مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3421|ئىنكاس: 21

دۆلىتىمىزدىكى پايدىسى ئەڭ كۆپ ئون ساھە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ماڭغان يولۇڭدا ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2358
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10233
تۆھپە نۇمۇرى: 755
توردا: 2925 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:21:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدىكى پايدىسى ئەڭ كۆپ ئون ساھە


1. گىرىم بويۇملىرى
ئەرلەر بەلكىم بۇ پىكىردىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، ئەجىبا "داباۋ" ماركىلىق يۈز مېيىمۇ شۇنچە كۆپ پايدا ئالدىغان مەھسۇلاتمۇ؟ دەپ. ياق . بۇ

يەردە دىيلىۋاتقان گىرىم بويۇملىرى بولسا ئىمپورىت قلىنغان ئىسىل گىرىم بويۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ. SK-II نىڭ داڭلىق گىرىم سۈيى "پەرىشتە

سۈيى" 神仙水 نىڭ دۆلىتىمىزدە سېتىلىش باھاسى 560 يۈەن، بىراق ياساش تەننەرخى ئاران 6.5 غا توختايدۇ. ھەيران قالدىڭىزغۇ

دەيمەن؟ تەتقىقات چىقىمىنى قوشۇۋەتسەكمۇ، بىرسىنىڭ باھاسى 10 يۈەندىن ئاشمايدۇ. ياپونىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىق گىرىم بويۇمى

Shiseido (资生堂)ماركىلىق 50 گىراملىق كۆزلۈكنىڭ باھاسى 650يۈەن بولۇپ تاشقى قېپىنى ئوراش - زىننەتلەش چىقىمىنى

قوشساقمۇ بىر قۇتىسىنىڭ باھاسى 10يۈەنگە بارمايدۇ. Aupres 欧伯莱 نىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى 150 يۈەن ئەتراپىدىكى

كۆزلۈكىنىڭ تەننەرخى ئاران 3 يۈەن ئەتراپىدا. خانىم-قىزلار ، ئەمدىغۇ يۈزۈڭلارغا سۈرىۋالغان پەرداز بويۇملىرىنى ئاللىقانداق يۇقۇرى

تېخنىكىلىق نەرسىلەر دەپ يۈرمەيدىغانسىلەر ھە؟ بۇ يەردە ئەڭ زور زىيان تارتىدىغانلار يەنىلا ئاشۇ پەردازخور ئاياللار.



2. كۈندىلىك بويۇملار
بۇنىڭ ئىچىدە شەخسى خىمىيلىك تازلىق بويۇملىرىنىڭ پايدىسى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كام بولسا بولمايدىغان چىش

پاستىسى 牙膏نى مىسالغا ئالسا، چىش پاستىسىغا قوشۇلدىغان ئەڭ قىممەت تەركىب بولغان كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنىت发泡剂نىڭ بىر

توننىسىنىڭ باھاسى 600 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن، ئەمما بۇ 600 يۈەنلىك كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنىت بىلەن 180 گىراملىق چىش

پاستىسىدىن 6000دانە ياساپ چىققىلى بولىدۇ. ئېشىپ قالغان ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنىڭ تەننەرخنى زىغىرلاپ ئولتۇرمايلى، كالتىسىي كاربونات

پاراشوگىنىڭ( 碳酸钙粉末) ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 120 يۈەن ئەتراپىدا، ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك فىتور قوشۇلغان چىش پاستسىنىڭ

ئۈنۈملۈك تەركىبى بولغان-فىتورنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى100 يۈەندىن ئاشمايدۇ. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۆۋەن دەرىجىلىك چىش پاستىللىرنى

دىمەيلا قويايلى، سىلتىسى تەركىب قوشۇلغان佳洁士Crest ماركىلىق چىش پاستسىنى ئېلىپ ئېيىتساق، 180 گىراملىقنىڭ بازار

باھاسى 13 يۈەن ئەتراپىدا، 6000 دانە چىش پاستىسىنى قانچە پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ؟ چاچ سوپۇنىنى دىمەيلا قويايلى ، بۇ تېخىمۇ

قورقۇنۇچلۇق. بۇنى ئاڭلىسىڭىز ئەتە ئەتىگەندە بېشىڭىزنى يۇيماي يۈرمەڭ يەنە!



3.ئىچىملىكلەر
بۇنىڭ ئىچىدە ، مىۋە شىرنىلىك ئىچىملىكلەردىن كىلىدىغان سودا پايدىسى ئەڭ كۆپ، بازاردا پارچە سېتىلىش باھاسى 2 يۈەن بولغان مىۋە شىرنىلىك

ئىچىملىكنىڭ ئوراش-قاچىلاش تەننەرخى ۋە ئۈسكىنە تەننەرخى ئاران 7 پۇڭ، ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىزى تارتىپ ئېچىلدىغان ئىچىملىكەرنىڭ

تەننەرخى تېىخمۇ توۋەن ، ئاران 5 پۇڭ. بىزبەش-ئالتە يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئىچىدىغان ۋىتامىنلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەننەرخمۇ 1 يۈەن ئەتراپىدا.



4.ئاق ھاراق
جۇڭگۇدىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلاردىن بىرى بولغان ۋۇلىياڭيې(五粮液) نى مىسالغا ئالساق، ھەر توننا ئاشلىقتىن 100جىڭ ئەتراپىدا ئاق

ھاراق ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 10 جىڭى ئەڭ ئىسىل ۋۇلىياڭيې ھارىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئېشىپ قالغىندىن بولسا تۆۋەن

دەرىجىدە تۇردىغان 五粮春،浏阳河 قاتارلىقلار ياسىلىدۇ. ھەر توننا ئاشلىقنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى تەخمىنەن 1600 يۈەن ئەتراپىدا،

بىراق ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ پارچە سېتىىش باھاسى 15000يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. سىز قايسى بىر ھاراقنىڭ مانچە يىل ئېچىتىلغان

دىگەندەك گەپلەرگە ھەر گىز ئىشىنىپ يۈرمەڭ، زاۋۇتنىڭ ئۇنچە يىل ئېچىتقۇدەك سەۋىر تاقىتى يوق، پەقەت ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدىكى

كاتالىزاتور ئېچىتىش سۈرئىتىنى تىزلىتىۋەتتى خالاس.



5.دورا
دورىنىڭ ساھەسىنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ئاز-تولا بىلىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارشىچە ، دورا ساھەسىىڭ پايدىسى ئەڭ

يۇقۇرى. بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداقمۇ ئەمەس. يۇقۇردىكى ساھەلەرگە سېلىشتۇرغاندا، دورا ياسايدىغان ئۈسكۈنىلەر، زاۋۇت ئۆيى ۋە تەتقىقات

تەننەرخى قاتارلىقلار ئالدىنقى ساھەلەردىن خېلىلا يۇقۇرى، شۇڭا ئاران بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، ھەمدە ئىمپورىت قىلىنىغان دورىلارنىڭ

تەتقىقاتى چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا ، تەتقىقات چىقىمى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. بىراق باشقا ئۈنۈملۈك تەركىبلىرى نەچچە پۇڭغا

يارمىسىمۇ، بىراق زاۋۇت دائىم يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشى كىرەك. ھاراق زاۋۇتى ۋۇلىياڭيينىڭ 金六福نامدىكى ئاق ھارىقى

سېتىلماي قالغان ۋاقىتتا ، دەرھاللا金六福دەيدىغان باشقا بىر ئىسىمنى تىزىملتىپمۇ ئوخشاش بۇرۇنقى ھارقىنى قاچىلاپ سېتىۋېرىدۇ، بىراق

دورا ئۇنىڭ ئوخشىمايدۇ. يېڭى دورا ئۇ چوقۇم يېڭى دورا، مەسلەن: ماي پىنتىسىلىن油制青霉素 شاللانغاندىن كىيىن ئىسمنى باشقىغا

ئۆزگەرتىپ داۋاملىق سېتىلغىننى كۆرمىدۇق.



6.ساغلاملىق بويۇملىرى
بۇ نەرسە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قەدىناس دوستى، تەييياڭ شېندىن ناۋبەيجىنغىچە ، ھېچقانداق بىر ساغلاملىق بويۇمى ئىلاندىكىدەك ھەقىقىي ئۈنۈمىنى

كۆرسەتكىنى يوق. بۇ يەردە دىيلىۋاتقان ساغلاملىق بويۇملىرى بولسا مۇنتىزىم زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇتلارنى كۆرسىتىدۇ،

ساختا-ناچار مەھسۇلاتلار ئەمەس. كەسپىي رىقابەت ناھايىتى كەسكىنى بولغانلىقتىن، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى

زور پايدا ھالىتدە ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى، بولۇپمۇ بەكرەك كۆرنەرلىك بولغان ناۋبەيجىن ، گەرچە ئامرىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن رىتسىپىدىن

پايدىلنىپ ئىشلەنگەن بولسىمۇ، سېتىلىش باھاسى 200 يۈەن بىلەن 10 نەچچە يۈەنلىك تەننەرخنى سېلىشتۇرغاندا ، پايدىسى ئىنتايىن يۇقۇرى.

دورا بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى بولسا ، ساغلاملىق بويۇملىرىنى تەتقىق قىلش ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن، يىسە ئادەم ئۆلتۈرۈپ

قويمىسىلا ، يىسىە بىرەر ئىش چىقمىسىلا بولىدۇ.


7.تېلگىراف
بىر يۈرۈشGSM مۇنارى ياساش ئۈچۈن 200مىڭ يۈەن خەلق پۇلى كىتىدۇ، بىراق بىر مۇنار بىلەن 150مىڭ دانە تېلفۇن سىم يولنى قوللايدۇ،

ھەر تېلفۇننىڭ ئايلىق ھەققىنى 40يۈەندىن ھېسابلىساق، مۇشۇ تېلفۇنلارنىڭ بىر ئايلىق ھەققىگىلا 30 يۈرۈش مۇنار ياسىغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە

تېلگىراف شىركەتلىرنىڭ باشقا ئۈسكۈنە ۋە چىقىملرى بار ، بۇلارنى ھېسابلىمىدۇق، يىغىپ ئېيىتقاندا يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىش بىر قەدەر مۇۋاپىق.


8.يۇمشاق دىتال Software
ھەرقانداق يۇمشاق دىتال جۇڭگۇدا ياخشى سېتىلمايدۇ، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇدىغېنىمىز ئەسلى نەشىردىكى يۇمشاق دىتاللار. ھەر بىر تال ئوپتىك

دىسكىنىڭ ياساش تەننەرخى 9 پۇڭ، ئالىي دەرىجىلىك يۇمشاق دىتاللارنىڭ زىننەتلەش ۋە ئوراش چىقىمى 5 يۈەندىن ئاشمايدۇ، بىراق يۇمشاق

دىتالنىڭ ئەڭ چىقىم كۆپ كىتىدىغان يېرى تەتقىقات باسقۇچى. Windows 98ئازغىنە كام 8 يىل سېتىلدى، بۇ ئارقىلىق بىلل گەتىسنىڭ

تاپقان پۇلى ئارقىلىقWindows 98 دىن 40 نى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. بىراق ئۇ دىگەن چەتئەل. ئەينى ۋاقىتتا بىلل گەتىس ئەگەر

جۇڭگۇدا بولغان بولسا يا ئاچ قېلىپ ئۆلەتتى ياكى ھازىرغىچە جۇڭگۈەنسۈندە ئادەتتىكى كومپيۇتېر قۇراشتۇرغۇچى ئىشچى بولاتتى.


9.كىچىك ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلىرى
توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلۋىزورلارغا سېلىشتۇرغاندا، كىچىك ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلرىنىڭ تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، پايدىسى ئەڭ كۆپ بولىدۇ.

Philips دەل ئاشۇنداق كىچىك ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلىرى بىلەن ئىش باشلىغان چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتتە 1800 يۈەنلىك

ساقال قىرغۇچنىڭ تەننەرخى ،180 يۈەنلىك ساقال قىرغۇچتىن 1.5~2 ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ، بىراق پارچە سېتىلغاندا 10 ھەسسە باھادا

سېتىلىدۇ. قايسىڭلار Philips نىڭ ساقال قىرغۇچىسىنى ئىشلىتىسىلەر؟ ھە ئەمەلىيەتتە سىز ئىشلىتىۋاتقان ئاشۇ نەچچە يۈز يۈەنلىك

يۇقۇرى تېخنىكلىق مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخى ئاران 20 نەچچە يۈەن.


10.ئاپتوموبىل
چەتئەللەردە ئاپتوموبىل سېتىشتىن كىلىدىغان پايدا ناھايىتى ئاشكارا بولۇپ،تەننەرخى 8000دوللارلىق ئاپتوموبىل 10000دوللارغا پارچە

سېتىلسا ناھايتى ياخشى سېتىلغان بولىدۇ. بىراق دۆلىتىمىزدە ئۇنداق ئەمەس. Honda Fit 本田飞度ماركىلق ئاپتوموبىل بىزگە

ناھايىتى ئەرزان تۇيۇلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ جۇڭگۇدىكى باھاسى خەلقئارادىكى ئۆلچەم باھاسىدىن 1000دوللار يوقۇرى. ئەڭ

ئەرزان ماتېريال، ئەڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى، ئەڭ يۇقۇرى پايدا، جۇڭگۇلۇقلار يەنىلا قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك ھېچنىمىنى ئۇقماي يۈرمەكتە،

سەبىيلەرچە ماشىنا ئەرزان دەپ يۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئاشۇ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار يوتقانغا پۈركۈنىۋېلىپ پۇل سانىماقتا.
يازمىلارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

مەنبە: جۇڭگۇ خەلىق رادىئو تورى     خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : يولۇچى
غېرىبانە كەپەمگە مەرھەممەت››› يولۇچى بلوگى

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:07:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارچە ياسىلىش تەننەرخى بەك ئەرزان كۆرىنگەدەك قىلغن بىلەن ،ئاشۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئارقىسىغا  يوشۇرۇنغان قانچىلىق تۆلەنگەن بەدەللەر،قانچىلىك ئۇيقۇسىز كىچىلەر...باردۇر؟

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63976
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:13:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ساختىلىقى بىلەن دۇنياغا نامى كەتكەن بۇ دۆلەتتە ، بۇ  ساھەدىكىلەرنىڭ كۆپۈنچە كىرىمىنى بىزدىن ئىبارەت قاپاقباشلار قىلىپ بېرىمىز. ساختا گىرىملىرىنى ئەزانكەن دەپ ئالىمىز. ھاراق-تاماكىلىرىنى تاتلىقكەن دەپ ئىچىپ تۇڭى بىلەن تۈگۈتۈپ بېرىمىز، تېخى بىر يەرگە قېچىپ كاتمىسۇن دەپ دۇكاندا پوس تۇرۇپ پوكەي يۆلەپ تۇرۇپ قوغدايمىز. ئايدا ئانىمىزغا 10 كوي بەرمەيمىززۇ  تېلفۇن ئۈچۈن نەچچە يۈز يۈئەن تۆلەپ مەبلەغ سېلىپ بېرىمىز. كاللىمىزنىڭ ئوچۇقلا دەردى بولغاچقا ھەممە -ھەممىنى قوللايمىز،كىيىن مېنى ئۇردى دەپ يىغلايمىز.....ۋاي توۋا ...بۈگۈن نىمە بولدۇم ...كوتۇلداپلا كەتتىمما....

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41220
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3868
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1192 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:05:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما بوپتۇ

ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51024
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9846 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:34:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەشرىياتچىلىق ئەڭ ئالدىدا بولغان بولسا.بەلكىم،تەرەقىيات بۇنىڭدىنمۇ تېز بولاتتى.بۇ ئوننىڭ ئىچىگە تاماكا كىرەلمەپتە،ئازراق ساختا ئوخشايدۇ بۇ خەۋەر.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:35:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹بېل گايتىس ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتةتتى›› راسىت جۇمۇ 5كويغىلا بىر گوسىت كېلىدۇ دة بىزدة.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

بۇگۇن،ئەتە،تۇنۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47594
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1337 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇرلار ئىكەن..
تېما ئىگىسىگە راخمەت!!

دوسقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما ئۇيغۇر!!!

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:59:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلەرنى زەھەرلەيدىغان ھاراق 4- ئورۇندا

كېسەل  داۋالايدىغان دورا 5- ئورۇندا ئېكەن .

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:30:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچىدۇ.
بىزنىڭ مايەرلەردە ھىلىقى قىزىل كالا ئىچىملىكى قىزىل ئىشەك ئىچىملىكى ... دىگەندەك ئىچىملىكلەرنى بەكلا ئىچىدۇ ، ( ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بىزدە ئۇ نەرسىلەر بەك قۇۋۋەتلىك بەك ياخشى دەپ قارىلىدۇ ، تىخى كىچىك باللارغا بەرمەيمىز ، بۇرۇن يىتىلىپ قالىدۇ دەپ، ئەمىلىيەتتە نەچچە مۇچەنلىك نەرسىلەركەن، ھەي....

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەشرىياتچىلىقتىن خەۋەر يوق، ئاپتۇموبىل 10- ئورۇندا....
لېكىن ھاراق 4- ئورۇندا............. بۇ دېگەن جۇڭگو.............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش