مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4965|ئىنكاس: 55

ئالىي مەكتەپ ھاياتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44389
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:16:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ ھاياتىم 5 - يىلىغا قەدەم قويدى ، بۇيىل ئوقۇش باشلاشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن مەكتەپكە كەلدىم . مەكتەپكە كېلىپ ئورۇن كۆرپەمنى يىغىپ ، پاشىلىقنى ئېسىپ ، ھاجەتخانىنى تازىلاپ ، ياتاق ئىچىنى پاكىزە رەتلەپ قويدۇم .
پۈتۈن ياتاق ئىچىدە پەقەت مەنلا ياتاق تازىلايمەن ، ياتاقتا جەمئىي ئۈچ ئادەم بار ، بىرى مەخمۇت ، بىرى يولۋاس ، يەنە بىرى ئەلۋەتتە مەندە . مەن ھورۇن بولغاندىن تاشقىرى ، قالغان ئىككىسى مەندىنمۇ ئۆتە ھورۇن .
ياتاقتا ئۈچ ئادەم ياتقانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى : بىز بۇ يىل پۈتتۈرىدىغان يىللىقتا ، بىز بىلەن پاراللىل كەسىپتىكىلەر يوق ، يەنە كېلىپ پۈتۈن سىنىپتا پەقەت بىز ئۈچلا ئوغۇل بالا . شۇڭا مەكتەپنىڭ بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا يېتىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىز ئۈچىمىز 6 كىشىلىك ياتاقنى ئىگەللىۋالغان .
مەخمۇت بىزنىڭ ياتاق باشلىقىمىز ، تازىلىق سېتكىسىغا دۈشەنبىدىن باشلاپ يەكشەنبىگىچە ، پەقەت مەخمۇتنىڭلا ئىسمى يېزىقلىق . يولۋاس بىزنىڭ مۇئاۋىن سىرتقى مۇلازىمەت باشلىقىمىز ، ئۇ بارلىق سىرتقى پائالىيەتلەرگە مەسئۇل . مەسىلەن كورت ئويناشقا تەشكىللەش ، سىرتتىن كىنو دېسكىسى ئارىيەت ئېلىپ كېلىش قاتارلىقلار . مەن مۇئاۋىن ئارقا سەپ تەمىنات باشلىقى . گەرچە دىجورنى جەدۋىلىدە دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە پەقەتلا "مەخمۇت ، مەخمۇت ، مەخمۇت. . . " دەپ يېزىقلىق بولسىمۇ ، ئەمما ھەقىقىي ياتاق تازىلايدىغان پەقەتلا مەن . ھورۇنلۇقنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن  ناچار . ئەلۋەتتە ھورۇنلۇق پەقەت ياتاق ئىچىدىلا ، سىرتقا چىققاندا ھەممىمىز باشقىچىلا ئادەم بولۇپ كېتىمىز .
مەخمۇت ئالدىنقى قېتىم (بىر يىل بۇرۇن) مەكتەپ مۇنچىسىدا يۇيۇنىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا ھوشىدىن كەتكەندىن بېرى ، ھەرگىزمۇ مەكتەپ مۇنچىسىغا كىرمەسلا بولۇپ كەتتى . بۇنىڭ مەنىسى ، ئۇ بىر قىش يۇيۇنۇپ باقمىدى . . .
مەخمۇت قالتىس بىر گەپ قىلغان ، ئۇ بولسىمۇ :" ئۆلگۈر ! نېمىشقا داۋاملىق مەن كىر يۇيىدىغان چاغدىلا يامغۇر ياغىدۇ ؟؟؟!!!"
بۇ سۆزدىن بۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى : مەخمۇتنىڭ كىر يۇيۇش قېتىمى تەڭ ياكى كىچىك يامغۇر يېغىش قېتىمىدىن .
ياتاقنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشنى قارار قىلدىم ، چۈنكى ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى ، ئەزەلدىن مەكتەپ ئىچىنى سەيلە قىلىپ باقمىغان ئىدىم . بارساممۇ پەقەتلا مەكتەپ ئاشخانىسى ، ئوقۇتۇش بىناسى ، مەكتەپ دەرۋازىسى قاتارلىق يەرلەرگىلا بارىمەن . ماڭىمەن ، ئايلانمايمەن .
ئايلىنە ئايلىنە ، تۇيۇقسىز يەردە بىر تەڭگە پۇلنى كۆرۈپ قالدىم ، قارىسام بەش موچەنلىك تەڭگىكەن . ئالدىمدە يانچۇققا سېلىپ تۆت ئەتراپىمغا قارىدىم ، ھېچكىم ماڭا دېققەت قىلماپتۇ ، ئۇھ دېدىم . بۇ بەش موچەننى تېپىۋالغىنىمنى ھەرگىزمۇ ياتاقتىكى قالغان ئىككىسىگە دېيىشكە بولمايدۇ ، بولمىسا ئۇلار مېنى توخو قورۇمىسى يېيىشكە مېھمان قىل دەپ تۇرۇۋالىدۇ . ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرسام تۇيۇقسىز ئارقامدىن بىر ئاۋاز ئاڭلىدىم : "كەچۈرۈڭ ."
ئاپلا ، پۇل ئىگىسى مېنى تېپىۋاپتۇدە ، بۇ بەش مو نى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدۇمدە دەپ ئويلاپ ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىسام بىر تارتىنىپ تۇرغان كىچىك قىزكەن ، قارىغاندا راستىنلا مۇشۇ قىز يۈتتۈرۈپ قويغان پۇلكەندە دەپ ئويلىدىم . بۇ قىزنىڭ بۇ قورۇنۇپ تۇرغان تۇرقىغا قاراپ بۇرۇن تېلىۋېزوردا داۋاملىق كۆرۈدىغان كەمبەغەل ئائىلىدىكى بىر كىچىك قىزچاق ئېسىمگە كەلدى ،ئۇ قىز ئۆيىدىكى بارلىق بىساتى بولغان كىچىك بىر پاخلاننى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋېتىپ ئاتىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن دورا ئېلىشقا ماڭغاندا ، يېرىم يولدا پۇلىنى ئوغرى ئېلىۋالغان ئىدى . بۇنى ئويلاپ بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا كەلدىم . چۈنكى مېنىڭ ۋىجدانىم باردە . . .
شۇنىڭ بىلەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا يانچۇقۇمدىن بايىقى تەڭگە پۇلنى ئېلىپ ئۇ قىزغا تەڭلىدىم . ئەمما قىزچاق ئالمىدى ، ئەكسىچە كۈلۈپ كېتىپ : "مەن يە تىلەمچى بولمىسام ، ماڭا پۇل بېرىپ نېمە قىلىسز " دېدى .
ۋاي خۇدايىم ، ھەجەپمۇ سەتلەشتىم ، بۇ پۇل بۇ قىزنىڭ ئەمەسكەندە دەپ دەرھال نورمال ھالىتىمگە قايتىپ ،پۇلنى يانچۇقۇمغا سېلىۋېلىپ ، "بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟" دەپ سورىدىم .
ئۇ قىز تېخىچە تىلەمچى دەپ قالغان ۋاقىتتىكى بەخىتلىك مىنۇتلارنى ئەسلەپ تۇرغانمىكىن ، كۈلۈپ تۇرۇپ :"مەن پەقەت سىزندىن سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قانداق بارىدىغانلىقىنى سورىماقچى ئىدىم" دېدى .
دەرۋەقە ، ھازىر جەمىيەتتە تىلەمچى بولۇش شۇنداق مودا ، يولۋاسمۇ يېڭى پادىچىلار ئىشتىنىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاتايىن ئىشتانغا نەچچە تۆشۈك ئېچىۋېلىپ ، يەنە بىر ئاز مەينەت قىلىپ تىلەمچىلەرنىڭ پۇرىقىنى چىقىرىپ كىيىپ يۈرەتتى . ئەمما قارىسام بۇ قىزچاق تىلەمچى دەپ قاراپ قالغانغا ئىنتايىن خوشال ئوخشايدۇ ، بولمىسا بايا مېنى تىللىمامتى دەپ ئويلىدىم .
تۇيۇقسىز بۇ قىزنى تەپسىلىي كۆزىتىپ باقتىم ، نەتىجىدە شۇنداق خۇلاسە چىقاردىمكى : قارىسام بۇ قىز ھەرگىزمۇ تىلەمچىگە ئوخشىمايدىكەن ، ئەكسىچە ئىنتايىن چىرايلىق ، ئوماق قىزكەن . يۈزى سۈتتەك ئاق ، ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىل . تۇرۇپلا بىر خىل مېۋىگە ئوخشىتىپ قالدىم ، توغرا - ئانار .
گۈزەل قىز بولغان ئىكەن ، مەنمۇ تۈزۈت قىلمىدىم ، مەن : "مەنمۇ سىلەرنىڭ مەكتەپنى تۈزۈك بىلمەيمەن ، ئەمما سىزگە قارىغاندا سەل ياخشىراق بىلىمەن ، مۇنداق بولسۇن ، مەن سىزگە تەڭ ئىزدىشىپ بېرەي ، ئىككى ئادەم تېخىمۇ تېز تاپالايمىز" دېدىم . ئۇ قىز ماقۇل بولدى .
كۆڭلۈمدە ئەمدى گۈزەل قىز بىلەن مەكتەپنى تەڭ ئايلىنىدىغان بولدۇمدە دەپ خوش بولدۇم دە ئۇ قىزنى ئېلىپ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قارشى تەرەپكە باشلاپ ، تازا ئايلاندۇردۇم ، يول بويى مەكتەپ ئىچىدىكى ھەرخىل قۇرۇلۇشلارنىڭ تارىخىنى ، ۋە نۇرغۇن ئۇ بىلمەيدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ ماڭدىم . ئۇ ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدى ، ھەمدە سىز بىزنىڭ مەكتەپنى مەندىنمۇ ئارتۇق بىلەمسىز نېمە دېدى . مەن : "ئەلۋەتتە ، مېنىڭ نۇرغۇن ساۋاقداشلېرىم مۇشۇ مەكتەپتە تۇرسا " دېدىم . كىمنىڭ گېپىنى قىلسا شۇ كېلىدۇ دېگەندەك مۇشۇ پەيىتتە ئۇدۇلىمىزدىن بىر توپ ساۋاقداشلېرىم كەلدى ، بىزنى كۆرۈپ يىراقتىنلا : "مۇختەر ، نېمانچە بالدۇر كېلىۋالدىڭ ؟ " ، "سېنىڭ قىز دوستۇڭما؟" ، "ھەجەپ ياخشى ، زېرىكىپ تۇراتتىم ، ھېلى ياتىقىڭغا كومپىيۇتېر ئوينىغىلى كىرىمەن جۇمۇ" دەپ ئارقىمۇ ئارقىدىن ۋارقىرىۋىدى ، ئاپلا دېدىم . ئاران تەسلىكتە توقۇغان يالغىنىم ئەمدى تېشىلدىدە دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا قىزچاق قوشۇمىسىنى تۈرۈپ :"نېمە ؟ سىز بىزنىڭ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىما ؟ تېخى يالغاندىن باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ مېنى ئالداپ چۆگىلىتىپ يۈردىڭىزما ؟"دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى . 
مەن : "مەنمۇ ئۆزۈمنى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس دېمىدىمغۇ ، مەن بۇ مەكتەپتە نۇرغۇن ساۋاقداشلېرىم بار دېدىمغۇ ، ئۇلار مېنىڭ ساۋاقداشلېرىم . بولدى ، مەن ناماقۇل ، سىزنى ھازىرلا سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ ؟" دېۋىدىم ، ئاندىن چىرايىدىكى بۇلۇت يېشىلدى . بىراق ئاچچىقلانغاندىن كېيىن يۈزى تېخىمۇ قىزىل بولۇپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تېخىمۇ بەكرەك قىزارسۇن دەپ ئويلاپ ، ساۋاقداشلېرىمغا "ئاغىنىلەر ، بىزنىڭ ئازراق ئىشىمىز بار ئىدى ، مېڭىۋېرەيلى . بۇياق مېنىڭ قىز دوستۇم ، ئىسمى ئانارگۈل . بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىش بولسا قاراپ قويارسىلەر "دېدىم . دېگەندەك كىچىك قىزچاقنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتە ھەمدە :"سىز . . . سىز . . . سىز . . . نېمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟؟؟ " دېدى ھەمدە ساۋاقداشلېرىمغا قاراپ : "ئۇنىڭ يالغان سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭلار !" دەپ ۋارقىراپ كەتتى . ساۋاقداشلېرىم كۈلۈپ كېتىپ ، "چاتاق يوق ، يەڭگە ، بىرەر ئىش بولسا بىزگە دەڭ جۇمۇ " دەپ كېتىپ قالدى .
شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ بېشىنى تۆۋەن سالغان ، شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن قىزچاقنى باشلاپ ئۇدۇللا سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قاراپ ماڭدىم ، يولبويى ئىككىمىزلا گەپ قىلىشمىدۇق ، مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم .
سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ماڭا :"ئەسلىدە سىزگە رەھمەت ئېيتماقچى ئىدىم ، ئەمما مېنى ئالدىدىڭىز ، بولدى تەڭ بولۇپ كەتسۇن . بىراق ، سىز مېنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلىۋالدىڭىز ؟" دەپ سورىدى .
مەن :"مەن يەنە بىر قېتىم ئېيتاي ، مەن سىزنى ئالدىمىدىم ، ئۆزىڭىز گېپىمنى خاتا چۈشۈنىۋاپسىز . قارىسام يۈزىڭىز بەكلا ئاسان قىزىرىدىكەن ، شۇڭا ئۆزەملا ئانارگۈل دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان ، ئىسمىڭىزنىڭ راستىنلا ئانارگۈل ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن دېدىم " .
- بولدى ، سىز بەك ئەسكىكەنسىز ، سىزگە گەپ قىلمايمەن . كېيىنچە مەكتەپ ئىچىدە كۆرۈشەرمىز ، خوش - دەپلا كېتىپ قالدى .
ئۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتى بىناسىغا كىرىپ كەتكۈچە قەدەر قاراپ تۇردۇم - دە ، ئۇدۇللا ياتاققا قاراپ ماڭدىم .
ھەي ، تورغا چىقىش يەنىلا كۆڭۈللۈك جۇمۇ ، تورغا چىقسا ھەممىنى ئۇنتۇيمەندە ، ۋاقىتنى ، مەخمۇتنىڭ مەندىن 100 كوي يول كىراسى قەرز ئالغىنى ، بايىقى سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى كىچىك قىزچاقنى ، ھەممىنى ئۇنتۇيمەن .
تورغا شۇنچە كىرىشىپ كېتىپ مەخمۇتنىڭ كەلگىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن ، باشقا ياتاقتىكى ئوقۇچۇغىلارمۇ ئارقا ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى .
بۇ نەچچە كۈن تولىمۇ توقچىلىققا تولغان كۈن . كىم ئۆيىدىن مەكتەپكە قايتىپ كەلسە ، شۇنىڭ ياتىقىغا يۈگۈرەيمىز ، چۈنكى يەرلىك يەل يېمىشلەر ، مېۋە چېۋىلەر قاتارلىقلار چوقۇملا بار .
ئەمما بۇ باياشاتلىققا تولغان كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى ، يەيدىغاننىڭ ھەممىنى يەپ بولۇپ ئويلاپ باقساق ئەتىدىن باشلاپ ئوقۇش باشلايدىكەنمىز .
ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن دەرس ئوقۇدۇق . كەچتە مەخمۇت بىلەن كارىۋاتقا چىقىۋېلىپ پاراڭلىشىپ ياتتۇق . ئويلاپ باقسام بىر نەرسە كەمدەكلا ، مەخمۇتمۇ شۇنداق دېدى . زادى نېمە كەم ؟ شۇنداق قاتتىق ئويلاندۇق . ئىككى سائەت قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق ياتاقتا يەنە بىر ئادەمنىڭ يوقلىقىنى ، يەنى يەنە بىررەيلەننىڭ تېخىچە ياتاققا كەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ تاپتۇق ، يەنە كېلىپ بۇنى مەن ئويلاپ تاپتىم . ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى ؟ مەخمۇتمۇ تۇرۇپ كېتىپ : "توغرا ، ئۇنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى ؟" دېدى . شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلىدۇق . ئاخىرى مەن ياتاقتىكى بىر تاپشۇرۇق دەپتەردىن ئۇنىڭ ئىسمىنى تاپتىم ، ھەمدە مەخمۇتقا :" مەن تاپتىم ، ئۇ كەلمىگەن بۇرادەرنىڭ ئىسمى مۇختەركەن" دېدىم . مەخمۇت:" خاتا خاتا ! ئۇدېگەن سېنىڭ ئىسمنىڭ"دېدى . شۇنىڭ بىلەن بارلىق تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى ئىزدەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ يولۋاس ئىكەنلىكىنى بېكىتتۇق ، ھەمدە تېلىفونىمىزدىكى تېلىفون نومۇرلاردىن ئۇنىڭ نومۇرىنى تېپىپ چىقىپ تېلىفون ئۇرماقچى بولدۇق . بۇ ۋاقىتتا سائەت يېرىم كېچە 12 دىن ئاشقان ئىدى ، ئۇنى يېرىم كېچىدە ئويغىتىش ئۈچۈن ، سائەت 1 دە تېلىفون ئۇرماقچى بولدۇق ، ھەمدە توققۇز نۆۋەت دامكا ئويناش ئارقىلىق ، مەخمۇتنىڭ تېلىفون كارتىسىدا تېلىفون ئۇرماقچى بولدۇق . ئەسلىدە بىرلا نۆۋەتتە ئۇتۇشنى بېكىتكەن ئىدۇق ، ئەمما ھەر قېتىم ئۇتتۇرغان تەرەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۇۋېلىپ ، ئۈچ نۆۋەت ، بەش نۆۋەت، ئاخىرىدا توققۇز نۆۋەتكە ئۆزگۈرۈپ كەتتى . ئەگەر مەن ئەڭ ئاخىرىدا تارتمامدىن يېڭىسار پىچىقىمنى چىقىرىپ مەخمۇتقا تەڭلىمىگەن بولسام چوقۇم تېخىچە دامكا ئويناۋاتقان بولاتتۇق . بۇ ۋاقىتتا سائەت يېرىم كېچە ئۈچتىن ئېشىپتۇ . . . شۇنىڭ بىلەن بىز تېلىفون بېرىپ ، يولۋاسنىڭ ئۆيىدىكىلېرىنى ئويغۇتىۋېتىپ ، تېخى ئۇيقۇسىدىن يېشىلمىگەن يولۋاسقا بۈگۈن دەرس باشلىغان ھەقىقەتنى ئېيىتتۇق .
يولۋاس ئىككىنچى كۈنى كەچتىلا قايتىپ كەلدى ، ھەمدە كۆرەڭلىگەن ھالدا مەن تېخى مەكتەپكە بارىدىغانغا بىر ھەپتە بار دەپ يۈرۈپتىمەن دېدى . . .

ئوقۇش تولىمۇ زېرىكىشلىك . بىر قىسىم دەرىسكە قاتنىشىپ ، بىر قىسىم دەرىستىن قاچىدىغان گەپ . ئەسلىدىنلا بىزنىڭ دەرىسىمىز كۆپ ئەمەس . ھەپتە ھەپتىلەر ئارقا ئارقىدىن شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتتى . مەن مەكتەپتە ئانارگۈلنى بىر قېتىممۇ ئۇچرىتالمىدىم . دائىم ئۇنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى شەلپەردەك قىزىرىپ تۇرۇپ  :" سىز سىز سىز ، نېمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟" دېگەن ھالىتىنى ئويلايتىم

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
蓝狼331 + 25 ئالامەت كەپتۇ
elijan + 109 بەك قىزىقارلىق يېزىپسىز ... رەھمەت
ajap + 1 ئالامەت........

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 135   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6444
تۆھپە نۇمۇرى: 920
توردا: 2529 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:08:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئاساسەن مۇشۇنداق.

ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60461
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1846 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:32:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.... ھىجاراپ ئولتۇرۇپ ئوقۇۋاتسام... يەنە كۆپ قىسلىملىق كىنوخانىغا كىرىپ قالمىغاندىمەن ھە!

كۆڭلۈڭ خالىغانن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37896
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2012-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:59:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا   سىز بەك يۇمىرىستىككەنسىز

جەمىئەتتىكى نوقسانلارغا ھەيرانلىق كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس بەلكى ئىبرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىغىن.

<<ئانا &am

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9368
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 5373 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10يىل ئاۋال پۇتتۇرۇپ بولغان مەكتەپنى ئەسلىتىپ قويدىڭىزغۇ

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9061
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 7579 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلكۈلۈك يىزىۋىتىپسىلە بۇنى

جەننەتكە ئاشىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6430
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:18:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق ، كۈلۈپ قاپتىمەنغۇ بۇنى ئوقۇپ،   قىززىقچىلار خېلى چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ بۇ مۇنبەردە، بۇنىڭ داۋامى بارمۇدۇ-يا،
ئۆزگىچە قىززىق يېزىقچىلىق ئۇسۇلىكەن-بۇ، بولسا داۋامىنى، داۋامى بولمىسا، يەنە باشقا يازمىلىرىڭىز بولسا ئايىماي يوللاڭە، ھەممەيلەنگە كۈلكە- خوشاللىق يار بولسۇن.

قەلبنىڭ پاكلىقى_كۆڭۈل ئاقلىقى،
ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر تەننىڭ ساقلىقى.
تىلىڭنى قەدىرلە ھەربىر سورۇندا،
بولمايدۇ ئۇنىڭسىز ھايات شادلىقى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44389
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:39:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بار .بۇنى تېلىفوندا يېزىۋاتىمەن. يېڭىلاش سۈرئىتىم ئاستا .كەچكىچەداۋامىنى يوللايمەن . توغرا چۈشۈنۈڭلار. 

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14065
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9755 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى  - ئۆمرۈمدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ھايات دەپ قارايمەن .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63349
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44389
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 04:31:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى مۇشۇ يەرگە يوللىدىم .بولسا باشقۇرغۇچىلار كۆچۈرۈپ 1-قەۋەتكە تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن . رەھمەت.


بىر كۈنى مەكتەپكە بىر چوڭ رەھبەر تەكشۈرۈشكە كەلمەكچى دېگەن ئۇقتۇرۇش كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ياتاق بىنا باشلىقى ھەدىمىز كۈندە بېشىمىزنى ئاغرىتىپ ياتاقنى پاكىز تازىلاڭلار ، ياتقان كۆرپەڭلەرنى يىغىڭلار دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى . ياتقان يىغىشتەك بۇ ئىشنى مەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئەزەلدىنمۇ قىلىپ باقمىغان ، نېمىشقا ئەمدى يىغىدىكەنمەن ؟ مەنلا ئەمەس ياتاقتىكى قالغان ئىككەيلەنمۇ ھەرگىز ياتقان يىغىشنى بىلمەيدۇ . 
ئاخىرى رەھبەر يېتىپ كەلدى . ئۇ كۈنى ئەتىگەن سەھەردىلا بىزنىڭ كىچىك قىزلارغىلا ئوخشايدىغان ئوماق ياتاق باشلىقى ھەدىمىز بىر بىرلەپ ياتاق ئىشىكىنى ئۇرۇپ :"بالىلار ! تېز قوپۇڭلار ! بۈگۈن ھەرگىز دەرىستىن قاچماڭلار جۇمۇ " دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى .
ئويغىنىپ كەتكەن ئىكەنمەن ، بوپتۇ بۈگۈن دەرىسكە قاتنىشىپ قوياي . مەن زوق ئىشتىياق ، كۆتۈرەڭگۈ روھتا بۇ مەۋسۈملۈك بىرىنچى قېتىملىق ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم . تاماقنى يەپ بولۇپ قارىسام دەرىس باشلىنىپ بوپتۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھبەرلەرگە مەكتەپ تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىنىقى كۆرسىتىش ئۈچۈن ، ئىلمىي بۆلۈمدىكى بىر چالا ئاكتىپ مۇئەللىم ئوقۇتۇش زالىدا كېچىكىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇۋېتىپتۇ . 
مىڭ تەسلىكتە شۇنچە بالدۇر تۇرۇپ دەرىسكە قاتنىشىشىمنىڭ بۇ مۇئەللىمنىڭ ماڭا توسالغۇ بولۇشىغا قانداقمۇ يول قويالايمەن ، مېنى ھېچكىم توسالمايدۇ ! شۇنىڭ بىلەن مەن ئاستا ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىپ دەرىسخانا تەرەپكە ماڭماي ئەكسىچە يان تەرەپتىكى تەشۋىق تاختىسىغا ماڭدىم . ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ماڭا قاراپ "ھەي" دەپلا توختاپ قالدى ، قارىغاندا مېنى دەرىسى يوق تەشۋىق كۆرگىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ "ھە ھېچنىمە "دەپ قويۇپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ باشقىلارنى تۇتقىلى كەتتى . پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرىسخانا تەرەپكە قاراپ تىكىۋەتتىم .
دەرىس ئوقۇمىغىلى خېلى بوپتىكەن ، تۇيۇقسىزلا دەرىس ئوقۇشنىڭ شۇنچە ئاسانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم . چۈنكى ياتاقتا شۇنچە قىلىپمۇ كېچىچە ئۇخلىيالمايدىغان ئادەم سىنىپتا مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىلا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىۋاتقاندەك بىردەمدىلا ئۇخلاپ كېتىپ ، ۋاقىت توشۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالىدىكەن . ئەلۋەتتە ، كارىۋاتتا ئۇخلاش سىنىپتا پارتىغا باش قويۇپ ئۇخلاشقا قارىغاندا ھوزۇرلۇق ، شۇڭا ئۈچىنچى سائەت دەرىسكە قاتناشمايلا قاچتىم . نەس باسقان ئاشخانا ، بۈگۈن رەھبەرلەر كېلىدۇ ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىدا تاماق يەپ مەكتەپ ئاشخانىسىنى قايناق ھالەتكە كەلتۈرىمىز دەپ قاپلىق تەييار تاماق چىقارماپتۇ . ئامال يوق تېز تاماق ياكى ئۆزۈم قاچا ئېلىپ كېلىپ تاماق يېيىشكە مەجبۇر بولدۇم . ئالدىنقى قېتىم زۇكام بولۇپ قالغاندىن بېرى ھەرگىزمۇ تېز تاماق يېمەسلىككە قەسەم ئىچكەن ئىدىم . چۈنكى شۇ چاغدا مەن تاماقنى يەپ بولۇپ بۇرنۇمنى سۈرتكەن قەغەزنى تاماق ئۈستىلىگە تاشلىشىمغىلا ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى كېلىپلا پوتلا بىلەن توشۇپ كەتكەن قەغەزنى تېز تاماق قاچىسىغا تاشلىۋېدى ، ئىچىم ئېلىشىپ ئارانلا قالدىم . ھەي ، ئامال يوق ، ياتاققا بېرىپ تاماق قاچامنى ئېلىپ كېلەي دەپ ياتاققا ماڭدىم . دەرۋەقە ياتاقتىكى قالغان ئىككىسىمۇ دەرىستىن قېچىپ كەپتۇ ، ئۈچىمىز بىللە تاماققا چىقماقچى بولدۇق . ياتاقنى ئوڭتەتۈر ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغان تاماق قاچامنى تېپىپ چىقتىم . ئەلۋەتتە مەن ئاشخانىغا تاماق قاچامنى كۆتۈرۈپ تاماق يېيىشكە تېخىمۇ ئۆچ . چۈنكى مېنىڭ تاماق قاچامنىڭ چوڭلىقىنى كۆرگەنلەر ھەممىسى ھەيران قالىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا ئاپام مەكتەپكە كەلگەندە مېنى تويماي قالمىسۇن دەپ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تاماق قاچىسىدىن بىرنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى . بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ يېڭى تاماق قاچامنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا ماڭغىنىمدا بىرەيلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ  :"توۋا ! نېمانچە چوڭ تاماق قاچا بۇ ؟" دېگەن ، يەنە بىرەيلەن تېخى چاقچاق قىلىپ :"مونچىغا چۈشكىلى ماڭدىڭما ؟" دېگەن ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم ، شۇنىڭدىن بېرى كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ بىر قېتىممۇ بۇ تاماق قاچىسىنى ئېلىپ تاماققا چىقىپ باقمىغان ئىدىم . ئامال يوق ، نېمىلا دېگەن بىلەن تېز تاماق يېگەنگە قارىغاندا بۇ تاماق قاچامدا تاماق يېيىشكە رازىمەن . بۇرۇنقى ساۋاقنى ئېسىمدە تۇتۇپ ، تاماق قاچامنى چاپىنىمنىڭ ئىچىگە تىقىپ ماڭدىم . بۇ قېتىم يولدا ئۇچراشقانلار ماڭا : "پىۋا قورسىقىڭ تېخىمۇ چوڭلاپ كېتىپتىغۇ" دېدى ، ھېلىقى مونچىغا ماڭدىڭمۇ دېگەن ئەبلەخ يەنە ئۇچرىشىپ قېلىپ : "بالىلىق بولۇپ قالدىڭما" دېمەمدىغان . ئىچىمدە خەپ ! دېدىمدە دەرەخلىق يولدىن ماڭماقچى بولۇپ قالغان ئىككىسىنى تارتتىم . ماڭغاچ دەرەخلىقتىن قۇرت تۇتماقچى بولۇپ شۇنچە ئىزدىسەك بىرەرسىمۇ ئۇچرىمىدى ، ئەڭ ئاخىرىدا مەخمۇت بىر چىكەتكە تېپىۋالدى . ئەمما ئويلاپ باقساق بۇنى تاماققا سالساق بەكلا چوڭ بولۇپ كەتكۈدەك ،شۇنىڭ بىلەن قۇرت تۇتۇش خىيالىمىزدىن ۋاز كېچىپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدۇق . قۇرت تۇتۇشىمىزدىكى مەقسەت ، دەل مەكتەپ رەھبىرى ئاشخانىغا كەلگەن ۋاقىتتا قۇرتنى چىقىرىپ ۋارقىرىماقچى ئىدۇق ، چۈنكى مەكتەپ ئاشخانىسى تاماقتىن قۇرت چىققان ئەرز شىكايەتلەرنى تولا ئاڭلاپ ئەڭ ئاخىرى قۇرت تاپقىلى بولمايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى ، ئاران تەسلىكتە بىر رەھبەر كەلگەندە يەنە قۇرت چىقىرايلى دېسەك بۇنىڭغىمۇ ئامال بولمىدىدە . . .
تاماق ئۆچرىتى بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا ئامال يوق زېرىكىشلىك ئىچىدە ئۆچرەتتە تۇرسام تۇيۇقسىز ئالدىدىكى كىچىك دوستلارنىڭ (چۈنكى مەن 5 - يىللىق ، پۈتتۈرىدىغان يىللىقتە ، شۇڭا باشقىلار ماڭا نىسبەتەن تېخىچە كىچىك دوست) بۈگۈن تاماق نېمەدېگەن ياخشى ! دېگەن گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى . بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئاچچىقىم غۇژژىدە تۇتتى . بۇ دېگەن رەھبەرلەرگە تەييارلىغان تاماق ، بىزگە تەييارلىغان بولسىكەن كاشكى ! باشقا كۈندىكىلەرگە قارىغاندا سەل ياخشى بولۇپ قالسىلا شۇنچە رازى بولۇپ كەتكىنىنى دەپ ئويلاپ مەخمۇتقا : "سىلەر مەكتەپ بالىلېرىنىڭ تەلىپى نېمانچە تۆۋەن ؟ مۇشۇنچىلىك تاماقنىمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولامدۇ؟" دېۋىدىم ، ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىۋاتقان كىچىك دوستلارنىڭ ئاغزى بىردەمدىلا بېسىقتى . ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ ئاكىسى بولۇش سالاھىتىم بىلەن بىزنىڭ مەكتەپ تامىقىنىڭ باشقا مەكتەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەجبۇرىيىتىم باردە . 
تۇيۇقسىز جىمجىتلىق ئىچىدە مەن ئاڭلاشقا شۇنچە ئۇزۇن تەقەززا بولغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى :
- يەنە يالغاندىن باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرقىغا كىرىۋالدىڭىزمۇ ؟
دەرھال بۇرۇلۇپ قارىۋېدىم ، دەرۋەقە مەن شۇنچە سېغىنغان ئانارگۈل ئىدى . مەن ھەيران قالغان قىياپەتتە : "ئانارگۈل ، نېمىشقا تاماق يېيىشكە ئۆزىڭىز كەلدىڭىز" دەپ سورىدىم . 
ئانارگۈل : تاماق يېيىشكە ئەلۋەتتە ئۆزۈم كېلىمەندە .
مەن : تاماق يېيىشتەك بۇنداق ئېغىر ئەمگەكنى بىزدەك ئوغۇللارغا قويۇپ بېرىڭ ، كارتىڭىزنى ماڭا بېرىڭ ، تاماقنى سىز ئۈچۈن يەپ بېرەي .
ئانارگۈل : مېڭىڭ مېڭىڭ !
مەن : ئانارگۈل ، سىز تورغا چىقامسىز ؟
ئانارگۈل : ياق . توردا نۇرغۇن ئەسكى ئادەملەر بار دەپ ئاڭلىغان .
يەنە ئازراق سوئال سورىماقچى ئىدىم ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا تاماق ئېلىش نۆۋىتى ئانارگۈلگە كېلىپ قالدى . كۆز ئالدىمدىكى بۇ شۇنچە كۆرۈشكە تەقەززا بولغان قىز بىلەن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قېلىشقا كۆزۈم قىيماي :"ئانارگۈل ، يۈرۈڭ ، سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى ، بۇ يەرنىڭ تامىقى بەك ناچار"دېدىم . ئاناگۈل ئەمدى سۈركەشكە تەمشەلگەن كارتىسىنى توختىتىپ : "تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ ، پۇلىنى ماڭا تۆلەتمەيدىغانسىز؟" دەپ سورىدى . مەن شۇنداق قىلىدىغان ئادەممۇ دەپ ئىككىمىزگە قاراپ ئاچچىقلىنىۋاتقان ئاشپەزنى تاشلاپ قويۇپ ، ئانارگۈلنى تارتىپ چىقتىم . مەخمۇت بىلەن يولۋاس بىزگە قاراپ : "بۇنداق كېتىدىغان ئىشىڭلار بولسا ئۆچرىتىڭلارنى بىزگە بەرسەڭلار بولمامدۇ؟"دەپ قاقشاپ كەتتى . ئانارگۈلدىن :"ئۇلارنى تونۇمسىز" دېدىم ، ئۇ تونۇمايمەن دىدى ، مەنمۇ :"شۇ ئەمەسمۇ ، مەنمۇ سىلەرنى تونۇمايمەن ، نېمىشقا سىلەرگە ئۆچرەت بېرىدىكەنمىز" دەپ ئانارگۈلنى سۆرەپ قېچىپ چىقىپ كەتتۇق . ئەمدى مەكتەپ سىرتىغا چىقماقتىن باشقا ئامال يوقتە ، ئىككىمىز مەكتەپ سىرتىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتۇق . مۇلازىمەتچى قىز ئىككىمىزنىڭ قولىدىكى تاماق قاچىمىزنى ، بولۇپمۇ مېنىڭ قولۇمدىكى تاماق قاچامنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى بولغاي ، ئەمما كۈلكىسىنى بىلىندۈرمەي چىقىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن تاماق يېگەچ پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق .
پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئەسلىدە ئۇنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى ، يەنە كېلىپ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ، ئۇ كۈنى ئەسلىدە ئازراق ئىش بىلەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا بارماقچى بولغانلىقىنى بىلدىم . ئەسلىدە ئانارگۈل ئۇ كۈنى مېنىڭ ئۇنى قالايمىقان ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىمنى بالدۇرلا سېزىپتىكەن ، ئەمما مېنىڭ گەپلېرىمگە قىزىقىپ قېلىپ بىلىندۈرمەي داۋاملىق ئەگىشىپ تەڭ ئايلانغان ئىكەن . ئەلۋەتتە ، ئانارگۈل مەندىن نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋاپتۇ ، مەسىلەن : 201 تېلىفون كارتىسىنىڭ شېفىرىنى قانداق يېيىشنى ، سەيماچاڭدا كىلوسى 5 كويچەنلىك ئەرزان باھالىق CD ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ، قانداق قىلغاندا كىچىك زېرەك ئارقىلىق ھەر كۈنى كەچتە ھەقسىز پاراڭلاشقىلى بولىدىغانلىقى . . . دېگەندەكلەر .
ئەلۋەتتە ، مەنمۇ ئانارگۈلنىڭ ياتىقىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سورىۋالدىم ، شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق سېغىنغان ۋاقتىمدا تېلىفون بېرىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئەمما تېلىفوننى قويغاندىن كېيىن تېخىمۇ سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم .
ياتاق تۇرمۇشىمۇ شۇنچە زېرىكىشلىك . مەخمۇت بىلەن يولۋاس زېرىكسىلا كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينايدۇ ، ئەمما مەن قىزىقمايمەن . ئۈچىمىز تەڭ زېرىكىپ كەتكەندە ئوينايدىغان ئويۇنىمىز يەنىلا شۇ قارت . بۇ ۋاقىتتا كارىدورغا چىقىپ "قارت ئوينايمىز ! تېز كېلىڭلار ! "دەپ بىر ۋارقىرايمىزدە ، ئەڭ بالدۇر يۈگۈرۈپ كەلگەن بىرەيلەننى تاللىۋېلىپ ، كەينىدە قالغانلارنى ئۇرۇپ تىللاپ دېگەندەك مىڭ تەستە كەتكۈزىۋېتىپ قارت ئويناشنى باشلىۋېتىمىز . 
ئەمما داۋاملىق قارت ئوينىسىمۇ زېرىكىپ كېتىمەن . بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈم يالغۇز ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىمەن . مەسىلەن : مەكتەپ ئالدىدىكى 1 - يول ئاپتوبوس بېكىتىگە بېرىۋېلىپ ، باشقىلار ھەممىسى ئابتوبوسقا چىقىپ بولغاندا ئالدىرىماي ئىشىك تۈۋىگە بېرىۋېلىپ شوپۇردىن :"نەنمىنغا بارامدۇ ؟" دەپ سورايمەن .
شوپۇر - بارىدۇ . تېز چىقىڭ
مەن - بېيمىنغا بارامدۇ ؟
شوپۇر - بارىدۇ . تېز چىقىڭ !
مەن - ئۇنداقتا يەنئەن يولى دوقمۇشىغا بارامدۇ ؟
شوپۇر - بارىدۇ ! !! ئالدىمىزدىكى بېكەت شۇ ! زادى چىقامسەن چىقمامسەن ؟
مەن - ياقەي ، چىقمايمەن ، پەقەت شۇ سىز مۇ يەرلىك شوپۇر بولغاندىن كېيىن يول سوراپ باقاي دېۋىدىم دەپ غىپلا قىلىپ تىكىۋەتىمەن . بۇ ۋاقىتتا جىلە بولۇپ كەتكەن شوپۇر ئاپتوبوستىكى كىشىلەرنىڭ كۈلكىسى ئاستىدا سەت گەپلېرىنى باشلايدۇ .
بەزىدە زېرىكىپ قالغاندا مونچىغا چۈشكىلى بارىمەن . كىيىم يۆتكەش ئۆيىدە ئەتراپىمغا قاراپ باقىمەندە ، كىم كۆزۈمگە ياقمىسا ، كىيىملېرىنى سېلىپ بولۇپ مونچىغا چۈشۈشكە ماڭغاندا سەيماچاڭدىن سېتىۋالغان يالغان قۇلۇپنى ئېلىپ شۇ بالىنىڭ كىيىم ئىشكابىغا قوشۇپ سولاپ قويىمەن دە ئالدىرىماي يۇيۇنۇشقا كىرىپ كېتىمەن . يۇيۇنۇپ چىققاندا بولسا ئۇ بىچارىنىڭ يە چىقالماي ، يە ئىشكابىنى ئاچالماي يىغلىغۇدەك بولۇپ كەتكەن قىياپىتىنى كۆرىمەندە ئاستا بېرىپ كىچىك بەكەمنى چىقىرىپ قۇلۇپنى ئېچىپ بېرىمەن .
يەنە بەزىدە ئەڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئاستا چىقىپ ياندىكى باش سۇ تۇربىسىنى ئېتىۋېتىمەندە غىپپىدە تىكىۋېتىمەن . بۇ ۋاقىتتا ئىچىدە يۇيۇنۇۋاتقانلار ۋارقىرىشىپ چىققان پېتى لۆڭگە بىلەن بەدەنلېرىدىكى مازغاپلارنى سۈرتىۋېتىپ چىقىپ مونچىخانا باشقۇرغۇچىنى تىللاشقا باشلايدۇ .
يەنە بەزىدە زېرىكىپ قالغاندا قوشنا ياتاققا كىرىۋېلىپ يانفونۇمدا ئۇلارنىڭ ياتىقىغا تېلىفون ئۇرىمەن . ئۇلار كارىۋاتتىن يۈگۈرۈشۈپ چۈشۈپ ئەمدى تېلىفون ئالاي دېگەندە قويىۋېتىمەن . مۇشۇنداق قىلىۋېرىپ كېيىنچە مەن ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرسەم ، ياتاققا راست تېلىفون كەلسىمۇ ئالماس بولۇپ كەتتى . 

ئۈرۈمچىنىڭ قىش پەسلى تولىمۇ سوغۇق ، بولۇپمۇ شامال چىققان كۈنلېرى سوغۇقتا ھېچكىمنىڭ سىرتقا چىققۇسى كەلمەيدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭمۇ سىرتقا تاماققا چىققۇسى كەلمەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پارچە قەرغەز يىرتىپ ، بىرسىگە "پىدائىي" دەپ يېزىپ چەك تارتىپ كىمگە "پىدائىي" دەپ چىقسا شۇ تاماق ئېلىپ كېلىشنى بېكىتمەكچى بولىمىز .  ئەمما ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ھەممىمىز ئۇششۇقلۇق قىلىمىز ، بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ يېڭىسار پىچىقىممۇ كېرەككە كەلمەيدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا بىر بىرىمىزگە ئىتتىرىپ بولالمىغاندا تېلىفون بېرىپ سىرتتىكى ئاشخانىدىن تاماق بۇيرۇتىمىز . 1سائەت ساقلاپ تاقىتىمىز تاق بولۇپ ، تېلىفون بېرىپ تازا تىللايلى دەپ تۇرغاندا تاماق توشۇغۇچى كېلىدۇ . ئىشىكنى ئېچىپ بىر تىللايلى دەيمىز يۇ دەرھاللا ئاچچىقىمىزنى بېسىۋالىمىز . چۈنكى بۇ تاماق توشۇغۇچى بىر كىچىك ئوغۇل بالا بولۇپ ، ئەمدى تېخى 11 ياشلارغا كىرگەن ، ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ تېخىچە ئۆيىنى تاپالماي ، ئاخىرى شۇ ئاشخانىغا كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىدى ، بۇنى ئالدىنقى قېتىم شۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېگەندە ئاشپەز ھەدىمىز ئېيتىپ بەرگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن  ئىچىمىز ئاغرىپ يېنىمىزدىن ئاز تولا پۇللارنى تاپان ھەققى دەپ بېرىپ كەتكۈزىۋېتىمىز ، ھەمدە ئىككىنچى ئۇ ئاشخانىدىن تاماق بۇيرۇتمايمىز دەپ قەسەم بېرىمىز . ئەمما كېيىنكى قېتىم تاماققا چىققىمىز كەلمىگەن ۋاقىتتا باشقا ئاشخانىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى تاپالماي يەنە شۇ ئاشخانىغا تېلىفون بېرىمىز . . .
ئۇزاق ئۆتمەي يولۋاس بىز بىلەن تەڭ تاماققا چىقمايدىغان بولۇپ قالدى . سەۋەبى : ئۇ يېڭى قىز دوست تۇتۇۋالدى ، شۇڭا ئۇ كۈندە بالدۇرلا ئاشخانىغا بېرىپ تاماق ئېلىپ قىز دوستىنى ساقلاپ تۇرىدۇ . كىم 5 - يىللىقتىكىلەرنى بۇنچە ۋاقتى بوش بولسۇن دەپتۇ ~~~
ئەڭ دەسلەپ يولۋاسنىڭ قىز دوستىنى دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمىدۇق ، پەقەتلا ئۇنىڭ يولۋاسنى كۈندە ئاشخانىغا يۈگۈرتۈپ ئۆزىگە چاكار قىلىۋالغان ھازازۇللىقىنىلا بىلەتتۇق . كېيىنچە يولۋاس ئەسلىدىكى ھەيۋىسىدىن ئاستا ئاستا قېلىشقا باشلىدى . ئەگەر تېلىفون ئالغان ۋاقىتتا سىلىق - سىپايە سۆزلەشكەنلا بولسا چوقۇم بۇ تېلىفون ئاشۇ ھازازۇل قىز دوستىدىن كەلگەن . ئەمما بۇ ھازازۇل قىز بىزگە كەلگەندە شۇنچە سىپايە سۆزلەيدۇ ، ھەر قېتىم تېلىفون بېرىپ يولۋاسنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز دېگەن ۋاقىتتا يەنە تېخى رەھمەتمۇ دەپ قويىدۇ ، ئەلۋەتتە ، تېلىفون تۇرۇپكىسى يولۋاسنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ۋارقىرىغان ئاۋازى پۈتۈن ياتاققا بىر كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن يولۋاس مۇلايىملىق بىلەن ئۇنى تىنىچلاندۇرىدۇ .
كېيىنچە يولدا ئۇچرىشىپ قالساق ئۇدۇللا :"يولۋاس ، چىشى يولۋاس ، نەگە ماڭدىڭلار؟" دەپ ۋارقىرايمەن .گەرچە ھەر كۈنى يولۋاس بۇ ھازازۇل قىزنىڭ ئىسمىنى كۈندە دېسىمۇ ئېسىمدە تۇتالمايدىكەنمەن ، ئۇنىڭدىن كۆرە چىشى يولۋاس دېگەنلا تۈزۈك . شۇنىڭ بىلەن چىشى يولۋاس تەبەسسۇم بىلەن بىز ئوينىغىلى ماڭدۇق دەيدۇ دە ، يولۋاسنىڭ بىچارە كۆزىدىن ياش تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا چىشى يولۋاسنىڭ بىر قولىنىڭ يولۋاسنىڭ دۈمبىسى تەرەپتىلىكىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ . يىراقلاپ كەتكەن ۋاقتىدا ئالاھىدە ئاڭلاش سەزگۈمدىن پايدىلىنىپ چىشى يولۋاسنىڭ :"نېمە گەپ بۇ ؟ دوستۇڭ مېنى نېمە دەپ چاقىرىۋاتىدۇ ؟ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق چاقىرسا كۆرگۈلىكىڭنى كۆرىسەن" دېگىنىنى ئاڭلايمەن . ياتاققا قايتقاندىن كېيىن يولۋاسنىڭ نارازىلىقى ئىككىدە بىر بېلەت بىلەن رەت قىلىنىدۇ . ئۈچ كىشىلىك ياتاق يەنىلا ياخشىدە ، ھەرقانداق ئىشنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ .
ھەر قېتىم چىشى يولۋاسنى كۆرگەندە ئانارگۈلنى ئەسلەپ قالىمەن ، ئانارگۈل بۇنچە ھازازۇل ئەمەستۇ ؟
ئانارگۈلنى سىناپ باقىدىغان بىر پۇرسەت تۇغۇلۇپ قالدى . توردىن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە بىر ماشىنا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىلىدىغانلىق توغرىلىق خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم . ئۆزۈم ماشىنىغا شۇنچە ئامراقلىق سەۋەبىمدىن بۇ قېتىملىق پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈم كەلمىدى دە ، ئانارگۈلگە تېلىفون بېرىپ ، مەن بىلەن تەڭ بېرىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى سورىدىم . نەس باسقاندەك يەرمەنكە جۈمە كۈنى ئىكەن ، ئانارگۈل ئۇ كۈنى دەرىسىم بار دەپ تۇرۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەن دەرىستىن قېچىشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەشكە باشلىدىم ، لېنىننىڭ دەرىستىن قاچقانلىق ھېكايىسىنى سۆزلىدىم ، ئېينىشتىيىننىڭ دەرىستىن قاچقانلىق ھېكايىسىنى سۆزلىدىم ، يەنە بېل گايتىسنىڭ دەرىستىن قاچقانلىق ھېكايىسىنى سۆزلىدىم ، ئەمدى كېلىنتوننىڭ دەرىستىن قاچقانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەي دەپ تۇرسام ئانارگۈل :"بولدى بولدى ! بولدى سۆزلىمەڭ ، بارساملا بولمىدىمۇ" دەپ ماقۇل بولدى .
ماشىنا يەرمەنكىسى شەھەر سىرتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولغاچقا يول تولىمۇ ئۇزاق . ئىچىمدە تولىمۇ خوشال بولدۇم ، بۇنداق بولغاندا يولبويى ئانارگۈل بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭالايتىم .
ئاپتوبوس ئاخىرقى بېكەتكە توختىغاندا سائەتكە قارىسام 12دىن ئېشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن تاماق يەۋالايلى دېدىم ، ئەمما شۇنچە ئىزدەپمۇ بىر مۇسۇلمانچە ئاشخانا تاپالمىدىم . قارىسام يىراقتا "مادوننا ھامبۇرگ بولكىسى" دۇكىنى باركەن ، شۇڭا شۇ يەرگىلا بارايلى دېۋىدىم ، ئۇمۇ قوشۇلدى . ماڭغاچ ئۇ مەندىن :"سىز ھامبۇرگ بولكىسى يېگەندە ئاۋۋال بولكا يەمسىز ؟ ياكى گۆشنى يەمسىز ؟ ياكى گازلىق سۈيىنى ئىچەمسىز" دەپ سورىدى . مەن ئويلىنىپ :"مەن ئادەتتە ھامبۇرگ بولكىسى يېمەيمەن ، پەقەت ئۇخلاپ چۈشتە قوپۇپ ئاشخانىغا تاماق قالمىغاندا ، ياكى بۈگۈنكىدەك ئاشخانا تاپالمىغاندىلا ئاندىن يەيمەن . ئادەتتە باشتا ماروژنىنى باشتا يەيتىم ، سىزنىڭ تاللىشىڭىز ئىچىدە ماروژنى يوقكەن ، شۇڭا بولكىنى ئاۋۋال يەيمەن" دېدىم . ئۇ تۇيۇقسىزلا خوشاللىقتىن سەكرەپ :"راستكەن ! مەن بىر پىسخىكا سىناش كىتابىدا ئوقۇغىنىمدا ، ئاۋۋال ھالبۇرگ بولكىنى يېگەنلەر تولىمۇ ئوماق كېلىدىكەن" دېدى .
بۇ سۆزنى ئانالىز قىلىپ باقتىم ، بۇ گېپىنىڭ مەنىسى ، ئۇ ئەسلىدىلا مېنى ئوماق دەپ قارايدىكەن ، ئەمما ئويلىنىپ باقسام ئوغۇل بالىنى قانداقمۇ ئوماق دېگەن سۆز بىلەن تەرىپلىگىلى بولسۇن ؟ بىراق ، ئوماق دېگەن گەپ نېمىلا دېگەن بىلەن ماختاش خارەكتىرىگە كىرىدۇ ، شۇڭا چىقارغان يەكۈنۈم : ئۇ مېنى ماختاۋېتىپتۇ . ماختىغانكەن ، يۈزۈم سەل قىزىرىپ قويۇشى كېرەكتۇ ؟ 
شۇنىڭ بىلەن يۈزۈم سەل قىزىرىپ قويدى .
بولكىخانىغا كىردۇق ، مەن نەرسە ئېلىشقا ماڭدىم - ئەلۋەتتە ، ھېساباتنى ئوغۇل بالىلار قىلىشى كېرەك . ئانارگۈلدىن نېمە يەيسىز دەپ سورىسام :"سىز بىلەن ئوخشاش " دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئىككى روژدېستۋا يۈرۈشلۈك تامىقى بۇيرۇتتۇم . 
ئانارگۈلنىڭ ئالدىغا تاماق تەخسىسى قويۇلغان ۋاقىتتا ئاپامنىڭ دېگەن بىر گېپى ئېسىمگە كىرىپ قالدى . ئۇ ئەگەر بىر قىز سەن بىلەن بىللە تاماق يېگەندە ، بۇ ياخشى ئەمەسكەن ، ئۇنى يېگۈم كەلمىدى دەپ ئاخىرىدا بىرمۇنچە تاماقنى ئاشۇرۇپ قويسا بۇنداق قىزلار ئادەتتە ساختا ياسالما كېلىدۇ ، يەنە بەك ئاسان بىر ئىشتىن قۇسۇر چىقىرىدۇ دېگەن . 
بۇرۇن بىر قېتىم فىگۇرىسى شۇنداق چىرايلىق بىر قىز بىلەن بىللە تاماق يېگەن ۋاقتىمدا ، ئۇ قىز مۇلازىمەتچىگە :"چۆچۈرە ئىچىگە گۆشنى ئاز سېلىڭلار ، سالمايمۇ تۇرماڭلار . مېيىنى بىرئازمۇ سالماڭلار . مەن جيەنفېي قىلىۋاتىمەن ، يېرىم چىنە بولسىلا بولدى ، يۇمغاقسۈتنى كۆپرەك سېلىڭلار" دېگەن . چۆچۈرە چىققاندا بولسا ئاشۇ يېرىم چىنە تاماقتىن ئارانلا يېرىمىنى يەپ تويدۇم دېگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى راستلا بىر قوتۇر ئىشەككە ئوخشاش بولغۇسى بار ئوخشايدۇ دەپلا قالغان ئىدىم . تاماقنى يەپ بولۇپلا تېلىفونىنى چىقىرىپ شۇنداق چوڭ ، شۇنداق سەت ئاۋازدا پاراڭلاشقىلى تۇردى . ئەڭ ئاخىرى شۇنداق كىچىك ئاۋازدا :"بۇنىڭدىن كېيىن ئىش بولمىسا ماڭا تېلىفون ئۇرما ، تېلىفونۇڭنى ئالغانغىمۇ پۇل كېتىدۇ" دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى . (ئۇ ۋاقىتلاردا يانفوندا تېلىفون قوبۇل قىلغاندا پۇل تۇتىدىغان ئىدى .)شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىممۇ ئالاقە قىلىپ باقمىدىم . ئاپامنىڭ دېگىنى راستلا توغرىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم . ئەمدى بۈگۈن ئانارگۈلنىڭمۇ تاماق يېيىشىنى كۆرۈپ باقاي ، ئالدىنقى قېتىم تاماق يېگەندە پاراڭ بىلەنلا بولۇپ كېتىپ تاماق يېيىشىگە دېققەتمۇ قىلماپتىكەنمەن ، دەپ ئويلاپ بىلىپ بىلمەيلا بولكىنى ئاغزىمغا سالدىم . 
- ۋا !!!!! سىز باشتا بولكا يېدىڭىز ! سىز راستلا بەك ئوماقكەنسىز !
تۇيۇقسىز ۋارقىرىغان ئاۋازدىن تاس قالدىم ئاغزىمدىكىنى چىقىرىۋەتكىلى . گېلىمدىكى بولكا يە تۆۋەنگە چۈشمەي يە ئۈستىگە چىقماي قېقىلىپ كەتتىم . ئىچىمدە تولىمۇ قىزىق قىزكىنە بۇ ، بايىلا بولكىنى باشتا يەيمەن دەپ بولغانتىمغۇ ، ئەمدى يەنە تۇيۇقسىز ئادەم قورقىتىپ يۈرمىسىمۇ نېمە بولار دەپ ئويلىغاچ گازلىق سۇنى ئىچىشكە باشلىدىم . بۇ ۋاقىتتا ئويلاپ باقسام ھەقىقىي ئوماق ئادەم مەن ئەمەس دەل شۇ ۋاقىتتىكى ئانارگۈل ئۆزىكەن .
بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەي تېزلا يەپ بولدۇم - دە ،ئۇنىڭ تاماق يېيىشىگە قاراپ ئولتۇردۇم . ئۇ تاماقنى ئالدىرىماي كىچىك كىچىك چىشلەپ ئالدىرىماي چايناپ يەۋاتاتتى . قاراپ باقسام تاماق يېيىشىمۇ شۇنچە ئوماق . مەسلىكىم كېلىپ ئۇنىڭدىن :"ماروژنى يەمسىز؟" دەپ سورىسام يەيمەن دېدى . شۇنىڭ بىلەن ماروژنى ئالغىلى بېرىپ كېلىپ ئۈستەلگە قارىسام ئالدىدىكى بايىلا يېرىم تۇرغان تەخسە پۈتۈنلەي قۇرۇق بولۇپ كېتىپتۇ . قورقۇپ كېتىپ ئۇنىڭغا ماروژنىنى بەرگەچ قارىسام ئانارگۈل ئاغزىدىكى ئاخىرقى بىر چىشلەپ بولكىنى يۇتۇۋېتىپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى . كۆڭلۈمدە : ھەرھالدا ھېلىقى قوتۇر ئىشەككە قارىغاندا مىڭ ياخشىكەن ، تاماقنى بولسىمۇ ياخشى يەيدىكەن دەپ ئويلىدىم .
بىز ماروژنىنى كۆتۈرۈپ ماشىنا يەرمەنكىسىگە كىرىپ كەتتۇق . 
يەرمەنكىدە گۈزەل مودىل قىزلار تولىمۇ كۆپ ئىكەن . ماشىنىنىڭ دەرىجىسنىڭ يۇقىرىلىشىغا قاراپ مودىل قىزلارنىڭ چىرايلىقلىق دەرىجىسىمۇ كۆتۈرۈلىۋاتاتتى . ئەمما بۇ قىزلارغا كۆزۈمنىڭ قىرىنىمۇ سېلىپ قويمىدىم ، چۈنكى يېنىمدىكى ئانارگۈل مېنى تېخىمۇ بەكرەك جەلىپ قىلاتتى . (شۇنداقتىمۇ ئاز تولا كۆز قىرىمنى سېلىپ دېگەندەك بارلىق مودىل قىزلارنىڭ ھەممىسىگە قاراپ چىقتىم) .
بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان BMW تىپلىق بىر ماشىنىنى كۆرۈپ قالدىم . بۇ ماشىنا دەل مەن توردا كۆرگەن تىپىنىڭ ئۆزى ئىدى ، شۇۋاقىتتا كۆرۈپلا بۇ ماشىنىغا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم ، بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇمدە .
شۇنىڭ بىلەن ئانارگۈلنى ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇڭ ، سىزنى رەسىم تارتىپ قوياي دېۋىدىم ، ئۇمۇ قوشۇلدى . شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال شۇ پەيىتتىكى ئەڭ گۈزەل رەسىمنى تارتىۋالدىم ___ ئۈستىدە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ۋە مەن ئەڭ ئامراق ماشىنا .
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 12 - ئاي كېلىپ قالدى ، كېلەر يىلى يازدا مەكتەپ پۈتتۈرىمەن ، ئەمدى لايغەزەللىك قىلماي ئاستا توردىن خىزمەت ئىزدەپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ . 
تۇيۇقسىز توردىن بىر تېلىۋېزىيە ئېلان شېركىتىنىڭ سىنارىيە پىلانلاش كەسپىگە ئادەم ئېلىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ، قىزىقىپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن تېلىفون بەرسەم ، ئۇلار بىر نۇسخا تەرجىمىھالىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىڭ دېدى . تەرجىمىھالىمنى ئەۋەتىپ بەردىم ، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزۈم يازغان بىر پارچە ماقالە ئەۋەتىپ بەردىم . 
مەن يازغان بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى : ئىت باققان ياخشىمۇ پاشىمۇ ؟
تۆۋەندە بۇ ماقالەمنى ئوقۇپ بېرەي :
ئىت بېقىش ئۈچۈن ئىت يېمى ئېلىش كېرەك ، پاشا بېقىش ئۈچۈن پەقەت مايكىڭىزنى تۈرۈپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ ؛
ئىت باقسا پۈتۈن ئۆيگە تەرەت قىلىپ ئۆينى ئوخشىتىۋېتىدۇ ، پاشا باقسىڭىز بۇنداق غەمدىن خالى بولىسىز ؛
ئەگەر سىز باققان ئىت خوشنىلېرىڭىزنى چىشلىۋالسا چوقۇم تۆلەم تۆلەپ بېرىشىڭىز كېرەك ، ئەمما باققان پاشىڭىز خوشنىڭىزنى چىشلىۋالسىمۇ ئۇلار سىزگە بىر ئېغىزمۇ ئاغرىنىپ بەرمەيدۇ ؛ئىت باقسىڭىز چوقۇم داۋاملىق ئۇنىڭ بوينىغا زەنجىر ئېسىپ ئايلاندۇرۇشىڭىز كېرەك ، ئەمما مەن ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ پاشىنىڭ بوينىغا زەنجىر باغلاپ ئايلاندۇرغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ؛
ئىت باقسىڭىز غالجىر ئىت ۋاكسىنىسى ئۇرۇشىڭىز كېرەك ، پاشا باقسىڭىز ھېچقانداق ۋاكسىنا ئۇرۇش ھاجەتسىز ؛
ئىت باقسىڭىز چوقۇم بىر ئىت ئۇۋىسى ياساپ بېرىشىڭىز كېرەك ، پاشىغا ياساپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ ؛
بۇ ماقالەمنى ئېلان پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن _ پەقەت شۇ ئالاھىدىلىكلېرىنى سەل داڭلاپ كەتمىگەننى مىسالغا ئالمىغاندا . 
ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن شۇنچە ئۇزاق ساقلىساممۇ ئۇلاردىن قىلچە سادا كەلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن تېلىفون ئۇرسام ، ئۇلار :"بۇ پەقەت بىر نەچچە ئېغىز جۈملىكەن ، ماقالىگە ھېساپ بولمايدۇ" دەپ تۇرۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بىر پارچە ئەۋەتىپ بېرەي ، بۇ قېتىمقىسى ھېكايە ، - دەپ يەنە بىر يازغان "قىلىچۋاز قىزچاقنىڭ قىساس ئېلىشى" دېگەن ھېكايەمنىمۇ يوللاپ بەردىم .
بۇ ھېكايەمنىمۇ ئوقۇپ بېرەي :
ئۇستازىم ئۆلۈپ كەتتى ، مەن يۇرتۇمدا قالغان بىردىنبىر قىلىچۋاز . ئەگەر مەن بۇ قانلىق قىساسنى ئېلىپ بەرمىسەم ئۇستازىم ئۇ دۇنيادىمۇ مەندىن رازى بولمايدۇ . ئۇستازىم ھېلىقى مۇختەر دېگەن ئەبلەخنىڭ شاپىلاق گۇمپىسى بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى . ئۇستازىمنىڭ شۇ كامالەتكە يەتكەن قىلىچۋازلىق ھۈنىرى بىلەن مۇختەر دېگەن ئەبلەخنىڭ قولىدا ، يەنە كېلىپ شۇ بىر شاپىلاق گۇمپىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكىنى ئويلاپ ، بۇ مۇختەر دېگەن 
گۇمپىدا چوقۇم كامالەتكە يەتكەن دەپ پەرەز قىلدىم . گەرچە ئۇستازىم ئۆلۈشتىن بۇرۇن مۇختەرنىڭ پۇتىغا قاتتىق بىر قىلىچ ئۇرغان بولسىمۇ ، بۇ مۇختەر ھازىرغىچە ھايات ، پۇتىدىكى يارا پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن مۇختەر بىلەن بىر ئېلىشىش ئۈچۈن كېچە كۈندۈز جان تىكىپ مەشىق قىلدىم . 18 ياشقا كىرگەن يىلىم ، مەن ئاخىرى ئىجازەتنامە ئېلىپ مۇختەردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندىم . شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ بۇ مۇختەر دېگەن ئەبلەخنى ئىزدەپ تاپتىم .
تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس ، مۇختەر دەل ئۇستازىمنى بىر شاپىلاق گۇمپىسىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن قانخور ئەبلەخ . ئۇنىڭغا قاراپ تۇيۇقسىزلا بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشماقچى بولغانلىقىمنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئەخمىقانە خىيال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، ئەمما ئۆچ ئالىمەن دەپ چىققانكەنمەن ، ئەمدى ئېلىشماي ئامال يوق . 
ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالماق ھالدا :مەن سەن بىلەن ئېلىشىمەن . ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇشۇ يەردە كۆرۈشەيلى ، دېدىم . ئەمما ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ، ھەم مىدىرلىماي ماڭا سوغۇق ئەلپازدا قاراپ تۇراتتى . 
مەن ئۇ قوشۇلغان ئوخشايدۇ دەپ ئاستا كېتىپ قالدىم ، ھەمدە ئۈچ كۈندىن كېيىنكى قانلىق جەڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم . گەرچە تەييارلىق دېگەن بىلەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە شۇنچە پۇشايمان قىلىۋاتقان ئىدىم ، ئاخىرى تەخىر قىلالماي ئېلىشىشنىڭ ئالدىنقى بىر كۈنى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا باردىم . 
ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرىشىمگە قۇلىقىمغا ئىككى ئادەمنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى ، بىرى مۇختەر ، يەنە بىرى بىر قىز ئىكەن . ئۇ ئىككىسى بىللە كىتاپ كۆرۈۋاتقاچ مېنىڭ كەلگەنلىكىمنىمۇ تۇيمىدى . مەن مۇختەرنىڭ گەپ سۆزىدىن ئۇقىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئانارگۈل ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنىمدىكى قان ئۇرغۇپ چىقىۋاتاتتى ،كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتى . ئەگەر مۇشۇ پەيىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا قول سالمىسام كېيىن ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇرسەتنى تاپالمايمەن دەپ ئويلاپ ، ھاياجىنىمنى باسالماي قىلىچىمنى سۇغاردىمدە ئۇدۇل بېرىپ ئانارگۈلنىڭ بوينىغا بىر قىلىچ سالدىم . ئانارگۈل ۋارقىرىغىنىچە شاپىلاق گۇمپىسىنى ئىشلىتىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى . ئۇزۇن يىل مەشىق قىلغىنىمنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم ، قىينالمايلا ئۆزۈمنى قاچۇرۇۋالدىم . مۇختەرمۇ ياۋۇزلارچە ماڭا شاپىلاق گۇمپىسى ئېتىشقا باشلىدى ، ئەمما ھېچقايسىسى ماڭا تەگمىدى . تېخى چىشىمغا تېگىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ ئانارگۈلنىڭ بوينىنى داۋالاشقا كىرىشىپ كەتتى . ئاچچىقىم كېلىپ : ھەي ! نېمە ئادەم ياراتمايسەن ! ياڭزاڭ بولسا كېلە قېنى ! دەپ ۋارقىرىدىم . ئەمما ئۇ مەن بىلەن پەقەتلا كارى بولمىدى . مەنمۇ شۇ يەردە تىللاشقا باشلىدىم . يېقىن بارالمايتىم ، چۈنكى ئۇنىڭ شاپىلاق گۇمپىسىدىن قورقاتتىم . ئاخىرى ئۇ گەپ سۆزۈمگە چىدىمىدى بولغاي ، ئورنىدىن تۇردى دە ياندىكى ئىشكاپنى ئېچىپ بىر قۇتىنى چىقاردى . مەن ئۇ قۇتىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ئۇ چەبدەسلىك بىلەن قۇتىدىكى نەرسىنى ماڭا پۈركەشكە باشلىدى . 
ئاپلا ! زەھەر ! ئەمدى تۈگىدىم دەپ ئويلىدىم . بىر ئازدىن كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام ئۇ ماڭا ھىجىيىپ قاراپ تۇرىدۇ . ئاچچىقىمدا :"ھۇ چىدىماس ! يېڭەلمىسەڭ زەھەر ئىشلىتەمسەن ! نوچى بولساڭ بىرگە بىر چىق ! " گېپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپ بىر تورسىمان نەرسە ئۈستۈمگە بېسىپ كەلدى . شۇندىلا ئۇستازىمنىڭ بىر ئېغىز گېپىنى ئېسىمگە ئالدىم : بىز پاشىلار ھەرقانچە كۈچلۈك بولۇپ كەتسەكمۇ ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس . . .

مەن يەنىلا مۇشۇنداق ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق تۈگۈن يېشىلىدىغان تىپتىكى ئېلانلارغا ئامراق . (بۇ يىل قىشتا نېمە سوۋغا قىلىمىز ؟ ئەلۋەتتە ناۋبەيجىڭدە!!!) دېگەندەك تېتىقسىز ئېلانلار بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق .
بۇ ھېكايەمنىمۇ يوللاپ بولۇپ قارىسام نەچچە كۈنگىچە خەۋەر يوق ، شۇنىڭ بىلەن يەنە تېلىفون بەردىم ، ئەمما ئۇلار :"بىزگە بۇنداق گۇمپىچىلار ھېكايىسىنى يازىدىغان كىشىلەر كېرەك ئەمەس" دېدى . ئاچچىقىمدا :"سىلەر مېنىڭ ھېكايەمنى ئاخىرىغىچە ئوقۇماپسىلەر" دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتتىم .
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈننى ياتاقتىن سىرتقا چىقماي تورغا چىقىپلا ئۆتكۈزىۋەتتىم . يېڭى يىل ھارپىسى يېتىپ كەلگەن كۈنى مەن ئانارگۈلنى چاقىرىپ بىللە ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم ، شۇندىلا كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم . شۇڭا ئانارگۈلگە تېلىفون بەردىم . ئەمما ئانارگۈل ئۇ كۈنى سىنىپىدىكى ساۋاقداشلېرى بىلەن تەڭ يېڭى يىل ئۆتكۈزىدىغانغا ماقۇل بولۇپ بولغانلىقىنى دېدى ، كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا :"بوپتۇ ، باشقىلارغا ئاۋۋال ماقۇل دەپ بوپسىز ، ئەمىسە بېرىپ ياخشىراق ئويناپ كېلىڭ" دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتتىم .
يېڭى يىلدا نېمىلا دېگەن بىلەن ئانارگۈلگە بىرەر سوۋغات ئېلىشىم كېرەكقۇ دەپ نېمە ئېلىش توغرىلىق بىر كېچە بېرىلىپ ئويلاندىم ، ۋە ئەڭ ئاخىرى پوجاڭزا ئېلىشنى قارار قىلدىم . كىچىك ۋاقتىمدا بىزنىڭ مەھەللىدىكى خەنزۇلار ھەر قېتىم چاغان كەلگەندە پوجاڭزا ئاتاتتى ، مەنمۇ ئاتىمەن دېسەم ئۆيدىكىلەر پەقەتلا ئۇنىمايتى ، شۇڭا ھەر قېتىم دېرىزە سىرتىدىن ئۇلارغا قاراپ ھەۋەس قىلاتتىم . بۇ قېتىم ئۆزۈم ئاتالمىساممۇ ئانارگۈلگە بولسىمۇ ئېلىپ بېرەي دەپ ئويلاپ ، ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن بازا ئايلىنىپ ئاخىرى بىر قۇتا پوجاڭزا ئالدىم .
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئويلىنە ئويلىنە ، ئاخىرى بۇ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزۇيۇم بولغان پوجاڭزا قېپىغا بىر پارچە خەت يېزىپ قويدۇم :
- يېڭى يىل كۈنى مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ، سىز بىلەن مۇشۇ پوجاڭزىنى ئېتىش ئىدى ، قارىغاندا بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئوخشايدۇ ؛
ئەمدى ئىككىنچى ئارزۇيۇم ، سىزنىڭ بۈگۈن ئولتۇرۇشقا بارغاندا بۇ پوجاڭزىنى ئېتىپ سورۇنىڭىزنى تېخىمۇ پەچەت قىلىۋېتىش .
ئەگەر تاساددىپىي بۇ پوجاڭزىنى ياقتۇرمىسىڭىز ، بۇنى ھەرگىز ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتمەڭ ، بولمىسا ھاجەتخانا توسۇلۇپ قالىدۇ ؛ سىرتقىمۇ تاشلىۋەتمەڭ ، ئەگەر ئېتىشنى بىلمەيدىغان كىچىك بالىلار تېرىۋالسا خەتەرلىك ؛ شۇڭا چوقۇم ئىمتىھانلېرىڭىز تۈگىگەندە ئاندىن بۇ پوجاڭزىلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىۋېتىڭ . بىخەتەر بولسۇن ئۈچۈن چوقۇم مېنىڭ يېتەكچىلىكىم ئاستىدا بىردىن بىردىن كۆيدۈرۈپ تۈگىتىۋېتىڭ .

يېزىپ بولغاندىن كېيىن پوجاڭزىنى ئېلىپ سوۋغات دۇكىنىغا كىرىپ بولاق قىلىپ ئوراتتىم . سوۋغات دۇكىنىدىن يېنىپ ، ئەمدى مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىگە كىرىۋاتقان ۋاقتىمدا ئانارگۈلنى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئالدىرىماي ئىچىگە قاراپ مېڭىۋېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى چاقىرىۋېدىم ، ئۇ :"مېنىڭ ئىزىمغا چۈشۈۋاتامسىز نېمە ؟" دېدى .
مەن كۈلۈپ : "ئەلۋەتتە ، مەن ئىزىڭىزغا چۈشكىلى نەچچە كۈن بولدى ، ئەمدى بايقىدىڭىزما ؟" دەپ قولۇمدىكى بولاققا ئورالغان پوجاڭزىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم ، ھەم :"بۈگۈن ياخشىراق ئويناڭ ، مەن باشتا ماڭغاچ تۇراي" دەپ ئارقامغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدىم .
ئانارگۈل بولمىغان يېڭى يىلنى يېڭى يىل دېگىلى بولامدۇ . ئالدىنقى كۈنى كەچتە نېمە ئالسام بولار دەپ بىر كېچە ئۇخلىمىغاننىڭ ئىشىمىكىن ، ئۇيقۇممۇ كېلىۋاتاتتى ، شۇڭا بالدۇرلا ئۇخلاشقا باشلىدىم . ياتاقتىمۇ ئۆزۈم يالغۇز . يولۋاس بىلەن چىشى يولۋاس ئىككىسى ئوينىغىلى كەتتى ، مەخمۇتمۇ يۇرتداشلار ئولتۇرۇشى دەپ چىقىپ كەتتى . كەچلىك تاماقنىمۇ يېمىگەن مەن شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن . قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن . يېرىم كېچىلەر بولغانمىكىنتاڭ ، تۇيۇقسىز چۈشۈمگە سائەتنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى دە ئويغۇنۇپ كەتتىم . ئويلاپ باقسام تېلىفونۇم سايراۋېتىپتۇ . ئۇيقۇچىلىقتا تېلىفوننى ئېلىپ قارىسام ئانارگۈلنىڭ ياتىقىدىن كەلگەن تېلىفون ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن كاللام بىردەمدىلا سەگەكلىشىپ ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى . تېلىفوننى ئېلىپلا :"ئولتۇرۇشتىن يېنىپ كەلدىڭىزما؟ كۆڭۈللۈك ئوينىدىڭىزمۇ ؟" دەپ سورىدىم .
ئانارگۈل - مەن بارمىدىم . سىزنىڭ يېڭى يىلدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى .
مەن - ھە ؟ ھازىر يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن تۇرسا ، چاقچاق قىلماڭە . يەنە كېلىپ ياتاق دەرۋازىسىنى تاقاپ بولدى . قانداق چىقىمەن ؟
ئانارگۈل - سىز تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىز ؟؟؟ ھازىر ئەمدى سائەت يەتتە بولدى ! تېز قوپۇڭ . بىزنىڭ ياتاق بىنايىمىزنىڭ ئاستىغا كېلىپ مېنى ئىزدەڭ . سىزنى ساقلايمەن .
تېلىفوننى قويۇپ كارىۋاتتىن قانداق چۈشۈپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن ، بۇ ھاياتىمدىكى كىيىمنى ئەڭ تېز كىيگەن ۋاقتىم . بىراق بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ قانداق ، پايپاقنى ئېلىپ ئاياقنىڭ ئۈستىگە كىيىشكە باشلاپتىمەن .
بەش مىنۇتتىن كېيىن ، مەن ئۇنىڭ ياتاق بىناسى ئالدىغا باردىم ، دېگەندەك ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ . 
مەن -تاماق يېمىگەنسىز ؟ 
ئانارگۈل - ياق تېخى .
مەن - ئەمىسە يۈرۈڭ ، باشتا تاماق يەيلى ، مەنمۇ تېخى تاماق يېمىگەن .
سىرتتا بىر ئاشخانىنى تېپىپ تاماق يېگەچ پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق .
مەن-ھەجەپ ئولتۇرۇشقا بارماپسىزغۇ ؟
ئانارگۈل - مەن بايا ئىككى ئىشنى ئويلاۋاتقان ، ئويلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىزگە تېلىفون قىلدىم .
مەن - نېمە ئىش ؟
ئانارگۈل - بىرىنچى ئىش ، يېقىندىن بېرى سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز دېگەندەك ياخشى ئەمەستەك تۇرامدۇ نېمە ؟ 
مەن - سىز قانداق بىلدىڭىز ؟
ئانارگۈل - ئادەتتە سىزنى ئۇچراتقاندا ، سىز داۋاملىق كۈلۈپلا تۇراتتىڭىز ، گەپ سۆزىڭىزمۇ شۇنچە يۇمۇرلۇق ئىدى . بۈگۈن قارىسام كۆڭلىڭىز يېرىمدەك تۇرىدۇ . كۈلكىڭىزمۇ شۇنچە تەستە چىقىۋاتىدۇ .
مەن - ھە ، شۇ يېقىندىن بېرى خىزمەت تېپىشنىڭ ئىشى بىلەن بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ . ئەسلىدە بىر شېركەتنى تاپقانتىم ، ئۇلارغا تېخى ئىككى پارچە ماقالىمۇ يېزىپ بەرگەن ، بىراق ئۇلار ياراتمىدى . 
ئانارگۈل - قانداق ماقالە يازغان ؟
مەن - ئىت باققان ياخشىمۇ پاشىمۇ ،يەنە بىرسى قىلىچۋاز قىزچاقنىڭ قىساس ئېلىشى .
ئانارگۈل - ھە ؟ ئۇ ھېكايىنى سىز يازغانمۇ؟ 
مەن - سىزمۇ بىلەمسىز ؟ نەدە كۆردىڭىز ؟
ئانارگۈل - ھېلىقى قىلىچۋاز قىزچاقنىڭ قىساس ئېلىشى دېگەن ھېكايىڭىز توردا تارىلىپ كېتىپتىغۇ ؟ 
مەن - سىز تورغا چىقمايمەن دېمىگەنمىدىڭىز ؟
ئانارگۈل - مەنغۇ تورغا چىقمايمەن ، بىراق ياتاقتىكى باشقا قىزلار تورغا چىقىدىغان تۇرسا . ئۇلار مېنى چاقىرىپ ، بۇ ھېكايىدە سېنىڭمۇ ئىسمىڭ باركەن دېۋىدى ، مەنمۇ ئوقۇغان . قارىسام خېلى يامان ئەمەسكەن ، ياخشى يېزىپسىز .
مەن - شۇ ئەمەسمۇ . ئۇنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقسا ئاندىن چۈشىنىدۇ . ھېلىقى شېركەتتىكىلەر ئاخىرىنىمۇ ئوقۇپ باقماي "بىزگە بۇنداق گۇمپىچىلار ھېكايىسىنى يازىدىغان كىشىلەر كېرەك ئەمەس" دەيدۇ . 
ئانارگۈل - ھەي بوپتۇ ، مەيۈسلەنمەڭ ، ئۇ شېركەتنىڭ سىزنى ئالمىغانلىقى ئۇلارنىڭ كالۋالىقى . مۇشۇنچىلىك بىر نەرسە يازالىغاندىن كېيىن خىزمەتتىن ئەنسىرىمەڭ ، چوقۇم ياخشى خىزمەت تاپالايسىز ! بىراق ، ھېكايىڭىزگە نېمىشقا مېنى قوشۇۋالدىڭىز ؟
مەن - سىزنىمۇ چولپان قىلىپ قوياي دېدىمغۇ ، بولماپتۇما ؟
ئانارگۈل - ھەي بولدى ! پاشىلار ھېكايىسىدە چولپان بولۇپ كېتىپتىمەن . جۈرۈڭ ، پوجاڭزا ئاتقىلى چىقىمىز !
ئانارگۈلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئىللىق بولۇپ قالدى ، كۆڭلۈممۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى . شۇڭا خىزمەتنىڭ ئىشىنى بۈگۈن ھەرگىزمۇ ئويلىماسلىق قارارىغا كەلدىم . چۈنكى بۈگۈن بۇ يىل يېڭى يىللىق ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى !
بىز مەكتەپ يولىدا ماڭغاچ پوجاڭزا ئېتىپ ماڭدۇق . شۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىقىمنى بىر دېمەيلا قوياي ، كىچىك ۋاقتىمغا كېلىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم .
پوجاڭزىنى ئېتىپ مەكتەپ ئىچىدىكى راۋاققا كېلىپ قالدۇق ، بۇ ۋاقىتتا سائەت 12 بولغان ئىدى ، يىراقتىن مەكتەپ رادىئوسىدىن سائەتنىڭ 12 گە ئۇرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئىككىلىمىز جىم تۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتۇق . 12 نى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر بىرىمىزگە تەڭلا "يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن" دېدۇق ھەم كۈلۈشۈپ كەتتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئەتراپمۇ جىمىپ كەتتى ، مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم ، ئۇ ئاسمانغا قاراپ خىيالغا چۆككەنچە تۇراتتى . ئەگەر ۋاقىت مۇشۇ چاغدا توختاپ قالسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ؟ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق بىللە يۈرسەم !!!
جىمجىتلىقنى ئاخىرى مەن بۇزۇپ تاشلىدىم :
- ئانارگۈل ،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن . مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇڭ ، بولامدۇ ؟
ئانارگۈل باشتا گەپ قىلمىدى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن :
-ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۈگۈن ئويلىغان ئىككىنچى ئىشىممۇ دەل مۇشۇ . سىز بۇ يىل 5 - يىللىقتا ئوقۇۋاتىسىز ، يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن پۈتتۈرىسىز . ئەمما سىز پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىدىغان گەپ . بۇنداق ئىشنى مەن بەك تولا ئاڭلىغان . بۈگۈنمۇ مۇشۇ ئىشنى تولا ئويلاندىم ، مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن ، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن . ئەمما سىز پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا ، ئايرىلىشنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ ، ھەتتا ئويلاشنىمۇ خالىمايمەن .
ئانارگۈلنىڭ بۇ سۆزلېرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران قالدىم ، ئەسلى مۇشۇ ئىش ئىكەندە . ھەي قىزلارنىڭ كۆڭلى ئەسلىدە مۇشۇنداق ئىنچىكە ئىكەندە . 
مەن - ئويلىنىپ بېقىڭ ، ئەگەر بىز تەڭ قاراردا ئوقۇغان بولساق ، 1 - يىللىقتىن باشلاپ بىللە بولغان بولساق ، ئوخشاشلا پۈتتۈرگەن ۋاقتىمىزدا ئايرىلىمىز دېگەن گەپ ، ئۇنىڭدىمۇ پەقەتلا 4 يىل بىللە يۈرەلەيمىز دېگەن گەپ . ئەگەر بىر بىرىمىزنى شۇنچە ياخشى كۆرسەك 4 يىل بىلەن يېرىم يىلنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى ؟ ئەگەر باشلىنىپلا بۇ كۆڭۈلنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىنى بىلسەك ، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە مۇھەببىتىمىزنى قەدىرلىسەك ، بىر بىرىمىزگە ئازار بەرمىسەك ، ئايرىلىپ كەتمىسەك ، يەنى مۇشۇ يېرىم يىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزسەك ، ۋاقتى كەلگەندە پۈتتۈرگەن تەڭلا مۇھەببىتىمىز ئاخىرلاشسا بۇمۇ بىر يامان ئىش ئەمەس . پەقەت بولمىغاندا پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ .
ئانارگۈل سۈكۈتكە چۆكۈپ كەتتى . بىر مىنۇتتىن كېيىن ، مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر مىنۇتتىن كېيىن ئۇ ماڭا قولىنى ئۇزىتىپ :
-ھازىردىن باشلاپ مەن سىزنىڭ قىز دوستىڭىز . تاكى سىز پۈتتۈرگەن شۇ كۈنگە قەدەر . پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىمىز .
مەن خوشاللىقىمدىن دەرھال ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم .
ئانارگۈل بىلەن پەقەت يېرىم يىللا ۋاقتىم بار ، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ھەر بىر مىنۇتنى چوقۇم قەدىرلەيمەن دەپ قەسەم ئىچتىم .



داۋامى بار...

باھادىرشاھ دەپ ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63260
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 04:47:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋۋا ئاخىرنى چۈشىنەلمەيلا قالدىمغۇ ؟

ھەرقانداق شارائىتتا  قىزلار  ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېىىمۇ قەيسەر بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10422
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5830
تۆھپە نۇمۇرى: 277
توردا: 4607 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 05:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە قىززىق ...

ھەممىڭلارغا تىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7326
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 6784 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 05:40:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان چىقىدۇ بۇنىڭ ئەمدى ،يەنە كۈتىمىزما

,,,人生路一看很长   一看很短

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62532
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 558 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2011-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 06:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بەكلا يۇمۇرىستىك ىكەنسىزغۇ،  قەلەم  تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ،تورداش.ھەييييييييييييي،مەن مۇشۇنداق الى مەكتەپ ھاياتى توغۇرلۇق ەسەرلەرنى كۈرسەملا ىچىم اچچىق بۇپكىتىدۇ  ،چۇنكى،كاج تەغدىر تۇپەيلىدىن ماڭا وقۇش  نىسىپ بولماي،ھازىرغىچە ىچىم ۈرتىنىدۇ،ەپسۇس، بۇمۇ بىر تەغدىرنىڭ ورۇنلاشتۇرىشىكەن،  تېخى ھەر قېتىم  بۇ يەردىكى ۇنىۋىرسىتىتنىڭ  الدىدىن  ۈتكىنىمدە تۇلىمۇ  ازاپلىنىپ  كۇز ياشلىرىمنىمۇ  توختىتالماي قالىمەن،ھەي  بولدىلا يەنە سۇزلىسەم  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش