يۇمۇرلار
كاپىتالىست بىلەن ئېلىجان يېقىن دوستلار ئىكەن.ئايەم كۈنى كاپىتالىست ئېلىجانغا تېلفۇن قىپتۇ.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
-ئېلىجانمۇ سەن
-ھەئە ، مەن
-ئاۋازىڭ ئانچە ئوخشىمايدىغۇ
-ۋاي ، مەن شۇ
-سەن راست ئېلىجانما
-يۈز پىرسەنت مەن شۇ
-ماڭا ئەللىك دوللار بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن
-ھە ،مەن ئېلىجان كەلگەندە چوقۇم دەپ قويىمەن.
لەززەت ئوغۇل دوستىدىن خەت تاپشۇرىۋاپتۇ. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىكەن
سىز ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا مۇشەققەتتىن ،بوران چاپقۇندىن قورقمايمەن.ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈمنى توسۇپ قالالمايدۇ،سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، دۇنيادىكى ھەممە ئالتۇن كۈمۈشنى بەرسىمۇ سىزدىن ۋاز كەچمەيمەن .
يەكشەنبە ئۆيىڭىزگە ھېيتلاپ بارىمەن، يامغۇر يېغىپ كەتمىسىلا
تىرىشچان بالا ئىمتىھان قەغىزىنى قولىغا ئېلىپلا سالپىيىپ كېتىپتۇ ۋە ئوقۇتقۇچىغا دەپتۇ ،
-مۇئەللىم بۇ قېتىم ئىمتىھاننى ناھايىتى ياخشى بەرگەنتىم 0 قويۇپسىزغۇ ؟
ئوقۇتقۇچى رافت:
-مەندىمۇ ئامال يوق بالام.قويۇشقا بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن نومۇر مۇشۇ تۇرسا دېگۈدەك
كۆڭۈل ، ۋىتامىن . ئەركەنازلار باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا ، بىركۈنى دەرستە مۇئەللىمى نۇربىيە سوراپتۇ.
-كۆڭۈل، بايا دەم ئېلىشتا نېمىش قىلدىڭىز؟
-مەيداندا قۇم ئوينىدىم
-ھە،سىز قۇم دېگەن خەتنى توغرا يازالىسىڭىز بىر تال پېچىنە بېرىمەن.
كۆڭۈل توغرا يېزىپ بىر تال پېچىنە مۇكاپات ئاپتۇ.
نۇربىيە ۋىتامىندىن سوراپتىكەن ، ئۇ ، مەن كۆڭۈل بىلەن بىللە قۇم ئوينىدىم دەپتۇ.نۇربىيە ئۇنىڭغا ئويناش دېگەن خەتنى يازغۇزۇپ بىرتال پېچىنە بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ.
نۇربىيە مۇئەللىم ئاخىرىدا ئۆڭى قارىراق كەلگەن ئەركە نازدىن سوراپتىكەن ، ئۇ ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ
-مەن كۆڭۈل ۋە ۋىتامىن بىلەن بىللە قۇم ئويناي دېسەم ئۇلار ماڭا تاش ئېتىپ بىللە ئويناتمىدى دەپتۇ.نۇربىيە :
-ۋۇي ، بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىرقىي كەمسىتىش ھادىسىسى ئىكەنغۇ ،مۇنداق بولسۇن، سەن ئىرقىي كەمسىتىش ھادىسىسى دېگەن خەتنى توغرا يازالىساڭ بىر تال پېچىنە بېرىمەن .
ئارمانىم مومىيى دىلسىرىنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپتۇ .ئېگىز بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قاراپ تۇرسا ياشانغان بىر ئايال لىفىتنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىپتۇ، ئالاھازەل بىر مىنۇتلاردىن كېيىن لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ياش بىر قىزچاق چىقىپ كېلىۋاتقۇدەك ،ئارمانىم بىر قىزچاققا بىر دىلسىرىگە قارىغىنىچە، بالدۇرراق بىلگەن بولسام مومىيىم بىلەن كىرىپ چىقاكەنمەن دەپتۇ.
مەنبە :
ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىنغان