|
|
|
|
يۇمۇر
1)
بىر قىز ئىشتىن چۈشكىچە كەچ بولۇپ كېتىپتۇ.قاراڭغۇدا قورقۇپ مېڭىۋاتسا،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ،ھېلىقى كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ.قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ-دە:
-دادا قەبرە ئىشكىنى ئاچە،ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن-دېيىشىگە،ھېلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كېتىپتۇ.قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا.قەبرىدىن:
-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن-دە.كىرە ئۆيگە-دېگەن ئاۋاز كەپتۇ.قىز ئالدى-كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ.
ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن.ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا،ياندىكى قەبرىدىن :
-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزراق ئىشىڭنى قىلە گۇي.ما قەبرىدە ياتقىلى 80يىل بولاي دېدى،سېنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى.-دېگەن ئاۋاز كەپتۇ.قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كېتىپتۇ.قەبرىدىن بىرى كىيىملىرىدىكى توپا-چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنچە چىقىپ:
-مەندىن ئىش تالاشقانغا توي –دەپ ،ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا،يىراقتىن دوڭ،دوڭ،دوڭ….قىلغان ئاۋاز كەپتۇ،قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ.ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ:
-بوۋا،نېمە ئىش قىلىۋاتىلا؟-دەپ سوراپتۇ.بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي:
-ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي-ئىچمەي باقساممۇ،قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ.شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كېلىپ تۈزتىپ قويمىدى.بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۇزتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم-دەپتۇ.
ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ.
(2)
-قاراڭ دوختۇر،يېقىندىن بېرى كۆزۈم يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى-دەپتۇ بىمار.
-شۇنداقمۇ-دەپتۇ دوختۇر ۋە بىمارنى باشلاپ دەرىزە ئالدىغا كېلىپ قۇياشنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:
-ئاۋۇ نېمە –دەپ سوراپتۇ.
-قۇياش!
-ئەمسە دەڭچۇ قېنى،ئۇنۇڭدىن يىراق يەنە نەنى كۆرمەكچىتىڭىز-دېگۈدەك دوختۇر.
(3)
ئوغلى مېھمانخانا ئۆيدە مېھمان بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاتىسىنىڭ قۇلقىغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ نەچچە قېتىم كەلسىمۇ،ئاتىسى سۆزلىگىلى قويماپتۇ ۋە ئەيىبلەپ:
-مېھمان بار يەردە بۇنداق قىلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ،گەپ بولسا ئوچۇق دەۋەگۈلۈك،-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئوغلى دېمەكچى بولغان گېپىنى ئوچۇقلا دەۋىتىپتۇ:
-ئاپام،ئۆيدە كۆكتات قالمىدى،ئاتاڭغا دەپ قوي، مېھماننى تۇتۇپ قالمىسۇن،دەيدۇ.
(4)
بىر ئايال راك كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قاپتۇ.بالىلىرى ئاپىسىغا تەلمۈرۈپ قاراپ:
-ئاپا،ساقىيىپ كەتسەڭ بولاتتى.ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قانداقمۇ قىلارمىز؟-دەپتۇ.ئاپىسى بالىلىرىغا تەسەللى بېرىپ:
-ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئاپام ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دەڭلار،داداڭلار ھەرگىزمۇ ئۆيلىنەلمەيدۇ.
(5)
بىر ئادەمنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ،ئۈچ كۈندە ئايىقى،تۆت كۈندە تىلى چىقىپتۇ.بىراق كىمنى چاقىرسا شۇ ئۆلىدىكەن . بىر كۈنى موما دەپتىكەن مومىسى ئۆلۈپتۇ.يەنە بىر كۈنى بوۋا دەپتىكەن بوۋىسى ئۆلۈپتۇ.دادىسى:
-ماۋۇ گۇي كىمنى چاقىرسا شۇ ئۆلىۋاتىدۇ،دادا دەپ سالمىغېيتى-دەپ تۇرشىغا،دادا دەپ چاقىرىپتىكەن،دادىسى ئاپلا مەن ئۆلدۈم دەپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋىتىپتۇ.بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا ساق ئۆلمىگەن.،بۇ نېمە ئىش دەپ تۇرشىغا خوشنىسىنىڭ بالىسى يىغلاپ كىرىپتۇ.نېمە بولدۇڭ دەپ سورىشىغا، ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ:
-دادام تۇيۇقسىز ئۆلەپ قالدى-دېگۈدەك.
مەنبە:ساغلاملىق ژورنىلى
|
|
|
|
|
|