ھەرقانداق بىرنەرسە پەقەتلا قىممىتىنى بىلگەننىڭ يېنىدا قىممەتلىكتۇر
(تەرجىمە ئەسەر)
بىر كۈنى بىر ھۈنەر ئۇستىسى بىرقانچە يىلدىن بۇيان تەربىيلىگەن شاگىرتىنى سىناپ باقماقچى بولىدۇ. ئۇستا ئۇ شاگىرتىنىڭ قولىغا يوغان بىر ئالماسنى بىرىپ:- "ئوغلۇم بۇنى ئېلىپ بازارغا بارغىن ئالدىڭغا ئۇچرىغان ھۈنەرۋەنگە كۆرسۈتۈپ، قانچە پۇلغا ئالىدىغانلىقىنى سورىغىن. ئەڭ ئاخىردا زەگا ئۇستامغا كۆرسەتكىن. ھىچكىمگە ساتماي پەقەت باھاسىنى، كىمنىڭ قانچە پۇل دېگەنلىكىنى بىلىپ كەلگىن" دەپتۇ.
شاگىرت بالا بىر باققال دۇكانغا كىرىپ قولىدىكى ئالماسنى كۆرسۈتۈپ "بۇنى ئالامسىز؟" دەپ سوراپتۇ. پاققال بالىنىڭ قولىدىن پاقىراپ تۇرىدىغان بىر تاشقا ئوخشايدىغان ئالماسنى ئېلىپ ئۆرۈپ- چۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن- "بۇنىڭغا پەقەت بىر يارماق بىرىمەن، ئىچى پۇشقاندا بالام ئوينىسۇن" دەپتۇ. شاگىرت بالا رەخمەت دەپ باققال دۇكاندىن يېنىپ چىقىپتۇ. ھەر خىل نەرسە- كېرەك ئېلىپ ساتىدىغان بىر كىشىنىڭ دۇككىنىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئادەم بۇ پارقىرايدىغان تاشنى كۆرۈپ بېقىپ بەش يارماققا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بالا ئۈچۈنجى قېتىم بىر ئەنجىمىساز (ئات ۋە ئىشەكلەرگە ئىگەر قاتارلىق جابدۇق ياسايدىغان ئۇستا) نىڭ يېنىغا بېرىپ ئالماسنى كۆرسۈتۈپ، بۇنى قانچە پۇلغا ئالىسىز؟ دەپ سوراپتۇ. ئەنجىمىساز ئالماسنى بىرەرقۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن " بۇ... " دەپتۇ، " مېنىڭ ئىگەرلىرىمنى بەكمۇ چىرايلىق زىننەتلىگۈدەك. مەن بۇنىڭغا ئون يارماق بېرىمەن" دەپتۇ.
شاگىرت بالا ئاخىرى بىر زەگا دۇككىنىغا بېرىپتۇ. زەگا ئۇستا ئالماسنى كۆرگەندىن كېيىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. " بۇنداق چوڭ ئالماسنى نەدىن تاپتىڭ؟" دېگىنىچە ھەيرانلىق ئىچىدە ئالماسقا قاراپ قېپتۇ ۋە "بۇنى قانچە پۇلغا ساتىسەن؟" دەپتۇ. شاگىرت بالا: "سىز قانچە پۇلغا ئالىسىز؟" دەپتۇ. زەگا ئۇستا " سەن قانچە پۇل دىسەڭ ئالىمەن" دەپتۇ.
شاگىرت بالا " ياق مەن ساتمايمەن" دەپ ئالماسقا قولىنى ئۇزاتىشىغا زەگا ئۇستا بالىغا يالۋېرىشكە باشلاپتۇ. "نىم بولىدۇ بۇ ئالماسنى ماڭا سېتىپ بەر. دۇككىنىمنى، ئۆيۈمنى ھەتتا بارلىق مال- مۈلكۈمنى بىرەي." شاگىرت بالا زەگا ئۇستىغا، ئۇ ئالماسنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى، سېتىش ھوقۇقۇنىڭ يوقلۇغىنى، پەقەت باھاسىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىنى ئېيتقىچە زەگا ئۇستا بەكمۇ ئۇزۇن يالۋىرىپتۇ. شاگىرت بالا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇستىسىغا ھەيرانلىق ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. " بۇلاردىن نېمىنى ئۆگەندىڭ؟" دەپ سوراپتۇ ئۇستا. شاگىرت بالا ئۇستىسىنىڭ سۇئالىغا ناھايىتى توغرا جاۋاپ بېرىپ: "ھەرقانداق بىر نەرسە پەقەتلا قىممىتىنى بىلگەننىڭ يېنىدا قىممەتلىكتۇر" دەپتۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۈمۈت قىلىمەن
http://www.sevgiplatformu.com/hikayeler.htm#Bardağı_yere_bırakın_bugün!