جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى 1- نويابىر ئۈرۈمچىدە «ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە ئېلىمىزدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەر تاپشۇرۇلغان بولۇپ، 27 پارچە ماقالە ئوقۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى.
ئەلشىر نەۋايى 15-ئەسىردىكى ئېلىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر شائىرى، مۇتەپپەكۇرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى. ئۇ ئۆمىرىدە تۈرلۈك ژانىردىكى شېئىر، خاتىرە ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىجاد قىلىپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراس قالدۇرغان بولۇپ، ئېلىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تەسىرگە ئىگە. ئۇ ئىجاد قىلغان شېئىرلاردا ئەينى دەۋردىكى فېئودال ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىدىيىۋى قارىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شۇ دەۋر جەمئىيىتىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى مەدھىيىلەنگەن. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى جاھالەتچىلىكنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، ئادىمىيىلىك غورۇرغا ھۆرمەت قىلىپ، ئادىمىيىلىك ئازاد يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ پەلسەپەۋىيىلىككە ئىگە ئىبرەتلىك سۆز ئىبارىلىرى تا بۈگۈنگە قەدەر ئەل ئىچىدە تارقالماقتا. ئۇنىڭ تەسىرلىك مىسرالىرى بۈگۈنكى مۇقام تېكىستلىرىدە ساقلانماقتا. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىتتىپاق دوستانە بولۇش، خەلقچىل غەمخورلۇق، تىنچ بىرگە ئۆتۈش ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن. سەنئەت جەھەتتە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي تۈسى ئىپادىلىنىپ، ھەرقانداق مىللەت، رايون، دىنى ئېتقاتتىن ھالقىغان ئىستېتىك قارىشى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسىرى تارىخ، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، تىلشۇناسلىق، ئېتىكا ۋە پەلسەپە مۇجەسسەملەشكەن قامۇس بولۇپ، دەۋر ئەھمىيىتى ۋە مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە.
ئەلشىر نەۋايىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1991-يىلنى «نەۋايى يىلى» دەپ بېكىتىپ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئىلىم ساھەسىدە «نەۋايى ئىلمىي» قىزغىنلىقىنى قوزغاتقان. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پەخىرى، ئۇنىڭ ئەدەبىياتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەنسۇپ، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەنسۇپ.
ئېلىمىز نەۋايى ئەسەرلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە ئىنايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىنجاڭدا ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەل ئىچىدىن نەۋايىنىڭ كۆچۈرۈلگەن قول يازمىدىن 400 نەچچە پارچە بايقالغان. 1957-يىلى يەكەندە 150 پارچە كۆچۈرۈلگەن قول يازمىسى يىغىلغان، قەشقەر، كۇچا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ تۈرلۈك نەپىس كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلار بار. بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى رەتلەپ نەشىر قىلىغان «ئەلشىر نەۋايى توپلىمى» دىكى 30 تومدىكى تۆت توم «چاھار دىيان» تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلگەن. بۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ زور مەبلەغ سېلىپ، بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، قول يازمىنى توپلاش، سېلىشتۇرۇپ قايتا يېزىش، كىرگۈزۈش، كورېكتورلۇق قىلىش قاتارلىق جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق، ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىبارەت جەمئىي 12 قىسىم بىلەن دۇنياغا كەلگەن. «ئەلشىر نەۋايى توپلىمى»نىڭ رەتلىنىپ نەشىر قىلىنىشى، ئېلىمىز پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئېلىمىز بۇ ئىلىم ساھەسىدىكى سەۋىيىسى ۋە نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇ ئىلىم ساھەسىدىكى سۆز ھوقۇقى تولۇق نامايان قىلىندى.
يىغىندا «مىرسۇلتان ئوسمان، جاڭ خۇڭچاۋنىڭ نەۋايى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيەت تورى (ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تورى)