مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2087|ئىنكاس: 4

داڭگال لېرىكىللىرى - ئىنتىلىش ‹14-16› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 05:44:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                                                   《14》

سېنى ساقلاپ ،سېنى كۈتۈپ ھالىمدىن كەتتىم.تاڭلار ئىتىۋاتىدۇ.دىدارسىز كىچىللىرىم غەمناك.بىغەم،خاتىرجەملىكىم بۇزۇلدى.ئۇيقۇم قېچىپ ،كۆزلۈرۈم تېلىپ ،سارغىيىشقا باشلىدىم.

  ئاھ،راس بۇ ھەقىقەت! مەن ماڭا كۈلۈپسىرەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا خىجىل بولۇپ قايرىلىپ قارىيالمىدىم. مۇشۇ ياشتىمۇ مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىۋاتقانلىقىمدىن ئويالغان بولسام كىرەك.

  شۇنداق. مەن سېنىڭ چوقۇم كېلىشىڭنى ،ئالدىمدا پەيدا بولۇشۇڭنى ،ماڭا مۇھەببىتىڭنىڭ پۈتۈن زوقلىرىدىن مەلھەم بېرىدىغانلىقىڭنى تۆت كۆز  بىلەن كۈتكەن بار شادىيانە خىياللىرىمنى  مەھكەم قۇچاقلاپ قېلىۋەردىم.

                                                                                          ‹15›

   مەن سېنىڭ ئاياغ تېۋىشىڭنى ئاڭلىدىم.سەن چوقۇم يىنىك قەدەم تاشلاپ ،ماڭا تەبەسسۇم قىلىپ ئاستا-ئاستا پۇتۇڭنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كېلىۋاتىسەن.

  سەن چوقۇم ھەر چاغ،ھەر زامان،ھەر ۋاقىت،ھەر دەقىق ماڭا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىسەن.

سەن چوقۇم ھەر كۈنى،ھەر كىچە...ھەر بىر ئوي،ھەر بىر چۈشلۈرۈمگىچە ماڭا قاراپ يېقىنلىشىۋاتىسەن،يېقىنلىشىۋاتىسەن-دىلبىرىم!

سەن چوقۇم قوياش پارلاپ سېغىنىش مۇڭلۇرۇم ئالدىراش كۈندۈزلۈرۈمگە يوشۇرۇنغاندا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ مىنى ھەيرەتتە قالدۇرسەن...

سەن چوقۇم  ۋىسال غۇربەتلىرىڭ مىنى ئىسەدەتكەن،ئىشقىڭنىڭ چەكسىز ھېجرانىدا ئۆرتەنگەن ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلۇرۇمدا يۈرۈكۈم ئۈستىدە بەخۇدۇك چامداپ توختاۋسىز ھەر بىر قەدەملىرىڭ بىلەن مىنى كۆككە ئاتىسەن!

                                                                                        ‹16›

   يەنە تاڭ ئاتتى.كۈن نەيزە بويى ئۆرلەپ ئىشقا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كوچا ئاپتۇۋۇزىغا ئاران ئۈلگۈردۈم.ماشىنىنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى،كىشىلەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى مىنى ئەللەيلەپ ھارغىن كۆزلۈرۈمنى يۇمدۇم.توساتتىن سەن يېنىمدا پەيدا بولۇپ مىنى جەينەكلەۋاتقاندەك ئەندىكىپ كۆزۈمنى ئاچتىم.

  جىمجىت ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشىك ئىچىلسا خۇددى سەن كىرىپ كىلىدىغاندەك ئىشىكلەرگە تەلمۈرۈپ،بىئىختىيار ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

  بازار،كوچىلاردا كىتىۋىتىپ سېنىڭ قاراڭ كۆرۈنۈۋاتقاندەك كىشىلەر توپىغا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ مەيۈسلەندىم.

  ئاشپۇزۇللاردا،رەستىلەردە خۇددى سەن،سەنلا ئالدىمغا چېقىپ قالىدىغاندەك خاۋاتىرلەندىم...

  ئاھ ،لىكىن ئەمما-دىلبىرىم! سەن يوق،سەن يوق،سەن يوق!



     مەنبە ؛ قەلەم.
  

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 1266
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 27825
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4775 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 06:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارغاندا ئاشىق كۈيىدەك تۇرىدۇ. مەن باشتىن ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك. بىرىنچىسىنى تېپىپ باشتىن ئوقۇي ئەممىسە.
_______________________________________________________
‹‹ لېرىكا ›› ئەمەس ‹‹ لىرىكا ›› ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىدىن

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

دىنىمنىڭ ئىسلام

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34313
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4602
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 08:19:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى بەك يېقىملىق چىقىپتۇ دوستۇم! تېخىمۇ تىرىشىڭ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2169
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8864
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 01:30:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونا دوستۇم داڭڭالنىڭ بۇ تېمىسىنى مىسىرانىمدا كۆرۇپ شۇنداق خوشال بولدۇم.

lvoelpo99 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:53:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Q877929284长沙考研代考,昆明中级会计师替考,邵阳雅思替考

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش