دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەت
(ھېكايە)
- نەدە ئىشلەيسىز؟
- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن.
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى بەك يوقۇرى-ھە؟
- يوقۇرى دېسەم يوقۇرى،تۆۋەن دېسەم تۆۋەن.
- ئايدا قانچە پۇل ئالىسىز؟
- ئىككى مىڭ سومغا يېقىن ئالىمەن.
- ئايالىڭىزمۇ شۇنچىلىك ئىش ھەققى ئالىدىغاندۇ؟
- ئايالىم ئىش ھەققى ئالمايدۇ.
- خىزمىتى يوقمۇ؟
- ياق،خىزمىتى بار.
- نەدە خىزمەت قىلىدۇ؟
- ئۆيدە؟
- ئۆيدە!؟
- شۇنداق،ئۆيدە ماڭا ۋە بالىلىرىمغا خىزمەت قىلىدۇ.
- خىزمىتى يوق دەڭ!
- ئۆيدە بالىلارنى بېقىش،ئاش-تاماق ئىتىش ۋە كىر-قات يۇيۇش خىزمەت ئەمەسمىكەن!؟
- ئۇنى قانداق خىزمەت دېگىلى بولسۇن.
- بىلسىلە،ئايال كىشى ئۈچۈن پەرزەنتلىرى،ئېرى ۋە قېيىن ئاتا- قېيىن ئانىسىغا قىلغان خىزمەت دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ ھالال خىزمەت.مەن ئايالىمنىڭ ھەپتىدە بەش كۈن كۈندۈزى باشلىقىنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ،شەنبە،يەكشەنبە ۋە ئەتىسى-ئاخشىمى ۋاقىتلاردا ھېرىپ-چارچىغاندا مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشىنى ياقتۇرمايمەن.
- غەلىتە گەپ قىلىدىغان مۇئەللىمكەنسىز سىز.
2011-يىل11-ئاي
مەنبە: ئۆز قەلەم