مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10714|ئىنكاس: 180

دېپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 35108
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 6983 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 04:44:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                 دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى

                                                 بوزقىر

     1985-يىلى  يازدا  قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى ئككى يىللىق خەنزۇ تىلى تەييارلىق مۇساپىمىز غەلىبىلىك تاماملىنىش ئالدىدا تۇراتتى . قالغان ئوقۇشىمىزنى شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىدا داۋاملاشتۇرۇشتەك شېرىن چۈشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقىنىمىزدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بېلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىن بىزنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشقا كەلگەنلەر  ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالغانلىقىتىن بىزنىڭ  شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پىلانىمىزنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى ، قالغان ئوقۇشنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى.
بۇ تۇيۇقسىز خەۋەردىن روھىمىز سۇندى. بەھىس-مۇنازىرىلەرنىڭ ئايىقى بېسىقمىدى. دېمىسىمۇ ئۇلار كۆرسەتكەن باھانە –سەۋەبلەر بىزنى قايىل قىلالمىغانىدى . بىز 1983- يىلىلىق مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان  ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئەڭ يۇقۇرى نومۇر ئالغان 30بالا تاللىنىپ بىر سىنىپقا يىغىلغانىدۇق.شۇ نەتىجىلىرىمىز بېلەن  شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ ئىچكىردىكى ھەر قانداق بىر نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتېتنىڭ دەرۋازىسىدىن  گەپ يوق كىرىپ كېتەلەيىتتۇق. ئۆزۈم ئۈچۈن ئېيىتقاندىمۇ شۇ چاغلاردا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پىلانىمدىكى يوق ئىش ئىدى. مۇبادا شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ قالغان تەقدىردە ئۇ مەكتەپكە بارماي قايتا ئوقۇپ ئىمتاھان بېرىپ بېقىشىم مۇمكىن ئىدى. يەنە كېلىپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكولتېتىدا مەخسۇس ئىككى يىل خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاتلاش ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك ئىدى! دېمىسىمۇ شىمالىي شىنجاڭدا ئوقۇش ئۈچۈن  جەنۇبىي شىنجاڭدا تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇشنىڭ زۆرۈرىتى بارمۇ؟ يەنە كېلىپ خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلار كۆپ شەھەرلەردىكى ئۇنۋېرسىتېتلارغا ئورۇنلاشتۇرماي ئەكسىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ كىشىنى مەسخىرە قىلىدىغان بىمەنىلىكتىن بىشارەت بەرمەي قالمايىتتى. دېمەك، بىزنىڭ ئىشىمىزدا باشتىن –ئاخىر ئىلمىي بولمىغان بىر مۇكەممەلسىز پىلان يېرىم يولدىلا ئىجرا قىلىنىشتىن توختاپ قېلىش ئالدىدا تۇراتتى.

               بىز تەقدىرىمىزدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولىۋاتقان باھانە-سەۋەبلەرگە قايىل بولماي ئوقۇش تاشلاپ ، توپلۇشۇپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بېلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىن بىزنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشقا كەلگەنلەر چۈشكەن چىنباغ مېھمانخانىسىغا بېرىپ نارازىلىق بىلدۈردۇق. شۇ نەتىجىلىرىمىز بېلەن  شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ ئىچكىردىكى ھەر قانداق بىر نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتېتقا قوبۇل قىلىنالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، يەنىلا ئىچكىردىكى بىرەر نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇش تەلىپىمىزنى قاتتىق تەلەپپۇزدا ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرىۋالدۇق.

       ئەمما، بارلىق ئورۇنۇشلىرىمىز قاتتىق-يۇمشاق ۋاستىلەر بېلەن رەت قىلىنىپ ، ئاخىر يەنە قەشقەردە تەييارلىقتا ئوقۇپ ئۈرۈمچىدە ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇشتەك بىمەنە پىلاننىڭ ئىجراچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتتۇق. ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن  ئەلا نەتىجە بېلەن ئۆتۈپ شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرىشىغا ئېرىشكەنلىكىم ۋە ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە    ئاۋال قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكولتېتىدا مەخسۇس ئىككى يىل خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغانلىقىم ئاخىرغا بېرىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ قالغانلىغىمدىن  ئۆزۈمنى ھۆكۈمەت خاراكتىرلىك گوللامچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا ھېس قىلىپ قالغانىدىم. شۇ چاغلاردا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭمۇ ئادەم گوللاشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى تەرەپلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىگەنىدىم.مانا ئەمدىلىكتە بۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچراۋېرىپ ،ھۆككۈمەتنى ئاتا-ئانىغا، بالىنى گىراژدانلارغا ئوخشىتىپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بەزىدە ئەھۋالغا قاراپ بالىنى گوللاپ قويىدىغان تەرەپلىرىگە ئوخشىتىپ ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزلەپ يۈرگەنىدىم. ئەمما ، ئەمدىلىكتە بۇنداق گوللاشلارنىڭ چېكىدىن ئېشىپ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە تەكرارلىنىپ قالسا تەسسەۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كېتدىغان بولۇپ قالدىم.

      بۇ خىل كوللىكتىپ تۈسىنى ئالغان گوللاشلار شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان 4يىللىق ھاياتىمدا چىرايلىق نىقاپلار بېلەن ئۈزلىكسىز داۋام ئەتتى. گەرچە بىزنىڭ باھانىمىزدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكولتېتىدا ئاخباراتچىلىق كافىدراسى تەسىس قىلىنىپ بىزگە«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى»،«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى »دېگەندەك چىرايلىق قالپاقلار كىيدۈرىلىپ ، تەسەللىي دورىلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچكۈزىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما، ئۆتىلىۋاتقان ئەمەلىي دەرىس مەزمۇنلىرىدىن ئانچە قانائەت ھاسىل قىلمايتتىم. بۇ كافېدرا پەقەت زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىنلا ئېچىلىپ قالغاچقا مۇشۇ كەسىپتە نەزەرىيە جەھەتتىن مۇكەممەل تەربىيلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. ھە دېگەندە شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى،« شىنجاڭ گېزىتى» ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن پىشقەدەم ئاخباراتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ دەرىس سۆزلىتەتتى. ئۇ پىشقەدەملەرنىڭ قىلچە نەزىرىيە ئاساسى بولمىغاچقا پەقەت ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ھېكايە قىلىپ بېرىش بېلەنلا سائەت توشقۇزاتتى. بىزگە ئاخبارات تارىخنى سۆزلىگەن ئوقۇتقۇچى ئەنگىلىينىڭ« تايمىس گېزىتى » بېلەن جۇڭگونىڭ «داگوڭ گېزىتى »ۋە « شېنباۋ گېزىتى» نى شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ شۇنچە ھاياجان بېلەن سۆزلىگەن بولسىمۇ ئەمما ، كۈچلۈك ئاخبارات خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مەڭگۈ تاشلاردىكى تېكىسىتلەر، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى قەشقەردە تەسىس قىلغان « ئاڭ گېزىتى » ۋە « يېڭى ھايات گېزىتى » ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە  ئىلىدە تەسىس قىلىنغان گېزىت- ژۇرناللار ۋە ئالتاي نەشىرىياتى،« تەڭرىتاغ » ژۇرناللىرى ھەققىدە ھېچنېمە دەپ بېرەلمىگەنىدى.

        پەقەت شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن مۇختار مەخسۇت مۇئەللىم بېلەن ئاخبارات ئوبزورچىلىقى دەرسىنى بېرىدىغان ھېزىم قاسىم مۇئەللىمنىڭ دەرسىلا كىشىگە ئاز-تولا نەپ بېرەتتى.بولۇپمۇ  ھېزىم قاسىم مۇئەللىم بىزگە ئالاھىدە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. بىر قېتىم قىشتا ئۈرۈمچىدە قەھرىتان قىشتا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەچكە يوللاردىكى قار مۇزغا ئايلىنىپ ئېغىر قاتناش توسالغۇلىرىنى پەيدا قىلغانىدى. ھېزىم قاسىم مۇئەللىم دەرىسكە كىرىپلا بۇ قېتىمقى يامغۇرنىڭ قانداق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق، توغرا شەرھىلەپ بېرەلىگەنلەرنى ئۆزى دەرىس بەرگەن كەسىپتىن يىللىق ئىمتاھاندىن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. سىنىپ ئىچىنى تىمتاسلىق قاپلىدى. بىر قىز ساۋاقدىشىمىز قول كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئىدارىنىڭ پار قازىنى يېرىلىپ كېتىپ ،پار قازىنىدىن چىققان ھور ھاۋاغا كۆتۈرىلىپ يېغىۋاتقان قارنى يامغۇرغا ئايلاندۇرىۋەتكەن ، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋانبى ئاڭلىغان باشقا ساۋاقداشلار پاراققىدە كۈلۈپ تاشلىدى. ھېزىم قاسىم مۇئەللىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىر ھازا تۇرىۋەتكەندىن كېيىن بۇنىڭ «كىسلاتالىق يامغۇر» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ،ئادەتتە بۇنداق ھادىسىنىڭ مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغۇنىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ، بۇ ھادىسە  چەتئەللەردە يۈز بەرگەن بولسا ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق ئاخباراتقا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنداق ھادىسىلەرنى ئاخبارات دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ،بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىر ھازا سۆزلىدى.

         ھېزىم قاسىم مۇئەللىم ئادەتتە ھەر قېتىملىق دەرستە جەمئىيەتتىكى ئەمەلىي تىپىك مەسىلىلەردىن بىرەرنى ئوتتۇرغا تاشلاپ تۇرۇپ، ئۇنى ئاخباراتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ ، ،كۈچلۈك تەنقىت پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيىتتى. ئۇ ئاخباراتچىلىقنىڭ مۇستەقىل پەن خاراكتىرىنى ھەمدە  ئاخباراتچىلاردا كۆپ قىرلىق بىلىم، جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە يېقىندىن نەزەر ئاغدۇرىدىغان ئۆتكۈر كۆز، چاققان ھەركەت بولۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەيىتتى. ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرىدىغان، مەيلى مۇنبەردە ياكى مەتبۇئاتلاردا بولسۇن ساختا ئىلىم نوپۇزلىرىنى توختىماي تەنقىت قىلىپ تۇرىدىغان بۇ مۇستەقىل تەپەككۇر ئىگىسى ئىزچىل تۈردە بىر قولىدا مەمۇرىي ھوقۇقنى بىر قولىدا ساختا ئىلىم نوپۇزلۇق كوزىرىنى كۆتىرىپ يۈرىدىغانلارنىڭ دىتىغا سىغمىغاچقا ئۇلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىققا ئايلىنىپ قالغانىدى.ھېزىم قاسىم مۇئەللىمنىڭ ئاخبارات ئوبزورچىلىق دەرسىدىن ئالغان ئىمتاھانىدىن بىرلەشمە سىنىپتا دەرىس ئاڭلايدىغان 70نەچچە بالىدىن ئاران 7-8ئىمىز ئۆتۈپ قالغانلىرى ئۆتەلمىدى.چۈنكى، بۇ مۇئەللىم ئىمتاھان سۇئاللىرىنى نوقۇل ئۆلۈك يادلايدىغان سوئال-جاۋابلاردىن ئەمەس بەلكى مۇستەقىل تەپەككۇنى سىنايدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەردىن چىقارغانىدى. ھەم ئىمتاھان قەغىزىنىمۇ لىللا مەيداندا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ نومۇر قويغانىدى.شۇنىڭ بېلەن ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ھېزىم قاسىم مۇئەللىمنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ شۇ قېتىملىق ئىمتاھاننى ئەتكەس قىلغۇزۇشتى.

        شۇنداق قىلىپ«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى» تەركىبىدىكى مەن« ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى» بولغانغا تۇشلۇق نە تېلكامېرا ۋە تەھرىرلەش ئاپاراتىنىڭ دۈمبىسىنى بىرەر قېتىم سىيلاپ باقماي، نە رادىئو زىيارىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈنئالغۇنى ياكى سۆرەتكە تارتىش ئاپاراتىنى بىرەر قېتىم تۇتۇپ بېقىش نىسىپ بولماي تۇرۇپلا ئوقۇش پۈتتۈردۈم.

      ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا مۇئەللىمىم مەن بېلەن بىر نەچچە قېتىم« سۆزلەشتى». سۆزىدە مېنىڭ دەرىس نەتىجەمنىڭ ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ، سىنىپ ئۆگۈنۈش ھەيئىتىلىك ۋەزىپىنى ياخشى ئاتقۇرۇپ كەلگەنلىكىمنى، ياپونىيىلىك كوجىما ياسنۇرى مەكتىپىمىزدە تەسىس قىلغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمنى ، پىراكتىكا نەتىجەمنىڭمۇ ئالاھىدە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەنلىكىنى ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيەمنىڭمۇ يۇقۇرى باھالارغا ئېرىشكەنلىكىنى؛ بولۇپمۇ دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپلىق ماتېرىيال كۆرۈپ، جاپالىق ئىزدىنىش ئاساسىدا مەتبۇئاتلاردا بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ، تەرجىمە ئەسەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغانلىقىمغا يۇقۇرى باھالارنى بېرىپ، مېنىڭ مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشۇمغا كۈچەيدىغانلىقىنى ، تەقسىماتتا سىنىپ مۇدىرلىرى بېلەن فاكولتېت مۇدىرلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتتى. يەنە كېلىپ بۇنداق «سۆزلىشىش»ئۇدا ئۈچ قېتىم  ئېلىپ بېرىلىپ ھەر قېتىمدا يۇقۇرقى گەپلەر ئوخشاش يوسۇندا تەكرارلاندى.

        كېيىن تەقسىماتتا مېنىڭ ئىسمىم يۇرتىغا قايتىپ يۇرتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىنى گۈللەندۈرىدىغانلار قاتارىدا ئېلان قىلىندى. ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە باردىم.ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى بىلىپ يىغىلىپ داستىرخان سالدى. داستىرخان ئۈستىدە تەقسىمات ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر بولۇندى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ كەيىپچىلىكتە دېگەن گەپلىرىدىن شۇنى بىلدىمكى، شۇ چاغدا مۇئەللىم ئۇلار بېلەنمۇ بىر-بىرلەپ«سۆزلىشىپتۇ». شۇ« سۆز» نىڭ تېگىگە يەتكەن ئەقىللىق ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىم ھەم ئالاقىدار ئىمتىياز ئىگىلىرىنى  خېلى ئوبدان رازى قىلىش بەدىلىگە ئۈرۈمچىدە قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. پەقەت كۆپ يول مېڭىپ يۈرۈپ ئۆزى خىزمەت تاپقان ئۈچ ساۋاقداشتىن باشقىلىرىڭ ھەممىسى شۇنداق قىپتۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانا ،يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ يۇرت-يۇرىتلاردىن كېلىپ بالىسىنى يوقلىغاق بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى شۇندىلا چۈشەنگەندەك  بولدۇم.

        ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن  يەنە ئەينى ۋاقىتتا ئىمتاھاندىن ئۆتكۈزمەي ئۆزلىرىگە كۆپ جاپالارنى سالغان ھېزىم قاسىم مۇئەللىمنىڭمۇ ئاخىر دەرىس مۇنبىرىدىن قوغلانغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆپ ئەپسۇسلاندىم. شۇ سورۇندا يەنەئۇلارنىڭ«سەن ئۇنۋېرسىتېتتا بىزگىمۇ ئارىلاشماي ئەتىدىن كەچكىچە كىتاب قۇچاغلاپلا يۈرەتتىڭ، كۆرگەن كۈنۈڭ شۇمۇ؟ جەنۇبنىڭ جاپاسىدا تېزلا قېرىپ كېتىپسەن مانا. بىزگە قارىغىنا ، شۇ چاغلاردا ئىچىپ-چېكىپ ،قىز قۇشلاپ ياشىغانتۇق، ھازىرمۇ كۈنىمىز سېنىڭكىدىن ياخشى بىزنىڭ. مانا بۇ جەمئىيەت داشۆسىنىڭ تەمىنى بۇرۇن تېتىغانلىقىمىزنىڭ پايدىسى.  سەنمۇچۇ، ئەمدى ئۆتكەن ئىشلارغا پۇشايمان قىلماي ھازىرقى خىزمەت ئورنىڭدا بالدۇرراق ھوقۇق تۇت. ھوقۇق بولسا ھەممە بولىدۇ. داشۆدىكى خۇي-مىجەزىڭنى تاشلىمىساڭ باشقىلارنىڭ ئايىقىدا مەڭگۈ خورلىنىپ ئۆتكىنىڭ ئۆتكەن...» دېگەن ياخشى كۆڭۈللەرچە قىلغان چىرايلىق نەسىھەتلىرىمۇ قولۇقۇمغا كىرگەن بولدى.

            ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى يوق ئەمەسىدى. بىز ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە پۈتكۈل ئوقۇش چىقىمىمىزنى مەكتەپ كۆتۈرەتتى. ھەر ئايدا تاماق بېلىتى بېرەتتى. دەرىسلىك ماتېرايىللىرىمۇ ئاساسەن ھەقسىز ئىدى. تەتىللەردىكى بېرىپ كېلىش بېلىتىنىڭ يېرىمىنى ھۆكۈمەت كۆتىرەتتى.دەرىسلەرمۇ نورمالنى سۈرئەتتە داۋام قىلاتتى.قالغان ۋاقىتلار ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئاڭلىقلىقى بويىچە داۋاملىشاتتى.يېڭى بالىلارنى كۈتىۋېلىش ئولتۇرىشى،يېڭى يىللىق ئولتۇرۇش دېگەندەك بەزمە مەشرەپلەر قايناپ تۇراتتى. باشقا مەكتەپلەردىكى يۇرىتداشلار مۇ ھەر ھەپتىدە مەكتەپمۇ مەكتەپ قاتراپ ئولتۇرۇش ئوينايىتتى.مەكتەپتە قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ئەڭ مودا ئېقىم ئىدى.كىم بېلەن كىمنىڭ يۈرگەنلىكى ،ئايرىلىپ كەتكەنلىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆز تېمىلىرى سانىلاتتى.دەرىستىن چۈشكەندىن كېيىنلا مەكتەپ قوروسىكى ئورۇنداقلار ئاشىق-مەشۇقلارغا تېگىشمەي قالاتتى.تېخى ياز كۈنلىرى  بۇ يەردە تۈنەيدىغانلارمۇ چىقاتتى.

       گەرچە مەن دەل يۇقۇرقىلارنىڭ ئەكسىچە تەستە كېلىدىغان بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ بىرەر نەرسە ئۈگىنىپ چىقىپ كېتەي دېگەن مەقسەتتە بوش ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپ قىرائەتخانىسى بېلەن كۈتۈپخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى سۈپىتىدە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ خېلى ئەتراپلىق بىلىم يېتىلدۈردۈم ،دەپ قارىغان بولساممۇ ئەمما ،خىزمەتكە چىقىپ ئۇزىمايلا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى تۆت يىللىق ھاياتىمنىڭ بىھۇدە ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .بولۇپمۇ تۆت يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئوقۇغان ئۆز كەسپىم ئۈچۈن ئېيىتقاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. مەن كۆرگەن –ئۇچراتقان مۇخبىرلىق خىزمىتى قانداقتۇر مەن تۆت يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىغان ھەتتا باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلەيدىغان خىزمەت ئىكەن.مەن ئاشپەزلىكتىن خىزمەت ئالماشتۇرغان بىر مۇخبىرنىڭ كۆپ قېتىم ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر » بولۇپ باھالانغانلىقىنى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەلۇماتىدىكى بىر مۇخبىرنىڭ« مەملىكەت بويىچە  100مەشھۇرمۇخبىر» نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ ياپونىيىگە زىيارەتكە بارغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆرگەنىدىم.«ئاخباراتنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن پاكىتنىڭ ئەينەن خەۋەر قىلىنىشى»ئىكەنلىكىنى ئۇلار بىزدىنمۇ ئوبدان بىلىدىكەن. تېخى بىزگە باققاندا ئۇلار تېخىمۇ چەبدەس، مولھوسۇللۇق ئىكەن.بىز ئوقۇغان ئاتالمىش تەھرىرلىكمۇ ئاز-تولا ھۇش كاللىسى بار ساۋادى بارلىكى ئادەم  ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى ئىككى-ئۈچ ئاي پىششىق ئىگىلىۋالسىلا ھۆددىسىن چىققىلى بولىغان ئىش ئىكەن. دەسلەپكى خىزمەت ھاياتىمدىكى مېنى باشقۇرغان تولۇقسىز مەلۇماتىدىكى مۇھەررىر بۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

        شۇنداق ئىكەن ھۆكۈمەتنىڭ شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ ، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ زېھنى كۈچ ۋە ۋاقىتىنى سەرىپ قىلىپ مۇشۇ ساھەدە ئالىي مائارىپ سەىۋىيىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟  ئۇنداقتا بىھۇدە ئۆتكەن تۆت يىللىق ھاياتنى قايتۇرۇپ ئالغىلى بولامدۇ؟ بىھۇدە ئۆتكەن تۆت يىللىق ھايات بەدىلىگە كەلگەن باكلاۋېرلىق ئىلمىي ئۇنۋان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى ھازىرقى بازار ئىگىلىكى دەۋىردە  نەچچە پۇلغا يارار ؟ ئۇنى ساتقىلى بولسا كىملەر ئالار؟

          2004-يىلى يازدا ئالىي مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم بېلەن ئۈرۈمچىدە ئەسرار بولۇپ قالدىىم.تاماق ئۈستىدە گەپتىن گەپ چىقىپ يۇقۇرقى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. سىنىپ مۇدىرىممۇ سەل خىجىل بولغان ھالدا ئۇ چاغلاردا ئاخبارات كەسپى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بولغاچقا كەسپىي ئوقۇتقۇچى ۋە ئەسلىھە ساھەسىدە قىيىنچىلىق بولغانلىقىنى ؛ ئەمما ھازىر ئاخبارات كافېدراسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئاخبارات ۋە تارقىتىش فاكولتېتى بولۇپ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ، كەسپىي ئوقۇتقۇچى ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ ئالاھىدە خىللانغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، ھازىر ئوقۇش پۈتتىرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ ساھەدە ئىستىدات ئىگىلىرى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

        خىزمەتكە چىققىلىمۇ 20يىلدىن ئېشىپتۇ، مۇئەللىم شۇ گەپنى دېگىلىمۇ 10يىل بولاي دەپتۇ. ئەمما،  مەن تا ھازىرغىچە شۇ مەكتەپنىڭ ئاخبارات كەسپىنى  پۈتتۈرگەنلەر ئارىسىن بىرەر داڭلىق چىن مەنىدىكى مۇخبىرنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى  ئۇچرىتىپ باقمىدىم. شۇ مەكتەپنىڭ ئاخبارات كەسپىنى  پۈتتۈرۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلار، ئالىي ئۇنۋان تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلارنىڭ ساماندەك ئىكەنلىكى راسىت.ئەمما، ئۇلاردىن بىرەر مەسئۇلىيەتچان مۇخبىر ، بىرەر ئەركەكلەرچە ژۇرنالىسىتنىڭ يېتىشىپ چىقمىغانلىقى تېخىمۇ راسىت!

      مەن ئۇنۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم سۆزلەپ بەرگەن دەرىسلەردىن توللۇق قانائەت ھاسىل قىلمىغاچقا كۈتۈپخانىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ كۆرگەن جۇڭگو-چەتئەللەرنىڭ ئاخباراتشۇناسلىق ئىلمى ھەققىدىكى كىتابلىرى ئاساسىدا تۇرغۇزۇلغان ئەقىدەم بويىچە ئاخباراتچىلىق ئىلمىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۈزلىكسىز ئىزدەندىم.ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلىشىچە ، ئاخبارات خەۋەرلىرى قانداقتۇر يېڭىدىن يۈز بەرگەن پاكىتلارنىڭ ئەينەن خەۋەر قىلىنىشى بولسىمۇ ئەمما ، ئۇنى يېزىق بېلەن خاتىرلەپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ.  ئۇنىڭغا چوقۇم مۇخبىرنىڭ سوبىيېكتىپ كۆز قارىشى ، قىممەت قارىشى، مۇلاھىزىسى ، باھاسى سىڭىشى كېرەك! ئاخباراتچىلىق ئىلمىمۇ خۇددى ئەدەبىيات-سەنئەت ، ئىقدىساد، قانۇنشۇناسلىققا ئوخشاش ئىجتىمائىي پەن تۈرلىرى ئىچىدە ئۆز مۇستەقىللىقىنى گەۋدىلەندۈرىشى كېرەك! ئاخبارات كەسپى ئىجتىمائىي تۈزۈلمىگە تەسىر كۆرسىتىش ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش ، دېمىگراتىك سېياسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ياقىلاش  جەھەتتە باشقا ھەر قانداق كەسىپلەر ئىچىدە ئەڭ موھىم ۋە بىۋاستە رول ئويناشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە . ۋەھالەنكى، بۇنداق ئۈستۈنلۈك قانداقتۇر يېقىندا يۈز بەرگەن پاكىتلارنى يېزىق بېلەن ئەينەن خاتىرلەپ قويۇشتەك باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئاڭ  بېلەنلا گەۋدىلەنمەيدۇ.

بۇ جەھەتتىن ئاخبارات ئىلمىنىڭ خەلقئارادا بىر مۇستەقىل پەن –كەسىپ ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىددەك مەكتەپلەردە ئاخبارات ۋە تارقىتىش فاكولتېتىنىڭ تەسىس قىلىنىپ مۇشۇ ساھەدە ئالىي مائارىپ سەۋىيىسىدىكى مەخسۇسلاشقان كەسىپ ئەھلىلىرىنى تەربىيلەشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرلۈكىنى تولۇق ئېتىراپ قىلىش بېلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنداق يۇقۇرى ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا تەربىيلىنىپ چىققان يۇقۇرى ساپالىق ئاخباراتچىلارنىڭ جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئۆزىدىكى خاسلىق ۋە مۇستەقىل تەپپەككۇر بېلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا ھالدا   باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ساۋادلىق مۇخبىرلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كېتىشىدىن، ئۇلاردىن پەرىقلەنمەسلىكىدىن ئازاپلانماي تۇرالمايمىز.بۇ ھېچ بولمىغاندا بىزنى ھازىرقى ئالىي مائارىپىمىزنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ھەققىدە تەئەجۈپلۈك خىياللارنى سۈرۈشكە قىستايدۇ.

   شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېساپلىنىدۇ.بۇ ئانا مەكتەپ قۇرۇلغان شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى پەن تۈرلىرىدە تالاي ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى بېلەن تەمىن ئەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي بولمايدۇ (ئەمما،  تەشۋىقات تۈسىنى ئالغان يۇقۇرقىدەك تەربىغاتلاردا تىلغا ئېلىنغان « ئىقتىساس ئىگىلىرى »نىڭ زادى قانداق « ئىقتىساس ئىگىلىرى » ئىگىلىرى ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دەپ بولماق تەس). شۇنىڭ بېلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زاماننىڭ تەرەققىياتىغا يارىشا يېڭىدىن يېڭى كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، مۇشۇ كەسىپلەردە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېزدىن ماسلىشالايدىغان، مۇستەقىل تەپەككۇرغا ئىگە ، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، كۈچلۈك ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى باشلامچى ۋە ئىسلاھاتچىلاردىن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش بېلەن  پەن-تەتقىقاتنى، ئىجاد قىلىش بېلەن ئىشلەپچىقىرىشنى، نەزەرىيە بېلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە تېخىچە مۇكەممەل ھالەتتىكى تۈزۈلمە مېخانىزىمنىڭ بىر پۈتۈن بېكىتىلىپ بولالمىغانلىقى روشەن پاكىت سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ.
ئەلبەتتە يۇقۇرقىلارنى نوقۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلىرىدىلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.بۇ مەملىكەت تۈسىنى ئالغان مەسىلىلەر بولسىمۇ ئەمما، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېغىرراق مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن.دېمىسىمۇ مەملىكەت بويىچە ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ، مەمۇرىيەت بېلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ چەك-چېكرىسىنى ئايرىش، ئالىي مەكتەپلەردە مەمۇرىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىپ،ئىلمىي كومېتىت مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى ئەڭ جىددىي تۈردە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

     بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى ناھايىتى داغ-دۇغىلىق تەبرىكلەندى.ھەتتا باش شۇجى خۇجىنتاۋ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ موھىم سۆز قىلدى.مەملىكەت بويىچە 1-ئېقىمدا تۇرىدىغان ، خەلقئارادىمۇ زور تەسىرى بار بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ 100يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى دەب-دەبە بېلەن تەشۋىق قىلىش ئەسناسىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومېتىتىغا توققۇز نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يېتىشتۈرۈپ بەرگەنلىكىمۇ ئەڭ گەۋدىلىك نىتىجىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنى ئەلبەتتە ئۇلۇغ نەتىجە دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئەمما، بىر ئالىي مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا دۇنيا پەن-تېخنىكا رىقابىتىدە بۆسۈش يارىتاايدىغان، ئىنچىكە، يۇقۇرى تېخنىكىلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن موھىم تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان دۇنياۋى 1-ئېقىمدىكى پەن-تېخنىكا ،ئادىمىيەت پەنلىرى گىگانىتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى تېخىمۇ موھىم. نوپۇس جەھەتتىن دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان، بەشمىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەت تارىخى بار بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ 100يىللىق تارىخى بار چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدەك بىر داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتى  100يىللىق شانلىق مۇساپىسىدە جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومېتىتىغا توققۇز نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يېتىش تۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما، نىيوتۇن، ئېينىشتىيىندەك دۇنياۋى ئالىملاردىن بىرەرسىنى يېتىشتۈرۈپ بېرەلمىدى. بۇلا ئەمەس ئامېرىكىدىكى خېلى-خېلى ئۇنۋېرسىتېتىتلارنىڭكىدىن تارىخى ئۇزۇن بولغان بۇ دۇنياۋى كاتتا بىلىم يۇرتىنىڭ ھەتتا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىدىنمۇ  بىرەرىنى  يېتىشتۈرۈپ چىقالمىاسلىقى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ. ھازىرغىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ مۇنەۋەر خەنزۇ ئالىمىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى گەرچە جۇڭگولۇقلارنىڭ قېنى بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى قانداقتۇر دۆلەت ئىچىدىكى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىدەك داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ئەمەس بەلكى بىردەك غەرىبچە مائارىپ نەتىجىلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلىرىمۇ   ئۆز نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىغاندا ھامان ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك دۆلەت رەھبىرى، قانچىلىك رەئىس،قانچىلىك ۋالىي-نازىر، قانچىلىك ھاكىم يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى پەخىرلىنىش ھېسىياتى بېلەن تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالماي قالمايدۇ ھەم مەكتەپ تەزكىرىلىرىگە ،خاتىرە كىتابلىرىغا شۇنداق پۈتمەي قالمايدۇ. كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى بۇ خىل ھالەت ھازىر ۋىلايەت-ئوبلاسىت، ناھىيە ،يېزا ھەتتا كەنىت دەرىجىلىك مەكتەپلەرگىچە كېڭىيىپ ، بىر خىل مودا ئېقىمىغا ئايلانماقتا.مەكتەپلەر ئەسلىدە ئۆزلىرى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن ئىلىم-پەن چولپانلىرى بېلەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلسدا ،ماقتانسا ئاندىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە خاس يول تۇتقان بولارىدى.

    بۇ يەردە يېقىندا بىر خەنزۇچە ماتېرىيالدىن ئوقۇغان لىيۇ مولىن ئەپەندىنىڭ « ئۇنۋېرسىتېتلارغا كاتتا ئەمەلدارلار بولسىلا كۇپايىمۇ ؟ » ناملىق ماقالىسىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرسىتېت بولغان ئامېرىكىدىكى خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تويىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئائىت مۇنداق بىر مەزمۇننى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم :« خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 350يىللىقىنى تەبرىكلىگەن چاغدا 60مىڭدىن ئارتۇق مەكتەبداشلار ئانا مەكتىپىگە يىغىلغان ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى  جايلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق داڭلىق مۇخبىر قەدەم تەشرىپ قىلغان، مەكتەپ شۇ چاغدىكى پىرزېنىت رېگاننى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە موھىم سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا رېگان ئادەم ئەۋەتىپ ‹ ماڭا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرەلەمدىكەن ؟› دېگەن تەلەپ سۆزىنى يەتكۈزگەن. خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بۇ تەلەپنى ئادىللىق ئەمەس ، دەپ قارىغان ھەم پېرزېنىتلىق مەنسىپى بېلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەرنى قىزىتىۋەتكەن. ئاخىردا خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ  مەكتەپ مۇدىرى بوۋك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىۋاستە ھالدا : ‹ مەكتەپ  پېرزېنىتقا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرەلمەيدۇ › دەپ ئېنىق جاكارلىغان.شۇڭا خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 350يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا پېرزېنىتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن.»[1]

      لىيۇ لومىن ئەپەندى يەنە شۇ ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ :« ئەجىبا،پېرزېنىت قاتماشمىغان تەبرىكلەش مۇراسىمى قاناقراق ئۆتتىكىنە ؟ خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئابى ھايات ، ئۇ ئالتە نۆۋەتلىك پېرزېنت يېتىشتۈرۈپ چىققان ، ئۇنىڭ ئۆمرى ئامېرىكىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىگە ھامېلە بولغانلىقى ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ نەتىجىلىرى ئىچىدىكى پەقەت ۋە پەقەت تىرناقچىلىكلا نەتىجە ھېساپلىنىدۇ ، خالاس. ئەڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىكى  ئۇنىڭ 34 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىدۇر. شۇڭا پېرزېنىت قاتناشمىغان خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تويى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك يوسۇندا ئۆتۈۋەرگەن.»[2]

     ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھەرقانداق بىرەر ئەمەلدارلىرىمىزدا  ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى بىرەر ئۇنۋېرسىتېتنىڭ پەخرىي دوكتۇرلۇق ، پەخرىي پروفېسسورلۇق ھېچ بولمىغاندا شۇ ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ بىرەر مەۋھۇم مەمۇرى ھوقۇقىنى ئاتقۇرۇپ بېقىش ئارزۇسىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز. ئەمەلىيەتتە ئەشۇ خىل شان-شەرەپ تۇيغۇسىدىكى ئارزۇلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتتە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنىمۇ چەتكە قاقماي تۇرالمايمىز. چۈنكى ، بۇ بىزدە شۇ ئەمەلدار ۋە مەكتەپنىڭ ھەر ئىككىسىنى شۆھرەت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان خاسىيەتلىك ئىش سانىلىدۇ. ۋەھالەنكى ، مەمۇرىيەت بېلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ چەك-چېگرىسى ئېنىق ئايرىلغان، ئۇنۋېرسىتېتتىن ئىبارەت ساپ ئىلىم ساھەسىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا كەسكىن مەيدانى بېلەن تونۇلغان غەرىبتە بۇنداق خاھىشلار غا بىردەك يول قويۇلمايدۇ. مەسىلەن : « كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتىمۇ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاسىغا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى رەت قىلغان، ئوكىسفورت ئۇنۋېرسىتېتى ساچىر خانىمغا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى رەت قىلغان ، سابىق پىرزېنت بۇشنىڭ ئىنىسى فىلورىدا شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولغان مەزگىلدە فىلورىدا ئۇنۋېرسىتېتىمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى رەت قىلىپ ، پەقەتلا پەخرىي مەكتەبداش دېگەن ئاتاقنى بېرىپ قويۇش بېلەن كۆڭلىنى خوش قىلىپ قويغان.» [3]

     شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، قانداقتۇر داھى تەربىيلەش، سېياسىيون تەربىيلەش  ۋە ئەمەلدار تەربىيلەش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەمەس! ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھۆكۈمەتلەرنىڭ كېلەڭسىز ئاپپاراتلىرىغا ئىشچى-خىزمەتچى ۋە مەمۇر تەربىيلەپ بېرىش مەجبۇرىيىتى تېخىمۇ يوق! بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاغار-تاغار دىپلوم ئىشلەپچىقىرىپ، شۇنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ پۇل تاپىدىغان دىپلوم زاۋۇتلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان بولىدۇ ! ئەشۇنداق دىپلوم زاۋۇدىدا ئوقۇغانلارنىڭ مەقسىدىمۇ سېتىۋالغان دىپلومىغا تايىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە خەتلىنىپ «خان ئاشلىقى» يېيىشنىلا ئەڭ ئالىي غايە قىلىدۇكى، بۇندىن باشقا ھېچقانداق   مەقسىدى بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتەرلىرىنىڭ سەھىپىسى چەكلىك بولغاچقا دىپلوم زاۋۇدلىرىدىن سېتىۋالغان  شۇنچە كۆپ دىپلوم ئىگىلىرىنى سىغدۇرۇپ كېتەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دىپلوم زاۋۇدلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ ساختا ،بىراك ماللىرى ھۆكۈمەت ، جەمئىيەت ۋە ئائىلىلەرگە ناھايتى زور بېسىم پەيدا قىلىپلا قالماي تېخىمۇ يامىنى ئىجدىمائىي مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا ئايلىنىپ، ھۆكۈمەت خاراكتىرلىك بۇ خىل گوللاشلار ئاخىر بېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىگە ئاپەت كەلتۈرمەكتە.

   داھىي، سېياسىيون،ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرسىمۇ ئەمما ، كېيىنكى ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدائپىشىپ يېتىلىش ئارقىلىق تاللاپ ئىشقا قويۇلىدۇ ھەم پارتىيە مەكتەپلىرىدە نىشانلىق تەربىيلەش ۋە چېنىقتۇرۇش يوللىرى بېلەن پىشىپ يېتىلىدۇ.ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمۇ ئۇنۋېرسىتېتتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ كەسىپ ۋە ئورۇننىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن قايتا تاللىنىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.شۇڭا، ئۇنۋېرسىتېتنى قانداقتۇر داھىي، سېياسىيون، ئەمەلداربولۇش ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىۋېلىشنىڭ غايىسى قىلىۋېلىش ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىق نىشانىدا بىر خىل تار مەنىدىكى مەھكۇملۇقتىنلا بېشارەت بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.

ئۇنۋېرسىتېت  قانداق بولۇشى كېرەك؟ گېرمانىيە پىداگوكى ياسبېرس بۇ ھەقتە توختىلىپ « ئۇنۋېرسىتېت تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئىلىم تارقىتىدىغان قەسىر، يېڭى ئادەملەرنى تاۋلايدىغان دۇنيا، شەخىسلەر ئارا ھاياتى كۈچكە تولغان ئالاقە سورۇنى، ئىلىم گۈللەپ ياشنايدىغان ساھە » دېگەنكى ، ھېچقاچان ئۇنۋېرسىتېتنىڭ سېياسىي شان-شەرەپلەرگە ئىنتىلىدىغان بازار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان .
لىيۇ مولىن ئەپەندى يەنە شۇ ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ : « ئۇنۋېرسىتېت خۇددى پىل چىشى مۇنارىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى پىل چىشى مۇنارىغا  قانداق ئوخشىتىمىز ؟ بىرىنچىدىن ، ئۇنۋېرسىتېت سېپى ئۆزىدىن بىلىم ۋە مەنىۋىيەتنى مەنبە قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنتىلىىش ۋە شۇ ئىنتىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەركەتنىڭ مەھسۇلىدۇر ، ئىككىنچىدىن ئۇنۋېرسىتېت تاشقى دۇنيانىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئارىلىشىشىدىن مۇتلەق مۇستەسنا بولۇپ، مۇستەقىل ھالدا پەلەسەپە ۋە پەنلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ئىنتىلىدۇ. شۇڭا تارىختىن بۇيان قۇرۇلغان ئۇنۋېرسىتېتلار دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئىمتىيازىغا جەڭ ئېلان قىلىپ كەلگەن. گېرمانىيىدە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان خارىي ۋە گوتېنگىن ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى ئەشۇ خىل بۇرۇچ ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىغان. ئۇنۋېرسىتېتلار ، بولۇپمۇ ئەنگىلىيىنىڭ ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتېتى ، كامبىرچ ئۇنۋېرسىتېتىگە ئوخشاش 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇنۋېرسىتېتلار  ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەقىل-پاراسەتنىڭ گۈل-غۇنچىلىرى سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.»[4]

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان  ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ۋاپاتى دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.ئامېرىكا پىرزېنتى ئوباما جوبىسنىڭ ماتەم مۇراسىمىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تېخنىلوگىيىسىگە  قوشقان تۆھپىسىنى « جوبىس دۇنيانى يانچۇقىمىزغا سېلىپ بېرىپ كېتىپ قالدى » دېگەن ئوبرازلىق سۆزىگە يىغىنچاقلىدى .ئوبامانىڭ ئەشۇ بىر ئېغىز سۆزىدىنلا جوبىسنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا پەن –تېخنىكا ساھەسىدە قانچىلىك موھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەخىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تامامەن مۇمكىن.جوبىس ھەققىدىكى خەۋەر-ماقالىلەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانغا ئوخشاش خەنزۇچە ئېنتىرنېت دۇنياسىدىمۇ « جۇڭگودىن نېمىشقا جوبىسقا ئوخشاش پەن –تېخنىكا گىگانىتلىرى چىقمايدۇ ؟» دېگەندەك تېمىلاردا قىزغىن بەھىس مۇنازىرىلەر قانات يايدى. جوبىسقا ئائىت ئىنكاسلار ئىچىدە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى ئالىم ۋۇ جىياشىياڭ بولدى . ئۇ كىشنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن :« ئالما دەرەختىكى بىر تال ئالما، ئۇنىڭ شېخى بولسا تەپەككۇر ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەركىنلىك، ئاساسىي قانۇنلۇق دىموكراتىيە بولسا ئۇنىڭ يىلتىزىدۇر. ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن بىر دۆلەتتە بىر زور كوللىكتىپ قۇرۇلۇشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن، لېكىن پەن-تېخنىكا گىگانتلىرىنىڭ  مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس».
«يەر شارى تورى »نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، جۇڭگودىكى ئالدىن بېيىغان 100مىليونلۇق بايلارنىڭ %46چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇش ئازۇسىدا ئىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە %16 زەردار بۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئاللىقاچان ئەمەلىي ھەركەت باسقۇچىغا ئۆتۈپ بوپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىك يولىنى تاللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى دۆلەت ئىچىدىكى تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى بولۇشى، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ تۇراقسىز ۋە شەخسىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كەملىكى، مۇھىت بۇلغۇنىش، يىمەكلىكلەر بىخىەتەرلىك ئەندىشىىدىن باشقا يەنە ئەڭ موھىم سەۋەب دۆلەت ئىچىدىكى مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە ئۈنۈمىدىن رازى بولمىغاچقا پەرزەنىتلىرىنى غەربچە مائارىپ تۈزۈلمىسىدە تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىش ئىكەن. باي-زەردارلارنى دېمىگەندىمۇ  ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ دىپلوم زاۋۇدلىرىنىڭ ساختا ماللىرىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ۋايىم يەۋاتقان نۇرغۇن ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىم كىرىملىك ئاتا-ئانىلار بىر ئۆمۈر تېرىپ-تۆشەپ يىغقان مال-دۇنياسىنى يۈرەك پارىلىرىنىڭ چەتئەل مائارىپىدا تەربىيلىنىپ ئىستىقپال تېپىشىغا دو تىكمەكتە.يەتمىنىگە بانكىلاردىن قەرىز ئالماقتا. بۇنىڭ بېلەن مىليونلىغان خەلق پۇللىرى ۋە زېھنى ئۆتكۈر، ساغلام، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىستىقپاللىق ياشلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ چەت ئەللەرگە ئاقماقتا.

ئىنتىتنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، 2011 يىلى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى 10مىڭ 362 نەپەرگە يەتكەن، شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسىتېتى بۇلاردىن291  ئوقۇغۇچىنى چېكىپ تۇرۇپ  تاللاپ قوبۇل قىلغان.بۇنىڭ ئىچىدە ھەر قايسى ئۆلكە ، شەھەرلەردىن  تاللىۋالغان 17نەپەر ئەليۇل ئەلامۇ بار ئىكەن.شىياڭگاڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى ئۇنۋېرسىتېتىمۇ نەتىجىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن %0.1 لىك ئۆلچەم بويىچە قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن   ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە ئىمتاھان بەرگەن ئالدىنقى قاتاردىكى 60ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 5نەپەر ئەليۇل ئەلا بار ئىكەن. يەنە   سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى، شەھەر ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئوقۇغۇچىلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە جەلىپ قىلىۋاتقانلىقىمۇ كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ .غەرىب ئەللىرىنى قويۇپ ئاسىيادىكى كىچىككىنە دۆلەت سىنگاپورنى ئالغاندىمۇ سىنگاپوردا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار 50مىڭغا يېتىپتۇ.سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا 2010-يىلىغا قەدەر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى 127مىڭگە يەتكەن.

مۇشۇنىڭ ئۆزىلا جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تالىشىشتا قانچىلىك بېسىم ۋە خىرىسلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ،جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىياڭگاڭ ئالىي مەكتەپلىرىنى تاللىشىدىكى موھىم سەۋەبلەر « چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالىي مەكتەپلەر پۇل تېپىشنىلا قوغلۇشۇپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى ساپلا كونا ئەندىزىدە ئىكەن، ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەن، ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى جانسىز ئىكەن.»

ئەلبەتتە ، يۇقۇرقى سەۋەبلەرنىڭ ئوبىيېكتى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى، بېېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇنۋېرسىتېتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماي قالمايدۇ.شۇنداق ئىكەن يۇقۇرقى ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇنۋېرسال سۈپىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلىرنىڭكى بېلەن سېلىشتۇرساق پەرىقلەرنىڭ تولىمۇ زورلۇقىنى بايقىماي تۇرالمايمىز. ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ھەر يىلى ئوقۇغۇچى بېشىغا ئاجرىتىلىدىغان راسخودى 8مىڭ500يۇەن ئىكەن، بېيجىڭ ، شاڭخەي ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ 15مىڭ يۇەن ئىكەن ، ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بولسا ئاران 5 مىڭ يۇەن ئىكەن.دېمەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلىرنىڭ ئوقۇغۇچى بېشىغا ئاجرىتىلىدىغان راسخودى تۆۋەن بولۇپلا قالماي يەنە ئوقۇتۇش سۈپىتى ، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى،پەن-تەقىقات كۈچى، ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىمۇ شۇ مەكتەپلەرنىڭكىدىن كۆپ ئارقىدا  تۇرىدۇ دېگەن گەپ. ھەتتا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى، بېېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇنۋېرسىتېتلارنىمۇ ئۆز نەزىرىدىن ساقىت قىلىپ نوقۇل چەتئەل مائارىپىغا نەزىرىنى تىككەن ئەشۇ ئەليۇل-ئەلارنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا ئىمتاھانسىز قوبۇل قىلىپ ھەقسىز تەربىيلەپ قويايلى ،دېسىمۇ خالىماسلىقى ئېنىق.

بىر قانچە يىللار ئىلگىرى  قانۇنشۇناس، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى تۇنياز ئوسمان ئەپەندىنىڭ جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان« دېلو تۈرلىرىدىن ئەخلاق كىرزىسىگە نەزەر » ناملىق ماقالىسىدە ئۇنۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان توكىنى ئوڭشاشقىمۇ يارىمايدىغانلىقىنى ، چارۋا دوختۇرلۇق كەسپىدە مۇنتىزىم ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى كېسەل بولۇپ قالغان توخۇنىمۇ داۋالاپ ساقايتىشقا قادىر ئەمەسلىكىنى ئېچىنىش ئىچىدە يازغانىدى.بۇ ئالىي مائارىپىمىزدىكى كۆز يۇمغۇسىز رېئالنى مەسىلىلەردۇر.يەنە بۇ بىزنىڭ ئالىي مائارىپىمىزدىكى سېياسىينىڭ، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ ئىلىم ساھەسىنى بېسىپ يىگىلىتىپ قويغانلىقىنىڭ ،ئۇلارنىڭ گۈللەپ-ياشناش، جانلىنىش ئىمكانىيىتىنى تارايتىۋەتكەنلىكىنىڭ  نەتىجىسىدۇر. سېياسىي كەيپىيات ھەددىدىن زىيادە قويۇق ، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ كۈچى ئىلىم ساھەسىنىڭ گەجگىسىگە چىقىۋالغان ئالىي مەكتەپلەردە ئىلىم ساھەسىدىكى دېمىگراتىيە روھى سۇلىدۇ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقات ئاكتىپلىقى ئۆلىدۇ.بۇنداق بىلىم يۇرىتلىرىدىن ئىجادىي تەپپەككۇرى بوغۇلغان،مۇستەقىل تەپەككۇرى يوق، ئەگشمە تەپەككۇرگە كۆنگەن ،جانسىز مېخانىك ئادەملەرلا  يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق مېخانىك ئادەملەرنى ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدىن ئىبارەت غايەت زور ماشىنىىنىڭ زاپچاسلىرىغا ئوخشىتىش مۇمكىن.ۋەھالەنكى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدىن ئىبارەت غايەت زور ماشىنىغا كېرەكلىك زاپچاسلارنىڭمۇ چېكى بولغاچقا قالغان بىھېساپ كۆپ زاپچاسلار ئاخىر بېرىپ بىر دۆۋە دات باسقان كېرەكسىز تۆمۈر تەسەسەكلەرگە ئايلىنىدۇ خالاس! بۇنداق تۆمۈر تەسەكلەر دۆۋىسىنىڭ ئۈزلىكسىز كۆپىيىش ھالىتىنىڭ توختىماي دەۋىر قىلىپ تۇرىشىى كىشىنى تېخمۇ ۋەھىمىگە سالماي قالمايدۇ.

ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ تۈزۈلمىسى شۇنداق بولغانىكەن سېياسىي ساپاسى يۇقۇرى، قۇلىقى يۇمشاق، تەشكىلىي ئىنتىزام كۆز قارىشى كۈچلۈك خەلق ئارمىيىسى تۈزۈمىدىكى مېڭىسى يۇيۇلغان ماشىنا ئادەملەر ئۆزلىرى ئوقۇغان مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىندىكى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئوقۇغان كەسىپتىكى ئەمەلىي دەرىس نەتىجىسى، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش، ئىجات قىلىش، پەن-تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرى ئانچە نەزەرگە ئېلىنمىدى.بۇ ھال ئالىي مەكتەپلەردىكى كۆپ ساندىكى نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق پىروففېسور-ئالىملىرىمىزنىڭمۇ ئاخىر بېرىپ  ئۆزلىرىگە ئوخشاش زاپچاسلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشتۈرۈلىشىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ ،مۇستەقىل ئىجات قىلىش روھىدىكى تالانىت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە سەل قارايدىغان پاسسىپ ھالەتلەرنىڭ دەۋىر قىلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا. شۇنچە يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىن مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك   بىرەر يېتۈك ئىجتىمائىي پەن ئالىمىنىڭ قايتا يېتىشىپ چىقالمىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولۇپ تۇرۇپتۇ. ياش ئالىم ئەسئەت سۇلايمان  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئىزىنى بويلاپ تەتقىقاتتا ئىزچىل چوڭقۇرلاپ ،بىر قاتار ئىلمىي، يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ خەلقىمىزنى ئۈمىدلەندۈرگەن بولسىمۇ ئەمما، بۇ ئۈمىدلىك ياش ئالىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدە ئىشلەش سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى تالاي كىشىلىرىمىزنى ئازاپلىق ئويلارغا سالدى. بەلكىم بۇنىڭغا ئەسئەت سۇلايماننىڭ خېلى مول بىلىم ئاساسى ۋە ئۈزلىكسىز ئىجات قىلىش روھىدىن كۆرە تەشكىلى ئىنتىزام كۆز قارىشىنىڭ سۇس بولۇپ قېلىشى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ھېلىھەم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە مەكتەپلىرىدىن تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان ئەسلى ماھىيىتىگە خاس ھالدا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ بۇ يولدا تىنماي ئىزدىنىدىغان ،مۇستەقىل تەپپەككۇرغا ئىگە ،  مەسئۇلىيەت ئېڭى  ۋە كىرزىس ئېڭى كۈچلۈك ، دەۋىر تۇيغۇسىغا ئىگە راسىت سۆزلۈك بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرىس مۇنبىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلماقتا.بۇھال نەچچە يىللاردا بىر رۇياپقا چىقىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى تالانىتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقۇرى تەمىناتلىق   كەسپىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارغا ئېقىپ كېتىشى  ھەتتا چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىدەك زور يوقتىشلارغا سەۋەب بولماقتا.

يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 20نەچچە يىل تەرجىمانلىق ۋە مەمۇرىي خىزمەت بېلەن شۇغۇللىنىپ ئاپتونوم رايوندىكى بىر ژۇرنال تەھرىراتىغا يۆتكىلىپ كەتكەن  بىر دوستۇم بېلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىپ قالدىم. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى دوتسېنىتلىق كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بار بىر يۇرىتدىشىنىڭ دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىش ئىشى بېلەن ئالدىراش يۈرۈپتۇ.بۇ ئىش مېنى خېلى كۈنلەرگىچە ئالىي مەكتەپ زىيالىيلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا سېلىپ قويدى.ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ، يەنە كېلىپ دوتسېنىتلىق كەسپىي- تېخنىكا ئۇنۋانى ۋە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بار بىر يۇقۇرى ساپالىق زەكى دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىدا ماقالە يېزىش شەرتىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ دوتسېنىتلىق كەسپىي- تېخنىكا ئۇنۋانىغا قانداق يوللار بېلەن ئېرىشىۋالغاندۇ؟ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغىچۇ؟ ھازىر خەنزۇ تىلىنى بىلىش ئالىي مەكتەپلەردىلا ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن ؛ ئاددىيسى كارخانا، كەسپىي، مەمۇرىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ بولۇپ قالغان تۇرسا ؟ مېنىڭچە، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى ئوقۇغۇچى بېلەن مەكتەپتە قېلىپ دوتسېنىتلىق كەسپىي- تېخنىكا ئۇنۋانى ۋە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىۋالغان ھېلىقى زەكىنىڭ ئورنىنى ئالمىاشتۇرۇپ قويۇش زۆرۈردەك قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى 1982-يىللىق تىل-ئەدەبىيات سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باتۇر روزى، يالقۇن روزى ، غالىپ راخمان، ئۆمەر قادىر ، بەگمەت يۈسۈپلەر ئۆزىنىڭ شېئىر، ئوبزور، سىنارىيە ساھەسىدىكى نەتىجىلىك ئەمگەكلىرى بېلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئۈمىدلىك ياشلار بولسىمۇ  ئەمما، نېمىشقىدۇر ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى خىزمەت تەقسىماتى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بېلەن ئاياقلاشقانىدى. ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنا ۋە ئاجايىپ ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئىگە يارقىن شېئىرلىرى بېلەنلا ئەمەس يەنە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەۋايىدىن كېيىنكى 500يىللىق تىراگېدىيىسى» ناملىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسى بېلەن مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ ، ساھەيىمىزدە پوبلىستىك ماقالىلەرنىڭ يېزىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن   تالانىتلىق ئەدىب باتۇر روزى نېمىشقىدۇر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي كان رايونى مەكتىپىگە سۈرگۈن قىلىۋېتىلدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوبزورچىلىقىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈش ئارزۇسىدا تىنماي ئىزدىنىپ خېلى مول بىلىم ئاساسى ھازىرلىغان يالقۇن روزى بولسا قىزىلسۇ ئوبلاستىغا، يۇرۇڭقاش دەرياسى ھەققىدە يېزىلغان « سەن ئاقىسەن تومۇرلىرىمدا، مەن ئاقىمەن دولقۇنلىرىڭدا» ناملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك پەلىسەپىسىگە تويۇنغان ئېسىل شېئىرى بېلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ چاقنىغان غالىپ راخمان خوتەن ۋىلايىتىگە ، بارلىقىنى  ئۇيغۇر كىنو سىنارىيىسى ساھەسىگە ئاتاپ ، بۇ بوزلۇقنى ياشنىتىش يولىدا زور بەدەل تۆلىگەن ئۆمەر قادىر ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ، ئەدەبىيات ئىشقىدا بىر ئۆمۈر پەرۋانە بولۇشقا بەل باغلىغان بەگمەت يۈسۈپ قارىمايغا ھەيدىۋېتىلدى. ئۇلاردىكى ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە شۇ چاغدىكى كەسىپ ئېھتىياجى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسىتېت، ئاكادېمىيە ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات-سەنئەت، نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا قېلىپ ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىشىغا  تامامەن سالاھىيىتى توشاتتى. شۇنداق بولغىنىدا ئونلىغان كىتابلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن باتۇر روزىمۇ رېئاللىق بېلەن غايە ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە تىتماكاتاڭ بولۇپ، يوقسۇزلۇق، سەرسانلىق كوچىسىدا پۇچىلىنىپ ،«زەيلىدى تام زەيلىدى، تامدىن ئۆتە جان زەيلىدى» دەپ ھەسرەت چەككىنىچە كۈپكۈندۈزدىلا  ئۈرۈمچى كوچىسىدا كىشىلەر ئايىغىدا قىران يېشىدا جان بەرمەس بولغىيدى. بەلكىم ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئۆلمەس ئەسەرلەر مىراس قالار بولغىيدى.يالقۇن روزى، ئۆمەر قادىر، بەگمەت يۈسۈپلەرمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەۋزەل ئىجادىيەت شارائىتلىرىنى دەپلا  كىشىلەر ئىشىكىدە تەلمۈرۈپ، ئەمەلدارلارنىڭ تەستىقىنى كۈتۈپ تالاي ۋاقتى، زېھنىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتمىگەن بولارىدى. پەقەت ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىدىكى ئۈمىدلىك چولپان غالىپ راخمانلا ئۆزىدىكى تالانىت ۋە تەستە پۇختىلىغان  نەزەرىيىۋى ئاساسىنى خوتەننىڭ قۇمساڭغۇ تۇپراقلىرىغا دەپنە قىلىۋېتىپ،كۈچلۈك قېيىداش پىسخىكىسى بېلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۈكۈتلۈك سوئاللىرىنى ئۈن-تىنسىز تەكرارلاپ ئۆتمەكتە.

يېڭىچە تەپەككۇر ۋە توختىماي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئابدۇقادىر جالالىددىنمۇ ئەينى ۋاقىتتا خېلىى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە نەزەرىيىچى بولۇش سۈپىتى بېلەن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تامامەن سالاھىيىتى توشاتتى. ئەمما ئۇمۇ بۇنداق ئەۋزەل شارائىتتىن مەھرۇم قېلىپ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى.كېيىنكى ئەمەلىيەت ئالدىنقى قاتاردىكى بۇ يېتۈك زىيالىينىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ھەقىقەتەن سالاھىيىتى توشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى قايتا ئىسپاتلىدى.

         ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بۇنداق ئەھۋاللار خېلىلا ئومۇمنىيلىق تۈسىنى ئېلىپ قالغان .شۇڭا بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى، پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى، ئىجات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى خىزمەتلىرى كىشىنى ئانچە رازى قىلالمايدۇ . ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر زەكىلەر شۇنچە ئەۋزەل ئىلمىي ئاتمۇسفۇراغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ جىددىي ئويلىنىشقا ، تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىشقا تېگىشلىك  تالاي ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھېلىھەم بوش ھالەتتە  قېلىۋاتىدۇ.خەلقىمىز جاۋابىنى كۈتىۋاتقان ، ئۇلار ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشىنەلمىگەن ، ئىپادىلەشكە ئامالسىز قېلىۋاتقان ، ئەمما قەلبىنىڭ قات-قېتىغا تىنىپ كەتكەن كىرزىسلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى تالاي سۇئاللىرى تېخىمۇ جاۋابسىز قېلىۋاتىدۇ. ۋەھالەنكى، نېمىلا بولمىسۇن ئالىي مەكتەپ ۋە ئاكادېمىيە دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىدىكى تالاي ئەل ئىچى زىيالىيلىرى ئىلمىي تەتقىقات ھەققىدىكى  ئىزدىنىشلەرگە پايدىسىز ھالەتتە تۇرۇپمۇ چەكلىك شارائىتلاردىن ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارىچە تولۇق پايدىلىنىپ، بۇنداق تېمىلار ۋە بۇنداق تەتقىقاتلار ئۈستىدە چامىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ كەلمەكتە.
2004-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر ژۇرنال تەھرىراتىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمدە چەتئەلدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن بىر ياش بېلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ ياش قىرغىزىستاندا ئەزىز نارىنبايوفتەك دۇنياغا تونۇلغان شەرقشۇناسنىڭ قولىدا تەربىيلىنىش جەريانىدا  يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم مەشھۇر شائىرلارنىڭ ھاياتى  ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ رۇس جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشتەك ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنىمۇ رۇياپقا چىقارغان ئىكەن. ئەمما، شۇ دوكتۇرغا رايونىمىزدىن نە بىرەر ئالىي –ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىن بىر كىشىلىك خىزمەت چىقماپتۇ.
يېقىنقى بىر -ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە يازمىلىرى بېلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۈلەن) ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇپ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش جەريانىدا تۈركىيىگە بېرىپ ئۆگۈنۈش-تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇيغۇر ، خەنزۇ ،ئىنگلىز، تۈرك تىللىرىنى بىلىدىغان بۇ تالانىت ئىگىسى  ھازىر قەشقەردىكى بىر خۇسۇسىي تىل مەكتىپىدە چەتئەل تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.

بىزدە ئۆز بىلىمى، قابىلىيىتىگە تۇشلۇق بىرەر ئۇنۋېرسىتېت ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تېگىىشلىك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەيۋاتقان يۇقۇرقىدەك كۆپ تىللىق، مول بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ياش زىيالىيلار كۆپ بولمىسىمۇ خېلى بار. ئۇنۋېرسىتېتلىرىمىز نېمىدەپ يېڭى ۋەزىيەت تەققەززاسىغا ماسلىشالمايۋاتقان، بىلىمى كونىراپ كاللىسى قۇرۇقدىلىنىپ قېلىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى شاللىۋېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا شۇنداقلارنى تاللاپ ئىشقا قويمايدۇ؟ بۇنىڭ بولمايدىغان  نەرى بار؟

باشقا ساھەنى قويۇپ ئۆزۈم ئوقۇغان ئاخباراتچىلىق كەسپىنى ئېلىپ ئېيىتقاندا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەركىسى بولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ،كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ھازىرقى مۇكەممەل ھالەتتىكى مۇستەقىل فاكولتېتقا تەرەققىي قىلىپ ، رايونىمىزنىڭ ئاخباراتچىلىق ساھەسىگە تالاي كەسپىي خادىملارنى تەربىيلەپ بەرگەنلىكى راسىت.ئەمما ، بۇ كەسپىي خادىملار مەكتەپتە ئۆگەنگەن « ئاخبارات پارتىيىنىڭ كارنىيى» ،« ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش» تىن ئىبارەت ئاخباراتچىلىقنىڭ بىرلا تەرىپىگە ئېسىلىۋېلىپ ، ئاخباراتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىن چەتنىدى. ھەتتا ئاخباراتنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بېلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىغا سەل قارىدى.ئاخباراتنىڭ بەش ئامىلىنى جان بېقىشنىڭ ، مەنسەپ تۇتۇشنىڭ ، ئۇنۋان ئېلىشنىڭ، پۇل تېپىشنىڭ ، يۈز تېپىشنىڭ بەش ئامىلىغا ئايلاندۇرىۋەتتى.بەزىلىرى مەنپەتدارلار گۇرۇھىدىكىلەر ۋە باي زەردارلارنى ماقتاپ يېزىپ كىتاب چىقىرىپ نەپ ئالسا يەنە بەزىلىرى ئەمەلدارلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ ھارمايدىغان مالايغا ئايلاندى .

ئەلبەتتە ، رەھبەرلەرنىڭ يىغىن نۇتقى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ موھىم ئاخباراتىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمما، ئۇ پۈتكۈل ئاخبارات خەۋەرچىلىك سىستېمىسىنىڭ پەقەت مۇئەييەن قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ يادروسى بولالمايدۇ.بۇنى ئاخبارات ئىلمىنىڭ خاراكتىرى ئېنىق بەلگۈلىگەن.ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ ئاخباراتلىق يىپ ئۇچى تېپىش، ئاخباراتلىق تىپلارنى بايقاش ، ئاخباراتلىق پاكىتلارنى قېزىش ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ.بۇ تەلەپتىن چەتنىگەن ئاخبارات خەۋسەرلىرى خۇددى قۇرۇق سېياسىي شوئارلاردەك ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالمايلا قالماي ئوقۇرمەن ۋە كۆرۈرمەنلەرنى بىزار قىلىدۇ.نۆۋەتتە مەركىزىي تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ۋە ئاخبارات-نەشەرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ مۇخبىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا ، ئامما ئارىسىغا چۆكۈشكە چاقىرىق قىلىشىمۇ شۇ ۋەجىدىندۇر.

  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تىلدىكى ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىدا « ئاخبارات پارتىيىنىڭ كارنىيى » ،« ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش»تەك جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئاخباراتچىلىق خىزمىتىنىڭ تۈپ يۆنلىشىدە باشتىن –ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ  ئەمما ، ئاخباراتچىلىق خىزمىتىنىڭ پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى  بېلەن مۇناسىۋەت باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولى، ئاممىنىڭ ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىكى رولى ۋە  تەنقىدى خەۋەرلەر ئارقىلىق ئىجابىي ئۈنۈم يارىتىشتىكى رولى يېتەرلىك دەرىجىدە نەزەرگە ئېلىنمىدى. ئاخباراتتا نوقۇل يۇقۇرىنىڭ ساداسىنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈشتەك تاق يونىلىشلىك خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىدىن ۋە« ھاشىماخۇن توخۇ بېقىپ باي بولدى»،«بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن مۇنچە  پىرسەنىت ئاشتى»دېگەندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى تار رامكىدىن  كۆپ ھالقىپ كېتەلمىدى . ھەتتا ، كۆپ قىسىم ئاخباراتچىلار ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىدىكى  مىللىي خاسلىقىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ،  خەنزۇچە خەۋەر ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، تەھرىرلەپ  بېسىپ تارقىتىپ ، تەييارغا ھەييار بولۇپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان جانباقتى مىللىي ئاخباتراتچىلار قوشۇنى بولۇپ شەكىللەندى. ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئاخباراتچىلىق كەسپىدە مۇنتىزىم تەربىيىلەنگە چۇشلۇق بۇ خىل پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى زامانغا خاس ھالەتتىكى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ؛ ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرى ئارىسىدىنمۇ ئاخباراتچىلىق ئىلمىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆلچىمىگە توشىدىغان داڭلىق مۇخبىر،داڭلىق تەھرىر، داڭلىق رىياسەتچى،داڭلىق ئاخبارات ئوبزورچىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىش  يوللىرى ھەققىدە قايتا ئىزدىنىش ھەققىدە ھېچقانداق ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى  ئېلىپ بېرىپ باققىنى يوق. بۇ ھال ئۇيغۇر جامائىتىگە تېخچە مۇخبىرسىزلىق ھالىتىنى ھېس قىلدۇرماقتا.

1972-يىلى 6-ئايدا يۈز بەرگەن ئامېرىكىدىكى «يورۇق بىنا ۋەقەسى»پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە سالدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ  شۇ ۋەقەگە چېتىشلىق بولغان دېمىگراتچىلار پارتىيىسىنىڭ سايلامغا ئائىت ئاخباراتىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش سەتچىلىكىنى«ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ئىككى مۇخبىرى يەنىمۇ ئىز قوغلاپ ۋە ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ ، بۇ سەتچىلىكنىڭ ئاقسارايغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇنىڭ بېلەن بۇ ئىككى مۇخبىر 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى نېكسوننى ئامېرىكىنىڭ پېرزېنىتلىق ھوقۇقىدىن ئىستىپاھ بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. مانا بۇ مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمتىيازدۇۇر!

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى(BBC (،  « ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» ، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ يۇقۇرى ئىقتىزادىي قىممىەت يارىتىش  جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بېلەنلا ئەمەس يەنە ئاخباراتنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىشتىكى ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بېلەنمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا ئاخباراتنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان تۆت تادودەكلا موھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
     يۇقۇرقىلارنى جۇڭگونىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ماس كەلمەيدىغان غەرىب ئاخباراتچىلىقىنىڭ مەھسۇلى دېگەن ھالەتتىمۇ ، مەملىكەت ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە خېلى زور تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە كۆز يۇمۇشقا ئامالسىزمىز.  زامانىمىزدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ كۆپ خىللىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەنزۇ ئاخبارات ساھەسىدە كەسكىن ئىسلاھات ئارقىلىق  مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس خەلقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە بولغان « جەنۇب ئازنىسى گېزىتى» ،«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى »، «جەنۇب كۆزنىكى » ۋە  «مالىيە ژۇرنىلى » دەك  داڭلىق گېزىت ژۇرناللار ؛ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» دەك نادىر سەھىپىلىك پروگراممىلار مەيدانغا كەلدى.
      مۇستەقىل مەيدانى بار جۇڭگو ژۇرنالىسىتلىرى-مۇخبىرلىرى  ئىچىدە  خۇشۇلى خانىمنى ىالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەەرزىيدۇ. ژۇرنالىسىتلىق كەسپىدە  مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن  خۇشۈلۇ خانىم پارتىيە گېزىتىدا ئىىشلەپ تەييارغا ھەييار بولۇش ئىىدىيىسى بېلەن خوشلىشىپ،1998-يىلى «مالىيە» ژۇرنىلىنى  تەسىس قىلدى. مۇشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنپ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان «قارا پەردە ئىچىدىكى فونىد»،«بانكىلارنىڭ  ئىگىسى يوقمۇ»،«قەرىز ئېېلىشتىكى قارا ئۆڭكۈر»،«كان ھادىسلىرىنىڭ  مەنبەسىنى ئىزدەش»،«سوڭخۇاجىياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ بۇلغىنىش ھادىسىسى»،«شاڭخەي ئىجتىماىىي كاپالىتىدىكى خەتەرلىك مەبلەغ»...قاتارلىق ساھەلەر ىارا يوشۇرۇن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان،  يۇقۇرى قاتلامغىچە باغلىنىشى بولغان، ھېچكىم تېگىشكە پېتىنالمايدىغان ئەڭ نازۇك، جىددىي مەسىلىلەرنى يۈرەكلىك ھالدا ئېلان قىلدى. ىۇ ئېلان قىلغان 2003-يىلىدىكى سارىس ھەققىدىكى ئۇۇلانما ماقالىلەر خەلقىارا ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى»ئۇنىڭغا «ئاسىيا يۇلتۇزى»، «جۇڭگودىكى ئەڭ قىممىتى بار مالىيە مۇخبىرى »، ھەتتا«ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئايال»دېگەن ناملارنى بەردى.2011-يىلى ئامېرىكا «دەۋىر »ژۇرنىلى ئېلان قىلغان يەر شارىدىكى  تەسىرى ئەڭ زور 100شەخىسنى باھالاشتا نامزاتلىققا تاللاندى. خۇشۈلى خانىم ئېرىشكەن خەلقىارالىق شان-شەرەپلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىغا تالاي بېسىم، تەھدىد، توسالغۇلارغا پىسەنىت قىلماي جېنىنى ئالقىنىغا ىېلىپ قويۇپ تۇرۇپ، مەنپەىەتدار گۇرۇھلارنىڭ ئەمەس بەلكى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەىەتى ئۈچۈن ھەق سۆزلەشكە جۈرىەت قىلالىغان ھەقىقى ژۇرنالىسىتلارغا خاس مەسىۇلىيەت ئېڭى چاقناپ تۇرىدۇ.

            خەنزۇ ئاخباراتچىلىرى ئىچىدە  ھەتتا    ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ياقىلاش ،ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداش،چىرىلىكنىڭ يىلتىزىنى قېزىش جەھەتتە بىر قىسىم مۇخبىرلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچرىشىدەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى.ئالدىنقى يىللاردا   سەنشىيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا كۆچۈرۈلگەن كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەبلەغ جەھەتتە كۆرۈلگەن چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ يىلتىزىنى  ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ پاكىت توپلىغان بىر مۇخبىرنى يەرلىكتىكى ساقچى دائىرلىرى بېيجىڭغىچە قوغلاپ بېرىشتەك مەملىكەت ئىچىنى زىل-زىلىگە سالغان ۋەقەلەرمۇ سادىر بولدى. بۇنىڭغا قارىتا دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشىرىيات باش مەھكىمىسى مۇخبىرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس قىزىل باشلىق ھۆجقەتلەرنى بېسىپ تارقاتتى.

         جۇڭگو ۋە چەتئەل ئاخباراتچىلىق تۈزۈلمىسىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  تېرىتورىيىسىدىكى  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇرئاخباراتچىلىق ساھەسى سۈت ئۇيقۇسىدا يېتىپ كونا پەدىدە مۇقام توۋلاشنى داۋام ئەتمەكتە. زامانىمىزدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ كۆپ خىللىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر جامائىتىمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى، كۈچلۈك دەۋىر تۇيغۇسىغا ئىگە ،   مىللەتنىڭ قايغۇسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يېڭى بىر تۈركۈم  ئۇيغۇر ژۇرنالىسىت-ئاخباراتچىلىرىغا جىددىي مۇھتاج بولماقتا.

       بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ژۇرنالىىىتلىرى ئىچىدە بارماقلىرىمىز قۇربان مامۇت ئەپەندى بېلەن ئۇ باشقۇرغان« شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىدىن باشقا يەنە كىملەر ۋە قانداق ژۇرناللارنى ساناشنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ.« تەڭرىتاغ » ئەدەبىي ژۇرنىلى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ئۆزىگە خاس مەتانەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان پارتىيىنىڭ« ئىككى ھەممە » ( ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش ، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش ) لۇشىيەنىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ ، يەنە شۇ پارتىيىنىڭ « ئىككى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش » ( سوتسىيالىزىم ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ) لۇشىيەنىنىڭ سادىق ئىجراچىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە مەيلى« ئىككى ھەممە » بولسۇن ياكى « ئىككى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش » بولسۇن ھەممىسىلا جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىققان ئەدەبىيات-سەنئەت ، ئىدىيە-تەشۋىقات ساھەسىدىكى يۆنىلىش خاراەكتىرلىك سېياسەتلەر بولۇپ نوقۇل بىرىگىلا ئەمەل قىلىپ يەنە بىرىگە سەل قارىغاندا ئەدەبىيات-سەنئەت ، ئىدىيە-تەشۋىقات خىزمىتىنى گۈللەپ-ياشنىتىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.يەنە كېلىپ ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسى  ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلەر ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇستەقىل پەن بولۇش سۈپىتى بېلەن نىسبىي مۇستەقىللىل ئاساسىدىكى مۇئەييەن پىكىر ئەركىنلىكىنى تەققەززا قىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ پارتىيىنىڭ «ئىككى ھەممە »لۇشىيەنىگە بەكرەك مايىل بولۇشىنى سېياسىي خاتالىق نۇقتىسىن چۈشىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

     ئاخبارات ساھەيىمىزدە « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى » بېلەن « ئاسىيا كىندىكى » گېزىتى بى مەھەل ئاخبارات ئىلمىنىڭ تۈپكى ماھىيىتىنى چىقىش قىلغان ئىسلاھاتلار ئارقىلىق قىياپەت يېڭىلاپ ئۇيغۇر يېڭى زامان ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە مۇئەييەن جانلىنىش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ ئەمما ، كەينىگە يېنىپ كونا مۇقامغا دەسسەش سەۋەنلىكىدىن خالىي بولالمىدى.ئەمەلىيەتتە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشنى كۈچەپ تەكىتلەش بېلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تەنقىدى يوسۇندا خەۋەر قىلىشنى ھېچقاچان پەرمان چۈشۈرۈپ چەكلىگەن ئەمەس. ئەكسىچە ھەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي-يىغىنلاردا بۇنداق مەسىلىلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. مەسىلەن : پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش ، ئەدلىيىدىكى چىرىكلىكنى تۈگىتىش، دېمىگراتىك سېياسىينى يولغا قويۇش، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ، چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇش مەسىلىسى ئىزچىل تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.
      
    بولۇپمۇ   2010-يىلى 5-ئايدا مەركەزدە چاقىرىلغان شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ۋە  ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىتراتېگىيلىك تەدبىرلەر بېكىتىلدى.ئەمىنلىك دېگەن نېمە؟ ئەمىنلىك نەدىن كېلىدۇ؟ئەمىنلىك شۇ يەرلىكتىكى خەلقنىڭ سېياسەت ۋە قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكىدىن، ئىجدىمائىي ئادىللىقتىن، شۇ جەمئىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئادىمىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىن، ئۇلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، غەم-قايغۇلىرى، شەرەپ-نومۇس تۇيغۇلىرىنى توللۇق نەزەرگە ئېلىشتىن كېلىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟رايونىمىزدا ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر قايسى؟ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبلىرىچۇ؟«ئادەمنى ئاساس قىلىش»چاقىرغىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرسى رايونىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھۋالدا مۇشۇ رايوندىكى ئادەملەرنىڭ جىسمىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ سۆزلەش-يېزىش ئەركىنلىكى، دوپپىسى، ياغلىقى، ساقال-بۇرۇتلىرى، دىنىي ئېتىقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىك تەركىپلىرىمۇ ئاساس قىلىندىمۇ-يوق؟ مانا بۇ بىر قاتار يېڭى تېمىلارغا جاۋاب تېپىش  يېقىندا يۈز بەرگەن پاكىتلارنى ئەينەن خاتىرلەپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى خەت يازالايدىغان ساۋادلىق مۇخبىرلارنى ئەمەس بەلكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ قايغۇسىنى قىلالايدىغان، مەسىلىلەرنى ماھىيىتىگە يېتىپ ، چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆتمۈش بېلەن كەلگۈسى ، دۇنيا بېلەن رايونىمىزنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيدىغان مول بىلىمگە ئىگە ئېتىقاتى كۈچلۈك يېڭى ئاخبارات خادىملىرىغا تېخىمۇ مۇھتاج بولماقتا.  
       بۇ ھال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تىلدىكى ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىغا جىددىي كېرەكلىك تايانىچ خادىملارنى تەربىيلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش فاكولتېتىنىڭ ئىلگىرىكى خەت يازالايدىغان ساۋادلىق ئاخبارات خادىملىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشتىن مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە كىرزىس تۇيغۇسىغا ئىگە ئاخبارات خادىملىرىنى تەربىيلەپ چىقىشتەك سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىشىنى تېخىمۇ جىددىي تەقەززا قىلماقتا.

« ئۇنۋېرسىتېت ئۇقۇمى»دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى نېۋمان ئۇنۋېرسىتېتقا « بىلىم ئەسلىدىنلا مەقسەت ئۈچۈندۇر» دەپ ئېنىقلىما بەرگەندەك ئۇنۋېرسىتېت ئىنسانىيەت ئەقىل، ئىدراك ۋە بىلىمىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋە بېرىشىىنى پاكىزە -ساپ مۇھىت  ۋە مۇتبەت تۇپراق بېلەن تەمىن ئېتىشى كېرەككى، مەمۇرىيەت ۋە ئىمتىياز ھەيۋىسى بېلەن بۇ تۇپراقنى بۇلغاپ ، ئەقىل-پاراسەت گۈل-غۇنچىلىرىنى  پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋە بېرىشىتىن مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك.
       ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش چاقىرىقى توختىماي توۋلىنىۋاتقان بۈگۈنىكى زامانىمىزدا مائارىپتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە بەخىت-سائادەت ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان  بۇ ئۇقۇمنىڭ قانداقتۇر  بىلىپ-بىلمەي ئادەمگە نىسبەتەن بىرلەمچى ئورۇنغا ئۆتىۋېلىپ ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت، ئىدراك ۋە بىلىم بەخىش ئېتىپ ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك قەدر قىممىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا بېسىم، ئازاپ ھەتتا ماماتلىق ئېلىپ كېلىدىغان قاتىلغا ئايلىنىپ قېلىشى كىشىدە تەئەجۈپلۈك ئوي-پىكىرلەرنى قوزغىماي قالمايدۇ.

       نەچچە يىللار ئاۋال جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى جىنخۇا 4-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 2-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شۈ لىنىڭ مەكتەپ بېسىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىگە چىدىماي ئۆز ئاپىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى پۈتكۈل جۇڭگو جەمئىيىتىنى زىل-زىلىگە سالغانىدى.
گۇاڭدوڭدا چىقىدىغان «جەنۇب كۆزنىكى »ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان « ئەقىل-پاراسەتنىڭ خورىشى »ناملىق بىر ماقالىدە مۇنداق ئىشلار يېزىلغان : شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپ يۇقۇرنىڭ تەكشۈرىشىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كپمېتىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ مەجبۇرىي يادلاتقۇزغان.گۇيياڭ شەھرى مەملىكەت بويىچە تازىلىقتا پاكىز شەھەرلەرنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن « ساغلاملىق تەربىيىسى ئۇنۋېرسال بىلىملىرى »گە ئائىت 113سۇئال-جاۋابنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يادلاتقۇزغان.نەتىجىدە باشلانغۇچ مەكتەپ5-يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى سۇئال-جاۋابنى توللۇق يادلاپ بولالمىغاچقا سىنىپ مۇدىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىدىغان كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› دۇرنىلىنىڭ 2001-يىل5-سانىدىكى نۇرمۇھەممەت توختى ئەپەندى يازغان ‹‹ شائىرغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە ›› ناملىق ئۇلانما ماقالىسىدە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ شىۋۇل يېزىسىدىكى بىر نامرات دېھقان قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككى بالىسى 40يۇەن ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالغاندا دادىدىسى مىڭ بالالىقتا ئاران 20يۇەن ئوقۇش پۇلىنىڭ ئامالىنى قىلىپ بېرەلىگەنلىكى؛ئەشۇ 20يۇەن ئوقۇش پۇلىنى 13ياشلىق ئاكىسى 11ياشلىق سىڭلىسىغا ئۆتۈنۈپ، سىڭلىسىنىڭ نورمال ئوقۇشىغا شارئىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىلىپ ئۆلىۋالغانلىقىنى يازغان.

     مائارىپنىڭ تۈپكى مەقسىدى ئادەمگە بىلىم بېرىش، ئادەمنى مەنىۋى تاكاموللۇققايەتكۈزۈش.دېمەك مائارىپ ئادەم-ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما ، ئىنسان بېلەن مائارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن  ئىبارەت بۇ تۈپ پىرىنسىپتىن چەتنەپ، مائارىپنى بىرلەمچى، ئادەمنى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ،ئىنسان تەبىئىتىدىكى مائارىپقا بولغان تەبىئىي ئىنتىلىش ئارزۇلىرىنى پايخان قىلىپ،ئىنسان تەبىئىتىگە يات بولغان سۈنئىي ئۇسۇلدىكى زورلۇق ۋاستىلەرنى مائارىپنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ۋاستىسىغا ئايلاندۇرىۋالغاندا يۇقۇرقىدەك پاجىئەلەردىن مۇستەسنا بولماق بەھىس مۈشكۈلدۇر.

«ھەممەيلەن ئىلىم – بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ دەيمىز؛ مەن كۆپ ئوقۇغان، ئەمما تەقدىرىم ھېچبىر ئۆزگەرمىدى.»مانا بۇ سۆزنى-2009يىلى شاڭخەي دېڭىز ئىشلىرى ئۇنىۋېرستېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى يۈئەن  ئۆلۈۋېلىش ئالدىدا ئېيتقان. «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى» نىڭ ئون مىڭ كىشى قاتناشقان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %34 كىشى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانغا پۇشايمان قىلغان. %51كىشى «ئالىي مەكتەپتە پايدىلانغىدەك نەرسىدىن ھېچنېمىنى ئۆگىنەلمىدىم» دەپ قارىغان .تەكشۈرىلىشىچە كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ئىمتاھان رىقابىتى ۋە بېسىمىدىن تالاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىسخىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.تولۇق بولمىغان سىتاتېسكىغا ئاساسلانغاندا بېيجىڭدىكى سىتودېنىتلار ئىچىدە ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 100مىڭگە يېتىدىكەن.2009-يىلى چوڭچىڭدا بىرمۇنچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان . خۇبېي ئۆلكىسىدە 26 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كەچكەن .
2010- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 2009 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 65 مىڭ نەپەر ئازلىغان. يېڭىچە «ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق نەزىرىيىسى » باش كۆتۈرۈۋاتقان پەيتتە «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»دە بىر كىچىك ھېكايە ئېلان قىلىنغان . ھېكايىدە بىر نەۋرە ئاكا – ئۇكىلار تىلغا ئېلىنغان، ئۇكىسى رېمونىتچىلىق قىلىپ ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500 يۈئەن كىرىم قىلغان، ئاكىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە خىزمەت تاپالمىغان. رېمونتچى ئىنىسى  بۇ ئىشنىڭ ئاكىسىغا بەكمۇ ھار كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ  «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قالمىغىنىمغا يۈزمىڭ شۈكرى» دېگەن. نېمىشقا ئالىي مەكتەپ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىدى ؟ ئېھتىمال،بۇ بىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك.

      ماقالەمنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى يېزىۋاتقاندا لىيۇ مولىن ئەپەندىنىڭ مۇنۇ قۇرلىرىنى ئەسلەپ قالدىم :« چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىشقەدەم مۇدىرى مېي تەيجىنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار : ‹ ئۇنۋېرسىتېتتا بىنا بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەمما پىر –ئۇستازلار بولمىسا بولمايدۇ › .شۇ چاغلاردا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدا لىياڭ چىچاۋ، چېن فۇكې ، ۋاڭ گوۋېي ، جاۋ يۇەنرېن قاتارلىق تۆت نەپەر مەشھۇر دۆلەت ئۇستازلىرى بار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ شان –شۆھرىتى ئاللىقاچان دەۋىرداش مەكتەپلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بىراق ھازىرچۇ ؟ ئارىدىن 100يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى خەلق سارىيىدا ئولتۇرىدىغان مەكتەپداشلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەجىبا ، ئەمدىلىكتە : ‹ئۇنۋېرسىتېتقا كاتتا ئەمەلدارلار بولمىسا بولمايدۇ › دېسە مۇۋاپىق بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟!» [5]

    ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك مائارىپ ئسلاھاتىدىكى تالاي-ئەگىر توقاي يوللار ئارقىلىق ئاخىر بىر تۈپ-تۈز داغدام يولنىڭ ئېچىلىشىمۇ مۇقەرەر. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن  ھازىر دۆلتىمىز مائارىپى دۇنياۋى ئالدىنقى ئېقىمدىكى ئۇنۋېرسىتېت قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتقان ئۇنۋېرسىتېتلاردىكى مەمۇرىيەتنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىش،مەمۇرىيەت  بېلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايرىش جەھەتتە ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاكىمىلەر –تەتقىقاتلار ئارقىلىق بۇ ساھەدە ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنى ئېلىشقا باشلىدى. ئىنتېنېت تورىدىكى خەۋەرلەردىن شېنجېن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ  ئەشۇ خىلدىكى ئىسلاھاتنىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللانغانلىقى مەلۇم بولدى. دۆلەت مائارىپىنىڭ ئەمدىكى مۇھاكىمە تېمىلىرى دۆلەت ئۇستازى (国师)يېتىشتۈرۈش مۇساپىسى ئۈستىدە مەنا تاپماقتا.

     بىزنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەيىمىز بولسا تېخىچە دىپلوم ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ زاۋۇتلارنىڭ كېلەڭسىز ھالىتىنى قانداق ئۆزگەرتىش مەقسىدىدە يەنە قوشۇۋېتىش ۋە يەنە ئايرىۋېتىشتەك تىكىپ سۆكۈشنى مەنبە قىلغان ئىزدىنىش ئۈستىدە كېتىۋاتماقتا. ئەمما ، مەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان تۈركۈم-تۈركۈم بىراك ماللىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە توپا-چاڭلارنىڭ ئارىسىدا قېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن.
      مەن ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە شاپائىتى بېلەن رايونىمىزدىكى ئىككى دېپلوم زاۋۇتىنىڭ ئىككى كېنىشكىسىغا ئېرىشكەنلىكىمنى تەن ئالماي تۇرالمايمەن. بۇ يەردە  پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە شاپائىتىنى شىپى كەلتۈرۈشۈم بىكار ئەمەس . چۈنكى ، مەن ئوقۇغان زامانلاردا ئەشۇ دېپلوم زاۋۇتلىرى تېخى بازارغا تولۇق ئېچىۋېتىلمىگەچكە ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتىگە تايىنىپ دېپلوم ئىشلەپ چىقىراتتى. شۇڭا مەنمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپ بەدەللەرنى تۆلىمەيلا قىممەتلىك ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىنى سەررپ قىلىش بەدىلىگە ئەشۇ دېپلوملارغا ئېرىشكەنىدىم . ئەمدىلىكتە ئويلاپ باقسام مەن خەجلىگەن ئۆمۈر تۆلەشكە تېگىشلىك ئوقۇش راسخودىدىنمۇ نەچچە ھەسسە قىممەتلىككەن.
    خەيرىيەت ، خىزمەتكە چىققىلىمۇ 20نەچچە يىل بوپتۇ. شۇ چاغقىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغان ئىككى يىللىق ھاياتىم بەدىلىگە كەلگەن دېپلومنىڭلا نېنىنى يەپ كەپتىمەن . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ  ئاخبارات كەسپىدە تۆت يىللىق ۋاقتىمنى سېتىپ ئېرىشكەن دېپلومىمغا تېخى نۆۋەت كەلمىگەندەك قىلىدۇ. بەزىدە  تۆت يىللىق قىممەتلىك ۋاقتىم بەدىلىگە كەلگەن ئەشۇ دېپلومنى خەلق پۇلىغا تېگىىشىۋېتىشنىمۇ ئويلاپ قالىمەن. ئەمما ، ئۇنىڭ نەقىغە چىقىدىغان ئادەم بارمىدۇ ؟ بەلكىم ، بۈگۈنكى كۈندە تالاي قۇرۇق گەپلەر بەدىلىگە كەلگەن توپا بېسىپ ياتقان ئەشۇ دېپلومغا تاپاۋىتى ئوبدان بىرەر ناۋاي ياكى بىرەر موزدوز كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمايدۇ ، دېسە ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن.  چۈنكى ، ناۋاي بېلەن موزدوز  قۇرۇق گەپكە تايىنىپ ئەمەس، مۇستەقىل تەپەككۇرى ۋە ئەمەلىي ئەمگىكىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ.    
  
         -2011يىلى 9-ئاينىڭ ئاينىڭ 15 كۈنى ،بېيجىڭ ئونۋىرىستىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروففېىسۇرى جاڭ ۋېييىڭ ئەپەندى2011-يىللىق دائۇس مۇنبىرىدە : جۇڭگۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق مائارىپى مەغلۇپ بولدى،بۇ مەغلۇبىيەتتە ، مائارىپ ئادەم تەربىيلىگەندە تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشىغا ئەھمىيەت بەرمىدى،تەربىلەنگۈچىلەرنىڭ ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بەرمىدى،دەپ كۆرسەتتى. جاڭ ۋېييىڭ ئەپەندى يەنە ، مۇبادا مەكتەپلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بىلىمى قاتتىق تۈۋەنلەپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ئەمما ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئەخلاق سەۋىيىسى قاتتىق يۈكسىلەتتى،چۈنكى «بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ يالغان گەپ بىلەن ئادەم تەربىلەيمىز.بۇ ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مىللى ساپايىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.» دېگەنىدى.

    مەيلى نېمىلا دېمەيلى ، ئەلۋەتتە ئالى مەكتەپلەر مەيلى بىراك مال ئىشلەپچقىرىدىغان دېپلوم زاۋۇتىغا ئايلىنىپ قالسۇن ،ئالىي مەكتەپلەرنى پۇتتەرگەنلەر مەيلى بىراك مال بولۇپ داتلىشىپ كېتىۋاتقان بولمىسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمىيلىق ئىچىدىكى قىسمەنلىكتۇر.قەلبىمىزدە يەنىلا پىلىلداپ تۇرغان ئادىمىلىككە خاس ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىلا بولىدىكەن،  ۋېنجىياباۋ  زۇڭلى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كۆرسەتكەن تۇزۇلمىلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشىدىغانلا بولسىلا  ئاشۇ دات باسقان ئاتالمىش بىراك ماللار ئارسىدىن چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىدىغانلىغىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.چۈنكى ، تۇزۇلمىنىڭ ئادەمنىڭ جۇشقۇنلىقىغا ، ئىجادچانلىقىغا ماھىيەتلىك  تەسر كۆرسىتەلەيدىغانلىغىى ھەممىمىزگە ئايان. ھازىرغىچە بىز نۇرغۇنىلغان ئىلھاملاندۇرۇش كىتاپلىرى بىلەن تونۇشقان بولدۇق ، ئەمما ئەڭ زورئىلھاملاندۇرۇشنىڭ يەنىلا بىر خىل يىپ يېڭى  تۇزۇلمىنىڭ ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇشى بولۇشىنى تەقەززالىق بېلەن كۈتمەكتىمىز .6-ئومۇمنىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش چاقىرىقىنىڭ مەدەنىيەتنىڭ قوزغىتىش نۇقتىسى  بولغان  مائارىپنى  ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مائارىپقا بولغان تەبىئىي مايىللىقىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ ئازادە، كىشى كۆڭلىگە تېخىمۇ ياقىدىغان نۇرغۇن ئارامبەخىش تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىغا تېخىمۇ تەقەززامىز.





2011-يىل نويابىر ، شەھىرى ئاقسۇدا تاماملاندى


ئىزاھلار :
[1]،[2]،[3]،[4]،[5] « تاللانغان فېليەتونلار »ژۇرنىلى 2011-يىل 6- ئالدىنقى يېرىم ئايلىق ساننىڭ 16-بېتىگە قارالسۇن.

ھازىرغىچە 11 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bulaksu + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
zzirak + 1
wolf007 + 100 بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتەر...
izbasar` + 50 ياخشى تېما
希特勒1 + 100 يارايسىز ھەقىقەتەن نوچى تىمىكەن !!!!!!!!
suzuk-ay + 200 ئەتراپلىق تېما!
ALIMJAN580 + 100 ئىنتايىن ياخشى يىزىلغان
kvyqi2 + 20 جىڭ !!!!
مەھمۇد + 500 نادىر تىما!
OZTURK02 + 999 بۇ بىر ھەقىقەت
motiwarlar + 20 نادىر تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2090  مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29440
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17523
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5757 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:47:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىغا نىمە دىيىشىم كېرەكلىگىنى بىلەلمىدىم ،قېنى باشقىلارنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ باقاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53908
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3058
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن،رەخمەت.

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3670
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 06:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىپلۇم مۇھىم دە ئەلۋەتتە بىلىم بولمسىمۇ دىپلۇم بولسلا ئىشقا ئۇرۇنلشىۋاتقانلار كۈرمىڭ ھازىر جەمىيىتمىزدە.

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62510
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2011-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 06:34:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى ئەلكۈيىدە ئوقۇغان ئىدىم، ھازىر قارىسام يوق، ئۆچۈرۈۋەتكەن ئوخشايدۇ. مۇشۇنداق بىر نادىر ماقالىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.  
‹‹مىسرانىم»نىڭ بۇ ماقالىغا كەڭ قۇچاق ئاچقانلىقىدىن بەك خۇش بولدۇم.
مىسرانىم تور بېتىگە ۋە ئاپتورغا رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60437
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4170
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 07:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇسى قالتىسكەن، بەك جىقكەن بېسىپ بولغىچە تازا قىينالغانسىز، قانداقمۇ بۇنچە ئۇزۇن ماقالىنى يېزىپ بولغانسىز دەيمەن.

تىزىملاتقان ئىسمىمنى ئامىلەگە ئۆزگەرتكۈم بار ئىدى.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22487
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6334 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 07:49:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز....بۇگۈن مۇنبەرگە بىراقلا ئىككى نادىر تىما چىقىپتۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29428
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5440
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 6199 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 07:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق گەپلەرنى مۇشۇنداق سىستىمىلىق ھالدا بىر ئەسەر سۈپىتىدە دىيىشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت.
ئارتۇق گەپكە ھاجەت يوق، نادىرلەشنى تەلەپ قىلىمەن.

ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 07:52:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش