مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1710|ئىنكاس: 6

سالام دوستۇم (دىلسىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 05:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام دوستۇم
ئىنتاھانلىرىمنى تۈگۈتۈپ تورخانىغا بىر ساۋاقدىشىمىىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى تېپىش ئۈچۈن يەنە كىرىپ قالدىم ،ئەمەلىيەتتە ياتاقتا تورغا چىقساممۇ بۇلاتتى ،لىكىن ھېلىقى تورنى تولا ئۇلاپ بەك بىزارلىق ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.بۇ ساۋاقدىشىم ھەرقېتىم نۇمۇر ئالماشتۇرغاندا تىلفۇن قىلىپ قۇياتتى ،بۇ قېتىم تەڭ ئالماشتۇرۇپ قالدۇقمۇ قانداق ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى،ئۇنىڭدىن سورايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى ،ئامالسىزلىقتىن ئۇزاق زامانلار ئاچمىغان كوت-كوت نۇمۇرۇمنى ئېچىشقا توغرا كىلىپ قالدى ،ئېچىشىمغىلا يېقىن دوسلۇرۇمنىڭ ماڭا قالدۇرغان خەتلىرى بىر باشتىن كەلدى ،بەزى دوسلۇرۇم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مەندىن سوراپ يۈرۈيدۇ .ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھېلىقى ساۋاقدىشىمنىڭ نۇمۇرىنى تاپالمىدىممۇ ،ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چىقىپ كىتىپ قالدىمۇ بىلمەيلا قالدىم .تۇيۇقسىزلا تىتىرىگەن ئۇچۇر كەلدى ،قارشى تەرەپ مىنىڭ ھەدەمدەكلا ئۆتۈدىغان بىر دوستۇم ئىكەن ،ھېسىمدە ئېنىق تۇرۇپتۇ ،ئۇ دوستۇمغا مەن تەتىلدە تىلفۇن قىلغان ماڭا باتناپ تۇرۇپ ئاران تەستە تىلفۇنۇمنى ئېلىپ بىر مۇنچە ئېغىر گەپلەرنى قىلىۋەتكەن ئىدى .مەن ئۇنڭىدىن :
ھەجەپ تىللاپ كەتتىڭ ــــــــ دىگەنتىم .
-كوتنى ئاچساڭ توختىماي كىلىدۇ بىر مۇنچە تىللاپ يېزىپ قويدۇم تازاــــــ دىدى ھېلىقى دوستۇم خاپ بولغان چىرايلا..
-ۋاي نىمىشقا ئەمدى.
ـ خەت يازسا قايتۇرمىغان ،تىلفۇن قىلسا سىكونتىغا نۇمۇر ئۆزگەرتىپ توختىتىلغانلا دىگەن.
ئىشقىلىپ ئۇ دوستۇم ئاۋازىنى مىنىڭدىن بەكرەك تۆۋەن ،ھەم مۇلايىمتى ،بۇدا قېتىم ئاجايىپ سەت چېچىلىپ كەتتى ،مەن ئۇنىڭغا كوت-كوتنى ئۆزۈم ئاچقان بولسام چۇقۇم خەت قايتۇردىغىنىمنى ،ئۇ ئىنساننىڭ مەن ئەمەسلىكىمنى چۈشەندۈرۈپ قويغاندىن كىيىن مەخپى نۇمۇر ئۆزگەرتىدىغان بولغان ئىدۇق .لىكىن پەقەت يۈزتۇرانە كۆرۈشەلمەي قالدۇق ،يەنە شۇ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن .
ساڭا نىمە دىسەم بۇلا ،بۇ دوستۇملام ئەمەس ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يولدا ئۇچۇراپ قالغان دوسلۇرۇم كوت-كوتنى ئاچمىغاندىن كىيىن ئانداق تىللاپ يېزىپ قويدۇق دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغانتىم ،مۇشۇ ساۋاقدىشىمنى ئىزدەش باھانىسىدە تازا بىر تىل ئاڭلىۋالاي دەپ ئاچسام نەدە ،يەنە شۇ ئۆزۈم ئامراق ماڭا ئىزچىل خەت قالدۇردىغان دوسلۇرۇمدىن خەت كەلدى.ئاستغا سېرىپ قارىسام سىنىڭ نۇمۇرۇڭ تۇرۇدۇ ،ئىسمىڭنى بىپەرۋا ،پەرۋاسىز مۇ ،ئاللىقانداق بىر خىللا قۇيۇۋاپسەن ،مىنىڭ كوت-كوت نۇمۇرۇمنىڭ ئىكراندا چىقىپ تۇرىدىغان رەسىمنىڭ ئوتتۇرىغا «مەن ھەمىشە سىنى ئەسلەيمەن» دىگەن خەتلەر تۇرىدۇ ،مىنىڭ بەك كۈلگۈم كىلىپ كەتتى ،سەنمۇ باركەنسەن ،بىر ئېغىز سالام سائەتلەر يوق ،مىنىڭ مىجەزىم خەق گەپ قىلمىسا گەپ قىلمايمەن ،پەقەت يېقىنلىرىم بۇنىڭ سىرتىدا ،ئۇدا ئىككى كۈن شۇنداق بۇلدى،ياكى مەن گەپ قىلىپ قويمۇدۇم ياكى سەن..
مىنىڭ ساڭا زادى گەپ قىلغۇم يوقتى بۈگۈن سەل پارتىلاپ قالدىغان بولدۇم ،تىلفۇن ئۇرۇپ تازا ئۆلتۈرەي دىسەم ،تىلفۇندا پاراڭلىشالمايدىكەنمەن ،ھەم تېخى تىلفۇنۇمنىڭ يوقلىقى،بوپتۇلا يەنە بىر قېتىم بۈگۈن ئۇخلىماي تاڭ ئاتقانغا ھېچنىمە بولمايدۇ ،تۇغۇلۇپ ھازىرغا قەدەر قانچىسى ئېتىپ كەتكىنى ئۆزۈمگە ئايان ،بۈگۈن قانچىلىك قىممەتىلك ۋاقتىمنى چىقاردىم سەن تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن ،كىتاپ كۆرۈدىغان ۋاقتىمنى چىقىرىۋاتىمەن.
سەن بىلەن قانداق تۇنۇشۇپ قالغىنىم ئېسىمدە ،سەن مىنى بىراۋلارغا ئوخشىتىپ قاپتىكەنسەن ،ئۇ چاغلاردا تور ئۈزۈۋىتىلگەن ئىشقىلىپ شۇنداق بىر ئېچىنىشلىق كۈنلەر ئىدى،شۇ چاغلاردا مىنىڭ خىزمىتىممۇ تورنىڭ ئالدىدا ئىدى،ئىككىمىز ھېلىقى شىن خۇيتوڭمۇ ئىشقىلىپ شۇ نەرسىدە پاراڭلشپ كۈنلىرىمىزنى تورنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزەتتۇق ،بىلەمسەن مىنىڭ ھېلىقى يەردە بىر مىنۇتمۇ ئوشۇق تۇرغۇم يوقتى ،پەقەت كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا سەن بىلەن پاراڭلىشاتتىم ،پەقەت ئىشلىگىم يوق ،ئىشلەشنى مەن ياخشى كۆرمەيمەن ئەمەس ،نۇرغۇن ۋاقتىم سەرىپ بۇلۇپ ئۈنۈمسىز ئۆتەتتى ،ھەتتا نەچچە يۈزيۈۋەن ئۈچۈن ،ئاپامىنىڭ كۆڭلىنى ئاياش ئۈچۈن شۇ يەردە ئامالسىزلىقتىن ئىشلەيتىم .كىينچە ئاپامنىڭ ئىدىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆزۈم تاپقان پۇللارنى سەرىپ قىلىپ قايتا ئوقۇشقا كىرىشىۋالدىم.
شۇ چاغلاردا تورلارمۇ ئېچىلىپ كەتتى ،تىلفۇندا كۈنىگە يىگىرمە تال ئۇچۇر يوللىنىدىغان بولدى،بارا-بارا توربەتلەرمۇ ئاستا-ئاستا ئېچىلىپ كەتتى ،مىنىڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن كوت-كوت نۇمۇرۇم ئېچىلدى ،ئەمما سىنىڭ ئېچىلمىدى ،سەن ئاھ ئۇرۇپ قاخشاپ كەتتىڭ ،تۇيۇقسىز مىنىڭ نۇمۇرۇممۇ كۆز تەككەندەكلا ئېچىلماي قالدى ،سەن ئادىتىڭ بويىچە ماڭا تىلفۇن قىلىپ نىمىشقا تورغا چىقمايسىز دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ماڭا ياردەم قىلىپ كوت-كوت نۇمۇرۇمنى ئېچىپ بەردىڭ ،دەل شۇ چاغدا مەخپى نۇمۇرۇمنى دەپ بېرىپتىمەن.
كىيىنچە مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم ،مۇساپىرلىق تۇمۇشۇمنى باشلاپ كەتتىم بۇرۇنقىدەك ئۆزۈمنىڭ كۈچىگە ئەمەس ئاتا-ئانامنىڭ كۇچىگە تايىنىپ ،مەن بۇجاندىكى ئەڭ رەزىل ،دەھشەت تاش_ يۈرەك ،بىپەرۋا،ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە ،ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ ئاداش چۈشۈۋاقانما ،مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي دەيدىغان ئادەملەرگە كىرمەيمەن دەپ قارايمەن ،مەن ساڭا بۇرۇنلام دىگەنغۇ مۇھەببەت تىمىسىدا مىنىڭ پەقەت پاراڭلاشىقۇم يوق دەپ ئېنىقلامكىن دىگەن ،ئەمما سەن توردىكى مىنىڭ بەك شوخ ۋاتىلداپ تۇرىدىغان ھېس قىلغان بولغىيتىڭ ،ئەمەلىيەتتە مىنى كۆردۈڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايمەن ،شۇنچىلىك قاپىقىم ئېچىلمايدىغان ھەتتا كۈلسە قانداق بۇلىدىغىنىنىمۇ بىلمەيدىغان ،غەلىتە مىجەز قىزكەن دەپ ئويلاپ قالغانسەن .مەيلى سەن قانداق ئويلا ،مىنىڭ مىجەزىم سەل چۇس ،ھاياتىمدا بۇلىدۇ ،بولمايدۇ ،قىلىپ باقاي ،تىرشىپ باقاي ،ماقۇل دىنلا ئىبارات ھەم ئۆزۈممۇ مۇشۇ سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىمەن .
مەن  ياكى سىنىڭدىن رەنجىشىمنى ياكى رەخمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،
شۇ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمنى ئويلىسام بىرخىل ئازاپلىنىمەن ،ئەمىلىيەتتە شۇ كەسىپتە ئاللىقاچان ئايرىم ئىش باشلاشىنى ئويلاپ ،خېلا بىر جەريانلانى باسقان ئىدىم ،دادام مەن قىز بالا بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ياكى شۇ چاغلارغا نىسپەتەن كىچىك بولغانلىقىممۇ ياكى قىلىۋاتقان كەسپىمنى چۈشەنمەمدۇ ،مىنى توسۇپ يۇرۇپ يەنە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم ،كۈندە باشقىلارغا ئىشلەيمەن ھەتتا بەزىدە ئۆيگە كىلىپ تىلفۇندا باشلىقىمغا ئىشلەپ كىتىمەن،دەم ئالغاندا ئالدى بىلەن تىلفۇننى ئىتىپ قۇيۇيىمەن ،بەزىدە كاللام چارچاپ ئېتىلىپ كىتەي دەپمۇ قالاتتى،تاكاللاشقىچە بوپتۇلا دەپ توققۇز سائەتتىن ئون سائەتكىچە ئىشلەپ بەرگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ،ھېيىت بايرامغۇ،ھەتتاكى تۇغۇلغان كۈنلىرىممۇ ماڭا ئەسلا ھارامتى،خىزمەت ئالماشتۇراي دىسەم ئۆيۈمگە يىراق ئاتا-ئانام ئەنسىرەۋاتقان ،ھاياتىمدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا بەك كۆپ چىشىمنى چىشلەپ كەتكەنمەن،ئاشۇ چاغلاردا سەنلا ئەمەس باشقىلارمۇ توختىماي تىلفۇن قىلاتتى ،ھېلىقى تىلفۇنۇمدىن شۇنداق بىزار بۇلاتتىم ،نەچچە قېتىم تىلفۇننى ئىتىپ قويسام ھېلىقى باشلىقىمنىڭ ئايالى مىنى ئىزدەپ كىلىپ ئۇكام ماۋۇ تىلفۇننى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ پەقەت ئالاقىلاشقىلى بولمايدىكەن ،دەپ چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى تۇتقۇزۇپ قۇياتتى ،سەن تىلفۇندا سۆزلىشىشىكە بەك ئامراقمۇ بىلمەيلا قالاتتىم ،داۋاملىق تىلفۇن ئۇرۇپ ،توختىماي نۇمۇر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتىڭ ،لىكىن سەن كېچىسى ئۇرغاندا پەقەت قۇبۇل قىلمايتىم ،مەن سىنى توردىشىم سۈپىتىدە شۇنچىلىك ھۆرمەت تۈرى بىلەن سىز دەپ ئاتىسام ،ئۆزۈڭچە سەن دىيىشكىڭ كىلىپ كەتتى،تىلفۇندىمۇ ئادەتتە دەيدىغان سۆزلىرىڭ نىمە قىلىپ ،تاماق يىدىڭمۇ شۇنداقلا گەپلەرئىدى،بەزىدە دەل پىشىن ۋاقتىدا تىلفۇن قىلىپ بەك بىزار قىلاتتىڭ ،مىنىڭ ساڭا دەيدىغان بىر ئېغىزمۇ گىپىىم يوقتى ،پەقەت كۆڭلۈڭنى ئاياپ تىلفۇنۇڭنى قۇبۇل قىلىپ قۇياتتىم ،كىينىچە ئۇرۇمچىگە ماڭىدىغانغا ئاز قالغانچە سىنىڭ ئۇچۇرۇڭنىڭ ئەسلى كۆپلىكى ،پاراڭلىرىڭنىڭ كۆپلىكى بېشىمنى بەك ئاغرىتىۋەتتى،شۇ كارتامنى بەك ئۇزاق ئىشلىتىپتىكەنمەن ،تۇنجى مۇھابىتىم ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگىدەك بىلەتتى ،لىكىن ئۇنى تاشلىۋىتىشنى قارارقىلىپ قالدىم ،مەن ھەممىنى نۆلدىن باشلايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم .
تۇنجى مۇھابىتىمنى تىلغا ئالماي دىسەممۇ تىلغا ئېلىشلىقا توغرا كىلىپ قالدى ،ئۇ مىنىڭ تۇنجى مۇھابىتىم بولغىنىم بىلەن ،مەن ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئىككىنجىسى ئىدىم .دەل شۇ ئوتتۇرىمىزدىكى ئۇياقنىڭ تۇنجىسى ئۆزى خالاپ ئايرىلغان بولسىمۇ ،بىز يۈرگەندىن كىيىن كۆرەلمەسلىك .ھەسەتخورلۇق سەۋەبىدىنمۇ ياكى ئۇ پەقەت مىنىلا ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ بىلمەيمەن ،نۇرغۇنلىغان سوغاقچىلىقلارنى سېلىپ،ئۇنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە، مىنى ۋازكىچىشكە مەجبۇرلاپ قويدى ،دەل شۇ سەۋەپلىك مەجبۇرى ئايرىلىپ كەتتىم ،مەن ئايرىلىپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ كۆزۈدىن تارام-تاراملار ئېقىپ چۈشكەن كۆزياشلىرىغا قاراپ نەچچە ئىككىلەنگەن بولساممۇ ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت مىنى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىشكە يىراقلارغا كىتىشكە ،مەجبۇرلىغان ئىدى،مەن تۇنجى قېتىم ئوغۇل بالىنىڭ يىغلىشنى كۆرگەن ئىدىم ،ئوغۇللار يىغلىسا بىزدىنمۇ بەكرەك يىغلايدىكەن .لىكىن مەن ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرىدۇ ئەمما مەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ دەپ ئويلايتىم ،ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن .لىكىن شۇ چاغدا مەن ئايرىلىپ كەتمىگەن بولسام  ،چۇقۇم بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى ،گەرچە مەن دەرىجىدىن تاشقىرى چىدىماس بولساممۇ ،شۇ چاغدا چىداشقا تىرىشىپ باققان ئىدىم ،ئايىرىلىپ كىتىشىمىزدىكى سەۋەپ ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرۈش ياكى ياخشى كۆرمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس ئىدى .تاكى ئۇ بۇيىل توي قىلغىچە ئارلىقتا كۆپ قېتىم ئىزدىدى ،بەك ئۇزاق كەچۈرۈم سوراپ كەتتى ،لىكىن مەن قايتىپ بارالماي قالدىم ،ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتسەم ھەممەيۈكتىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلايتىم.
مىنىڭ شۇڭا سەن بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا پەقەت پاراڭلاشقىم يوق ،دىمەك ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولساممۇئۇنى مەلۇم مەزگىل بىرخىل غەزەپ نەپىرەت ئىچىدە ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم،شۇڭا بىرخىل يالغۇزلۇق ئىچىدە ياشاپ كىلىۋاتقان ،ئەزەلدىن سىنىڭ مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىشىڭنى پاراكەندىچىلىك تېپىپ بېرىشىڭنى ئەسلا خالىمايتىم ،يېڭى دەرىسلىكلەر ئېچىلغاندىن كىيىن مەن ساڭا تىلفۇن نۇمۇرۇمنى دەپ بەردىم لىكىن شۇنداق كۆڭلۈم خالىمىغان ھالەتتە،بىلەمسەن ئەينى ۋاقىتتا مەن ۋەدەمدە تۇرۇش ئۈچۈنلا دەپ بەردىم ،كۈندە كەچتە تىلفۇن قىلىسەن ،مەن سىنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلىپ تىلفۇننى ئىشلەتمىسەم پۇل قاچىلاپ قۇيۇسەن ،دىمەك مەن ساڭا بىكاردىن بىكار قەرىز بۇلۇپ قالدىم ،سەن تولا بىئارام قىلىۋەردىڭ مەن ئۆزۈمچە ئويلاپ قالدىم ،ھەتتا بەزىدە قوزام دەپ چاقىرىۋالاتتىڭ ،تولىمۇ غەيرىلىك نىمە ئۈچۈن مەن سىنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ سىنىڭ قوزاڭ بۇلىدىكەنمەن،نەچچە-كىچە كۈندۈز ئويلۇنۇپ يەنە بىرەسىنى تېپىشىم كېرەكلىكىنى كەلگۈسۈمنى ئويلىشىپ بېقىشىم كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم ،مەن سىنىڭدىن باشقا نەچچىنى رەت قىلىۋەتتىم ،ھەممىسى ماڭا شۇنداق قىلاتتى ،ھەتتاكى سوغاقتا بارماقلىرىنى مەن ئۈچۈن ئۈشۈتىپ قويغان ،ئۇدا ئۈچ يىل توختىماي تەلەپ قۇيۇۋاتقانلارمۇ بارئىدى ،ھەممىسى ياخشى ئىدى ئەمما مەن ياخشى كۆرمەيتىم ،سىنىڭدىن بىر قۇتۇلۇپ كىتىش ئۈچۈن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈشكە تىرىشتىم ،شۇنداق قىلىپ يەنە بىرسى بىلەن يۈرۈپ قالدىم ،گەرچە ئۇ تەرەپنى شۇنداق ياقتۇرمىساممۇ ئاخىرىدا ياخشى كۆرۈپ ئايرىلىپ كەتكەن بولدۇم ،دەرىجىدن تاشقىرى شەخسىيەتچىلىك سەۋەبىدىنمۇ ياكى خاتا چۈشىنىشمۇ  ياخشى كۆرۈپ تۇرساممۇ يەنىلا ئايرىلىپ كەتتىم ،بۇ توغرۇلۇق ساڭا ئانچە-مۇنچە سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم ،ئىنساننىڭ بېشىغا ھەرخىل كۈنلەر كىلىدىكەن ،ئۇنىڭ دىن ئايرىلىپ كىتىپلا ھەپتە بولمايلانۇرغۇن پالاكەت بېسىپ كەتتى ،بىر قانچە تۇنۇش دۈشمەنلىرىم ئويۇن ئويناپ مىنۇتنىڭ ئىچىدە تۆت مىڭ يۈۋەنلىك قىلىپ قويدى ،بۇ ۋاقىتتا بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ،قانداق قىلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم ،كارتامدىكى ھەممە پۇلىنى يىغساممۇ ئۇنچىۋالا پۇل مەندە يوق ئىدى ،ئۆيۈمدىكىلەرگە دەي دىسەم قانداق دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم ،ئىشلەيدىغان ۋاقىتلىرىم بولغان بولسا ئىدى ،ۋاي بوپتۇلا يەنە پۇلنى تېپىۋالسام بۇلا دەپ ئويلىغان بۇلاتتىم ،جاھاندا ئوقۇغۇچىدىنمۇ نامىرات ئادەم بولمىسا كېرەك ،تىلفۇنۇمنى ساتاي دىسەم بىكارغا ئالمىغىدەك ،ئاپام بۇرۇن ئالتۇن دىگەندەك بىرنىمىلەرنى ئېلىپ بېرەي دىسە پەقەت قىززىقمىغاچقا ئېلىشنى ئويلاشماپتىكەنمەن ،ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئاكام ئېلىپ بەرگەن كومپىيوتىرىمنى سېتىۋېتىشنى قارار قىلدىم ،كومپىيوتىرنىڭ سەپلىمىسى يۇقىرى بۇلغاچقا ،ھەرھالدا ئۈچ مىڭ يۇۋەن قىلدى ،سېتىشنى خالىمىساممۇ ئامالىم يوق ئىدى،دەل مۇشۇنداق پەيىتتە نەۋرە ئىنىم ئوقۇش پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم دەپ تىلفۇن قىپتۇ ،مەنغۇ ئۇنىڭ پۇلىنى قانداق يۈتتۈرۈپ قۇيدىغانلىقىنى بىلگەچكەھەم ياردەم قىلالمىدىم شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ  تاماق مەسىلەممۇ بىرگەپ ئىدى .ھەركۈنى ياتاقداشلىرىم ئۇيقۇغا كەتكەندە كارىدورغا چىقىپ ئۇزۇندىن –ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتىم ،سىنىمۇ خىيال قىلدىم ماڭا ياردەم قىلارمۇ ،ياردەم سورىسام قانداق بۇلا دەپ ،دوسلۇرۇمنى بىر-بىرلەپ ئويلۇدۇم ئۇلاردىن پۇل سورىسام بېرىپ تۇرامۇ ئەگەر بېرىپ قالسا قاچان قايتۇرامەن دىگەنلەرنىمۇ ئويلۇدۇم ،مۇشۇ كۈنلەردە كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ئىدى ،كوت-كوتنى ئېچپ تۇرىشىمغا تۇنجى مۇھابىتىم ئۇچۇرئەۋەتىشكەباشلىدى ئۇ ياق ماڭا يېرىلىپ كەتكەن يۈرەكنىڭ سۈرىتىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللىدى ،ئۇنىڭغا قانداق جاۋاپ بېرىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم ،ئۇنىڭ پاراڭلاشمىغىلى خېلە ئۇزۇن بوپتىكەن تىلفۇن قىلدىم ،خېلە ئۇزاق ۋاقىتتىن كىىيىن ئۇنىڭ زەيىپ ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ كەلدى .
ـ نىمانداق ئالمايسىز تىلفۇننى ــــ ئۇنىڭغا ۋاقىرىدىم .
ـ ئاكام بىلەن بىللە ئىدىم شۇ سىرىتقا چىقىپ بولغىچە .
ـ ھە ئاكىڭىز بىلەن بىللە دەڭ .
ـ نىمە بولدى سىزگە بىرە ئىش بولمىغاندۇ .
ـ ھېچنىمە تىلفۇن ئۇرسام بولمامدىكەن ،يېرىلىپ كەتكەن يۈرەكنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپسىز شۇڭا گەپنىڭ ئاخىرنى دەمدىكىن دەپ تىلفۇن قىلادىم .
ـ مەن سىزگە راسىت گەپ قىلاي.مەن توي قىلغىلى ئەللىك كۈندەك بۇلاي دەپ قالدى ،سىزگە تىلفۇن ئۇرسام بىر ئوغۇل بالا ئالدى.
ـ ئاخىرى توي قىلىپسىزدە¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬-ـــــ ئۇنىڭغا تەنە ئارلاش سۆزلەشكە باشلىدىم كۆزياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ تاراملاشقا باشلىدى ،مەن ئەمىلىيەتتە ئۇ توي قىلسا ھەرگىز ياش تۆكمەيمەن،چۈنىكى مەن ھازىر باشقىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلايتىم ،ئەمىلىيەت ئۇنداق ئەمەسكەن ،نىمىلا دىمەي ئازىراق بولسىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى .
ـ مەن بۇرۇنقى مەن ئەمەس دەپ قۇياي ـ ئۇ تىلفۇندا ۋارقىرىدى .
ـ نىمە دەۋاتىسىز بېشىمنى ئاغرىتماڭە ئاران تۇرۇۋاتىمەن ھازىرـــــــ مەن ئاۋازىمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋارقىراپتىمەن  ،گەرچە يىغلاۋاتقان بولساممۇ چاندۇرماي ۋارقىرىدىم ،چۈنكى ئۇنىڭ ھە دەپ بەرسە ئادەمنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالىدىغان مىجەزى بار ئىدى.
ـ بىلىسىزغۇ نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سورىدىم .ــــــــ ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىشقا باشلىدى.
ـ بولدى ،ئەمدى سىزگە تىلفۇن قىلمايمەن ،خوش .
ـ توختاڭ ،ئالدىنقى قېتىم تىلفۇن قىلغاندا مەن بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشسىڭىز بولمامدۇ .
ـ مەنچۇ قاراڭ سىز دەك مېڭىشقا ئۇستا ئەمەس ،شۇڭا بارالمايدىكەنمەن.
ـ ئازماس ئاللاھ دەپتىكەن ،مەنمۇباشقىلاردىن قالمايدىغان راۋ-رۇس ئادەمتىم ،سىزگە ماس كىلەتتىم .
ـ ئەلۋىدا خوش .
ـ مىنىڭ گىپىم تۈگىمىدى ،مىنى كەچۈرەلمىدىڭىىز ئەمدى بولسىمۇ مەندىن رازى بۇلۇپ كىتىڭ .
ـ ۋاي دەھشەت زازى ،ئاجايىپلا .
ـ سىزگە بىر ئىش بولدىمۇنىمە ،بەك قالايمىقان چۈش كۆرۈپ كىتىۋاتىمەن ،چۇقۇملا بىر ئىش بولدى .
ـ ياق ،ماڭا ئەزەلدىن ھېچنىمە بولمايدۇ ،مەن دىگەن تۈمۈر ئادەم تۇرسام .ـــــــ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئاۋازىمنى قۇيۇۋېتپ يىغلاشقا تاسلا قالدىم .
ـ ئەمدى دوس بۇلۇپ ئۆتەيلى .
ـ ۋاي ئەلۋىدا ـ دىگىنىمچە تىلفۇننى قۇيۇۋېتىپ يوتقاننىڭ ئىچىگە بېشىمنى تىقىپ تۇرۇپ راسا يىغلاپ خېلىلا يىنكلەپ قالغان ئىدىم ،لىكىن كىم ئۈچۈن يىغلايدىغىنىم ،ئايرىلىپ كەتكەن مۇھابىتىم ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلغىنى ئۈچۈنمۇ ،ۋەھالەنكى تۆت مىڭ يۈۋەن ئۈچۈنمۇ مەن ئەسلا بىلمەيتىم ،بىچارىچىلىكتىكى شۇ كۈنلىرىمنى ئويلىسام تاكى ھازىرغا قەدەر گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدۇ .ھايات دىگەن ئەنە شۇنچىك نەرسىدۇ ،بالايى –ئاپەتلار ھەرۋاقىت ئادەمنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرۈيدىكەن.
تۇنۇش دۈشمەنلىرىم مەندىن پات-پات تۆت مىڭنى سۈيلەپ قۇياتتى ،ئىشقىلىپ يىغىپ قويغان يانچۇقتىكى پۇل ئاكام تۇرمۇش خىراجىتمگە ئەۋۋتىدىغان پۇل ،خوتەنلىك باي بىر دوستۇم بارئىدى ،ئۇنىڭكىدىن ئازىراق ئېلىپ قايتۇردۇم بۇ جەرياندا تولا بىرسىنىڭ دوپپىسىنى  بىرسىگە كەيدۈرۈپ يۈردۈم ،تۇنۇش دۈشمەنلەرنىڭ ناھەق –پۇلىنىمۇ بەرگەن بولدۇم ،ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىدا قەغەزنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئوشۇق پۇل يوق ئىدى ،دەرىسخاندا ئولتۇرۇپ ھەرخىل-نەرسىلەرنى خىيال قىلاتتىم ،توۋا خۇدايىم بېشمغا ئاجايىپ ئىشلار كەلدى ھە ،قاچانغىچە جاھان ماڭا شۇنداق قىلا دىگەنلەرنى ئويلايتىم .
قورساقنىڭ ئېچىشىغا ئادەم ھەقىقەتەن چىدىىمايدىكەن ،ئۈچ-تۆت كۈندە بىرۋاق تاماق يەيتىم ،كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلۇشۇپ ،ئوقۇتۇش بىناسىدىن ياتاق بىناسىغا چىقىپ بولغۇچە ،پۇت-قولۇمدا ماغدۇر قالماي ،يىقىلىپتۇ كىتەتتم ،لىكىن ياتاقداشلىرىمڭ ئالدىدا يىگەن ئىچكەندەك يۈرمىسەم ئۇلارنىڭ تەنە ئارلاش ،سېسىق گەپلىرىگە قالاتتىم ،شۇ چاغدا مەن نۇمۇسنىڭ كۈچىدىن تىك يۈرەلىدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ .بىركۈنى كارۋىتىمدا يېتىپ يەنە شۇ باش-ئاخىرى يوق خىياللىرىمنى سۈرۈشكە باشلىدىم ،بىر دىنلا يۆتەل بەك قاتتىق تۇتۇپ كەتتى ، نەپەس يۇلۇم قىيىنلىشىپ،كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى ،مەن يوتقىنىمنى تىپىپ ئېچىۋېتىپ يۆتىلىمنى باشقلارغا ئاڭلاتماسلىق ئۈچۈن ئاغزىمنى قولۇمدا چىڭ ئىتىۋالدىم ،ئاستا ئۈستىدىن پەسكە چۈشۈشكە باشلىدىم ،لىكىن پۇتۇمدا ماغدۇر بولمىغاچقا يىقىلىپ چۈشۈپ كەتتىم .
ـ ۋاي قانداغا ـ ھېلىقى خوتەنلىك ساۋاقدىشىم تىلفۇننىڭ چىرىقىنى يۇرۇتۇپ مىنى يۆلەپ قويدى،مەن تاقاقلىق ئىشىكنى شەرىتلەپ ئىشىكنى ئاچقۇزغاندىن كىيىن كارىدوردا بىر ھازا يۆتەلگەندىن كىيىن قان ئارلاش قوسۇۋەتتىم ،ئاندىن كىيىن يۆتەل توختاپ ماڭا تىنق يىتىشىپ ئازىراق بولسىمۇ بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالدىم ،ھېلىقى خوتەنلىك ساۋاقدىشىمنىڭ چىرايىدا قان قالماي قورقۇپ كەتتى بولغاي ،مۇئەللىمگە تىلفۇن قىلغىلى تەمشەلدى .
ـ بولدى قىل ئۇخلاپ قالساملا ساقىيىمەن ـ مەن ياتاقتىن لۈڭگىنى ئېلىپ كارىدوردىكى قانلارنى تازلىۋەتتىم.
ـ ئەمسە ماۋۇ قايناقنى بولسىمۇ ئىچىۋېتىڭ ـ ئۇمىنى سىز دەپ چاقىراتتى ،بىر ئىستاكان قايناق سۇنى ماڭا سۇندى .
ـ ماقۇل جېنىم .ـ راستنى ئېيىتسام يۆتەل توختىغاندىن كىيىن ئۇت-قۇلۇمغا سەل-پەل جان كىرىشكە باشلىدى .
ـ ئەتە دوختۇرخانغا ئېلىپ چىقايمۇ سىزنى .
ـ ئۈش ،ھېچكەمگە ئيېيىتما ھە ،قان قۇسۇپتۇ دەپ ئاڭلاپ قالماي ،ماقۇلما ،ياتاقداشلىرمنىڭ ھەممىسى دىگىدەك مۇھابىتىدىن ئايرىلىپ پەرىشان بۇلۇپ قالدى دەپ چۈشىنىدۇ ،ئەلۋەتتە سىنىڭدىن باشقىسى ،شۇڭا مىنى ئاياپ قويغىن ئېچنىمە بولمايمەن ـــــــ ئۇنىڭ مۇرىسىگە ينىككىنە ئۇرۇپ قويدۇم.
ئەتىسى مەن توغرۇلۇق باشقا گەپلەرمۇ چىقمىدى ،ياتاقداشلىرىم جىمجىت بىلمەيلا قالدى،پەقەت ئۇلار مىنى مۇھابىتىدىن ئايرىلغىنى ئۈچۈن چىدىمايۋاتىدۇ ،چىدىماس دەپلامكىن دەپ ئويلايتى .
ساڭا دىسەم ئەي دوستۇم ،جاھاندا سەندەك ياخشىلارمۇ ئاز ئەمەسكەن ،ھېچ بولمىسا باسقان ھەربىر قەدەملىرىمدە ماڭا ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ ئۇچىرپمۇ تۇرىدىكەن ،ساڭا دىسەم كۈنۈمنىغۇ ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىكەنمەن ،تاماق يىيىش ئۆچۈرىتى كەلگەن كۈنۈمدە ھەرقېتىم كۆزلۈرۈمگە ئىللىقىنە ياش ئالاتتىم ،شۇ ۋاقىتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئەمدى شۇ باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغان پۇلنى تاپشۇرۇش مەسىلىسى ئىدى ،ھەم بۇنداق نەچچە كۈندە بىرۋاق تاماق يەپ يۈرۈش سالامەتلىكىم ئۈچۈن زىيانلىق ئىدى ،ھېلىقى قان مىنى ساراسىمگە سېلىپ قويغان ئىدى ،ئامال يوق شۇنداق بىر دوستۇم بار ئىدى ،قەتئى پۇل سورىمىسام بۇلاتتى چۈنكى بىز ئەزەلدىن پۇلغا چېتىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان ئىدۇق ،سوريمۇ –سورىمايمۇ قېنى سوراپ بېقىش نىيتىدە ئۇنىڭغا تىلفۇندا دىيەلمەي ،ئۇچۇر يوللۇدۇم ،راسىت گەپنى قىلسام ئەمدى تاماق يىيىش ـ يىمەسلىك مەسىلىسى ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق ئىدى ،ناھايتى تىز سۈرەتتە ئۇنىڭ ماقۇل بولغان ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلدىم ،ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنى ئۇنچىۋالا تىز ماقۇل بۇلا دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ،چۈنكى ئۇ مىنىڭ پەقەت توردىلا تۇنۇشۇپ قالغان دوستۇم ئىدى ،لىكىن بىز بىر يۇرۇتتىن بولغاچقا پات-پات كۆرۈشىپ تۇراتتۇق ،ئۇنى سەن ئوغۇل بالا دەپ ئويلاپ قالما يەنە ئۇ سىنىڭدىن ئانچە –پەرىقلەنمەيدىغان دوستۇم ئىدى .مەيلى نىمىلا بولمىسۇن شۇ چاغدا ئۇ پۇلنى كارتامغا بەش يۈزنى ئۇرۇپ بەرگەندە پۇلنى قۇياش نۇرىغا تۇتۇپ كۆزلۈرۈمگە ياش ئېلىپ كەتكەن ئىدىم ،ئەمدىكى مەسىلە ھېلىقى ئۇنىڭ بۇنىڭ دوپپىسىدىكى  مەسىلە بېشىمنى ھەدىسىلا قاتۇراتتى ،ئىسمىمنى بىرسى شۇنداقلا چاقىردىمۇ قۇلۇقىمغا پۇل دىگەندەك ئاڭلىنپ كىتەتتى .ھەتتا تىلفۇن كەلسىمۇ قورقۇپ تىتىرەپ كىتەتتىم ،مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرۇن بالا چاغلىرىمدا يېقىن ئۆتكەن بىر قىز ساۋاقدىشىم ئاممىۋى تىلفۇندىن تىلفۇن قىلدى ،ئۇمىنى مەكتەپكە ئىزدەپ كەلدى ئۇنىڭ بىلەن بازارغا بېرىپ تىلفۇن ئېلىشىپ يېڭى كارتا بېجىرىپ بەردىم ،ئۇنىڭغا بەك ھەيرانمەن ،ئۇ ھازىرمۇ تبىبى ئۇۋېرسىتنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ ،ئۇ شۇچاغدا مىنىڭ قايتىدىن كىتاپنى قۇلۇمغا ئالغىنىمدىن بەكلا خوشال بولغان ئىدى ،بىر كۈن ئايلىنىپ كاللام قېيىپلا كەتتى ،بىللە تاماق يەپ كەچتە ئۇنىڭ ياتىقىغا قايىتتۇق .
ـ ئاداش پەلەمپەيدىن چىقامدۇق ؟ـ مەن ئۇنڭدىن سورىدىم .
ـ 10-قەۋەت ھە ئە لىفىتتا چىقىمىز .ئۇ قولۇمدىن تارتىشىقا باشىلىدى.
ـ ئاداش مەن سەل چاتاق تۇرىمەن مېڭىپلا چىقايمىكىن ،مەن مىنى ساقلاپ تۇرغىن 10-قەۋەتتە ماقۇلىمۇ ـــــــــ ئۇنىڭغا قاراپ يېلىنىش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلدىم.
ـ ۋاي ماڭە ،سەن مېڭىپ چىقامسەن ،ھېرىپ كىتىسەن ،بىردەمدىلا چىقىپ بۇلىمىز .
ئىككىمىز قىسىلىشىپ لىفىتقا چىقتۇق ،لىفىت قوزغىلىشى ھامان كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ،كۆزئالدىم بارا-بارا قاراڭغۇلۇشۇپ ،بېشىم قېيىپ چىقىپ بولغىچە ئارلىقتا ھۇشۇمدىن كەتتىم .
ئەسلمگە كىلىپ قارىسام دوستۇم بېشىمدا پېقىراپ يۈرۈپتۇ ،ئەتىراپىمدا ئۇنىڭ ياتاقداشلىرى ماڭا بىرخىل مىھرىبانلىق كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارايتى ،مەن ئۆزۈمنى يىقلىپ چۈشەمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ،دوستۇم مەندىن ئەنسىرەپ چىرايى قاپقارا قارىداپ كەتكەن ئىدى .ئەتىسى كېچىنى مىڭ تەسلىكتە ئۆتكۈزۈپ مەكتەپكە كىتىمەن دەپ تۇرىۋالدىم ،ئۇ سەندە قان ئاز كەن ،تەن زىيادە ماغدۇرسىزلىپ كىتىپتۇ ،دىگەندەك دىئاگىنوزنى ئۆزىلا قۇيىۋەتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ دادىسىمۇ جۇڭيى دوختۇرى ئىدى ،دوستۇم مىنى زادىلا كىتىشىمگە يول قويمىدى ،شۇ چاغدا چىرايىم تامدەك تاتىرىپ ياداپ كەتكەن ئىدى .
ـ ئاداش، ئۇكۇل سالدۇرىۋەتكىن بولمىسا يەنە يىقىلىپ چۈشىسەن .
ـ بولدى ،ياتاققا بارساملا تۈزىلىپ قالىمەن .
ـ نەدە ياتاق كېسەل داۋالايدىكەن دەيمەن .ـــ ئۇ ماڭا قاراپ تىكىلىپلا تۇرۇپ قالدى ـ ئىشقىلىپ كىيىن دەپ بېرىمەن ،سىنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم ،يەنىلا قايتايمىكىن.
ـ  ساراڭغا ئوخشاش گەپ قىلىدىكەنسەن ،بوپتۇ ئەمسە كىلەر ھەپتە ئاكامنىڭ يېنىغا بارغاچ سىنىڭ يېنىڭغا باراي .ــــــ بىز ياتاق بىناسىدىن چىقىپ پەلەمپەينىڭ يېنىغا كەلدۇق .
ـ ماۋۇيەردىن ماڭىلى ئوبدان بۇلىدىكەن ـــــــ مەن پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .
ـ ۋاي ساراڭ ــــــ ئۇمۇ كەينىمگە ئەگەشتى .
ھېلىقى كوچا ئاپتۇۋۇزىغا چىقىپ پۇتلۇرۇم ھەربىر تۇرمۇزغا ئەگىشىپ ئۇياق –بۇياققا دەلدەڭشىپ كىتەتتىم ،ياتاققا كىرىپ بولغىچە سىرىت شۇنچە سوغوق بولسىمۇ ،پىشانەمدىن تەر چىقىپ چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن ئىدىم .
ئۇزاققا بارماي دوستۇم يەنە مىنى ئىزدەپ كەلدى ،مەن بىلەن كۆپ پاراڭلاشتى ،ئۇ مەندىن نىمشقا تىجارەت قىلىپ باقمايسەن دىگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدى ،مەن ئۇنىڭغا باشلىغىنىمنى ھەتتا شۇ تىجارەت ئۈچۈن پۇتۇمنىڭ قاپىرىپ كەتكىنىنى سۆزلەپ بەردىم ،قىزلار ئۆزئالدىغا بىر ئىشقىلىمەن دىسە ،قەدەمدە بىر دوقمۇشقا ئۈسۈۋالدىغىننى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم ،ئۇ مەندىن سەن ئۆزگۈرۈپ كىتىپسەن ،پەقەت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ قاپسەن ،دىگەندەك سۇئاللارنى سورىدى ،ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشىدىغان چاغدا كىتاپلا كۆرەتتىم ،تېخى مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ۋاقىتلىىرىم ئىدى ،ئۇ چاغدىكى مەن ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل جىمغۇر ئىدىم،ھازىرقى مەن بولسام كىچىك چىرەي چوڭ ئادەمدەك گەپ قىلىدىغان ،رەھىمسىز ،جاھىل ،ئەسكى بۇلۇپ قالغان ئىدىم ،ئەينى ۋاقىتىكى سەبىيلىكتىن ئەسلا ئەسەر يوق ئىدى.
ئادەم بەزى گەپلەرنى يېقىنلىرىغا دەپ ئازىراق بولسىمۇ بوشىنىۋالغىسى كىلىدىكەن،مەن ئۇنىڭغا مۇھەببەتنى چىقىرىۋەتكەن ئاساستا تۆت مىڭ يۈۋەننى تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم ،ئۇ ھەيران قالدى ،سەن قىلالمەيمەن دىسەڭلا تۈگەيدىكەن دەپتىكەن دىگەندەك تەسەللىنى بەردى ،مىنىڭ راستىمنى دىسەم ئۇ قىزغا پەقەت قۇلۇمدىن كىلىدىغىنى ياردەم قىلدىم دەسەم بۇلاتتى لىكىن ئۇ ياق قاراپ تۇرۇپ لاتا قىسماققا چۈشۈرىۋەتتى ئەمەسمۇ ،بەلكىم بۇجاھان ئاشۇنداق ئەسكى ھەم ياخشىلار بىلەن تەڭشەلگەندۇ .
ـ ئاداش ،ئۇ پۇلنى قانداق قىلدىڭ .
ـ تۆلىدىم شۇ .
ـ توۋا خۇدايىم .
ـ ۋايجان پۇل دىگەن نەرسىنى تاپمىغان ئوقەتمىتى .
ـ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە ئاستىدا كاۋاپ يەپ ئولتۇرىدىغان ساراڭ .
ـ نىمە بولدۇڭ ،خاپا بولمىغىنە خاتا دەپ قېپتىمەن ــــ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم .
ـ ئاداش ھازىر نەچچە ۋاق تاماق يەۋاتىسەن ــــــ ئۇماڭا نۇرسىز كۆزلىرىنى تىكىشكە باشلىدى .
ـ ھۇھ ،دەرىت بىلەن ئەلەمنى ئەمەس ،ئىشقىلىپ تاماق ـــ ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەن گەپنى قايتۇرىۋالالمدىم.
ـ قارىسىلا شۇنداقلىقى چىقىپ تۇرۇدۇ بولمىسا ،پۇل لازىممۇ ساڭا مەن بېرىپ تۇراي .
ـ بولدى ـــــــ مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگۈم بولمىسىمۇ زورلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم .
ـ ئەمسە ئاپاڭغا دەپ قۇيىمەن .
ـ تايىغىڭ زادى كام سىنىڭ .
ـ ئاداش چاقچاق قىلىۋاتىمەن ،مەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالغانتىم كارتامدا ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق پۇل بار شۇنى ئىشلىتىپ تۇرغىن كىيىنچە قايتۇرۇپ بېرەسەن .
ـ رەخمەت .
ـ راسىت دەيمەن ،ماڭا ئايدا پۇل ئەۋەتىپ تۇرىدىغان تۇرسا .
ـ بولدى ئاداش .
ـ بىلىمەن سىنىڭ مىجەزىڭنى پەقەت ئامال قىلالمىساڭ باشقىلاردىن ياردەم سورايسەن ،ئۆيۈڭدىكىلەرگە دىمىدىڭغۇ دەيمەن ،بولمىسا ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ كەتمەستىڭ .
ئۇنىڭدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم ،ئۇماڭا ياردەم قىلىپ قەرىزىمنى تۆلەپ بەردى ،شىللەمدىكى يۈكمۇ خېلىلا يىنىكلەپ قالدى ،ئەمدى مەن پەقەت ئۇنىڭغىلا ھەم ھېلىقى دوستۇمنىڭ بەش يۈز يۈۋەنىگە قەرىزدار ئىدىم ،مەن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئاجايىپ ئىشلارنى قىلدىم ،باشقىلارنىڭ تەس قىيىن ئۆتۈش نىسپىتى تۆۋەن بولغان ،ھەم كمپىيوتىر دەرىجە ئىنتاھانلىرىغا كىرىپ ئورنىغا كۆز بوياپ ئىنتاھانلارنى بېرپ پۇل تاپتىم ،نەچچەرەت چاندۇرۇپ قويغىلى تاسلا قالدىم ،ھەرقېتىم ئاكام پۇلنىڭ گىپىنى قىلغاندا ماقۇل دەپ ئۇنىمۇ يىغشىقا باشلىدىم ،قىسقىسى مەن ئۇنىڭدىن ئالغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمىگىچە ئۇنىڭ بىلەن يۈتۇرانە كۆرۈشمىدىم ،سۆرەشتۈرۈپ نەچچە ئايلاردا ئاران دىگىدەك قايتۇردۇم ،ھېلىقى بەش يۈزنى قايتۇرۇپ بولغىچە چېكەمدىن تەرچىقىپ كەتتى ،ئۇ دوستۇمغا پات-پات تىلفۇن قىلىپ تۇرىمەن ،ئارلىقتا بىر قانچە كۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىدىم ،ئۇ ياتىقمدىكى بىر قازاق دوستۇمغا تىلفۇن قلىپ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىلىپ بولغىننى ئېيىتتى ،ئىشقىلىپ يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەيلا كۆرۈشكىلى چىقتىم ئۇمۇ ئۇزۇن تۇرمايلا كىتىپ قالدى ،شۇ چاغدىمۇ ھېلى قويغان نەرسەمنى سېلى تاپالمايدىغان كاللام ساراڭ ئىدى.ئۇ كىتىپ ئۇزاق قالماي ئۆيدىكىلەر سالغان پۇلىنى يىغىپ يۈرۈپ ئاران بەش يۈزگە ئاپاردىم ،ئۇ نىڭغا دىگەن ۋاقىتتىن نەچچە ئاي كىيىن يالغانچى بۇلۇپ ئاران قايتۇرۇپ بېرەلىدىم ،ئۇ بەلكىم مىنى يالغانچىكەن دەپ ئويلىغاندۇ ۋەياكى مىنى توغرا چۈشەنگەندۇ ،ئادەمنىڭ ھەرخىل دوسلىرى بۇلىدۇ ،دوختۇر بولماقچى بولغان دوستۇمنى ئېيىتسام ئىككىمىز پەقەت دەرىس،پەت-تېخنىكا قاتارلىق نەرسىلا ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارالايمىز ،ئەمما بۇدوستۇمغا كەلسەم بەزى گەپلەرنى بۇلۇپمۇ ھەدەم بولمىغاندىن كىيىن دىگىم كىلىدىكەن ،ئىشقىلىپ ساڭا دىسەم بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىپ كەتتى ،ساڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈتۇرانە دىدىم ،ئەمدى مانا مۇشۇنداق يېزىق ئارقىلىقمۇ دىيىشنى توغرا دەپ ئويلايمەن.
مەن راستىمنى ئېيىتسام ھازىر ئۇخلىسام ئوڭ-سول تەرپنى بېسىپ يانتۇ ياتىدىغان ئەھۋال مەندە يوق دىيەرلىك ،پۇتۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئىككى قولۇمنى ئەركىن تاشلاپ ئۇخلايمەن ،تاڭ ئاتاي دىگەنچە پۇت-قولۇمنى يەر تارتىپ شەيتانلىرىم مىنى ئۇخلاشقا كۆندۈرىدۇ .بەزىدە بەك چارچاش ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم .مەن ساڭا دىمەكچى بولغىنمنى ئەگىتىۋەتتىم ،ئەمدى نەق گەپ ساڭا كەلدىم دوستۇم .
ئەڭ باشتا تىلفۇن ئۇرسام ئالمىغان ھەدەم سۈپەت دوستۇم ،مەن مېڭىشتىن بۇرۇن،ئۇكام ئاخشىمى تىلفۇندا دا پاراڭلاشماڭ ،كاللىڭىزنى چاچماڭ ،ياشلىق باغلاپ قويغان يەردە تۇرمايدىكەن ئىسىت دەپ بولغۇچە ياش ئوتتۇزغا بېرىپ ئادەم قېرىپ كاردىن چىقىپ كىتىدىكەن دىگەندەك نۇرغۇن تەربىيە قىلغان ئىدى،بۇرۇن مەن ئۇنىڭغا مۇھەبىتىدىن ئازار يىگەندە تەسەللى بېرىپ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ كۈلدۈرۈپ قۇياتتىم ،شۇڭا ئىككىمىز تىزلاچىقىشىپ كەتكەن ئىدۇق .
ھازىر ئولتۇرۇپ شۇنى خىيال قىلىمەن ،ئۇقىز شۇ مارالبېشىلىق يىگىتىگە شۇنداق قىلاتتى،ھەتتا شۇنى دەپ ئاسپىرانىت ئوقۇشتىنمۇ ۋازكەچكەن ،مانا ئۇ قىزغا چۈشكەن بېسىم ئاز ئەمەس ،ھەرقېتىم كۆرسەم بىرخىل كۆزلىرىدە ياش ئەگىپلا تۇرىدۇ ،مىنىڭ ھازىرقى ئۆمۈرۈمنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتۈپتۇ ،ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان مىھرىبان ،قەلەمدىمۇ راۋرۇس يىتىشكەن ،ئەدەبىيات جەھەتتىمۇ خېلىلا تالانتى بارئىدى ،دەل شۇ قىز دىن مەن تورغا چىقىشنى مۇنبەرلەنى كۆرۈشنى ئۆگەنگەن ،ئۇ قىز ھاياتىمدا ماڭا چۇڭقۇر ئىزارنى قالدۇردى ،منىڭ يېقىن دوسلۇرۇم بار ،سىرداشلىرىم بار ،كۆرمىسەم چىدىمايدىغان دوسلۇرۇم بار ،لىكىن ئۇنىڭغا ئوخششاش سەۋرىچان ،ئاقكۆڭۈل ،ئەقىللىق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان ،يۈرۈشلىرىمۇ شۇنداق تەبئى مەندەكلا سىداملام يۈرۈيدۇ ،ئۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ھەتتاكى مەندىمۇ كۆپ ياشلارنى تۆككەن بۇلىشى مۇمكىن ،مەن ئۇنىڭدىن كىچىك بولساممۇ ماڭا دەردىنى تۆكەتتى ھەتتا ياش چىقىرىشقا پېتىنالايتى ،لىكىن مەنمۇ يىغلىغان بولدۇم ،لىكىن يوتقاننىڭ ئىچى ئادەم كۆرمەيدىغان جايلار بولدى ،مەن ساڭا دىسەم ياخشى ئوغۇللار كۆپ ،ئەممابىز شۇنچىلىك كۈچىسەكمۇ ئۇلار كەينىگە داجىيدىكەن ،ھەتتا بىر خىل مەسئۇلىيەتتىن كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرۇپ گۇناھنى ئارتىپ قۇيىدىكەن ،بىز ئۆي تۇتماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرىدىكەنمىز ،ئۇلار بۇنى چۇقۇم قىزدوستۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدىكەن .ھەدەمدەك دوستۇم مۇھەبەتتە نىمىگە ئېرىشەلەپتۇ ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقاتتى ،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نەچچە يىلغىچە مەن بىلەن بىللە ئىشلەپتۇق ،ھەرقېتىم ياخشى نەرسىلەرنى ئالغاندا مارالبېشىغا پوچتىدىن بىرنىمىلەرنى سالغان ،ھەتتاكى ئۇ بالىنىڭ ئىنتاھانغا كىتىدىغان ماتىرىياللىرىدىن تارىپ توردىن سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرەتتى ،مانا ئارىدىن نەق ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەندە ئاران خىزمەتكە چىقتى ،ئۇياق بانكىدا پوچى ئىشلەپ توي قىلىپ ياشاۋاتىدۇ ،بۇ جاھان دىگەن ئاشۇنداق تۇرسا ،مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلسام جايمىدا ئۆلۈپ قالدىغانداك تۇراتتىم ،يەنىلا ئايرىلدۇق .مەنمۇ نورمال ئادەم بولغاندىن كىيىن تەسىر قىلمايدىغان ئىش بولمايدۇ ،سائەت-سائەتلەپ خىيال سۈرىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ يوق ئەمەس ،مەن شۇ باشقىلارغا چاندۇرماسلق ئۈچۈن بىرخىل ھاڭۋاقتىلارچە تۇرىۋېلىپ توۋا مەن قاچان ياخشى كۆرۈپتىمەن دەپ قۇيىمەن خالاس .شۇڭا ئۇ ئىككىسى ئوخشاشلا مىنى ئالدامچى ئەسكى دەپ قارىشى يۈز پىرسەن ،ئەسكى بولغاندىن كىيىن مەنلام ئەسكى بۇلاي ،شۇڭا ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىللاپ چۈشۈرگىم كەلمەيدۇ ،مەن ئەسكى دىسەملا تۈگەيدۇ.
سەن نىمە ئىش قىلماقچى بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ،يەنە شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەپ يۈرىۋاتامسەن ،مەن بۇيەردە مۇھەببەتنىڭ گىپىنى قىلمىدىم ،خىزمەت مەسىلىسنى دەۋاتىمەن،مەنچە ئىشلەپ يۈرىۋاتىسەن شۇنداقمۇ ،بولمىسا نەچچە ئادىن دىن بىرى ئاچمىغان كوت-كوت نۇمۇرۇمنىڭ ئوتتۇرىدا« مەن ھەمىشە سىنى ئەسلەيمەن » دىگەن خەنزۇچە خەت چىقىپ قالمايتى،توۋا ئاجايىپ ئادمدە سەن ،نىمە قىلاسەن مەن ساڭا كوت-كوت نۇمۇرۇمنى بىرسى ئاچىدىكەن دىسەم ئۆزۈڭ ئونبەش كۈنگىچە بىر مۇقىم ئايپىغا تەڭشەپ ئۆزگەرتىپ بېرەي دىدىڭ ،ماقۇل بىر ئېچىپ پاقىسغا قېنىۋالسۇن دىسەم ،تېخىچە قېنىپ بۇلالماپسەن ،مەن ئالدىنقى قېتىم ئۆيۈمنىڭ نۇمۇرىدا تىللفۇن قىلىپ ساڭا كوت-كوتنى ئاچتىڭمۇ دىسەم ،ياق دەپ تۇىۋالدىڭ نىمىشقا جىمجىت بۇلۇپ ھەممە يەردىن يوقاپ كىتىمەن ،بىلەمسەن نۇرغۇنلىرى ھېلىقى بايام دەپ ئۆتكەن ئىشلار ،يەنە دەل يېرىمى سەن،سەن سەۋەپچى ،بولدى سەن مىنى ئەسلىمىگىن ،ھەم ياخشى كۆرمىگىن ،مەن راسلا ساڭا ئۆچ ئەمەس ،لىكىن سەن ئادەمنى بەك پاراكەندە قىلىدىكەنسەن ،ھاياتىمدا تۇنجى مۇھابىتىممۇ مىنى ئىزدەپ تاپالمايتى ،سەن بەك ئىزدەپ تېپىشقا ئۇستا كەنسەن ،ئۇنى نىمىشقا كوت-كوتتا ساقلاپ يۈردۈڭ دىسەڭ ،ئۇمىنى توختىماي قاچىلاپ مەن ئۆچۈرۈپ ھېرىپ قىلىپ ساقلاپ قويغان،يەنەبىر سەۋەپ ئۇياقنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى ئاجىرىشىپ كەتكەچكە ،مەن ئۇنى ئۆچۈرۋەتمىگەن ئىدىم ،توي قىلغاندىن كىيىن چىقىرىۋەتتىم ،ئەمدى تۈگىدى .سەن مىنى ئاجايىپلا تېپىۋالىسەن ئەمەسمۇ ھەيران قالىمەن ،ھەتتا ئاپامدىن تەپمۇ تارىتماي تىلفۇن ئۇرۇپ سوراپ بېقىۋاتىسەن،مەن شۇچاغدا نۇمۇستىن ئۆلدۈم ،بىرقېتىمغۇ ئۆزۈم ئېلىپ يوق دەۋەتتىم ،كۆڭلۈڭگە دەھشەت كەلگەندۇ ،لىكىن مەندەك ئەسكى ئادەمگە ئامال يوق ،ماڭا ئاپامنىڭ ئالدىدا يۈزكېرەك ،ئاپام تۈنجى مۇھابىتىمنى بىلمىسىمۇ مىنىڭچە كىينىكىسىنى  بىلىدۇ دەيمەن،چۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈمدە تىلفۇندا پاراڭلاشقاننىڭ ئۈستىگە كىرىپ قالغان ئىدى ،ئاپام مىنى ھازىر ئىچىدە تىللاپ يۈرەمدۇ كىم بىلىدۇ ،تۇتامى يوق ،تۇراقسىز ،دادىسىنى تارىتقان دەپ ،ئاپامغۇ سىنى سورىدى ،مەنمۇ بوش كەلمەي سىكونىت تىزلىكىدە جاۋاپ بېرىۋەتتىم ،بىلمەمسەن مىنىڭ ئاپامدىن قورقۇدىغىنىمنى ئاپاممۇ ئېنىقلا بولمايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلد ى ،سىڭلىم چۇ تېخى ئىسمىڭ غەلىتە تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ كۈلۈپ ئۆلگىلى تاسلا قالدى ،بۇ بالىغۇ ئاشۇنداق ئارتۇق ھاياجانلىنىدىغان بالا ئەمدى ئۇنىڭغا ئامال يوق ،مەن ناھايتىمۇ ئوچۇق دىدىم ،سىنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ ،سەن ئۆگىنىدىغان نەرسە بەك كۆپ ،بۇيىل رامزانغۇ دەيمەن ،ئۇچۇر يوللاپسەن خالىسانە جاۋاپ قايتۇرۇپ قويدۇم ،سەن ماڭا تاماق يەۋاتىمەن دىگەندەك ئۇچۇرنى ئەۋەتىپسەن ،ھەيران قالاي روزا تۇتمىساڭ مەيلى مىنىڭ تۇتىدىغىنىمنى بىلىسەنغۇ شۇڭا ئويلاپ گەپ قىل دىگەن گەپ بار،سەۋەبى بەك ئاددىىكەن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇندا يول قويمايدىكەن ،مەن راسىت سەۋەبىنى دەپ بېرەي ھە ،سىنڭ ئۆيۈڭدىكىلەر بەلىكىم روزاتۇتمايدىغاندۇ ۋەياكى سىنى ئاچ قالمىسۇن دەپ ئادەتلەندۈرمىگەندۇ،شۇڭا بىلمەيدىغانسەن  ۋەياكى تاماكا چىكىپ ـ سورۇنلاردا ھاراق ئىچىپ قالساڭ ئۇنىڭغا دەخلى يىتىشى مۇمكىن ،مىنىڭچە سەۋەپ شۇلا يەنە ئارلىشىدىغان دوستۇڭ روزا تۇتمىسا سەنمۇ تەبىلا شۇنداق بۇلىسەن،مانا مۇشۇنداق گەپ ،ھېلىقى بىر ئۇچۇرۇڭچۇ تېخى كۈلۈپ ساراڭ بۇلۇپ كىتىپتىمەن،مەن سىنى رەت قىلغانچە ئاچچىقتا يوللۇدۇڭمۇ نىمە ،سەن بۇ ئۆمۈرۈڭدە بىرەسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ،بىرەسىگە مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باققانمۇ دەپ باقە ،تازا سەھەر چاغ كەنتۇق ،مەنغۇ بۇرۇنقى مۇھابىتىم بىلەن ئۇ گەپلەرنى تەكرارلىمىساقمۇ ،بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرەتتۇق شۇڭا دىيىشمەيتۇق چۈنكى بىلمىزدە ئۇنى ،كىينكىسىگە بەك كۆپ قېتىم دەۋەتكەندىمەن ،چۈنكى ئۇ ماڭا تاۋۇزنىڭ ئۇرىقىچىلىكمۇ ئىشەنمەيتى ،شۇڭا مەندىن سوراپ تۇرىۋالاتتى ،شۇ گەپنى مەن دىن ئاڭلىۋالغاندا ئاقسا ئولتۇرۇپ خوش بۇلۇپ كىتەتتى ،ئەمدى ئۇنىڭدىن باشقا ئادەملەرگە ئۇنداق دەپ باقمىدىم ،چۈنكى ياخشى كۆرمەيمەندە شۇنىڭ ئىچىدە سەنمۇ بار ،بۇنداق شەخسى پاراڭنى سوراپ يۈرۈيسەن دىسە ،ھەي خۇدايىم نىمە قىلىدىغانسەن مەندەك ئوسال ،ئەسكىنى ياخشى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا خۇدايىمنى ياخشى كۆرۈپ باقساڭ بولمامدۇ ،مەسچىتنىڭ ئىچى قانداق بۇلىدۇ ،كۆرۈپ باقساڭ ،كىينىكى ئوماق بالاڭ ،سۆيۈملۈك ئايالىڭ ئۈچۈن ،ئازتولا تىرىشىپ قويساڭ بولمامدۇ ،بىر كەسىپ ئۆزگەرتىپ باقساڭ ،كەچكىچە مىنىڭ كوت-كوت نۇمۇرۇم بىلەن قالماي ،مەن بىلەن كار ىڭ يوق يۈرسەڭ بولمامدۇ ،بىرە يەردىن ئۆلۈم خەۋىرىمىنى ئاڭلىساڭ توۋا ئاشۇمۇ ئۆلۈپ قالدىكەن دەپ تىرىك يۈرسەڭ بولمامدۇ،بۈگۈن ئاكام مەكتەپنىڭ ئىچىدە مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ،مەن بىلەن ئالاقەلىشىدىغان ھېچقانداق تىلفۇن نۇمۇرۇم يوق ،ھەيران قاپتىمەن ئاكام ئوشۇق گەپ قىلماي يېڭى تىلفۇن ئېلىپ بەردى ،ئەمدى ئامالسىز نۇمۇر ئېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن ،مەن ساڭا دىسەم تىلفۇن يوق بولغاچقا دادام –ئاپامدىن ئەنسىرەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ،ھېلىمۇ قاپاق كاللام ئىشلەپ تۆتمىڭنى دىمەپتىكەنمەن،دىگەن بولسام ئاپاممۇ كېسىلىنى داۋالىتالماسكەن ،ئاپام قانداق تۇرىۋاتىدۇ ،قان –تۇمۇر ئايلىنىشى قانداق مەن ئۇنى ئېنىق بىلمەيمەن،دادامچۇ يول ماڭسا بۇرۇنقىدەك قېرىلىق يىتىپ ئاغرىپ كىتىەمدۇ ،ئەنسىرەپ ئولتۇرىمەن ،ھەرقېتىم ئۇخلاپ تۇرالمىغاندا ئۇلارنىڭ چىراينى ئەسلەيمەن،دەھاللا شەيتانلىرمنى يېڭىپ قۇلۇمغا كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇيمەن ،يادىلايمەن، مەن ئانداق ئازار يىدىم مۇنداق بوزەك قىلدىم ھەرگىز دىمەيمەن،كەتتى ھەممىسى يوق دىگەن گەپ ،دادام –ئاپامنىڭ مەيلىچە بولسا مىنى تۇرمۇشلۇق قىلغۇسى بار ،لىكىن مەن كۆپ تىرىشتىم ،يەنىلا ئايرىلىپ كىتىپ مەسىلىنى ھەل قىلدۇق ،ئەمدى مىنىڭ بىردىن بىر ئۇلارنى خاتىرىجىمەم قىلىدىغان ئىشىم ،ياخشى ئوقۇشلا قالدى ،ئەمدى مەن مۇھەببەتنىڭ كوچىسىغا كىرسەم ،ئىشت چىلىكمۇ بۇلالمايمەن دىگەن گەپ .
قارا كەچكىچە مەن بىلەن قالمىغىن ،كوت-كوتنى ياكى سەن ئىشلەت ياكى مەن پايدىلىنىپ تۇراي ،سەنمۇ كەچكىچە خەققە كۈندە دىجورنى تۇرۇپ يۇرمەي ،بېشىڭنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئىشنى قىل ،مەن ساڭا دىسەم سنىڭ بىلىمىڭ قانچە تۆۋەن بولسا خەق سىنى شۇنچە بوزەك قىلىدىكەن،شۇڭا سەن ئامال بار كۈچىيىدىغان يولنى قىل ، بىراۋلار سىنى باشقۇرۇلمايدىغان بولسۇن ،پۇرسەتنى قەدىرىلە ،نەدە مەندەك ھاڭ باقتى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ ئولتۇرماي ياكى مەن قەدىرىڭنى بىلمىسەم ،ئۇنىڭ ئۈستىگەقاملاشمايدىغان مىجەزىم بارتۇرسا،ئەتە ئۆگۈن ئايالىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان دىگەندەك تىللار بىلەن تىللىسا ئىچىڭدىن قان كىتەر ،شۇڭا شۇلارنى ئويلاپ بولسىمۇ كەسىپ ئۆزگەرىت ،ياكى تىجارەت قىلىپ باق ،مەن ساڭا تىلفۇندا بىرنەچچە قېتىم كەسىپ ئۆزگەرىتش تەكلىبىنى بەرگەن ئىدىم ،ئەمدى ساڭا قايتا دىيىشىمنى زۈرۈرىيىتى ئەسلا  يوق ،گەپنىڭ ئوچۇقىنى دىسەم ھېلىھەم كاللام جايىدا ئەمەس،ھازىر قويغان نەرسەمنى ھازىر تاپالمايمەن ،كۈندە بەش سائەت ئۇخلاپ تولىمۇ چارچاپ كەتتىم ،ئەمدى ماڭىمۇ ئامال يوق. مىنىڭمۇ قېنىپ ئۇخلىغىم بار لىكىن بۇرۇنقى مۇھەببەتلىشىش ،ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىشلارغا نۇرغۇن ۋاقىتلىرىمنى سەرىپ قىلغان بولغاچقا تۇلۇقلىمىسام بەدەل تۆلىمىسەم بولمايدۇ ،سەن ئەمدى مىنى ئىز دىمىگىن كوت-كوت نۇمۇرۇمنى ھەرگىز ئاچمىغىن ،بەلكىم مەن ساڭا ھىسىيات قەرىزدارمەن ،مەن بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلەپ بولدۇم دەپ ئويلايمەن ،ئەمدى مىنىڭ ئاخىرقى ئۆمۈرۈمنى خاتىرىجەملىك ،تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكۈزسەمكەن دەيمەن.مىنى بىھۇدە ئەيىپلىمە مەن ساڭا ئەزەلدىن مۇھەببەت توغرۇلۇق گەپ قىلىپ باقمىدىم ،سىنى ياخشى كۆرۈشىم مۇنداقچە قىلسام ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈشنى ئويلاپ باقمىدىم ،لىكىن سىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىڭنى ياقتۇرىمەن،قاملاشمايدىغان مىجەزلىرڭمۇ ئازئەمەس،مەن ساڭا خەنزۇچە قايتۇرغان ئۇچۇرلىرىمنى سەن تۈزىتىپ كەتتڭ ،مەن ئۈچۈن ئۇ ئىشلىرىڭ بەك  نۇمۇس ،سىنىڭ شۇ ئىشلىرىڭدىن بىرخىل نۇمۇس ھىس قىلدىم ،قايتا-قايتىلاپ لۇغەتلەرنى ئاختۇرۇپ بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ چىققان ئىدىم ،ئەمىلىيەتتە ھېچقانداق بىريەدە خاتاسى يوق خەتلەر ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا ماقالا ئەۋەتمىسەم ناھايتى بىر قۇرمۇ كەلمەيدىغان ئادەتتىكى جۈملىلەر ،سىنى بەك ئۇستا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەن دەرىجەڭ ئۈچمۇ ئەمەسكەنتۇق ،ئىچىمدە نەچچە مىڭنى توۋا دەۋەتتىم. مەنمۇ بىر ئاڭلىساملا چۈشىنەلەيمەن،خەت يېزىشنى بەك بىلىپ كەتمىسەممۇ لىكىن تىلفۇندا يېزىپ قارىسام شۇ خەتنى ھېس قىلالايمەن ،ئادەم دىگەن كەمتەر بولمامدۇ ،ئۆزەڭنى مىنىڭ ئالدىمدا ھەيۋەت كۆرسىتىمەن دەپ سۇنۇپ كىتىپ قالدىڭ ھە ،شۇ خەنزۇچىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ ھەرھالدا 6-دەرىجىگە يەتكەن ئىدىم ،بىر قېتىم ئەمەس نەچچە قېتىم يۈزۈمگە سالدىڭ ماخەتنى مۇنداق يازىسەن ،مەنمۇ ئۆۈمنىڭ ئىختىيارىم بۇيىچە مۇقىم قېلىپى بولىغاندىن كىيىن شۇنداق يازىمەن،ئەگەرسىنىڭ سەۋىيەڭنى يۈزتۇرانە سوراپ باقمىغان بولسام راستىنلا بەك بىلىدىكەن دەپ قالاتتىمكەن،مەن ساڭا دەي دوستۇم جاھاندا يېرىم چېلەك سۇ بەك چالتاقشىيدۇ،ئەمدى ئۆزۈڭنى بىل ئادەم تىللايالايدىغان مىجەزىم بولغان بولسا تىلفۇندا تىللاپ ئاق تاغلىق بىلەن قارا تاغلىق بۇلۇشىپ كىتەتتۇق ،ئەمدى بولدى قىل مىنى ئازاتلىققا چىققىلى قوي ئايلاپ –يىلاپمۇ ئەسلەپ قالمىغىن.ساڭا دىسەم مىنىڭدەك رەزىللەر بۇجاھاندا چىقماسلىغى مۇمكىن ،سەن مىنى ئىزچىل يۈتتۈرۈپ قويماي دىگەندەك ئىزدەپ كىلىۋاتقىنىڭغا يىللار بۇلۇپ كەتتى ،سەنمۇ ئىزدەپ چارچاپ كەتكەنسەن ئەمدى ئاستا ياخشى ئارام ئېلىۋال،كەلگۈسىڭنى ئويلاپ قويغىن ،سەن قانچىلىك ئاجىز بولساڭ خەق سىنى ئات-ئىشەكتەك ئىشلىتىدۇ ،رازى بولمايدىغىنىچۇ ،مەنمۇ ئات-ئىشەكتەك ئىشلەپ ئاياقنى سالماي نەچچەرەت ئۇخلاپ قالغان ھازىرچۇ مۇمكىن ئەمەس ،سەن قانچە ئاجىز بولساڭ شۇنچىلىك ئېكىسپالاتتاسىيە ئاستىدا ياشايسەن ،ساڭا ھەققاچان مۇشۇ قۇربان ھېيىتتىمۇ دىجورنى تۇرىسەن ھە ،بىلىپ تۇرىۋاتىمەن سەنمۇ ئەينى ۋاقىتتكى مەندەك بىزار بولغانسەن ،نەچچە قېتىم ئوقۇغىچە ھۇنەر ئۆگەنسەم بوپتىكەن دىدىڭ ،يولداش سىنىڭ كاللاڭ كومپىيوتىرغا خېلىلا ئىشلەپ قۇيىدۇ بۇ جەھەتتىن تەرەققى قىلىپ قالساڭ ئۆزۈڭگە پايدىلىق ،دىمەكچى بولغىنىم مەلۇم يۇمشاق دىتالنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن،مەن كۈندە دەپ ئولتۇرسام بولمايدۇ ،پەقەت بىر قېتىملا دەپ قۇياتتىم ،ساڭا بەك كۆپ تەكرارلاپ كەتتىم ،ئەمدى ماڭا دەيدىغان گەپ سۆزلىرىڭ يىغلىپ قالسا كوت-كوت خەت قالدۇرساڭ جاۋاپ قايتۇرىمەن ،لىكىن تىلفۇندا پاراڭلاشمايمەن ،ھەمدە كارتامنىڭ نۇمۇرىنى دەپ بېرەلمەيمەن،ئەمىسە مۇشۇنداق بولسۇن ،ساڭا بەك كۆپ دەپ كەتتىم كەسىپ ئۆزگەرتىۋال دەپ ئەمدى ھەم ئاخىرقى قېتىم دىيىشىم بۇلۇپ قالسۇن،ئېزىپ-تېزىپ ئاپامغا تىلفۇن ئۇرۇپ مىنىڭ نۇمۇرۇمنى سورىمىغىن ئاپام بىلەن بۇياققا مېڭىشتىن بۇرۇن پاراڭلىشىپ قالدىم دەل مۇھەببەت تېمىسدا ،بۇرۇن ئاپام سوراپ قالسا «ئاپا ،بۈگۈن بىريەرگەباراتتىم خوش» دىگىنىمچە كىتىپ قالاتتىم ،لىكىن بۇدا قاچماي تۇرۇپ پاراڭلاشقان بولدۇم ،ئۇ مىنىڭ چىرايمنىڭ ئۆزگىرىشنى ،جىمغۇرلىشىپ كەتكىنىمنىڭ سەۋەبىنى بۇرۇنلا ئويلاپ يىتىپتىكەن ،ئاپام مىنى بەك چۈشىنىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ مىنى چۈشىنشى مۇمكىن ئەمەس ،مەن بۇرۇنتىن ئاپام بىلەن دوسلارچە بەك كۆپ پاراڭلىشىمەن پەقەت بۇنۆۋەت مۇھەببەت  تېمىسىدا پارڭلاشتۇق ،ئاپام ھەقىقەتەن بەك سەزگۈر ،مەن ئۇنىڭدىن يۇشۇردۇم دىگەن بىلەن ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىپتىكەن ،ئەپەندىم سىز مىنى سەن دىگەندە مەن بەك غەيرىلىك ھىس قىلغان ئىدىم ،چۈنكى ئاشۇ جاپاكەش ئاپاممۇ مىنى تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە سەن دەپ چاقىرىپ باقماپتىكەن ،ياكى سىزمىنىڭ سىڭلىم ،ئاكام ئەمەس ،ئەمدى بولسىمۇ سۆزىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ ،مەنمۇ شۇنداق بۇنىڭدىن كىيىن  توي قىلىپ تۇرمۇشلۇق بۇلۇپ قالسىڭىز سەن ،پەن دىمەڭ قۇلاققا بەك سەت ئاڭلىنىدۇ ،ھەتتا ۋاقىرىشپ كەتسىڭىزمۇ ،سىزماڭا ۋاقىراۋاتىسىز دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئۇرۇشمايسىز ،سەن نىمىشقا ۋاقىرايسەن دىسە ،ۋاقىرىمامتىم ئەمسە دەپ مۇشلاشقا چۈشىسىز ،دوستۇم سىز ھەقىقەتەن نوچى ،ئۆزىڭىزگە خاس جاسارىتىڭىز بار،يەنىلا كىين قانداق قىلىمەن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ ئاساسى قاتلامىدا ئىشلەپ ياشامدىم ئويلىنىپ قۇيۇڭ ،مەنمۇ ئايرىلىپ كەتتىم ياشاۋاتىمەن ،باشقىلارغا غېمىم يوقتەك كۈرۈنگىنى بىلەن ئۆزۈم بىلىمەن دەردىمنى لىكىن سەۋرى قىلىمەن ،ئارتۇقچە ھاياجانلانمايمەن،شۇ ھىسياتىمنى قەدىرلەيمەن ،سىزمۇ شۇنداق ماڭا بولغان ھىسىياتىڭىزنى قەدىرىلەپ ئۇنداق قەدىر قىممىتىڭىزنى بىلمەيدىغان مەندەكلەرگە ئارتۇقچە يۈك قىلىپ تاڭماڭ،بەزى نەرسىلەرگە ئامال يوق كىتىدۇ ،سىزگە دىسەم بەزىدە ئۆلۈمنىمۇ خيال قىلىمەن ،توۋا خۇدايىم مىنى يەر قانداق يۈتە ،دوۋزاقىنىڭ قايسسى دەرۋازىسىنىڭ ئازابى يىنك دىگەنلەردىن تارتىپ خىيال قىلمىغىنىم قالمدى،مۇشۇ ھەپتنىڭ ئىچىدە بولغان ئىش ھېلىقى ماڭا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى بېرىپ تۇرغان دوستۇم ئالدىنقى ھەپتە ماڭا تىلفۇن ئۇرۇپتىكەن ،بۇ ھەپتە قايتۇردۇم ،مەن ئۇنىڭغا ئالدىنقى ھەپتە تىلفۇن ئۇرۇپتىكەنسەن ،بۇھەپتە قايتۇرۇشىم دىسەم كۈلۈپ تېلىقىپ كەتتى تىلفۇندا ،ھازىر سەل غەلىتەرەك بۇلۇپ قالدىم توغرا چۈشىنىڭ كوت-كوتنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۆزگەرىتكىم ئەسلا يوق ،ئەمدى ئاچمىغان بولسىڭىز ،سەل دەلتە مىجەزىم بولسىمۇ سىزنىڭ مىنى ياخشى كۆرگنىڭىزنى ئاللىقاچان بىلگەن ھەم بلىپ تۇرىمەن ، تۇغۇلغان كۈنۈمدە مۇھابىتمنىڭ ئۇچۇرقىلىپ قۇيىشىنى ساقلاپ ئولتۇرسام سىزماڭا تۈنجى بۇلۇپ ئۇچۇر ئەۋەتكەنتىڭىز ،ئۇنى مەن مىخلاپ –زىخلىمىغىچە ھەركەتلىنىپ قويمىغانتى لىكىن بۇيەردە سىلەرنى سېلىشتۇرمىدىم سىزنىڭ ماڭا بولغان ھىسياتىڭىزنى بىلىمەن دىمەكچى .ماڭا كوت-كوتنى ئېچىپ تۇرۇپ ئىچىگە خەت يېزىپ قويماڭ ،بۇ مەن ئۈچۈن ھاقارەت ،ئەمدى مىنىڭ گۇناھىم سىزنىڭ ۋە بىراۋلارنىڭ ئالدىدا بەك ئېغىر بولسىمۇ  ،ئادەمنى ئۇچىۋالا ھاقارەتلەپ كەتمەڭ ،ئازىراق بولسىمۇ ئەسكى مىجەزىمنى بولسىمۇ ئاز-تولا ھۆرمەتلەپ قۇيسىڭىز ،سىزگە ئەڭ ئاخىرىقى بىر مىسال ئېلىپ بېرەي ،ئاكام سىزدىن بىر ياش ياكى ئىككى ياش چوڭ بۇلىشى مۇمكىن ،ئۇ دەسلەپتە ھېلىقى شىيالى ماشىنىنى رىمنۇت قىلىشنى ئۆگەنگەن ،پەقەت ئىككى يىللا كەتكەن ،كىيىنچە ئايرىم ئىش قىلدى بار-بارا ھازىرقى تىپتىكىنى رىمنۇت قىلشنى ئۆگەندى ،ھازىر قولىنى نەگىلا سۇنسا يىتىدۇ ،ئۇنىڭ قوللىنىۋاتقىنى پۈتۈنلەي فىزىكا يەنە شۇ پەننىڭ كۈچى دىگەن گەپ ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئوقۇتۇش ئەمەس ،ھەتتا شۇ ئاكامغا قىشلىق ئاياق ،قېلىن چاپانلارنى ئېلىپ بېرىشكىمۇ قۇربىمىز يەتمىگەن ،شۇ يىلى ئىككى قەۋەتلىك ھازىرقى ئولتۇرىۋاتقان ئۆيۈمىزنى دەپ ئەللىك مىڭ يۈۋەننى خەجلەپ قەرىزدار بۇلۇپ قالدۇق ،كىيىنچە تىجارەت كاساتلاشتى ،ھازىرمۇ خىيال قىلىمەن شۇكۈلەرنى ئۇ ئۆيگە كەلسلامەشنىڭ يېنىدىن زادى نېرى كەتمەيتى ،تۇلۇقسىزدىن چىقىپلا باشقىلاردىن پۇل قەرىز ئېلىپ ھۈنەرگە ئاپرىپ بەرگەنتۇق ،مانا قاراڭە ئۇ مىنى ئوقۇتىۋاتىدۇ ،ئاكام ،سىڭلىم ،مەن ،ئۆزـ ئارا بەش ياشتىنلا پەرىقلىنىمىز ،ئۇنىڭ چاچلىرى جاپانىڭ دەستىگە ئاقىرىپ كىتىپتۇ،ھازىر ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى تۇلۇق دىسەممۇ بۇلىدۇ ،شۇنداق بىرتال لوسىنى بوشاتتىمۇ پۇل ئالدىدۇ،يېزىدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيىلىرىگە نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى ،يەنە ئۇ كۆڭلىگە  نۇرغۇن نەرسىلەرنى پۈكۈپ قۇيۇپتۇ ،ئاكام ماڭا ئاتا يوللۇق ئادەم ئۇنىڭغا ئايالىغا ھەم بالىسىغا بىر ماڭا قىلغىنى ئۈچۈن، جاۋاپ قايتۇرىۋېلىپ بۇلالمىساممۇ، بۇدۇنيادىن كىتىپ قالدىغان ئىش بۇلۇپ قالسىمۇ، بىر غەمخورلۇق قىلىۋالسام ،ھەرقېتىم سىڭلىمنى ئاتا-ئانامنى ئويلىسام كۆزىمگە لىققىدە ياش كىلىدۇ ،مەن سىزگە ھىسىيات قەرىز بۇلۇپ تۇراي،مەن سىز بىلەن تۇنۇشقان ئەينى ۋاقىتتا ئۇچۇر تورىغا كىرىپ تاساددىبىيلا ئۇچۇر كۆرۈۋېتىپ كىرمەيدىغان بىرچايخانا دەيدىغان يەرگە كىرىپ قالغىنىمغا بەل پۇشايمەن ،تۇنۇشۇپ قالمىغان بولساق نىمىدىگەن ياخشىتى ،مەن سىزگە دىسەم نەچچە قېتىم ئۆلۈمنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالدىم ،نەچچەرەت تاسلا قالدىم ئاچچقتىن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى ،لىكىن يەنىلا سەۋرى قىلىپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ھايات قالدىم ،مەن ئەمدى ئەڭ ئاخىرىقى ھاياتىمنى پەقەت شۇ ئائىلەمدىكىلەرگە تەقدىم قىلماقچى .ئەمدى مۇھەببەت ،توي ،دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ،ئاتقا يوغان تۈمۈر ھاۋۇنى قېتىپ قويغانغا ئوخشايدىغان ئىش بۇلۇپ قالدى ،شۇ ئات قاراڭ دۈمبىسىگە قامچىنى تولا يەپ ئاخىرى تارتالىغىدەك ئىمكانىيەتنىڭ قالمىغىنىدىن قان زەرداپ بۇلۇپ كەتتى ،ئۇنىڭدىن ئەمدى تىلىسىڭىز رەھىمسىزلىك ،شەخسىيەتچىلىك ،ئەسكىلىك چىقىدۇ خالاس ،پات-پات  ئاكامنى ئەسلەيمەن ،ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىمدە شۇنداق سوقۇشاتتۇق ،چوڭلار بىريەرگە كەتسىلا بەك ياخشى ئاكا-سىڭللاردىن بۇلۇشاتتۇق ،ئۇلار كەلدىمۇ جەڭلا چىقاتتى ،ھازىر ئويلىسام بىر خىل نۇمۇس قىلىمەن ،ئاكام داۋاملىق مۇشلاش ئوينايمىز دەپ ئۇرۇپلا خېمىر قىلىپ ئاغزى-بۇرنۇمنى قان قىلىۋىتەتتى ،دادام ماڭا قۇم خالتىسنى ئېسىپ بېرىپ مەشىق قىلغۇزاتتى،ھۈنەر ھامان ئەسقاتىدىكەن ،كىم ماڭا ئوشۇق گەپ قىلىدىكەن ،ئاغزىمنى ئىشلىتىپ تىللاپ ئولتۇرمايمەن ،قۇلۇمنىمۇ ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىپ قويغان يەرلەمۇ بولدى ،مەيلى نىمىلا بولسۇن ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتماسلىق قەدىر قىممىتىنى يوقاتماسلىق كېرەككەن ،سىز مىنى پاتقاققا قولىڭىىز ئارقىلىق ئىتتىرمىگەن بولسىڭىزمۇ ،ۋاستىلىك ئىتتىرىلىپ كىتشكە مەجبۇرى قىىلدىڭىز ،ئاراندا ئۆمۈلەپ يەرلەرنى تاتلاشتۇرۇپ چىقىۋالدىم ،مەن شۇنداق ياخشى كۆرسەم دەۋالماڭ ،شۇ ياخشى كۆرۈشىڭىز مىنى بەزى نەرسىلەرگە مەجبۇرلاپ قويدى ،كۆڭلىڭىزنى ئايىغاننى بىلىڭ ،ئادەمنى گۇناھكار قىلىۋەرمەڭ ،سىزگە سەرگۈزەشتەمنىڭ ھەممىسىنى دىگىم ئەسلا يوق ،قىسقىسى مىنىڭ ئازار يىگىم يوق ،ئەمدى ئازاپلىنىشقا توغرا كىلىپ قالسام نوتوغرا يوللاربىلەن بۇدۇنيادىن كىتىپ قېلىشىم مۇمكىن ،سىز بولسىڭىزمۇ مىنى قاتىل قىلىپ قويماڭ ،چۈنكى مىنىڭ كۆتۈرىۋالغىدەك ،بۇرۇنقىدەك ھالىم قالمدى .سەنلىگەن گەپ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە يېقىن ئۆتكەن گەپ بۇلارمىش،مەن سىزنى سەن دىگەندىن باشلاپ خۇددى بىر تىللاۋاتقاندەكلا ھېس  قىلىۋاتىمەن ،سىز ئەكىسچە ماڭا يېقىن بولغاندەك بولغىنىڭىز بىلەن .ئادەمنىڭ پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ مەن سىزگە ئىچ-ئىچىمدىن بىزار ئەمەس ،لىكىن سىزدەك ياغاچ قۇلاقتىن رەنجىپ قالدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ ،شۇڭىلاشقا سىزگە ئامراقلىقىم تەبىلا يوقاپكەتكەن بۇلىشى مۇمكىن .لىكىن سىز ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز مەن سىزگە يېنىلامكىن ياردەم قىلىمەن .ئەمدى ماڭا مۇھەببەتنىڭ بېسىمنى قىلماڭ ،يوقاپ كىتىپ قالسام ئىزدەپ يۈرمەڭ ياكى ئۈلۈپ كەتكەن بۇلىمەن ياكى ئالدىراشلا بولغان بۇلىمەن .تۇنۇش ياكى ناتۇنۇشلارغا ئەسكى بولساممۇ ،ئاتا-ئانامغا ياخشى ،ۋاپادار بۇلىۋالاي ،مىنى ۋاقتىمنى ئاۋارە قىىلىۋەرمەڭ ،مىنىڭ بىرراۋنى ياخشى كۆرەلىگىدەك ھەتتاكى تاۋۇزنىڭ ئۇرىقىچىلكمۇ ئىمكانىيىتىم قالمدى .خەتنى خاتا يېزىپ سالغان بولسام تۈزىتىپ ئوقارسىز ،ئەمدى ئەدەبىيات تەرەپتىنمۇ سەل دۆت ھەممەيلەن بىلىدۇ .مەن تىرىشمىسام كىتاپ ئوقىمسام زاماننىڭ كەينىدە قېلىپ داشقال ،چاڭ-تۇزان بولساممۇ ،شۇلارنىڭ ئىچىدىكى سۆيۈملۈكلىرى بولغىم بار ،سز ئەمدى مەن ئۆلۈپ كىتىپ ئۆلۈكىم كوچىدا قالسىمۇ پەرۋاسىز يۈرىۋېرىڭ ،ھەرگىزمۇ ماڭا قېيداپ كوت-كوتىڭىزغا پەرۋاسىز ،يەنەنىمەسىز دىگەندەك ئىسىملارنى ماڭا ئەتەي قۇيۇپ بەرمەڭ .مىنڭ ئاشۇنداق ئىت مىجەزىم بار ،پەرۋاسىزلارچە ،بىپەرۋالارچە يۈرىۋالدىغان ،ئازاپلىنىپ يۈرسەم ئۆزۈمنى –ئۆزۈم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيمەن .سىزمىنىڭدەك ئىت مىجەز دوستىڭىزنىڭ خېتىنى ئوقۇۋاتقاندا ئۆزىنىڭزنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ يۈرىكىڭىزنى مۇجۇپ بېقىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ بېقىڭ ،ھەمدە تاينى يوق ئىشلارنى ئاز قىلىڭ ،راسىت جاۋاپ قايتۇرماي دەدىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتىۋېتىڭ ،ياكى مەندەكلا قۇسۇۋېتىڭ .
مەن سىزگە بۇرۇنلام ئۆزۈمنى ياخشى دەپ ماختاپ بەرمىگەن. چۈنكى ئەسكىلىكىمنى بەزىلەر بىلىدۇ بەزىلەر بىلمەيدۇ .مەن ئەسكى بولغىنىم ئۈچۈن تاكى ئاداققا قەدەر ئەسكى بۇلۇپ ياشايمەن ،ماڭا ئالاھىدە گەپ سۆزلىرىڭىز بولسا كوت-كوتقا قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ئاچمايغۇ دىگەن ،تاپشۇرۇقنى تورغا چىقىپ ئىشلەشكە توغرا كىلىۋاتىدۇ ،شۇڭا يەنىلا ئاچاي ، تورسىز ،تىلفۇنسىز ئىپتىدائى ياشاپ كەتمەي.سىز ئەمدى مىنىڭ ئەسكىلىكىمنى بىلىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟
راسىت مۇشۇنى يوللاۋېتىپ بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى ،مەن سىزنىڭ مىنى ئۇنتۇپ كىتىشىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن ياردەم قىلماقچى بۇلىۋاتىمەن ،مەن ئەينى ۋاقىتتا مەجبۇرلاپ ياخشى كۆرۈۋالغان مۇھابىتىمنى ھەرگىز تەبئى ياخشى كۆرگەن ئەمەس ،ھەتتا ئۇ قىززىقچىلىق قىىلىپ بەرگەن ۋاقىتلىرىدا مەن چۈشەنمەي ،نىمە قىلىۋاتىسز دىگەندەك سۇئاللارنى سورىغاندا ئۇ بەك ئازاپلىنىپ كەتكەن ئىدى،بىر قانچە ئايدىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا يۈزتۈرانە تۇرۇپ ئۆزۈنى ھەقىقەتەن تىز سۆرەتتە ياخشى كۆرۈپ قالدىغىنىمنى ئېنىق دىگەندىن باشلاپ ،مەندە ئۇنىڭغا نىسپەتەن بىرخىل ھىسىيات پەيدا بولغان ،شۇنداق دەپ يۈرۈپ ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،لىكىن ھەر ئىككىلىمىز قىززىققان بولغاچقا ئاسانلا دىيىشىپ قالاتتۇق ھەتتا بىرە ئىككى قېتىم ئايرىلىپ كىتىپ يارىشىپ قالمىساق ئۆزۈمىزنى بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈۋاتقاندەك ھىس قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدۇق ،كىيىن ئۇ مىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ ياكى نازۇكلۇشۇپ كەتتۇقمۇ ،ئۇ مەندىن ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى ،مەن ئويلىنىپ قالدىم ھاياتىمدا ۋەدەمدە تۇرۇشنى بەك ياخشى كۆرۈىمەن ،چۈنكى ئاپام ۋەدىسىدە تۇرۇش ،راسىت گەپ قىلش توغرىسىدا بەك تەربىيە قىلاتتى ،لىكىن يەنىلا ۋەدە بەردىم ،چۈنكى ئۇ مەندىن قاخشاپ تۇرسىمۇ ،ھەم مەن قاخشىتىپ تۇرساممۇ ئۇ ماڭا بىرخىل ئامراقتى .
كىيىنچە نىمە ئىشلار بۇلۇپ كەتتى ،يەنە ئۆزۈم ئايرىلىپ كىتەيلى دەپ ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كىتىشنى تاللاپ بەردىم ،ئەمىلىيەتتە مەن تاللىماي ،كۆڭلىگە ئازار بەرمەي ،كەىسپلىرىدە ياخشى نەتىجە يارىتىۋالسۇن دىسەم ،ئۇماڭا قارار قىلىپ بولغىنىنى مىنىڭ تاللاپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى ،مىنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىككە ۋەدە بېرەلىگەن ئادەم ،تۇنجى قېتىم گىپىمدىن يېنىۋالغان بولدۇم ،ئايرىلىپ كىتەيلى دىگەن گەپنى مەن ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە تاللاپ بەردىم ،بىز سىكونتىغا ئايرىلىپ كىتىدىغان مىجەزىم بولغاچقا ،يەنە بۇرۇنقىدەك بۇلۇپ قالامدۇق دەپ خاتائويلاپتىمەن،ھېلىقى تۆتمىڭنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا تۇغۇلغان كۈنگە ئازقالغاندا ئىزدىدىم ،مۇنداقچە قىلسام ئۇچۇر يوللۇدۇم ،ئەمما ئۇ مىنى تېتىقسىزلاچە ھاقارەتلەپ كەتتى ،مەنمۇ ئىچىمدە خەپ دەپ قۇيۇپ ،تىللىغان خەتلىرىگە تىللاپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردۇم ،مەن ھاياتىمدا ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن تىللاپ باقماپتىكەنمەن ،لىكىن ئۇ كۈنى چىن كۆڭلۈمدىن تىللىۋالدىم،ھەمدە ئۇنى ئىزدەپ قالسام ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالدىغىنىمنى ئېيىتتىم ،ئۇ ئاۋالقىدەكلا ۋەدە بېرىشىمنىى تەلەپ قىلدى ،ھەم بىر تەرەپتىن تىلفۇن قىلدى ،تىلفۇننىغۇ ئالاي دىگەن ئەمما سۆزللىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى ۋەدەمدە تۇرۇش ئۈچۈن ئۆلتۈرىۋالغىدەكلاتۇرىمەن ،كىيىن ئۇ تىللاشتىن توختاپ ئاۋازىڭنى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم ئاڭلىۋالاي دىگەن ئۇچۇرنى يازدى ،كۆپ قېتىم تىلفۇن ئۇرۇپ كەتتى ،لىكىن مەن بۇچاغدا ئۇنى ئىزدىمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمگە ۋەدەبېرىپ ،ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىكنى قايتىپ كىلىشنى ئۈمۈد قىلماسلىقنى جاكارلىۋەتكەن ئىدىم ،تىلفۇننى ئالسام يەنە شۇ يىغلايدىغان گەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئوخشاشلا يېرىم قىلىدىغان گەپ ،ئەڭ ياخشى ئامال ئالماسلىق ئىدى .ئۇ ھېلىقى ئىزدىمەسلىك ۋەدىسىنى مەندىن ئۆزى ئالغاندىن كىيىن ،مەن بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىشىم كېرەك ،كىيىن مەن ئۇ لاھىيەلەپ بەرگەن رەسىمنى تامغا چاپلاپ كۈندە بىر ئىككى سائەت ،چەكچىيىپ قارىدىم ،بارغانچە ئۇنىڭ رەسىمنى قولدا سىزىپ ،شەخسىيەتچى،مۇستەبىت ،ئېكىسپالاتتىيە قىلغۇچى ،جاھانگىر ،پوچى ،بىلمدار ،ئادەم تىللاشقا ئۇستا ،دىگەندەك گەپ سۆزلەر بىلەن تىللىغاندىن كىيىن ئۇنى تەبئىلا ياخشى كۆرۈپ باقمىغاندەك ھىس قىلدىم ،مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن دەسلەپكى ۋەدەمنى بۇزۇپ ئۆزۈمنى-ئۆزۈم يېڭىپ كىتەلىدىم .
سىزمۇ مىنى ئۇنتىۋېلىڭ مەن سىزگە ياردەم قىلاي ،رەسىمىمنى ئەۋەتىپ بەرسەم تېخىمۇ ئۇنتىيالماي ئەسلەپ قالغىدەكسىز ،گەرچە مەن سىز بىلەن بىرە كۈن يۈرمىگەن بولساممۇ ،شۇڭا مىنى تىللىۋېلىشىڭىزغا چەكسىز رۇخسەت قىلىمەن ھەم قوللايمەن ،ئەگەر سىز بۇرۇنقىدەك جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جۈرئەتلىك بولسىڭىزلا قىلالايسىز ،بۇرۇن سىز ماڭا ۋەدە بەرگەنغۇ ،سىز بىلەن يۈرسەم ھاراق-تاماكىنى تاشلايمەن دىگەنتىڭىز ،ئەمدى سىز مىنى ئىزدىمەس بۇلۇپ قالسىڭىز ،بىر تەرەپتىن مەن ھارۋۇ سۆرىمەيمەن،سىزمۇ بىر تەرەپتىىن تىرىشىپ كىيىنلىكىڭىز ئۈچۈن غەلبە قىلالىشىڭىز مۇمكىن ،ئەجىبا سىز ھاراقنى تاماكىنى تاشلىيالىغان يەردە ،مەندەك بىر ئەرزىمەس ئادەمنى جاھىل قان تىپىدىكى ئەرزىمەس ئادەمنى ياخشى كۆرمەس بۇلالمامسىز ؟
راسىت قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ،مەن بۇيىل ئۆيگە قايتالمىدىم شۇڭا يالغۇز ئۆتكۈزمەكچى ئەمەس،ھېلىقى ئىنىم شىخەنزىدىن كەلسە بىللە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق ،بەلكىم ئۇ كەلمىسە كۈنۈم تورخانىدا ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ،كوت-كوتتا قاتتىق تازلاش،تورىدىن چۈشۈرىدىغان نەرسىلەرمۇ بەك كۆپ،نەچچە زاماندىن بىرى ئىپتىدائى ياشىغاچقا قانغۇچە كۆرۈۋالاي دەيمەنغۇ،شۇڭا توردا مەشخۇلات ئېلىپ بېرىشىم مۇمكىن مۇمكى ،ئەگەر توردا بۇلۇپ قالسىڭز پەرۋاسىزمۇ ،نىمەىسز دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرىتمەي تۇرۇڭ ،مەن توردىكى سالام سائەتلەرگە ئۆچ سالام قىلماي گەپ بولسا ئۇدۇللا دەۋىرىڭ ،ئەگەر ياخشى كۆرمەسلىككە ئۇرۇنسىڭىز مەن سىناپ باقاي دەڭ ،مەن ھازىر نۇرمال تۇرىۋاتىمەن ،تولا گەپ قىلسىڭز بىزار بۇلۇپ قالىمەن،سىز گە بىرە ئىش بولسا ئۇدۇللادەڭ ،ئەگەر سىز ئىنتىلىدىغان ئىش بولسا مەن سىزگە تۇنۇشلارچە ياردەم قۇلۇمنى سۇنىمەن ،لىكىن سىز ماڭا قارا سانىماڭ بولمىسا يېنىپ قالىدۇ .

مەنبە ـ دىلسىرى


2011-يىلى 11-ئاينىڭ3-كۈنى .ئۈرۈمچى .







ـ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 300 ئايەم مۇبارەك!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300   باھا خاتىرىسى

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 10:57:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاران ئۇقۇپ تۆگەتتىم ،ھەجەپمۇ تەسىرلىك يېزىپسىز ،دوستىڭىز سىزنىڭ مەقسىدىڭىزنى چۇقۇم چۇشۇنىدۇ ،سىزمۇ بەك غەيرەتلىككەنسىز .
  بىر قىز ئۇچۇن مۇشۇنچىلا ئىشلارنى باشتىن كەچۇرمەك ،بۇلۇپمۇ بىر ئۇقۇغۇچى ئۇچۇن ئاسان ئەمەس.
    سىزگە بەخىت -سائادەت مەڭگۇ يار بولغاي ،تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62428
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 723
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 04:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، تولىمۇ غەيرەتلىككەنسىز...خېلى كۇپ ساندىكى ئەركەكلەرمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان شارائىتلارنى يىڭىپ چىقىپسىز يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5667
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 3228 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 08:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن يۇرتداش !  ئۆتكەن يېلىغۇ دەيمەن توردا بىر ھىكايە يازغانتىڭىز ( كوچا ئاپتوبۇسىدا بىلەت ساتقۇچىڭنىڭ بىر ياشانغان ئايالنى ئىتىرىپ چۈشۈرۋەتكەنلىكىنى ،ئاندىن سىزنىڭ بىلەت ساتقۇچى بىلەن تاكالىشىپ قىلىپ ئۇنى بىر شاپلاق سالغانلىقىڭىز). شۇندىن بىرى توردا ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ باقماپتىمەن .

تىرىشىپ ئۆگۈنىۋاتقىنىڭىز ياخشى بوپتۇ . بىراق قان تۈكۈرگەن بولسىڭىز سەل خەتەرلىك.تەن سالامەتلىك ياخشى بولمىسا ئۆگەنگەن بىلىمنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دە. ھەر قانداق ئىش بۇلىشىدىن ئۇزۇقلىنىشقا دئېھقەت قىلىش كىرەك.

ئامال بار تۇرۇپ -تۇرۇپ خىيال قىلدىغان ئىشتىن ساقلىنىڭ،بۇ ۋاقىتتا ئىرادىڭىز بوشاپ كىتىدۇ ،قىلۋاتقان ئىشىىڭىزنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۈكۈم قىلالمايسىز.ئاشۇنداق ئويلار بىلەن نۇرغۇن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىسىز. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ نىمىشقا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ،ئوقۇپ نىمىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى دائىم ئۆزىڭىزگە دەپ تۇرۇڭ. يەنە بىر ئىش ئۇتتۇيمەن دەيدىكەنسىز چۇقۇم ئاشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك باھارلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇڭ،شۇڭلاشقا QQ، تېلفۇن نۇمۇرى دىگەنلەرنى ئۆچۇرۋېتىڭ ،ياكى مەخپى نۇمۇرنى 10-20 خانىلق  قىلىپ ئۆزگەرتىڭ ،بىراق ئىسىڭىزدە تۇتماڭ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلار تۇگىگەن بولدۇ.كيىن قايتا ئالاقىلەشمەكچى بولسىڭىزمۇ ،مۇمكىن بولمايدۇ. 2قىتم ئالاقىلىشنى ئويلىغان ۋاقىت 1 قىېتىمدىن ئۇزۇن بولدۇ .3 قېتىم تېخىمۇ ئۇزۇن بولدۇ ھەم ئاساسەن ئويلىماس بولسىز. ئىسىڭزدە تۇتۇڭ 1 لا ۋاقىتا 1 ئىشنى تۇتۇڭ ،چۇقۇم ياخشى قىلىڭ. 2 ئىشنى يېرىم تۇتسىڭىز ھىچ قايسىدىن نەتىجە چىقمايدۇ.

ئوقۇۋاتقان كەسپىڭىزنى ئۇقمايمەن ،بىراق كورۇستا ئوقىۋاتقان بولسىڭىز  ياخشى ،تىزلا خىزمەت تاپقىلى بولدىغاننى تاللاڭ. سىزدىكى بۇ ھالاتتە ئۇزۇن مەزگىل ئۆگىندىغان كەسىپ ماس كەلمەيدۇ.

دەرىسىڭىلار ئاز بولسا پات-پات كىتاپخانىغا بېرىپ تۇرۇڭ.  مۇنبەردە تېما كۆرگەندە مۇھابەت تېمىلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ،بولسا تورخانىغا كىرمەي ئاشۇ پۇلغا چۇشلۇك ،كەچلىك تاماقلارنى ياخشاراڭ يەڭ.

جېقلا سۆزلىۋەتىم .  ئاخردا ،ئۆگنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4807
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50999
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 09:15:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تېچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟بەك ئۇزۇن بوپتىكەن سىزنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى....
خەتلەنىڭ ئاخىرى كۆرۈنمەي قېلىپ تازا راۋان ئوقۇيالمىدىم تېمڭىزنى،شۇنداقتىمۇ كەچۈرمىشلەرنىڭ ياخشى بايان قىلنغانلىقىنى ھېس قىلدىم...
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64357
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2011-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 12:56:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(دىلسىرى) نىڭ تېمىسىغا

مەن سىز دەپ كۆنەلمىگۈدەكمەن، ياسالمىلىق قىلىپ نىمىمۇ قىلاي، بۇنىڭدىن كېيىن بەرىبىر ئالاقىلاشمايمىزغۇ؟ يازمىلىرىڭدىن ماڭا شۇنچىلىك نەپرەتلەتلەنگەنلىكىڭ چىقىپ تۇرىدۇ،  مەن سېنىڭدىن مۇھاببەت كۈتمەيمەن، چۈنكى سەن دىگەندەك ئىككى ئارلىق ھەقىقەتەن خېلى بار. مەن تېخى يازدا سىنى كۆرگەندە نىمانچە ئۇرۇقلاپ كەتكەندۇ دەپتىمەن. ئاشۇ چاغدا ساڭا ياردەم قىلماقچى ئىدىم، ئەپسۇس سەن بىلەن ئالاقىلىشىشقا ماڭىمۇ ئامال بولمىدى. ئېسىمدە قىلىشىچە سەن شۇ چاغدا نۇمۇرۇڭنى ئالماشتۇرىۋەتتىڭغۇ دەيمەن. خېلى ئىشلارنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدۇم. ئەمما مەن 1- ئايدا QQ رىمنى ئاچما دىگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە سىنىڭ QQ رىڭنى ئېچىپ باقمىدىم، ماڭا بىكاردىن قارا چاپلاۋاتىسەن. ئاشۇ QQرىڭنىڭ مەخپى نۇمۇرى ئۆزگىرىپلا كەتكەن بولسا بەك ياخشى بولاركەن، مىنىڭچە QQرىڭنىڭ نۇمۇرىنى مەندىن باشقا بىلىدىغانلارمۇ بار.لىكىن مەن QQرىڭنىڭ مەخپى نۇمۇرىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يەنە بىرى «يېرىم چىلەك سۇ بىر چىلەك سۇدىن بەك شالاقىشىيدۇ»دىگەن ماۋۇ گىپىڭ ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى، ساڭا شۇنى دەپ قوياي دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگىنىم راست ئەمما سەن ئېھتىياتسىزلىقتىنمۇ يا ئالدىراشچىلىقتىنمۇ ئىشقىلىپ خەنزۇچە ئۇچۇر يازساڭلا دائىم شۇنداق خاتا يېزىپ قوياتتىڭ، پىنيىنچى يازغان ئۇچۇرلىرىڭنىڭدىمۇ دائىم ئىملا خاتالىقى چىقىپ تۇراتتى. مەنمۇ بىلمىگەن نەرسەمگە ئاتىكاچىلىق قىلمايمەن، ھەم شۇنداق قىلغانغىمۇ بەك ئۆچ. بولدىلا ئۆتكەن ئىشلارنى تەگەشمەيلى. مەن ھاراقتىن قول ئۈزدۈم، مۇمكىن بولسا تاماكىنىمۇ پات ئارىدا تاشلايمەن، ئەمما تاماكا تاشلاش خېلى تەسكە چۈشكىدەك، مەن ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن بىر ئىككى ئاغىينىلىرىم ماڭا ئەگىشىپ ھاراق تاشلىلدى، بىرى تېخى تاماكىدىنمۇ قول ئۈزىۋەتتى.  يەنە بىر نامىمنى ئىشىلتىشنى خالىمىدىم. ماۋۇ ئىسىمنى پەقەت ساڭا مۇشۇلارنى دىيىش ئۈچۈنلا تىزىملاتتىم. توغرا چۈشىنەرسەن.  نەلەردە قالدى سىنىڭ دوست بولۇپلا ئۆتەيلى دىگەنلىرىڭ؟ ئەمدى ئويلىسام سەن ماڭا مەڭگۈلۈك خوش دەۋېتىپسەن. ماڭا شۇنچە ياردەملارنى قىلغىنىڭغا رەھمەت. سىنىڭمۇ ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن. بەخىت، ئامەت ساڭا يار بولسۇن. ئارتۇق سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوق. بوپتۇ خەيىر. ئامان بول.

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19612
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7375 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:51:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئو.........ما تىمىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن....نىمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ....دىىسىرى، بىز بەك كۆپ كۆرىشىمىز، بەزىدە ئىشخانىدا بەزىدە بىزنىڭ ئۆيدە دىگەندەك...ئەمما ما ئىشنى مەن پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەنيا؟؟؟ قويۇڭلا سىلەنى....يىقىن دوستۇڭلا ئەمەسكەنمەن جۇمۇ....ئىچىڭلار نىمانچە چىڭ سىلەنىڭ؟ قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دىيىشىلى

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش