مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1935|ئىنكاس: 11

سېنىڭ شۇ سۆيگۈڭ يالغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62971
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 420
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 08:11:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەن يەنىلا سېنى ئويلاۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن قايغۇرۋاتىمەن ،سەن ئۈچۈن ئېچىنىۋاتىمەن ،بىلەمسەن سېنىڭ ھازىرقى تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقاردىڭ،سېنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىڭغا،قان-قېنىڭغا سىڭىپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكىڭ ،مەنپەتپەرەسلىكىڭ كەلتۈرۈپ چىقاردى.ھەممە ئوقۇغۇچىلار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش رەئىسلىكىدىن ئۆز سەۋەبىڭدىن قېلىپ قالدىڭ،سىنىپتىكى بالىلارنىڭ سۆزى بويىچە :‹ھوقۇقتىن چۈشۈپ كەتتىڭىز!› .
   ئىلگىرى ئەنە ئاۋۇ سەھنىدە ،ئەنە ئاۋۇ ئوغۇل رىياسەتچىنىڭ ئورنىدا سەن بار ئىدىڭ .ئالدىنقى يىلى مەكتىپىمىز ئورۇنلاشتۇرغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئاپئاق كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيىپ رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدىڭ.كاستيۇم-بۇرۇلكا ساڭا شۇنداق يارىشىپ كەتكەنىكى ،خۇددى يېڭى تويى بولغان يىگىتكە ئوخشاپ قالغانىدىڭ .مەن بولسام تاماشىبىن قاتارىدا زالنىڭ ئوتتۇرسىدا سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئىدىم .سەن سەھنىگە چىقىپ سۆزلىگەن چاغدا ،كۆزلىرىڭ پەقەتلا ماڭا قاراپ تۇرغاندەك ،باشقا ساۋاقداشلار سېنىڭ ماڭا قارىغىنىڭنى بىلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ ،بويۇنلىرىمغىچە قىزىپ كېتىپ ،بېشىمنى كۆتۇرەلمەي قالغانىدىم.سەن نېمە دېدىڭ ،باشقىلار سەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېدى،قۇلۇقۇمغا ھېچنىمە كىرمەيتتى.مەن مانا بۈگۈنمۇ بۇرۇنقى ئرنۇمدا ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئولتۇرماقتىمەن ،لېكىن سەن يوق !،بۈگۈن مەن رىياسەتچىلەرنىڭ كۆزىدىن سېنىڭ كۆزۈڭدىن ھېس قىلغان غايىبانە ،مۇھەببەتلىك كۈچنى ھېس قىلالمىدىم.  
    ھازىر مۇھەببەت كۈيى پۈتۈن زالنى قاپلىدى،بارلىق ساۋاقداشلار مۇھەببەت مىلودىيىسىدىن مەستخۇش بولۇپ خىيال دەرياسىغا غەرق بولدى...
  مەنمۇ ناخشىنىڭ جەلپ قىلارلىق گۈزەل مىسرالىرىنىڭ ئارىسىغا كۆمۈلۈپ كەتتىم...
    ‹ماڭا ئۇنداق خۇمار كۆزلىرىڭ بىلەن قارىمىغىن بولامدۇ؟مەن ئەمدى سېنىڭ ئۇنداق قاراشلىرىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن،ئىرادەمدىن يېنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن ،بىلەمسەن مېنىڭ كۆڭۈل كۆزۈم پەقەتلا سېنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭنى كۆرەلەيدۇ.قەلب ئېكرانىمدا پەقەت سېنىڭ جەسۇرانە قىياپىتىڭ بىلەن ئىشەنچكە تولغان نۇرانە كۆزلىرىڭلا بار.›
   مەن سەن بىلەن بىللە ئولتۇرۋاتقىلى بۇيىل توپتوغرا 3يىل بولدى.ئېسىمدە قېلىشىچە سەن ماڭا:‹مەن ئۆز مۇھەببىتىمنى ھەرگىزمۇ رومانتىك سۆز-جۈملىلەردىن ،لىرىك شېئرىي مىسرالاردىن پايدىلانماستىن ،كۆزۈم ئارقىلىق ئىپادىلەيمەن›دېگەنىدىڭ،سەن گەرچە بىر قېتىممۇ ‹سىزنى ياخشى كۆرىمەن ›دەپ باقمىغان بولساڭمۇ،لېكىن  ھەرىكىتىڭ ئارقىلىق بۇ گەپنى نۇرغۇن قېتىم ئېيتىپ بولغانىدىڭ،بىلەمسەن؟مەن سېنىڭ ھەرىكىتىڭگىلا ئەمەس سۆزۈڭگىمۇ تەشنا ئىدىم،ئەپسۇس،سەن مېنى نۇرغۇن قېتىم ئۈمىدسىز قويدۇڭ،مېنىڭ ئۈمىد شامىم پىلدىرلاپلا قالدى،ئۈمىد شامىمنىڭ ئۆچۈپ قېلىشىدىن ،ئۆچۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن قاراڭغۇلۇقتا قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.
   سەھنىدە‹باھارىم›دېگەن ناخشىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئەنە ئاۋۇ قىزئارزىگۈل ئېسىڭدىمۇ،ئۇ قىز تولۇق ئوتتۇرىغا يېڭى چىققاندا ،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشتا مەن سەن بىلەن بىللە ئۇ قىزدىن ئىمتىھان ئالغانىدۇق،بىز ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغاندا،ئارزىگۈل سەندىن:‹ئەگەر سىزنى باشقىلار ياخشى كۆرۈپ قالسا قانداق قىلىسىز ؟›دېگەندە،سەن قەتئىي ئىككىلەنمەي‹ئەگەر باشقىلار مېنى ياخشى كۆرۈپ قالسا،ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ،ئەگەر مەن بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام ،چوقۇم تەلەپ قويۇپ يۈرۈيمەن›دېگەنىدىڭ.ئۇچاغدا مەن سەن بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تۇرۇپ قالغانىدىم،سەن بۇ گەپلەرنى قىلغان چاغدا،مېنىڭ يۈزلىرىمنىڭ قىزىرىپ ئوت ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بەلكىم سەن سەزگەنسەن ياكى سەزمىگەنسەن؟لېكىن سەن ئەينى چاغدا دېگەن سۆزۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىڭمۇ؟
    راست،سەن شۇ چاغدا قىزلارنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدە ئىدىڭ،سېنىڭ دەرستىكى ئەستايىدىللىقىڭ ،تىرىشچانلىقىڭ،ھەممىدىن مۇھىمى مېنىڭ ئەڭ ئاجىز پېنىم ھېسابلىندىغان ئالگېبرادا ئەڭ ياخشى بولغانلىقىڭ مېنى قايىل قىلغانىدى،كىشىلەر:‹قايىللىقنىڭ يېرىمى مۇھەببەت،يېرىمى ھۆرمەت ›دەيدىكەن،مېنىڭ ساڭا بولغان قايىللىقىمدا مۇھەببەت كۆپ قىسىمنى ئىگەللەپ كەتكەنىكەن ئەمەسمۇ؟
   سەھنىدە مەۋلان نىيازنىڭ ‹گۈلباغ›دېگەن ناخشىسىغا ئۇسسۇل ئوينالماقتا،بۇ مەن ياخشى كۆرۈدىغان جۇشقۇن ناخشىلارنىڭ بىرى.
     ‹يارنى ئۇندا يالغۇز دەيدۇ ،ھەمراھ بولايمىكىن›
   - كەچۈرگىن،ئەمما،مەن ساڭا ھەمراھ بولالمايمەن.
   مەن سەن بىلەن بىللە ئولتۇرغىلى 3يىل بولغان بولسىمۇ ،لېكىن بىرەر قېتىممۇ سەن بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ سۆزلىشىپ باقماپتىمەن،سەن قەلب سىرلىرىڭنى ،ئائىلەڭ ھەققىدىكى ئىشلارنى ھېچكىمگە دەپ بەرمىدىڭ،مەن سەن بىلەن بىر يېزىدىن بولمىغاچقا،سەن توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلەلمىدىم.سەن سىنىپىمىزنىڭ تۈنجى مۇنازىرسىدا:‹قىزلارنىڭ ئۆتمۈشى،ئوغۇللارنىڭ كەلگۈسى كېرەك ›دېگەنىدىڭ.
   دۇنيادا ئاشكارلانمايدىغان سىر،ئېچىلمايدىغان قۇلۇپ ،يېشىلمەيدىغان تۈگۈن ،تارقالمايدىغان سورۇن بولمىغىنىدەك،سېنىڭ خارەكتىرىڭدا شەخسىيەتچىلىك،مەن بولساملا بولدى دەيدىغان كۆزقاراش بولغاچقا،سېنىڭ ماھىيىتىڭنى ئۇلار بىلىپ قالدى-دە،ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتىڭ،ئۇلارنىڭ داۋاملىق قوللىشىغا ئېرىشەلمىدىڭ  ،سەن ئاجىزلىقىڭ تۈپەيلى دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىدا ھالەك بولدۇڭ.
    سەن ھېچكىمگە چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا ئۇنىمىغان مىساللىرىڭنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قوياتتىڭ ،لېكىن مەن باشقا ساۋاقداشلارغا ،مۇھىمى ئوغۇل ساۋاقداشلارغا چۈشەندۈرۈپ قويسام سېنىڭ چىرايلىرىڭ شۇ ھامان ئۆزگۈرۈپ كېتەتتى.
    تۇغۇلغان كۈنۈمدە،سىرتى ناھايىتى نەپىس ئورالغان بىر قاپ شاكىلات بىلەن ئېسىل ئەتتىردىن بىرنى سوۋغا قىلغانىدىڭ ،ھەم تورتخانىغا ئېلىپ كىرگەن ئىدىڭ،مەن سېنىڭ شۇ كۈندىكى سۆزلىرىڭ ۋە سوۋغىلىرىڭنى كۆرۈپ ،مېنى راستلا ياخشى كۆرۈدىغان ئوخشايدۇدېسەم،مەن خاتالاشقان ئوخشايمان،بىركۈنى ئىككىمىز تورخانىغا كىرىپ ماتىريال ئىشلىدۇق،ئەسلىدە ئۆزەڭ يالغۇز ئىشلىسەڭمۇ بولىدىغان نەرسىگە،مېنىمۇ بىللەئېلىپ كىرىپ،يېنىڭدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزەڭ ئۇيۇن ئويناپ مېنى ماتىريال ئىشلەتكىلى قويغىنىڭغا گەرچە سىرتقى قىياپىتىمدە خاپا بولغاندەك قىلساممۇ،لېكىن ئىچىمدە سەن بىلەن بىللەچىققىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانىدىم.ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ماتىريالنى ئۆزەڭ قىلغان بولۇپ تاپشۇردۇڭ،لېكىن ماتىريالدىن چاتاق چىققاندا بولسا:‹ماتىريالنى شۇنداقمۇ ئىشلىگەن بارمۇ؟تولۇق قىلماپسىز،مۇئەللىم مېنى بىر مۇنچە ئەيىپلەپ كەتتى،سىز دەرھال چىقىپ ،ئۇ ماتىريالنى مەن ئىشلىدىم،سىنىپ باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،ھەممىنى مەن ئىشلىگەنتىم دەڭ،تېز بولۇڭ....›ئاھ خۇدا،مۇنۇ گەپلەرنى مەن كىمدىن ئاڭلاۋاتىمەن؟سەن مەن ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇل بالا شۇمۇ؟سەن سىنىپ باشلىقىما؟چاتىقى چىققىندا باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان،يەنە كېلىپ بىر قىز بالىغا؟ئويلاپ باقماپتىمەن؟ئەسلى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭدىن مەنپەتپەرەسلىكىڭ ئېشىپ كەتكەنىكەن ئەمەسمۇ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
大学生 + 1 بەك ياخشى  يىزلىپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1   باھا خاتىرىسى

كۆڭلۈڭ خالىغانن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37896
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2012-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:33:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ھۆرمەتتىن باشلىنىدۇ.ئاشۇ ھۆرمەت يوقالغاندا مۇھەببەتمۇ ئاستا ئاستا سۇسلايدۇ

جەمىئەتتىكى نوقسانلارغا ھەيرانلىق كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس بەلكى ئىبرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىغىن.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇنداق ئىشلارغا ، چامدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرىمىزغۇ ؟ئىشقىلىپ  بەزى ئادەملەردە ئەخلاق ،ۋىژدان،مەسئۇلىيەت دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19811
تۆھپە نۇمۇرى: 2018
توردا: 6190 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3465
تۆھپە نۇمۇرى: 794
توردا: 1844 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 09:30:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61281
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 09:46:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇۋا نىمەدئگۇلۇك ئەمدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34765
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 09:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ،
دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ.
ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان،
نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.                                                  قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ھۆرمەتتىن باشلىنىدۇ.ئاشۇ ھۆرمەت يوقالغاندا مۇھەببەتمۇ ئاستا ئاستا سۇسلايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40201
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 09:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ھۆرمەتتىن باشلىنىدۇ.

بىلسەڭ جېنىمدىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40641
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 967
تۆھپە نۇمۇرى: 153
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 10:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىلسەڭ جېنىمدىنمۇ ئەزىزسەن---

بۇتخانىدىن ئىبر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61123
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1410
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 10:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ھورمەتتىن باشلىنىدۇ.


        ھازىرقى بىر قىسىم قىزلارنىڭ ھورمىتى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگىمىدۇ ياكى يانچۇقىدىكى پۇلغىمىدۇ  ؟
                                    مەن بىلەلمىدىم جۇمۇ . . .

مۇھەببەت-نۇرلۇق قول بىلەن نۇرلۇق قەغەزگە يېزىلغان نۇرلۇق سۆز!

ئوماق تىگېن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4341
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5478
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2011-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-7 01:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بالىنىڭ ‹جىڭى› ئىكەن، كىچىك ۋاختىدا كەمپۇتنى ئازراق يەپ قالغان گەپ؛ئۇنداق ئادەمگە مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىشى؟ئاستا سەنىئەت مەكتەپتە مودىل بوسا بوغىدەققۇ؟؟

ئوماق تىگېن
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5541
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6535
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-7 02:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش