ئىتنىڭ بېشىنى تەخسىگە ئالسا تۇرماپتۇ
(ھېكايە)
1
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن خۇدابەردى شوجاڭ،بىزنىڭ ئۆيگە دىككىدە بىر چىقىڭە ئۇكام!
- كىيىم-كېچىكىمنى سېلىپ، يېتىپ بولغانتىم.
- يېتىپ بولسىڭىزمۇ ئۇخلىماپسىزغۇ! باھانە كۆرسەتمەي دىككىدە چىقىڭ!
- جىددىي ئىش بولمىسا، ئەتە كۆرۈشسەك بولۇپتىكەن، بۈگۈن مىجەزىم يوق، شۇڭا بالدۇر يېتىۋالغانتىم.
- مىجەزىڭىز بولمىسا، دورىسىنى قىلىمىز خەلپىدىن مۇئەللىم، ياش تۇرۇپ ئۇنداق ئېرىنچەكلىك قىلماي، تېز چىقىڭ!قىزلارمۇ چىقىپ بولدى. ئۆيدە يېزىنىڭ مائارىپ ياچېيكا شۇجىسى بىلەن شاڭجاڭ بار.
- شوجاڭ مېنى تەڭلىك قىلمىغان بولسىلا ،ئۇلار بولسا، مەن تېخىمۇ چىقالمىغۇدەكمەن. ئۆزلىرى بىلىلا، مەن ئىچمەيمەن. ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويماي، شۇڭا چىقماي!
- سىزنىڭ ئىچمەيدىغانلىقىڭىزنى ئۇلارغا ئېيتىمەن. سەي-پەي يىگەچ ئولتۇرۇشۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
- شاڭجاڭ بىلەن شۇجى زورلاپ تۇرىۋالارمىكىن، بولسا مەن چىقمىغان بولسام شوجاڭ!
- بولمايدۇ، بولمايدۇ! مېنىڭ يۈزۈمنى قىلمىسىڭىزمۇ رەھبەرلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ بولسىمۇ چىقىڭ. ئۇلار بىزنىڭ مەكتەپكە ھەر كۈنى كېلىپ ئولتۇرمايدۇ. ھەرقايسىڭلار بىلەن مەكتەپ خىزمىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكىلى كېلىپتۇ.
- ماقۇل كىيىمىمنى كېيىپ چىقاي، رەھبەرلەر ھاراق زورلاپ قالسا، ماڭا بىر ئارا تۇرغان بولسىلا.
- چاتاق يوق، تېزراق چىقىڭ ئەمىسە!
- ماقۇل.
2
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كېلىلى-كېلىلى خەلپىدىن مۇئەللىم!
- ھوي مىراپ! يېڭى مېھمانغا بىر رومكا قويىلى!
- مەن ئىچمەي!
- ئاۋۋال بىرنى ئىچىۋېتىڭ! ئاندىن ئىچمەي دېسىڭىز قاملىشىدۇ.
- شۇنداق قىلىڭ، باياتتىن پات كىرمەي بىزنى بەك ساقلىتىۋەتتىڭىز، كېچكىپ كىرگەن گۇناھىڭىز ئۈچۈن بىر رومكا ئىچىڭ!
- شۇجى مېنى تەڭلىك قىلمىغان بولسىلا، مەن پەقەت ئىچىپ باقمىغان.
- ھېچكىم ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ھاراق ئىچىپ بېقىپ تۇغۇلمايدۇ ئۇكام. ھاراق دېگەننى مۇشۇنداق سورۇندا ئىچىپ باقىدىغان گەپ.
- ئۇغۇ شۇنداق، مەن ئىچمەي شاڭجاڭ.
- ئۇكام، بۇندىن كېيىن ئىچمەڭ، لېكىن بۈگۈن كا شاڭجاڭنىڭ قولىدىن ئىچمىسىڭىز پەقەت قاملاشمايدۇ. شاڭجاڭ دېگەن دادىڭىزنىڭ ئورنىدىكى ئادەم.
- مەن دادامنىڭ قولىدىنمۇ ھاراق ئىچمىگەن شوجاڭ!
- دادىڭىز دېگەن پايتىمىسى سۆرۈلۈپ قالغان بىر دېھقان، ئىچسىڭىز-ئىچمىسىز بەرىبىر. كا شاڭجاڭ بولسا پۈتۈن يېزىمىزنىڭ باشلىقى، سىزمۇ قولىدىن بىرەر رومكا ئىچىپ قويمىسىڭىز بولمايدۇ.
- شوجاڭ مەن رەئىسنىڭ قولىدىمۇ ئىچىپ باقمىغان.
- ھا-ھا!…ئۇكامەي، ئوغۇل بالىمۇسەن!؟
- ئوغۇل بالا!!!
- ھاراق دېگەن ئوغۇل بالا ئىچىدىغان نەرسە، ئوغۇل بالا بولساڭ، ئىچە تولا ناز قىلماي!
- ناز قىلىدىغان مەن سىلىنىڭ قىزلىرى ئەمەس، ئىچمەيمەن دېدىم ئىچمەيمەن، قانداق!؟
- ئېيتە، نېمىشقا ئىچمەيسەن؟!
- مەن دېگەن ئوقۇتقۇچى، ھاراقكەش ئەمەس، شۇڭا ئىچمەيمەن!
- بىز ھاراقكەشمىكەنمىز؟!
- ھاراقكەشمۇ، ئەمەسمۇ ئۆزلىرى بىلەلا، مەن بىلمەيمەن.
- بىلمىسەڭ بىلىپ قال، بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان موللا ھاراق ئىچمەيدۇ، بالا ئوقۇتىدىغان مۇئەللىم ئىچىدۇ!
- شۇنداق قانۇن بولسا، ماڭا بىر كۆرسەتسىلە، ئاندىن ئىچەي مەن!
- ئالدىرىما ئەتە-ئۆگۈنلا كۆرۈپ قالىسەن.
- ئۇكامەي، ئىچمەيدىغان ئادەم نېمىشقا كىرگەن بۇ سورۇنغا، ئىچمىسەڭ، تولا كەيپىمىزنى ئۇچۇرماي چىقە ماۋۇ سۆرۇندىن، سەندەك لاتا غىلاپ ئوغۇل بالىدىن ماۋۇ قىزلار ياخشىراقكەن.
- لەنەت، سەندەك گېپىدە تۇرمىغان شوجاڭغا.
3
- ئىتنىڭ بېشىنى تەخسىگە ئالسا تۇرماپتۇ،دېگەن شۇ،-دە!
- خۇدابەردى شوجاڭ، ساراڭمۇ نېمە ماۋۇ مۇئەللىمىڭلا؟!
- شۇنداق، شۇنداق شاڭجاڭ، ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ بىر-ئىككى ۋېنتىسى يا كەم يا ئارتۇق. خىزمەتكە چۈشكەن بىر يىلدىن ياقى پەقەتلا ھاراق ئىچۈرەلمىدۇق ئۇنىڭغا.
- ئۇنىڭ ئىدىيسىدە ئازراق مەسىلە بار چوقۇم.
- ناماز ئوقۇمدىغاندۇ-يە؟!
- شۇنى دەيمەن.
- سېلە ئوبدانراق كۆز-قولاق بولسىلا بولغىدەك.
- خۇدابەردى شوجاڭ ئۇنىڭغا ئوبدان كۆز قولاق بولۇپ تۇرمىساق بولمىغىدەك. ئويناشنى بىلمىگەن ئادەم خىزمەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ. باتۇر شۇجى ئەتىلا ئۇقتۇرۇش يېزىپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەپتەرخانا باشلانغۇچ مەكتەپكە چۈشۈرۋېتىڭلار! ماۋۇ يېزىمىزدا قانداق قانۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىر كۆرۈپ قالسۇن!ئاندىن يەنە كەپتەرخانا مەكتەپنىڭ شۇجىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلا، ئۇنى ئەتىسى-ئاخشىمى يوشۇرۇن نازارەت قىلسۇن.
- ماقۇل شاڭجاڭ.
- ماۋۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن، ئەمدى خۇشال-خورام ئولتۇرۇپ ھارىقىمىزنى ئىچەيلى!
- شۇنداق قىلىلى، ھارىقىمىزنىمۇ ئىچىلى،تانسىمۇ ئوينىغاچ ئولتۇرايلى، قىزلىرىمىزنىڭ تاپىنىمۇ قىزىپ كەتتى بۇ چاغقا.
1999-يىل
مەنبە: ئۆز قەلەم