مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5506|ئىنكاس: 79

‹ باھادىرنامە › [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىگىلگەنگە ئىگى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3521
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14734
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:25:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر ھەققىدە





ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ-ئېلېكتىر تېخنىك مەكتىپىنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە «يۈرىكىم يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايە توپلىمى، «جانانغا يېزىلغان خەت»، «كاككۇك بالىسى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «سۈكۈتتىكى زېمىن» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «كۈيلەر خانىشى-ئاماننىساخان»، «ئادالەت ھامىيسى-سەئىدخان» قاتارلىق بالىلار پوۋېستلىرى، «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، «داۋان»، «جاللات خېنىم» (ئىككى توم)، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» (ئالتە توم) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.
ياسىنجان سادىق چوغلانى مەزكۇر روماندا چاغاتاي ئۇيغۇر خاندانلىقى ( مۇغۇلىستان خاندانلىقى ) دەۋرىدىكى چوڭ - كىچىك ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۇرگەن بۇلۇپ ، ئاپتۇر بۇ روماننى روياپقا چىقىرىش ئۇچۇن كۆپلىگەن ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان . چاغاتاي ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىدە بۇيۇك ئىستىلاچى چاغاتايدىن تارتىپ سەئىدخانغىچە ئىلگىرى - كىيىن بۇلۇپ 34 خانلىق ئالمىشىپ نۇرغۇنلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدىغان ئۇنتۇلماس ۋەقەلىكلەر يۇز بەرگەن . تارىخى مەزمۇنلارغا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ مەزكۇر كىتابنى سېتىۋىلىپ ئۇقۇپ ساقلاپ قۇيىشىنى كۇچلۇك تەۋىسيە قىلىمەن . ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك يازغۇچىغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىھتىرامىمنى بىلدۇرمەن .



چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 - يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي خانلىقى" دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 - 1570 ) دە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھېدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .











كىتابىدىن ئىككى پارچە



ئىسان تايشى ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى . بىكاۋۇل بەگ ئۇنىڭغا چاي تۇتتى . ئىسان تايشىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ئەمەس ئىدى ، ۋۇجۇدىدىكى گۇمان ، ئىزتىراپ تۇيغۇلىرى كۆزلىرىدىن بىلىنىپ قالغان ئىدى . ئۇ شاھزادە ئۇۋەيىسخان ، ئەمىر سۇپۇرگە مىرزا ، سەيىيىدئەلى ئالىپلارغا تەكشى قارۋالغاندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى :
- بىز دىگەن يېڭىلىپ ئەسىرگە چۇشكەن رەقىبلەردىندۇرمىز . ھەرقانداق زۇلۇم بىلەن جازالاش ئىختىيارلىرىدۇر . ئەمما دەرگاھلىرىدا داستىخان ھازىرلاپ ھىممەت كۆرسىتىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلگۇم بار .
- جانابلىرىنىڭ ھەقىقەتەن باھادىرلارغا ىاس جاسارىتى بار ئىكەن ، - دىدى شاھزادە ئۇۋەيىسخان تەمكىنلىك بىلەن ئېغىر ئېچىپ ،- ئەلۋەتتە ئۆزلە بىلەن بىز بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىمىز بىلەن دوسىت ئەمەسمىز . داستىخان ئۈستىدە يار بۇرادەرچىلىكتىن لاپ ئۇرغان كىشىنى ھەم دوسىت سانىماسمىز . جاناپلىرى تەسەرۇپىمىزغا باستۇرۇپ كىلىپ ، ئاۋام – رەئىيەتنىڭ ئاسايىشلىقىنى بۇزۇپ غۇرۇرىمىزنى پايخان قىلدىلا ، ئەلۋەتتە بۇ كەچۇرگىسىز گۇناھتۇر . گەرچە ئۆزلە مۇڭغۇلنىڭ بۇيۇك خانى بولسىلىمۇ ، لىكىن ھازىر بىزگە ئەسىر . ئەسىرنىڭ ئورنى دەرگاھىمىزدا ھەر قانداق مۇلازىمدىنمۇ تۆۋەندۇر . دۇشمەنلىك نەزىرىمىزدىن ئېيىتساق ، ئۆزلەنى نۆكىرىمىز قاتارىدىمۇ ئىززەتلىگۇمىز ھەم يوقتۇر . بۇندىن سەككىز – ئون يىل مۇقەددەم ئاستانە تۇرپاندىكى ئۇقۇلدا ①  ئۇستازلىرىمىزنىڭ : << تۇنجى گۇناھ ئۇقماسلىقتىن بۇلىدۇ . ئۆزرە ئېيتىپ قالسا ئۇنى ئەپۇ قىل ، گۇناھىغا تۆۋە قىلسىلا كۇپايە >> دىگەن تەلىمى ھېلىمۇ ئىسىمدە . شول تاپتا ئۆزلە بىزدىن جازانىڭ ئورنىغا ھىممەت دەسسەتكىنىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئۇچۇق سورىغانلىقلىرى ئۇچۇن جاۋابىنى ئۇچۇق بىرەي : بىز ئۇستازىمىزنىڭ ئۇشبۇ تەلىمىنى جانابلىرىنىڭ گۇناھىغا تەدبىقلىماقچىمىز .
شاھزادە ئۇۋەيىسخاننىڭ مەقسىتىنى چۇشەنگەن ئىسان تايشىنىڭ قارامتۇل چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى .
- شىرغا خىرىس قىلىش ۋە قىلىچقا مۇشت ئېتىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس ،- دىدى ئېسان تايشى بىر نەچچە دەقىقە سۇكۇتتىن كىيىن سۆز ئېلىپ ،- ناۋادا شاھزادە ئالىلىرى ئەپۇ كەمىرىنى بىلىگە باغلىماقنى ئىرادە قىلغان بولسا ، ئەلۋەتتە تەشەككۇر بىلدۇرمەن ، مەنمۇ دوسىتلۇق كەمىرىنى بىلىمگە باغلاشقا تىرشىمەن .
ئىسان تايشىنىڭ جاۋابىدا تۆۋە قىلىش ، گۇناھىنى تىلەش ئەمەس ، سۇلھى تەلەپ قىلىش پۇرىقى بار ئىدى . بۇنى سەزگەن سەييىدئەلى ئالىپنىڭ چىرايى غۇژژىدە تۇرۇلدى . سۇپۇرگە مىرزا سۆھبەتنىڭ نەتىنجىسىنى كۇتۇپ چاندۇرماي ئولتۇردى .
- بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يەر يۇزىنىڭ تەكەببۇرلىرى  خارۇزار ۋە بىئېتباردۇر ،- دىدى شاھزادە ئۇۋەيىسخان قاپىقىنى تۇرۇپ ،- نادان ۋە تەكەببۇر ئادەملەرگە مەردلىك كۆرسىتىش ئەلۋەتتە ئېغىر گۇناھتۇر . بىز جاناپلىرىنى نادان ۋە تەكەببۇر سانىمىغانلىقىمىز ئۇچۇنلا ئىززەت كۆرسىتىپ ئۇشبۇ سۆھبەتكە داخىل قىلدۇق . مۇڭغۇل خانلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئۆزلىرىنى بۇيۇك قاغان چىڭگىزنىڭ  قوۋىمى ھىسابلاپ تەسەرۇپىمىزغا تەكرار – تەكرار تەئەررۇز قىلىپ كەلدى . گەرچە ئول بابائى بۇزرۇكىمىز مۇڭغۇلغا باش بۇلۇپ نۇرغۇن نۇسرەتلىك يۇرۇشلەرنى قىلىپ ، ئون سەككىزمىڭ ئالەمگە قاغان بولغان بولسىمۇ ، ئەمما بىز بۇيۇك قاغان چىڭگىزنىڭ ھەقىقى نەسلىدىندۇرمىز . شۇڭا مۇڭغۇللارنىڭ ئۆزىنى چىڭگىز قوۋىمى دەپ داۋا قىلىشى ، قوشنا ھۇدۇدلۇقلارغا② تەئەررۇز قىلىشنى يوللۇق ھىسابلىشى بىھاجەتتۇر ، ئەمدى ئۇنداق دەۋالارنى تاشلىغاي . گەرچە قەدىمدە شۇنداق بولغان بولسىمۇ ، ھازىر ئول مەرتىۋىلەر قالماپتۇ ، بۇلۇپمۇ بۇيۇك پەدەرۇ بۇزرۇكلىرىمىزدىن تۇغلۇق تۇمۇرخان ئالىلىرى ئىستىلاسىدىن كىيىن ، سەلتەنەت بۇرجىدا مۇڭغۇللارنىڭ يۇلتۇزلىرى خىرەلىشىپ ، تۇركى قوۋۇملارنىڭ يۇلتۇزلىرى جۇلالاشقا باشلىدى . خارەزىم ، ماۋەرائۇننەھىر ، پەرغانە ، تۇركىستان ، ئىدىل ۋادىسى ۋە مۇغۇلىستان زىمىنلىرىغا تۇركى قوۋۇملاردىن بولغان سولتانلار سەلتەنەت تىزگىننى تۇتۇپ پاسىبانلىق قىلماقتا . گەرچە ئول خان سولتانلار ئوتتۇرسىدا گاھى – گاھىدا زىمىن – تەسەرۇپ تۇپەيلى نىزا – ئاداۋەتلەر بۇلۇپ تۇرسىمۇ ، لىكىن نەسىل – يىلتىزى بىردۇر . شول بائىستىن ئۇلار ئاغا – ئىنى ، قېيناتا – كۇيئوغۇل بۇلۇشۇپ ، تۇغقاندارچىلىق مىھرى بىلەن دەۋران سۇرۇشمەكتە . بىز شول تاپتا ئىسان تايشى جانابلىرىغا ئەسىر ئەمەس ، مۇڭغۇل خانى تەرقىسىدە مۇئامىلە قىلىپ ئىززەت كۆرسىتىۋاتىمىز . مۇددىئايىمىز : جانابلىرى ، ئىلگىركى مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ يۇلىنى تۇتماي ، ئۇرۇشقاقلىقىنى تاشلىغاي ، شۇنداقلا بېلىگە دوسلۇق كەمىرىنى باغلاشقا تىرىشقاي ئەمەس ، بەلكى مەھكەم باغلىغاي . مەگركى ئۇنداق قىلمايدىكەن ، يەنە بىر نۆۋەت ئەپۇغا ئۇرۇن قالمايدۇ .
شاھزادە ئۇۋەيىسخاننىڭ قىلچىلىك سۇلھى – سالاغا يول قويماي ئېيىتقان سۆزلىرى ئىسان تايشىنى ئوبدانلا تەرلەتتى . سەيىدئەلى ئالىپ بىلەن ئەمىر سۇپۇرگە مىرزا بولسا قاتتىق ھاياجانلاندى . ئادەتتە يۇمشاق مىجەزلىك كۇرۇندىغان شاھزادە ئۇۋەيىسىاننىڭ ئۆتكۇرلىكىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدى .
- شاھزادە ئالىلىرىنىڭ مۇددىئاسىنى چۇشەندىم ،- دىدى ئىسان تايشى دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ،- ئاگاھلىرىنى ئىسىمدە تۇتىمەن . دوستلۇق كەمىرىنى بېلىمگە مەھكەم باغلاپ ، ئۆز قوۋمىمنى بۇيۇك مۇغۇلىستان ئېلىگە تەئەررۇز قىلىشتىن قەتئي تۇسۇيمەن . ئەگەر خالىسىلا بىتىم تۇزەپ مۆھۇرلىشەيلى .
- جەڭدە يېڭىلىپ ئەسىرگە چۇشكەن خاننىڭ بىتىم تۇزۇش سالاھىيتى يوقتۇر ،- دىدى شاھزادە ئۇۋەيىسخان قىلچىلىك يۇز – خاتىرە قىلماي ،- بىتىم دىگەن ھەر ئىككى تەرەپ باراۋەر بولغاندا ئاندىن تۇزۇلىدۇ . بىزدە << لەۋزى ھالال >> دەيدىغان بىر ھىكىمەت بار . شۇڭا ئىسان تايشى جانابلىرىنىڭ لەۋزە قىلغان ۋەدىسىگە ئىشەندۇق ، جانابلىرى خالىغان ۋاقىتتا ئۆز دەرگاھىغا قايىتسا بۇلىدۇ .
**************
**************
ھىچكىمنى نەزەرگە ئىلماي قەستەن كۆرمەسكە سېلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئولتۇرغان ئىشان مىرزا ئۇلۇغبەكنىڭ نەشتەردەك تىكىلىشلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى . ئۇرگۇت تاغلىرىدىن ئەسكەن غۇر – غۇر شامال شايى يەكتەكنىڭ پەشلىرىنى ، ھەر بىر تېلى خۇددى بويىغاندەك پارقىراق ، كۆكرىكىگە چۇشۇپ تۇرغان قاپقارا ساقاللىرىنى يەلپۇپ ، ئىشاننى خۇددى ھازىرلا قانات قېقىپ ئۇچۇپ كىتىدىغاندەك ئۇلۇغۋار قىياپەتكە كىرگۇزۇپ قويغان ئىدى . تۆۋەندە ئۆزىگە تەلمۇرۇپ تۇرغان مىڭلىغان مۇرىت – مۇخلىسلىرىغا شۇنداقلا نەزەر تاشلىغان ئىشاننىڭ ۋۇجۇدۇدىكى تەشۋىشلەر بىردىنلا غايىپ بولدى – دە يەنە تەكەببۇر قىياپىتىگە قايتتى . قۇلىدىكى كەھىرۋا تەسۋىرنى سىيرىغىنىچە مۇرىتلىرىنى ئەيمۇندۇرۇپ قاراشقا ئادەتلەنگەن ئۆسكىلەڭ قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرىنى مىرزا ئۇلۇغبەگكە دادىل تىكتى .  شۇ تاپتا پۇتكۇل سەمەرقەنىت خەلقى << پىر – بۇزۇرۇك >> ، << ئەۋلىيا ئەزەم >> ، << سولتانۇل مۇھەققىيىن >> دەپ ئايىقىغا باش قۇيىدىغان ، پىشىدە ناماز ئۇقۇيدىغان ، تا ھازىرغىچە كۆزى چۇشكەنلىكى نەرسىگە ئىرىشىپ كەلگەن ئىشاننىڭ رەسەتخانا ئورنىغا خانقا سالدۇرۇش ئىشەنچى بەكمۇ چوڭ ئىدى .
<< ياخۇدا ، نىمانچە تەكەببۇرلۇق بۇ . شۇ تاپتا ماۋەرائۇننەھىرنىڭ سولتانى ئۇمۇ ياكى مەن مىرزا ئۇلۇغبەگمۇ ؟ ئازراق بولسىمۇ تەپ تارتاي دىمەيدۇ – يا ؟ بوپتۇ ، يەنىلا ئۇزەمگە ھاي بىرەي .. ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۇرۇپ ئاتتىن چۇشۇپتىمەن تېخى . ئۇنىڭ بىلەن ئات ئۇستىدىلا سۆزلىشىدىغان ئىشكەندۇق ، خەيىر ...>>
قاتتىق غەزەپتىن ئۆزىنى  ئاران – ئاران تۇتىۋالغان مىرزا ئۇلۇغبەگ ئىشانغا سالام قىلماي تەئەددى بىلەن ئېغىز ئاچتى :
- خوش ھەزرتىم ، ئۇشبۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ ۋەجى نىمىكىن ؟
ئىننەللاھۇ مۇئەسسابىرىن ③ ، - دىدى ئىشان شەيىخ نىزاممىدىن خامۇش سۆزلىرىگە سۇرلۇك تۇس بىرىشكە تىرشىپ ،-  سەۋىر قىلىپ ئىككى كەلىمە سۆزۇمگە قۇلاق سالغايلا ئالىلىرى ،- ئىشان قەستەن مۇرىتلىرىغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى ،- مەن كېچىدىن ھەممىگە قادىر ۋە ھىكىمەت ئىگىسى بولغان جانابى ئاللاھنىڭ جامالىغا سېغىنىپ تۇنىگەن ئىدىم ، بامداتقا يېقىن قۇلىقىمغا غايىبتىن << ئەي شەيىخ نىزامىدىن ، زىھىن قۇيۇپ ئاڭلا ، ئاگاھ بولغىنكى ، سەن ۋەتەن قىلغان ئول بەلدەئى مەھفۇزدا بىر كۇپۇر دەرگاھ بىنا بۇلۇشقا يۇزلەندى . گەرچە بۇ سىنىڭ گۇناھىڭ بولمىسىمۇ ، تەرىقەت پىشۋاسى بولغانلىقىڭ ئۇچۇن ئول گۇناھى كەبىر ئىشنى تۇسۇش مەجبۇريىتىڭ باردۇر . مۇگدەپ ئولتۇرماي ئورنىڭدىن تۇردە باقىيدا سەككىز جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى قولغا ئېلىشنى مەخسەت قىلىپ پېشىڭغا ئېسىلغان ، قول بىرىپ سىنى پىر تۇتقان تەرىقەت ئەھلى بولمىش مۇرىت – مۇخلىسلىرىڭنى ۋاقىپلاندۇر . ياتقان بولسا قوپسۇن ، ئولتۇرغان بولسا ماڭسۇن – دە ، ئول كۇپۇر دەرگاھىنى يەر يۇزىدىن يوقىتىپ ، ئورنىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھى بۇلىمىش خانقا مۇبارەك بىنا قىلىنسۇن >> دىگەن ئاجايىپ يېقىملىق بىر سادا ئاڭلاندى . ھىدايەت ئەزەلىيدۇر ، ئىنايەت ئەبەدىيدۇر . ھىدايەت غەييىبكە  ئىمان كەلتۇرمەكتىن ئىبارەتتۇر . مەگركى ، ئەزەلىي ھىدايەتنىڭ مەيىن شامىلى يەتسە كۆڭۇل گۇلىدىن ئىمان غۇنچىسى ئېچىلغۇسىدۇر . ئەمماكى ئىمانى سۇس بەندىنىڭ غەيىبكە ئىشىنىشى قىيىندۇر . شول بائىستىن ئۇشبۇ ۋەھىنى ناماز بامداتتىن پارىغ بۇلۇپلا جانابى ھۆسنى مۇتلەقنىڭ ئىشىق – پىراقىدا كاۋاپ بولغان ، يۇرەك باغرىنى ھىدايەت شامىلىدا ھەرقاچان سەگىتىپ تۇرغان مۇردىل ھىدايەتچىلىرىمگە يەتكۇزدۇم . ئەۋۋەل جانابى ئاللاھنىڭ ئەمىرسىز قىل تەۋرىمەس مەدىتى بىلەن ، ئاندىن قالسا جەننەتماكان پىر – بۇزۇرۇك ، ئەۋلىيالارنىڭ دىلىمىزغا سالغان كەشپۇ كارامەتلىرىنىڭ رىغبىتى بىلەن بول كۇپۇر دەرگاھىنى گۇمران قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق . تەڭرى : كۆڭلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان ئادەمگە ئەگشمىگىن ، دىگەن ....
  مىرزا ئۇلۇغبەگ ئىشان شەيىخ نىزاممىدىن خامۇشنىڭ قۇتراتقۇ تۇسىنى ئالغان نۇتىقىنى ئاڭلاۋىرىشكە تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى .
-    بولدى بەس ،- دىدى غەزەپ بىلەن قۇلىنى سىلكىپ .
تۇكۇرۇكلىرىنى چاچىرتىپ سۆزلەۋاتقان ئىشان چۇچۇپ توختىدى – دە مىرزا ئۇلۇغبەگكە ھۇدۇقۇپ قارىدى .
- ئىشان ھەزرەتلىرى ئۇنتۇپ قالغان بولسا سەمىگە سېلىپ قۇياي .  شەرىئەت قانۇنلىرىدا تەڭرى ھىكىمىتى ھەققىدە ئارتۇقچە پىكىرلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنغاندۇر . چۇنكى ، تەڭرى ھىكىمىتىنى ئاشكارلاش ئاددى بەندىنىڭ قۇلىدىن زىنھار كەلمەس . شول بائىستىن بەندە رازىلىق ۋە تەسلىم بۇلۇشقا بۇيرىغان . گەرچە غەيىبكە ئىشىنىش ئىمان جۇملىسىدىن بولسىمۇ ، شەخسى مۇددىئاسىغا يىتىش ئۇچۇن ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ مالائىكىلىرىنى شىپى كەلتۇرۇپ غەييىب ھەققىدە ئاغزىغا كەلگەنچە جويلۇش ئېغىر گۇناھتۇر . پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم << ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار >> دىگەن ئىكەن . بايا ئىشان ھەزرەتلىرى ئۇشبۇ ئاتالمىش كۇپۇر دەرگاھ ھەققىدە غەييىبنى شىپى كەلتۇرۇپ سۆزلىدىلە . بىلىپ قالسىلا ، قۇرۇلماقچى بولغان بۇ ئىمارەت سىلى ئېيىتقاندەك كۇپۇر دەرگاھى ئەمەس ، بەلكى ئىلىم – ئېرپان دەرگاھىدۇر . بىز پاسىبانلىق قىلىۋاتقان بول تەسەررۇپقا ئەقىلنى نۇرلاندۇرغۇچى ئىلىم ۋاستىسى بىلەن ئاسايىشلىق يولى تاپماي مۇمكىن ئەمەستۇر .
ئىشان شەيىخ نىزاممىدىن خامۇش مىرزا ئۇلۇغبەگكە گۆلەيدى . خاننىڭ << تەڭرى ھىكىمىتىنى ئاشكارلاش ئاددى بەندىنىڭ قۇلىدىن زىنھار كەلمەس ...>> دىگەن سۆزلىرى قاتتىق ئېغىر كەلگەندى . ھەئە ، مىڭلىغان مۇرىت – مۇخلىسلىرى << ئەۋلىيا – ئەزەم >> ، << سۇلتانۇل مۇھەققىيىن >> دەپ ، ئايىغىدىن تۇزىغان چاڭلارنى كۆزگە سۇرتۇپ تاۋاپ قىلىدىغان كاتتا پىر – بۇزۇرۇك ئەۋلىيانى مىرزا ئۇلۇغبەگ مەنسىتمەي ئاددى بەندە دەۋاتاتتى .
+++++++++++++++
①ئۇقۇل – مەكتەپ .
②قوشنا ھۇدۇدلۇقلار- قوشنا ئەللەر
③ئىننەللاھۇ مۇئەسسابىرىن – ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللەدۇر .


ئەسكەرتىش : يۇقارقى جەڭ رەسىملىرى كىتاب مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . تېمىنىڭ جەلىبكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن توردىن رەتلەپ يوللاندى .
مەن مەركىزى خەلىق رادىئۇ ئىستانسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۇلۇمىدىكى ئاكاشلار بىلەن تىلفۇنلاشتىم . ئۇلارنىڭ  دىيىشىچە مەزكۇر كىتابنى توردا ئاڭلىتىش - تارقىتىش ھۇقۇقى  ئۇلارنىڭ  قۇلىدا ئىكەن . شۇنداقتىمۇ كىتاب ئۇقۇشقا ۋاقتى يەتمىگەن تېخىمۇ كۆپ دوسىتلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن ئالتە قىسىم كىتابنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى   نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۇچ سەرىپ قىلىپ رەتلەپ چىقتىم . دوسىتلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۇشۇرۋىلىشىنى سورايمەن . چۇشۇرگەندە 优蛋 مەخسۇس چۇشۇرگۇچنى ئىشلىتىش تەۋىسيە قىلىندۇ .
优蛋 نى بۇ يەردىن چۇشۇرۇڭ : http://u.115.com/download.html
تۆۋەندىكى چۇشۇرۇش ئادىرسىدىن چۇشۇرۇڭ ،网盘专用下载 دىگەن خەتنى باسسىڭىز بۇلىدۇ .

سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىزئىنكاس يېزىڭ

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
yulwas + 1 كۇپ رەخمەت
wolkan888 + 20 رەخمەت سىزگە كۆپ ئەجىر قىپسىز ..

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 21   باھا خاتىرىسى

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9466
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 5607 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،بەك سۆيۈندۈم،ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت سالمىسۇن،جاپا چەكتىڭىز،چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ئىگىلگەنگە ئىگى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3521
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14734
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارغا رەخمەت . تېمىنى تەھرىرلەش ئېلىپ بارالمىغان ئىدىم .  رەسىملەرنى ئوڭشاپ قۇيۇپسىلەر ، جاپا چەكتىڭلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39709
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1072 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2011-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چۈشۈرەلمىدىم ، چۇشۇرگەنلەر بولسا ياردەم قىلساڭلار ، ياكى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بۇلاتتى . چ چ : 1317360299

غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۈپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10539
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:42:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رادىئودىن ئاڭلىغانىدىم .شۇنداق ياخشى رومانكەن. تىما ئىگىسى جاپا  چەكتىڭىز! رەخمەت سىزگە.ھەممىنى چۈشۈرۈۋالدىم.
ئاپلا، مائۇس مىدىرلاپ كىتىپ ،‹ئىسىل›نى باسىمەن دەپ‹بىپەرۋا›نى بىسىپ سالدىما!
تىما ئىگىسى كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن.كەچۈرۈڭ!

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10539
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(kadirop) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

مەن ھەممىنى چۈشۈرۈپ بولغاندا بىرلا  ئىۋەتىپ بىرەي.

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئىگىلگەنگە ئىگى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3521
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14734
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  TaRKiN كە 2011-11-03 02:42 PMئەۋەتىلدى  :
رادىئودىن ئاڭلىغانىدىم .شۇنداق ياخشى رومانكەن. تىما ئىگىسى جاپا  چەكتىڭىز! رەخمەت سىزگە.ھەممىنى چۈشۈرۈۋالدىم.
ئاپلا، مائۇس مىدىرلاپ كىتىپ ،‹ئىسىل›نى باسىمەن دەپ‹بىپەرۋا›نى بىسىپ سالدىما!
تىما ئىگىسى كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن.كەچۈرۈڭ!   
كېرەك يوق ، مەخسەت ياخشى باھالارغا ئىرىشىش ئەمەس بەلكى مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەردىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بەھىرمەن بۇلىشى ئۇچۇندۇر

ئىگىلگەنگە ئىگى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3521
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14734
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  kadirop كە 2011-11-03 02:38 PMئەۋەتىلدى  :
  مەن چۈشۈرەلمىدىم ، چۇشۇرگەنلەر بولسا ياردەم قىلساڭلار ، ياكى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بۇلاتتى . چ چ : 1317360299


قايتا سىناپ بېقىڭ ، چۇشۇرۇش ئادىرسىدا خاتالىق يوق .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 32106
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7561 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:47:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتلەر نەشرىياتى 1-2يىل بۇرۇن نەشىر قىلغان كىتابلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا قارىغاندا ئەرزانتى،ھەممىدىن ‹‹شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى››،‹‹مىللەتلەر نەشرىياتى››نىڭ باھاسى مۇۋاپىقتى،يېقىندىن بۇيان،بۇ نەشرىياتمۇ كىتابنى بەك قىممەت چىقىرۋالدى،مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ بىر ئادەم قوقۇتۇپ قويدىغان ئىشى بار،بىر قېتىم چىقارغان كىتابنى قايتا باسمايدىغان،نۇرغۇن كىتابنى شۇنداق قىلدى،شۇڭا،مەنمۇ ۋاقتىدا بۇ ئاكىمىزنىڭ كىتاۋىنى سېتىۋالدىم.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ئىگىلگەنگە ئىگى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3521
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14734
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:53:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  توخار كە 2011-11-03 02:47 PMئەۋەتىلدى  :
مىللەتلەر نەشرىياتى 1-2يىل بۇرۇن نەشىر قىلغان كىتابلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا قارىغاندا ئەرزانتى،ھەممىدىن ‹‹شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى››،‹‹مىللەتلەر نەشرىياتى››نىڭ باھاسى مۇۋاپىقتى،يېقىندىن بۇيان،بۇ نەشرىياتمۇ كىتابنى بەك قىممەت چىقىرۋالدى،مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ بىر ئادەم قوقۇتۇپ قويدىغان ئىشى بار،بىر قېتىم چىقارغان كىتابنى قايتا باسمايدىغان،نۇرغۇن كىتابنى شۇنداق قىلدى،شۇڭا،مەنمۇ ۋاقتىدا بۇ ئاكىمىزنىڭ كىتاۋىنى سېتىۋالدىم.

بىباھا كىتاب دىيىشكە بۇلىدۇ ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ئۇشبۇ كىتابنىڭ قەدىرىگە يىتىپ سېتىۋىلىپ ساقلاپ قۇيىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش