|
مىسرانىمدا قۇربان ھېيتلىق مەشرەپ
مۇنبەرنىڭ چوڭ پالىيەت زالى مەشرەپكە قاتنىشىشقا كەلگەن مۇنبەرداشلار بىلەن لىق تولغان ،ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم ،ھەممەيلەن شۇنداق خۇشال ،ۋاقىت توشۇپ «مەشرەپ» ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسى بىلەن سەھنە ئىچىلدى ،مىرشاپ atazat بىلەن رىياسەتچى cayyara سەھنىگە چىقتى .
مىرشاپata zat:ئسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن ، بۈگۈنكى مەشرەپكە قاتناشقان بارلىق مۇنبەرداشلارغا كەمىنە مىرشاپتىن ئوتلۇق سالام ،
رىياسەتچى cayyara : مەرھابا مۇنبەرداشلار ، كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا ،مەشرەپكە قاتناشقان بارلىق مىھمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن ،رىياسەتچى cayyara سىلەردەك ئەزىز مىھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ، ( قىزغىن چاۋاك )
مىرشاپ atazat : خوش cayyara ، ئالدى بىلەن بۈگۈنكى مەشرىپىمىزنىڭ يىگىت بىشىنى مەشرەپ ئەھلىگە بىر تونۇشتۇرۋەتسەك قانداق بولار ؟
رىياسەتچى cayyara : بولىدۇ ، ئۇنداق بولسا سىز بىر ئىلان قىلىڭىۋتىڭە .
مىرشاپ atazat :بۈگۈنكى مەشرىپىمىزنىڭ يىگىت بىشى مۇنبىرىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر باشقۇرغۇچىسى moghal ئەپەندىم بولىدۇ ،قىنى moghal ئەپەندىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى ، مەرھەمەت !!!
ياراشتۇرۇپ رەتلىك كىيىنگەن moghal ئەپەندىم سەھنىگە چىقتى ،(قىزغىن چاۋاك ) moghal ئەپەندىم سەھنىگە چىقىپ گىلىنى قىرىپ تۇرۇپ سۆزلىدى :
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپكە قاتناشقان مۇنبەر ئەزالىرى ، مەن ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن ،ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن ! ئايەم كۈنلۈرۈڭلار خۇشال ئۆتسۇن ،مەن موخالدىن ھەممىڭلارغا ئالى ئىھتىرام . ئالدىنقى قىتىملىق musilina خانىم ئۇيۇشتۇرغان روزى ھېيتلىق مەشرەپتە ھەممىز بىر قىتىم جەم بولغان ئىدۇق ،بۇ قىتىم nazila998 خانىم ئۇيۇشتۇرغان قۇربان ھېيتلىق مەشرەپتە يەنە بىر قىتىم جەم بوپتۇق ،بۇ ئىككەيلەنگە كۆپتىن - كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ھەم مىسرانىمدىكى برلىق مۇنبەرداشلار نامىدىن بۈگۈنكى بۇ سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن مىسرانىم ئەپەندىمگە ئالاھىدە تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرمەن ،ئاخىردا بۈگۈنكى مەشرەپنىڭ كۆڭۈللۈك ، خۇشال-خۇرام داۋاملىشىشىنى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،( قىزغىن چاۋاك )
رىياسەتچى cayyara : رەخمەت moghal ئەپەندىم _ moghal ئەپەندىم سەھنىدىن چۈشتى _ مەن مۇنبەر نامىدىن بارلىق مىھمانلارغا يەنە بىر قىتىم چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن _ دىدى cayyara ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام بىلەن _ قىنى مىرشاپ ، مەشرەپنى باشلامدۇق ؟
مىرشاپ atazat : يىگىت بىشى ، ئىجازەتمىكىن ؟
يىگىت بىشى : ئىجازەت ،
_ مەشرەپ باشلاند______________________ى !!!!!!!!!!! _ ياڭراق سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئىلان قىلدى مىرشاپ ئاندىن
_ بىرىنچى نۇمۇرمىزدا «چارىگاھ مۇقامىنىڭ مەشرەپى»دىن ئارىيە ، ئىلاندىن كىيىن atazat بىلەنcayayra كۆپچىلىككە سالام بېرۋىتىپ سەھنىدىن چۈشتى ،kaptalis , ubul0998 ,nurmamat0997 zapar,مىرئادىل،كارۋان axkar قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلىغان مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ سەھرا ئوغلى ، dolanlik ،ئىمكان zulayha,xahlaay, قاتارلىقلارنىڭ ئېيتقان مۇقامى بىلەن ئۇسۇلچىلاردىن qiqak ,nurbiya,sabinur, pinhangul ,مەلىكە ،kuzum , قۇملۇق ، tohtamux,uzumtal,qartikin,sazguri,hasalharisi قاتارلىقلار ،نەپىس ، شوخ ھەركەتلىرى بىلەن ئۇسۇلغا چۈشتى . (ناخشىنىڭ تىكىستى )
ئەييۇھال ئەشرافى بوي ۋەسلى جاھان كەلتۈرمىشىم ،
بىر گۈلى رەنا جامالىڭدىن نىشان كەلتۈرمىشىم .
ئۆرگۈلۈپ قەشقەرۇ-يەكەن ئۇل خوتەن دەشتلەر كىزىپ ،
ئاھ ئۇرۇپ كېرىا،چىرا،ئىلچى ئامان كەلتۈرمىشىم .
ئىلچىنىڭ بازارىدىن بىرمۇنچە ئەلدىن پۇل تىلەپ ،
قاراقاش بازارىدىن ئەبجۇش قازان كەلتۈرمىشىم .
گاھ موغاللار ، گاھى قارلۇق چۆپچىلەر جاي كەنتىدىن
كەچقۇرۇن ئاتقا بوغاز ، سامان كەلتۈرمىشىم .
شوخ ناخشا بىلەن باشلانغان لەرزان ئۇسۇل ئاخىرلاشتى ، سەھنىگە cayyara چىقتى :
_ نۆۋەتتىكى نۇمۇرمىزدا يالغۇز كىشىلىك ناخشا «قەشقەر قىزى » مۇنبىرىمىزنىڭ ناخشىچىسى gulbar5 ئورۇنلايدۇ .
ئەتلەستە ئۇزۇن مۇراسىم كىيمى كىيگەن ، بىشىغا مەرۋايىت دوپپا كىيگەن gulbar5 سەھنىگە چىقتى . ئۇنىڭ يىقىملىق ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى.
قەشقەر قىزى
ئۆزى ئشچان ، چېھرى نۇرلۇق ئاي يۈزى .
چىشى ئاپپاق دۇردانە ، چولپان كۆزى .
بال ھەسەلگە ئوخشاش شىرىن سۆزى .
شەرمى - ھايا ئەلچىسى قەشقەر قىزى .
كۆز ئالدىمدىن كەتمەس ئۇنىڭ سىياقى ،
كۈلكىسى شوخ،ياڭرايدۇ بۇلبۇل كۈيى .
ئاسمىنىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز كەبى
مىھرى ئاتەش خۇش چىراي قەشقەر قىزى .
قاپقارادۇر مەژنۇنتالدەك چاچلىرى ،
قىزىل گۈلدەك ھۆسنى ئۇنىڭ چىرايى .
جاننى ئالۇر نازلىنىپ كۈلۈشلىرى .
ئايدىن گۈزەل نۇر چاچار قەشقەر قىزى .
ناخشا ئاخىرلاشقاندىن كىيىن سەھنىگە مىرشاپ atazat چىقتى :
_ نۆۋەتتە كۆردىغىنىڭلار ئىككى كىشىلىك ئېيتىشىش «ئامراق » ، توخار بىلەن gulbaxikar ئورۇنلايدۇ .
ئامراق
توخار : مالچى تاققا ئامراق ، ئۆچكە باققا ئامراق .
ھاراقكەش مەيگە ئامراق ،غىرىپ نەيگە ئامراق .
gulbaxikar : كۆل غازغا ئامراق , چىۋىن تازغا ئامراق ،
بىنەمچى تاشلىققا ئامراق ، خوشامەتچى باشلىققا ئامراق
.
توخار : كىچىك بالا پوسمىغا ئامراق ،قىز چوكانلار ئوسمىغا ئامراق .
ساي يەر لايغا ئامراق ، كىچە ئايغا ئامراق .
gulbaxikar : قارام ئادەم مۇشلىشىشقا ئامراق ، قارچۇغا قۇشلاشقا ئامراق ،
بوۋاق ئەللەيگە ئامراق ، گال پىچاق بىلەيگە ئامراق ،
توخار : سۇپا بورىغا ئامراق ،تۈتۈن مورىغا ئامراق ،
قۇشقاچ تىرىققا ئامراق ،سۇ ئېرىققا ئامراق .
gulbaxikar : قان بىسىم قىتىققا ئامراق ،كالا پىتىققا ئامراق ،
تىۋىپ خالتىغا ئامراق ، ئاشىق ناخشىغا ئامراق .
_ نۆۋەتتە كۆردىغىنىڭلار ئىتوت « كۆيۈمچان ئەر» Eltikin ,fatima ,musilina لار ئورۇنلايدۇ
fatimaبىلەنEltikin نىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدى ، fatima ئاچقۇچ ئىزدىگەچ musilina بىلەن پاراڭلىشىۋاتىدۇ ،
musilina : ھەي ! قىزىم ئېرىڭىزنى بەك چىقىمدارقىلىۋەتتىڭىز ، بوينىڭىزدىكى زەنجىرنى ئالدۇرغاندىكىن ، قۇلىقىڭىزدىكى سوكا بىلەن ،ئۇچىڭىزدىكى بۇ نوركا پەلتۇنى ئالدۇرمىسىڭىزمۇ بولاتتى .
fatima : ۋىيەي ئانا ، بۇ دىگەن تۇنجى تۇغۇتۇم تۇرسا ، مۇشۇنداق چاغدا قىلدىغاننى قىلدۇرۇپ ،كىيدىغاننى كىيۋالمىسام بولامدۇ ؟
musilina : تۇغماس چاغدىمۇ نىمە كەيگۈڭىز كەلسە شۇنى كىيەتتىڭىزغۇ ؟
fatima : ئارتۇق دۆۋلەت باشنى يارامتى ئانا .
musilina : قەرىزگە كىرىپ قالمىساڭلارلا بولاتتىغۇ ، ئىككىڭلارنىڭ مۇئاشىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس .
fatima : خاتىرجەم بولىڭە ئانا ، Eltikin مۇنبەردە تىما تەستىقلىغاندىن باشقا ، ئاخشاملىرى ئۇخلىماي ، ئۇنى - بۇنى يىزىپ ، مۇنبەرگە يوللاۋاتىدۇ ، شۇ قەلەم ھەققىغىمۇ خىلى مۇنبەر پۇلى كىلىپ قالىدۇ ، ( ئاڭغىچە fatima ئاچقۇچنى تىپىپ ئۆيگە كىرىپلا سەت ۋاقىرۋەتتى )
fatima : ئانا !!!!!!!!!! ۋاي قانداق قىلاي ، ئۆيگە ئوغرى كىرىپتۇ ، بۇ Eltikin نىمە ئىشلانى قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ ئەمدى ،
( Eltikin ئۆيگە كىرىپ كىلىدۇ ) بۇنى كۆرگەن fatima چىرايى تاتارغان ھالدا Eltikin گە
_ قاراڭ ، ئۆيگە ئوغرى كىرىپتۇ ، ئىسىت .....ئىسىت ........دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ،
Eltikin : ياق ، ئوغرى كىرمىدى ، مەن سىزگە چۈشەندۈرەي ، fatima ھەممە ئۆيلەرگە بىر قۇر قاراپ چىقتى -دە سوراشقا باشلىدى .
fatima : ئەمىسە توڭلاتقۇ قىنى ؟
Eltikin : ئوڭ قۇلىقىڭىزدا ،
fatima : تىلىۋىزور قىنى ؟
Eltikin : سول قۇلىقىڭىزدا
fatima : توقۇتقان چوڭ گىلەمچۇ ؟
Eltikin : بوينىڭىزدا
fatima : ئۆي جاھازلىرىچۇ ؟
Eltikin : ئۈستى بىشىڭىزدا . fatima قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى :
_ ئىلىشىپ قاپسىز ، قىپ-قىزىل ساراڭ بوپسىز . Eltikin ناھەيىتى ئىغىر - بىسىقلىق بىلەن :
_ ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ سۆيۈملۈگۈم ،گىپىمگە قۇلاق سىلىڭ ، تويدىمۇ رايىڭىزغا بىرىپ قەرىز ئىلىپ كاتتا توي قىلدۇق ، ئۆينىمۇ رايىڭىزغا بىرىپ كونا قەرىزگە قارماي ، يىڭىدىن قەرىز ئىلىپ ياساپ جابدۇدۇق ، ئامماقنىڭ بەمىكى باركەن ،قەرىز ئىگىلىرى قەرىزنى سۈيلەپ بەك ئاۋارە قىلىۋەتتى ، شۇڭا تىلىۋىزور بىلەن توڭلاتقۇنى سىتىپ قۇلىقىڭىزدىكى سوكىنى سوقتۇردۇم ، گىلەمنى سىتىپ بوينىڭىزدىكى زەنجىرنى ئالدىم ، ئۆي جاھازلىرىنى سىتىپ ئۇچىڭىزدىكى نوركا پەلتۇنى ئالدىم ، قالغان ئۆزەمنىڭ پۇلغا يارغۇدەك نەرسىلىرىنى سىتىپ تويغا ئالغان قەرىزنىڭ بىر قىسمىنى بېرۋەتتىم ، ئەمدى كىيىم كىيمەكچى بولسىڭىز مىنىلا ئەپچىقىپ ساتسىڭىز بولىدۇ ، چۈنكى سىز ئۈچۈن بارلىقىم تەقدىم سىز ماڭا پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىڭىز ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق تۇرۇپ مەن سىزدىن نىمەمنى ئاياي ؟...........
_ بولدى قىلىڭ ...........fatima يغلىۋەتتى . بۇ ئىشنى باشتىن - ئاخىر كۆرۈپ تۇرغان musilina :
_ قىزىم ، بولدى قىلىڭ ، كۈ ئوغلۇممۇ ئاز جاپا تاتماپتۇ .ئادەم دىگەن شۈكۈر-قانائەتچان كىلىدىغان ، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنىدىغان
بۇنىڭدىن كىين بۇنداق ئىش يۈز بەرمىسۇن قىزىم ، مەن قايتاي ، خوش باللىرىم ،
fatima :توختاپ تۇرۇڭ ئانا ، مەن بىلەن ئالتۇن بازىرىغا بىللە بىرشىپ بىرىڭ ، مەن ئائىلەمنى قايتۇرۋالىمەن ، ماڭا ئۆيۈم لازىم ،
Elthkhn : توختاپ تۇرۇڭلا ، ئۆينىڭ نەرسە كىرەكلىرى ......................ئاڭغىچە fatimaبىلەن musilina چىقىپ كەتتى
_ ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا بولدىغىنى ........................... توختاپ تۇرۇڭ cayyara _ atazat ئالدىراش سەھنىگە چىقتى
_ نىمە ئىش بولدى _ سورىدى atazat
_ بىزنىڭ يىراق يۇرتتىكى بىر مۇنبەردىشىمىز مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق سالام يوللاپتۇ
_ ئۇنداقتا بۇ سالامنى مۇنبەرداشلارغا بىر يەتكۈزىۋەتمەمسىز
_ بولىدۇ _ cayyara بىر قەغەزنى ئىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى _ بۈگۈنكى قۇربان ھېيتلىق مەشرەپكە قاتناشقان بارلىق مۇنبەرداشلارغا ، يىراق ئەلدىكى مۇساپىر مۇنبەردىشىڭلار «پالۋان»دىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ، مىنىڭ بۇ مەشرەپكە بەكمۇ قاتناشقۇم بار ئىدى ، ئەپسۇس ئامال يوق ، شۇڭا سىلەرگە ئازراق كۆڭۈل سوۋغامنى ئەۋەتتىم .
تىلەكلىرىم
خۇدايا ھىچ بىر قۇلۇڭنى يۇرتتىن قىلما جۇدا
تىلەيمەن ئۆمۈر بويى بىرلا بۇنى سەندىن خۇدا.
مۇساپىر بولمىغان كىشى مۇسۇلمان بولالماس ئىمىش،
مۇساپىر بولدۇم يارەببى، قىلما مۇسۇلمانلىقتىن جۇدا .
ھېچ كىشىنىڭ قالمىغاي مەندە ھەققى ھوقۇقى
گەر ھەققى قالغانلار بولسا بىر كۈنى قىلغايمەن ئادا.
ئىماندىن ئۇزاقتا ياشىماق ئىنسان ئۈچۈن بەرى ئۆلۈم،
ھەر بايلىقتىن ئايرىساڭمۇ قىلما ئىماندىن ئىلاھىم جۇدا.
كۈنلىرى خاتا بىرلە، گۇناھ بىرلە ئۆتتى يەنە،
بۇ ساناقسىز گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغايسەن خۇدا.
ھېچ كىشىنى باشقىسىغا قىلما مۇھتاچ پەرۋەردىگار،
تارتماي غېرىپلىقتىن كېيىن مۇھتاچلىق دەردىنى بۇدا.
ئىمان بىلەن بىرلە ئۆلمەكنى تىلەيمەن كۈندۈز-كېچە،
تىلەكلىرىم بۇلار مىنىڭ قىلغىن ئىجابەت قادىر خۇدا.
_ ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى ئىككى كىشىلىك ناخشا « ئالەم گۈزەل » بۇنى Xerhanبىلەن kuzum ئورۇنلايدۇ
ئالەم گۈزەل
Xerhan : شۈنچە گۈزەل جاھاننىڭ باغۇ - سەيناسى .
قىز - يىگىتلەر ئەشۇ باغنىڭ گۈلى لەيناسى ،
kuzum :شۈنچە گۈزەل جاھاننىڭ باغۇ - سەيناسى .
قىز - يىگىتلەر ئەشۇ باغنىڭ گۈلى لەيناسى ،
Xerhan :گۈل بولمىسا بۇلبۇلغا باغ زىمىستان
گۈللەر ، بۇلبۇل نەۋ باھارنىڭ شەيداسى .
kozum :گۈل بولمىسا بۇلبۇلغا باغ زىمىستان
گۈللەر ، بۇلبۇل نەۋ باھارنىڭ شەيداسى .
بىرلىتە : ئالەم گۈزەل ھايات شىرىن جان دوسلار .
چىن مۇھاببەت چىن گۈزەللىكنىڭ دۇرداسى .(قايتىلايدۇ )
Xerhan : قىزلار ئوماق قىزلار زىبا ۋاپادار
قىزلار ۋاپا گۈلشەنىنىڭ يەكتاسى ( قايتىلاش )
kozum : يىگىتلەر شوخ ، يىگىيلەر مەردۇ - مەردانە
يىگىتلەر سۆيگۈ ئاسمىنىنىڭ ئەنقاسى ( قايتىلاش )
kozum : قۇياش نۇرلۇق ، ئايمۇ يورۇق ئاسماندا ،
ھەمرا ئاڭا چولپان بىلەن زۆھرەسى
مىھرى - شەپقەت قۇچىقىدا ياشنايدۇ .
قىز -يىگىتنىڭ بەختى ، مۇرات دۇنياسى .
xerhan : قۇياش نۇرلۇق ئايمۇ يورۇق ئاسمان دا
ھەمرا ئاڭا چولپان بىلەن زۆھرەسى
مىھرى - شەپقەت قۇچىقىدا ياشنايدۇ .
قىز -يىگىتنىڭ بەختى ، مۇرات دۇنياسى .
بىرلىكتە : ئالەم گۈزەل ، ھايات شىرىن جان دوسلار
ساداقەت مۇھاببەتنىڭ ئاساسى .
ئالەم گۈزەل ھايات شىرىن جان دوسلار
بىزگە مەنسۇپ بۇ گۈزەلللىك دۇنياسى .
_ ئەمدى كۆردۈغىنىڭلار................گەپنى بۆلۈپلا مەشرەپنىڭ ئامانلىقىغا مەسۇل بولغان boran114 بىلەن Arikzat سەھنىگە چىقتى
_ يىگىت بىشىغا ئەرزىمىز بار _ دىدى ئۇلار تەڭلا . يىگىت بىشى
_ قىنى ، ئەرزىڭلارنى ئېيتىڭلار ، گەپنى Arikzat باشلىدى
_ مۇنداق ئىش يىگىت بىشى ، مۇنبەردىكى kizhumar0998 قوي تىرىسىگە يۆگۈنىۋىلىپ ، شاللاقلىق قىلىپ قىز ماراپ يۈرۈيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تۇتىۋالدۇق ، جازاغا لايىق ،
_ kizhumar0998 دەرھال ئىلىپ كىلىنسۇن، Arikzatبىلەنboran114 ئىككىسى kizhumar0998 نى دەرھال سەھنىگە ئىلىپ كەلدى
_ كۆپچىلىك kizhumar0998 گە قانداق جازا بەرسەك بولا ؟ _ دىدى يىگىت بىشى .
_ بىر نەچچە يۇمۇر ئوقۇپ بەرسۇن _ دەپ ۋاقىراشتى كۆپچىلىك بىردەك
_ ئەمىسە kizhumar0998 ، سەن گۇناھىڭنى تونۇپ ، كۆپچىلىككە بىر نەچچە يۇمۇر ئوقۇپ بەرگىن
_ خوپ يىگىت بىشى _ kizhumar0998 يۇمۇرنى باشلىدى
1 . فوتو ئاپىراتلار بىلەن يانفۇنلار ئارسىدا ئۇرۇش پارتلاپتۇ ، بىر چاغدا بىر فوتو ئاپىرات ھاياجانلانغانچە يۈگۈرۈپ كىلىپ :
_ دوكلات باشلىق ، بىر يانفۇننى ئەسىرگە ئالدۇق ،_ دەپتۇ ، فوتو ئاپىراتلارنىڭ باشلىغى ھېلىقى ئەسىرگە شۇنداقلا قاراپ :
_ كۆزۈڭ كور بولۇپ قالدىمۇ سىنىڭ ؟ نىمىشقا بىزنىڭ جاسۇسىمىزنى تۇتىۋالدىڭ ؟بۇ دىگەن سۈرەت تارتىدىغان يانفۇن ئەمەسمۇ ؟ _ دەپتۇ .
2 . بىر مۇئەللىم دەرىس ۋاختىدا «تۈلكە تۇخۇم بىسىپ چۆجە چىقىرامدۇ ياكى كۈچۈكلەمدۇ ؟» دەپ سورىسا بىر ئوقۇغۇچى نىمە دەپتۇ دىمەيسىلە « مۇئەللىم تۈلكە دىگەن ھىلىگەر نەرسە ، ئۇنىڭ قولىدىن ھەر ئككىسى كىلىدۇ » دىگۈدەك ،
3 . بىزنىڭ بىر خوشنىمىزنىڭ چىشى ئاغرىپ قىلىپ ، تولا ۋايجانلاپ خوشنىلارنى پەقەت ئارامىدا قويمىدى ،بىر كۇنى بىر خوشنىمىز ھېلىقى چىشى ئاغرىپ قالغان كىشىنىڭ ئايالىنى كۆرۈپ «ئېرىڭىزنىڭ چىشى ئاغرىۋاتقىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى ، بىرەر ئامالىنى قىلدىڭىزمۇ ؟» دىسە « قىلدىم ، بىرنەچچە كۈندىن بىرى قۇلۇقۇمۈا پاختا تىقىۋالدىم» دىگۈدەك
4 . چار پاقا پاشا خىنىم بىلەن توي قىپتۇ ، ئۇخلاش ئالدىدا پاشا خىنىم چارپاقىنىڭ ئوڭغۇل - دوڭغۇل تېرىسىنىى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ «سىز چاققانراق بىرىپ تىرىڭىزنى سىلىقلىتىپ ھۆسنىڭىزنى تۈزىۋالسىڭىز بوپتىكەن ، بولمىسا ھۈررەك-ھۈررەك بولۇپ كەتكەن بەدىنىڭىزنى كۆرگەنلەر مىنى چىقىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن يەنە »دەپتۇ .
_ ئەمدى كۆردۈغىنىڭلار ئۇسۇللۇق يالغۇز كىشىلىك ناخشا « گۈل باغ » ، ناخشىنى مۇنبىرىمىزنىڭ ئوماق ناخشىچىسى شاتئاي ئورۇلايدۇ ،شاتئاينىڭ يىقىملىق ، تاتلىق ئاۋازى بىلەن ئوقۇغان ناخشىسىغا ئەگىشىپ xahnaz0999 , kugul ,qiqakkiz ,nazigul8 , azizim ,udunogli ,tatlikpigan,ئارقۇ ، قاتارلىقلار ، لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى ، ناخشا تىكىستى
بىغىمدىكى ئاق ئالما
چىچەكلەپتۇ ئاپپاققىنا ،
چىچەك سۇنسام پۇرامسەن
ئىشچان يايرىم دەپباققىنا
ئۇ باققىما ، بۇ باققىما ، بىللە بارايلى گۈل باققىما ،
ھەمرا بولامسەن دەپ باققىنا
ئۇ باققىمايا ، بۇ باققىما بىللە بارايلى گۈل باققىما
ھەمرا بولامسەن دەپ باققىنا
ئاق ئالمامنىڭ گۈلى ئاق
ساناپ باقسام بىرى تاق
ئۇتىۋالدى كۆڭلۈمنى
ئىشچان يايرىم خۇش - چاخچاق
ئۇ باققىما ، بۇ باققىما ، بىللە بارايلى گۈل باققىما ،
ھەمرا بولامسەن دەپ باققىنا
ئۇ باققىمايا ، بۇ باققىما بىللە بارايلى گۈل باققىما
ھەمرا بولامسەن دەپ باققىنا
بىغىمدىكى ئالمامنى
ئۈزۈپ بىرەي يەپباققىنا
راس كۆيدۈڭمۇ -يالغانمۇ
سوراپ باقاي دەپ باققىنا .
ئۇ باققىما ، بۇ باققىما ، بىللە بارايلى گۈل باققىما ،
ھەمرا بولامسەن دەپ باققىنا
ئۇ باققىمايا ، بۇ باققىما بىللە بارايلى گۈل باققىما
ھەمرا بولامسەن دەپ باققىنا
شاتئاينىڭ شوخ ناخشىسىغا كەلتۈرۈپ ئوينىغان كوپچىلىكنىڭ بۇ ئۇسۇلى سەھنىنى شۇنداق جانلاندۇرۋەتتى ، atazat بىلەن cayyara سەھنىگە چىقتى atazat :
_ ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ، بۇ قىتىم ئۇيۇشتۇرغان « مىسرانىمدا قۇربان ھېيتلىق مەشرەپ » ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ،
_ خەيىر - خوش مىھمانلار ، ئامان بولۇڭلار ، ۋاقىت يار بەرسە كىلەر قىتىملىق مەشرەپتە يەنە كۆرۈشەمىز .
قىزغىن ئالقىش سادالار ئىچىدە ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قايتىشتى ،
ئاپتورى : nazila998
تەھرىرلىگۈچى : tuz ئەپەندىم
سەھنە لاھىلىگۈچى
ھەم سىن ئالغۇچى : Xerhan
نازارەتچى : xiwas1 , hokumran
باش نازارەتچى : misranim ئەپەندىم
مەنبە : ئۆزۈم ھەم musilina خانىمنىڭ « مىسرانىمدا روزى ھېيتلىق مەشرەپ» ناملىق تىمىسىنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى
ئاخىردا بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمەن ، ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن ، ئايەم كۈلىرىڭلار خۇشال - خۇرام ، تىنىچ - ئامان ئوتسۇن ،
|
|