەركەت ۋە خارەكتىر ئىپادىلەشتە بەزى ئارتىسلاردا بىرخىل سۈنئى شەكىل مۇ بەزىدە پات- پات كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ ،لىكىن يەنە مۇكەممەل ئىپادىلەنگەن ئوبرازلارمۇ يوق ئەمەس
0 k8 h5 f, r- Z5 o( Oمەسىلەن : بولۇپمۇ مەرھۇم نۇرنىڭ ئايالى ئۇ تولىمۇ چىنلىق بىلەن ئېرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئانىنىڭ ئوبرازىنى تولىمۇ ھىسىياتلىق ۋەتەسىرلىك قىلىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقان c2 G n/ c/ d; O
7 i5 l- B( q2 K- D8 u0 S% B) h# fيەنى :قۇدرەت _ بۇ ئارتىسنىمۇ مەن بۇندىن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان ،بۇكىشىمۇ جەمىيىتىمىزدە باربولغان ئازبىرقىسىم بولمىغۇر ئىشلارنى ۋە شۇنداق كىشىلەرنى مەيلى تاشقى سىياقتا بولسۇن تولىمۇ تەبئىي ھەم كۈلكىلىك چىنلىققا تۇيۇنغان ھالدا شۇخىل تىپ ۋە ئوبرازنى مۇۋەپپىقىيەتلىك - Z, i" O; O* ?2 ~: }+ `
ئورۇندىغان
7 M/ u( U- T( E# H
. D: B m6 ], q6 v+ O' Aيەنى :بىلالنىڭ ئانىسى ، ھەقىقەتەن بىر ئاقكۆڭۈل ئانىنىڭ تىپىك ئوبرازىنى يېقىشلىق ۋەچىنلىق ئىسسىق مىھىر بىلەن ۋايىغا يەتكۈزگەن ھەم شۇرولغا تولىمۇ ماس كەلگەن! g$ q% Q/ q8 I7 }
5 G; Y0 A- @ T" d
5- فىلىم مەزمۇنى -مەزكۇر فىلمنىڭ بۇتۆت قىسمىدىن مىنىڭچە تېخىچە ئاساسى چوڭ مەزمۇن ۋەقە كۆرۈرمەنلىگە ئايدىڭ بولمىدى ،لىكىن مىنىڭچە كۆرۈرمەن لەر فىلىمدىكى پىرسۇناجلار مۇناسىۋىتىنى مەلۇم نۇقتىدىن پەرەزقىلىپ تۇرماقتا .فىلىم كۆپ قىسىملىق بولغاچقا مەزمۇن مۇرەككەپ پىر سۇناجلار كۆپ بولساكىرەك .شۇڭا مەزمۇن جەھەتتە ئارتۇقچە سۆزلەشمۇ ، ئارتۇقچە فىلىمنىڭ راۋاجىنى كۆرۈپ ئاندىن بىرنىمە دىمەك زۆرۆر .6 _6 f9 q! P* r4 j6 i- B
/ W f2 \" T$ L+ s7 R A
ئاخىرىدا :; V, Z1 u J2 G
پولات تورسۇنغا كەلسەك باشقا جەھەتتە مەسىلەيوق لىكىن خۇددى كىسەلجان ئادەمدەك مېڭىش قىياپىتىنى ئۆزگەرتسە دىگەن تەكلىۋىم بار !!
) N% |) _+ c; X) W& |3 ^/ e1 K7 j9 Q/ y
بىر كىنو ھەۋەسكارى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن جۈملىدىن ئۇيغۇر كىنوچىلىقىغا قىزىقىشىم تۈپەيلى ،ئۈزەمنى چاغلىماي كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كۆپچىلىكنىڭ ئەيىپكە بۇيرۇماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن !!
# F' u8 c" G7 N i8 c; c1 [. E' g: N: W# A
ھۆرمەت بىلەن : ئابلىمىت يەنى xiwas1
|
|
|
|
|
|