مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6075|ئىنكاس: 70

قايتا ئىچىلغان بەخت(مەلىكە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19606
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7370 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 01:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قايتا ئىچىلغان بەخت
ئاپتورى:مەلىكە




بىرىنجى بۆلۈم



ئىغىر سۈكۈنات ئىچىدە قەدەملىرىمنى ھالسىز يۆتكىمەكتىمەن...كىتىۋاتىمەن، مىڭىۋاتىمەن، ئەتراپىمدىكى كىشلەر ماڭا ھەيران بولغىنىچە يول بوشىتىپ بىر-بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا كۇسۇرلاشقىنىچە ئارقامدىن قاراپ قالماقتا...

مەن نىمە بولدۇم؟ نىمىشقا بۇنداق ئىغىر غەمگە قالغان كىشىدەك مىڭىپ كىتىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ سىزەلمىگەندەك ئالدىمغا ھاڭۋاققىنىمچە كىتىۋاتىمەن...
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە،مەنمۇ قىلسام ئۆزۈمگە، مۇشۇنداق دىسەم توغرا بولامدۇ؟ ياق! ياق!

مەن ھىچنىمە قىلمىدىم...ئاتا-ئانامغا، ئەمدىلا يۇرۇق جاھانغا كۆز ئاچاي دىگەن بالامغا ئۆزۈمنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى تەڭ تارتىشقا ئامالسىز مەجبۇرلانماقتىمەن...بۇ ئىختىيارىمدىكى ئىش ئەمەس...

قانداق قىلىمەن؟ بالامغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، ھەي...تۇغۇلۇپلا بەخىتسىز بولۇپ قالارسەنمۇ ئوماق قوزام؟؟؟ داداڭ ئۆزىگە قىلمىدى، ماڭا ،ساڭا قىلدى يۇرەك پارەم بالام، مەنمۇ ئاتا-ئانامغا بالا بولغاندىن كىيىن مىنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرسە ئۇلارنىڭ يۇرىكى چوقۇم پۇچلىنىدۇ، ياق...ئۇلارغا بۇ ھالىتىمنى ھەرگىز كۆرسەتمەسلىكىم كىرەك...مەن نەگە باراي؟ ھازىر ماڭا قەيەر ئەڭ مۇۋاپىق؟؟؟

كىتىۋاتىمەن، ئۇنىڭغا،بۇنىڭغا ئۈسسۈپ، مۈدۈرۈپ...پۇتلىرىم شۇنچە جانسىز...قۇندۇزدەك چاچلىرىم ھازىر پارقىراقلىقىنى يۇقۇتقان ھالدا مۆرۈلىرىمگە رىتىمسىز،قالايمىقان ھالدا يىيىلىپ مەن بىلەن تەڭ ھەركەت قىلماقتا...قارىسام چاچلىرىمنى تىخىمۇ قالايمىقان كۆرسەتكىنى شامال ئىكەن ئەمەسمۇ؟

ھەي...ئادەمنىڭ ئىرادىسى ئاجىزلىسا ھەممە نەرسە بوزەك قىلغاندەك تۇيۇلامدۇ نىمە؟
بىر چاغلاردا بۇ شاماللارغا جۆر بۇلۇپ يۇلدۇشۇمنى قولتۇقلىغىنىمچە مۇھەببەت پەيزىنى سۈرۈپ كۆللەرنى، تاغلارنى..دەريالارنى...ئورمانلارنى...بىللە سەيلى قىلاتتىم، شامال چاچلىرىمنى يەلپۈپ كۆزلىرىمنى تۇسۇۋالغىنىدا قوللىرى بىلەن كۆزلىرىمگە مىھىرلىك قاراپ تۇرۇپ چىچىمنى ئەركىلەتكەندەك ئاستا كەينىگە قايرىپ قۇياتتى، ئۇ ۋاقىتلارغا بەختىيار ھىس تۇيغۇغا چۆمگىنىمچە مىيىققىدا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى...
__بىز دۇنياسىكى ئەڭ بەختىيار كىشلەر...ئاللا خالىسا تۇيۇمىزنى قىلىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۇرىمىز...تىزرەك ئوقۇش پۈتتۈرۈڭ...

__قىلىن...،__گەپلىرىدىن ھاياجانلانساممۇ ،ئاڭلاشقا تەشنا بولساممۇ نىمىشقىدۇر شۇ گەپنى دىگەندە قىزىرىپ يۇزلىرىمنى ئىتىۋالغان ئىدىم.

__قىزراماڭ،_دىگىنىچە قۇللىرىمنى يۇزلىرىمدىن ئاجرىتىشقا تىرىشاتتى...

مەكتەپ ھاياتىمغا خاتىمە بىرىپ خىزمەتكىمۇ چىقتىم،قۇتلۇق تۇيىمىزنىمۇ قىلدۇق، ھىسابتا مۇرادىمىزغا يەتتۇق...نىمىدىگەن كۆڭۈللۈك...نىكاھ باشقىچە ئىكەن...

ئەتىگەن ئىشقا بىرىشقا شۇنچە ئىرىناتتىم، بىر-بىرىمىزگە قىيالمىغاندەك ۋاقىتنىڭ ئالدىرتىشى بىلەن تەستە ئىش ئورنۇمغا قاراپ ماڭاتتىم، يۇلدۇشۇم:
__كەچتە پاتراق قايتىپ كىلىڭ، كىم بالدۇر كەلسەك شۇ تاماق ئەتكەچ ساقلىسۇن...
ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ تاكتىكىسى ئىدى، توي قىلىپ گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ ئۇنى قازان بىشىغا يىقىن كەلتۇرمەيتتىم، بۇ مىجەزىمنى بىلگەچكىمۇ، مىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنراق كىلىپ تاماققا تۇتۇش قىلىشمنى ئەسكەرتكىنى ئىدى...

تويدىن كىيىنكى كۈنلەر مەنىلىك....ھەقىقەتەن مەنىلىك،...كەچتە كىلىپ بىر-بىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە كۆزلىرىمىزدىن بەخىت ئۇچقۇنلىرىنى بىر-بىرىمىزدىن يۇشۇرغاندەك قىلىپ تاماق يىيىشلىرىمىز...بىللە ئولتۇرۇپ خىزمەت، ئائىلە توغرىسىدىكى مۇنازىرلىرىمىز...پاھ...كەينىدىن بىزنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىمىز....

ھەممە نەرسە ۋاقىتلىقمۇ نىمە...بارا-بارا ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرىمغا بىرلا ئۆزۈم ئىغىز تىگىدىغان بولۇپ قالدىم...ئۇ ئالدىراش ئىدى، خىزمىتى ئالدىراش...كەچلىك ئىسمىنا قۇشۇش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلىنىپ قىلشقا ئازلا قىلىۋاتاتتى...

مەن نارازىلىقمنى بىلدۈرەلمەيتتىم، چۈنكى ئۇمۇ مىنى ،بىزنى،ئائىلىنى ئويلاپ جاپالىق ئىشلەۋەتسا ئۇنى ئەيىبلىسەم ھەرگىزمۇ توغرا بولمايتتى.

توي قىلىپ ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتتى...نىمىشقىدۇر تاماققا قارىساملا ھۆ، قىلىپ ياندۇرغۇم كىلىدىغان، قىنىپ ئۇخلىساممۇ ئۇيقۇسىز قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىدىغان بولدۇم...

__مۇبارەك بولسۇن، ئانا بوپسىز سىڭلىم...

بۇ كۈندىكى خۇشاللىقمغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيتتى...ئانا،نىمىدىگەن چىرايلىق ئىسىم-ھە؟ بۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقنى پەقەت ئانا بولۇپ باققانلارلا ھىس قىلالايدۇ...

كەچتە ئوخشىتىپ پولۇ ئەتتىم، يۇلدۇشۇمنى ساقلىدىم، ئىچىمدە بىر تەققەززا مىنى ھاياجانلاندۇرۇپ تۇراتتى...گەرچە ئۇنى ساقلاشقا كۆنۈپ كەتكەن بولساممۇ بۈگۈن پەقەتلا ئۆزۈمنى بىسىۋالالمايۋاتاتتىم...ئىشىككە، سائەتكە قاراپ كۆزلىرىم تىشىلەي دەپ قالغان ئىدى...

ئەڭ ئاخىرى تىلفۇن قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،
تىلفۇن تولىمۇ تەستە ئىلىندى:
__ۋەي...مەن سەل ئالدىراش ئىدىم...
__كىمكەن؟(تىلفۇندىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى كەلدى)

__ھە...شۇنداقمۇ؟ بوپتۇ ئەمىسە...قاچان قايتىپ كىلىسىز...؟
__مەن..مەن سەل تۇرۇپ ياق بىر سائەتلەردىن كىيىن بارىمەن، قۇلۇمدا ئىشلرىىم تىخى تۈگىمىدى...
__يىنىڭىزدا بىرى بارمۇ نىمە؟
__ھە..ھە مۇنداق ئىش، ئۇ خىزمەتدىشىم...سىز تاماق يەۋىرىڭ،مىنى ساقلىماڭ-ھە؟
گەرچە مەندە باشقىچە خىيال كەلمىسىمۇ يۇلدۇشۇمنىڭ دۇدۇقلاشلىرىدىن سەل غەيرىلىك ھىس قىلدىم ،شۇندىمۇ چاندۇرمىدىم.
__ھە بوپتۇ ئەمىسە، ئامال بار تىزرەك قايتىپ كىلىڭ...

كەيپىياتىم تۆۋەنلىدى، ئىچىمنى نىمىدۇر بىر نەرسە-نىمىلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايدىغان بىر نەرسە تاتىلماقتا ئىدى، ئەجىبا ھىلىقى خىزمەتدىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ مۇشۇنداق تىتىلدىغان بولسام كىرەك، ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم، نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم-ھە؟

ھەي ئايال كىشىدەك كۈنلەمچى ئادەم بولمىسا كىرەك، بولمىغۇر خىياللاردا بولغانلىقىمنى ئويلاپ ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، يۇلدۇشۇمدىن خىيالەن كەچۇرۇم سورىدىم...

ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، يۇلدۇشۇم قايتىپ كەلمىگەن ئىدى...
بەلكىم ئىشلىرىنى تۈگىتەلمىگەندۇ،ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەپ ئىشقا ماڭدىم...

كەچتە يۇلدۇشۇمنىڭ خاپىخان ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆردۈم:
__سىزگە نىمە بولدى؟
يۇلدۇشۇم كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى، بۇرۇن بەخت ئۇچقۇنى چاچرىتىدىغان نۇرنىڭ ئورنىغا سوغۇق كۆكۈش نۇر ئالماشقاندەك ھىس قىلدىم-دە ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتىم...كۆزلىرىمنى ئەپقاچتىم.

__ھىچنىمە بولمىدى، سىز بۇ چاققىچە نەلەردە يۇردىڭىز؟

توۋا...نىمە بولغان بولغۇيتتى؟ قوللىرىمدىكى كۆكتاتلارنى كۆرمىگەنمىدۇ؟بىرەرسى بىلەن رەنجىشىپ قالدىمۇ-يە؟

__كۆكتات دۇكىنىدىن كۆكتات سىتىۋىلىپ كەلدىم، نىمە، خاپا بولۇپ قاپسىزغۇ؟

يۇلدۇشۇم چىكىپ بولغان تاماكىسىنى كۈلدانغا زەرب بىلەن بىسىۋەتتى... نىمىشقىدۇر مەندىن كۆزلىرى ئىلىپ قاچاتتى،

__ماڭا قاراڭ، بىزنىڭ توي قىلغىنىمىزغا تىخى يىرىم يىل بولماپتۇ، بۇرۇن ئارلاشقان ۋاقتىمىز بىلەن تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش ،كۆز قاراش تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن، ھىسابتا مەنمۇ،سىزمۇ بۇرۇنقى ئۆزىمىزگە ئوخشىماي قالدۇق...

قۇلۇمدا تىخى توڭلاتقۇغا سىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن كۆكتاتنى تۇتقۇنىمچە ئۆرە تۇرۇپ ھەيران بولغىنىمچە ئاڭلىماقتىمەن...
__دىمەك،__ئۇ گپىنى داۋاملاشتۇردى،__بىر-بىرىنى تويدىن كىيىن چۈشىنىشمىسە تۇرمۇش كۆڭۈلسىز بولۇپ قالىدىكەن...

تىنىم سۇس جىغىلدىدى...نمەن نىمىلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن؟ قۇلاقلىرىم سەل غۇڭۇلدىغاندەك بولدى....

__سىز...سىز نىمە دەۋەتىسىز؟ نىمە بولدىڭىز؟

ئۇ ئاستا كىلىپ قۇلۇمدىكى كۆكتاتنى ئىلىپ يەرگە قويدى، ئاندىن مىنى كىچىك بالىنى يىتىلگەندەك قۇلۇمدىن تۇتۇپ ئۇدۇلدىكى سافاغا ئولتۇرغۇزدى. ئەمدى بىز روبىرو بىر-بىرىمىزگە ئۇدۇل ھالەتتە ئولتۇرغان ئىدۇق.
شۇ تاپتا مەن ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم.

__بىز بۇ تۇرمۇشقا خاتىمە بىرەيلى....
بۇ...بۇ...نىمە گەپ بولۇپ كەتتى؟ مەن نىمىنى خاتا قىلدىم؟ ھىچ ئىش خاتا بولمغان ئىدىغۇ؟ مەن چۈش كۆرۈۋاتامدىم نىمە؟ ئالدىمدا ئولتۇرغىنى يۇلدۇشۇم شۇمۇ ئەمەس؟

__سىز نىمە دەۋاتىسىز؟

__بىز بۇ تۇرمۇشقا خاتىمە بىرەيلى...__ئۇ كۆزلىرىنى سەل ئەپقاچقاندەك سافانىڭ يىنىغا تۇيىمىزغا ئاتاپ سىتىۋالغان قىپقىزىل لوڭقىلىق گۈلگە تىكتى.

__نىمىشقا؟ سەۋەبىچۇ؟__مەن ئەمدى خاتا ئاڭلىمىغىنىمغا ئىشەنگەندەك بولدۇم، لەۋلىرىم تىترەپ،چاناقلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى، شۇندىمۇ ئۈنۈمنى چىقىرىپ يىغلىمىدىم، قۇلۇمنىڭ دۈمبىسى بىلەن يىشىمنى سۈرتىۋىتىپ ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىشقا تىرىشتىم،__دەڭە،سەۋەبىچۇ؟ ماڭا بۇنداق چاقچاق قىلماڭ، بەك ئىشىپ كەتتى مۇختەر.

ئۇ بىردەم گەپ قىلماي ئولتۇردى،مەنمۇ ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم.

__مەن چاقچاق قىلمىدىم ئابىدە،سەۋەبىنى سورىسىڭىز سەۋەب ئاددىي،__ئۇ  بىرنىمىلەرنى غۇدرىغاندەك قىلدى،__ھەممىمىز كەلگۈسىمىزنى ئويلايلى،ئىستىقبالىمىزنى ئويلايلى، مەن ئاددىي خىزمەتچى بولۇپ ياشاۋەرگۈم يوق،ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلايلى.

ھەيران قالدىم، بۇنچە غەلىتە،تىگە بار گەپلەرگە نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلەلمەي قالدىم.__ئىستىقبالىڭىزنى تىرىشسىڭىزلا قولغا كەلتۇرىسىزغۇ؟ مۇشۇما سەۋەبى؟ مىنىڭ قايسى ئىشىم سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىزغا تەسىر كۆرسەتتى مۇختەر؟ بۈگۈن نىمە ئاجايىپلا بىرقىسىم گەپلەرنى قىلىسىزغۇ؟

__كەچۇرۇڭ، سىز ناھايتتى ياخشى بىر ئايال، بىلىمەن، ئۆزۈمنى سىزنى ئالداۋاتىمەن، لىكىن مىنىڭ بۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكۈم يوق، مىنى ۋىجدانسىز، تۇترۇقسىز، نائىنساپ،ئاچكۆز دەپ ئەيىبلىشىڭىز مۈمكىن، شۇنداق مەن دەل شۇنداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئەمدى ھىس قىلىۋاتىمەن. سىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۇرسەم راسلا بولمايدىكەن، مەن كىچىكىپ ھىس قىلىپتىمەن، ماڭا نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار ئىكەن...ھىلىمۇ كىچىكمەيمەن..

مەن ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم، تۇرۇپ يۇلدۇشۇمنىڭ پىسخىكىسىدىن مەسىلە چىقتىمىكىن،دەپ گۇمان قىلىپ قالدىم، ھىلى تۇرمۇشقا خاتىمە بىرەيلى،دەۋاتقان، ھىلى  پۇرسەت باركەن،دەۋاتقان...بۇ ئىشلارنىڭ مەن بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى بىلەلمەي كاللام ئىلىشىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى...

بىر چاغدا ئۇنىڭغا تىلفۇن كەلدى،ئۇ يانفۇنىغا بىر قاراپ قۇيۇپ، ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ تىفۇننى ئىلىپ بالكونغا ماڭدى، مەن زادى نىمە ئىشلىكىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن كەينىدىن ماڭدىم:
__ۋەي، مۇنىرەمۇ؟ ھە...،__نىمىشقىدۇر بۇ گەپنى قىلغاندا ئاۋازى سەل بوشاپ،مەيۈسلىكى ئاۋازىدىن چىقىپ تۇراتتى،__بىلىمەن، مىنىڭمۇ تىزرەك ھەل قىلغۇم بار، شۇنداق،شۇنداق،...ھە...راست دەيسىز...سىزگە ئىشىنىمەن، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، بالامغا بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن، ساق-سالامەت بوشانغىچە ئىغىر ھەركەتلەرنى قىلماڭ...

بىشىم پىررىدە قايدى، كۆزلىرىم تورلاشقاندەك،ئاخىرىدا قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى...قۇلاقلىرىمدىن غۇيۇلداپ ئاۋاز كىلەتتى....

__كۆزىنى ئاچتى، ئانا، ئاچام كۆزىنى ئاچتى...
كۆزلىرىم تورلاشقاندەك بولۇپ كۆزۈمنى تەستە ئاچتىم، بىشىم قىيىپ تۇراتتى، قۇلاقلىرىمدىن غۇيۇلدىغان ئاۋاز تامامەن يوقىمىغان ئىدى...
بىچارە ئانام ئولتۇراشقان كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى ئىقىتىپ ماڭا قاراپ تۇراتتى:
__جىنىم قىزىم، كۆزۈڭنى ئاخىر ئاچتىڭ، بىزنى بەك قۇرقۇتتۇڭ بالام...

نىمە ئىشلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم، ئاپپاق ھاكلانغان ئۆينىڭ ئىچىدىكى كارۋاتتا مەن ياتاتتىم، يوتقانمۇ،كىرلىكمۇ، ياستۇقۇممۇ ئاق، كارۋاتنىڭ پەس تەرىپىدە يۇلدۇشۇم ئىلاجسىز ئەھۋالدا قالغاندەك كۆزلىرىنى مەندىن ئىلىپ قىچىۋاتاتتى،

__نىمە بولغان ئىدىڭ قىزىم؟ مۇختەر تىلفۇن قىلغاندىن كىيىن كەلدۇق، مۇختەرمۇ نىمە بولغىنىڭنى بىلمەيدىكەن...بالكۇننىڭ ئىشىكىدە ئايلىنىپ قاپسەن...خۇداغا شۈكرى، ھۇشۇڭغا كەلدىڭ، قان ئازمىكىن قىزىم سەندە...

بىچارە ئاپام ھىچ ئىشنى بىلمەيدۇ...سىڭلىممۇ ھەم شۇ...مۇختەر...يۇلدۇشۇم مۇختەر....

گەپ قىلاي دەپ ئاغزىمنى ئۆمەللىدىميۇ..بۇ نىيىتىمدىن ياندىم،.بولدىلا نىمە دەيمەن....

بىر ھەپتىدىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقتىم، مۇختەر  ھىچنىمە دىمەستىن ماڭا قارىدى، ئىدارىسىدىن بىر ھەپتە رۇخسەت سورىغان بولسا كىرەك...

ئۆيگە يىنىپ كەلدىم، ئۆيدە بوران ئۇچىۋاتاتتى...

__مىنى كەچۇرۇڭ،مۇشۇنداق قىلماي ئامالىم يوق، باشلىقمنىڭ قىزى بىزنىڭ ئىدارىغا يىقىندا خىزمەتكە چىققان ئىدى، خىزمەتداشلار ئولتۇرۇپ قىلىپ ھاراقنى جىق ئىچىۋىتىپتىمەن، ئۇ سورۇندا باشلىقنىڭ قىزىمۇ بار ئىدى، مىنى يۆلەشتۇرۇپ ئۇدۇل ياتاققا كىتىپتۇ، ئەتىسى قارىسام...

__بولدى، گەپ قىلماڭ، زۇۋانىڭىزنى يىغىڭ...

__ياق، بۈگۈن ھەممە گەپنى سىزگە ئىيتمىسام بولمايدۇ، مىنى كەچۇرۇڭ،دىيىشكە تىلىممۇ بارمايدۇ، مەن قارا يۇز،مەن ئىپلاس...ئۇ قىز شۇنى بانا قىلىپ ماڭا تەھدىت سىلىپ يۇردى، ئۆزىنىڭ بويىدا بارلىقىنى، بالىنىڭ مىنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئاجرىشىپ ئۆزىنى ئەمرىمگە ئىلىشىم كىرەكلىكىنى ئىيتتى، بولمىسا مىنى تۈرمىگە يولغا سالارمىش...ھەي...مىنى قارا باستى...مىنى كەچۇرۇڭ...

توۋا...ئادەمدەك ئۆزگىرىشچان ،خامىلىيۇن نەرسە بولمىسا كىرەك، نىمىدىگەن قاملاشتۇرۇپ سۆزلەنگەن ھىكايە بۇ...ئەسلى مۇختەرنىڭ مەقسىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولدۇم، ئەلۋەتتە مەن بىلەن ئاجرىشىپ باشلىقنىڭ قىزىنى ئالسا ھوقۇق،ئەمەل دىگەننىڭ ئۆزى يۇلدۇشۇمنى ئىزدەيدۇ...

مىنىڭ كۆزۈم كور ئىكەن،مۇھەببەتلىشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ شۇنچە ياخشى كۆرۈشلىرىمىز نىمىگە ھىساب بولدى؟ ئەجىبا ھەممىسى ساختىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
مانا مۇشۇنداق بىر نىجىسنى ئىرىم دەپ يۇرۇپتىمەن...ئاھ...مىنىڭ بالامچۇ؟ ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ نىمە گۇناھى بار؟

بولدى،بۇ ئىپلاسقا ئۆزىنىڭ ھالاللاپ ئالغان مەندەك خوتۇنىدىن بالىسى بارلىقىنىمۇ ئىيتماي...ئىيتقىمنىڭ نىمە پايدىسى....

مىنىڭ ئارزۇلىغان نىكاھىم، تۇرمۇشۇم،ئائىلەم...ھەممىسى يوق بولدى...كۆڭلۈمدىكى مۇختىرىم ئۆلدى،توۋا.توۋا...ئىسمىنا قۇشۇپ مەن ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ،ئائىلە ئۈچۈن دەپكەتكەنلىرىم قىنى....مىنى تا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقىچە كۈتكەن مۇختىرىم قىنى؟ مۇشۇما؟؟؟ ھەي توۋا...ئادەمنى چۈشەنمەك بەكلا تەس ئىكەن...ئۆزگەرگەندىمۇ بۇنچە يۈزسىزلەرچە ئۆزگىرىشىنى خىيالىمغا كەلتۇرمەپتىمەن...

___ماقۇل، گىپىڭىزگە ئىشىنىمەن مۇختەر، پاك مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلە،دىگەن گەپلەر قۇرۇپ كەتسۇن، بۇ دۇنيادا پۇل، ھوقۇق،ئەمەل ئۈچۈن جىنىنىمۇ بىرىۋىتىدىغان كىشىلەرنى پەقەت كىتابتا،رومانلاردا بار دەپ ئويلايتتىم، ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئۇخلىسام چۈشۈمگە كىرگۈزمەيتتىم...ھا...ھا..ھا...،__راسلا بەك كۈلگۈم كەلگەن ئىدى، مىنىڭ پاك مۇھەببىتىمنى،ئەقىدەمنى بىرىپ ئارلىشىپ قايناق مۇھەببەتلەرگە چۆمۈپ،ئارزۇلاپ تەككەن يۇلدۇشۇمنىڭ بۇنداق ئىككى يۇزى بارلىقىنى تا ھازىرغىچە بىلمەي يۇرگىنىمگە كۈلىۋاتاتتىم__يۇلىڭىزغا مىڭىڭ مۇختەر،يۇلىڭىزغا مىڭىڭ...كۆزۈمگە ئىككىنجىلەپ كۆرۈنمەڭ...سىزگە ھەرگىز خاپا بولمايمەن، لىكىن ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىمەن...

مۇختەر يەنى مىنىڭ سابىق يۇلدۇشۇم گۇناھكارلارچە بىشىنى پەسكە سىلىپ ئولتۇراتتى، بەلكىم ئۆزى تۇقۇغان ھىكايىسىگە ئۆزى تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە مىنىمۇ تەسىرلەندۈرمەكچى بولغان بولسا كىرەك...

__ئەمىسە شۇنداق بولسۇن،__نىمىشقىدۇر قايغۇرۇپ،يىغلاپ ئۇنى بىر پەس تىللاپ،كەينىدىن يالۋۇرۇشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالغان ئىدىم،__بىز ئاجرىشايلى، سىزمۇ مۇرادىڭىزغا يىتىڭ، تىزرەك ئەمىلىڭىز ئۆسسۇن، ھارامدىن تاپقان بالىڭىزمۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچسۇن، بالىدا گۇناھ يوق...

ئاخىرقى بىر ئىغىز گەپنى يەنى بالىدا گۇناھنىڭ يوقلىقىنى باشلىقنىڭ قىزىنىڭ قوسقىدىكى مىنىڭ ئىرىمنىڭ پۇشتىسىدىن بولغان بالىغىمۇ، ھالاللاپ ئالغان ھالال تۆرەلگەن ئۆزۈمنىڭ بالىسىغىمۇ تەڭ ئىيتقان ئىدىم....

__سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، راسلا ئاجراشقۇم يوق، لىكىن ئۇ ئالۋاستى مىنى زادىلا قۇيۇپ بەرگۈسى يوق...،__چىرايدىىن تولىمۇ ھەسرەتلەنگەن ئادەمنىڭ چىراي ئىپادىسى شەكىللەندى.
ھەي ياسالما...

__چۈشىنىمەن مۇختەر،__شۇ تاپتا ئۇ كۆزۈمگە بەدبەشىرە ئالۋاستىدىنمۇ سەت كۆرۈنمەكتە ئىدى،__چۈشىنىمەن،سىزنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، سىزنىڭ قىينالغىنىڭىزنى كۆرسەم ئەلۋەتتە مىنىڭمۇ يۈرۈكۈم ئاغرىيدۇ،__گەپلىرىم چىشىمنىڭ يىرىقلىرىدىن چىقىۋاتقاندەك تۇيلدى،__ئاجراشقۇچە ئۆزىڭىزنى سەل بىسىۋىلىڭ...

بۇ گىپىمنى مۇختەر قانداق چۈشەندى بىلمىدىم، يەنە شۇ ياسالما مەيۈسلەنگەندەك ھالدا بىچارىلەرچە شۈمشىيىپ بىشىنى سىلىپ ئولتۇراتتى.

ئىشقىمۇ بارمىدىم، قۇلۇم ئىشقا بارمايتتى، كۆڭلۈم تاماق تارتمايتتى، بالامىنى ئويلىساملا بىئارام بولاتتىم، بالامنى زادى قانداق قىلىشىم كىرەك؟ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇش مىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بولسىمۇ تۇغۇلۇپلا ئاتىسىز تىرىك يىتىم بولۇپ قالغىنىنى پەقەت كۆرگۈم يوق ئىدى، مەندىن باشقا ھىچكىم بۇ دۇنياغا مىھمان بولماقچى بولغان بۇ سەبىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى...

بىلدۈرۈش كىرەكمۇ؟ بىلگەندىن كىيىنچۇ؟ نىمە پايدىسى؟ ...ھەي بىچارە بالام...
..............
__كۆزۈڭگە قاراپ ماڭمامسەن؟،__بىشىمنى كۆتۈرۈشۈمگە قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ھىلىلا ئۇرۇۋىتىدىغاندەك بىرى ھومۇيۇپ قاراپ ئۆتۈپ كەتتى...ئۆزۈمنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھەيران بولدۇم...مەن نىمە بولدۇم؟ ئۆزۈمنى تۈزەشتۇرەي، بۇنداق كىتىۋەرسەم ھىچنىمىگە پايدىسى يوق...

كەچتە ئۆيگە قايتتىم، ئۇ تىخى كەلمىگەن ئىدى، گەرچە گەپ ئوچۇق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ بىز تىخى ئاجراشمىغاچقا ئۇ يەنىلا مىنىڭ قانۇنلۇق يۇلدۇشۇم ئىدى.

تاماق ئىتىشمۇ خۇشياقماي ئۆزۈمنى كارۋاتقا كىيىملىرىم بىلەنلا تاشلىدىم...ئەمدى قاتئىي نىيەتكە كەلگەن ئىدىم،يىغلىماسلىقىم كىرەك، بۇ پەقەت تۇرمۇشنىڭ ماڭا قىلغان بىر چاقچىقى خالاس...ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ...يۇرۇكۇمنى بىرى پىچاقنىڭ بىسىنى بىسىپ تۇرۇپ تىلىۋەتكەندەك ھىسياتتا مەيدەمنى تۇتتۇم...


    ئىككىنجى بۆلۈم.





ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتتى.
__ئاپا،__دەپلا ئىشىكىتىن كىردى ئوغلۇم سومكىسىنى سافاغا تاشلىغاچ چۈچۈك تىللىرى بىلەن_ئاتا مىنىڭ دەم ئىلىش كۈنۈم، مىنى باغچىغا ئاپىرىپ كىلەمسىز؟

توغراۋاتقان كۆكتاتلىرىمنى قۇيۇپ قولۇمنى پەرتۇقۇمغا ئىرتتىم، ۋە ئوغلۇمنىڭ يۈزىنى ئالقىنىمغا ئىلىپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قۇيدۇم.

__كەلدىڭىزمۇ ئوماق ئوغلۇم،ئەتە ئاۋال بوۋىڭىز،مومىڭىزنىڭكىگە بىرىپ ئاندىن ئۇيەردىن يىنىپ باغچىغابارايلى، ماقۇلمۇ؟

سەبىي كۆزلىرىنى رازىمەنلىك بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ رازى بولغاندەك بىشىنى لىڭشىتتى:
__ماقۇل ئاپا، ئەمىسە مەن تاپشۇرۇقلىىرىمنى ئىشلەي، تاماق پىشقۇچە تۈگىتىمەن،__شۇنداق دەپ ئويناققىنىچە ئۈگۈنۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

بالامغا قارىساملا بولۇپمۇ شۇ قوشما قاش ئاستىدىكى بىرجۈپ يوغان كۆزىگە قارىساملا مۇختەر ئىسىمگە كىلەتتى. ئۇنى شۇنچە نەپرەت بىلەن ئەسلىسەممۇ بالامغا قاراپلا ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم ئاللا قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كىتەتتى.

شۇ ئىشتىن كىيىن بىز ھاياللاشمايلا ئاجراشتۇق، ئەلۋەتتە ئۇ بۇيۇمدا ئۆزىنىڭ پۇشتىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى، ھەم ئۇ تەرىپىنى ئويلاشقا ۋاقتىمۇ تەگمەيتتى. بىز ئاجرىشىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلىقنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدى، كىيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئەمىلىمۇ ئۆسۈپ قاپتۇدەك، شۇ كۈنى بىز ئاجراشقان كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم.

مەن ئاجرىشىپلا ئەتىسى ئىدارىدىن بىر يىللىق ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ ئىشتىن توختىدىم. بۇ شەھەردە قالسام ئەلۋەتتە ئىچىم ئاچچىق بولاتتى، شۇ ۋاقىتتا قانچىلىك يىغلىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. قوسقۇمدىكى نارىسىدىنى ئىلىپ يىراق بىر شەھەرگە تەۋە يىزىدىكى تۇققانلارنىڭ يىنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كىلىشنى ئويلىدىم.

يىزىدا نەچچە ئاي تۇرۇپمۇ ئاي-كۈنۈم يىقىنلىشىپ قالدى، ئاتا-ئانام تىلفۇن ئۇرۇپ قايتىپ كىلىشىمنى ئىيتتى، گەرچە بارغۇم كەلمىسىمۇ ،شۇ شەھەرنى،يەنە شۇ ۋاپاسىز،ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن مۇختەرنى ئۇچرىتىپ قىلىشتىن ساقلانغۇم بولسىمۇ، يەنىلا قايتىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەنمۇ ئاتا-ئانامنى،سىڭلىمنى سىغىنغا ئىدىم. نىمىلا دىمىگەن بىلەن مەن بۇ يەرگە مىھمان ئىدىم. چىرايلىق ئۆزرە ئىيتىشىپ ئۆيگە قايتتىم.

مانا شۇ چاغدىلا ئاتا-ئانىنىڭ، ئۇرۇق-تۇققاننىڭ قانچىلىك مىھىرلىك ئىكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتتا ھىس قىلدىم. ئاتا-ئانام ھەربىر گەپ سۆزدىمۇ كۆڭلۈمنى ئاياييتتى، سىڭلىمممۇ تىنماي سۆزلەپ مىنى زىرىكمىسۇن،دىگەندەك كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ ھارمايتتى.

ئائىلىدە بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىك توغرىسىدا بىر ئىغىزمۇ گەپ بولۇنمايتتى. ھەممىسى مىنىڭ كۆڭلۈمنى يىرىم بولۇپ قالمىسۇن،دىگەندەك ھەر بىر ئىغىز گەپ-سۆزلىرىدە دىققەت قىلىشاتتى.

تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ قالدىم. ھەي...بەختمۇ ھىس قىلالىغان كىشىگە مەنسۇپ ئىكەن. ئۆيگە كىلىپ بىر ئايدىن كىيىن كۆزۈم يۇرىدى. شۇ ۋاقىتتا ھەم خۇش بولدۇم،ھەم كۆڭلۈم ئىيتقۇسىز يىرىم بولدى.

خۇش بولغىنىم بالامنىڭ يەنى ئوغلۇمنىڭ يۇرۇق دۇنياغا ساق-سالامەت كۆز ئاچقىنى ئىدى. بالامغا قارىساملا كۆڭلۈم ئىيتقۇسىز خۇشاللىقلارغا چۈمەتتى. بۇ ھىسياتنى پەقەت ئانا بولغانلارلا ھىس قىلالايتتى خالاس.

كۆڭلۈمنىڭ يىرىم بولغىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىپلا ئاتىسىز-دادىسىز قالغىنى ئىدى. كىچىكلىكىغۇ ئۆتۈپ كىتەر، چوڭ بولغاندا دادىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلسە نىمە بولۇپ كىتەر-ھە؟ ھەر قىتىم مۇشۇنى ئويلاپ غەمسىز ۋىلىقلاپ كۈلۈپ تۇرغان بالامنى كۆرسەم يۇرىكىم ئىيتقۇسىز پۇچلىنىپ،ئۆرتىنىپ كىتەتتى.

بالامنىڭ ھەلەكچىلىكى خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىدىن بىلىپ بىلمەي ئىككى يىلمۇ ئۆتتى. بالامغا ئاپام ئۆزى بىرقوللۇق قارايتتى، ئەتىگىنى ئىشقا كەتسەم كەچتە تىزرەك ئۆيگە قايتىپ بالامنى كۆرۈش ئىدى.

بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىدىم. بالام بولسا تەمتىلەپ ماڭغىنىچە مەن تەرەپكە قاراپ ئەمدى چىققان تىلى بىلەن :
__ئاپا..ئاپا...،_دىگىنىچە قوللىرىنى ماڭا قاراپ سۇندى. بالامنى قۇلۇمغا ئالدىم.
__مانا قىزىم، بالاڭنىڭمۇ تىلى چىققىلى تۇردى،__دىدى ئاپام كۈلۈمسىرگىنىچە،__ئەمدى تۇرمۇش ئىشىڭنىمۇ ئويلىشىپ باققىن، نى-نى يەرلەردىن لايىق چىقتى،سىنىڭ كۆڭلۈڭنى ئاياپ ھەممىنى رەت قىلدۇق، ئەمدى بولسىمۇ كىچىكمەيسەن، بىشىڭنى ئوڭشاپ نەۋرەمگە ياراملىق دادا بولغۇدەك بىرىنى بىلەن...

__ئاپا..._دىدىم قىيدىغاندەك قىلىپ__بولدىلا،مىنىڭ ئەمدى بۇ ئىشلارنى ئويلاشقۇم يوق.

نىمىشقىدۇر بۇنداق گەپلەر چىقىپ قالسا ئۆزۈمنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىم. ئۆزۈم ئارلىشىپ، مۇھەببەتلىشىپ ،چۈشىنىمەن،دەپ قارىغان ئادىمىم بىلەن توي قىلىپمۇ ئىرىشكىنىم شۇ تۇرسا يەنە باشقىسى قانچىلىك بولماقچى ئىدى، ئىشقىلىپ ئەرلەرنىڭ ھەممىسى كۆزۈمگە يالغانچى،ھىيلىگەر كۆرۈندىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى.

__بالام،__دىدى ئاپام تەرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ،__سىنىڭ كۆڭلىڭنى چۈشىنىمەن، بىر قىتىم يىلان چىقىۋالغان ئادەم ئارغامچىنى كۆرسىمۇ قۇرقىدىغان بولۇپ قالىدۇ، لىكىن بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشنى بىرلا ئادەم ئۆزى تۇتۇپ كىتەلمەيدۇ. بالاڭغىمۇ ئىچىڭ ئاغرىسۇن....

يەنە نىمىلەرنى دىدى، ئىشقىلىپ جىقلا نەسىھەتلەرنى قىلىپ كەتتى.

__ئاپا، بولدى قىلە، ھەدەمنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر،__دىدى سىڭلىم ئوقۇۋاتقان كىتابىدىن بىشىنى كۆتۈرۈپ.
مەن سىڭلىمغا قاراپ قۇيدۇم.
__ئاپا ئەمدى بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى، مەن ھەرگىز توي قىلمايمەن، قىلساممۇ ھازىر ئەمەس، ئاۋال خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، كىينچە ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلالايمەن، مەندىن خاتىرجەم بولغىنە...

ئاپام سەل خۇرسىنىپ قويغاندەك بىشىنى چايقاپ قويدىيۇ،باشقىچە گەپ قىلمىدى.

ئىشلىگەن چىشلەيدۇ،دىگەن رات گەپ ئىكەن. مانا تىرىشىۋىدىم، خىزمەتتىمۇ ئۇتۇق قازاندىم، ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىغا لايىق شان-شەرەپلەرمۇ بىرىلىپ تۇردى.

بىر يىغىنىڭ بىر كۈلكىسى بار،دىگەن راست ئىكەن. بۇرۇن يىغلىغان بولسام ئەمدى ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ خىزمەتتە نەتىجە قازاندىم. ئاتا-ئاناممۇ ئۇ ئىشلارنى قايتا تىلغا ئىلىپمۇ ئولتۇرمىدى...

_-ئاپا، تاماق پىشتىمۇ؟ قۇسقۇم ئىچىپ كەتتى...

خىيالىمنى بالامنىڭ ئاۋازى ئۈزۈپ قويدى.

__ھە بالام، پىشتى،مانا چۆپنى سالساملا تەييار بولىدۇ، ماڭ، بىرىپ قۇلۇڭنى يۇيغىن.

تىزلىك بىلەن قازانغا ئىنچىكە سوزۇلغان لەغمەننى سالدىم.

__ئاپا،سىزدىن بىر گەپ سورىسام يەنە كۆڭلىڭىز يىرىم بولماس-ھە؟__ئوغلۇم ئۈمۈد ئىككى چوكا لەغمەننى يەپ بولۇپلا كۆزۈمگە سۇئاللىق نەزىرىدە تىكىلدى.

يەۋاتقان تامىقىمنى ئۈستەلگە قۇيۇپ ئۈمۈدكە ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم.
__نىمە گەپ بالام؟

ئۈمۈد بىشىنى پەسكە سىلىپ دىيەلمەيۋاتقان گىپى باردەك لەغمەننى ئۇياققا-بۇياققا قوچىغىلى تۇردى.

ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ سەل ئەنسىرەپ قالدىممۇ بىرىدىنلا جىددىيلەشتىم:
__نىمە ئىش بولدى؟ مەكتەپتە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يۇز بەرمىگەندۇ-ھە؟

نىمىشقىدۇر ئۈمۈد تەسلىكتە ئىغىز ئاچتى:
__شۇ..شۇ...دادام...
__ھە؟__يۇرىكىم گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى، كىچىكىدىن ئۈمۈدكە داداڭ ئۆلۈپ كەتكەن،دەپ ئالداپ كەلگەن ئىدىم. تۇيۇقسىز بۈگۈن...
__شۇ دادام نىمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن؟

بالامنىڭ چىرايىغا قارىدىم، ئۈمۈد لەۋلىرىنى ئۈمچەيتكىنىچە قىزىرىپ يىغلامسىرغاندەك ئولتۇراتتى. ئىچىم ئىچىشقاندەك بولۇپ بۇغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى...

__داداڭ...ئۇ..داداڭ...

__بولدى ئاپا بولدى، مەن سورىمىغان بولاي، خاپا بولمىڭە ئاپا، ماقۇلمۇ؟

ئۈمۈد قولىدىكى چوكىنى قۇيۇپ مىنى يىنىمغا كىلىپ يۇزلىرىمگە يۇزلىرىنى ياقتى...بالامنى چىڭڭىدە قۇچاغلىدىم، بىر يىغا بۇغۇزۇمغا قاپسىلىپ كەلگەن ئىدى...نىمە دەي؟ داداڭ مىنى سىنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىۋالدى، دەيمۇ؟ ھەي...مۇشۇنداق كۈننىڭ كىلىدىغىنىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام ئاپامنىڭ گىپىگە كىرىپ ساڭا ئۆگەي بولسىمۇ دادىدىن بىرنى تىپىپ بەرگەن بولسامچۇ كاشكى...

كەچلىك تاماق شۇنداق كۆڭۈلسىزلا ئاياغلاشتى.

__بالام، كىيىملىرىڭنى كىيگىن، بوۋاڭ-موماڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ ئاندىن باغچىغا بارايلى...
__ئوي....نىمانداق ياخشى،مانا ئاپا ھازىر...
بالامنىڭ چاققان ھەركەتلىرىگە قاراپ سۆيۈنۈپ كەتتىم.

ئۆيدىن چىقىپلا ئىللىق قۇياش نۇرى كۆزلىرىمنى چىقىشقا باشلىدى. بۈگۈن كۈن ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى.
__ئاپا، بوۋام ئۆتكەن بىلىم ئاغرىدى،دىگەن ئىدى، دورا ئالايلىقمۇ؟
__نىمانداق ئوڭلۇق بالا بولغانسەن-ھە بالام؟ يۇرە،شۇنداق قىلايلى.

دورىخاندىن دادامغا دورا، ئۆيگە مىۋە-چىۋە دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىلىپ چوڭ ئۆيگە كەلدۇق.
ئۆيگە كىرىپلا ئۈمۈد دادام-ئاپاملارغا ئەركىلگىلى تۇردى.
__بوۋا،موما سىلەرنى بەك سىغىندىم...
__ۋىييەي ما بالىنىڭ گىپىنىڭ تاتلىقلىقىنى__دىدى ئاپام مەن بىلەن ئەھۋاللىشپ بولغاندىن كىيىن،__ئۆي يىراق بولمىغاندىن كىيىن بىزنى كۆرگۈڭ كەلسەمەكتەپتىن قايتىپ كەلسەڭ بولمامتى؟

__شۇنداق قىلاي،دىگەن، بىراق ئاپام يالغۇز قالمىسۇن، دەپ ئۇدۇل ئۆيگە كىتىۋاتىمەن.
__ئاپاڭغا كۆيۈندىغان بالا بوپسەن-ھە بايقۇش،__دادام كۈلۈمسىرگىنىچە ئۈمۈدنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ. بۇ چاغدا ئاپام ماڭا مەنىلىك قىلىپ لەپپىدە قاراپ قۇيدى.
مەنمۇ چاندۇرماي باشقا تەرەپكە قارىۋالدىم.

بىر قۇر تاماقلار يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرغاچ ئۆيدىكىلەرگە:
__ئۈمۈدنىڭ بۈگۈن باغچىغا بارغۇسى بار ئىكەن، شۇڭا سىلەرنى يۇقلاپ بولۇپ بالىنى باغچىغا ئاپىرىپ كىلەي دىگەن،سىلەرمۇ بىللە بارامسىلەر،__دەپ دادام-ئاپامغا قارىدىم.

__بولدى بالام، سىلەر بىرىپ كىلىڭلار، قىرىغاندا ئۇيەر-بۇيەرگە بىرىشمۇ خۇشياقمايدىكەن، سىڭلىڭنىڭمۇ تەتىل ۋاقتى تۇشۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بىللە بارارمىز.

__مەيلى ئەمىسە،__قۇلۇمدىكى ئىشلارنى تۈگۈتۈپ دادام ئاپام بىلەن خۇشلىشىپ ئۈمۈدنى ئىلىپ سۇ ئۈستى باغچىسىغا قاراپ ماڭدىم.

بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقىمۇ باغچىدە ئادەملەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. ئۈمۈد قىن-قىنىغا پاتماي ھىلى ما ئويۇنچۇققنى ئوينايچۇ ئاپا،_دىسە ھىلى ئا ئويۇنچۇققا چۈشەي ئاپا،_دەپ تۇختىماي چاڭىلداپ سۆزلەپ ئويۇنلىرىنى ئوينايتتى.

ئويۇنچۇق ئۈستىدە يايراپ-كۈلۈپ ئوينىسا مەن پەستە ئۈمۈدكە قاراپ ھاياجانلىنىپ كىتەتتىم:
__ئىھتىيات قىلغىن بالام، ئاۋايلا...

سائەتكە قارىسام ئۈچ بولۇپ قاپتۇ. ئۈمۈد بولسا قۇلۇمدىن تارتقىنىچە ھىلى ئۇياققا،ھىلى بۇياققا باشلاپ ماڭاتتى...
__ئاپا، كۆل بويىغا بارايلى،__دىگىنىچە مىنى تارتىپ ماڭدى.

خىزمەت دەپ باغچىلارنى ئايلىنىدىغان پۇرسەتلەرنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ئىدىم. بۈگۈن مەنمۇ ،ئۈمۈدمۇ شۇنچىلىك خۇشال ئىدۇق.

پىژغىرىم ئىسسىقتا سالقىن كۆل بويىنى سەيلى قىلىش ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئىدى.

تۇيۇقسىز بىزنىڭ قارشى تەرىپىمىزدە تۇنۇش بىر گەۋدە بىر بالىنى بىر ئايال بىلەن تەڭ يىتىلەپ كىلىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى!

ئارىمىز پەقەت ئون مىتىرچە كىلەتتى...ئايال بولسا توغرىسىغا سەمرىگەن، قۇيۇق گىرىملىرى ئىسسىقتا ئىرىگەندەك يۇزلىرى پارقىرىغان،بۈدرە قىلىنغاچ چاچلىرى يەلكىسىگە تاشلانغان ھالدا بالىسىنى يىتىلۋالغان ئىدى.

يىشى ئۈمۈد بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ھەتتا چىرايىمۇ ئۈمۈدكە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئۇ بالىمۇ يەنە بىر قولىنى يىشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا بەدەن تاشلىغان، قورساقلىرى ئالدىغا چىقىپ تۇرقىدىنلا ئەمەلدار ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان__مۇختەرنىڭ قولىنى تۇتىۋالغان ئىدى.

بىشىم قىيىپ پۇتلىرىم كالۋالاشتى...كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلاشقاندەك بولدۇميۇ دەرھال ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم.

ئۇدۇلۇمدا كىلىۋاتقان مۇختەرمۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە بىر ئۈمۈدكە بىر ماڭا قاراپ كەلمەكتە ئىدى...

ئارىمىز يىقىنلاپ كەلمەكتە ...9مىتىر 8مىتىر..6مىتىر...مەن چىكىنمەسلىكىم كىرەك، چۈنكى مىنىڭ ئۆزۈمنى ئىلىپ قاچقۇدەك ھىچ گۇناھىم يوق...ئەمدى كەيپىياتىم نورماللىشىپ قەددىمنى رۇسلاپ مەيدەمنى تىك كۆتۈرگىنىمچە مۇختەرگە قارىدىم.

__سىز..سىز..ياخشىمۇسىز ئابىدە...
مۇختەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.

يىنىدىكى ئايالى مۇنىرەمۇ سەل قىزارغاندەك بولدىيۇ تىزلا چىرايى ھىچ ئىش بولمىغان ئادەمدەك ماڭا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارىدى.

__ھۇي،يەخشىمۇسىز ئابىدە...

__ياخشى،ئۆزۈڭلار ياخشى تۇرۇپسىلەر...__قەددىمنى،پىتىمنى ئۆزگەرتمەي تەكەببۇرانە ھالدا تىك تۇردۇم.

__بۇ..بۇ...ئوغلىڭىزما؟ ...__مۇختەر بىر ئۈمۈدكە بىر ئوغلىغا قارايتتى...ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەيران بولغاندەك ئۇلارنىڭ بالىسىغا قارىدىم...توۋا..ئادەم ئوخشىسا مۇشۇنداقمۇ ئوخشايدىكەن-ھە؟  ئۇلارنىڭ ئوغلى بىلەن ئۈمۈد ئىككىسى راسلا بىر-بىرىگە ئوخشايتتى.

__شۇنداق،مىنىڭ ئوغلۇم...__مىنىڭ دىگەن گەپنى قاتتىق ھالدا چىقاردىم.

مۇختەرنىڭ ئايالى سەل بىر ئىشنى پەملىدىمۇ، ئۇمۇ بىر ئۈمۈدكە،بىر بالىسىغا قارايتتى،لىكىن نىمىنىدۇر چۈشەنمىگەندەك سۇئاللىق مۇختەرگە قارىدى...

__نىمە، مىنىڭ ئوغلۇم بولسا بولمايدىغاندەك قاراپ كەتتىڭلارغۇ؟__مەن ئۈمۈدكە قارىدىم، ئۈمۈدمۇ ئۆزىنىڭ جۈپتىنى كۆرگەندەك ئۇ بالىغا قاراپ تۇراتتى،__ئىسمى ئۈمۈد، مىنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ، ئۈمۈد،ھەدە-ئاكىلىڭرىدىن ئەھۋال سورا،__تەلەپپۇزۇم كىنايە مەنىسىدە چىقىۋاتاتتى.

__ھەدە ياخشىمۇسىز، ئاكا تىچلىقمۇ؟__ئۈمۈد كۈلۈمسىرەپ ئەھۋال سورىدى.
مۇختەر سەل ئىسىگە كەلگەندەك_-ھە تىچلىق بالام،_دىگەن گەپنى ئاران دىيەلىدى.

ئايالى بولسا تىخىمۇ تەرلەپ كەتكەن بولسا كىرەك، چىرايى سەل ئۆڭگەندەك بولدى.
__تىنچلىق ئۇكام.
ئەمدى بايامقى مەسخىرلىق قاراش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن ئىدى:
__بولدى، كەيپىڭلارغا تەسىر يەتكۈزمەيلى، يۇرە ئۈمۈد بالام بىز ماڭايلى، خۇش ئەمىسە...__شۇنداق دىگىنىمچە ھىلىمۇ ھودۇقۇپ ئۈمۈدتىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالغان مۇختەرگە ئۆتكۈر كۆزلىرىمنى مىختەك يۇرىكىگە پاتۇرغىنىمچە يانداپلا ئۆتۈپ كەتتىم....

توۋا...دۇنيا دىگەن مۇشۇنداق تار ئىكەن، مەڭگۈ كۆزۈم كۆرمەس،دەپ ئويلىغان ئىدىم، بۇ باغچىدا ئۇچرىشىپ قالغىنىمنى كۆرمەمدىغان...باشتا ئىچىم سەل ئىچىشقاندەك قىلسىمۇ بايامقى ئىشلارنى يەنى ئۇلارنىڭ پاسسىپ ھالەتتە قىلىپ قالغان تۇرقىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىمدىن بىر خۇشاللىق يۇزۇمگە تىپىپ چىقتى...
مىنىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ ئۈمۈدكە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىشى ئىدى، بىلمىگەن كىشى ئىككىسىنى بىرگە كۆرسە چوقۇم قوش كىزەك،دەپ ئويلاپ قىلىشى مۈمكىن ئىدى.

بۇندىن بۇرۇن مۇختەرنى كۆرسەم چوقۇم يىغلىۋىتىمەن، كۆڭلۈم بەك يىرىم بولىشى مۈمكىن،دەپ ئويلايتتىم، خۇدادىن ئۇنى ئۇچرىتىپ قالماسلىقىمنى تىلەيتتىم، بۈگۈن مانا كۆرۈشكەندە بولسا مەندە ھىچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولمىدى، خۇددى ئۇ بىر ناتۇنۇش ئادەمدەك، مەن ئۈچۈن ھىچنىمىگە ئەرزىمايدىغان، مەن ۋە ئۈمۈد بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز كىشىدەكلا ھىس قىلدىم...

قارىغاندا نەپرەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى كىشىنى مۇشۇنداق قىلىپ قويسا كىرەك...

__ئاپا،__ئۈمۈد نىمىشقىدۇر ھەيران بولغاندەك قۇلۇمنى تۇتۇپ خىيال سۈرىۋاتقان چوڭ ئادەملەردەك پەسكە قارىغاچ مىڭىپ__ئاۋۇ ئاكاشلارنىڭ بالىسى نىمانداق ماڭا ئوخشايدۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۇرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى...نىمە دىسەم بولار...
__ھە؟ شۇنداقمىكەن؟ مەن مەن دىققەت قىلماپتىمەن بالام،__ئۆزۈمنىمۇ ،بالامنىمۇ ئالداپ مۇشۇنداق جاۋاب بەردىم.

كەچتە ئۆيگە قايتىپ كىلىپمۇ تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالمىدىم. كۆز ئالدىمدا مۇختەر، ئايالى، بالىسى، ئۈمۈد...لەر چەمبەر ھاسىل قىلغىنىچە كۆز ئالدىمدا پىرقىراپ يۇرەتتى...ئايالىنىڭ ئىسسىقتا  قايماقتەك  پارقىراپ كەتكەن چىرايى، مۇختەرنىڭ ھاڭۋاققىنىچە ئۆزگەرگەن چىرايى..بىرلا بالىسىنىڭ ئۈمۈدكە ئوخشاش ئوماق ھالدا ماڭا،ئۈمۈدكە قاراپ تۇرۇشلىرى....ئويلاۋىرىپ بىشىم ئاغرىپ كەتتى...قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىم،ئۆزۈممۇ بىلمىدىم...

دۈشەنبە كۈنى ئۈمۈدنى مەكتەپكە يۇلغا سىلىپ ئالدىراشلا ئۆزۈمنى بىرقۇر تۈزەشتۇرۇپ ئىشقا ماڭدىم.

ئىشخانىدا ئولتۇراتتىم، بىرچاغدا بىرى ئىشىكنى يىنىك چەكتى.
__كىرىڭ،__كۆزۈمنى كۆرىۋاتقان ماتىريالدىن ئىلىپ ئىشىكتىن كىرگەن كىشىگە قارىدىم. ئىشىكتىن بەستلىك كەلگەن 34~35ياشلاردىكى سالاپەتلىك كەلگەن، ئاق يۇزىگە تولىمۇ ياراشقان بۇرۇتلۇق بىرى كىرىپ كەلدى.

__ياخشىمۇسىز، ئابىدە سىز شۇمۇ؟__ئۇ كىشى كۈلۈمسىرگىنچە قولىدىكى ماتىرياللارنى ئۈستىلىمگە قويدى.
__ھە،ياخشىمۇسىز،مەن شۇ ،قىنى ئولتۇرۇڭ_مەنمۇ دوستانە رەۋىشتە ئۇ كىشىگە قاراپ كۈلۈمسىردىم.

ئۇ كىشى جايلىشىۋالغاندىن كىيىن ئۈستەلدىكى ماتىرياللارنى مەن تەرەپكىرەك ئىتتىرىپ قويدى.
__كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، بۇ ھۆججەتلەرنى ***ئىدارىگە ۋەكىل بولۇپ ئەكەلگەن ئىدىم.

ھە،__مەن ماتىرياللارغا مۇنداقلا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتۈم،__بولىدۇ،ئىشخانىڭىزنىڭ نومرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ئەمىسە، كۆرۈپ بولۇپ نەتىجىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كىيىن سىز بىلەن ئالاقىلىشاي...

_بولىدۇ ئەمىسە ئىسمىم ئەدىھەم. جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن.

خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن بىرنەچچە قىتىم كۆرۈشۈپ قالدۇق. ماڭا بەرگەن تەسىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. گەپ قىلغاندىكى سالاپىتى، گەپنى ئاز ھەم تىتىملىق،چۈشىنىشلىك قىلىشى، ئەدەپلىكى مىنى قايىل قىلغان ئىدى.

كىينچە پاراڭلىشىپ يۇرۇپ دوست بولۇپمۇ قالدۇق. ئەدىھەم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تىخى مۇشۇ يىشىغىچە تۇي قىلمىغانلىقىنى بىلدىم.
بىلىپ بىلمەي ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆتمۈشۈمنى سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى، سۆزلىدىم،قىتىرقىنىپ ئاڭلىدى، بىردە قاپاقلىرى تۈرۈلسە،  بىردە ئىچىلاتتى...

__ھەي....ھەقىقەتەن ئادەم ئەمەس نىمە ئىكەن،__گىپىمنى تۈگۈتۈپ بولىشىمغا ئالدىدىكى قەھۋەنى بىر يۇتۇم ئىچىپ قۇيۇپ جايىغا قۇيۇپ قويغاندىن كىيىن،__سىزدە ھىچقانداق گۇناھ يوقكەن، سىزدە گۇناھ بار،دىيىلسە دادىڭىزنىڭ باشلىق ئەمەسلىكى ئوخشايدۇ.

بۇ گەپلىرىنى ئاڭادپ مىيىققىدا كۈلۈپ قويدۇم:
__ھازىرغۇ شۇ ئىشلارنى ئەسلىسەممۇ كۆڭلۈم پەقەت يىرىم بولمايدۇ، ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىممۇ ھىچنىمە ئەمەس بولۇپ قاپتۇ، خۇددى ئۇنىڭ مەۋجۈت بولۇش-بولماسلىقى مەن بىلەن ھىچبىر باغلىنىشى يۇقتەكلا...

__سىز بەكلا قەيسەر ئىكەنسىز ئابىدە، سىز قىلغاننى خىلى-خىلى ئاياللارمۇ قىلالمايدۇ، بىر بالىنى ئۆزىڭىز بىر ئادەم بىقىپ چوڭ قىلىپ، ھىچكىمگە سارغايتماي، تىخى خىزمىتىڭىزدە نەتىجە قازىنىپ...ئىشقىلىپ سىزگە قول قويدۇم جۇمۇ...

مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم.

بىزنىڭ ئۇچرىشىشلىرىمىز بارا-بارا كۆپىيىپ ئىككى كۈندە بىر تاماق يەيدىغان،ھەتتا بىرەر كۈن تىلفۇنى كەلمەي قالسا سەل بىئاراملىق ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۆزۈمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سەزگىنىمدە ئۆزۈمدىن ئۆزۈم قۇرقۇپ قالدىم، ئابىدە، سەن نىمە قىلىۋاتىسەن؟ كاللاڭنى سىلكىۋەت، ئەركىشى ئىشىنىدىغان نەرسە ئەمەس، شۇنداق دىگەندىمۇ گەرچە سەندىن چوڭ بولسىمۇ ئۇ تىخى توي قىلمىغان يىگىت، سەنچۇ؟ سەن بىر قىتىم توي قىلغان، بىر بالاڭ بار ئادەم...ئۆزۈڭنى تۇتىۋال...

ئاستا-ئاستا ئۆزۈمنى يىراقلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، مەن قانچە ئۆزۈمنى تارتقانسىرى ئەدىھەمنىڭ كۆيۈنۈشلىرى نەچچە يىل بوش تۇرغان كۆڭلۈمنى تۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتاتتى، تۇرۇپ ئۇنىڭدىنمۇ گۇمان قىلىدىغان،خۇددى مىنىڭ خىزمىتىمنى، مەنسىپىمنى كۆزلەپ قەستەن ماڭا يىقىنچىلىق قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم، بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزۈمنى يەنە ئەيىبلەيتتىم. چۈنكى ئەدىھەم ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى.ھەق-ناھەق كۆز قارىشى ناھايتتى ئىنىق ئىدى.

مەن ئىككىلىنىپ،قۇرۇنۇپ،ئۆز-ئۆزۈمدىن سۇئال سوراپ يۇرگىنىمدە تۇيۇقسىز ئىشخانەمگە بىرى كىرىپ كەلدى.

بىشىمنى كۆتۈرۋىدىم، ئالدىمدا لەنىتىمگە ئۇچرىغۇچى مۇختەر تۇراتتى، ئۇنى كۆرۈپ بەدىنىم سۇس جىغىلدىغاندەك قىلدى. چىشلىرىم سەل كىرىشكەندەك قىلدىميۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدارىدە ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ ئۆزۈمنى بىسىۋالدىم.

__ياخشىمۇسىز ئابىدە.
__خۇداغا شۈكرى،يامان ئەمەس، مىنى ئىزدەيدىغان بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟،__ئۇنى ئولتۇرۇشقىمۇ تەكلىپ قىلمىدىم.

مۇختەر سەل ئوڭايسىزلانغاندەك تەرىزىدە ماڭا قاراپ قۇيدى.تۇرۇشنى سەل بىئەپ كۆردىمۇ، تەكەللۇپسىزلا ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
__سىز بىلەن دىيىشىدىغان گەپلەر بار ئىدى. مۇۋاپىق ۋاقتىڭىزنى ئاجراتسىڭىز، بىز پاراڭلىشىپ كەلسەك بوپتىكەن.

مۇختەرنىڭ چىرايىغا قارىدىم، بۇرۇنقى بىر جۈپ مۇھەببەت يىغىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ھازىر يۇندا ئۈستىدىكى مايدەكلا پارقىراپ تۇراتتى. تەنھەركەتچىلەردەك بوي بەستى كىلەڭسىز ھالدا سەمىرىپ بۇرۇنقى مەن ياخشى كۆرگەن ھالەتتىكى مۇختەرنىڭ ئىزىمۇ قالمىغان ئىدى.
ئۆزۈمچە سەل يىرگەنگەندەك ھىس قىلدىم.

__بىز؟ بىزنىڭ پاراڭلاشقۇدەك ھىچقانداق گىپىمىز يوق، سەككىز يىل بۇرۇنلا بىزنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتىمىز قالمىغان!ھىچقانداق!چۈشەندىڭىزمۇ؟

سەل ھاياجانلىنىپ قالغاندەك ئىدىم.

__ئۇنداق دىمەڭ، بىلىمەن ئۆز ۋاقتىدا...

__بولدى بەس مۇختەر، قۇرۇق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق، مەنمۇ ئالدىراش ئادەم، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەڭە، مىنى نىمە ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەن ئىدىڭىز؟

مۇختەر تۈزۈتسىز ھالىتىمنى كۆرۈپ سەل دىلغۇل بولۇپ قالدى بولغاي، كۆزلىرىنى يىنىشلاپ-ينىشلاپ چىمچىقلىۋىتىپ،قولىنىڭ كەينى بىلەن پىشانىسىنى سەل ئىرتىپ قويدى:
__بىلىمەن، سىز ماڭا بەك ئۆچ...ئارىمىزدا بالىنىڭ بارلىقىنى....

__ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ، نىمە بالا؟؟؟ بالا دەپ قۇيۇڭ، كاللىڭىزنى قاتتىق سىلكىۋىتىپ گەپ قىلىڭ...
__ئۈمۈدچۇ؟ ئۈمۈد مىنىڭ بالام ئەمەسمۇ؟
__زۇۋانىڭىزنى يىغىڭ دەۋاتىمەن، ئاڭلاۋاتامسىز؟ قايسى ئۈمۈد؟ مىنىڭ؟ كىم سىزگە ئۈمۈدنى سىزنىڭ بالىڭىز؟دىدى؟
__ئۈمۈدنىڭ قاشلىرى، كۆزلىرى، مىنىڭ تىرەمنى كىيىپ چۈشكەندەكلا چىرايى...مانا مۇشۇلار دەپ بەردى.
__قۇرۇق گىپىڭىزنى قۇيۇڭ مۇختەر،__نىمىشقىدۇر تىنىمگە تىترەك ئولاشتى،__ئۈمۈد سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس،ئۇ ھەرگىز سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس، ھازىرلا ئىشخانىدىن چىقىپ كىتىڭ....

مۇختەر ئالدىرماي ئورنىدىن تۇردى، ئىككى قولىنى مەن ئولتۇرغان ئۈستەلگە دىيگىنىچە: ماڭا بىر پەس قاراپ تۇرۇپ قالدى، چىرايىدىكى ئاپادىسىدىن نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنىپ بولالمىدىم.

__ماقۇل، ئابىدە مەن كىتەي، لىكىن بالامنى چوقۇم دادا،دىگۈزمەي قالمايمەن.
__يوقال ئىپلاس....

مۇختەر چىقىپ كەتتى، كاللامدا ھەرخىل خىيال، مۇختەر ئۈمۈدنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قاپتۇ-دە؟ ئەمدى قانداق قىلىشىم كىرەك؟ بىردىنلا ئۈمۈدنىڭ:<< ئاپا دادام نىمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن؟>> دىگەن سۇئاللىق قارىغان چىرايىنى كۆرگەندەك بولدۇم، بىچچارە بالام، بۇ ئادەم سىنىڭ داداڭ بولۇشقا لاياقەتلىك ئەمەس، ئۇ بىر ئىپلاس...

كەيپىياتىم ئۇچقان ھالدا ئۆيگە قايتتىم، قۇلۇم ئىشقا بارمايتتى، خۇددى مۇختەر كىلىپلا ئۈمۈدنى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك ھىسيات يۇرىكىمنى چاڭگىلىغا ئىلىۋالغان ئىدى....
نىمە تاماق ئەتسەم بولار، ئۆزۈمنىڭ شۇ تاپتا ھىچنىمە يىگۈم يوق ئىدى، لىكىن ئۈمۈدكە بىرەر نەرسە قىلىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، بولدىلا يا بولمىسا ئۈمۈد كەلگەندە بىللە سىرتتا تاماق يەيلى، شۇنىداق ئويلىغاچ سافا دا ئولتۇرۇپ ئۈمۈدنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كىلىشىنى كۈتتۈم، مانا كىلىدىغان ۋاقتىدىن توپتۇغرا يىرىم سائەت ئىشىپ كەتتى، ئوغلۇم ئۈمۈد تىخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى، ئۆزۈمچە ئەنسىرەپ قالدىم،ئەستا ما بالىنى، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ئاغزىمنى ئۈشۈتمەي، كىلىپ قالار...

بىر مىنىۇت ئىككى مىنۇت...مانا يەنە ئون مىنىۇتمۇ ئىشىپ كەتتى...كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولۇپ سەرھال سومكامنى ئىلىپ سىرتقا چىقماقچى بولۇپ ئىشىكنى ئىچىشىمغا ئۈمۈد كارىدۇردىن ئۆيگە قاراپ چىقماقتا ئىدى.

__بالام، بۇ چاققىچە كىلىپ بولاتتىڭ، نىمە بولدۇڭ،؟
__ھىچنىمە ئاپا،ئەنسىردىڭىزما؟
ئۈمۈد شۇنداق دىگىنىچە تاتلىق كۈلۈمسىرەپ بوينۇمنى كىچىك قوللىرى بىلەن ئىگىپ تۇرۇپ مەڭزىمگە بىرنى سۈيۈپ قۇيۇپ ئۆيگە كىردى.

ئۈمۈدنى كۆرۈپ يۇرىكىممۇ جايىغا چۈشكەندەك بولدى.
مەنمۇ قۇلۇمدىكى سومىكى قۇيماستىن ئايىغىنى ئالماشتۇرۋاتقان ئۈمۈدكە قارىدىم.
__بالام، نىمىگە كىچىكىپ قالدىڭ؟ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟
__ياق ئاپا، ھىچ ئىش بولمىدى، بۈگۈن سىنىپىمىزغا بىر ئوقۇغۇچى كۆچۈپ كەپتىكەن، دادىسى سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەللىمىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە كىنتاكىي غا ئاپىرىپ مىھمان قىلدى.

__ھە؟_ھەيران قالدىم،__سىنىپقا يۆتكىلىپ كەلسىمۇ ئاتا-ئانىلىرى بالىسىنىڭ يىڭى ساۋاقداشلىرىنى مىھمان قىلىدىغان ئىش بارمىكەن؟
__مەنمۇ بىلمەيمەن،__دىدى ئۈمۈد گۆدەكلەرچە،__ھە راسىت ئاپا، دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،__ئۈمۈد بىر ئىشنى يادىغان ئالغاندەك جىلۋىيىپ قاراپ،__يىڭى كەلگەن ساۋاقدىشىمىز ھىلىقى باغچىدا ئۇچراپ قالغان ماڭا ئوخشايدىغان بالا ئىكەن...

قۇلۇمدىكى سومكىنىڭ قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتكىنىنى ئوقمايمەن،بىرى بىشىمغا توقماق بىلەن بىرنى ئۇرغاندەك جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم...

__ئاپا...ئاپا...نىمە بولدىڭىز؟__ئۈمۈد پىشىمنى تارتىشقا باشلىدى،__گەپ قىلىڭە ئاپا؟

__ھە...ھە.. ھىچنىمە بالام، ھىچنىمە بولمىدىم،__ئىسىمگە كەلگەندەك بولدۇم،__ماڭ بىرىپ تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىگىن،__ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئۈمۈد بولسا ھەيران قالغاندەك ماڭا قاراپ قالغان ئىدى.

كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم، مۇختەر،سەن نىمە قىلماقچى-ھە؟ بۇ سىنىڭ نىمە قىلغىنىڭ؟ ئالالمىغان ئۆچۈڭ بولسا مانا مەن تەييار، بالاڭنى ئۈمۈدنىڭ سىنىپىغا يۆتكەپ، ئۇلارنى يىغىپ چاقىرىشىڭدە نىمە مەقسەت بار؟ دىسەم دىمىسەم ئۈمۈدنى ئۆزۈڭنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى، ئوغلۇڭنى ئۈمۈدنىڭ سىنىپىغا يۆتكىشىڭدىكى مەقسىتىڭ ئۇلارنى يىقىنلاشتۇرۇش،شۇنداقمۇ؟ قىرىنداشلىق مىھرى سىڭدۈرمەكچىمۇ سەن؟ سەن زادى قايسى مەقسىتىڭگە يەتمەكچى؟؟؟
ياق، ئۈمۈد بۇرۇنقى ئىشلارنى بىلمەسلىكى كىرەك،چوقۇم شۇنداق قىلاي، ئۆزىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىپلاس،ئەرزىمەس، ۋىجداشنسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلدۈرمەسلىكىم كىرەك...

تۇيۇقسىز تىلفۇنۇمنىڭ سايرىشى مىنى چۆچىتىۋەتتى، ئىكراندىن ئەدىھەمنىڭ نومرى يۇرۇپ تۇراتتى، خىلى ئۇزۇن سايرىغاندىن كىيىن تىلفۇننى ئىرەنچىكلىك بىلەن قولۇمغا ئالدىم:
__ۋەي،ياخشىمۇسىز ئابىدە، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
__ياخشى
__كەچلىك تاماق يىدىڭىزمۇ؟
__ياق...ھە يىدىم
__ئۈمۈدچۇ؟ قايتىپ كەلدىمۇ؟
__ھە كەلدى

ئەدىھەم ئاۋازىمنىڭ تىترەپ چىقىشىدىن بىرنەرسىنى ھىس قىلدىمۇ سەل جىددىي تەرىزىدە:
__ئابىدە، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟_دەپ سورىدى.

قانداق قىلاي؟ بۇ ئىشلارنى كىمگە ئىيتىپ ئىچىمنى بوشىتاي؟ يەنىلا ئەدىھەمگە دەي، ئازراق بولسىمۇ كەيپىياتىم بۇرۇختىما ھالەتتىن سەل ياخشىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

__ياقەي، ھىچ ئىش بولمىدى، ھازىر ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
__بار ئابىدە، ۋاقتىم بار.

مەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئورۇننى ئىيتىپ شۇ يەردە ئۇچرىشىشنى ئىيتىپ تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم.

ئۈمۈدكە تىزلا قايتىپ كىلىدىغىنىمنى ئىيتىپ دەرسلىك ماتىرياللىرىنى كۆرۈپ تۇرىشىنى تاپىلاپ ئۆيدىن چىقتىم.

ئەدىھەم مەندىن بۇرۇن كىلىپ مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۆزئارا سالاملىشىپ كۆرۈشۈپ جايلىشىۋالغاندىن كىيىن جىممىدە بىشىمنى سىلىپ ئولتۇردۇم.

ئەدىھەممۇ بىر ئىشنى سەزگەندەك،گەپ قىلماي مىنىڭ ئىغىز ئىچىشىمنى ساقلاۋاتقاندەك تاماكىسىنى چىكىپ جىممىدە ئولتۇردى.

شۇ تاپتا نىمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتاتتىم، ئويلاپ باقسام ئاجرىشىپ مۇشۇ ۋاققىچە بىرەر ئەركىشى بىلەن ئولتۇرۇپ مۇڭدۇشۇپ، پاراڭلىشىپ يۇرگىنىم مۇشۇ ئەدىھەم ئىكەن، كۆڭلۈمدە يىقىن ھىس قىلاتتىم، ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ مىنى يامان كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەڭ ئاخىرى كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يەنى مۇختەرنىڭ ئىشلىرىنى بىر-مۇ بىر دىيىشنى مۇۋاپىق كۆردىم.

سۆزلەۋەتىمەن، سۆزلەۋەتىمەن، ھەر سۆزلىگىنىمدە مۇختەرگە بولغان نەپرىتىم ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىدى...ئەڭ ئاخىرى يىغلاپ تاشلىدىم...
__ئويلاپ بىقىڭ ئەدىھەم...شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ بۇيۇمدا بار ئىدى، ئۇ شۇنىمۇ بىلەلمىدى،ھەتتا مەندىن يۇز ئۆرىدى،يۈزسىزلەرچە،تەلۋىلەرچە بۇرۇنقى پاك،سەمىمىي مۇھەببىتىمىزنى دەپسەندە قىلىپ، يىڭى نىكاھ نوتىمىزنى دەسسەپ چەيلىدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇنى مەڭگۈ كۆرمىسەم،دەپ خۇدادىن تىلىگەن ئىدىم، ئۈمۈدنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىمۇ ئۇ بىلمەيتتى، ئەلۋەتتە بىلىشىنىڭمۇ ھىچقانداق زۆرۈرىيىتى قالمىغان ئىدى، چۈنكى ئۇ مەنپەئەت  ئۈچۈن، باشلىقىنىڭ قىزى ئۈچۈن جىنىنىمۇ سىلىپ بىرىشتىن يانمايدىغاندەك قىلاتتى، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ھايۋاننىڭ ئالىسى تىشىدا دەپ، مەن ئۇنىڭ بۇنچىلىك پەسكەش ئادەم ئىكەنلىكىنى پەقەت ھىس قىلماپتىكەنمەن، قىسقىسى ئۇنى چۈشەندىم،دەپ يۇرگەن ۋاقىتلىرىم ئەمەلىيەتتى دەل ئۇنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىكەن....

يەنە نىمىلەرنى دىگىنىم ئىسىمدە يوق، جىقلا گەپلەرنى قىلىپ كىتىپتىمەن، ھەتتا ئۇنىڭ ئىشخانەمگە بارغىنىنى ،دىگەن گەپلىرىنى، ئۈمۈدنىڭ دىگەن گەپلىرىنى چالا قۇيماي دەپتىمەن...

ئەدىھەم بولسا جىممىدە كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە گىپىمنى ئاڭلاۋاتاتتى، ياكى خىيال قىلىۋاتامدۇ، گەپلىرىمنى تەھلىل قىلىۋاتاتمدۇ، ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىدى...

گەپىم تۈگەپ كۆز ياشلىرىمنى ئالدىمدىكى سالفىتكا قەغىزى بىلەن يىنىك سۈرتتۈم، ئىچىم بوشاپ قالغاندەك بولدى، تۇرۇپ ئەدىھەمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم.

ئۇ مىنىڭ نىمەم ئىدى، شۇنچە گەپلىرىمنى ئىيتىۋالدىم...ھەي توۋا...مەن بەكلا ئاجىز ئىكەنمەنمۇ نىمە؟ ئۆزۈمنىڭ ئىچكى روھىي دۇنيارىمنى ئەدىھەمگە ئىيتىپ ئولتۇرغىنىم نىمىسى؟ مىنى نىمە دەپ ئويلاپ قالغاندۇ؟ ھە دىسىلا يىغلاپ يۈرىيدىغان ئىچكى دۇنياسى تولىمۇ ئاجىز ئايالكەن،دەپ ئويلاپ قىلىۋاتاتمدىغاندۇ؟...

__مەن چۈشەندىم ئابىدە، بولدى كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،__ئەدىھەم شۇنداق دىگىنىچە كۆزلىرىنى بايا تىكىلىپ تۇرغان نۇقتىدىن ماڭا يۆتكىدى،__ئانچىكىم ئىشلار .ئىكەنغۇ؟ بۇنچىلىك يىغلاپ كىتىشنىڭ ئورنى يوق ئىشلار ئىكەن ئابىدە، ئىشلارنى قانچە مۇرەككەپ ئويلىۋالسىڭىز ئىشلار راستلا مۇرەككەپ بولۇپ كىتىدۇ.  سىزنى ئىزدەپ بارغان بولسا يەنى بالىسى بارلىقىنى بىلىپ بالا ئۈچۈن بارغان بولسا ئۇ ئانچىمۇ ئەسكى ئادەم بولمىسا كىرەك.

ئەدىھەم ماڭا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى،كەينىدىن ئالدىدىكى سالاتتىن بىرتالنى ئىلىپ ماڭا سۇندى، مەن بىشىمنى يەردىن كۆتۈرمەي سۇنغان سالاتنى ئاستا قۇلۇمغا ئالدىم.

__مۇختەر مەيلى ئەسكى بولسۇن ياكى ياخشى بولسۇن، ئۇ بەرىبىر ئۈمۈدنىڭ دادىسى...

ئۈمۈدنىڭ دادىسى دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەمدىلا پەسەيگەن نىرىپلىرىم قايتا قوزغالغاندەك بولدى:
__ياق ئەمەس،!! ئۇ ئۈمۈدنىڭ دادىسى ئەمەس...

ئەدىھەم ماڭا ھەييارلارچە قاراپ قۇيدى:
__ئەمىسە دادىسى... ؟؟

ئەدىھەمنىڭ مىنى قەستەن تىرىكتۇرمەكچى بولغىنىنى ھىس قىلدىم،شۇندىمۇ ئۆزۈمنى بىسىلىپ تۇرۇپ سۆزلىدىم:
__ئۇ ئۈمۈدنىڭ دادىسى بولۇشقا سالاھىتى توشمايدۇ...

__ھا...ھا..مۇنداق دىمەمسىز ئابىدە، ئەمدى بۇنداق يىنىكلىك بىلەن گەپ قىلىپ يۇرمەڭ جۇمۇ،بولمىسا زور خاتالىق كىلىپ چىقىدۇ...

ئەدىھەمنىڭ ھەييارلارچە كۈلكىسىگە قاراپ مەنمۇ بىلىپ-بىلمەي كۈلۈپ كەتتىم.

__ھە،مانا ئەمدى بولدى، ئادەم دىگەن كۈلۈشنى بىلىش كىرەك، قانچە كۆپ يىغلىسا شۇنچە ئاجىز بولۇپ قالىدۇ، ماڭا قاراڭ ئابىدە، ئۈمۈدكە ئىزچىل داداڭ ئۆلۈپ كەتكەن،دەپ كەپسىز، دۇنيادا يىشىلمەيدىغان سىر يوق، بىركۈنى بولماي بىركۈنى بىلىدۇ، كىيىن بىلگىنىدىن ھازىر بىلگىنى مىنىڭچە ياخشىراقمىكىن، نىمىلا دىگەن بىلەن مۇختەرمۇ يامان ئويلىماپتۇ، ئۇمۇ دادا ئەمەسمۇ؟ مىنىڭچە ئۈمۈد بىلەن مۇختەر ئىككىسىنى كۆرۈشتۈرۈپ ئۆزئارا تۇنۇشلۇق بەرگۈزۈڭ...

__نىمىلەرنى دەۋاتىسىز ئەدىھەم؟__دىدىم قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىگەندەك ،__كۆرۈشتۈرۈڭ دىدىڭىزما؟

شۇنداق،مىنىڭ مەسلىھەتىم كۆرۈشتۈرۈڭ،__ئەدىھەم ئەستايىدىللىق بىلەن ماڭا تەكلىپ بىرىۋاتقاندەك قىلاتتى__سىز بۇنداق قارشلاشسىڭىز ئۈمۈدكىمۇ،ئۆزىڭىزگىمۇ بىرەر پايدىلىق تەرىپى يوق، مۇختەر بۇرۇن ئۈمۈدنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ،مانا ئەمدى بىلدى، مۇختەرمۇ شۇ ئۆزىنىڭ ئوغلى بارلىقىدىن خۇش بولغاندۇ؟ نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ مەيلى قانداق تىپتىكى ئادەم بولمىسۇن، ئۇمۇ بىر دادا...

ئەدىھەمنىڭ گەپلىرىنىڭ بىر يەرلىرى مىنى قايىل قىلىپ قويغاندەك بۇرۇنقى قەتئىي كۆرۈشتۈرمەيمەن، قەتئىي بىلدۈرمەيمەن، دىگەن ئىرادەم سەل تەۋرىنىپ قالغاندەك بولدى...
ئەدىھەم جىم بولۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ گەپلىرىنىڭ تەسىر قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىمۇ گىپىنى داۋاملاشتۇردى:

__قاراڭ، مۇختەر ئوغلى بىلەن ئۈمۈد ئىككىسىنى تىخىمۇ يىقىن تۇرسۇن،تۇنۇشۋالسۇن،دىگەندەك ئوغلىنى ئۈمۈد بىلەن ساۋاقداش قىلىپ قۇيۇپتۇ،بۇمۇ ئاسان ئەمەس...بىلىمەن، كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يەرلىرىدە قايىل بولمايۋاتقان بولسىڭىزمۇ ئۈمۈدنى بولسىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ، شەخسىيەتچىلىك قىلماي، ئۈمۈدنى خۇش قىلىڭ، ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسى بارلىقىنى بىلسە قانچە خۇش بولار-ھە؟...

ئەدىھەم مانا مۇشۇنداق كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇردىغان گەپلەرنى قىلىپ بايامقى ئوسال كەيپىياتىمنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇردى...



  ئۈچىنجى بۆلۈم.




ئۆيگە ئەكىلىپ قويغاندىن كىيىن سائەتكە قارىسام كەچ سائەت8دىن ئىشىپ قاپتۇ، ئۈمۈد بولسا ياتاق ئۆيىدە تىخىچە كىتاب كۆرۈۋاتقان ئىكەن، مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپلا:
__ئاپا، سىز ئەدىھەم ئاكاش بىلەن تاماق يەپ كەلدىڭىزمۇ؟،__دىۋىدى،ۋىللىدە قىزىىرىپ كەتتىم. قارا،كىچىككىنە تۇرۇپ بۇنى قانداق بىلىۋالدىكىنە؟

__ھە،شۇنداق بالام، ئەسلى سىنىمۇ ئىلىپ چىقىپ بىرگە يەيلى،دىسەك سەن تاماق يەپ بولۇپسەن، خىزمەت ئىشى بىلەن...

__ھە، ئەدىھەم ئاكاش ئۆتكەندە ئىلىپ بەرگەن كىتابنى ئوقۇپ بولدۇم، ئاپا،ئەدىھەم ئاكاش ئەتە ئاتا-تانىلار يىغىنىغا دادامغا ۋاكالىتەن بىرىپ بەرسە بولامدۇ؟

ئۈمۈدكە تەئەججەپلەنگىنىمچە قارىدىم:
__نىمە دەۋاتىسەن بالام؟

ئۈمۈد بىشىنى سالغىنىچە مەيۈس ھالدا:
__شۇ، ھەر قىتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ھەممىسىنىڭ دادا-ئاپىسى بىللە بارىدىكەن، ساۋاقداشلىرىممۇ مەندىن داداڭچۇ؟دەپ سوراۋىرىدىكەن، مەن ئۇلارغا دادام سەپەردىن تىخى قايتىپ كەلمىدى، قايتىپ كەلسە چۇقۇم يىغىنغا قاتناشقاندا سىلەرگە كۆرسىتىپ قويىمەن،دىگەن ئىدىم...__دىدى.

يۇرىكىم پۇچلانماقتا،ياق كۆيۈۋاتماقتا ئىدى...جىنىم بالام، مەن...سىنىڭ داداڭ بار،دەيمۇ؟ كىچىككىنە تۇرۇپ دادىسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىنىڭنى مەن سەزمەپتىمەن...توغرا سىنىڭدىمۇ ماڭا ئوخشاش سوقۇۋاتقان يۇرەك بار ئەمەسمۇ...

__ماقۇلمۇ ئاپا؟؟__ئۈمۈدنىڭ ئىلتىجا ئارىلاش قاراشلىرىغا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلەلمەي قالدىم.
__ماقۇل بالام...__تولىمۇ ئارىسالدى بولغان ھالدا ئۈمۈدنى چىڭڭىدە قۇچاغلىدىم...

شۇ قىتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا ئەدىھەم ئىككىمىز ئۈمۈدنى يىتىلگىنىچە ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتۇق. ئۈمۈد نىڭ روھىي ناھايتتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، ئەدىھەمنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ يىغىن زالىغا مەغرۇر كىرىشىنى كۆرۈپ بىر قىسىم بولۇپ قالدىم...ئەدىھەممۇ خۇددى شۇنداق بولىشىنى كۈتكەندەك ئۈمۈدنى توختىماي رىغبەتلەندۇرۇپ تۇراتتى...

__ئابىدە؟__تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرىنىڭ مىنى چاقىرانلىقىنى ھىس قىلىپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم، مۇختەر ئوغلىنى يىتىلگىنىچە ئەدىھەمگە،ماڭا،ئۈمۈدكە بىر قۇر قارىۋەتتى،كەيندىن__يىغىنغا قاتناشقىلى كەپسىلەردە؟

مۇشۇنداقراق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئىدىيە-جەھەتتە ئاز-تولا تەييارلىقىم بولغاچقىمۇ تىزلا ئىنكاس قايتۇردۇم:
__شۇنداق،ئۈمۈدنىڭ دادىسى بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن،ۋۇي،ئايالىڭىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟

__دادىسى؟ ھوي، ۋاقىتلىق دادا تىپىپ كەلگۈچە ئۆز دادىسىغا تەۋسىيە قىلسىڭىزلا بولماسمىدى؟ دادىسى ھىچقاچان ئوغلىدىن تىنىۋالمايتتى ئەمەسمۇ؟شۇنداقمۇ ئوغلۇم؟__مۇختەر شۇنداق دىگىنىچە ئۈمۈدنى ئەركىلەتمەكچى بولىۋىدى،ئۈمۈدنىڭ بىردىنلا قاپاقلىرى تۈرۈلدى:
__بۇ مىنىڭ دادام، ئىسمى ئەدىھەم، سەپەردىن مانا ئەمدى قايتىپ كەلدى، بۇ دىگەن ئۆز دادام...

مەن ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولغۇچە ئۈمۈدنىڭ قاتئىي تەرىزىدە بەرگەن جاۋابى ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى...

ئەدىھەممۇ تۇيۇقسىز نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي كەينىدىن كەسكىن تەلەپپۇزدا:
__شۇنداق،ئۈمۈد مىنىڭ ئوغلۇم...

مەن ئەدىھەمنى بۇنداق دەر،دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، ئۇ خۇددى ئۆتكەن قەھۋەخانىدا ماڭا قىلغان تەسەللىي نەسىھەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تەلەپپۇزى قاتتىق ئىدى، خۇددى راسلا ئۈمۈدنىڭ دادىسىدەك مەردانىلارچە تۇراتتى.

مۇختەر ئەدىھەمدىن ،ئۈمۈدتىن بۇنداق جاۋابنى كۈتمىگەن بولسا كىرەك، سەل خىجىل بولغىنىدەك:
__ھە،ئۇنداق بولسا بوپتۇ، مەيلى، ھە راست ئابىدە، يىغىندىن كىيىن بىز ئىككى ئائىلە كىشلىرى بىرگە تاماق يەپ كىرسەك قانداق؟__دىدى.

مەن ئۇنىڭ بىزگە دەيدىغان گىپى بارلىقىنى پەملىدىم:
__بولىدۇ مۇختەر جۈجاڭ.

يىغىندىن كىيىن مۇختەر ئوغلىنى، ئەدىھەم ئىككىمىز ئۈمۈدنى يىتىلىگىنىچە مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاۋات بىر تىز تاماقخانىسىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىردۇق.

كەيپىياتىم تولىمۇ چىگىش ئىدى، بىلىپ تۇرىمەن، بۇ قىتىمقى تاماق چوقۇم بەكلا مۇھىم ھەم نازۇك بىر مەسىلىگە بىرىپ تاقىلاتتى. ئۇ بولسىمۇ ئۈمۈدنىڭ دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئايرىشتەك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم. مۇختەرنىڭ ھەرقانداق ئۆكتەملىكىگىمۇ كۆڭلۈمدە سان تۇرغۇزدۇم، نىمىشقىدۇر ئەمدى كەسكىن ھالدا ئۈمۈدنى مۇختەرنىڭ بالىسى ئەمەسلىكىگە مۇختەرنىمۇ،ئۈمۈدنىمۇ ئىشەندۈرۈشۈم كىرەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

بىرلا گەپ،ئەدىھەمنىڭ ماڭا ماسلىشىپ بىرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى ئىدى.
ئەدىھەم تەمكىنلىكىنى يوقاتمىغان ھالدا سالماق ئولتۇراتتى.

ئۈمۈدنى ئوتتۇرىمىزغا ئىلىپ ئەدىھەم ئىككىمىز مۇختەرگە روبىرو قاراپ ئولتۇردۇق، مۇختەر نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيۋاتقاندەك كۈتكۈچى قىزنى چاقىرتىپ تاماقلارنى ئۆزى بىر قوللۇق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن يىنىدىكى ئوغلىغا قاراپ قويدى.

__ئابىدە، ئاۋال سىزدىن يەنە بىر قىتىم بۇرۇنقى ئىشلار ئۈچۈن كەچۇرۇم سورايمەن.

يىنىمدا ئۈمۈد بولسا نىمە بولغىنىنى بىلمىگەندەك بىر ماڭا-بىر مۇختەرگە قاراپ ئولتۇراتتى.

مەن ئۈنچىقمىدىم. بۇ چىگىش ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلسام ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغىنى ئۈستىدە يەنىلا ئىككىللىنىپ تۇراتتىم.

__بىلىمەن،سىز ماڭا بەكلا ئۆچ،ماڭا نەپرەتلىنسىىز،لىكىن ماڭا راست گەپنى قىلسىڭىز،ئۈمۈد مىنىڭ بالام،شۇنداقمۇ؟

تۇيۇقسىز تومتاقلا سورالغان بۇسوئالدىن سەل مەندەپ قالدىم،مۇختەرگە قارىدىم، مۇختەر بۇرۇنقى مۇختەر ئەمەس ئىدى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە چوقۇم ئۈمۈدمۇ،مۇختەرمۇ ،ھەتتا كىچىك بولسىمۇ بىر ئىشنى چۈشىنىدىغان مۇختەرنىڭ ئوغلىمۇ، تىخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئەدىھەممۇ قايىل بولغۇدەك جاۋاب بەرمىسەم بولمايتتى.

ئىچىمدىكى دەيمۇ-دىمەيمۇ دىگەن زىدىيەت تۇقۇنۇشى يۇزۇمگە تىپىپ چىقىۋاتاتتى،ئۆتىۋاتقان ھەر بىر دەقىقە مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىدى. تۇيۇقسىز جىمجىتلىقنى ئەدىھەم بۇزدى:

__شۇنداق مۇختەر، ئۈمۈد سىزنىڭ ئوغلىڭىز،__ئەدىھەمنىڭ ئاۋازى خۇددى گۈلدۈرمامىدەك قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى_ ئابىدە مۇشۇ چاققىچە سىزگە ئىيتمىدى، ئۇ سىزگە ئىيتمىدى ئەمەس، ئىيتقۇدەك پۇرسەتنىمۇ سىز بەرمىدىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئابىدەگە قانداق يۇزسىزلىك قىلغىنىڭىزنى ئويلاپ بىقىڭ،ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئەسلى مەن گەپ قىستۇرمىسام بولاتتى، چۈنكى مىنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىشلارغا ئارلاشقۇم يوق ئىدى، قارىسام ئابىدە راست گەپ قىلماي سىزنىمۇ ،ئۈمۈدنىمۇ ،ئۆزىنىمۇ ئالدايدىغاندەك قىلدى، بۇنداق قلىسا ئابىدە مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالىدۇ، شۇڭا ئابىدەنى ئويلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا مەنلا جاۋاب بىرىۋەتتىم.

مىڭەمنىڭ ئىچىدە چاقماق چاققاندەك تۇيغۇلارنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. قۇلاقلىرىم سۇس غۇڭۇلدايتتى.

مۇختەر بىردىنلا لەسسىدە بوشىشىپ كەتتى، ئوغلى بولسا نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەندەك مۇختەرگە قاراۋاتاتتى،ئۈمۈد بولسا خۇددى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بىر گەپنى ئاڭلاۋاتقاندەك يەنە بىر تۇرۇپ روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئاغزىنى ئىچىپ ھاڭۋاققىنىچە ماڭا قاراپ:

__ئاپا،ئەدىھەم داداش راست گەپ قىلمدى، شۇنداقمۇ؟مىنىڭ دادام ئۆلۈپ كەتكەنغۇ-ھە ئاپا؟_دىگىنىچە پىشىمنى تارتاتتى...

__ئابىدە،__مۇختەرنىڭ ئاۋازىنىڭ سۇس تىترەپ چىقىۋاتقانلىقىنى سەزدىم، بايامقى كۆرەڭ ھالىتى نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى__مىنى كەچۇرۇڭ ئابىدە، مەن ھىچنىمىنى سەزمىگەن بىلمىگەن ئىكەنمەن، سىزدىن قانچە كەچۇرۇم سورىساممۇ ئازلىق قىلىدۇ، مەن خاتا قىلغانلىقىمنى تەن ئالىمەن،__مۇختەرنىڭ كۆز جىيەكلىرى بىردىنلا قىزاردى.

__كەچۇرۇم سورىماڭ مۇختەر، كەچۇرۇم سورىغۇدەك ھىچ ئىش يوق، __ئىغىر خۇرسىنىپ قويدۇم، لىكىن كۆزۈمدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقاي دىمەيتتى، خۇددى مەن قايسىدۇر بىر بۈيۈك ئۇرۇشلاردا يىڭىۋالغان ئادەمدەك ئولتۇراتتىم،__ئىچىلمايدىغان سىر يوق ئىكەن، ھامىنى بىر كۈنى مۇشۇ كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى بىلەتتىم،لىكىن بۇنچە تىز كىلەر دەپ ئويلىماپتىمەن....
ئۈمۈد، ماڭ برىىپ دادا،دە...ئۇ سىنىڭ داداڭ...
تولىمۇ تەستە شۇ گەپنى دىدىم.
ئەدىھەم كونا ئادىتى بويىچە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۋاتىدۇ،دىگەندىن كۆرە پىكىر يۇزگۈزۋاتىدۇ،دىسە تىخىمۇ توغرا بولاتتى.

مۇختەر ئۆزىنىڭكىگە ئوخشايدىغان يوغان نۇرلۇق كۆزلىرىدىن بۇ ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلىش قىلماسلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ھەم تەمتىرەپ تۇرغان ئۈمۈدنىڭ ئالدىغا باردى،ئۈمۈد قورقۇمسىرغاندەك قىلىپ ئەدىھەمنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى.

__ئۈمۈد،بارە،ئۇ سىنىڭ داداڭ، سەن داداڭ توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاشقا بەكلا ئىنتىزار ئىدىڭغۇ بالام؟ ئەنە ئاشۇ كىشى سىنىڭ ۋىجدانسىز ،يارىماس داداڭ بولىدۇ بالام...

بۇرۇنلىرىم ئىچىشىم مۇزدەك كۆز ياشلىرىم يۇزۇمنى بويلاپ ئىڭىكىمدە تامچىلاشقا باشلىدى، ئەدىھەم بولسا قۇشۇملىرى چىڭ تۈرۈلگىنچە بۈگۈنكى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ شاھىدى بولۇپ قاراپ تۇرماقتا ئىدى.

مۇختەر ئۈمۈدنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۈمۈدنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتى، ئۈمۈد ياتسىراپ قولىنى ئىتتىك تارتىۋالماقچى بولدىيۇ مۇختەرنىڭ يەنى دادىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىرىغا كۈچى يەتمىدى، مۇختەرنىڭ بۇرۇنلىرىنى بويلاپ ئاققان ياشلىرى ئۈمۈدنىڭ چىچىنى ھۆل قىلىپ ماڭماقتا ئىدى:
__كەچۇر ئوغلۇم، مىنى كەچۇر، داداڭ ئەسكى،داداڭ ئادەم ئەمەس، مەن مەن يارىماس بالام..مەن يارىماس...ئاپاڭ ئىككىڭلارغا يۇز كىلەلمەيمەن...__مۇختەرنىڭ يىغىسىدىن ئۆپكەم ئۆرۈلگەندەك بولدى، كىچىككىنە ئايرىمخانىدا مەن ئۈچۈن ئۈمۈد ئۈچۈن قىسقىسى مۇشۇ ئايرىمخاندا تۇرغانلەر ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل ئۇچرىشىش بولىۋاتاتتى.

__دادا دىگىنە ئوغلۇم،__مۇىتەر شۇنداق دىگىنىچە مۇختەر بىلەن تەڭلا يىغلاۋاتقان ئۈمۈدنىڭ ئىڭىكىدىن يىنىك تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتقىنىچە،__دادا دىگىنە...

ئۈمۈد تولىمۇ تەستە ...دادا...دىيەلىدى، مۇختەرنىڭ قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى ھىس قىلالىغان ئىدىم، ئەمدى بۇنداق تۇرىۋەرسەم بولمايتتى، مۇختەرنىڭ ئوغلى بىشىنى بىر يانغا قىسقىنىچە ئىغىزلىرىنى ئۈمۈدكە ئوخشاش تەڭ ئۈمچىيىتىپ تۇراتتى، مۇختەر شۇندىلا بۇ ئۇغلىنى ئىسىگە ئالغانمۇ،دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈمۈدنىڭ يىتىلەپ ئوغلىنىڭ يىنىغا ئاپاردى،
__ئەركىن بالام،(شۇ چاغدىلا ئوغىلىنىڭ ئىسمنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم) بۇ سىنىڭ ئۆز تۇققىنىڭ بولىدۇ، سەندىن بىرنەچچە ئايلىقلا چوڭ، ئاكا دىگىن.

__ئاكا،_مۇختەرنىڭ ئوغلى ئەركىن ئۈمۈدنى كچىىك قوللىرى بىلەن چىڭڭىدە قۇچاغلىدى،__دادام ماڭا بىز باغچىدا ئۇچراشقان كۈنى كەچتىلا سىنىڭ مىنىڭ ئاكام ئىكەنلىكىڭنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدى، ھەتتا ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ سىنىڭ سىنىپىڭغا يۆتكەلدىم ئاكا...

جىقلا گەپلەر بولىنىۋاتاتتى...مەن خۇددى چۈش كۆرىۋاتقان ھالەتتىن ئويغانغادەك بولۇپ ئەتراپىمغا قارىدىم، مۇختەر ئىككى ئوغلىنى ئىككى تىزىغا ئولتۇرغۇزۋالغان، توختىماستىن ئۈمۈدكە گەپ قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۋاتاتتى. ئەدىھام كۆرۈنمەيتتى، ئۈمۈد يىتىرقىنىغاندەك يىڭىلا تۇنۇغان دادىسىغا ياتسىراپ قاراۋاتاتتى.

__ئابىدە، __ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىدىن ئەھىدەم بىر دەستە قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ كىردى،__بۈگۈن ھەقىقەتەن ناھايتتى ھاياجانلىق بىر كۈن بولدى، راستىمنى دىسەم تەسىرلەندىم، ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز بولۇپ قىلىشىنى ھىچ قايسىمىز ئويلاپ باقمىغان بولساق كىرەك.

__مۇختەر،__ئەدىھەم گىپىنى داۋاملاشتۇردى،__ئۆز ۋاقتىدا مۇنىرەنى مەندىن تارتىۋالغان ۋاقتىڭدا مەن بەكلا ئازاپلانغان ئىدىم(مۇنىرە دىگىنى مۇختەرنىڭ ئايالى ئىدى)، بىلىمەن، سىنىڭمۇ ئويلىغىنىڭ بار ئىدى، لىكىن سەن مۇنىرەنى قىلچە ياخشى كۆرمەيتتىڭ، مۇنىرەغۇ كۆڭلى ئاللىقاچان ساڭا مايىل بولغان ئىدى، ئامالسىز مەنمۇ چىكىندىم، شۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ بارلىقىنى بىلىپ ساڭا ئابىدەدىنمۇ بەكىرەك نەپرەتلەنگەن ئىدىم.

مەن ھىچنىمىنى چۈشەنمەي بىر ئەدىھەمگە بىر مۇختەرگە قارىدىم، ئەدىھەمنىڭ گەپلىرى مىنى قايماقتۇرۇپ قۇيىۋاتاتتى، ئۇ نىمىلەرنى دەۋاتىدۇ-ھە؟ بۇ قانداق بولغىنى...

__ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ خىلىنى تاپىدىكەن، ھازىر ئويلاپ باقسام مۇنىرە شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە قىلچىمۇ ئەرزىمەيدىكەن، چۇنكى ئۇ مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيدىكەن، سەنمۇ ھەم شۇنداق ئىكەنسەن، ئەسلى بۇ گەپلەرنى ئابىدەگە دىمەسلىك قارارىغا ئاللىبۇرۇن كىلىپ بولغان ئىدىم،لىكىن بۈگۈن پەيتتى،ۋاقتى كەلگەن ئوخشايدۇ، بۇ سىرلار مانا مۇشۇنداق ئىختىيارسىز تەبىئىي ئاشكارلاندى،__ئەدىھەم گىپىنى توختىتىپ ماڭا قارىدى:
__ئابىدە، كەچۇرۇڭ، ئەسلى بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا سىزگە ئىيتىش قارارىغا كەلگەن بولساممۇ سىزنىڭ خاتا چۈشىنىپ مەندىن ئۆزىڭىزنى يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۇرمىسۇن،دەپ ئىيتماسلىق نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم، بۈگۈن توغرا كىلىپ قالدى، ھەممە ئىشنى بىلدىڭىز...

مەن روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك،ئۈنلۈكرەكمۇ نەپەس ئالالماي ھاياتنىڭ بۇ ئۇدۇل كىلىشلىرىگە نىمە دەپ ئىپادە بىلدۇرۇشنى بىلەلمەي ئىسىمنى يۇقۇتۇپ قۇيغان ئىدىم...توۋا....بۇ نىمە ئىش-ھە؟ ماڭا تەغدىر چاقچاق قىلىۋاتاتمدۇ،ياكى مەن تەغدىرگە چاقچاق قىلىۋاتامدىم؟...

__چۈشىنىمەن،__مۇختەر بىشىنى سالغىنىچە ئەپسۇسلانغاندەك بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى،__ھەممە ئىشقا مەن سەۋەبكار بولدۇم....ئەدىھەم ،سەنمۇ مەندىن رەنجىمە، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئىزىپتىكەنمەن، قارغۇلارچە پايدا قوغلاشتىم،دەپ ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىنى يۇقۇتۇپ قۇيدۇم، نۇرغۇن ئىشلارغا مەن سەۋەبكار...

__بولدى، ئەسلى كۆپ ئىشلارنى بۇ يەردە دىگۈم كەلمىگەن ئىدى، مۇشۇ يەردە ئاشكارلانغان ئىشلارنى مۇشۇ يەردە ھەل قىلغۇم بار.

ئەدىھەم كۆزىنى مۇختەردىن ئىلىپ ماڭا تىكىلدى،مەن تىنىقىم توختاپ قالغاندەك ھالدا خۇددى مەن بۇ ئايرىمخانىدا يوقتەك جىمغىنە ئولتۇراتتىم. بىشىم چىڭقىلىپ كۆزۈم ھىلىلا چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك...ئۆزۈممۇ تەسۋىرلەپ بىرەلمىگۈدەك بىر كەيپىيات مىنى ئەسىرگە ئىلىۋالغان ئىدى.

ئەدىھەم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مىنىڭ ئۇدۇلۇمغا كەلدى، مەن ئىپادىسىز ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇ قولىدىكى بىر دەستە قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇندى:
__ھەممە ئىش ئىنىق بولۇپ كەتسۇن،مۇختەر، سەن ماڭا گۇۋاھ بولۇپ بەرگىن، ئابىدە،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، بۈگۈن ھەممە كىشلەر ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سىزگە توي تەكلىۋى قويماقچىمەن، بىز توي قىلايلى ئابىدە...

ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم:
__سىز بولسىڭىزمۇ ئەمدى ماڭا چاقچاق قىلماڭ ئەدىھەم، مىنى ساراڭ بولۇپ قالسۇن،دىمەكچىمۇ سىز؟__شۇنچىلىك ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتتىم...توۋا...بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ ئىكەن، مىنىڭ بىشىمغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەر بۇ ئىشلار يەنە باشقا بىر ئىنساننىڭ بىشىغا كەلگەنلىكگە ئىشەنمەيمەن...ئاھ خۇدا...

__ئابىدە، گۈلنى ئىلىڭ،__مۇختەر ئورنىدىن تۇردى،مۇختەرنىڭ ئوغلى ئەركىن بىلەن ئۈمۈد ئايرىمخانىدا كۆرۈنمەيتتى، ئۆز ھەلەكچىلىكىمدە ئۇ ئىككى بالىنىڭ قاچان بۇ ئايرىمخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم،__ئۈمۈد بىلەن ئەركىن بايا مەكتەپكە چىقىپ كەتتى، بۇ يەردە سىز،مەن ئەدىھەم ئۈچىمىزلا بار، بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئوخشايدۇ، بىر چاغلاردا مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرگەن، مەنمۇ بەختلىك ئادەم ئىدىم، ئۆز بەختىمگە ئۆزۈم قارا سۈركىگەن ئادەممەن.
ئەدىھەمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى مەن ئاللىبۇرۇن بىلەتتىم، بىز ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز، بۇ ھەرگىزمۇ ئويۇن ئەمەس، بۇمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى ئوخشايدۇ، ئەدىھەم ياخشى بالا، ئۇ سىزگە ھەقىقي يۇلداش بولالايدۇ، ئۈمۈدنى ئەدىھەمگە تاپشۇرسام مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن، بولدى، بۇ يەردە مىنىڭ ئىشىم قالمىدى، سىلەرگە بەخت تىلەيمەن...

مۇختەر شۇنداق دىگىنىچە ئايرىمخانىدىن چىقىپ كەتتى...

ئايرىمخانىدا پەقەت ئەدىھەم ئىككىمىز يالغۇز قالغان ئىدۇق، ئىككى چىكەم زىڭىلداپ ئاغرىۋاتاتتى، بۇ ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ بىر چۈش بولۇپ قىلىشىنى بەكمۇ خالايتتىم...ئەگەر ئەدىھەمنى ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا بىرلىكتە كىلىش تەكلىۋىنى ئىيتمىغان بولسام ئىشلار قانداق بولۇپ كىتەر ئىدى-ھە؟ بەلكىم ئۇ چاغدا ئۈمۈدمۇ مۇختەرمۇ بىر-بىرىنى تۇنۇشمىغان، ئەدىھەم بىلەبن مۇختەرنىڭ ئايالى ئىككىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلرىىنى ئاڭلىمىغان،بىلمىگەن بولاتتىم...

__ئابىدە،__ئەدىھەم گۈلنى ئۈستەلگە قۇيۇپ ،ئىككى مۈرەمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى، ئۇنىڭ مىھىرلىك،مۇھەببەت ئوقچۇپ تۇرىۋاتقان نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزىگە قارىدىم-يۇ، بەرداشلىق بىرەلمىدىم،قانداق ئىتتىك قارىغان بولسام شۇنچە تىز كۆزۈمنى ئىلىپ قاچتىم،__ماڭا خاپا بولدىڭىزمۇ؟

لىۋىمنى يىنىك چىشلىدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تىغىچە توختىمىغان ئىدى، ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدىم، يىغىدىن يەلكەم يىنىك-يىنىك كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، بۇ خۇشاللىق يىغىسىمۇ،ياكى قايغۇلۇق يىغىسىمۇ، نىمىگە يىغلىدىم، ئۆزۈممۇ ئىنىق ئايرىيالماي قالدىم.

__يىغلىۋىلىڭ ئابىدە، قانغۇچە يىغلىۋىڭ،__ئەدىھەم شۇنداق دىگىنىچە مۇرەمدىن يىنىك ئۆزىگە تارتتى،__بۈگۈن يىغلىۋالمىسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىن سىزگە يىغلاش پۇرسىتى بولمايدۇ. مەن سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن ئورۇنسىز بىر تامچىمۇ ياش چىقارماسلىققا ۋەدە بىرىمەن ئابىدە.

قانچىلىك يىغلىدىم،بىلمىدىم، بىر چاغدا ئىسىمگە كەلسەم ئەدىھەم تىخىچە مىنى باغرىغا چىڭڭىدە بىسىپ تۇرۇپتۇ، شۇنچىلىك خىجىللىق،نۇمۇسلۇق ھىس قىلدىم ، ئۆزۈمنى ئىتتىك بىر يانغا ئالدىم، شۇ تاپتا يۇزۇم ئوت بولۇپ يانغان ئىدى، قاچانلاردا ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىمنى بىلەلمەي قالدىم.

ئەدىھەم مىنى ئىختىيارىمغا قۇيۇپ بەردى، مەن تازلىق ئۆيىگە كىرىپ ئەينەكتىن ئۆزۈمنىڭ ئەپتىمنى كۆردۈم، كۆزلىرىم يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىغان، چىرايلىرىم مۇردىدەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، سوغۇق سۇ بىلەن يۇزۇمنى كۈچەپ بىر قۇر يۇيىۋەتكەندىن كىيىن ئايرىمخانىگە چىقتىم.

ئەدىھەم ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
__يىغلاپ بولدىڭىزمۇ ئابىدە، كىلىڭ يىنىمدا ئولتۇرۇڭ، ماقۇلمۇ؟

مەن گەپ-سۆز قىلمىدىم، بىرىپ يىنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇدۇم. بۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىم بەكلا قالايمىقان ئىدى،بايامقى مۇشۇ ئايرىمخانىدە يۇز بەرگەن ئىشلار خۇددى كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە ئىدى.بالام ئۈمۈد مۇ تاپتا قانداق تەسىراتتا بولغۇيتتى؟ مۇختەرچۇ؟ بىلىپ بىلمەي ئۇنىڭمۇ مۇشۇ تاپتىكى ھىسياتىنى ئويلاپ قالغان ئىدىم، نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۈمۈدنىڭ دادىسى، بىز مەزگىللىك راست-يالغاندىن بولسۇن مۇھەببەتتىن ھالقىپ نىكاھلىق گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولغان....

__بولدى، ئەمدى ھىچنىمىنى ئويلىماڭ،ماڭا ئىشىنىڭ ئابىدە، مەن سىزنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن،__ئەدىھەم مىنى ئۆزىگە يىنىك تارتتى، مەن بىشىمنى ئەدىھەمنىڭ مەيدىسىگە قۇيغىنىمچە ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدىم،__ۋاي-ۋۇي ئابىدە، بولدى ئەمدى، نىمانچىمۇ يىغلاڭغۇ -ھە سىز؟

بىر تۇرۇپ خۇش بولسام بىر تۇرۇپ قايغۇراتتىم...توۋا...مىنىڭ ھاياتىم نىمە دىگەن مۇرەككەپ ھايات قىسمىتى-ھە؟
بىر ئايرىمخانىدا خىلى ئۇزۇن مۇڭداشتۇق،پاراڭلاشتۇق...كۆڭلۈمدىكىنى نىمە دەپ ئىپادىلەشنى تازا بىلەلمىدىم.

__ئەدىھەم، بۈگۈن نىمەدىگەن جىق ئىشلار يۇز بىرىپ كەتكەن-ھە؟ مەن ھۇشۇمنى يۇقۇتۇپ قۇيمىغىنىمغا ھەيرانمەن، توۋا...سىز مۇختەردىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن، بۇرۇنقى سۆيگۈنىڭىز بولغان مۇنىرەدىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن ماڭا قەستەن يىقىنلاشتىمىكىن،دەپلا ئويلاپ قالدىم...راست گەپ قىلىڭە؟ ئۇنداق مۇددىئارىڭىز يوقتۇ-ھە؟

ئەدىھەم مىيىققىدە كۈلگىنىچە مىنى ئۆزۈمگە قۇيۇپ بىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ دىرىزە سىرتىدىكى مەنزىرلەرگە قاراپ بىر پەس جىممىدە تۇردى، ئۇنىڭ بۇ ھالدا تۇرىشى مىنىڭ پەرىزمنىڭ توغرا بولۇپ قىلىشىدەكلا ھىس قىلىپ قالدىم، گەپ قىلاي دەپ ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگىلا ئەدىھەم ئىغىر بىر تىنىۋەتكەندىن كىيىن ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى:

__ئابىدە،سىزنىڭ ھازىرقى ھىسياتىڭىزنى ئىنىق چۈشىنىمەن،سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولساممۇ بەلكىم سىزگە ئوخشاش خىيالغا كىلىپ قىلىشىم مۈمكىن ئىدى، مەن سىزگە ھەرگىز باشقىچە نىيەتتە يىقىنلاشمىغان، مەن ھەممە ئىشنى بىلىمەن، شۇنداق بولغان ئىكەن سىزگە يەنە قاراپ تۇرۇپ زىيانكەشلىك قىلارمەنمۇ؟ سىزدەك گۇناھسىز بىر ئايالنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر ئايالنى ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە شەخسىيەتچى ئىدىيەرىم ئۈچۈن يەنە بىر قىتىم زەھەر يۇتقۇزارمەنمۇ؟
بۇ ھەرگىزمۇ مۈمكىن ئەمەس ئابىدە، بۇ مىنىڭ ئادەم بولۇش پىرىنسىپىمغا ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىم ئاللا تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا كىرەك، بۇمۇ تەغدىر.بۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق سەۋەب يوق...

كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۈمۈد مەندىن بۇرۇن كىلىپ بولغان ئىكەن...ئۈمۈدنىڭ چىرايىدىن بىر قارىسا مىسكىنلىككە بىر قارىسا يۇشۇرۇن خۇشاللىققا يەنە بىر قارىسا ئىپادىسىز ھالەتكە ئوخشايدىغان چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، ئۇ ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئۈگۈنۈشمۇ قىلمىغان ھالدا سافادا تىزگىنەكنى قولىغا ئالغىنىچە تىلۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى.

ئەلۋەتتە بالام بىلەن ياخشى پاراڭلىشىپ بۇرۇنقى يۇشۇرغان ئىشلارنى ئەمدى ئاستا-ئاستا چۈشەندۇرۇشۇم كىرەك ئىدى، چۈنكى ئۇمۇ بۇيىل 9ياشقا كىرگەن،ئاق-قارىنى ئازدۇر-كۆپتۇر پەرق ئىتەلەيدىغان3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

تۇيۇقسىزلا مەن تا ئىسىنسى بىلگەندىن باشلاپلا دەپ كىلىۋاتقان<<ئۆلۈپ>> كەتكەن دادىسىنىڭ تىرىلىپ ئالدىدا ھازىر بولىشىنى كىچىككىنە بىر بالىنىڭ تىزلا قۇبۇل قىلىپ كىتىشى تولىمۇ مۈشكۈل بولغان بىر ئىش ئىدى.

مەن قولۇمدىكى سومكىنى ئاسقۇچقا ئىلىپ قويغاندىن كىيىن ئاستا كىلىپ ئۈمۈدنىڭ يىنىدا ئولتۇردۇم، ئوغلۇم بولسا مۇڭلانغاندەك ماڭا سۇسلا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدىيۇ،يەنە كۆزىنى تىلۋىزۇرغا يۆتكىدى، بۇ ھالىتىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يىرىم بولدى،مەن تولىمۇ بىئەپ ھالدا ئولتۇردۇم.
__بالام، كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن، مىنى بەك رەھىمسىزكەن، دەپ ئويلاۋاتقانسەن،لىكىن مىنىڭمۇ بۇ ئىشلارنى سەندىن يۇشۇرۇشمدىكى مەقسىتىم بار، نىمە ئۈچۈنلىكىنى چوڭ بولغاندا چۇقۇم چۈشىنىسەن بالام...ئاپاڭنى كەچۇرگىن، مەندىن رەنجىگەنسەنمۇ -ھە بالام؟

ئۈمۈد بىر پەستىن كىيىن ماڭا قارىدى، توۋا كىچىككىنە بالىنىڭمۇ جۈرىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم، چۈنكى ئۇ زورىغا قاپسىپ كىلىۋاتقان يىشىنى زۇرۇقۇپ تۇرۇپ تىشىغا چىقارمايۋاتاتتى:

__ياق ئاپا، چوڭلارنىڭ ئىشىنى كىچىىكلەر ئۇنچە ئاسان چۈشەنمەيدۇ، مەن سىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن ئاپا

شۇنچە قىلسىمۇ يىشى ئۇمۈدكە بويسۇنماي مەڭزىنى دومىلاپ چۈشتى،شۇندىمۇ چاندۇرماي كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئوغلۇمنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كەتتىم، ئەلۋەتتە مەن ئەڭ ياخشى ھالىتىمنى ساقلىمىسام بولمايتتى...ئوغلۇمدىن كەچۇرۇم سورىغاچ ئۈمۈدنى باغرىمغا چىڭڭىدە باستىم:<<ئاپاڭ-داداڭنى كەچۇر ئوماق ئوغلۇم...>>



خاتىمە





ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتتى. ئابىدە بىلەن ئەدىھەمنىڭ يىقىندا توي قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈن ئىدارىدىكىلەر بىلگەن ئىدى،ئاق كۆڭۈل كەسىپداشلىرى ئابىدە ئۈچۈن تولىمۇ خۇش بولماقتا ئىدى.

__نىمىلا دىمىگەن بىلەن تولىمۇ قەيسەر چوكان جۇمۇ؟ شۇنچە ئىشلار بىشىدىن ئۆتسىمۇ مۇشۇ كەمگىچە تىشىغا چىقارماي بىر چىرايلىق جىممىدە يۇرىۋىدى، خۇدايىم بەرگەندەك تىخى توي قىلمىغان يىگىتتىن بىرنى تاپتى...

__شۇنى دەڭە، ئەدىھەم دىگەن بۇ بالىمۇ تولىمۇ قاملاشقان، مىجەزى ئىسىل بالىكەن، ئۆتكەندە ئىشخانىگە كىلىپ بىرقانچە ئىغىز پاراڭلاشقان ئىدۇق، گەپ-سۆزدىنلا بىلىپ قالدىم...

__ۋۇي، ما گەپنى ئابىدە بىلىپ قالمىسۇن جۇمۇ، بولمىسا نىمە دەپ پاراڭلاشتىڭلار دەپ سىزنى بوش قۇيۇۋەتمەي قالمىسۇن يەنە...

ئىشخانىدە پاراققىدە كۈلكە بولىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە ئابىدە كىرىپ كەلدى، ئابىدەنىڭ چىھرىدىن بەخت بالقىپ تۇراتتى، شۇنچە ئۆزىنى تەمكىن تۇتسىمۇ كۆزىدىن كۈلۈپ تۇرغاندەكلا ئىدى.

__ۋۇي،نىمىگە شۇنچە خۇش بولۇپ كۈلۈپ كەتتىڭلار؟ كۈلكە بولسا تەڭ كۈلمەمدۇق؟

ئابىدەنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گىپىدىن ئىشخانىدىكى ئاق كۆڭۈل خىزمەتداشلىرى بەس-بەستە سۆزلەپ كەتتى:
__يەنە نىمە ئىش بولاتتى،بىزنىڭ بۆلۈم بالىقىمىزنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشىپ تىللىرىمىز تامشىتقىنىمىزچە سىزنىڭ ئىشلىرىڭىز بەختىڭىزغا ئىچىمىنى قىزىتىپ ئولتۇرۋاتقان،__دىدى،ھەييارراق كەلگەن ياشقىنە ئايال كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ.

__خۇدايىم بەختلىك بولۇپ كىتىڭ،توي كەمپۈتىنى قاچان تارقىتىسىز...

__سىز ئۈچۈن بىز تىخىمۇ خۇش بولدۇق-دەڭە...

ئابىدە قىزىرىپ كەتتى، نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى.
__رەھمەت سىلەرگە،__ئابىدە سومكىسىدىن ئويقاشتەك قىپقىزىل بىر دەستە باغاقىنى ئالدى،__مانا بۇ سىلەرگە ئاتاپ يازغان باغاق، 13-چىسلا توي كۈنى قىلىپ بىكىتتۇق، قاتنىشىپ بىرەرسىلەر...
ئابىدە ئۆز ئىسىملىرى بويىچە باغاقنى ھەر بىر كىشىگە بىردىن تارقىتىپ بەردى.

__ۋىييەي، قىزىىرىپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىغان قىزلاردەك، ئابىدە، سىز بەكلا خىجىلچان-ھە؟

__ۋاي-ۋۇي،13-چىسلا دەڭ، ئەجەپ ياخشى، تويىڭىزغا ئۆزىمىز بىر قوللۇق ساھىبخان بولۇپ گۈلىنى-گۈلگە كەلتۇرۋەتمىسەك ھىساب ئەمەس، قانداق دىدىم قىزلار؟

__شۇنداق، خاتىرجەم بولۇڭ ئابىدە، تۇيىڭىزغا ئۆزىمىز بىر كىشلىك خىزمەت قىلىمىز....

ئابىدە تۈز كۆڭۈل،قىزغىن خىزمەتداشلىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندى، تولىمۇ ھاياجانلاندى، ئۆزىگە بەخت تىلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىغا نىمە دىيىشىنى بىلەلمىدى، پەقەت ئىچ-ئىچىدىن مىننەتدار بولىۋاتقانلىقىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي بىرلا ئىغىز گەپنى قىلالىدى:
__رەھمەت سىلەرگە...

توي شەھەردىكى كاتتا بىر رىستۇراندا بولدى، ئەدىھەم ئۆزىنىڭ بەستىگە تولىمۇ ياراشقا كاستىيۇم بۇرۇلكىسىنى كىيىپ يىنىدا  دەستە گۈلدەك ئىچىلىپ تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئابىدەنى قولتۇقلىغىنىچە مەرىكە زالىغا كرىپ كەلدى، ئۈمۈد كىچىككىنە بەدەنلىرىگە ھىم كەلگەن كاستىيۇمىنى كىيگەن ھالدا تاتلىق كۈلۈمسىرەپ ئىككىسىنىڭ ئالدىدا بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرگىنچە ئابىدە بىلەن ئەدىھەمنىڭ ئالدىدا مىڭىۋاتاتتى. ئاكاردىيۇنچى بالا << توي شادلىقى>> مۇزىكىسى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ ھەممە ئادەمنى ھاياجانغا سالاتتى، چاچقۇلار چىچىلدى، توي كەمپۈتلىرى چىچىلىپ بەخت-تىلەكلەر ساداسى ئىچىدە ئۆزلىرى تىگىشلىك ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتى.

رىياسەتچى تولىمۇ جانلىق ھالدا توي مەرىكىسىنىڭ ھازىر رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن لىرىك مۇزىكىلار-ئۇسۇللۇق مۇزىكىلار بىرىنىڭ-كەينىدىن بىرى قۇيۇلۇشقا باشلىدى، سورۇندىكى كىشلەرنىڭ كەيپىياتى يۇقۇرى ئەۋجىگە چىقتى. زىياپەتلەر يىيىلىپ ھەممە ئىختىيار پاراڭغا چۈشۈپ بۈگۈنكى توينىڭ قالتىس ياخشى بولغانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقاندا رىياسەتچىنىڭ گىپى سورۇندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى:

__ھۆرمەتلىك مىھمانلار، بۈگۈنكى سورۇنىمىزنىڭ گۈلى بولغان ئابىدە خانىم، ئەدىھەم ئەپەندىم،تۇيۇڭلارغا يەنە بىر قىتىم مۇبارەك بولسۇن! تۆۋەندە سىلەرنىڭ دوستۇڭلار بولغان مۇختەر ئەپەندىم ۋە خانىمى مۇنىرەنىڭ سىلەرگە بولغان كۆڭلۈل سوۋغىسى بار ئىكەن،قىنى ئۇلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى!

سەھنىگە مۇختەر بىلەن ئايالى مۇنىرە سەھنىگە چىقتى.

ئابىدە سەل غەلىتىلىك ھىس قىلغاندەك ئەدىھەمگە قارىدى، ئەدىھەممۇ ئابىدەگە چۈشەنمىگەندەك قىلىپ قاراپ قۇيدى.

__ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم سورۇن ئەھلى، ياخشىمۇسىلەر، ئابىدە،ئەدىھەم قۇتلۇق تۇيۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،__مۇختەر ئاۋازلىرىنى سەل تىترەتكىنىچە سۆزلەۋاتاتتى،__سىلەرنىڭ بەختىڭلارنى ئايالىم ئىككىمىز چىن دىلىمىزدىن قۇتلۇقلايمىز. بىشىڭلار باش،ئايىغىڭلار تاش بولغاي.

مۇختەر مىكرافۇننى مۇنىرەگە بەردى، مۇنىرەمۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە مىكرافۇننى قولىغا ئالدى:
__ئابىدە، ئەدىھەم تۇيۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن،__ئىنىقكى مۇنىرەنىڭ ئاۋازىمۇ مۇختەرنىڭكىدىن قىلىشمىغان ھالدا سۇس تىترەۋاتاتتى،__سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئىشىڭلاردا ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇپ قەدىناس بىر جۈپ بولىغىنىڭلاردىن بىز تولىمۇ خۇشال بولدۇق، شۇندىمۇ ئۆزىمىزنى سىلەرنىڭ ھەقىقي دوستۇڭلار بولغانلىقى يۇزىسىدىن سىلەرگە ئاددىي بولسىمۇ ئازراق كۆڭۈل سوۋغىسى تەييارلىدۇق، ئاز بولسىمۇ قۇبۇل قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

ئابىدە تۇيۇقسىز بۇ ئىشتىن سەل گاڭگىراپ قالدى، ئەدىھەممۇ ھەيران بولغاندەك شۈبھە ئارلاش سەھنىدىكى مۇختەر،مۇنىرەلەرگە قاراپ قۇيدى، ينىدا ئولتۇرغان ئابىدەنىڭ قولىنى يىنىك تۇتۇپ قويدى. ئابىدە ئەدىھەمنىڭ قولىدىن بىر خىل ئىللىق سىزىمنى ھىس قىلدى-دە، كۆڭلى سەل جايىغا چۈشتى.

__قىنى بىر-جۈپ ئامەت ئىگىلىرىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى،__رىياسەتچى شۇنداق دىگەچ تولىمۇ لىرىك بىر مۇزىكىنى قۇيدى.

ئەدىھەم ئابىدەنى يىتىلگىنىچە سەنىگە چىقتى، پەستە ئازدۇر-كۆپتۇر كۇسۇلارشقان ئاۋازلار ئاڭلاندى، چۈنكى مىھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئابىدەنىڭ بۇرۇن مۇختەر بىلەن توي قىلىپ ئاجراشقانلىقىىنى بىلەتتى.

ئابىدە بىلەن ئەدىھەم سەھنىگە چىققاندىن كىيىن مۇختەر بىلەن مۇنىرە كۈلۈمسىرگىنىچە ئاۋال سالاملاشتى، مۇنىرەنىڭ كۆزى ئەدىھەمدە، مۇختەرنىڭ كۆزى ئابىدەدە ئىدى، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىكى ھىسياتىنى شۇ تاپتا بىلدۇرۇپ قۇيۇشتىن تولىمۇ ئىھتىيات قىلغاندەك ئىدى.

كۈتكۈچى قىز پەتنۇستا تۇتۇپ تۇرغان بادام دوپپىنى مۇختەر ئاۋايلاپ ئىلىپ ئەدىھەمگە كىيگۈزۈپ قۇيدى، كەينىدىن پەتنۇستىن بىر قاراشتا تولىمۇ قىممەت باھالىق ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان قول سائىتىنى ئەدىھەمنىڭ قولىغا سىلىپ قويدى، كەينىدىن مىكرافۇننى قولىغا ئالدى:
__دوستۇم ئەدىھەم، بۇ كىچىككىنە بولسىمۇ مىنىڭ ساڭا قىلغان كۆڭۈل سوۋغام، سىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئابىدە بىلەن ياخشى ئۆتۈپ كىتىشىڭنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. قانداق كۆڭۈل ئاغرىقلىرى بولسا بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈنۈڭلەردە ھەممىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ، قايتىدىن ئىككى ئائىلەنىڭ دوسلۇق ئورنىتىشىگە سىنىڭ قۇشۇلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.،__مۇختەر قولىنى ئەدىھەمگە سۇندى، ئەدىھەممۇ ئقولىنى سۇندى، پەستىن گۈلدىراس ئالقىشلار سورۇننى بىر ئالدى.

ئەدىھەممۇ مىكرافۇننى قولىغا ئالدى:
__مۇختەر، مەنمۇ تۈز ئادەم، ئەزەلدىن ئۆتمۈشنى كەينىمگە تاشلاپ كەلگەن ئادەممەن، ئۆتمۈش مەن ئۈچۈن بىر تارىخ، ئۆتمۈشنى ئويلاشنى بىر بىمەنلىك دەپ ئويلايمەن، ھەم ئەرزىمەيدۇ،__شۇنداق دىگەچ مۇنىرەگە لەپپىدە قاراپ قويدى، نىمە قىلارىنى بىلمەي ئارانلا تۇرغان مۇنىرە ئەدىھەمنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ سەل ئۆڭگەندەك بولىدىيۇ،چاندۇرمىدى،__سوۋغىتىڭغا رەھمەت، ئەلۋەتتە بىر دۈشمىنىڭ كۆپەيەۈچە بىر دوستۇڭ كۆپەيسۇن،دەپتىكەن، دوسلۇقۇڭلارنى مەن قۇبۇل قىلدىم.

پەستىن ئاللىقانداق ئۆزئارا پاراڭلىشىلار ،مۇنازىرلىشىشلار ئاجايىپ بىر كەيپىياتنى شەكىللەندۇرۇپ قويغان ئىدى.

مۇنىرەمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى، ئەدىمنىڭ قولىدىن مىكرافۇننى ئالدى،ئابىدە بولسا يۇرەكلىرىنىڭ بىر يەرلىرى ئىچىشىۋاتقاندەك،كۈيىۋاتقاندەك مۇرەككەپ ھىسياتتا تۇراتتى:

__ دوستۇم ئابىدە، مىنىڭمۇ سىزگە ئازراق سوۋغام بار،__شۇنداق دىگىنىچە مۇلازىم تۇتۇپ تۇرغان پەتنۇستىن ئاۋال بىر شارپىنى ئىلىپ ئابىدەنىڭ مۈرىسىگە چىرايلىققىنە قىلىپ ئىسىپ قويدى، كەينىدىن زۇمرەت كۆزلۈك ئالتۇن بىلەزۈكنى ئابىدەگە سىلىپ قويدى. ئابىدە ئوڭايسىزلاندى:
__ياق بولدى مۇنىرە، بۇ سوۋغىنى مەن قۇبۇل قىلالمايمەن، سوۋغىڭىز ماڭا تىگىل بولدى...
__ياراتمايۋاتامسىز نىمە؟
__ياق، بۇ بەك قىممەتلىك بۇيۇم ئىكەن...
مۇنىرە ئىچىدىن چىقىپ كۈلدى، ئالدىدىكى بۇ ساھىبجامالغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن:
__سىزگە يارىشىدۇ،__دىگىنچە زورلاپ قولىغا سىلىپ قويدى.

كەينىدىن مىكرافۇندا دانىمۇ-دانە قىلىپ:
__ئابىدە، بەختلىك بولۇڭ، بىز ياخشى دوست بولۇپ قالالايمىزمۇ؟،__دىدى.

ئابىدە نىمە دىيىشىنى بىلەلمىدى،شۇندىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى ئۆزلىرىگە تىكىلگەن ۋاقىتتا بىرنىمە دىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئىچ-ئىچىدىن ئوقچۇپ چىقىۋاتقان بىر يىغا ئۇنىڭ بۇغۇزىغا قاپلىشىپلا قالدى، شۇنچە ئازغىنە دەقىقىدە ئۇنىڭ تا مۇختەر بىلەن تۇنۇشۇپ ھازىرغىچە بولغان ھەممە ئەسلىمىلەر ئەڭ تىز سۈرەتتە كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ بولدى...

ئابىدە مىكرافۇننى قولىغا ئالدى، كۆزلىرى نەملەنگەن ھالدا ئەدىھەمنىڭ قولىنى تۇتتى، شۇ تاپتا ئەدىھەمنىڭمۇ ئىچكى ھىسياتى ناھايتتى مۇرەككەپ ئىدى،ئەدىھەممۇ  ئابىدەگە مەدەت بىرىۋاتقاندەك قولىنى مەھكەم سىقىپ قويدى، ئابىدە تولىمۇ تەستە ئاۋازىنى ئاران چىقىرالىدى:
__مەن...مەن خالايمەن، ئەلۋەتتە...ئۆتمۈش كەتتى، مەن تولىمۇ بەختلىك...دوسلۇقنى مەن قۇبۇل قىلىمەن...

پەستا ئالقىشلار ئۈزۈلمىدى، ھەممىسىنىڭ كۆزى ياشلانغان ئىدى...بەزىلەر توۋا...مۇنداقمۇ ئىش بولىدىكەن-ھە؟ دىگىنىچە ھاياجانلىشاتتى...يەنە بەزىلەر سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدى...

رىياسەتچى بۇنداق ياخشى پۇرسەتتە:
__قىنى سازچىلىرىمىز، بۇلارغا بىر پەدە مىللىيچە ئۇسۇل مۇزىكىسىنى قۇيۇڭلار،قىنى مۆھتىرەم مىھمانلار، ئالقىشلىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار...

ئالقىشلار ئۈزۈلمىدى، مۇختەر ئەدىھەم بىلەن مۇنىرە ئابىدە بىلەن بىقىشىپ چىن دوسلۇقىنى تەبرىكلىگەندەك ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى...



ئادەمنىڭ بىر ئۆمرى تولىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ، بەزىدە سىز ئويلاپ باقمىغان،ھەم مۈمكىن بولمايدۇ،دەپ قارىغان ئىشلار رىئاللىقتا خۇددى چۆچەكتەكلا يۇز بىرىدۇ. قاراڭ تەغدىرنىڭ بۇلارغا قىلغان چاقچىقىغا...بۇ دۇنيادا بىرىگە قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگە يانىدۇ. ئەلۋەتتە مۇختەر ھازىر ئىچىلىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان بولسىمۇ، قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايدىغان پۇشايمىنىنى چاندۇرماستىن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇۋاتقان بولغۇيتتى؟
گۇناھ ئۆزىدە تۇرسا نىمىمۇ قىلالىسۇن،دەيسىز،ئامال يوق، مۇختەر بەلكىم مەڭگۈ مۇشۇنداق يالغاندىن كۈلۈپ ،بۇرۇن ئابىدەنى قانداق ئازابلىغان بولسا ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن كىيىن شۇنداق ئازابلىنىپ پۇشايمىنىنى يەپ يۈرىشى مۈمكىن...





                                                                             ئېكران ئالدىدا__مەلىكە( سوفىيە)

ئەسىرىمنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ.

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
qartekin + 1000
دىلسىرى + 1000 نەدە كۆمۈلۈپ قالغانتىڭلا ئاداش.
suzuk-ay + 300 تىرىشىڭ!
زامانى + 555 نادىر تىما
musilina + 300 نادىر تېما...
دەقيانوس + 100 ياخشى چىقىپتۇ.
kimina + 100 ياخشى يىزىلغان ئەسەر.....

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 3355   باھا خاتىرىسى

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3843
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6484
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 2206 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 03:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە، ئابىدەنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، ئۇمۇدنىڭ ئىمانلىق ، ساغلام بولىشىنى تىلەيمەن

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 04:18:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(مەلىكە) نىڭ تېمىسىغا

اللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلسۇن مەلىكە ،سىزگىمۇ شۇنداق بەخىتلەر مەڭگۇ يار بولسۇن .
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى ،بەك ھىسىياتلىق چىقىپتۇ ،ئېملالىرىمۇ  شۇنداق ئۆلچەملىك خاسلىقىقا ئىگە  .
  ھارماس قوللىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن ،بولسا يەنىمۇ كۆپلەپ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققايسىز ،بىزمۇ ئۇقۇپ ھۇزۇرلانغايمىز.

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3465
تۆھپە نۇمۇرى: 794
توردا: 1844 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 04:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ئەسەركەن بۇ راستىنلا سىزنىڭ بىشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلامۇ؟

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116218
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6783 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 04:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە، ئەسىرىڭىزنى 1 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئوقۇپ بولدۇم . ھەم ئابىدە ۋە ئەدھەمگە  چىن دىلىمدىن بەخىت تىلىدىم . مۇختەر بىلەن مۇنىرەنىڭمۇ بۇندىن كىيىن ياخشى ياشىشى ئۈچۈن تىلەكلەر تىلىدىم . بولۇپمۇ نارسىدە ئۈمۈتنىڭ ئۈمۈتۋار ياشىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن . ئەدھەمدىن ئۈمۈتكە چىن كۆيۈنۈپ ئاتىلىق مىھرىنى چىن بېرىشىنى تىلەيمەن . تېمىڭىزغا رەھمەت.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ھەزىرىتى ئۆمەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24873
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 04:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ئاللا ئەجىرڭىزنى بەرسۇن

بىر قوتان مىلىڭ بولسىمۇ ، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بومىسا بىكار .

ئابدۇراخمان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18428
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3197
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 04:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            

ئابدراخمان

كۇلۇپ تۇرۇپ يىغل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56641
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 04:58:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ.......ئوقۇپ بولغىچە كۆزۇمدىن ياش قۇرۇمىدى....شۇنداق،،بىر كۇلكىنىڭ بىر يىغىسى بولىدۇ....  
ياندۇرۇپ كۆرسىتەر پەلەك ھەر ئەمەلنى كۆزۈڭگە،
غەيرىيگە قىلغىنىڭنى قىلغان بولۇرسەن ئۆزۈڭگە!
بەختىڭىزنى قەدىرلەڭ!ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ،،ئۇلۇغ اللاھ سىزگە خاتىرجەملىك سالامەتلىك بەرسۇن....(باش پېرسۇناژغا)

دەرت قالاركەن كۇي بولۇپ، دەرتمەن كىتەركەن ئاھ ۇرۇپ. دەرتمەن ئەرزىنى  ئىلىپ ،، قادىر خۇداغا مەن باراي...

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:06:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست بولغان ئىشمۇ يا، قارىسام توقولمىدەكمۇ تۇرىدۇ؟ ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك يىزىپسىز.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50750
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2427 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2012-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 06:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن  
باش پىرسۇناز بەكمۇ غەيرەتلىك چىدامىلىق ئايالكەن ، اللا ئۇلارنىڭ بەختىنى بەرسۇن

بۇ دۇنيادا قىلساڭ ئىبادەت، باقى ئالەمدە كۆرىسەن شاپائەت. ساۋاپ ئىزدەپ قىلما مىننەت، تۇرار جايىڭ بېھىش جەننەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش