|
|
|
|
ئۇستاز....! بۇ ئىككى بوغۇملۇق ھەم ئاددىي ھەم ئۇلۇغ بولغان سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا پۈتۈن ۋۇجدۇم ھاياجانغا تولىدۇ.چۈنكى ‹‹ئۇستاز››دېگەن سۆز‹‹ بىلىم بەرگۈچى››دېگەن سۆز بولۇپ،ئەنە شۇ ئۇلۇغ نامغا نائىل بولغان قەدىردان ئۇستازلار قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئىنسانلار قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۇستاز...! سەن ھەقىقەتەن ھەممىدە كامالەتكە يەتكەن پىركامىلسەن!مەكتەپ بىر بىلىم باغچىسى بولسا، مەكتەپ قوينىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچى شۇ بىىلم بېغىدىكى ياش نوتىلاردۇر،سەن بولساڭ شۇ ياش نوتىلارغا ئەجر قىلىپ ياشنىتىۋاتقان ،ياش نوتىلار ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان تۆھپىكار باغۋەنسەن...!ئېھ قەدىرلىك ئۇستاز! سېنىڭ جااپلىق ئەجرىڭ قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەيلى شاھ تەرىپىدىن بولسۇن ياكى نامرات تەرىپىدىن بولسۇن ئېغىزدىن -ئېغىزغا تەرىپلىنىپ ماختاشلارغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ،دېمەك سەن شاھتىن تارتىپ گادايغىچە بارچە ھۆرمەتلەيدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن...!
ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز! ساڭا تەلپۈنگەن سەبىي ھەم پاك يۈرىكىمىز مەرىپەت نۇرلىرى بىلەن تېخىمۇ نۇرلانسۇن.....!
ئۇستاز روھى مەڭگۈ ئۆلمەس روھ.....! ئۇستاز روھى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ پارلاق نۇرلىرىنى چاچقۇسى...!
ئۇستاز روھى نۇر چاچىدۇ، بىلىم خۇمار سەبىيگە . ئۇستاز ئەجرى سىڭىدۇ، غۇنچىلارنىڭ قەلبىگە. ئۇستاز روھى ئورنىغان. ھەر كىشىنىڭ قەلبىدە. ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۇق، ئۇستازلارنىڭ ئەجرىدە. سەبىي غۇنچە،نوتىلار، تىرىشىمىز ھەر زامان. ئۇستاز ئەجرىنى ئاقلاپ، ياراملىق بولىمىز ھامان.
مەنبە : 6- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەلفىرە
بەزى مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرى ئۆزگەرتىلدى....
|
|
|
|
|
|