ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت This.is.It كە 2011-11-09 05:18 AMئەۋەتىلدى :
مىنىڭچە كارتوننىڭ ئەڭ نوچىسى ياپۇن ئەمەس ئامىركا دېسنى ئالايلۇق چاشقان بىلەن ئۆردەك 1934 -يىلدىن باشلاپ ئىشلەنگەن ...ئويلاپ بېقىڭ ئۇ يىللاردا ياپۇنلىقلار نىمىش قىلۋاتقان ...بۇ يەرغۇ بولدى ...قوساق ۋەكشى ئاچ ...تېلۋۇزۇرنى ھىچكىم كۆرەپ باقمىغان ... ماشىننى كۆرسە قوقوپ جىنمىكى دەپ قاچىدىغان ئادەم تولا گەپ ... ياپۇننىڭ ئەڭ نوچى كارتون فىلىمى مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە ھىكايە ...ماركونىڭ ئاپىسنى ئىزدىشى ...مىم مۇ (ياپۇننىڭغۇ دەيمەن) ھازرىقى ياشلار كۆرەپ باقمىدى بۇ ئىىسل كارتونلارنى ھازىرقى باللىلار ياپۇننىڭ ئەخلىتىنى كۆرەۋاتىدۇ...ياپۇننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كارتونلىرى بولمايدۇ ... چۇنكى ياخشى ئەمەس مەزمۇنى پۈچەك ئەتىگەندىن كەشكىچە بىرسى بىرىسى بىلەن بەسلىشىدىغان بىرسى بىرسىنى ياراتمايدىغان جىدەللىشىدىغان ..كەچكىچە پاراڭ چۇرۇڭلا بىر خىل ئېچىنىشلىق ...كىچىك بالىلار ئۇخماي كۈرىدۇ ئەمما ئۇنىڭ تەسىرىنى كىيىن بىلىسىز ... تىلۋىزۇرنىڭ كۈچگە سەل قارىماڭ ...بىز چوڭ ئادەملەر قۇبۇل قىلالىغان بىلەن بالىلار ئۇسۇپ يىتىلۋاتقانلارغا بولمايدۇ ( چۇنكى كارتوننى بالىلار كۆپرەك كۆرىدۇ ) ...بالىڭىزنى ھازىرقى بەزى (ھەممىسنى دىمەكچى ئەمەس )ياپۇن كارتونلىرىدىن تۇسۇڭ ..... كارتون فىلىم بالىلارغا ماس كىلىشى كېرەك تەربىيۋى ئەھمىيتى بۇلىشى كېرەك ...ئاددىىسى ۋاسكىتبول ماھىرى غۇ ئەخلەت مىنىڭ نەزىرىمدە بىر توپنى گارغا سولاپ بولغۇچە 10 قىسىم كەيىپ سۇرۇپ خيال قىپ ئاران سولاي دىگەندە بىرسى ئۇرۇپ چىقىرۋەتكەن بىر توپ ئۈچۈن بىر ھەپتە تېلۋۇزۇر كۈرۈپ ھەي نىمە ئۇ دەھشەت ماز ... ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتونلارمۇ مەزمۇن جەھەتتىن ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ... كارتوندا ھىچنەگە قايىل بولمىساممۇ ئامىركىغا قايىل بولىمەن ..مۇشۇك بىلەن چاشقان ... پىنوككى ...شىر پادىشاھ ... ھەي دىمىسەممۇ ھەممىڭلار ئامىركىنىڭ كارتونلىرغا ئامراق ...... دىسنىي نىڭ كارتون ئىشىلىشىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ ھىچكىم ..بىزگە كەلسەك بىزگە كارتون ئىشلەش تەرەققى قىلغان ئەللەردىن كەمىدە يېرىم ئەسىر دىن ئۇشۇقراق كىيىن كەلدى دىسەكمۇ بۇلىدۇ ئەمما ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كارتوننى كۆردۇم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن كارتونلار بار ......ئىشىنىمەنكى مەبلەخ ۋە قوللاشلا بولسا بىز ئىتتىكلا يىتىشىپ قالىمىز ...چۇنكى بىزدە چۆچەك يىتەرلىك ئەپسانە رىۋايەتلەر شۇنداق جىق ...ئىنتايىن ئىسىل ئەپسانە رىۋايەتلىرىمىز ۋە چۆچەكلىرىمىز بار ... ئاددىسى نەسىردىن ئەپەندى دۇنياۋى ئوبراز دىيشىكە بۇلامدۇ بولمامدۇ مەن ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن ... ئەمما ئەپەندى دىسە ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇنۇمايدىغان ئادەم يوق شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئوبرازلىرىمىز بار ...كەلگۇسىدە پۇل ۋە قوللاشلا بولسا ھازىر بىزنىڭ كارتونچى بالىلارمۇ يىتىشىپ قالدى ...بىزنىڭ ئارىمىزدىنىمۇ ئەڭ ياخشى كارتون ئوبرازلىرى چىققۇسى ....
دۇرۇس ئېيتقانلىرىڭىز توغرا، دۇنيا بويىچە كارتون فىلىم ئىشلەشتە يەنىلا ئامېرىكا 1- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ! كارتونلام ئەمەس كىنو ئىشلەش جەھەتتىنمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆتىدىغانلار يوق دىيىشكە بولىدۇ. ئۇلار 1كىنو 1كارتون ئىشلەش ئۈچۈن نەچچە مىلىيۇن ھەتتا نەچچە مىليارد سەرپ قىلىپ ئىشلەيدۇ! ئەمما ئۇلارنىڭ كىنو قويىلىدىغان باھاسى جۇڭگۇدىن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن باھا! بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن فىلىملەر كىنو قانىلىدا قويسا ، بىر جۇڭگۇ فىلىمىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى 10مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. ئەمما ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى 1000 يۈەن ئەتراپىدىكەن! نېمە ئۈچۈن بۇ جەھەتتە جۇڭگۇنىڭ يۇقىرى ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن بولىدۇ!؟ سەۋەبى ئۇلار ئۆزىلىرىنىڭ ئەرزان تەننەرخى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇش! دۇنيانى ئامېرىكىلاشتۇرۇش يولىدا ماڭدۇرۇشتىن ئىبارەت!
ھازىر ئامېرىكا كارتون جەمىيىتى 3D دەۋرىگە قەدەم قويدى! دېمەك بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئىلغارلىشىپ كەتتى ...
ئەمدى ياپونىيەگە كەلسەك، ياپونىيەنىڭ بۇ جەھەتتە ئامېرىكىغا يەتمىسىمۇ.... ئەمما ئاسىيا قىتئەسىدا يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا دېسەكمۇ بولىدۇ! ئۇلار ئىشلىگەن كارتونلار يەنىلا ئامېرىكىدىن قالسا، دۇنيادا كۆرۈش قېتىم سانى يەنىلا يۇقىرى! ئۇلارنىڭمۇ 3D جەھەتتىكى تېخنىكىسىمۇ ئىلغار! ئۇلار ھەتتا 生化危机 نىمۇ 3D قىلىپ ئىشلىدى! ئۇندىن باشقا ياپونىيەنىڭ ئويۇن ئىشلەش جەھەتتىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ...
ئامېرىكىنىڭ SPORTES ئىشلىگەن ئويونلار ياپونىيەدىن ئېشىپ چۈشسىمۇ، ئەمما كىشىلەر يەنىلا ياپونىيەنىڭ ئويۇنىنى ئويناشقا ئامراق، ئالايلۇق 实况足球 نىڭ دۇنيادا نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ھەم ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنى!
لېكىن سىز ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ياپونىيەدە يەنىلا ياخشى كارتونلارنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ! ئالايلۇق سىز ۋاسكىتىبول ماھىرىنى ئەخلەت دەپ قارايدىكەنسىز.... توغرا مەنمۇ بۇرۇن بۇ كارتون فىلىمنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتىم! لېكىن بۇ كارتون فىلىملەر جۇڭگۇ ياش - ئۆسمۈرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشكە ئېرىشكەن كارتون فىلىم! جۇڭگۇدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر يەنىلا مۇشۇ ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ... سەۋەب ئۇلار ياپونلۇقلارغا قارىغاندا بالىلارنىڭ نېمىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ! نېمىنى كۆرۈشكە ئامراقلارنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ!
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا چاشقان بىلەن مۈشۈكنىڭ كارتون فىلىمىنى ئىشلەيدىغان شىركەت ۋەيران بولاپتۇ! قارىغاندا بۇ كارتون فىلىمنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمىز!