مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3115|ئىنكاس: 25

ئىللىقلىق يەتكۈزۈشمۇ ياكى خجىل قىلىشمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدۋار

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10038
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5289
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2011-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 08:00:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇمىدۋرا (يەكەندىن)

بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچىرسا ھەممە تەرەپ ياردەم قولىنى سوزۇش بىز جۇڭخۇا مىللەتلەرىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى.
بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك،ھەربىر ئادەمنىڭ ياشاش شارائىتى ئوخشاش بولمايدۇ.ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇش قىينچىلىق بولىدۇ.
ھەرخىل تەبى ئاپەتلەر،ئىغىر كىسەللىك،ياشاش ئادىتىدىكى پەرىق،ياشاش شارائىتى  قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىغىرتەسىر كۆرسۈتۈپ،ئوخشاش بولمىغان دەرجىدىكى قىيىنچلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە مەيلى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بولسۇن ياكى گىزىت ژۇرناللاردا بولسۇن دائىم دېگۈدەك نۇرغۇن ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ياكى كۆرۈپ تۇرىمىز.بەزى ساخاۋەتچى سودىگرلەر،ئاقكۆڭۈل ھەم ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلىرىمزنىڭ ساخاۋەتلىك ئىش ئىزلىرىدىن ھەممىز قاتتىق تەسىرلىنىمىز ھەمدە ئۇلارغا قايىل بولىمىز.ئۇلار ھەرگىز خەيرى- ساخاۋەتنى ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئەمەس بەلىكى ئۇلاردىكى قىزىل يۈرەك،ئىنسانى ئىسىل پەزىلەت شۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا تۈرۈتكە بولغان.
كىشىلەرنى يىڭى ئۇچۇر،يىڭى خەۋەرلەردىن خەۋەرداش قىلىش ئاخپاراتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى،شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر تىلغا ئىلىنغانغا ئوخشاش ئاشۇنداق ساخاۋەتچىلەرنى تەشۋىق قىلىش ھەمدە ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىدىن جاھان ئەھلىنى خەۋەردار قىلىش ،شۇئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ يىتىشىپ چىقىشغا تۈرۈتكە بولۇپ،ياردەم قىلىش خىيالىدا يۈرگەن ئەمما كىمگە ياردەم قىلىشنى بىلەلمىگەن ياخشى نىيەتلىك  كىشىلەرگە  ئاخبارات يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ،جەمىيەتنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ ئىللىقلىقنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇش مەخسەت قىلىنسا ئەلۋەتتە بۇ بىرخىل ئىلىمى بولغان ئۇسۇل.
مىنىڭ يىزىقچىلىق جەھەتتە قابىليىتىم بولمىسىمۇ بىرقىسىم ئىشلار  ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئىلىپ يىزىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يالغۇز ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش بىلەنلا كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزۋىتىشنى قەتئى خالىمايمەن شۇڭا ئاددى تىلىم بىلەن تورداشلار بىلەن پىكىر ئورتاقلىشىپ بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلاي دەيمەن.
نەخ گەپكە كەلسەم،بىز كۈندە چوڭ ئىشلاردىن باشلاپ كىچىك ئىشلارغىچە بولغان تۈرلۈك ساخاۋەتلىك ئىشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز.
ئىلاننىڭ بىرقىتىملىقنى (ۋاقىت بويىچە ھىساپلاپ)قانچە پۇل ئىكەنلىگى بىزدەك ئىلان بىرىپ يۇرمەيدىغانلارغا نامەلۇم ئەمما بىر قاپ ئۇن،بىر تۇڭ سۇييىغى  دىگەنلەرنىڭ باھاسىنىڭ قانچە پۇللىقنى كىچىك بالىلارغىچە ناھايتى ئىنىق بىلىدۇ،چۇنكى بىز دائىم بۇلارنى سىتىۋىلىپ تۇرىمىز.
تېلېۋۇزۇر دىكى خەۋەرلەردە «پالانى باشلىق پالانى يىزىدىكى  مانچە نەپەر تۇرمۇش قىينچىلىقى بار ،ئاجىز مىيىپ كىشىلەرگە بىر قاپ ئۇن،گۈرۈچ ياردەم قىلدى ھەمدە ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى»دېگەك خەۋەرلەرنى دائىم دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز.بەلىكىم سىزمۇ سىزمۇ شۇ چاغدا تېلېۋۇزۇر ئىكرانى ئالدىدا بولسىڭىز،ئاددى كۆزىڭىز بىلەن ئەمەس ئىنسانى كۆزىڭىز بىلەن  تەپسىلى كۈزەتسىڭىز  نۇمۇستىن،خىجىلچىلىقتىن  يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئادەم بولۇپ قالغىنىغا خۇرسىنغان ھالىتى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
ياردەم خالسى بولىدۇ.كونىلاردا «مىننىتى بار ئاشتىن مىننىتى يوق پوق ياخشى» دىگەن ماقال تەمسىل بار. ئاشۇنداق شۆھرەتپەرەس ، نام مەنپەتكە خۇشتا بىزى چاكىنا كىشىلەر نۇمۇس قىلمامدىغاندۇ؟ ئاشۇ ئاجىز  بىچارىلەر،ساددا ئاقكۆڭۈل دېھقانلار  بەزى چۈپرەندى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى تەشۋىق قىلدىغان ۋاستىسى  بوپ قالدىمۇ؟
بىرئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈك قەدىر قىممىتى بولىدۇ.بىرقىسىم چۈپرەندى،ئىناۋەت تىكلەشنى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلۋالغان كىشىلەر ئىكراندا چىقىشقا نۇمۇس قىلمىغان بىلەن،ئۇلارنىڭ ياردىمنى قوبۇل قىلىپ تېلېۋۇزۇر ئىكىرانىدا ئۆزىنى كۆرگەن بىچارىلەر نۇمۇستىن ئاچچىق يۇتىۋالىدۇ،يۇرۇتتا ئۆزىنى قويغىلى جاي تاپالماي قالىدۇ.
قوشنىلار ئارا ئارازىلىشىپ قالغاندا «بەش كاپالەت»دېگەن ئىغىر ھاقارەتلىك تىل-ئاھانەتكە قالدۇ.
مەن شۇتاپتا ،ئاشۇنداق نۇمۇسسىز،چۈپرەندىلەرنى  باشقا سۈپەتلەر بىلەن تېللاشقا ئامالسىزمەن.
ياردەمنى تېلېۋزىيە مۇخبىرلرىنى ئالدىن تەكلىپ قىلىپ ئاندىن قىلمىسا قىلغىلى بولمامدىكەن؟
باشقىلارنىڭ ماقۇللىقنى ئالماي ئۇلارنىڭ سۈرەت ھوقوقىغا دەخلى تۈرۈز قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلىمش ئىكەنلىكىنى ئاجىز بىچارىلەر  بىلمىسە،مۇشۇ ئىشنى قىلۋاتقانلار بىلدىغاندۇ؟
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ياكى ئىچكىردىكى نوقتىلىق تېلېزىيە ئىسانسى ھەرقانداق فىلىم ياكى خەۋەر ئىشلىسە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ يۇز قىسمىنى يۈشۈرۋىتىدۇ،بەزى كىشىلەر نقاپلىق ھالدا پىروگىراممىغا قاتنىشىدۇ.ھەتتا مەلۇم ئىنسانى ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنغان جىنايەتچى بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بارغاندىمۇ ئەگەر جىنايەتنى تەلەپ قىلسا يۈز قىسمىنى توسۋىتىدۇ.
ئەجىبا بىرقىسىم ناھىيە دەرجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسى بۇنچىلىق ئەقەللى ساۋەتتنى بىلمەمدىغاندۇ؟
بۈگۈن مەكتۋىمىزدە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش»پائالىيتى ئىلىپ بىرىلغان ئىدى.پائالىيەت باشلانمايلا كامىرا ۋە رەسىم ئاپپاراتىنىڭ توكىنى تولۇقلاپ قويغان قويمىغانلىقنى سورىدى.ئەلۋەتتە تېلېۋىيە ئىستانسى  مۇخبىرلرىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قەدەم تەشىرىپ قىلغان بولسا كاتتا مىھمان قىلىپ تەشۋىقات قىلىپ بەرگىنىگە يۈزمىڭ رەھمەت ئىيتاتتى.
ئوقۇتقۇچىلار يىغىش قىلغان مىڭ يۇەنچە پۇلغا بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى سىتۋالغان بولۇپ،ئاتا-ئانىسى يۇق،تۇرمۇش قىينچىلىقى بار بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىم بىرىش ئۈچۈن «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش»پائالىيتى تەشكىللەندى.بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان سورۇن ھازىرلاندى .ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ياكى ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمىتى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئىچىلغاندەكلا  يىغىن مەخسىتى،كۈن تەرتىپلىرى ئىلان قىلندى.
ئىسمى ئاتالغان قىزلار سەھنىگە تەكلىپ قىلندى،ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قولىغا بەش يۇەن پۇل ۋە پوپايكا دىگەندەك نەرسىلەر  تۇتقۇزۇلدى.ئۇلارنىڭ بىشى تۆۋەن چۈشكەن،ئۇلارنى رەسىمگە تارتىتىم لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمىسى بىشىنى تۆۋەن قىلۋالغان بولغاچچقا چىرايىىنى پەرىق قىلغىلى بولمايىتتى. بىر پارچە رەسىمنى تارتىماي قويغانلىقىم ئۈچۈن  دەشنەممۇ يىدىم تىخى.
ئۇلار بىزنىڭ ئوقوغۇچىلىرىمىز،بىز ئۇلارنى سۆيىمىز،ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىمىز،ئۇلارغا ياردەم قىلغىنىمزدىن ئۆزىمىزنى خۇشال ھىس قىلىمىز .بىراق ئون نەچچە يۇەنلىك سوغات بىرىپ ئۇلارنى ،ئاشۇ سەبى دىللارنى ئازاپلىغىنىمز،خىجىل قىلغىنىمىزئۈچۈن  قاتتىق نۇمۇس قىلىمىز.
بىز ياخشلىقنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلىمىزمۇ؟تۇرمۇش قىينچىلىقى بار ساۋاقداشلارنى مەكتەپ بويىچە بىر سورۇنغا يىغىپ كۆڭلىمىزنى بىلدۇمىسەك ئايرىم سورۇندا ،ئىشخانىدا بىلدۇرگىلى بولمامدىكەن؟
مەن يەنە مۇشۇ خجىلچان سەبىلەرنى ،بۇلارغا مەكتەپنىڭ قىلغان كاتتا ياردىمنى توربەت يۈزىگە چىقىرىشىم،مائارىپ ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىسىغا ئۇچۇر يوللىشىم كىرەك.
مەن شۇ تاپتا ناھايتى نۇمۇس قىلۋاتىمەن،ئاشۇ سەبىلەرنى ،ئۇلارنىڭ خىجىل بولۇپ ئۆلۇپ قالاي دېگەن ھالىتىنى تەشۋىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن ...
ياق!!! بۇلار ئۇچۇنلا ئەمەس ئاشۇ شۆھرەتپەرەس، يۈزى قىلىن «مىھرىبان ئانا»نى تەشۋىق قىلدىغانلىقىم ئۈچۈن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن...
مائارىپچى دېگەن كۆپنى بىلىدۇ،ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى .مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى مەنمەنچىلىك چىرمىغىلى تۇرسا،بىزدىن يىتىشىپ چىققان ئىزباسارلار نىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
soldierSS + 10 ئاچچىق ھەقىقەت

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31226
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6393 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 01:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالە مەزمۇننى خېلى بېيتىپسىز.
دېمىسمۇ ‹‹ئوڭ قۇلۇڭ بەرگەننى سول قۇلۇڭ بىلمسۇن›› ياخشىتى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

مۇھەببەت ۋە ھېسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15942
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5955
تۆھپە نۇمۇرى: 656
توردا: 1072 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 01:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ پالانى ئورۇننىڭ پۇستانى رەھبىرى مانچە خالتا ئۇن مانچە كىلو ياغ بىلەن پالانى قىيىنچىلىقى بارلاردىن ھال سورىدى دېگەندەك خەۋەرلەر جۇڭگونىڭ خەۋەرلىرىدىلا چىقامدىكەن دەيمەن. كورىيە تۇرىۋاتقىلى 2يىل بولدى. بۇ تەرەپتە بۇنداق خەۋەردىن بىرنىمۇ كۆرۈپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.....ھەتتا جىنايەتچىلەر تۇتۇلغان خەۋەردىمۇ شۇ جىنايەتچىنىڭ چىرايى قولىغا سېلىنغان كىشەن موسېكلاشتۇرۇلۇپ(غۇۋالاشتۇرۇلۇپ) كۆرسىتىلىدۇ.

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 02:28:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا ئاشۇ مەنپەئەت ،پۇل پۇل پۇل ،نەپسى بالا ،نەپسى دىگەن بالا دۇر ،خەركويلا غا سالادۇر..........

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18453
تۆھپە نۇمۇرى: 927
توردا: 2126 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 02:40:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق رەسىمنى مەجبۇرىي تارتىسىز ھەم ئىدارە - ئىشخانىلارغا «مۇنداق يوغان» ئىش قىلدۇق دەپ سازايى قىلىسىز تېخى ! بۇ شۇ باشلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئىشنى قىلدىڭ لېكىن ئۇنىڭ خاتىرىسى ھەم ئىسپاتى قېنى دەپ «شەكىلۋازلىق» قىلىمىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك !

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 02:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئۇرۇنلۇق پىكىر يۇرگۇزۇپسىز قېرىندىشىم ،شۇڭا ھازىر بەزى كىشلەر ياردەمگە مۇھتاج بولسىمۇ ،قۇبۇل قىلمايدۇ .
باشقىلارنىڭ ئالدىدا گەپكە قېلىشتىن قورقىدۇ ،كىيىن مىننەتكە قېلىشتىن قورقىدۇ.
بىز ياخشىلىقنى باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئەمەس ،اللاھنىڭ رازىلىغى ئۇچۇن قىلساق ئاندىن ساۋابىنى كۆرەلەيمىز .
  تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر ،ئەھمىيەتلىك تېما يولىغىنىڭىزغا .
   بولسا مۇشۇنداق ئاچچىقى ساۋاقلارنى ئىسىمىزگە سېلىپ تۇرغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49395
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 578
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1829 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 05:02:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخشام تېخى ناھىيە خەۋىرىدە كۆرۈپ نەچچىنى تىللاپ بەرگەن يولدىشىمغا ،    قاتارىسىغا تىزىپ خەقنى ،ســـــــــــــاقلىتىپ، كامىرا تەييار بولغاندا پۇلنى يەلپۈگۈچتەك يېيىپ بىرىپ ، يانچۇقىغا سالغىلى قويماي ،يېقــــــــىن بېرىپ سۈرەتكە تارتىپ،ئۇزاق ئۇزاق كۆرسىتىپ بىزلەرگە،،ھۆ ھۆ......................بەرگەن ئاقچىسىمۇ تايىنلىق ،ھۆكۈمەتنىڭ تېخىى، مۇئاشىنى ئشلەتمىگەندىكىن بەرسىغۇ بولغان جىق جىق...........

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1940
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25143
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4266 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 05:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دىگەن ئاددىي ئىشلارغۇ .

تىلۋىزىيە ئىستانسا خادىملىرى ئۇلارنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ئېغىزىغا گەپ سېلىپ بىرىپ ، دوراپ دىگۈزگىنىچۇ تېخى ...

ئۆتكەن يىلى مەن تىلىۋىيە ئىستانسىسى خادىملىرى بىلەن بىرگە ناھىيمىزنىڭ ئېلىشقۇ دىگەن بازىرىغا ئۇن تارقاتقىلى چىققان ئىدىم .
شۇ چاغدىمۇ  ئادملەرنى قاتارى تىزىپ ئالدىغا خالتىنى قويۇپ ھەممىسىنى تەپسىلى سۈرەتكە ئالغان ئىدى .
كىيىن بىر قانچە ياشانغانلارنى زىيارەت قىلىپ ، مانى دەيسىز ، ئېزىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ ... دىگەندەك بۇيرۇقلارنى چۈشۈرگەن ئىدى .

كىيىن قايتاشىمىزدا كەنىت كادىرلىرى  ئاشخانىغا تەكلىپ قىلدى . شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ شۇ قېتىملىق تارقىتىش ئىشلىرىدا بەزىبىر يوچۇق بارلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى .
ھەي ، ھۆكۈمەت بەرگەن ئاشۈنچىلىك مۈلۈكنىمۇ ئاجىز ، نامراتلارغا تولۇقى بىلەن يەتكۈزمەي شۇنىمۇ شىلۋالغىنى ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ئىدى .

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1940
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25143
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4266 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 05:17:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(1670154432) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالغانلارنىڭ بالا چاقىسىنى ئىچكىرگە ئېلىپ كەتكىنى بۇنىڭ تىپىك مىسالى !
بۇنىڭ بەدىلىگە نۇرغۇنلىغان قىز - يىگىتلەر نىكاھ ، تۇرمۇش قەدىمىنى بۇرۇن ئېلىشماقتا !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

گۇناھ ئوغول بالى

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5199
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2304 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 06:29:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

گۇناھ ئوغول بالى

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5199
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2304 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 06:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62783
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1192 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 07:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ بىر خالتا ئۇن، ياغ  بىلەن بىر ئائىلە قانچىلىك ئىللىق بوپ كىتەر.  
ياسالمىلىققۇ شۇ !!
بۇنى ھەممەيلەن بىلىمىزغۇ ھە!
بولدى  ، قاخشىمايلى !  بولمىسا شۇمۇ يوق بولمىسۇن يەنە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63569
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1358
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 07:30:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇق لاپ بىلەن ئۆرە تۇرىۋاتقان ئاتالمىش رەھبەرلىرىمىز شۇ قىلغان ئىللىقلىقلىرىدىن پەخىرلىنىپ كېرىلىپ كېتىشلىرىنى كۆرسەملا.......ھەي،بولدىلا،قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمىگەندىكىن ئېغىزىمنى بولسىمۇ يىغىۋالاي.

ئۆلۈمۈڭنى ئويلاپراق ياشا!

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11685
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 07:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ ئىشقا مۇلاھىزە قىلىش كەتمەيدۇ .

بۇنداق ئىش پەسكەشلىك ھىسابلىندۇ.
بۇ ئىش بىزنىڭ ئانا دۆلىتىمزدە  مەركەزدىكى رەھبەرلەر كۆرسەتكەن توغرا يول-يورۇقنى، توۋەندىكى  بىر قىسم ئاز سانلىق رەھبەرلك سەنئىتى يوق ساپاسىز  رەھبەرلەر سىياسەتنى توغرا  ياخشى يۇرگۇزەلمەي خاتا پىرىنسىپ يۇرگۇزۇپ  نامراتلارنىڭ  تۇرمۇشنى ئوڭشىليالماقتا يوق تىخىمۇ نامرات قىلىپ ،ئاخىردا نامرات سىزىقىغا چۇشۇپ قالغان نامراتقا ئامبارنىڭ تىگىدە ئىشىپ -تىشپ قالغان نەرسىلەرنى ياردەم دەپ ..... غەمخور رەھبەر كۆيۇمچان رەھبەر ئاتىلىپ تىلۋۇزۇرغا چىقىپ كۆرەڭلەيدىغان ئادەت، نورمال ھىسابلىندىغان بولۇپ قالدى .
بىر قىسىم نامراتلارمۇ بار بولىسىمۇ تىرىشمايدىغانلار بار . بۇلارغا نىمە دەيمىزىكىن ؟  

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2485
تۆھپە نۇمۇرى: 14
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 07:53:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ لاۋزا قىلىق مۇشۇ......

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش