مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3765|ئىنكاس: 40

خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19020
تۆھپە نۇمۇرى: 2827
توردا: 3899 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 05:27:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم

(ھېكايە)

1



_ ئەخمەت مۇئەللىم،سىز تۆتىنچى سائەت دەرس ۋاقتىنىڭ يېرىمى قالغاندا نەگە باردىڭىز؟
_ ياتىقىمغا كىرىپ تاماق ئىتىپ يىگەن ئىدىم.
_ تاماقنى چۈشلۈك ئارامدا ئىتىپ يىسىڭىز بولمامدۇ؟
_ قىرىق مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا تاماق پىشۈرۈپ يەپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن،شۇڭا تۆتىنچى سائەتتە دەرسىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرراق تاماق ئىتىپ يىگىلى چىققان ئىدىم.
_ تۆتىنچى سائەتتە دەرسىڭىز بولمىغان بىلەن خىزمىتىڭىز بارنى بىلمەمتىڭىز!
_ بىلىتىم،بىلسەممۇ قانداق قىلىمەن! ئاچ قورساق خىزمەت قىلغىلى بولمايدىكەن بۇ سەھرادا.
_ كىم سىزنى ئاچ قورساق خىزمەت قىلسۇن دەپتۇ،تاماق ئىتىپ بېرىدىغان خوتۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ!؟
_ ئەمدى شۇ شۇجاڭ،قىز بالا بىكارغا تەگمەيدىكەن،بۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققىم بىلەن يا ئۆيلەنگۈدەك پۇل يىغالمىدىم.
_ پۇل يىغالمىغان بولسىڭىز،مەن خوتۇن ئالىتىم،ياردەم قىلىڭلار دەپ،خورجۇن كۆتۈرۈپ تىلەڭ!
_ ئۇنداقمۇ  دەپ كەتمىسىلە شۇجاڭ،مەنمۇ  رەسمىيلىشىپ قالامەن بىر كۈنى.
_ نېمىشقا دېمەيمەن! بىر كۈنى بولسا كېچىكىڭ،بىر كۈنى بولسا بالدۇر ئارام ئېلىۋېلىڭ!‹‹ھېجىقىز تۆۋە قىلماپتۇ،تۆۋە قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ››دەپ شۇنچە قېتىم نەسىھەت قىلسام تۈزەلمىگەن...
_ ھەي ئوغىرى كىم ھېجىقىزىكەن!ئاغزىڭنى چاغلاپ گەپ قىل جۇمۇ!كىچىكەن،بالدۇر ئارام ئالغان بولسام،ھەر ئايدا كاڭگۇڭ قىلىۋاتىسەنغۇ!
_ سەن ھېجىقىز! سەن بولماي كىم ھېجىقىز بولۇتتى!
_ مېنىڭ قېيىرىم ھېجىقىزكەن،ھېجىقىزلىقىمنى كۆرسىتە!
_ ھېجىقىزلىقىڭنى تېخىچە بىلمەيۋاتامسەن!ھېجىقىز بولمىساڭ يىگىرمە ئالتە يېشىڭغىچە خوتۇن ئالالماي يۈرەمتىڭ!
_ نېمە دەيدۇ ماۋۇ ماز ئوغىرى،چىشىڭنى بىردىن تۆكۈمەن ھازىرلا!
ئەخمەت مۇئەللىم چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ مەكتەپ مودېرى تۇرەك توختىنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى.دەل شۇ چاغدا دەرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ ئۇلارنى تۇتىۋېلىشتى.
_ ۋوي نېمە بولدى ئەخمەتجان،گەپ بولسا چىرايلىق دەڭ!
_ مېنى قويۇپ بېرىڭلار ئاداش،ماۋۇ ماز ئوغۇرى مېنى ھېجىقىز دەيدا ئەجەپ،بۈگۈن يا ئۇ مېنىڭ ھېجىقىزلىقىمنى چىقىرىدۇ، يا مەن ئۇنىڭ چىشلىرىنى بىردىن تۆكۈمەن.
_ ھېجىقىز بولماي نېمە سەن،يەنە دەيمەن،سەن ھېجىقىز!ھېجىقىز بولمىساڭ،خوتۇن ئالالايتىڭ!
_ شوجاڭ،سىلىمۇ چىرايلىق گەپ قىلسىلا  بولمامدۇ! ماڭسىلا،بىردەم ئۆيلىرىگە كىرىپ تاماكا چىكىپ چىقسىلا!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككەيلەننى ئايرىۋېتىشى بىلەن بۇ جىدەل ئاران بېسىقتى.
                                          2            
_ مائارىپ ئىدارىسىغا قەدەملىرى يىتىپ قاپتىغۇ تۇرەك شۇجاڭ!ئۆزلىرى،بالا-ۋاقىلىرى،مەكتەپ ئىچى تىچلىقتۇ؟
_ تېچلىق...،جۇيجاڭ،سىلىگە مەلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى، شۇڭا...
_ ھە،نېمە ئىشتى،يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىلىتەلمىدىم،بوي سۇنمىدى،دەپ كەلمىگەنلا!
_ ياق... بۇ قېتىم،ئىقتىسادىي ئىش بىلەن كەلگەن.
_ ئىقتىسادىي ئىش؟ قانداق ئىقتىسادىي ئىش، تېز دېسىلە!
_ مەكتىۋمىزنىڭ بۇغالتىرى ئەخمەت مەمەت مەكتەپنىڭ ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك نەچچە يۈەن نەق پۇلى بىلەن بۇيىل تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئونبەش ياشلىق چىرايلىق قىزىم گۈلباھارنى ئېلىپ قېچىپتۇ!
_ ۋوي تۈز گەپ قىلسىلا،بىر ئوبدان خىزمىتنى تاشلاپ قاچىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ  بولامدۇ؟
_ ئۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققى ئالدىغان دەيكۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى،شۇڭا...
_ دەيكۇ ئوقۇتقۇچى؟!مەكتەپتە گۇڭبەن ئوقۇتقۇچى يوقمىتى! سىلە نېمىشقا دەيكۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇغالتىرلىقنى تۇتقۇزغان؟ئۇنى نەدىن تاپسىلا –تاپسىلا، بولمىسا ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى تۆلەيلا!
_ ھۈ..ھۈ.... مەن يا خەنزۇ تىلى بىلمىسەم،ئەمدى قانداق تاپامەن ئۇ ھېجىقىزنى  كۇلىيدىن.....  
_يىغلىماي سۆزلىسىلە!ئۇلارنىڭ كۇلىيگە كەتكىنىنى سىلە قانداق بىلدىلە؟
_ ئاخشام تېلېفۇن قىلىپتۇ بىز  لەنجۇدا دەپ.
_ كىم تېلېفۇن قىلىپتۇ؟
_ ئەخمەت دېگەن ھېجىقىز تېلېفۇن قىلىپتۇ.
_ چىرايلىق گەپ قىلسىلا،قىزلىرىنى ئېلىپ قاچقان ئادەمى تولا ھېجىقىز دەۋەرمىسىلە.نېمە دەيدۇ ئۇ تېلېفۇندا؟
_ قىزلىرىدىن خاتىرجەم بولسىلا،كېلەر يىللىققا قىزلىرى يەڭگىگەندە ئاندىن ئۇنى ئېلىپ مەھەللىگە بارمەن دەيدۇ.ھۈ...ھۈ...قىزىم تېخى يەنە ئونبەش كۈندىن كېيىن تولۇقسىزنى پۈتتۈرەتتى.مەن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئوقۇتاي دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.ھۈ...ھۈ...
_ ئۇلار قاچقىلى قانچە كۈن بولدى؟
_ قىزىم بىلەن ئىككىسى يوقاپ كەتكىلى بىر ھەپتە بولدى،بىز ئۇلارنى ئىزدىمىگن جاي قالمىدى.
_ بىر ھەپتە بولغىچە نېمە ئىش قىلدىلا،ئىدارىگە مەلۇم قىلماي،ئۇلارنى ئۆزلىرى قاچۇرۋەتلىمۇ يا!
_ تۆۋە دېسىلە جۈيجاڭ،مەن ئۇنىڭغا بەك ئۆش.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان،گەپ قىلىشمىغىلىمۇ يېرىم يىلدەك بولغان...
_ ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتىدىغان سىنىپى بارمىتىى؟
_ سىنىپ تۇتمايتى،خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتەتتى.
_ بولدى،كۆڭۈللىرىنى پاراكەندە قىلماي،ئىدارىگە قارىتا بۇ ئىش توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇمات يازسىلا! ئۇ كەلمىسە ئېلىپ قاچقان پۇلنى سوت ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئالارمىز.
  _ ۋاي جۈيجاڭ،نەدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسۇن،دادىسى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن،ئاپىسى ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردىغان چاغدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنىمىسى يوق يالاڭتۆش دېسىلە ئۇ......

3


- قاقشال مەكتەپتىكى تۈرەك شوجاڭنىڭ يەتتە يىل ئىلىگىرى ئەخمەت مەمەت بىلەن قېچىپ كەتكەن قىزى گۈلباھار تۈنۈگۈن ئىككى بالىسىنى سېلىپ،نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك بىر سانتانا ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپتۇ.
- ئۆزى ھەيدەپ كەلمىگەندۇ!؟
- ئۆزى ھەيدەپ كەلگەننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
- ماشىنا كىمنىڭ ماشنىسىدۇ؟
- ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ماشنىسىمىش.
-  سىلە نەدىن ئاڭلىدىڭلا؟
- مەن گۈلباھار ئۆزىدىن سورىدىم.
- نەدە يۈرۈپ ماشىنا ئالغۇدەك پۇل تېپىپتۇ؟
- ئۈرۈمچىگە چىقىپلا ئاۋۋال ھەر ئىككىلىسى ئاشخانىدا ئىشلەپتىمىش،ئاندىن تاپقان پۇلىغا ئەخمەت شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇپ كىنىشكە ئېلىپ،تاكسى شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپتىمىش.ئارقىدىن گۈلباھارنىمۇ ئوقۇتۇپ شوپۇرلۇق كىنىشكە ئالغاندىن كېيىن،ھەر ئىككىلىسى تاكسى شىركىتىدە ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا شەخسىي ماشىنا ئېلىپتىمىش.
- قىز بالىنىڭ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگۈنەلەيدىغانلىقىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
- ماشىنا ھەيدەشلا ئەمەس،خەنزۇچە سۆزلەش قابىليىتىمۇ شۇنداق يوقۇرىكەن.يۈرۈش-تۇرۇشى كېيىم-كېچىكى،گەپ-سۆزىگە قاراپ ئۇنى تۇرەك شوجاڭنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەي قېچىپ كەتكەن قىزى شۇ دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
- ئەخمەت مەمەت كەلمەپتىمۇ؟
- ئۇ گۈلباھارغا ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپتىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن پۇللارنى تۇتقۇزۇپ،سىز ئاۋۋال بېرىڭ،قېيناتام ئاچچىغىدىن يانغاندا تېلېفون قىلىڭ،مەن ئاندىن بارىمەن،دەپ ماڭدۇرۇپتىمىش.
- تۇرەك شوجاڭ ئەخمەتنى ئەپۇ قىلارمۇ؟
- ئەپۇ قىلىپتۇ.ئەپۇ قىلمايمۇ ئامال يوقكەن،قىزى ئۇنىڭدىن بەش بالىلىق بولۇپتۇ.
- بەش بالىلىق!؟
- شۇنداق،ئۇلارنىڭ ھازىر بەش بالىسى،ئىككى ماشىنىسى،يەنە تېخى بىنادا  ئۆيى بار ئىكەن.بۇ قېتىم ئۇلار ئۆزلىرىگە توي خېتى ۋە بالىلىرىغا نوپۇس بىجىرمەكچىكەن.
- ئۇلار قېچىپ كېتىپ راستلا تەرەققىي قىلىپتۇ. بىز بولساق، ئاران ئەمدى رەسمىيلىشىپ مىنبەن ئوقۇتقۇچى،دەيكۇ ئوقۇتقۇچى دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلدۇق.
- بۇرۇن بۇغالتىر ۋاقتىمدا شوجاڭ مېنىمۇ تىللىغان بولسا،مەنمۇ مەكتەپنىڭ بەش مىڭ كوي پۇلىنى ئېلىپ قاچقان بولسام،بۇ كەمگە ئۈرۈمچىدە خېلى باي بولۇپ قالاركەنمەن،ئىسسىت مەكتەپتە توقسان كوي بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈم.
2007-يىل يېزىلغان 2008-يىلى شەبنەم مۇنبىىگە يوللانغان،بۇ قېتىم3-قىسىمى تولۇقلاپ  يېزىلدى
مەنبە: ئۆز قەلەم

جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 282
توردا: 8679 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 07:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرەك شوجاڭنى ئەجەپ باپلاپتۇ،،،،،،،،،

rabbimning manga bargan hayatl

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39567
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2545 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 07:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ ئاچچىق بىرنى ھەم تاتلىق بىرنى كۈلىۋەتتىم .تېما ئىگىسىنىڭ قەلەم كۈچىگە ئاپىرىن.

نەپسى جىھاد بىلەن ياشىغىن!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14052
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5639 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 07:26:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(amannisa) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

يامانلىق ئوزدىن ئاشماس دىگەن شۇدە؟ ئەخمەت مۇئەللىم ئۆزنىڭ ****قىز ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاپ بىرىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19636
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 2612 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 07:38:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگۈلۈك؟

گۇناھ ئوغول بالى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5147
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2282 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 07:45:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانغىچە كۈلەمەن ئەمدى.

ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

بۇتخانىدىن ئىبر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61123
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1410
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 07:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق قازانغا، مۇنداق چومۇچ . . . دىگەن شۇدە.

       ھىكايىغۇ ياشى يېزىلىپتۇ، لېكىن نىمە ئۇ «دەيكۇ، مىنبەن، جىنبەن» دىگەن؟

مۇھەببەت-نۇرلۇق قول بىلەن نۇرلۇق قەغەزگە يېزىلغان نۇرلۇق سۆز!

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 898
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8630
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 08:02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

سىز ياتقان شۇ بۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26927
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17087
تۆھپە نۇمۇرى: 782
توردا: 875 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 08:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئادەم قۇرلۇشتا ئىشلەۋاتقان ئۈچ ئادەمدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قۇرلۇشتا ئىشلەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ.بىرىنجى ئادەم:
-پۇل ئۈچۈن ئىشلەيمەن. پۇلنى كۆپرەك تاپسام، تۇرمۇشۇم ياخشى ئۆتسىلا بولدى،-دەپتۇ.ئىككىنجى ئادەم:
-بۇ يەرنىڭ ئىشى بەك جاپالىق ھەم مەينەت. پەقەت ئانىسىنىڭ كۆكسىنى قاتتىق چىشلىگەن ئادەملا مۇشۇنداق يەرلەردە ئىشلەيدۇ،-دەپتۇ.ئۈچۈنجى ئادەم:
-مەن ئېسىل بىر سەنئەت قۇرلۇشىنى سېلىشقا قاتنىشىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ ياخشى قۇرلۇشلارنى سېلىشقا قاتنىشىمەن،-دەپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 282
توردا: 8679 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 08:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8قەۋەتتىكى(altunboxuk) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ھەر كاللىدا بىر خىيال، تاز كاللىدا مىڭ خىيال دىگەن شۇدە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش