ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 33قەۋەت tarim315 كە 2011-11-07 03:14 PMئەۋەتىلدى :
بۇ ساراڭلار تىلىدا يېزىلغان ھېكايىنى يازغان كىشى راستىنلا ساراڭ بىر نىمىكەن .
ساق ئادەم بۇنداق چۇۋالچاق ، تېتىقسىز ،مەنىسىز بايانلارنى يازاي دەپمۇ يازالمايدۇ . قايسى بىر شائىر نىڭ، گەپلا بولسا گەپ ئەمەس ، مەزمۇن پۇراقى بولمىسا دىگىنىدەك ، قالايمىقان ، تېتىقسىز ، لاۋزا بىر نەرسىلا بولسا كۈلكىلىك بولىۋەرمەيدۇ . بۇ كىشىنىڭ يازغان نەرسىسى راستىنلا ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت ، بۇگۈن مۇشۇ لاۋزا يازمىغا كۈلسەك ، ئەتە دوراپ يەنە بىر بىكارچى بۇنڭدىن تېخىمۇ لاۋزا بىر نىمىنى يازسا ، شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداق تۇز قۇيمغان ئاشتەك ئادمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىغان نەرسىلەرنى يېزىش ئۇمۇلىشىپ قالسا ، راستىنلا ئۇيغۇر تىلىغا يۇندا چاچقاندەك بىر ئىش بولىدۇ . گەپلا بولسا كۈلىۋېرىش نورمال ئادەمنىڭ ئىشى بولماسلىقى كېرەك .
مۇشۇنداق بىمەنە نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتۇرغىچەبىر ئىككى تال خەنزۇچە خەەت ياكى بىر قانچە تال ئىنگىلىز تىلى ۋە ياكى بىر قىسىم ئاددى كومپىيوتېر مەشغۇلاتلىرىنى ئۆگىنىپ قويساق ، ۋە ياكى باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلساق ياخشى بولمامدۇ .
بارىكاللاھ~! ناھايتى بەلەن گەپ. ئاغزىڭىزغا يوغان «ئىشەكنىڭ تېزىگى» دەك ناۋات. قارىسام بىر ئوبدانلا بالىكەنسىز، نىمىشقىمۇ بۇنداق ياخشى ئىنكاسنى چۈنجىگە ئاسقانسىز، مەن سىزگە دىسەم خورىزىڭىز يامان بولسا ساپان سۆرىيەلەمدۇ، ئەلبەتتە ئۈزۈم كاۋىپى مۇنبەردە پىشىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز يىدۇڭدا ئىشلەيدىغان كىرپىدىن سوراپ بېقىڭ.