مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3762|ئىنكاس: 19

سۆيگۈ ئارخىپىم «ھىكايە» تولوق قىسىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باھادىرشاھ دەپ ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63260
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 08:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          

                                                               ئاپتورى : كۈيچى
            كۈزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ، ھاۋا بىرخىل سۇغۇق ،ئاجىز شامالمۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلاتتى، ،ئاسماندا قارا بولوتلار كۆپۈيۈپ يامغۇردىن دىرەك بىرىپ تۇراتتى ،كۆڭلۈمگە بىرخىل ۋەھىمە يۇشۇرۇنغان بۇلۇپ ، بۇنداق ھاۋا مىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ تۇراتتى ، كەتپىياتىم بىرخىل سۇسلا، شۇنداق ھالەتتە
دادام بىلەن ئىككىمىز ئۆينىڭ كەينىدىكى قۇرۇق ئوت چۆپلەرنى باغلاۋاتاتتۇق !
-مەمەت ئاخۇن ، مەمەت ئاخۇن ،
تۇيۇقسىز بىرنىڭ توۋلىغان ئاۋازدىن چۆچۆپ كەتتىم ، داداممۇ ماڭا بىرخىل گۇمانى نەزەردە قاراپ قۇيۇپ ، قۇلىدىكى ئىشنى تاشلاپلا ئالدىرىغانچە ئۆيگە ماڭدى ، مەنمۇ دەقىقە ئىككىلىنىشتىن دادامغا ئەگشتىم ،
-:ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئاللاھ ھەممىمىزگە ئۇزۇن ئۆمۆر ئاتا قىلسۇن دېدى ئۇئادەم بىرخىل ئالدىراش كەيپىياتتا ؛:-ئەسقەرجان ئىنىمىز تۈگەپتۇ، سىلىگە دەپ قۇياي دەپ كىلىۋىدىم !
-نىمە ؟
دادام بىلەن ئىككىمىز تەڭلا شۇنداق دەپ دەققىقە قارىشىپ قالدۇق ،
-ۋاي خۇدايىم ، ۋاي جېنىم بالام .
دەۋەتتى دادام سەلدىن كىيىن ھۇشۇغا كەلگەن ئادەمدەك ۋە شۇھامان قۇيۇندەك تىز ئاكاملارنىڭ ئۆيىگە يۈگۈردى ، بۇ شۇم خەۋەردىن پۈتۈنلەي ھۇشۇمنى يۇقاتقان مەن ، ئورنۇمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم ، نىمىلەرنى خىيال قىلىغنىمىنى بىلمەيمەن ،خېلى ئۇزۇنغىچە شۇنداق ئولتۇرۇپتىمەن ، كىيىن ئۆيگە ئانام كىرىپ كەلدى ، ئانام منىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۆپ چۆچۆپ كەينىگە بىر قەدەم داجىپ كەتتى :

-ئانا ، دىدىم مەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۆمنى ئاتقانچە :-ئەسقەر ئاكام ئۇ ....، ئاكام ئۇ ....ئەمدى يۇق! جىنىم ئانا ....
مەن شۇنداق دىگەنچە ئانامنى قۇچاقلاپ ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتىم !
-نىمە ؟ نىمە دىدىڭ؟ ئەسقەر ....،ئەسقەر.....ئۇ؟
مەن شۇ ۋاقىتتا ئانامنىڭ كۆزلىرىدىن ئەزەلدىن كۆرۆپ باقىمىغان بىرخىل ئۈمىدسىزلىك نۇرىنى كۆردۈم !
-ۋاي مىنىڭ باغرىم بالام !! ئانام شۇنداق دەپ قولىنى چىشلىگەنچە يىغلاپ كەتتى،ھەم دەرھاللا رومىلىنى ئارتىپ ئۆيدىن چىقتى ،بۇ ۋاققىتتا مەنمۇ ئانامغا ئەگەشتىم ،بىز كەلگەندە ئۆي ئىچى لىق ئادەم بىلەن تولغان ، يىغا ئاۋازى ئۆينى بىر ئالغان ئىكەن . ئانام ھويلىغا كىرىپلا ھەدەم بىلەن قۇچاقلىشىپ قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى .مەنمۇ ھويلىغا كىرىپلا ئۆزۆمنى يۇقۇتۇپ قۇيدۇم ،قايتىدىن ئىچىمگە ئاچچىق بىر نەرسە كىرىۋالغاندەك تولغۇنۇپ كەتتىم . يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئاكامنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم ،
-:جېنىم ئاكا ، سەن نىمە ئۈچۈن بىزدىن بۇنچە بۇرۇن ئايرىلىپ كىتىپ قالىسەن ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ سىنىڭ ئورنىڭدا مەن بولوپ قالسامچۇ ! ئاكا ....،
مەن ئاكامنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلاپ ئۇزۇنغىچە ئۆزۆمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم ،ئازدىن كىيىن ئاناممۇ كىردى ، ئانام ئادەتتە ئاكامغا زىيادە ئامراق ئىدى ، شۇڭا ئىشىكتىن كىرىپلا ئاكامغا تاشلىنىپ ،ئۇنى قۇچاقلىغانچە ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى ،
:-ۋاخ جىنىم ،ئوغلۇم ، كۆزۈمنىڭ نۇرى بالام ......، ۋاي مەن سىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايتىم بالام ، مەن چىدىمىدىمغۇ ئوغلۇم ، سەن كەتكۈچە مەن كەتسەم بولمامدۇ جېنىم بالام .........
ھەي !! مىڭ دىسىمۇ تەقدىرنىڭ ئالدىدا بەندىنىڭ بۇيسۇنۇشتىن باشقا چارىسى يۇق ئىكەن، بىز ھەرقانچە ئاللاھقا زارلىنىپ يىغلىساقمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ دائىم كۈلكە ئۈزۈلمەيدىغان خۇش ئاۋازىنى قايتا ئاڭلىيالمىدۇق!ئاخىرى ئەنە شۇنداق يىغا زار ئىچىدە قەدىردان ئاكامدىن مەڭگۈلۈك ئۇزۇتۇپ قۇيدۇق ، مەن نەچچە كۈنگىچە خۇددى بىر نەرسەمنى يۇقۇتىپ قۇيغان ئادەمدەك خامۇش ھالەتتە يۈردۈم .كۈندە ئۇنىڭ قەبرىسىنى نەچچە رەت يۇقلاپ چىقاتتىم ،بىرگە خۇشال يۈرگەن كۈنلىرمىزۋە بىرگە ئىش قىلغان ھەربىر ئىشىمىز يادىمغا يەتسە مەن خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك ئاچچىق تۇلغۇنۇپ كىتەتتىم . مانا بۈگۈن يەنەئاكامنىڭ قەبرىسىنى يۇقلاپ باردىم ، ئۆيگە قايتار چېغىمدا ئۇنىڭ ئاكامنىڭ ئۆيىنى قايتا يوقلاپ ئۆتمەكچى بولدۇم .
مانا بۇ ئاكام ياتقان ئۆي ،ئۆي ئچى خۇددى ئاكام باردەكلا شۇ پېتى تۇرغان ، ھەدەملەر يۇغۇشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەنمۇ ياكى مۇشۇنداق تۇرسۇن دىگەنمۇ ،ئەيتاۋۇر، ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا ئىدى. جىمجىت ھەم سۇغۇق بۇ ھۇجرىنى كۈن چىقىش تەرەپتكى دېرىزە بىر خىللا يورۇتۇپ تۇراتتى .تامغا ھەرخىل ھۆسىنىخەتلەر قادالغان .دېرىزە يىنىغا قۇيۇلغان كىتاپ ئىشكابىغا بىر نەچچە خىل يېزىقتىكى رومان كىتاپلار قۇيۇلغان ، ...،ھەممىسى ئاكامنىڭ نەرسىلىرى .تۇنۇش ھىد ، تۇنۇش پۇراق ..،
ئۆي ئىچىدىكى ھەممە نەرسىگە تويماي قارايتىم ، ئاكامنىڭ گىتتىرى ، ئاكامنىڭ كومپيوتىرى، ئاكامنىڭ كىتاپلىرى ...، تۇساتتىن ئاكامنىڭ يىزىق ئۈستىلىگە قۇيۇلغان سىىرتقى مۇقاۋىسى قىزىل رەڭ بىلەن ئاددىلا يۈرەك نۇسخىسى نەقىشلەنگەن ئاق تاشلىق خاتىرە مىنى ئۆزىگە تارتتى ، مەن بىر خىل سېغىنىش ھېسياتى بىلەن خاتىرىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئاستا ۋاراقلاشقا باشلىدىم :
ھاياتىمغا ئېچىنمايمەن ، ئەمما ئۇھسىنىمەن !!!!

مۇھەببەت ئۇ ھاياتلىقتىكى مەڭگۈلۈك تىما .ئەمما ئۇنىڭ قەلىپ خانىڭىزگە ھەقىقى تۈردە سىڭىپ كىرىشى ئۇنچىلا ئاسان ئەمەس.ئەلۋەتتە ! بىر-بىرنى بىر قېتىم كۈرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ! لىكىن ،چىن_ھەقىقى مۇھەببەتكە ئېرىشىش بەسىي مۈشكۇلدۇر!!

مەن تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى قىرغىقىدىكى يېزىدا ئۈسۈپ يىتىلگەن دىھقان ئوغلىمەن.كىچكىمدىنلا ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن ئىدىم،شۇڭلاشقىمۇ دادام ئائىلىمىزنىڭ نامرات بولىشىغا قارىماي مىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى.مەنمۇ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئۇمىدىنى يەردە قويماي تىرىشىپ ئوقوپ . ئالىي مەكتەپكە كىرگەن .ئوقۇش پۈتتۇرشكە بىر يىل قالغاندا تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان رەھىمسىزلىكى بىلەن ئۆيگە يېنىپ كەلدىم .مانا بۈگۈن ناھىيىمىزدە بىر كىچىك كىتاپخانا ئچېپ ،ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىنى كىتاپ ۋە تور بىلەن ھەپىىشىپ ئۆتكۈزۈۋاتىمەن! مىنىڭ يەنە قانچىلىك ياشىيالايدىغىنىمنى بىلمەيمەن .بەلكىم بېشىندىن ئۆتكەن بۇ قىسمەتلەرنى خاتىرە قىلىپ يزىپ بولالماسلىقىممۇ مۇمكىن .لىكىن مەن ئۈزۈمنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىتسىزلىنىپ باقمىدىم ! بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھىساپ! مانا بۇ مىنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك خىتاپنامەم !مىنىڭمۇ گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىم، ئولۇغۋار غايىلىرىم بولغان، ئەمما تەقدىر نىڭ چاخچىقى مىنى ئامالسىز قالدۇردى ، دۇنيادا ھچىقانداق نام-نىشانسىز كىتىشىتىن نۇمۇس ھېس قىلىمەن ،شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن ، ئۆزۈمنىڭ بۇ قىسقىغىنا ھاياتىمدا بىشىمدىن ئۆتكەنلەرنى يېزىپ قالدۇرماقچى بولدۇم .

باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرگەن چىغىمدا دادام سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ پىكىرى ،بىلەن مىنى ناھىيدىكى بىر ئوتتورا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى .كىچىكىمدىنلا سەھرادا چوڭ بولغاچقا ،شەھەرگە كۆنۇپ بولغۇچىلىك ۋاقىتتا ئۈچ يىللىق ئۆمرۆم ئۆتۈپ كەتتى .جىمغۇر بولغاچقىمىكىن تولوقسىزدا بىرەر يىقىن دوس تاپالماي، زېرىككەندە كىتاپ رومان ئوقوپ يۈردۇم.ئانامىنىڭ كۆز يېشىغا چىدىماي تولوق ئوتتورىنى ئۈرۇمچىدە ئوقوش پۇرسىتىدىن ۋازكىچىپ شەھەرلىك تولوق ئوتتۇردا ئوقوپ قالدىم.بۇيەدىمۇ تولوقسىزئوتتورىغا ئوخشاش تىكەندەك يالغۇز قىلىشتىن قورقۇپ،ئۆزۈمنى باشقىلارغا شوخ،چىقىشقاق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتىم.دەرىسنىمۇ ياخشى ئۆگۈنۇپ سىنىپتا ئەلاچىلاردىن بولدۇم،باشقلارغا ئاكتىپلىق بىلەن يىقىنلىشىپ، مۇزىكا ئوقوتقۇچۇمنىڭ كەينىگە كىرۋىلىپ گىتتار چىلشنى ئۆگەندىم.ئۇسۇل دىگەننى بۇرۇندىنلا خېلى ياخشى ئوينايتتىم .مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن مەيلى زىھىن سىناش ياكى ئەدەبىيات -سەنـئەت پائالىيىتى بولسۇن ، ھەممە يەردە بار ئىدىم .شۇنداق قلىپ ھەرتەرەپتە باشقىلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈشكە باشلىدىم.
ئۇ كۈنى چۈشتە مەن چىملىقتا يالغۇز مۇئەللىم ئۆگەتكەن «پۇشايمان" ناملىق ناخشىنى چالا - بۇلا چېلىپ ئولتۇراتتىم .بىر چاغدا كەينىمدىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى . قارىسام بىزنىڭ سىنىپتىكى ئككى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ تۇرۇپتۇ .ھازىرقى مەن ئىلگىرىكى مەن ئەمەستىم ،شۇڭا چاخچاق ئارىلاش ئۇلارغا قاراپ :
-قانداق ؟ بەك مۇڭ چېلىۋەتتىممۇ نىمە ؟ دېدىم مەن .
-ۋىيەي! نەدە ،مۇنداقلا قاراپ قويدۇق .دېدى ئارىدىن ئاينۇر ئسىملىك ساۋاقدىشىم يىنىدىكى رەيھانگۈلگە قاراپ .
-چىلىشنىغۇ يامان ئەمەس چالدىڭىز ،ئەمما ساۋاقداش بولغاندىكىن ، يالغۇز ئولتۇرۇپ پۇشايمان قىلغۇدەك بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ..
-ھاھاھا........
رەيھانگۈلنىڭ تەستىق سۆزىدىن ھەممىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق! ئۇلارنىڭ يىنىمغا كىلىپ ئولتۇرىشى مىنى سەل تارتىندۇرۇپ قويدى .
بۇغداي ئۆڭ، قارا قاشلىرى ئاستىدىكى بىرجۈپ بۇلاقتەك شەھلا كۆزلۈك بۇ قىزنىڭ ئىسىمى رەيھانگۈل بۇلۇپ ،راستىمنى ئېيتسام مەن خېلىدىن بۇيان ئۇنىڭغا مەپتۇن بۇلۇپ قالغان ئىدىم.،ئۇنىڭ پات-پات مەن بىلەن تۇر مۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرىمىز توغرۇسىدىكى ئۇزۇندىن -ئۇزۇنغا سوزىلغان مەنىلىك پاراڭلار، مىللەت ۋە كەلگۈسە ھەققىدىكى پەلسەپىلك مۇنازىرىلەر ........،ئشقىلىپ ئۇ ماڭا باشقا قىزلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تەسىر قالدۇرغان ئىدى.شۇ كۈنلەردە ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمنى ،دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇلىشنى ئستەيدىغان بولۇپ قالغانلىقمىنى سەزگەن ئىدىم . ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم كۆڭلىمدىكىنى دىمەكچى بۇلدۇم -يۇ ،ئەمما قانداق دىيشىمنى بىلەلمەي يۇرىۋاتاتتىم.
شۇ كۈنى بىز ئۈچىمىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەچلىك تاماق ۋاختى بولغىنىنىمۇ سەزمەپتۇق،بىر چاغدا ئاينۇرغا تىلفۇن، كىلىپ دادىسىنىڭ ئۇنى مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانلىقنى دىگەندە، ئاندىن كەچ كىرگىنى يادىمىزغا يەتتى.ئاينۇر كەتكەندىن كىيىن مەن رەيھانگۈل بىلەن يالغۇز قالدىم .
-كەچ بوپ كىتىپتۇ،مەن ياتاققا قايتاي ! دېدى ئۇمۇ مىڭىشقا تەمشىلىپ،
ئۇزۇندىن بىرى مۇۋاپىق پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان مەن ئەمدى يەنە مۇنداق پۇرسەتنىڭ كىلىشىنىڭ تەسلىگىنى ئوبدان بىلەتتىم،شۇڭا تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقماقچى بولدۇم :
-بۈگۈن شەنبە ئىكەن،كەچتە مۇزاكىرەمۇ يوق، خالىسىڭىز بىللە تاماق يەپ كىلەيلى،
-كەچتە قىلىدىغان ئازراق ئىشىم باتتى ،باشقا كۇنى بولسۇن ،
-ۋاي-ۋوي ،خۇدا كۈن تولا ،ئەتە قىلىۋالسىڭىزمۇ بولار.يۈرۇڭە، بىرگە تاماق يەپ كىلىمىز !
ئۇ سەل ئككىلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن ،
- ئەمسە سىز مىنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ ،مەن كىيىمىمنى يەڭگۈشلەپلا چىقاي ،
"ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى، مانا بۇ مىنىڭ بۈگۈن ئەڭ خۇشال قىلىدىغان گەپ "دېدىم ئىچىمدە ۋە:
- ماقۇل ئەمسە، تىزرەك بۇلۇڭ! دەپ ئۇنى ئالدىراتتىم
ئۇ تىزلا چىقتى ، بىز مەكتەپتىن ئۇنچە يىراق بولمىغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ بىللە تاماق يىدۇق. تاماق يەۋاتقاندا مەن ئۇنىڭدىن كۆزۇمنى ئۇزەلمىدىم .قاپقارا قاشلار ، چوغدەك لەۋلەر،ئالمىدەك زىناقلىرى ئادەمنى شۇنداق ئۆزىگە تارتاتتى .......ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن شۇنداق قاراپ تۇرۇپ قالغان بولسام ،ئۇ سىزىپ قالغان چېغى :
- نېمىنداق قاراۋېرىسىز،ئادەمنى خىجىل قىلىپ؟مىنى بۇرۇن كۆرمىگەنمىدىڭىز يا ؟
مەن دەرھال ئەسلىمگە كەلدىم ،ئەمما چاندۇرمايلا،ئوڭايسىزلانغان قىياپەت بىلەن :
-تاماق يىگەندىكى ھالىتىڭىز بەكمۇ چىرايلىقكەن،شۇڭا قاراپ قويدۇم ،بولماپتىمۇ؟ -
ئۇ ئۈندىمىدى. ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلىدى.بۇ جىمىتلىقنى يەنە ئۇ بۇزدى،
- بولدى قايتىپ كىتەيلى .مەن تويدۇم .قىسقا دۇئادىن كىيىن مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم،پۇكەيگە كىلىپ پۇل تۆلىمەكچى بۇلوپ تۇر سام ،ئۇ مەندىن چاققان چىقىپ قالدى :
- بولدى بۈگۈن مەن مىھمان قىلاي؛ ، دەپلا مىنىڭ ياق دىيىشلىرىمگىمۇ ئۇنىماي مەندىن بۇرۇن پۇلنى پۇكەيگە قۇيۇپ ئالدىمدا چىقىپ كەتتى . مەن ئۇ بەر گەن پۇللارنى ياندۇرۋىلىپ،ئۇزۈم قايتىدىن تۆلەپلا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردىم. ئۇنىڭ كەينىدىن يىتىشىپ پۇلنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم .ئھتىمال ئۇ مىنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان بولسا كىرەك،شۇئان چىرايىنى تۈرۇپ:
-ساراڭمۇسىز؟ نمە قىلغىنڭىز بۇ ؟
مەن سەل ئوڭاي  سىزلىنىپ قالدىم ،شۇنداقتىمۇ مەن دىگەن بىر ئوغول بالا ، تۇنجى قىتىمدىلا قىزبالا پۇل تۆلەپ يۈرسە سەت ئەمەسمۇ !
-ھىم !ئىسىڭىزدىدۇ ، مەكتەپتە مەن مىھمان قىلىدىغان بولغانغۇ؟
-نەدە ؟ مەن مىھمان قىلساممۇ ئوخشاشقۇ! بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق قىلسىڭىز سىز بىلەن ئىككىنچى بىر يەگە بارمايمەن !
-ھە ، ھە ماقۇل ،ماقۇل! مەن دىققەت قىلاي ،مەن دىققەت قىلاي ،
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاستا پۇلنى يانچۇقۇمغا سالدىم،ئۇ ئۇدۇل مەكتەپكە قايتىپ كىتىشنى دەپ تۇرۋالدى ، مەن خېلى چىڭ تۇرۇپ ئاران دىگەندە ئۇنى بىردەم كوچا ئايلىنىپ ئاندىن قايتىپ كىتىشكە ماقۇل قىلدىم !شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بىردەم كوچا ئايلىنىپ خەلىق مەيدانىغا كىلىپ خالىيراق بىر يەردە ئولتۇردۇق ،ئۇماڭا ئائىلىسى توغرۇلۇق جىق گەپلەرنى قىلىپ بەردى .
رەيھانگۇل مەن بىلەن بىر ناھىيىدىن بۇلۇپ، ئۇ ئائىلىسىنىڭ يالغۇز قىزى ئىكەن،ئانىسى كىسەلچان بۇلۇپ بىر يىلنىڭ يىرىمى ئۆرە يۈرسە ،يېرىمى كىسەل كارۋىتىدا ئۆتىدىكەن ، ئەمما دادىسى خۇددى دادامغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئوقوشىنىڭ ياخشىلىقىغا پايلىماي ئۇنى ئوقۇتىۋېتىپتۇ . ئۇ شۇلار نى دەپ كلىپ يىغلاپ كەتتى .
مەن ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بىرشنى بىلمىدىم ،مەن سىز نى ياخشى كۆرىمەن ،قورۇقماڭ مەن باردەيمۇ ؟ئۇ خېلىغىچە شۇنداق يىغلاپ تۇردى ،بىر چاغدا مەن ئاستا غەيرەتكە كىلىپ قۇلۇم بىلەن ئۇنىڭ كۆز يېشىنى سۇرتتىم،ھەمدە ئاستا پەس ئاۋازدا :
-بولدى كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ،ھەممە ئشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ ،ئۈمدۋار بۇلۇڭ!
-رەھمەت سىز گە .
مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراي دەپ بىر نەچچە يۇمۇر دەپ بەردىم ،ئۇنىڭ كەيپىياتىمۇ خلى كۆتۈرلىپ قالغاندەك قىلاتتى .
ئارىنى يەنە جىمجىتلىق باستى ،ئۇ :
-نىمە بولدىڭىز،جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ؟- دەپ سورىدى .
مەن شۇتاپتا كۆڭلىمدىكىنى قانداق دىيىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلىشىۋاتاتىم ،
-ھىچ، ھىچنىمە بولمۇدۇم،- ھاياجاندىن ئاۋازىم تىتىرەپ كىتىپ باراتتى، ئەنە شۇ چاغدىلا بىر سىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم !
ئۇ مىنىڭ جىددىيلىشىپ قېلىۋاتقىنىمنى سىزىپ :
- نىمىش بولسا دەۋىرىڭ،ئوغول بالا تۇرۇپ مۇنداق كىكەچلەپ يۈسىڭىز سىزگە قاملاشمايدىكەن ،
مەن ئاخىر جۇرئەتكە كەلدىم .ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دېدىم
- رەيھان ،مەن سىز گە ئۇزۇندىن بىرى گەپنى دىيەلمەي كەلگەن ئىدىم،
- مىنى دوستىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز، نىمىش بولسا تارتنىماي دەۋىرىڭ مەن سەل جىمجىتلىقتىن كىيىن يەنە دېدىم :
-رەيھان سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،سىز بىلەن ئاخىرغىچە بىللە ئۆتسەم دەيمەن !
بۇ گەپلەرنى دەپ بولغۇچە يۈرۈكۈم ھېلىلا قىپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك قاتىتىق سوقوپ كەتتى .ئۇمۇ بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ يەرگە قارىۋالدى .
-ماقۇل دەڭ، بىز چۇقۇم بەخىتلىك بۇلالايمىز ،ماڭا ئىشىنىڭ!
ئۇ سەل ئۇيلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كىيىن :
-بۇ سەل تۇيۇقسىز بوپ قالدىمۇ قانداق ،مەن .....،ماڭا ئويلنىشقا پۇرسەت بىرىڭ،مەن بىر ياخشىراق ئويلىنىۋالاي،
مەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم ،
- بولىدۇ ،مەن ساقلايمەن ، قاچان ئويلىنىپ بولسىڭىز شۇچاغدا جاۋابىنى بىرىڭ!
ئۇ بۇلىدۇ دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى .
ئارىنى يەنە جىمجىتلىق باستى ،مەن ئەمدى نىمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم ، دەل شۇ پەيتتتە ئۇ:
- قايتىپ كىتەيلى بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى،دېدى .
ئارىدىن ئككى كۈن ئۆتكەندە مەن كىتابىمنىڭ ئارىسىدىن بىر پارچە كىچىك باغاقچە تىپىۋالدىم ، شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ مەن ئۇنى ئىزلەپ يۈرەتتىم ،شۇنداق قىلىپ ئككىمىز شىرىن مۇھەببەت بۆشىكىدە يەڭگىل تەرۋىنىشكە باشلىدۇق. بىللە دەرىس تەكرارلاپ، دەم ئىلىش كۈنلرى دەريا بويىغا،باغچىلارغا بىرىپ ،قايغۇدىمۇ شاتلىقتىمۇ بىرگە بولاتتۇق ، سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلىرىمىزمۇ بىزگە ھەۋەستە قارايدىغان بولدى .


شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز كەلگەن شۇم خەۋەر مىنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتۋەتتى .

ئەتتىگەن بىرىنچى سائەتلىك دەرىستىن چۈشۈپلا سىنپ مۇدىرىمىز رەيھانگۈلنى سىرتقا توۋلاپ ئاچىقىپ كەتتى ،بىر ئازدىن كىيىن كارىدوردا بالىلارنىڭ ۋارقىراشقانلىرىنى ئاڭلاپ نىمە بولغىنىنى بىلمەك بولۇپ سىرتقا چىقسام ،رەيھان ھۇشىدىن كىتىپتۇ ،بىر نەچچە قىز ئۇنى يۆلەشتۇرۋاتقان ئىكەن ،مەن نىمە بولغىننى بىلەلمەي.دەقىقە تۇرۇپ قالدىم، ۋە تىزدىن ئىسىمنى يىغىپ ئۇنى كۆتۆرۆپلا مەكتەپ دوختوخانىسغا ئەكەلدىم .مۇئەللىممۇ مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئىدى ،مەن مۇئەللىمدىن نىمىش بولغىنىنى سورىدىم .
- ئۇنىڭ ئانىسى تۈگەپ كىتىپتىكەن ،شۇخەۋەرنى دېۋىدىم ئۇ قۇبۇل قىلالمىدى بولغاي ،
ئۇنىڭغىچە مەكتەپ دوختۇرى ئۇنى ھوشىغا كەلتۇردى ،ئۇئاستا كۆزىنى ئچىپ ماڭا قارىدى ۋە ئۆزىنى قۇچىقىمغا ئاتقىنىچە ئۈن سېلىپ يېغلاپ كەتتى ،مەنمۇ ئۆزۇمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم ،مۇئەللىم بىلەن دوختۇر چىقىپ كەتتى ،ئۇ خىلى ئۇزۇن يىغلاپ ئاران پەس بولدى ،مەن ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدىم.
- بىز دەرھال ئۆيىڭىزگە بارايلى دېدېم ،ئۇ باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى ،
مۇئەللم بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭ يىزىغا بارىدىغان ماشىنىغا چىقىپلا ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق.
ئۆي ئادەمگە لىق تولغان بۇلۇپ كىشىلەر جىنازىنى ئۆيدىن ئىلپ چىقىۋاتاتتى.ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۆزىنى جىنازىغا --- ئانىسىغا ئاتتى ،
كىشىلەر جىنازىنى يەرگە قويدى ،ئۇ جىنازىنى قۇچاقلاپ شۇنداق ئۆكسۈپ -ئۆسۈپ يىغلايتتى ،ئۇنىڭغا قاراپ مىنىڭمۇ ئىچىم سېيرلىپ كەتتى،ئۇنىڭغىچە دادىسىمۇ ئۇنىڭ يىنىدا پەيدا بولدى ،ئۇ ئەمدى دادىسىغا ئسلىپ يىغلاشقا باشلىدى .ئاتا -بالا خىلى چاققىچە شۇنداق يىغلاشقاندىن كىيىن ،كىشىلەرتەسەللى بىرىپ ئۇلارنى ئاجىرىتىپ ،جىنازىنى يەردىن كۆتۈردى ،مەنمۇ دەرھال ئالدى تەرەپكە ئۆتۆپ جىنازىنى كۆتۈردۇم،بىز ئاستا ئاستا ئۇ ئۆيدىن يىراقلاشتۇق، رەيھاننىڭ ئاۋازىمۇ يىراقلاردا قالدى ،
مەن ئەتىسى مەكـتەپكە يىنىپ كەلدىم ،روھسىز ھالدا ئۇرنۇمدا ئۇلتۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا قارىدىم ،ئونىڭ ئورنى بوش ئىدى. شۇنڭدىن كىيىن مانا شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۇنى ئورنىدا قايتا كۆرەلمىدىم


ئۇ شۇقىتىم مەن بىلەن بىللە مەكتەپتىن كەتكەندىن كىيىن قايتا كەلمدى ، پەقەت ئۇنىڭ دادىسى مەكتەپكە كىلپ ئەمدى ئۇنى ئۇقۇتمايدىغىنىنى ئېيتپ ئۇنىڭ ياتىقىنى ئېلىپ كەتتى .
راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭغا بەك ئچەكىشىپ قاپتىكەنمەن، ئۇ كىتىپ ئۆزۆمىنى يۇقىتىپلا قۇيدۇم .
مانا ئىككىمىز دائىم بىللە ئايلانغان مەيدان ،دائىم كىلىدىغان دەريا بۇيى، بىللە ئۇلتۇرۇپ مۇڭداشقان باغچىدىكى ياغاچ ئورۇندۇق. ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالدۇرغان ئەسلىمىمىزبار ، دائىم مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتەتتىم ،شۇنداق خىيال سۈرۈپمۇ بۇقىتىمقى يىللىق ئمتاھاندا ئوبدانلا چىېكىنگەن ئىدىم .ئەمما ماڭا بۇلارمۇ بەك تەسىر قىلىپ كەتمىدى ، مەيلى نىمىە ئىش قىلاي ئەس يادىم رەيھاندا ئىدى ،
ئىمتاھان بىرىپ بولوپلا ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ چاپتىم ، ئۆيىگە يەنە ئازراق قالغاندا ماشنىدىن چۆشۇپ قالدىم .
ناھايىتى غەمكىن كىتىپ بارىمەن ،قەدەملىرىم بەكمۇ ئېغىر ،مانائۇنىڭ ئۆيى ئالدىغىمۇ كەلدىم ،ئەمما توختاشقا جۈرئەت يۇق ئىدى، شۇنداقتىمۇ قەدىمىمنى تېخىمۇئاستىلىتىپ،ئۆيگە ،ھويلىغا سەپ سالدىم، ئىشىك تۈۋىدە توختىتلغان كىچىك ماشىنا مىنى بەكمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى، كىملەر كەلگەندۇ ؟رەيھانغۇ بىرەر باي ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ گېپىنى قىلمىغان بولمىسا ....
شۇلارنى خىيال قىلىپ رەيھاننىڭ ئۆيىدىن خىلى يىراقلاپ كىتىپتىمەن ، ئۇدۇل تەرەپتىن سەكرەپ تاقلاپ ناخشا ئېيتىپ كىلىۋاتقان كىچىككىنە قىزچاقنىڭ خۇش ئاۋازى مىنى خىيالدىن ئويغاتتى ، توختا دېدىم ئىچىمدە ، مۇشۇ قىزدىن بىر گەپ ئېلىپ باقاي ،شۇ نىيەتتە قىزنىڭ ئالدىغا كىلىپ سورىدىم :
-سىڭلىم سىز مۇشۇ مەھەللىدىنمۇ؟
قىزچاق سەل قۇرقۇمسىراپ دىدى:
-ھە...ھەئە!
مەن ئاستا ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇلايىم ئاۋازدا ئۇنىڭدىن سورىدىم
-رەيھانگۈلنى تۇنۇمسىز سىڭلىم؟
-ھەئە ،تۇنۇيمەن ، دىدى مىنىڭ بۇ ھەركتىمدىن سەل ئەسلىگە كەلگەن قىزچاق ،
-ئىم ، ئوبدان سىڭىلىم ، ئەمسە ئۇ ھازىر قەيەردە بىلەمسىز ؟
-ئاچام ئۆيدە ، دېدى قىز جانلىنىپ : مەن سىزنىمۇ تۇنۇيمەن تېخى !
-ھە؟ مىنى تۇنۇمسىز ؟
-ھەئە ، مەن بۇرۇن سىزنى كۆرگەن ، سىز ھەدەم ئۆلۆپ كەتكەندە ئاچام بىلەن بىللە چىقىپتىكەنسىز؟
مەن خۇشاللىقتا قزىنىڭ پىشانىسىنى سىلاپ قۇيغاچ يەنە سورىدىم ؛
-ئەمسە ئۇلارنىڭ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ماشىنا كىمنىڭ ؟
-ئۇ ئاكاشنىڭ ماشىنىسى ئۇ !
-ھە؟ قايسى ئاكاشنىڭ ماشىنىسى ؟
-رەيھانگۈل ئاچام بىلەن تۇي قىلماقچى بولغان ئاكاشنىڭ !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمىدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم ،بۇراسمۇ ؟ يا مۇمكىن ئەمەس ،ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ، ئۇ دىگەن مىنىڭ تۇرسا ، كىم ئۇنىڭ ىلەن توي قىلالايدۇ ؟بىز بۇنداق ئاسان ئايرىلىپ قالمايمىز !!
--ھە ..... ،ھە مەن شۇ رەيھانگۈل ئاچىڭىزنىڭ دوستى بولىمەن . ئۇنى يۇقلاپ كەلگەن ئىدىم ، سىزگە بىر نەرسە بىرەي ،ئاچىڭىزغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز، بۇلامدۇ ؟
-ماقۇل!
-ھە، ياخشى قىز ،مەن شۇنداق دەپلا سۇمكامدىن كەمپۈت ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردىم ، ئۇ كەمپۈت يەپ بولغىچە مەن قىسقىغىنابىر پارچە خەت يازدىم :
-رەيھان ،ياخشى تۇردۇڭمۇ؟بۇ مەن ،ئەسقەر ،بۈگۈن سىنى يۇقلاپ چىققان ئىدىم ،ئەمما ئەپسۇس !مۇۋاپىق بولمىدى،بۇ زادى نىمە ئىش ؟ ماڭا خەت يىزىپ بولسىمۇ ئۇچۇق بىر چۈشەندۈرۈپ قۇيغىن ! سىنى يەنە يۇقلاپ كىلىمەن !
خەتنى قىزچاقنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدۇم ،ۋە ھىچكىمگە تىنماسلقىنى تاپىلاپ رەھمەت بىلەن يولغا سالدىم،ئۇ كەتكەندىن كىيىن يەنە ئۇزاق قاراپ قالدىم !!

*****************************************************
-سالام ئەسقەر ،ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟ئاڭلىسام تەتىلدىمۇ ئۇقۇۋېتىپسىلەر ؟چارچاپ كەتمىگەنسىز!
ئەسقەر ،راسىت گەپ قلسام سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ،ئەمما تەقدىر شۇنداق ئىكەن ،مەندىمۇ ىمە چارە بار دەيسىز ؟
مەن مەكتەپتىن يېنىپ چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دادامنىڭ شەھەرلىك بىر تۇنۇشى بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچىلىككە كەپتۇ،ئۇلارنىڭ دىيىشچە ئۇلار مىنى بۇرۇنلا بىلىدىكەن ،دادام مىنىڭ ماقۇللۇقىمنى ئالمايلا ماقۇل بوپتىمىش ،مەن قانچە يېغلاپ تۇرۇۋالساممۇ پايدىسى بولمىدى،سىزمۇ بىلىسىز ،ئانام بىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدى ،دادام بىلەن ئارتۇق تاكاللىشىپ ئۇنىڭ دىلىنى رەنجىتكۈم يوق! سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرۆپ تۇرساممۇ ،مەندە باشقا ئىلاج يۇق،سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن ، كەچۈرۈڭ،ئەمدى مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.قايتا ئىزلەپمۇ كەلمەڭ!!
خەيىر ! ئامان بۇلۇڭ!

مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرېپ كەلگەندىن كىينىكى بىر ئاي ئىچىدە مىنىڭ ئىرىشكەن جاۋابىم مۇشۇ بولدى!!ئۆزۆمنى نەدە قۇيۇشنى بىلمەيلا قالدىم !! ئازاپتىن ئۆلمىدىم ،ئەمما باشقىنىڭ ھەممىسى بولدۇم!!شۇنىڭدىن باشلاپ خۇددى مەست ئادەملەردەك بىھۇش يۈردۈم.
ئۇ يۇق كۈنلەر تۇلىمۇ تەس ئۆتمەكتە ، مەن يەنىلا شۇ سېغىنىش ئازاپلىرى ئىچىدە ئۆرتەنمەكتە ئىدىم ، شۇڭا مەكتەپتىن تەتىلىلىك دەم ئېلشقا قۇيۇۋەتكەن كۈنى ئۇنى يەنە ئىزلەپ چىقتىم ،ئەمما بۇ قىتىم چىققان چېغىمدا ئۇلارنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلانغان بۇلۇپ ، بۇ ئۆيدە خىلى كۈنلەردىن بىرى ئادەم تۇرمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ، كۆڭلۈمدە رەيھاننى راستلا تۇي قىلىپ كەتكەنمىدۇ دىگەن خىيال توختاۋسىز ئەگىمەكتە ئىدى ،ئىچ-ئىچىمدىن چىققان بىر خىل ئاچچىق كۆزلۈرۈمدە ياشقا ئايلىنىپ تۆكىلىۋاتاتتى!!

تەتلىدە ئۆيدە پەقەت تۇرغۇم كەلمىدى، ئولتۇرسام تۇرساملا ئۇنى خىيال قىلاتتىم ،دادام -ئاناملار بۇ ھالىتىمنى كۆرۆپ مىنىڭدىن نىمە بولغىنى توختىماي سورىشاتتى، مەن پەقەت خورسىنىپلا قۇياتتىم-دە باشقا گەپ قىلمايتىم ،بىچارە ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن غەم قىلىپ باغرى سۇبولوپ كەتكەنلىكى ماڭا بەش قودەك ئايان ئىدى ،شۇنداقتىمۇ بىر ئېغىزمۇ بۇ ھەقتە گەپ قىلمىدىم .
شۇنداق قىلىپ تەتىلنى بەك تەستە تۇشقۇزدۇم ،مەكتەپكە كىرىپ كىتىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆيگە چىقمىدىم ،بۇ ئارىدا داداملار نەچچە يۇقلاپ كىردى ، مۇئەللىممۇ منىڭ يىقىندىن بۇيان بەكلا چىكىنىپ كىتىپ بېرىۋاتقىنىمنى ،بۇنداق كىتىۋەرسەم ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەيدىغىنىمنى چۈشەندۈرۈپ ھاردى،دىمىسىمۇ ماڭا دەرىس ئاڭلاش خۇشياقماسلا بولغان ئىدى، ئىمتاھانلار نەتىيجەم ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان بولدى ،لىكىن بۇلار خيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى، پۈتۈن ئەس ھۇشۇمنى رەيھان ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى، ئۇنىىڭ مۇنداقلا تۇي قىلىپ كىتىدىغىنىنى ئەقلىمگە ئەقلىمگە پەقەت سىغدۇرالمىدىم ، قىنى؟؟؟ قىنى بىز بىرىشكەن ۋەدە قەسەملەر ؟؟قىنى بىزنىڭ كەلگۈسى تۇغرۇلۇق قىلشقان گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىمىز؟؟مانا شۇلارنى ئويلاپ دەرىس ۋاقىتلىرىدىمۇ دائىم ئۇنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتم .
بىر كۈنى سىنىپ مۇدىرىمىز ئۇزۇندىن بۇيان تاشلاپ قۇيغان ئادىتىنى چىقىرىپ مەندىن سۇئال سۇراپ قالدى ،
-ئەسقەر .سەن دەپ باققىنا ،ئاقسىل قۇرلۇشنىڭ باسقۇچى قايسىلار؟ مەن ئاستا ئۇرنۇمدىن تۇردۇم ،ئەمما ھېچىنىمە دىمەي قاراپ تۇردۇم ،مۇئەللىم سۇئالنى قايتا تەكرارلىدى،
-مەن ....،مەن ،مەن بىلمەيمەن .
مۇئەللىم ئاچچىق كۈلۈپ قۇيدى،ئۇ بەلكىم ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار بولسا كىرەك كانىيىنى قىرىپ قۇيۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-بۇيىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا خىيالدىن 50 نۇمۇرلۇق سۇئال چىقدىكەن دەيدۇ ،ئەمما 50نۇمۇر بىلەن قايسى ئالى مەكتەپلە ئۆتكىلى بۇلاركىن ئەسقەرجان !

بۇ گەپ بىلەن تەڭلا سىنىپتا قاتتىق كۈلكە كۆتۆرۆلدى، مەن ئىزاغا چىدىماي سومكامنى كۆتۆرگىنىمچە چىقىپ كەتتىم، مەكتەپتىن چىققانچە قانداق ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئىشقىلىپ بىر چاغدا بىرسنىڭ ئارقامدىن چاقىرغىنىنى ئاڭلىغانىلا ئاندىن قەدىمىمنى توختاتتىم ، ئىسىمگە كىلىپ ئەتراپقا قايتىدىن نەزەر تاشلىدىم .توۋۋا خۇدايىم . قارىسام مەن رەيھان بىلەن تۇنجى قىتىم كەلگەن ھېلىقى چىملىققا كىلىپ قاپتىمەن ،شۇ چاغدىلا ئۆزۆمنىڭ ئۇنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرۆپ قايتىدىن ھېس قىلىپ يەتتىم ،
ئۆرۆلۆپ قارسام تۇلۇقسىزدىكى پارتىدىشىم ئەلى ئىكەن ،مەيۈس ھالەتتىلا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۆشتۈم .
ئۇ بۇ مىنىڭ ھالمنى كۆرۆپ مەندىن نىمە بولغىنىمنى سوراپ قالدى
-ھىچنىمە ئاداش ، سورىمايلا قوي ، نىمىسىنى دەيمەن ! _
-بولدى مەندىن يۇشۇرما ! سىنى ئوبدان بىلمەن مەن ،قنى نىمە ئىش بولغان بۇلسا دىگەن ،بۇنداق يۈرۈش ئوغۇل بالنىىڭ ئىشى ئەمەس دەيمەن !
ئىچىم دەرتكە تولوپ تۇرغان بۇچاغدا بۇ دوستۇمنىڭ يۇلۇققىنىمۇ ياخشى بولدى ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،بەلكىم بۇ ماۇا بىرەر يول كۆرسىتىپ قالار ، شۇنداق دەپ مەن ئىچىمدە بارنى ئۇنىڭغا تۆكتۈم ،
-ۋاي مۇشۇ ئىشمىتى ؟مەن تېخىى باشقا بىر چوڭ ئىش بولغانمىكىن دەپتىمەن ،ۋاي ئاللا ، ساڭا دىسەم ئاداش بۈگۈنكى جەمىيەتتە قىز بالا دېگەن سىنىڭ ئۇنچىلا قىلىپ كىتىشىگە ئەرزىمەيدۇ!!

-سەن بىلمەيسەن ئاغىنە ،مەن ئۇنى راسلا بەك ياخشى كۆرىمەن !
-ھاھاھا!! مانا ئاخماق دىگەن ،راستىنلا بىر ئاخماق ئىكەنسەن جۇمۇ ، قاراپ باقمامسەن ،بۇ دۇنيادا ئازاپ تارتقان ئازاپ تارتقان يالغۇز سەنلىمۇ؟قارا ، مانا مەنمۇ ياخشى كۆرگەن قىز دۇستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىر مىدالىيۇن ئىلىپ بىرەلمىگىنىم ئۈچۈن ئۇ خەقنىڭ بولوپ كەتتى!!مۇھەببەت دېگەن مانا شۇنچىلىك ئاددى نەرسە!! پۇل بارمۇ؟!مۇھەببىتىڭ سامان دېگەن گەپ!
ئۇ شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا ئالدى، ۋە ماڭا سۇندى:
-مە ، بىر تال چىكىپ قويغىن !
- مەن تاماكا چەكمەيمەن !!ھەم چىكىپ باقمىغان!
-ۋاي -ۋۇي! بۇيىڭغا،سۈپىتىڭگە لايىق گەپ قىلساڭچۇ؟
-راسىت ئاداش ،مەن تاماكا چىكىپ باقمىغان! ,
-چىكىپ باقمىغان بولساڭ ھازىر چىكىپ باقىسەن ،ئالە !
-ۋاي ئاداش ،ئونداق قىلالمايمەن !
-قىلالمايمەن دېگەن ئۇغول بالىنىڭ قىلىدىغان گېپى ئەمەس جۇمۇ!ئالە !
باشقىلاردىن تاماكا چەكسە يۈرەك سۇۋۇيدۇ دېگەنلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇراتتىم ،ياتاقتىتىكىلەرنىڭ چەككىنىگە سەسكىنىدىغان مەن بۇ نېمنى ئاخىرى قۇلۇمغا ئالدىم
-ئاداش مېنى زۇرلىمىساڭلا بولماسمۇ زادى!؟
-ۋاي! ئىدېش! ناز قىلماڭلا!!ھە ئوغول بالىدەك بىر ھە!
شۇنداق دەپ تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەردى !
مەن باشتا تازا قاملاشتۇرالمىدىم يۆتىلىپ كەتتىم! ئەمما كىيىن خىلى كۆنۆپمۇ قالدىم ،
***************************************************
ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ مەن تاماك چىكىشنى ئۆگىنىىۋالدىم!كىيىن باشقىلار زۇرلىمىسمۇ ، بۇ ئازاپ دورىسى بىلە خلى چىقىشىق قالغاچقا ،ئۆزۆملا چىقىپ سىتىۋالدىغان كۈندە چەكمىسىم ئىچىم تىتىلدايدىغان بۇلۇپ قالدى!!
ياتاقتىكى شەھەرلىك بالىلار بىلەنمۇ ئوبدانلا ئۈلپەت بولوشوپ قالدىم!! لىكن ئۇلار ھاراقمۇ ئىچەتتى!! مەن مىڭ قىلسىمۇ ئىچىشكە ئۇنىمىدىم ،


قىشلىق تەتىل توشوپمۇ قالدى ، مانا ئالى مەكتەپ ئمتاھنىغا بىر ماۋسۇم ۋاقىت قالدى ، ئەمما مەن يەنىلا شۇنچە بىغەم ،داداملار مۇئەللىمدىن ئاڭلاپ ھەم مىنىڭ ئادەتتە جىدىيلەشمەي يۈرگۈنىمنى كۆرۆپ مەندىن نەچچە رەت گەپ سوراپ ھاردى . !
ئۆيگىمۇ كەمدىن كەم چىقىدىغان بولدۇم ، ئوقوش باشلىنىپ ئۇزۇن بولايلا مەن ئۆيگە بىر ئايغىچە قايتمىدىم ،كىيىن يېنىپ چىقسام رەيھاننى توي قىلىپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ، شۇ كىچە مەن ئۈچۈن قىيامەت قايىم بولدى ، بىر كىچە كۆز يۇممىدىم ، ئەتىسى ئەتتىەگندىلا مەكتەپكە قايتىپ كەتتىم ،ئىتاھان يېقىنلاپ قالدى ، دەرىس ۋاختىدا ئاڭلىغاندىن باشقا تەكرارمۇ قىلمىدىم ،شۇنداق مەس ئەلەس يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاي ۋاقىت قالدى
ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى ،دادامنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئمامكام بىزنىڭ ئۆيگە مىھمانغا كەپتۇ ، گەپ ئارلىقىدا مىنىڭ ئۇقۇشۇم توغرىلۇق گەپ بولوپ قالدى ، ئاكاممۇ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا مەغلۇپ بولغۇچىلاردىن بولوپ ھازىر سودىگەرچىلىك قىلىپ خېلى ھاللىنىپ قالغان ئادەم .ئىدى ، مەن ئۇقۇشنىڭ گىپى بولىۋاتقاندا ئاستا سىرتقا چىقىپ كەتتىم ، بەلكىم دادام مىنىڭ ئەھۋالىمنى دېگەن بولسا كىرەك ، بىر چاغدا ئۇ مەن ئولتۇرغان تال بارىڭى ئاستىغا كىلىپ مەن بىلەن سىرداشتى.ئادەتتە ئاكام مەندىن10ياشلار چوڭ بولوپ نىمە گەپلەر بولسا ئەركىن دىيىشەتتۇق،
-داداڭدىن ئاڭلىسام يىقىندىن بۇيان بەك جىمغۈر بوپ كىتىپسەن ، ئۆيدىكىلەرگە دىيەلمەيۋاتقان بىرەر تىل قىسىنچىلىقىڭ بارمۇ نىمە ؟
-ياقەي،نىمە قىسىنچىلىقم بولسۇن !؟
-ئەمسە ئۇقۇتقۇچۇڭنىڭ داداڭغا قىلغان ئىنكاسىنى قانداق چۈشەندۇرسەن؟
-...............
-ماڭا قارا ئۇكام ، ھازىز دىگەن سىنىڭ ئالتۇندەك ۋاختىڭ ،نىمىش بولسا تاشلاپ قۇيۇپ جان جەھلى بىلەن ئۆگۆنىدىغان مەزگىلىڭ، مانا مەن ئۇقۇمىغاننىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمەن . ئەينى چاغدا مەنمۇ مۇھەببەت دەپ ھۆكىمەت مەپىسىگە چىقالمىغان ،سەندىغۇ ئۇنداق ئىشلار يوقتۇ ؟ +

-مەن....،مەن ،مەندە نىمىش بولسۇن؟
-ئەمسە نىمىگە بۇندا بوپ كىتىسە ؟
-بولدى ، بۇ گەپلەرنى دەۋەرمىگىنە !
-دىمەك سەن چۇقۇم شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلدىڭ ، ساڭا دەپ قۇياي ئەسقەر ، داداڭ سىنى ئۇقۇشقا ئېۋەتىمەن دەپ خېلى يىللاردىن بۇيان پول يىغىپ يۈرۋاتىدۇ ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا داداڭ مەندىن 3000 يۈۋەن ئالغان ، سىنى ئۇقۇيدۇ دەپ مەن ئۇ پۇلنى ئالماسلىقنى قارارار قىلدىم ،ئاناڭنىڭمۇ ئۈمىدى سەندە ، مۇشۇنداق قىلغىنىڭ بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ ، ساڭا دەپ قۇياي ، ئوغۇل بالا دىگەن قىزبالا ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىىمۇ قەيسەر بولىشى كىرەك!!..............
شۇ كۈنى ئاكام ماڭا جىق گەپلەرنى قىلدى ، مەن يەنە بىر كىچە ئۇخلىمىدىم ، راسىت مەن بۇيەردە ئۇقۇمىسام نىمىش قىلارمەن ؟ مەن ئۇقۇمىغان بىلەن ئۇ يە مىنىڭ يېنىمغا قايتىپ كىلەمدۇ ؟ توي قىلىپ بولدى دېگەن خەقنىڭ بوپ كەتتى دېگەن گەپ !ئەمدى ماڭا تەۋە بولمايدۇ ، لېكىن يۈرۈگۈم بارغانچە زېدە بوپ كىتېۋاتسا؟قانداق قىلاي ......... . توغرا،مەن چۇقۇم بۇ يەرتدىن يىراق كىتەي ، قانچە يىراق بولسا شۇنچە ياخىشى ،ئۇنى كۆرمىسىم بەلكىم يىنىكلەپمڭۇ قالارمەن ، ئەمما نەگە بارارمەن؟ توغرا ، مەن ياخشىراق ئۇقۇپ ئىكىرگە كىرىپ كىتەي ، شۇنداق قىلاي ...........
شۇ خىياللار بىلەن ياتسام ئانام مىنى ئويغۇتىشقا كىرىپتۇ .
بىر ئاي جاپالق ئۆگەنگىنىم بىكارغا كەتمىگەنمۇ قانداق ، ئىمتاھان سوئاللىرىغا خېلى يامان ئەمەس جاۋاپ بەردىم ، ئۆتۆشكە تولوق ئىشەنچىم بار ئىدى !
ھەپتىدىن كىين مەكتەپكە كىرىپ ئارزۇ توشقۇزدۇم ، شۇ چاغلاردا نىمىنى ئويلىدىمكىن تاڭ ھىچ بىلمەيمەن ،يىراق بولسۇن دەپ ئارزۇ كاتەكچىسىنىڭ ھەممىسىگە خاربىندىكى ئىسمى ئالى مەكتەپ بولغان جايلارنى توشقۇزىۋەتتىم ،ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا كىتاپلار دۇنياسىغا غەرق بولدۇم ئۇ چاغلاردا تاماكىنى ئوبدانلا تاشلىغان ئىدىم ،
بىر كۈنى شەھەرلىك بىر تۇققىىمىز بىزنىڭ ئۆيگە پەتىگە چىقىپتۇ ، شۇ چاغلارغىچە مەن شەھەردە تۇققىنىمىز بارلىقىى ئاڭلىغان بولساممۇ كۆرۆپ باقماپتىكەنمەن ، ئۇلاربىڭ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر ئوغلى بار بولوپ ئىسمى ئەزىمەت ئىكەن ، ئۆزى شوخ چىقىشقاق بالا بولوپ بىز ناھايىتى تىزلا ئۆم بوپ كەتتۇق ، ئۇ مىنى ئۇلارنىڭكىگە تەكلىپ قىلدى ، مەن بىر نەچچە كۈندىن كىين ئۇلارنىڭكىگە باردىم
شەھەرلىك بۇ دۇستۇم كەيىپخۇمار چىقىپ قالدى، بارغان كۈنى كەچتىە ئۇ ئاۋال مىنى دىسكوخانغا ئېلىپ باردى ، ئۇ يەردىن بەك ئۇزۇندا يېنىپ چىقىپ ،بىر دوستىنىڭكىگە باردۇق ، بۇ ئاغىنەممۇ قىززىقكەن ، بىر ئوبدان ئۆيى تۇرسا مىنى شۇ يەردە قونوپ قىلشقا قىستاپ تۇرۋالدى، كىيىن بىلسەم ئىش باشقىچە، بۇ كاتەكتەك ئۆي ئادەمگە لىق تولدى ، ئاندىن سۇرۇندا ھاراق بىلەن قاپاق ئايلىنىقا باشلىدى ..............
مىڭ قىلسىمۇ ھاراقتىن بىر تېمىم ئاغزىمغا ئەكەلمىدىم ،ئەمما چىلىم نەۋىتى ماڭا كەلگەندە سالاغا بوشلۇق قىلىپ بىر نەچچە رەت نۆۋىتىمنى ئۆتكۈزمىدىم ، مۇشۇنداق قىلىپ بۇ تەتىلدە بۇنداق سۇرۇنغا ئاز دىگەندىمۇ ئون قېتىم كىرىپ قالدىم ،ئەڭ دەسلەپتە كىرمەسلىكنى ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما چىللىم مىنى بۇدۇنيادىن ئايرىپ ئازاپلىرىمنى بىراقلا ئۇنتۇلدۇرۇپ ئاسماندا پەرۋاز قىلدۇراتتى ، مۇشۇنداق يەرلىرىنى دەپ ئىزلەپ سوراپ كىرىدىغانمۇ بوپ كەتتىم .

شۇنداق ئويناپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن خاربىندىن كەلگەن قۇبول قىلىش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۋالدىم ، شۇ چاغدىكى ھىسياتىم بەكمۇ مۇرەككەپ ئىدى،يا خۇشال بولۇشىمنى ، يا قايغۇرىشىمنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم ! مانا بىر قىز بالىنى دەپ مىھرىبان ئاتا -ئانامدىن يىراق بولغان بىر شەھەرگە ماڭغىلىۋاتىمەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ياقلارغا كەتسەم مەن ئۇزۇندىن بۇيان تارتىپ كىىلىۋاتقان مۇنۇ دەت -ئازاپلاردىن بىردەملىك بولسىمۇ قۇتۇلارمەن دەپ ئويلايتتىم .
ئاخرى ماڭىدىغان كۈنمۇ كەلدى ، دادام ئاناملار ، ئۇرۇق تۇققانلار مىنى كۆزلىرگە ئىىسىق ياش ئالغان ھالدا يىراق شەھەرگە يولغا سالدى ، ،مەن ئانامنىڭ ھىدىنى قايتا قايتا ھىدلايتتىم ، دادامنى تېخىمۇ چىڭ باغاشلايتىتىم ،ئەتراپىمدىكى ھەممىگە تويماي قارايتتىم ، توۋۋا ، شۇ چاغلاردا مەندە بىرخىل تۇيغۇ يەنى بۇيەردىن مۇشۇ قېتىم كەتسەم ئەمدى قايتا كەلمەيدىغان بىر خىل تۇيغۇ چىرمىۋالغان ئىدى ، نىمىشقىكىن ئۆزۆم خالاپ قىلغان بۇ ئىشلارغا ئىچىمدە بىرخىل پۇشايمان ھېسلىرى قەلبىمنى چولغاپ مىنى قىينىماقتا ئىدى .
قانداقلا بولمىسۇن ئايرىلدىم . داداملار بىكەتتە زار يىغلاپ مىنى ئۇزۇتىپ قۇيدى ، مەنمۇ دەرزىدىن قۇلۇمنى چىقىرىپ تا ئۇلارنىڭ قارسى كۆرۆنىمىگچە پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتىم !
ئەتسى ئۈرۈمچىگە چىقىپ،تىزىملىتىپ بىلەتنى قۇلىمىزغا ئالدۇق ، ئۈچ كۈنلۈك ئۇزۇن سەپەردىن كىيىن ، ئانام -دادامدىن ، مىنىڭ ئازاپلىق ئەسلىمىلىرىم قالغان ئانا يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ بۇ تولىمۇ سوغۇق ، ئەمما قايناق شەھەر خاربىنغا كەلدىم !
مەكتەپ دەرۋازىدىن كىرىشىمىزگە بىزگە بىرنەچچە پىدائى ئۇقۇغۇچى يول باشچى بولوپ تىزىملىتىش ئورىنىغا ئىلىپ باردى ، ئەمدى تزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى توشقۇزۇپ بولوشىمغا بىرنەچچە خەنزۇ ساۋاقداش كىلپلا مىنىڭ يۈك تاقىلرىمنى قۇلۇمدىن ئالدىم !مەن تەككەللۇپ بىلەن رەھمەت دەپ ئۇلارغا ئەگىشىپ تۇرۇشىمغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرى ماڭا قۇلنى تەڭلەپ :
-بولدى ئۇكا ، شېشېرىڭنى قۇي، ھەممىمىز ئوخشاش ئۇقۇغۇچى،مەن تېخى ساڭا ئوخشاش ئۇيغۇر دىدى،
مەن ھەيران قالدىم ھەم - سەل خىجىل بولوپ تىزلا قۇلۇمنى ئۇزاتتىم ، ئىككىمىز تىزلا تۇنۇشۇپ قالدۇق ، ئويلىمغان يەردىن بۇ ياق مىنىڭ يۇرتدېشىم چىقىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ مىللى بالىلارنى ئايرىم تۇرغۇزىدىغان بولغاچ مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا ئىكەنمەن ، ئۇمىنىڭ كىلشىمنى بىلگەچكە مىنى بۇيەردە ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ،
مەكتەپ ناھايتىى چوڭ ھەم گۈزەل ئىدى،،ياتاققا بارغۇچە ئۇماڭا مەكتەپنىڭ ئەھۋالنى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى ،بۇ يەردە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپكەن ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇقۇغۇچىلار 50نىڭ ئەتراپىدا ئىكەن ،ياتققىمۇ ئورۇنلاشتىم ،ياتاقتىكىلەر بىلەن ئوبدانلا تۇنۇشۇپ قالدىم ، ئىككى ھەپتە ھەربىي مەشىقا مىنىڭ روھى كەيپىياتىم خېلىلا كۆتۈرەڭگۈ قىلىپ قويغان ئىدى
كىيىن دەرسمۇ باشلاپ كەتتۇق ، ئاستا -ئاستا بۇ يەرگە كۆنۈشكە ، ئاندىن زىرىكىشكە باشلىدىم ، دىمىسمۇ بۇيەردە بالىلار دائىم توپ -توپ بولوپ يۈرىدىكەن .مەن توپ توپ بولوپ يۈرەي دىسەم مەن بىلەن بىر يىلدا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىز بالا بولوپ چىقىتى ، شۇنداق قىلىپ ئاستا -ئاستا پۇشايمان قىلشقا باشلىدىم ، مۇھەببەت دىگەندىن كۆڭلۈم بەكلا سوۋىغاچقا قىزلارمۇ كۆزىمگە جىندەكلا كۆرىنىدىغان بولوپ قالغان ئىدى.تەنھالىق ئىلكىدىكى تۇرمۇش مانا مۇشۇياردىن باشلانغان ئىدى !
ھەممە ئىش ئاشۇ تۇنجى يىللىق قۇربان ھېيت پائالىتىدىن باشلانغان ئىدى،
ياتاقتا نەدىن پەيدا بولوپ قالدى ،بىر گىتتار پەيدا بولوپ قالدى ،ئەمما ھېچكىمنىڭ چالغىنى كۆرمىدىم ، بۇ ياتاقتا مەن ئەڭ كىچىك بولغاچقا باشقىلارنىڭ نەرسىسىگىمۇ ئالدىراپ چېقىلمايتىم ، شۇڭا بىر نەچچە كۈنگىچە قۇلۇمغا ئېلىپ چېلىپ باققۇم كەلدۇيۇ،ئەمما تارتىنىپ تەگمىگەن ئىدىم ،ئۇ كۈنى شەنبە بولغاچقا ھەممەيلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى، مەن بىردەم كومپىيوتىردا ئۇيۇن ئۇيناپ باقتىم ، تورغا چىقىپ مۇنبەر ئارىلاپ باقتىم ،ئەمما ھېچقايسى خۇشياقمىدى، ئاخىرى ئاستا كىلىپ قۇلۇمغا گىتتارنى ئالدىم دە- ئەڭ باشتا ئۆگەنگەن «پۇشايمان» دىگەن ناخشنى مۇڭلۇق چېلىشقا باشلىدىم :
يەر قاتتىق ئاسمان بەك ئىگىز ،
خىجالەت ئىلكىدە تۇرۇپ قالدىم.
كۆز ياشىم تۆكۈلگەندە ،
يىتىپ كەلدى پۇشايمان ،
قىينىلىپ ئاران نەپەس ئالدىم !
.................................................


ئۆزەم يەنە قايسى ناخشىلارنى ئۇلاپ ئىيتىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن ، راست گەپ قىلسام .رەيھاندىن ئايرىلغاندىن بۇيان گىتتارنى قايتا قۇلۇمغا ئېلىپ باقمىغان ئىدىم ، ئۆزۆممۇ تۇيماي قاپتىمەن ،شۇنداق چېلىپ ئولتۇرسام ،بىر چاغدا ياتاققا بىر توپ بالىلار قىقاس چۇقان بىلەن كىرىپ كەلدى :
ياتاقتا ھەممەمىز چوڭ بىلىدىغان نىجات ئالدىمغا كىلىپ:
-يارايسەن يىگىت ، بەك مۇڭ چ
ئۆزەم يەنە قايسى ناخشىلارنى ئۇلاپ ئىيتىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن ، راست گەپ قىلسام .رەيھاندىن ئايرىلغاندىن بۇيان گىتتارنى قايتا قۇلۇمغا ئېلىپ باقمىغان ئىدىم ، ئۆزۆممۇ تۇيماي قاپتىمەن ،شۇنداق چېلىپ ئولتۇرسام ،بىر چاغدا ياتاققا بىر توپ بالىلار قىقاس چۇقان بىلەن كىرىپ كەلدى :
ياتاقتا ھەممەمىز چوڭ بىلىدىغان نىجات ئالدىمغا كىلىپ:
-يارايسەن يىگىت ، بەك مۇڭ چېلىۋەتتىڭ ! دەپ مۈرەمگە ئۇرۇپ قۇيدى ، :
-ۋاي بەك ياخشى چالدى جۇمۇ ، مەن ئۇزۇن بوپتىكەن ،مۇنداق چالغاننى ئاڭلىمىغىلى!

-مۇراتمۇ مۇشۇنچىلىك چالايدىغۇ دەيمەن !
-ياقەي دېدىم مەن خىجىللىق ئىلكىدە قىززىرىپ تۇرۇپ ، ياتاقتا تۇرۇدىكەن ، مۇنداقلا شۇ......
-شۇ، شۇ دېدى مۇرات ئىسمىلىك قۇيۇق ساقال بۇرۇت قۇيغان بىر بۇرادەر

-ئەسلىدە بۇ گىتتارنى مەن مۇشۇ قېتىملىق قۇربان ھېييتتا مۇرات بىلەن بىر ناخشا ئېيتماق بولوپ ياتاققا ئەكىرگەن ، ئەمما تازا قاملاشتۇرالماي ،مۇشۇ يەردە تۇرغان ئىدى، بۈگۈن ئەسقەر ئىنىم شۇنداق چېلىۋەتتى ،دېىدى ياتقدىشىم ئىليار -ئەمدى مەن شاگاڭ بولسامممۇ بولغىدەك!!
ينىك كۈلكە كۈتۈرۈلدى !
-قانداق ئۇكا ، چاتاق يۇقتۇ ؟ دېدى نىجات ماڭا كۆز قىسىپ قۇيۇپ، -
-بۇ........؟دېدىم مەن سەل تەمتىرەپ :-قانداق بولاركىن ؟مەن ئادەم كۆپ سورۇندا ناخشا ئىيتىپ باقمىسام يا؟ -ۋاھ ما گەپنى كۆرۆڭ ! دىدى ئىگىز كىلىشكەن بىر يىگىت دەرھاللا:-مەن مۇشۇنداق گىتتار چالىلىغان بولسامچۇ ، كوچىغا چىقىپ چېلىپ ھەممە قىزلارنى ئالدىمغا پەيدۈي قىلىۋىتەتتىمدە !!
ياتاقتا بىر ئەبجەش كۈلكە كۆتۈرۈلدى
-راسىت ئەسقەر ئۇكام ، ماڭىمۇ بىرەرنى بىرەرسەن ھە ، بىز بىر يەلەك بولغاندىن كىين :!
-قەشقەلىكلەر جىق بۇيەردە ، ماڭا بىر نى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيساڭ، ساڭا بوغالتىر ئۆزەم بولىمەن !
----ئىشقىلىپ مۇشۇ تىمىدا چۆرىدەپ يېرىم سائەتتەك كۆڭۆللۈك ئەمما چەك باسماس چاقچاقلار داۋام ئەتتى ،مەن ئاخىرى قۇربان ھېيتتا مۇرات بىلەن ياكى ئۆزۆم بىر ناخشا ئېيتىدىغانۈا ماقۇل بولدۇم .
ئەنە- مانا دەپ قۇربان ھېيتمۇ يىتىپ كەلدى .ھېيتلىق پائالىيەت مەكتەپ تەمىنلىگەن كىچىك ئەمما نەپىس بىزەلگەن ئۇسۇل مەشىقخانىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى بۈگۈن مەن بۇيەردە ئالاھىدە شەخىس بولوپ قالدىم. يولدا ئۇچۇرشىپ قالساق قاراپ قۇيمايدىغان بۇرادەرلەر ،ئاچاشلار بۈگۈن مىنى يىراقتىن ئىما قىلىشىپ كۆرسىتپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتاتتى ،شۇڭلاشقىمىكىن مەن سەل تارتىنىپ قالدىم ،
مانا پائالىيەت باشلىنىپ كەتتى . ئاۋال قىزلار مىللىيچە ئۇسۇل ،ئاندىن ئۇغۇللار ساما ، كىين يالغۇز كىشلىك ئۇسۇل ۋە ناخشا ،پائالىيەت شۇ تەرەقىدە داۋاملاشتى ،
مەن باشقىلارنىڭ تەييارلىغان بىر ئېتوتىغا تېلىقىپ كۈلۈپ ئولتۇرسام ، نىجات مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپلا تەييارلىق ئۆيگە باشلاپ كىردى :
-ھە ئۇكا ، كارامىتىڭىنى كۆرسىتىدىغان چاغ كەلدى ، ئەمدى سەھنە سىنىڭكى، دەپ قۇلۇمغا گىتتارنى تۇتقۇزۇپ تۇرشىغا ، ياڭراتقۇدىن :-تۈۋەندە يىڭى ئۇقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ يىگانە شاھزادىسى بولغا ئەسقەرنى گىتتار بىلەن ئۇرۇنلانغان «سۆيەلمەيمەن ھېچكىمنى » دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قلىمىز ! : دەپ ئېلان قىلدى، نىجات مىنى ئىتترىپ دىگۈدەك سەھنە تۈۋىگە ئىلىپ كەلدى، بۇ ئۇقۇتقۇچىم ئۆزى يازغان ناخشا بولوپ مەن بەك ياقتۇراتتىم ، ئاستا قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ سالام قىلدىم ، ھاياجاندىنمۇ ياكى قۇرققانمدىنمۇ ئىشقىلىپ قۇلۇم يىنىك تىترەپ كىتىپ باراتتى ،مەن ئاستا كىلىپ ئالدىن قۇيۇپ قۇيۇلغان كىچىك ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرۇپ ناخشنىنى باشلىدىم !:
ئېيتقىن يارىم ، كىلەرمۇ باھار ؟ -
غېرىبسىنغان ئاياز يۈرەككە!
ئەقىدىلەر قالدىغۇ مۇزلاپ ،
يەتمەي تۇرۇپ شىرىن تىلەككە!؟

ئەي خۇدا ! يەتكەيمۇ نالەم ؟ '
يۈرەك يارغان بىۋاپا يارغا ;
مۇھەببەتتە ئۆلدىغۇ يۈرەك،
ئەسلىمىلەر بۇيالدى قانغا!

قەسەم ئەمەس ،ئەمما چىن نىيەت، '
يۈرەكلەرگە ئۆچمەس داغ چۈشتى
يىراق تۇراي سۆيگۈ دىگەندىن
سۆيەلمەيمەن ئەمدى ھىچكىمنى!

ئەي خۇدا ! يەتكەيمۇ نالەم
يۈرەك يارغان بىۋاپا يارغا ،
مۇھەببەتتە ئۆلدىغۇ يۈرەك،
ئەسلىمىلەر بۇيالدى قانغا

ناخشىنى ئېيتىپ بۇلىشا ساۋاقداقداشلىرىم گۈلدىراس ئالقىش ياڭرىتىپ كەتتى ، دىققەت قىلماپتىمەن ، مەن ناخشا ئېيتىپ بولغىچە ئالدىمغا گۈللەر غۇچچىدە تىزىلىپ كىتىپتۇ، ئاستا ئورنىمدىن تۇرۇپ ،سەھنىدىن يېنىپ چۈشەي دەپ تۇرسام باشقىلار ۋارقىرىشىپ كەتتى :
-بىزگە يەنە بىر نەچچە ناخشا ئېيتىپ بىرىڭ !
-يەنە بىرنى !! يەنە بىرنى !!
مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم ، لىكىن باشقىلار ھۆرمىتىمنى قىلىۋاتسا دەپ يەنە قايتا ئولتۇردۇم ، باشقىلارنىڭ تەكلىپى بۇيىچە «ئاق گۈل» «ئازاپ»...دىگەندەك بىر نەچچە ناخشىنى ئۇۋلاپ ئىيتىپ بەرىدىم !
شۇ چاغدا سەھنىگە چىققىنىمغا نەقەدەر پۇشايمىنىم بار مىنىڭ ، ئەگەر شۇ چاغدا چىقمىغان بولسام ................. `

قۇربان ھېيتمۇ ئۆتۆپ كەتتى . تەتىل يېقىنلاپ مەن ئۆيگە كىتىش كەتمەسلىكتە ئىككى تايىن بولوپ قالدىم ، كەتمىسەم ئانامغا چىدىمايمەن ، ھەم بۇيەردىن ئۆلگۈدەك زىرىكىپ كەتتىم ، كەتسەم ئەگەر ئۇنى يەنە بىر يەرلەردە ئۇچىرتىپ قالسامچۇ ؟ ئۇ چاغدا مىنىڭ بىر يىلنىڭ بۇيانىدا قىلغانلىرىم نۆلگە تەڭ بولماسمۇ ؟
ئانامغا شۇنداق ئۇزۇن يالۋۇرۇپ ئاخىرى تەتىلنى خاربىندا ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل كەلتۈردۈم ،تەتىل ئىككى ئايچە بولوپ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنى ئۇنتۇشقا بىر ياخشىى پۇرسەت ئىدى،
تەتىلدە مەكتەپتە قالىدىغانلار ساناقلىقلا بولوپ، بولسىمۇ كونا ئوقوغىچىلار قالدىغان گەپكەن ، مەن بىلەن تەڭتۈش قىزلارنىڭ ھەممىسى كىتىپ قالدى،بۇيەردە مەن بىلەن ھېچكىمنىڭ كارىسى يوق ، ياتاقمۇ ماڭا ئوڭچە قالغان ئىدى،

كۈنلەر بەكمۇ ئاستا ئۆتمەكتە ، ئىچىم پۇشۇپ تاماكا چىكىدىغان ئىشنى يەنە باشلىۋالدىم ، مەكتەپ تورى دائىم ئۇچۇق ئىدى ، ياتاقتا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇش مىنىڭ بىر كۈندە قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىشىم ھىساپلىناتتى ، ئاندا ساندا چىقىپ بازار ئايلىنىپ كەلمىسەم كۈنلىرىمنى ياتاقتىلا ئۆتكۈزدۈم ، `
تور-ھەقىقەتەن سىرلىىق بىر دۇنيا ، سىز ئاساسەن دىگۈدەك ئېھتىياجلىق نەرسىلرنىڭ ھەممىسىنى بۇيەردىن بىمالال تاپالايسىز !

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن توردا بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم .قىز ناھايتى ئۇچۇق يۇرۇق بولوپ پاراڭلىرىمىز بەكمۇ قىزغىن ئىدى .تۇنۇشۇپ نەچچە كۈنگىچە ئۆز-ئارا ئىسمىمىزنى ياكى ئادىرسىنىمىزنى بىلىشمەي دۇنيا ، مۇھەببەت توغرىسىدا پاراڭ قىلىشىپ گىپىمىز تۈگۈمەيتتى.
بىر كۈنى مەن تۇيۇقسز ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراپ باقماقچى بولدۇم :
-دىسەم دىمىسەم ئىسمىڭىز بەلكىم بەك سەتقۇ سىزنىڭ !؟ھە؟ دىدىم چ چ دا خەت يىزىپ .
-شۇنداق شۇنداق !سەتلىكىىدىن ئېغىزىمدىن چىقىرالمايمەن دەڭا ! دىدى ئۇمۇ چاقچاققا چاققچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ
-ئۇھ !شۇنداقمۇ ، ئەمسە ئۆيدىكىلىرىڭىز سىزنى قانداق چاقىرىدۇ؟
-توۋۋا! قىزىم دەپ چاقىرىدۇ شۇ !
-ھاھاھا.....
شۇنداق دەپ ئۇنىڭ بىلەن بۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ بىرەر سائەتتە ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ زىلالە ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى ،
-ھەراسىت دېدى قىز تۇيۇقسزلا ، سىز خوتەندىن ئەمەستۇ !؟
-موللاممۇ مۇ يا دادىڭىز سىزنىڭ !؟
-ياقەي مۇنداقلا سوراپ قويدۇم ! راسكەندە ھە؟
-ھەئە مەن خوتەننىڭ *** ناھىيىسىدىن !
-ھە؟! ئۇ تەرەپلەردە بىزنىڭ تۇققانلار بار ئىدى راسىت ، ئەمما مەن بەك كەم چىقىمەن ئۇ يەرگە !
پاراڭلىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەي تۇراتتى !
تۇيۇقسز مەندىن رەسىمىننى سوراپ قالدى ئۇ، مەن بىر پارچە رەسىمىنى ئېۋەتىپ بىرىپ تۇرۇشۇمغا ئۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇردى : !
-سىز مىنىڭ بىر ئاكامغا بەك ئوخشايدىكەنسىز !
-شۇنداقمۇ ؟
-ھەئە! قۇيۇپ قويغاندەكلا جۇمۇ !

بەلكىم مەن شۇدۇ !؟
-چاخچاق قىلماڭ ھە ، خاپا بوپ قالىمەن .
گەپتىن گەپ چىقىپ بىز تۇنۇش چىقىپ قالدۇق ، ئۇ راستىنلا بىزنىڭ باشقا بىر ناھىيدىكى تۇققىنىمىزنىڭ قىزى ئىكەن ،ئۇنىڭ دەۋاتقان ئاكىسى مەن ئىكەنمەن . شۇندىن باشلاپ بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز تېخىمۇ ئىچكىرلەپ قالدى، مەن قىزبالىنى كۆرسەم ۋابادىن قاچقاندەك قاچىدىغان ئادەم بۇ قىزنىڭ تاتلىق ،ئەمما دانا سۆزلىرىدىن ئېرىپ كىتىپ باراتتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا تېلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇردى ، بىز دائىم ئالاقە قىلىشىپ تۇردىغان ھەم يازلىق تەتىلدە بارغاندا چۇقۇم كۆرۆشىدىغان بولدۇق !
تەتىلدە ياتاقتا مەنلا يالغۇز بولغاچقا ، ياتاق بەك ئىسسىق ئەمەس ئىدى،2-ئايلاردىكى خاربىن بەكمۇ سوغوق بولوپ ، قىشنىڭ ئاداققى كىچىلىرى مەن كىچىلەپ يۆتىلىدىغان بولوپ قالدىم .نەچچە رەت دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئېلىپ يەپمۇ باقتىم ، ئەمما بىر ساقىيىپ كىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، دائىم يانپاشلىرىم ماغدۇرسىزلىىپ بىرخىل بىئارام بولىدىغان بولوپ قالغان ئىدىم ،
تەتىل تۇشۇپ مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئالدى كەينى تەڭشىلىپ بولغىچە ياتاقتىكلەر بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە يغىلىش ئولتۇرۇرۇشى قىلدۇق ، ئەلۋەتتە گىتتار چالالايدىغان مەن بۇ سۇرۇندا كەم ئەمەس ئىدىم ، شۇنداق قىلىپ مەن نەدە شىنجاڭلىق بالىلار ئولتۇرۇش قىلسا شۇ يەردە گىتتار چالىدىغان «گىتتارچى »«سازچى»بولدۇم ، چىقمىسام ھەممەيلەننىڭ مەندىن خاپا بولىشى ئېنىق ئىدى .
كۈتمىگەن ئىش ئاخىرى يۈزبەرى ،
بىر كۈنى «شەنبە كۈنىغى دەيمەن » ياتاقتا بىر نەچچەيلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرساق نىجاتنىڭ تېلفۇنى سايراپ قالدى ، ئۇ تېلفۇننى قۇيۇپ مىنى پەستە بىر نەچچە قىزنىڭ چاقىرۋاتقانلىقىنى دېدى !
بۇ گەپ ياتاققتىكىلەرگە بولوپ بىرىىپ ،ياتاققا شۇ ھامان ئوت كەتتى :
-ۋاھ ۋاھ ۋاھ ! مەن دىمىگەنمۇ ؟ قىزلار نىڭ كۆرىدىغان كۈنى بار ئەمدى !
-شۇشۇشۇ ! ئەسقەرجان ئۇكام ، ماڭقايلىسلا ! ئوغام بالا بولغاندىكىن بىر ئىچچى-مىچچى قىلىپ ئولتاماي شوخ بولاڭلا جۇما !
-شۇشۇ.....
ياتاقتىكىلەر ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ، مەن تاقىتىم تۇشۇپ چىقىپ كەتتىم ، پەسكە چۈشسسەم ، بىر بىرىدىن چىرايلىق ئۈچ قىزچاق ساقلاپ تۇرۇپتۇ .ئادەتتە مىنى كۆرسە ئاسماندا بىر نىمە كۆرگەندەك ماڭىدىغان بۇ خېنىملار بۈگۈن بەك سىپايە بولوپ كىتىپتۇ، ماڭا ئاۋال سالام قىلدى !
-ئىنىم ،ئەسقەر ، سىز گىتتارنى بەك ياخشى چالىدىكەنسىز ، ئەتە دوستۇم زۇلپىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدىم ،ئەگەر خالىسىڭىز سىزمۇ چىقىپ بىر نەچچە پەدە ناخشا ئېيتىپ بەرسىڭىز ! سىزدىن خوش بولوپ قالايلى !
مەن سەل تەمتىرەپ قالدىم ، ئوغوللارغا يەتمىگەندەك ،ئەمدى بۇ نىمە بولغىنى دەپ ئىچىمدە غۇدۇراپ قۇيدۇم.
-بۇ ؟ بۇ! مەن .--مەن ....
-بولدى ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن گاچچىدە ماقۇل دەڭ ! بىز دېگەن سىزنىڭ ئاچا -ھەدىڭىزچە بار ئادەم ، چوڭلار گەپ قىلسا قايتۇرسىڭىز سەت بولىدۇ جۇمۇ !
مانا ئەمدى رەسمى قىسماققا تۇتۇلدۇم ! ماقۇل دىمەي نىمە چارە ، مەن ماقۇل دىگەن مەنىدى باش لىڭشىتتىم ،ئۇلار خۇشاللقتا چۇرقىراقىنىچە كىتىپ قالدى!
ياتاققا كىرىپ نىمىش بولغانلىقىنى دەپ بولغىچە لاۋزا پاراڭ بىراقلا ئەۋجىگە چىقتى ، مەن بىزار بولوپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم ، مەكتەپنىڭ خالى بىر يىرىگە كىلىپ تاماكامنى تۇتاشتۇردۇم ،ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولوپ قالغان ئىدى ، نىمىلەرنى خىيال قىلغىنىم ئىسىمدە يوق ئىشقىلىپ شۇيەرە تا كەچ كىرگىچە تۇرۇپتىمەن ، كەچتە نىجات مىنى كەچلىك تاماققا توۋلاپ تىلفۇن قىلغاندا ئاندىن ئىسىمگەكىلىپ قايتىپ كەتتىم !

ئۇرنىمغا كىلىپ ئۇلتۇردۇم ، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ زىلالەگە تېلفۇن قلدىم ،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


مانا كۈنلەر شۇنداق ئۆتمەكتە ، يۆتىلىم كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بەكمۇ قىينىلىپ كىتىپ باراتتىم ، ئۆزۆمچە بۇ يەر سۇغۇق بولغاندىن كىيىن سوغوق تىگىپ قالغان بولسا كىرەك دەپ ئۇيلاپ يۈردۈم ، ياتاقتىكىلەرمۇباشتا كۆڭۆل بۆلۈپ بىرنىملەرنى دەپ باققان بولسىمۇ كۈندە يۈتلىپ تۇرغاچقا ،كۆنۆپ قالدىمۇ ئارتۇق بىرنىمە دېمىدى ،

شۇنداق قىلىپ مىنىڭ بۇ ئوقۇش يلىم كۆڭۈلسىز بىر يىل بولوپ ئاخىرلاشتى ،ئەمما مەن بۇيەرگە كىلىشتىكى مەخسىتىمگە ئازراق بولسىمۇ يەتكەن ئىدىم،ھازىر رەيھان چۈشۈمگە كىرىپ قالىمىسىلا  ئالدىراپ خىيالىمدىن كەچمەيتتى .
ئەتە ئۆيگە ماڭىمىز دىگەن  كۈنى كەچتە ھېلىقى كۈنى مەن بىلەن تاڭسا ئوينىغان قىز__ زۇلخۇمار .مىنىڭ شۇ كۈنى ئولتۇرۇشتا ئۇنتۇپ قالغان گىتتىرىمنى ماڭا ئەكىلىپ بەردى  ئۇچاغلاردا مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھىچقانداق ئارتۇق خيال بولمىغاچقا باشقا  ئىشلارنى ئويلىمايلا،گىىتارنى ياتاققا تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپ قاپتىمەن ،
ئۆيگىمۇ كەلدىم ، دادام -ئاناملار  بىلەن كۆرۆشۆپ ، تۇققانلار كىلىپ دىگەندەك ھەپتە ئۆتۆپ كەتتى ،مەن شۇ ئارىدا زىلالە بىلەن  پەقەتلا ئالاقە قىلالمىدىم .بىر كۈنى كەچتە دادام ماڭا ئەزىز «مىنىڭ ئانا تەرەپ تاغامنىڭ ئوغلى »نىڭ تويى بولىدىغىنى ھەم مىنىڭ خالىسام بىللە بېرىشىمنى دېدى ،ئۆيدە زىرىكىپ تۇرغاندا بۇ گەپ ماڭا مايدەك ياقتى ، شۇڭا   مەنمۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم .
بىر نەچچە كۈندىن كىين داداملار بىلەن تويغا بىللە باردىم، لىكىن مىنىڭ بىرەر تۇنۇشۇم بولمىغاچقا، تويمۇ ماڭا تازا خۇشياقمىدى، ئامالسىز سىرتتا ئايلىنىپ يۈردۈم ، مەن يول بۇيىدىكى توغرا قۇيۇلغان ياغاچ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم ،بىر چاغدا بىرسى قارا دىگەندەك بولوپ بىشىمنى كۆتۆرۆپ قارىسام ئالدىمدا پەرىشتە سۈپەت بىر قىز تۇرۇپتۇ ، مەن دەماللقا تۇنۇيالمىدىم ، ئۇ ئېغىزنى تۇتقانچە يانگە قاراپ كۈلۈشكە باشلىدى، ھەجەپ تۇنۇش كۈلكە،بۇ زادى كىم بولغىيدى؟
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !دېدى قىز ئاغزىنى ئۆمچەيتكىنىچە .
-ۋە..،ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام !سىز ...؟مەن يەنىلا تۇنۇيالمايۋاتاتتىم !
-ئەسقەرجان ئەپەندىم ، مىنى تۇنۇمىدىڭىزمۇ؟ياكى قەستەن .....!!
-ھە؟زىلالە؟
توغرا ، زىلالە دائىم مىنى ئەپەندىم دەپ چاقىرىدىغان ، ئەمدى ئىسىمگە كەلدى !
-قانداق ؟ياخشى تۇردۇڭىزمۇ؟كەچۈرۈڭ پەقەت تۇنۇماپتىمەن !
-ياخشى!مەنمۇ خاتا تۇنۇپ قالماي دەپ ئا تەرەپتە خېلى ئۇزۇن تۇردۇم !
ئىككىمىز بىر پەس كۈلۈشۈپ  كەتتۇق !
  شۇ كۈنى ئۇمۇ ئۆيدىكىلرى بىلەن تويغا چىقىپتىكەن،تەقدىر قىسمەت دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك . شۇنىڭ بىلەن بىز  تويغا كىرمەي ، سىرتتا مۇڭدىشىپ ئۇلتۇردۇق ، ئۇ ناھايتى چىرايلىق ئىدى ، ئىككىمىز خۇددى قەدىناسلاردەك ئەركىن -ئازادە پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق .
راستىمنى دىسەم ئۇنىڭغا توردا مەپتۇن بوپ قالغىنىمنى ياكى شۇ كۈنى مەپتۇن بولوپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.
مانا  شۇ توي بىزنى تۇنجى ئۇچىراشتۇردى ، شۇنىڭدىن كىين مەن ئۇنىڭغا كۈندە دىگۈدەك تېلفۇن قىىلىپ ئۇچۇر يېزىپ تۇردۇم ، ئۇمۇ ماڭا شۇنداق قىلدى ، ئارىدىن 15 كۈن ئۆتۆپ مەن ئۇنى يوقلاپ باردىم ، ئىككىمىز باغچىغا كىرىپ يەنە ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭ قىلىپ ئولتۇردۇق ، گېپىمىز ھىچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس .كەچ كىرمىگەن بولسا ئۇيەردىن ھەرگىز يېنىپ  چىقمايتىم .
بۇ تەتىل مەن ئۈچۈن خېلى كۆڭۆللۈك بىر تەتىل بولدى ، رەيھانگۈلنىمۇ قايتا ئۇچىراتمىدىم ، پەقەت بىرلام ئىش مىنى قاتتىق ئەنسىرەتكەن ئىدى.
     ئۇكۈنى داداملار ئەتتىگەندىلا سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى ، مەن ئۆيدە يالغۇز قالغان ئىدىم ، تېلۋىزۇر كۆرۆپ ئولتۇرۇپ ئۇسساپ كىىتپ ، توڭلاتقۇدىن ئازراق سۇ ئالماقچى بولوپ ئاغزىنى ئىچىشىمغا ماڭا نەدىن كەلدى ، قاتتىق بىر يۆتەل .....، قېقىلىپ بولالماي قالدىم ، شۇنچە ئۇزۇندىن بىرى يۆتەلسەممۇ بۇنداق قاتتىق يۆتەلمىگەن ، ئاغزىمنى توسقان قۇللىرىمغا قان يۇققاندا ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن  «مىنىڭ قاندىن قۇرقۇش كىسىلىم بائىدى».

  شۇ كۈنى ھەرنىمە بولسا يۆتەلگەنچە ياتاق ئۆيۆمگە كىرىپ ياستۇققا بېشىمنى قۇيغاندەك ھالەتتە  ھۇشۇمدىن كىتىتىكەنمەن ، ئاناملار قايتىپ كىلىپ مىنى ئۇخلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ تېلۋىزورنى ئۆچۆرۆپلا چىقىپ كىتىپتۇ .ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كىيىن ھۇشۇمغا كەپتىمەن ، پۇت قۇلۇمدار جان يوق ، ئاناملارنى كۆرۆپ قالسا قۇرقۇپ كىتەمدىكىن دەپ پۇتۇمنىڭ ئۇچچىدا دەسسەپ چىقىپ قۇلۇمنى، ئېغىزىمنى يۇيۇپ كىرىپ يەنە ئۇخلاپ قالدىم ......
    ماڭىدىغانغا ئاز قالغان چاغدا مەن ئاخىرقى قېتىم زىلالەنى يوقلاپ باردىم ، ئۇمۇ ماڭىدىغىنىمنى بىلگەچكە مەن بىلەن كۆرۆشمەك بولوپ تۇرغان ئىكەن ، ئىككىمىز بىر بىللە بازار ئايلاندۇق ، باغچىلارغا كىرىپ ،كەچتە دەريا بويىغا كىلىپ توختىدۇق ،سەككىزىنچى ئاي مەزگىلى، كەلكۈن سۈيى بىلەن تېخىمۇ ئۆركەشلەپ ئاققان يۇرۇڭقاش دەرياسى ماڭا بىرنىمە دىمەكچى بولغاندەك قاتىتىق -قاتتىق چايقىلاتتى ،
ئەنە شۇيەردە مەن ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم ، ئۇمۇ مىنى قۇبۇل قىلدى ، ئىككىمىز ۋىسال شارابىنى قانغۇچە ئىچىپ،مەڭگۈ بىللە بولوش تۇغرىسدا ۋەدىلەرنى بېرىشىپ قالدۇق ، بىر قىتىم ئازار يىگەچكىمىن كۆڭلۈم بۇرۇنقىدەك ئۇچۇق ئەمەس ئىدى، ئەمما مەن ئاشۇ زۇلمەتلىك كۈن ،ئەسلىمىلەرنى ئۇنتالىغىنىمغا خۇش ئىدىم ، ئايمۇ بىر خىل سۇس نۇر چىچىپ تۇراتتى
مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم ، بۇيىل يەنە بىر مۇنچە يىڭى ئۇقۇغىچىلار كەپتۇ ، مەن پەقەت يۇتداشلىرىم بارمۇ يۇقمۇ دەپ سۈرۈشتە قىلغاندىن باشقا ئىشلارغا دىققەت قىلماپتىمەن ،
ئۇقۇش باشلاپ تۇرمىشىمىز يەنە ئەسلىدىكى رىتىمغا كەلگەندە    
ئۇقۇش باشلاپ ھەپتە ئۆتكەندە مىنىڭ قەشقەرلىك ياتاقدىشىم ئىليار:
-ئىنىم ئەسقەر ، بولسا ماڭا مۇشۇ گىتتار چېلىشنى ئۆگۈتىپ قۇيساڭكەن ،دەپ قالدى، !
-مىنىڭ بۇيىل مۇشۇ گىتتار بىلەن بىر ئادا جۇدا بولغىم بار دېدىم مەن ،خۇددى گىتتار قۇلۇمغا چىقسا ماڭا بىر ئاپەت كىلدىغاندەك ھېسياتتا ،
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ، ماڭا پەقەت ئازراق كۆرسىتىپ قۇيساڭلا ئۆزۆم ئۆگۈنىۋالىمەن . _
نا ئىلاج گىتتارنى يەنە ئالدىم ، ئەمدى قېپىدىن ئىلىپ تۇرۇشۇمغا ئىچىدىن بىر پارچە كونۋېرت چۈشتى ، مەن سەل ھەيران قالدىم ،ئالمان تالمان ئېلىپلا تارتمامغا سېلىۋەتتىم ،ئاندىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك  ئۇنىڭغا ئۆگىتىشكە باشلىدىم :- - مانا مۇنداق تۇتىسە، بۇ خىل تۇتۇشنى «گ» دەيمىز...........

تاماقنى تىز -تىز يەپ ، ھەممىدىن بۇرۇن  ياتاققا كەلدىم ، پۈتۈن ئەس يادىم ھېلىقى كانۋىرتتا قالغان ئىدى،شۇڭا  كىرىپلا خەتنى ئالدىم -دە كارۋاتقا چىقىپ ئۇقۇشقا باشلىدىم .
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەسقەر:
.......................................................
سىزگە دىيەلمەيۋاتقان گەپلىرىمنى خەت ئارقىلىق دىمەكچى بولدۇم ، راستىمنى ئېيتسام سىزنى بىرىنچى قېتىم كۆرۆپلا ياختۇرۇپ قالغان ئىدىم ،سىزنىڭ دائىملا كۈلكە ئۈزۈلمەيدىغان خۇش تەبەسسسۇم مىجەزىڭىز ماڭا يېقىپ قالغان ،سىز مەندىن بىر يىل كىيىن ،ھەم مەن قىزبالا بولغاچقا بۇ خىل ھېسياتىمنى يۇشۇروپ كەلگەن ئىدىم ،ئەمما سۆيگۈ ئۇتى بەك يامانكەن ، سىزنى ياخشى كۆرگەن بۇ يۈرۈكۈم چىدىمىدى ،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،سىزدىن بىر ياش چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنلا  مىنى رەت قىلماسلىقىڭىزنى سۇرايمەن، ياخشىراق ئولىشىپ تەتىلدىن يېنىپلا ماڭا جاۋابىنى بىرىۋەتسىڭىز ،مىنىڭچە بۇ تەتىل سىزگە ئويلىنشقا تۇلۇق يىتىدۇ ،  
.........................
زۇلخۇمار
*******************************************************************
ئەمدى چۈشەندىم ، نىمە ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى ئۇ قىزنىڭ ماڭا يىراقتىن سىرلىق قاراشلىرىنى ...............، توۋۋا ، مەن ئەمدى ، .................مەن زادى قانداق قىلىشنى بىلمىدىم . :
خەتنى كۆرۆپ خىيالغا چۆكۆپلا كىتىپتىمەن ، ياتاققا بالىلار ئولاش چولاش ۋارقىرىشىپ كىرگەندە ئاندىن ئىسىمگە كەلدىم ، ئەڭ ئالدىدا كىرگەن نىجات مىنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۆپ قالدى :
-ئوھ!!!!!!!!! ئۇكام ئەسقەر ، نىمە بولغانسە ؟ ساڭا نىمە دەرت كەلگەندۇ دەپ ئاۋازىنى قەستەن يىغا ئارلاش چىقىرىپ ئالدىقى كۈنى كۆرگەن دوپپا دىگەن ئېتوتتىكى ئادىل مىجىت تاغامدەك مىنى ساز قىلىشقا باشلىدى .باشقا بالىلارغا بالىلارغا بۇ ئىش بوپ بەردى :
-مەن بىلىمەن ، مەن بىلەمىن ،ئاسقارجانگە بىر قىزنىڭ سەۋداسى چۈشتى ،ئۇنى مېندىن باشقا ھېچكىم بىلمىيدى ، -دېدى  غۇلجىلىق بىر ئاداش قازاقچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ.كۈلكىدىن ياتاق ئۆرلىپ كىتەي دېدى ،
-سىنى -زە، بىرنەچچەسى تالىشىپ قاپتۇ-دە، بولدى ئۇكا ، بۇنداق ئازاپلىنىپ ،خىيالنى جىق قىلماي بىزگە بىررەردىن تارقىتىۋەت، قىز ئارتۇق بولسىمۇ بىر جاپا!
-شۇ شۇ ................
ئادەتتە مىنى دائىم مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن چېقىۋېلىپ ئۆزىنى خۇشال قىلىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن  بۇلار ھېچ  بىر توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن بايامقى ىەت مىنى سەل باشقىچە قىلىپ قۇيدىمۇ ياكى ماۋۇلارنىڭ گىپى ئېغىر كەلدىمۇ بىلمىدىم ، ئەزەلدىن چوڭ ساناپ گەپ ياندۇرماي كەلەەن بۇ بۇرادەرلەرنىڭ گىپگە بىر گەپ ياندۇراي دەپ ،ئېغىزىمىنى ئەمدى گەپكە ئۆمەللەۋاتسام ،ماڭا تۇيۇقسىز كەلگەن يۆتەل مىنى ئېغىز ئاچقىلى قۇيماستىن جېنىمنى قىيناپ كەتتى ،مەن يۆتەلدىن كارۋاتتا ئۇيان بۇيان ئۆرۆلۆپ كىتىپ باراتتىم ،بۇنى كۆرگەن نىجات باشقىلارغا خاپا بولغان تەلەپپۇزدا دېدى :
-بولدى قىلىڭىلار دىسەم ئۇنىمايسىلەر.مانا گىپىڭلار ئۇكامغا سوغاق كەلدى !

شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپ ئىچىدە ئەركىن ئازادە يۈرەلمەيدىغان بولدۇم ، بىر شەنبە  كۈنى  ئچىم پۇشۇپ كىتىپ  تورخانىغا ماڭسام مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن قاتقان زۇلخۇمار ئۇچىراپ قالدى .ئۇنى كۆرۆپلا  قەستەن ئۆزۆمنى قاچۇرۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم .
-ئەسقەر ، ...........،ئەسقەر !
مەن ئاڭلىماسقا سېلىپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كەتمەكچى بولدۇم ،ئەمما ئۇ كەينىمدىن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك يىتىشىپ ئالدىمنى توسىدى
-سىزنى چاقىرسام نىمە دەپ توختىمايسىز ؟ _
-مەن .. ، مەن ئاڭلىپاپتىمەن . قىپقىزىل يالغانىدىن بىرنى سالدىم .
ئۇ يەرگە قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كىين كەسكىن ئاھاڭدا دېدى :
-ۋاختىڭىز چىقسا بىللە تاماق يەپ كەلسەك قانداق ؟
-مىنىڭ ئازراق ئالدىراش ئىشىم بارئىدى ، باشقا كۈنى مەن سىزنى چۇقۇم مىھمان قىلاي !
-دىسەم دىمىسەم يەنە شۇ تۇرخانىغا ماڭدىڭىز ھەقىچان ، شۇ يەرگە كەتكەن  ۋاختڭىزدىن ئازراق چىقارسىڭىز بولمامدۇ ؟
مەن ئەمدى نىمە دىيىشنى بىلمىدىم ، نىمە دىگەن بۇنداق تارتىشىپ يۈرۈش ئاقلىلانە چارە ئەمەس ئىدى ،گەپنى ئۈزۈۋەتمەي بولمايتتى ، شۇڭا مەنمۇ ئارتۇق تارتىنمىدىم .ئۇنىڭغا ئەگەشتىم
***************************************************************
- سىزگە يازغان خېتىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
مەن باش لىڭشىتىپ قۇيدۇم،
-ئەمسە يەنە نىمە دەپ مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۈرۈسىز ؟
-مەن ئۆزۆمنى قاچۇرمىدىم ،ھەم ئۇنداقمۇ قىللالمايمەن !
-قانداق؟
-سىز خېتىڭىزدە دىگەندەك .مەن سىز ...........
بىر ئاز سۈكۈ تتىنى كىيىن ئۇ ئېغىز ئېچېىپ قالدى :
-يا بولمىسا سىزماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟
- ياق بۇ ئىشەنمىگىنىم ئەمەس !
شۇ تاپتا ئۇنى مىنىڭ سۆيگۈنىم بار دەپلا رەت قىلىشنى ئويلىدىم ،ئەمما مەنمۇ بىر مۇھەببەتلىشىپ باققان ئادەم بولغاچقا بۇنداق زەربىنىڭ قانداق ئېغىز بولىدىغنىنى ماڭا ئايان ئىدى ؛
-ئەمسە سىزنىڭ ماڭا قارىتا باشقا پىكىرىڭىز بارمۇ؟
-ياق !
ئۇ سەل جىمىپ قالدى ،ئاندىن يەنە:
-سىزمۇ بىر ھسسياتلىق ئادەم ، دىمىسەممۇ چۈشىنىسىز ، مەن دىگەن بىر قىز ،شۇنداق تۇرۇپ قىزلىق غۇرۇرۇمنى قايرىپ قۇيۇپ سىزگە كۆڭۆل بەرگىنىمدىنلا سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىننىمنى بىلسىڭىز بۇلىدۇ !مەن يەنىلا سۈكۈتتە ئۇلتۇردۇم ، كاللامدا ھچىنىمە يۇق قۇوقۇرۇقلا بوپ قالغان ئىدى ،
-ئەگەر سىزگە مىنىڭ بىر يېرىم ياقىمىغان بولسا دىسڭىز مەن چۇقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۆزگەرتىمەن ، ماقۇلمۇ؟
مەن ئەمدى تاقەت قىلالمىدىم ، بىراقلا دەۋېتىپ ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرماقچى بولدۇم :
-كەچۈرۈڭ ، سىزمىنى تاللاپ خاتا قىلدىڭىز ، مىنىڭ قىز دوستۇم بار ، مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن ، مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەيمەن ، شۇڭا سىز ئەمدى بولدى قىلىڭ!
ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىدى ، بىردەمدىلا لەۋلىرىنى بۇيلاپ كۆكسىگە چۈشتى ، مەن ئۇنىڭغا بىر پارچە قەغەز ئۇزاتتىم ، دەل شۇ پەيتتە يۇققىقرى يىللىقتا ئۇقۇيدىغان غەيرەت باشلىق بىر نەچچەيلەن بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئۆتۆپ كەتتى ، غەيرەت بىزنى كۆرمىدى ،ئەمما كەينىدىكىلەر خۇددى مىنى يەۋېتىدىغاندەك قاراپ ئۆتۆپ كىتىشتى ،
- سىزمنى ئالدايمەن دىمەڭ ! مەن سىزنى ئوبدان بىلىمەن ، بۇ بىر يالغانچىلىق ، مىنى ئالداپ بولالمايسىز !
مەن سەل چېچىلىپ قالدىم ،
-ماڭا ئىشەنمەي تۇرۇپ مىنى يالغانچى كۆرۆپ ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز ، سىز ئاستا كىينىڭىزگە يېنىڭ !
شۇنداق دەپلا تاماقنىڭ پۇلنى تۆلەپ يېنىپ چىقتىم ، تورخانىغىمۇ بارماي ئۇدۇل ياتاققا قايتىپ كەتتىم !كىرىپلا زىلالەگە تىلفۇن قىلدىم !
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،   
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۇپسىزمۇ ؟
-ھەئە شۇنداق ياخشى ، ئۆزىڭىچۇ ،؛دېدىم مەن !
-مەنمۇ ياخشى ، تېخى ھازىزلا سىزگە دەي دەپ تېلفۇن قىلماقچى بولغان خۇش خەۋەر بار ئىدى !
-شۇنداقمۇ ؟نىمە خۇش خەۋەر ئۇ؟
ئۇ بىىردەم كۈلۈپ ئاندىن دېدى :-
-مەن ئالى مەكتەپكە ئۆتتۆم ، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ماڭىمەن !
-راستمۇ؟ مۇبارەك بولسۇن ،قەيەرگە ئۆتۆپسىز ؟
-سانجى سىفەنگە.
...........................
ئۇ بۇنىڭدىن بەك خۇشال ئىدى ، مەنمۇ خۇش بولدۇم ، ئارلىقىمىز يەنە بىرقەدەم يېقىنلىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، ئۇنىڭغا يولدا دىققەت قىلىش ، قانداق تەييارلىق قىلىش ھەققىدە ئازراق بەردىم ، شۇلارنى دەۋېتىپ يانپېشىم ئاغرىپ كەتتى ، بېقىنمغا بىرسى پىچاق تىققاندەك بولوپ يەردە دومىلاپ كەتتىم ، ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىين بالىلار كىرىپ مىنى مەكتەپ دۇختۇرخانىسغا ئىلىپ كەلدى، ،دوختۇر بۇنى كۆرۆپ :
-سىلەر شىنجاڭدىن كەلگەن ، بۇيەرگە يات، بۇيەر شىنجاڭدىن سۇغۇق، خاربىندا قېلىنراق كىينمەي يۈرسىڭىز مۇشۇنداق سۇغۇق ئۆتۆپ بېقىنى قاداقلىشىپ ئاغرىپ قالىدۇ، بۇ نۇرمال ئەھۋال ، سىزگە ئازراق زۇكام دورىسى بىرەي ، قېلىنراق كىيىنىپ ،ئىسسىق يۈرۈڭ!
شۇنداق دەپ ئاراق دۇرا ئېلىپلا  چىقىپ كەتتۇق .
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۆپ زۇلخۇمار بىلەن مەكتەپ ئاشخنىسنىڭ ئالدىدا يەنە ئۇچۇرىشىپ قالدۇق ، مەن ئۆزۆمنى شۇنچە ئۆزۆمنى قاچۇرساممۇ، ئۇ يەنىلا مىنى قىستاپ كەلدى  :  
-ۋاختىڭىز بولسا بىز پاراڭلاشسساق بوپتىكەن ! دىدې ئۇ كۆزۆمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ  بىر خىل يالۋۇرۇش تەلەپپۇزىدا .
-كەچۈرۈڭ ، مەن ھازىر بەك ئالدىراش ، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلمىسڭىز .
-جىق ۋاختىڭىزنى ئالمايمەن .بولامدۇ؟
مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئاشخانىغا ماڭدىم ، ئۇ كەينىمدىن كىلىپلا قۇلۇمنى تۇتىۋالدى ، مەن ئاچچىقىمدا قولۇمنى بىر سىلكىۋېدىم ،ئۇ پەلەمپەيدىن يقىلىپ چۈشۈپ كەتتى ،مەن شۇئان كەينىمگە يىنىپ ئۇنى ئاۋايلاپ يۆلەپ تۇرغۇزدۇم .
-كەچۈرۈڭ، بىر يىرىڭىز ئاغرىمىغاندۇ ؟
ئۇ ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپلا يۈزىنى تۇسۇپ يىغلىغانچە  يۈگۈرۈپ ياتاق تەرەپكە  كىتىپ قالدى ، ئاشخنىغا كىرىپ چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆزى بىزگە تىكىلگەن ئىدى، مەن  بۇ ھالدىن سەل خىجىل بولوپ تاماقمۇ يىمەستىن ياتاققا كىرىپ كەتتىم ، ,
شۇ ئىش  بۇلۇپ ياندۇرقى شەنبە كۈنى كەچلىك تاماقنى نىجات بىللەن بىللە يەپ ئولتۇرساق بىر يۇققۇرى يىللىقتىكى بىرسى تەكەللۇپسىزلا  بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىپ ئولتۇردى دە:
- ئۇكام ، بۈگۈن كەچتە غەيرەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكزمەكچى بولغان ، سەن كىچىڭ بولساڭمۇ ئۇ سىنىڭ ھۆرمىتىڭىنى قىلىپ تەكلىپ قىلدى ، بېرىپ بىز بىلىلەن گۇڭ -مۇڭ ئولتاغاچ بىر پەدە چېلىپ بەرسەڭ ؟ .
مەن سەل ھەيران قالدىم ، غەيرەت !
ئىسىمگە بۇيىل مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ ، ئۇقۇش باشلاپ بولغىچە ئارلىقتا مەكتەپ ۋاسكىتبول مەيدانىدا بولغان بىر ئىش كەلدى، شۇ كۈنى شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلار جەنۇپ-شىمال كوماندىسى بولوپ مۇسابىقە ئوينىدۇق ، باشتا مەن كىچىك دەپ تۇۋېلىپ چۈشكىلى ئۇنىمىغان ئىدىم ،كىيىن باشقىلار مىنى سۆرەپ دىگۈدەك مەيدانغا ئىلىپ چۈشتى ، بۇيۇم خېلى ئىگىز ھەم توپ تېخنىكاممۇ يامان ئەمس بولغاچقا ، مەن كىرىپلا نۇمۇر پەرقىن خېلى زۇرايتتىم ، شۇچاغدا ،شىمال كوماندىسىدىن مىنى توراۋاتقان بىرسى چىدىماسلىق بىلەن مىنى پۇتلاپ يىقىتىۋەتكەن ئىدى ، مەن ئەمدى بىر نىمە دەي تۇرسام باشقىلار مىنى تۇتۇۋالغان ھەم بۇ غەيرەتنىڭ مىجەزى ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولما ، پايدا ئالالمايسەن دەپ مىنى ياتاققا ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن ، كىيىن نىجاتنىڭ دەپ بىرىشىچە غەيرەت بۇ مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ئەڭ ياۋۇزى بولوپ ، ئادەتتە باشقىلار بىلەن جىق ئالاقە قىلمايدىغان ، پەقەت ئۆزۆنى مەكتەپ ئىچىدە  «لاۋدا» ساناپ، كۈن بۇيى  بىر نەچچەيلەن بىلەن بىرگە يۈرۈدىغان ، بۇ يىللىق ئۇقۇش پۈتتۈرۈش سىنىپىدىكى بىرسى ئىدى.
-مەن ....مەن ، دېدىم مەن  يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، بۇنىڭ  تىگىدە بىر ئىش بارلىقىنىمۇ بۇرنۇم ئازراق پۇراق قالغانتى ،-مەن بارالماسمەنمىكىن ، مىنىڭ ئۇ يەرگە باغۇدەك  چوڭ يۈزۈممۇ يۇق، ھەم كەچتە ئازراق ئىشىم باتتى ،
-ئىشىم بار دىگىن ، دېدى ھېلىقى ئاداش دىمىغادا كۈلۈپ تۇرۇپ:-
-مەن غەيرەتنى دىمىگەن بولسام ھەرگىز بۇ يەردە جىق گەپ قىلىپ ئولتامايتىم ،ئۇ گەپ قىلسا ئىشىم با دەيدىغانلا يۇق بۇ مەكتەپتە ! :
ئۇنىڭ گىپى بىرخىل تەھدىد ئارلاش ئىدى، نىجاتمۇ  ئىشنىڭ سەل چاتاقىلىقىنى ھىس قىلدى بولغاي  :
-بولدى ئۇكا ، ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دىگەن گەپ بار ، بېرىپ ئاڭاشلار بىلەن ئولتۇرۇپ كەل ، بۇمۇ بىر ھۆرمىتىڭ ! .
ئەمما مەن بايامقى گەپلەرنى ئاڭلاپ سەل خۇدۈكسىرەپ،قەتئى بارماسلىقنى نىيەت قىلىپ دېدىم:
-راستىنلا خىجىلمەن ، مەن راست چىقالمايمەن !
-بولدى ئۇكا ،دېدى نىجات ماڭا ، :-ئارتۇق تارتىنىشنى قۇيۇپ بىرىپ كەل ، چوڭلار گەپ قىلغاندا ياق دىمىگەن ياخشى.
ھېلىقى ئاداشمۇ نىجاتقا خۇددى سىنىڭ ئازراق ئەقلىڭ بار ئىكەن دىگەن نەزەردە يالغاندىن ھىجىيىپ ئۈلگۈردى .
شۇنداق قىلىپ ئىلاجىسىز باردىغان بولوپ دېدىم:
-ئەمسە مەن تاماقىمنى يەپ بولوپ ياتاققا كىرىپ كىيىمىنى يەڭگۈشلەپلا .....
-بولدى تاماقنى قۇيغىن دېدى ھېلىق بۇرادەر ،ئويەردىمۇ قۇرۇق ئولتامايمىز ، قۇرسىقىڭدىن غەم قىلما ، ھەراست گىتتارمۇ بار ، غەيرەتلار سىرتتا ساقلاپ قالدى ، بىز يەنىلا تىزراق  ماڭايلى .
مەن نىجاتقا قارىدىم ، ئۇمۇ ئامالسىزلىق چىقىپ تۇرغان چىراي بىلەن مىنى بىرىشقا ئىما قىلدى ،مەن ئامالسىز ئۇنىڭغا ئەگشتىم .
مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر پارچە كەڭ سەينا بار ئىدى،ئۇ يەرلەگە ئەتراپىغا ئارچا تىكىپ ئىچىنى قۇرشاپ ،ئارىسىغا ئۇيەر- بۇيەرلەرگە تاشتىن ياسالغان ئۈستەل قۇيۇلغان بولوپ ئاستى سۈنئى چىملىق قىلىنغان ، بۇنداق سۇغۇق  كەچتە كەمدىن كەم ئادەم كىلىدىغان جاي ئىدى ،  ئاشخانىسدىن چىقىپ سۇغۇق چىرايلار بىلەن كۈتۈپ تۇرغان غەيرەت باشلىق بىر نەچچەيلەن بىلەن بۇيەرگە كەلدۇق ، ئەتراپ بىرخىل جىمجىت ھەم سۇغۇق ئىدى، قۇلنى چىقارماقمۇ ئادەم تەس كىلەتتى ، مەن ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن مىنى بۇيەرگە ئەكلىلدىغانىنى ،نىمە ئۈچۈن شۇنچە "كاتتا"  تۇغۇلغان كۈنىنى بۇنداق يەردە ئۆتكۈزۈدىغىنى پەقەت چۈشەنمىدىم ،
ئۇلار باشتا مىنى بۇيەردە يۇقتەكلا كۆرۆپ ئۆز پاراڭلىرىنى قىلىپ چىملىقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر جۇپ تاش ئۈستەلنىڭ يىنىغا كىلپ توختىدى، قۇلدىكى سۇلياۋ خالتىلارنى ئېچىپ ئىچىدىن ھاراق ۋە باشقانەرسىلەرنى ئۈستەلگە تىزدى ، شۇندىلا ئۇلارمىنى ئىسىگە ئالدىمۇ قانداق ،مىنى ئەڭ ئاۋال ئولتۇرۇشقا «تەكلىپ »قىلدى ، مەن تارتىنپ تۇرسام قاپاق تۈرۈپ سەل توڭ تەگدى ، نىمىلا دىمىسۇن كونا  ئوقۇغۇچى ھەم ياشتىمۇ مەندىن ئىككى ئۈچ ياش چوڭ بولغاچقا ئارتۇق گەپ قىلماي بىر ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇردۇم ،ئۇلار جەمئى بەش ئادەم ئىدى .  
ئەمدى ئولتۇرۇپ  بولوشىمىزغا ، ھاراق ئايلىنىشقا باشلىدى ، ئسسىتىلغان ھاراق بولسا كىرەك ،ئىستاكاندىن ھور ئۆرلەپ تۇراتتى ،بايام مىنى باشلاپ كەلگەن ئاداش بۇيەردە ساقىلىق قىلىپ بىر ئىستاكان ھاراقنى كۆتۆرۆپ دېدى:
-ھە ،ئاغىنىلەر ، بۈگۈن بۇرادىرمىز غەيرەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى.؛ دېدى ئۇ ماڭا بىرخىل سەت ئالىيپ قاراپ قۇيۇپ؛:- بۇرادىرىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم ، بۇ سۇرۇننى مەشە قۇرۇشتىكى مۇددىئامۇ شۇ ! مەن ئاۋال بۇرادىمىنىڭ تۇغۇلغان كۈننىنى قۇتلۇقلايمەن ، غەيرەت ئاغىە ، تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن !

ھەممەيلەن تەڭلا ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قايتا قول ئېلىشىپ كۆرۆشۈپ بىر ئېغىزدىن مۇبارەكلەشتى ، مەنمۇ ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ قۇلۇمنى ئۇزۇتېۋىدىم ، ئۇزاتقان قۇلۇم ھاۋادا قالدى. كۆڭلۈم باشقىچە بىر شۇملۇقنى سەزگەندى،ئۆزەمچە شۈركىنىپ كەتتىم ئاستا ئورنۇمدا ئولتۇردۇم ، ھاراق ئايلىنىپ ماڭا كەلدى ، مەن ئۆزرە بىلەن ئىچمەيمەن دېدىم ،
-ھۇي ئۇكا ، بۇيەردە قاراپ ئولتاماي ئېىچپ قۇيسىڭىزا ،دېدى ساقى ماڭا تەنە ئارلاش .  
-مەن راسىت ئىچەلمەيمەن ، ھەم ئىچىپ باقىمىغان ،شۇڭا ......
-بولدى دېدى غەيرەت بىر خىل كەسكىن ھەم سۇغۇق تەلەپپۇزدا ؛-ئارتۇقى يوق بۇنىڭ ، ئىچمىسە مەيلى ، لىكىن بىزگە گىتتار چېلىپ ئولتۇرۇشۇپ بەرسۇن !
شۇنداق دەپ بولغىچە ساقى گىتتارنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ ئۈلگۈردى  ،مەن ئامالسىز  ئاستا چېلىشقا باشلىدىم ، شۇ تاپتا ئۆزۆمنى دۇنيادا ئەڭ بىچارە ئادەم ھېساپلايتىم ،بىر زامانلاردا ئاشىقلىق ، خۇشاللىق ئىلكىدە گىتتار چالغان مەن ئدىم ، كىين زىرىكىش ئىچىدە گىتتار چالغان مەن ئىدىم ، تەڭلىلىك ئىچدە گىتتار چالغان مەن ئىدىم ، مۇھەببەت ئۈچۈن گىتتار چالغانمۇ مەن ئىدىم ، لىكىن مەن بۈگۈن  .......  مەن نىمە قىلغىنىمغا بۇنداق خارلىنىمەن بۇيەردە ؟
كەچ كىرگەنسېرى سۇغۇق ھەدەپ ئەدەپ كىتىپ بارتتى ، گىتتار تۇتقان قۇلۇم بىردەمدىلا توڭلاپ -ئۇيۇشۇپ ،پەدىنى تۇتۇشقا كەلمىدى، لىكىن ئۇلارنىڭ  خىيالىدا يۇق ئۆزىنىڭ ئىشى،ئۆزىنىڭ گىپى بىلەن ئىدى ، قۇلۇم بەك توڭلاپ كەتكەنلىكتىنمۇ ياكى خىياللار مىنى ئەسىر قىلغانمۇ بىلىدىم . قۇلۇم توختاپ قاپتۇ ، ئۇلار بۇنى سېزىپلا ماڭا گەپ ئاتتى :- :
-نىمە توختاپ قالدىڭغۇ ؟
مەن تۇيۇقسقز ئىسىمگە كەلدىم ھەم قۇلۇمىنىڭ توڭلاپ كەتكىنىنى باھانىە قىلىپ دېدىم:
-قۇلۇم بەكلا توڭلاپ كەتتى ، چىدىمىدىم .
-ھۇھاھاھا !! ماگەپنى ، چىدىمىدىم دىگىن ، ئوغول بالا ئەمەس ئوخشايسەن ،شۇ ھالىڭغا كۆتۆڭنى قسىپ جىم يۈرسەڭچۇ بۇيەردە ئاتىكاچىلىك قىلپ يۈرگىچە .
مەن تىرىڭڭىدە بوپ قالدىم ، بۇ نىمە گەپلەر ئۆزى ،مەن نىمە قىپتىمەن ، ;
-سىنىزە دېدى يەنە بىرى ماڭا قۇلىنى چىنەپ قۇيۇپ:- بۇيەرگە ئەكەلسەك مىنى ھەممە ئادەم ئەزىزلەيدىغان بوپ كىتىپتۇ دەپ قالدىڭما؟ بىلىپ قۇي، سەندەك چۈپرەندىنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىمغا تەڭ قىلمايمەن مەن !
مىنىڭ راستىنىلا ئەجىلىم قالدىم  ،زەھەردىن ئاچچىق  بۇ گەپلەر نىرۋىلىرىمنى قالايمىقان قىلىۋەتتى ،ئاچچقىمدا گىتتارنى جۇزىغا قاتتىقراق قۇيۇپ ساپتىمەن ، بۇ ماۋۇ غەيرەت دىگەنگە بولوپ بەردى :
-ھەي ھارىمى ، ئۆزۆڭنى  نىمە چاغلاپ قالدىڭ ، ھىخ! مەنچۇ قارا سەندەك ماڭقىلار چالغان بۇ بىرنىمنى ؛-دەپ ئۈستەلگە قۇيۇلغان گىتتارنى بىر تىپىلا يەرگە چۈشۈرۋېتىپ ئۈستىگە كۈچەپ يانجىىپ :- پاچىغىم بىلەن چالىمەن ، جۇمۇ ! مىنڭ ئالدىمدا يۇغانلىق قىلپ مەن بىلەن ئۆزەڭگە سۇقۇشتۇرغىدەك بولدۇڭما ھەي تۈك!
    ئۇ شۇنداق دىگىنىچە بىگىز بارمىقى بىلەن بۇرنىمنى نۇقۇپ مىنى كەينىمگە بىر قەدەم داجىتتى ، مەن غەزەپ ئاچچىقىم بىلەن مۇشۇمنى تۈگدۈم ، ئەمما بۇلارنىڭ ئەلپازىدىن سەل قۇرقتۇم ، مۇش تۈگكۈنىمنى كۆرگەن غەيرەت تېخىمۇ چىچاڭشىپ كەتتى ، تۈز مۇش بىلەن مىنىڭ يۈزۈمگىلا بىرنى سالدى ، مەن تەڭپۇڭلىقىمنى يۇقىتىپ ،ئارقامدىكى ئۇرۇندۇققا پۇتلىشىپ يەرگە يقىلدىم، كەينىدىن ئۇيەنە مىنى بىر نەچچىنى تىپىۋەتتى،
-ھەي ھاراملىق ، ئاڭاڭ قارغاي بۇ مەكتەپنىڭ نوچىسى ، نەچچە يىلدىن بۇيان زۇلخۇمارنى دەپ تەنھا يۈرگەنمەن ،نەدە بىر تۈك مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئادەمنى ئاشخنىغا باشلاپ ، يېشىنى سۈرتۈپ ! مەن باشتا سىنى بىلسە كۆتىنى قىسىدۇ دەپ گەپ قلمىدىم ، ئالدىنقى ھەپتە ئۇنى ئاشخنىنىڭ ئالدىدا سەتلەشتۇرۇپسەن ، شۇنداق قىلىدىغانغا سەن كىمتىڭ زادى ! گەپ قىلە ھەي ھارىمى ! تخى مۇشۇڭنى تۈگۈپ كىتىپسىنا !؟
مەن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، ئازراق چۈشەندۈرمەكچى بولوپ ئېغىزمىى ئۆمەللەپ تۇرشۇمغا ئۇيەنە بىر نى تەپتى ، مەن قۇرسىقىمنى تۇتۇپلا قالدىم ،-ھۇت ئاناڭنى سەن ھارىمى مىنىڭ يۈزۈمنى تۆكۆپ بولدۇڭ بىلەمسەن؟ ، شۇنداق دىگەنچە يۈزۈمگىلا يەنە  بىرنى تېپىۋەتتى ، بۇرنۇم قاناپ بېشىم قايغاندەك بولدى ، مەن قاننى كۆرۆپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ، كىين نىمە ئىشلار بولغىنىنى بىلمىدىم ، قانچىلىك ۋاقىتتىنكىيىن ھۇشۇمنى تاپقىنىمنى بىلمەيمەن ، پۈتۈن بەدىنىم مۇز بولۇپ قاتقان ، ئەزالىرىم چانىۋەتكەندەك ئاغرىپ كەتكەن ئىدى ، مەن ئۆزۆمىنىڭ زادى قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلەلمىدىم  ، ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ باقتىم .ئەمما پۇتۇم ئۆزۆمنىڭ ئەمەس ، ئەتراپ بىرخىل سۇس يۇرۇق ، ھېچكىم يۇق بولوپ ، سۇنغان گىتتار بېشىمدىلا تۇراتتى ، ئۈستەلمۇ يۇغۇشتۇرۇلمىغان بولوپ قالايمىقان تۇراتتى .

مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ يانچۇقۇمدىم تېلفۇنىمنى ئېلىپ نىجاتقا تېلفۇن قىلدىم ،تىزلا ئۇلاندى .
-ۋەي......، كۈتۈپخانىنىڭ كەينىدە، ئاران شۇنىلا دېيەلىدىم ،
توۋۋا ،دەيتتىم ئىچىمدە ، چىن دىلىمدىن سۆيگەن ئادەم مىنى تاشلاپ كەتسە ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىم يىراقلاردا ، مەن ۋىسال ئۇتىدا پۇچىلىنىپ بۇيەرلەردە يۈرسەم ، ئەمدى بولغاندا باشقىلارنىڭ ماڭا تاڭغان مۇھەببىتننى دەپ مەن بۇيەردە كوچىدىكى لالما ئىشتلاردەك يەر باغرىلاپ ، باشقىلارنىڭ ئاياغ ئاستدا ئىزىىلپ يۈرسەم ، ئى ئولوغ ، كەرەملىك ئىگەم ، سەنمۇ منىڭ جېنىم بىلەن قىلىپ ماڭا ئېغىر كىسەلدىن ىرنى بەرسەڭ  ، يا پەرۋەردىگار، مەن ئالدىنقى ئۆمرۈمدە نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم ، نىمىمۇ قىلغان بولغىيتىم ، مىنىڭ پەقەت شۇ... پەقەت شۇ  بىرسىنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرۆپ ئۇنىغا ساداقەت  كۆررسەتكەن گۇناھىم بارغۇ؟گىتتارچالغان گۇنايىم بارغۇ ؟نىمە ئۈچۈن ؟...جېنىم ئانا ،مەن نىمانچە شور پىشانىدۇرمەن ! ماڭا  بۇ نىمە كەلگۈلۈك؟ يۈزۈمنى بۇيلاپ چۈشكەن ئىككى تامچە ھەسرەتكە تولغان سۇغۇق كۆز يېشىم مەڭزىمنى بۇيلاپ ئۇدۇل يۈرۈگۈمنىڭ ئۈستىگە تامچىلىماقتا ئىدى ،
شۇنداق ئاللاغا نىدا قىلىپ تۇرسام نىجات ياتاقىكىلەرنى باشلاپ يىتىىپ كەلدى ،ئۇمىنىڭ ھالىمنى كۆرۆپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى :
-ئاھ خۇدا ،بىچارە ئۇكام ساڭا نىمە بولدى ؟ مىنى كەچۈرگىن ، ئۇ شۇنداق دەپ مىنى باغرىغا بېسىپ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ،مەنمۇ بىر ھازاغىچە يىغلاپتىمەن .كىيىن باشقىلار مىنى يۈدۈپ ياتاققا ئەكەلدى ،بىز ياتاققا كەلگەندە سائەت ئاللىقچان كىچە ئىككىلەر بولوپ كەتكەن ئىكەن  ،دىمەك مەن شۇيەردە ساق 6 سائەت يېتىپتىمەن .
باشقلار ماڭا بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ بەردى ، مەن بىر يۇتۇم ئىچىپلا قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىم ، باشقىلار مىنىڭ مەيدەمنى تۇتېۋىلىشتى، مەن شۇ يۆتەلگەنچە قان تۈكۈرۈپ توختدىم ، باشقىلار بۇنى كۆرۆپ قۇرقۇپ كېتىششتى، نىجات مىنى دوختۇرغا ئاپارماقچى بولدى، مەن ئۇنىماي تۇرۇۋالدىم ، سەۋەبى ئۆزۆمىنىڭ راستىنلا شۇنداق كىسەل ئىكەنلىكلىمنى «بىلگۈم» يوق ئىدى، مەن بەك توڭلاپ كەتكەچكە نىجات مەن بىلەن بىرگە ياتتى ، قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۇيغانسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن ، ئۇلارنىڭ دىيىشچە مەن بەك قىززىپ كىتىپتىمەن ، قۇرقۇپ دوختۇرخانغا ئەكەلگەنىمىش ، كۈن ئاللىقاچان كەچ بوپ كىتىپتۇ، دۇختۇرلار مىنى بىر قۇز تەكشۈرگەندىن كىين مەكتەپنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ كەلسەم «ب تىپلىق ئۇلتۇرا ئاۋاز ئۈسكىنسى »دە تەكشۈرەرمىش ، مەن قەتئى ئۇنىماي تۇرۋالدىم، مىڭ تەستە تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ ، دوختۇرخاندىن بىر يەشىك دۇرا ئىلىپ ياندىم ،
ياتاققا كىرىپ بىرنىچى بولوپ قىلغان ئىشىم ئۆزۆمنىڭ ئەڭ ئامراق گىتتىرىنى چېقىش بولدى ، باشقىلارمۇ ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدى، شۇنىڭدىن كىيىن مەن ھېلىلا ئۆلۆپ كىتىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ . ئۆزۆمنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق تۇلا ئۇيلايدىغان بولوپ  قالدىم .

كىيىن نىجات ماڭا دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈنى زىلەلەنىڭ ماڭا تىلفۇن قىلغنىنى ،ئۆزىنىڭ شۇكۈنى بولغان ئىشلارنى ۋە ئۆزنىڭ كىسىلىم توغرۇسىدىكى گۇمانىنى  ئەينەن قىلىپ    دىگەنلىكنى سۆزلەپ بەردى ،توۋۋا ، نەچچە كۈننىڭ ياقى ماڭا تىلفۇنمۇ قىلىپ قۇيماپتۇغۇ ئەمسە؟ ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كىيىن ؟ كۆڭلۈم بىر خىل چىۋىن يەۋالغاندەك سەسكىنىپ كەتتى ، كۆڭلۈمگە بىر خىل گۇمان چۈشتى ، ئۇ ئۇ يەرلەرگە بېرىپلا ئۆزگىرەپ كەتمىگەندۇ ؟ ياق ،ياق ،بۇ مۇمكىن ئەمەس ، ھەرگىز ، گۇمان ئىماننى بۇزار دەپ مەن ئارتۇق ئويلىماي بولدى ،شۇنداق دەپ ئۆزۆمنى بەزلەپ بۇ ئۇيۇمدىن ۋاز كەچتىم ،
نەچچە كۈن ئۆتۆپ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم28 .ئۆكتەبىر كەلدى ، خۇداغا شۈكرى ، ئۇ ھەرنىمە بولسا ماڭا بىر پارچە ئۇچۇر يوللاپتۇ ، تىلفۇن قىلسام ئالمىدى.«بۈگۈنلا ئەمەس خېلى بولغان ئىدى ».
تۇغۇلغان كۈنىم بولغان  شۇ كۈنى زۇلخۇمار منىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇمنى سۇراپ نىجاتقا تېلفۇن قىلغانلىقىنى ، دەپ بەرمىگەندىن كىيىن  سالامىنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشۇنى دىگەنلىكىنى  دېدى . بۇ ئىشلاردىن مەن يەن بىر قىتىم ئېغىر  ئۇھسىنىپ قۇيدۇم . +++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

سىز ئۆپكە راكىنىڭ .ئاخىرىقى باسقۇچىغا بىرىپ قاپسسز، ئەمدى دوختورخانىدا يىتىپ داۋالانمىسىڭىز ھاياتىڭىزنى ساقلاپ قىلىش بىر قىيىن مەسىلە !!
مانا بۈگۈن مەن ئۇزۇندىن بىرى ئەندىشە قىلىپ يۇرگەن ئىش ئىدى . بۈگۈن مەكـتەپ تەنھەركت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ئىدى .مەن مىجەزىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىزنىڭ سىنىپتىكىلەرنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسدە قاراپ تۇرۇپلا شۇنداق كەتكۈزۇپ قۇيۇۋاتقانلىقىغا چىدىماي مەيدانغا چۈشتۇم،سىنىپ مۇدىرىمىز مىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىمنى بىلگەچكە باشتا ئۇنىمىدى .ئاخىر ئۇمۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئۇتتۇرۇپ قۇيىدىغىنىغا كۆزى ئلگەن بولسا كىرەك،گەپ قىلمايلا ماقۇل بولدى .
مانا مەن كىرىپلا 3نۇمۇرلۇق توپتىن 2نى تاشلاپ نۇمۇر پەرقىنى 10غا چۈشۇردىم. باشقا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىممۇ مەن بىلەن ماسلىشىپ كىتىپ باراتتى، مەن تۇيۇقىسزقۇرسقىمنىڭ  ئاغراۋاتقانلىقىنى سەزدىم ،ئاغرىق بىراقلا ئەۋجىگە چىقىپ قاتتىق يۆتىلىپ ،پۈتكۇل جاھان قاراڭغۇلاشقاندەك بىلىنىپ كەتتى ،مەن يەردە دومىلاشقا باشلىدىم ،
ساۋاقداشلىرىم مىنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ،سىنىپ مۇدىرىمىز :
- كەيىر، (ئەسقەردىمەكچى )، نىمە بولدۇڭ، بۇنىمە ئىش دەپ سورىدى ، مەندە جاۋاپ بەرگىدەك ماغدۇر نىمىش قىلسۇن،ئاغزىمدىن كەلگەن قاننى كۆرۆپ كۆزئالدىم بارا-بارا قاراڭغۇلىشىپ كەتتى ،
كۆزىمنى ئاچسام دوختۇخانىدا يىتىپتىمەن .ساۋاقدىشىم  ۋاڭ فىڭ ۋە باشقا بىرنەچچە كونا ئوقۇغىچىلار كارۋىتىمنىڭ يىنىدا ئۆرە تۇراتتى . ;نىجات ماڭا :
-كەچۈر ئىنىم ھەممىنى قىلغان مەن ،باشتىلا سىنى زورلىمىسام بوپتىكەن ،
مەن گەپ قىلماقچى بولدۇميۇ ئەمما لىۋىم مىنىڭ ئختىيارىمغا باقمايۋاتاتتى ،. شۇچاغدا بىر نەچچە دوختۇر كىرىپ .ئۇلارنى چىقىپ كىتىشكە بۇيرىدى ،ۋە مىنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كىيىن ،چىقىپ كەتتى ،مەن يەنە بىر قىتىم يۆتىلىپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ، بۇقىتىم يىنمدا زۇلخۇمار بىلەن سىنىپ مەسۇلىمىز تۇراتتى ، زۇلخۇمار چىقىپ مەسئۇل دوختۇرنى باشلاپ كىردى .مەن شۇچاغدىلا ئۆزۆمنىڭ قىياسىنڭ توغرا .ئكەنلىكىنى بىلدىم . دوختۇر يەنە داۋاملىق خىمىيىلك داۋالاش قىلسا ياخشى بوپكىتىدىغىنىمنى ،ئەمما تۈپتىن ساقايمايدىغىنىمنى بىرمۇ بىر چۈشەندۈردى ،ئۇ يەنە خىمىليلىك داۋالاش قىلىشقا ناھايىتى كۆپ چىقىم كىتىدىغىنىنى ،ئەگەر قىممەت كۆرۇپ داۋالاتمىسام مىنىڭ يەنە يېرىم يىلدەك ياشىيالىشىم مۇمكىنلىكىنى ئېيتپ چىقىپ كەتتى
****************************************************************
مەكتەپنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆيگە ھەقىقى ئەھۋالنى دېدىم ، دادام ئاناملار بۇنى ئاڭلاپ ئۈنى ئۆچۆپلا كەتتى ، مىنىڭ دەرھال قايتىپ كىلشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى ، نىجات ئۇلارغا بۇيەرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ، ھەم مەكتەپنىڭ داۋالاش ھەققىنى ئاچچوت قىلدىغانلىقىنى ، مەندى خەۋەر ئالىدىنى دەپ ئولارنى ئاران نىيتىدىن ياندۇردى ، شۇ كۈننىڭ ئەتىسى دادام ماڭا تېلفۇن قىلىپ كارتامغا 30 مىڭ يۈۋەن سېلىپ قۇيغانىلىقىنى ، خاتىرجەم داۋالىنىشىمنى ئىيتتى ، مەن مەكتەپ تەرەپنىڭ رەسمىيەت بىجىرىپ بىرىشى بىلەن بۇيەردىكى دۇختۇرخانىدا بىر يېرىم ئاي خىمىيلىك داۋالاش قىلدۇرۇدۇم .
خاربىندا خىمىيىلىك داۋالنىش قىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە مەن بىر كۈنى ئىچىم پۇشۇپ،ئۇزۇندىن بىرى مەن ئۈچۈن ئادەت بولغان ئىشىمنى قىلىپ  زىلالەگە تىلفۇن قىلدىم ، ئەمىلىيەتتە مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۇنىڭ ئاشۇ بىر پارچە ئۇچىرىدىن باشقا ھېچقانداق خەۋېرىنى ئالامىغان، شۇنداق بولسىمۇ كۈندە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ تۇرغان  ئىدىم ،ئەمما بۈگۈن نىمە بولغان ئۇ تېلفۇننى ئېلىپ قالدى؛
تىلفۇن دىگەن ئاجايىپ نەرسە ، ئۇنىڭدا يالغان دىگەن ئۇنداق كىلەمدۇ ؟!
ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەن ئادەمدەك ئۇنىڭدىن  قىزغىن  ئەھۋال سورىدىم ،
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ياخىشى تۇرۇدىڭىزمۇ؟
ئۇ مەندىن قىسقىغىنا ئەھۋال سورىغاندىمن كىيىن گەپ قىلماي جىممىدە تۇرۇۋالدى ، نىمە دىسەم ھە -ھىم دەولا تۇرۇۋالاتتىى ، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۆمنىڭ ئۇنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى ، ئارلىقتا مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى ۋە  تەتلدە بارالمايدىغانلىقىم قاتارلىق توختىماي گەپ قىلىپ  تۇراتىم ، ئۇ  مىنىڭ گىپىمگە  يەنىلا بىرخىل ئېتىبارسىزلىق بىلەن ھە دەپلا كەلدى،مەن ئەمدى  نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي  ئارلقىنى بىر پەس  سۈكۈت باستى .  بىر چاغدا  تۇيۇقسىز ئېغىز ئىچىپ : «بولدى قىلىڭ ئەسقەر ،مەن ھازىر ئالى مەكتەپتە، بۇنداق مۇھەببەتلىشىكە مەن كۆنەلمىدىم،ئىككىمىز ئىككى چەتتە، سىز مىنڭ ئاۋازىمنىلا ئاڭلايسىزخالاس ،راست گەپنى قىلسام مىنىڭ  ھازىر بۇ يەردە يۈرگۈنىم بار ،مىنىڭ  بۇنداق  ئىككى  كىمىگە تەڭ دەسسەم ئۆزۆمنى . سىزنى ،«ئۇنى»ئالدىغۇم يۇق ، مەن چۇقۇم بىرسىدىن ۋاز كىچىشىم كىرەك ..................». ئۇ تۇختىماي سۆلەۋاتاتتىى ،كۆزئالدىم بارا -بارا قاراڭغۇلىشىپ كەتتى،غەزەپتىن پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەپ كىتىپ باراتىتى ، ئاچچىقىمدا تېلفۇنى پولغا كۈچەپ ئاتتىم !
-تۈفى !!! قىز بالا دىگەن شۇنچىلىككەنغۇ  ، ئىسىست ساڭا قىلغان ئەقىدەم، خەپ تۇختا !! خۇدايىم سەن ئۈچۈن قىلغانلىرىمنىڭ   نەتىيجىسىنى ساڭا بىر-بىرلەپ كۆرسەتمىسە !!!!
***************************************************************

داۋالاش مۇددىتى توشقاندىن كىيىن مەن ئۆيگە ماڭىدىغان بولدۇم ، مىنڭ ئىشىم پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتكەچكە ماڭىدىغان كۈنۈم ئۇيغۇر  مەكتەپداشلىرىم  ھەم خەنزۇ ھەممە دوستىلىرىم مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە، بەزىلەر ئايرىپورتقىچە ئۇزۇتۇپ كەلدى ، پەقەت غەيرەت باشلىق بىرنەچچەيلەن ۋە زۇلخۇمار كۆرۆنمەيتتى .  

                                     خاتىمە :

يۇرتقا ق قايتىپ كەلدىم ، ئۆي كۈزۈمگە ئەزەلدىن بۇنداق ئىسسىق كۈرۈنمەيتتى ، ، ھەممە كىشى ماڭا تېخىمۇ يىقىن تۇيۇلوپ ، دۇنيا ماڭا  تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بىرىشكە باشلىدى ،ھايات باشلانغاندا ئۇ خۇددى تۈگۈمەيدىغاندەك ۋاقىتتنىڭ قەدرىنى بىلمەي ، قۇلاق تۈۋىدىن ئۆتكەن شامالدەك ئېتىبارسىز ئۆتكۈزىۋىتىدىكەنمىز ، جان تۇمۇشۇققا كەلگەندە ئاندىن ، جاننىڭ  قانچىلىك تاتلىق ئىكەنلىكىنى،  جاھاننىڭ  قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى قايتا ھىس قىلىدىكەنمىز ! ئەمما بۇ چاغدا  ئۆمۆر بىغىمىزدا ئاللىقاچان كۆز ھۆكۆمران بولوپ بولىدىكەن !
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىين ئورۇق-تۇققان دوسىت بۇرادەرلەنىڭ ھەممىسى  مىنى يۇقلاپ كىلىشتى ، مەن كۈندە دىگۈدەك ئۆيدە بىكار يۈردۈم ،داداملارمۇ نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرەتتى ، ئۆيدە كۈندە تىلۋېزۇر كۆرۆپ ، تورغا چىقىپ زىرىكتىم ، دادامغا مىنىڭ باشقىچە بىر قىلىش ئۇيۇم بارلىقىنى دېدىم ، داداملا مۇ قۇشۇلدى ، ئاز كۈندىن كىيىن مەن ناھىيە بازىرىغا كىچىك بىر كىتاپخانا ئاچتىم ، كۈنلىرىم تور ۋە كىتاپلار قاينىمى بىلەن «مۇھەببەت»تە ئۆتىۋاتاتتى،
تۈنۈگۈن  كىچدە مىنى قارا بېسىپ چۆچۆپ ئۇيغۇنىپ كەتتىم ،چۈشۈمدە مەن رەيھان بىلەن بىر گۈزەل باغچىدا سەيلە قىلىپ يۈرۈپتىمەن ، كىيىن تۇيۇقىسز زىلالە پەيدا بولوپتۇ ، ئىككىسى مىنى قولتۇقلاپ ماڭغانمىش ،بىز بىر كۆۋركنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىۋاتقاندا پۇتۇم بىر ئورككە كىرىپ كتىپتۇدەك ،مەن مەن پۇتۇمنى  تارتالماي قاپتىمەن  ، ئەمما ئۇلار  پەرۋاسىز مىنى تاشلاپ كىتىپ قىلىشىپتۇ، تۇيۇقسز ياندىن بىر توپ بۆرە چىقىپ مىنى تالاشقا باشلىغانمىش.....
مىنى يەنە يۆتەل تۇتتى ، ئەمما ھەرقانچە قىلساممۇ يۆتىلەلمەي بەك قىينالدىم ،تۇيۇقسىز مەن ياتقان ئۆينىڭ دېرىزىسى ئىچىلىپ قالدى ، كىچە بىراقلا كۈندۈزگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىلىندى ، ئەمما مەن بەدىنىمنى مىدىرلىتالمايتىم،يۈرۈگۈم  ئاللىقچان توختاپكەتكەن بولوپ كۆز چانىقىمدا ئىككى تامچە ياش قېتىپ قالغان ئىدى!

- ئاھ خۇدا !!ئاكا !!!
ئازاپ ۋە ھەسرەت قۇينىدىكى مەن ئەڭ ئاخىرقى بۇ قۇرلانى ئۇقۇۋېتىپ ئۆزۆمنى تۇتالماي قاتتىق ۋارقىراپ تاشلىدىم ھەم  قۇيۇندەك تىز ئۆيدىن چىقىپ قەرىستاننى نىشانلاپ يۈگۈردۈم !!!

                                                تۈگىدى !!
                       
                                   2011.يىلى 28.ئۆكتەبىر ، شىيامىن !

ھەرقانداق شارائىتتا  قىزلار  ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېىىمۇ قەيسەر بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48782
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 2269 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 11:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللا ھىكايە دىسە  4 پۇتلاپ كىرىپ ئوقۇيتتۇم.  ما ھىكايىنىڭ يېرىمىنى ئۇقۇپ نىمىشقىكىن يېرىمىنى ئوقۇغۇم كەلمىدى دىسە؟
       شۇڭىمۇ مۇخاببەت دىگەن نىمە بىلەن خۇشاممۇ يوق.    بىر جۈپ قىز-يىگىتلەرنى كۆرسەم ھەۋەس قىپ قويىمەن شۇ.

ئۇيغۇرسەن پاك ياشا

باھادىرنامە.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37446
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1583
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 11:42:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئوغۇل  بالا بولساڭ  قىلغان  ئىشىڭغا پۇشايمان قىما، ئەگەر  بىر  ئىشنى  قىلىپ  بۇلۇپ ،ئارقىدىن  پۇشايمان  قىلساڭ، ئۇ  ئىش دەل  سىنىڭ   ئاجىزلىقىڭ .

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3034
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 9345 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 11:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلاپ قالىمەن  ...  ھەقىقى مۇھەببەت نىمىدۇ ؟       مۇھەببەتنىڭ يەنى ساختا مۇھەببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەر قانچىلىكدۇ؟

ھەسەل يىغاي دېسەڭ ، ھەرە كۆنىكىنى بۇزىۋەتمە.

شەيتان- مەندىن ي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4511
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5535
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 3849 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:08:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەقەدەر دەھشەتلىك ئىدى ئايرىلىش،
باغرىمدا چىچەكلەپ قالدى زىمىستان.
قىلىچنىڭ بىسىدا سەن كەسكەن يوللار،
سارغايغان روھىمغا تۆكمەكتە خازان.

سەن كەتتىڭ يىراقلاپ كەتتى مۇھەببەت،
سەن كەتتىڭ يىراقلاپ كەتتى يۈرىكىم.
كونا قەبىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان،
ھەسرەتلىك جەڭچى مەن، سەرگەردان يىتىم.

ئۆلۈمنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ تۇرۇپ،
ئاھ ئەمدى نەھاجەت ئەسلەش ھەممىنى.
بىلدۈردى بۇ ھايات ئايرىلىشتىنمۇ،
سۆيۈشنڭ نەقەدەر دەھشەتلىكىنى.

_خاتىرەمدىن.

مۇھەببەتكە ئۆز مەيلىمىز بويىچە باھا بىرىشكە ئاجىز بىز. ئۇ ئىلىپ كەلگەن تاتلىق ھەم ئاچچىقلارغا ئاشىق-مەشۇقلار رازى بولسىلا بولدى..............

ھاياتتتىكى خاتا ئىلىنغان بىر قەدەم بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قۇچاق ئاچىدۇ.ئۇ ئەمدى پىشانەمدىن كەتمەيدۇ.مەڭگۈ..........

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7434
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 13297 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:30:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازراق ئوقۇپ باقسام بۇ ھېكايە بەكلا يالغان بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلدى.گەرچە دەۋىر ئۆزگەرگەن بولسىمۇ،قىزلار ئەزانلىشىپ موچەنگە بەش بولۇپ قالغىنى يوق.قىزلارنى بەك پەس چىقىرىۋىتىپتۇ.ھەرقانداق ئادەمنىڭ يامان-ياخشى تەرىپى بۇلىدۇ.يامان تەرىپى ياكى ياكى تەرىپىنىلا يازسا ھېكايە چىنلىقىنى يوقىتىدۇ.
مۇنبەردىشىمىز كۈيچى «بىر خىل»دېگەن گەپكە بەك ئامراقمۇ نېمە،ئالدىنقى يەتتە قۇردىلا تۆت يەردە تەكرارلىنىپتۇ،باشقا يەردىكىلىرىنى ساناپ يۈرمىدىم.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 01:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى مۇھاببەت يەنىلا مەۋجۇت ،بەزى-بىر ۋىژدانسىزلار  مۇھەببەتنىڭ ئوبىرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇۋاتىدۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن ھەمىمىز مۇھاببەت دىگەن بۇ سۇزگە يۇزەكى قارايدىغان بۇلۇپ قالدۇق، لىكىن مۇھاببەتنى بىر ئومۇر قەدىرلەيدىغان ۋاپادار قىز-يىگىتلىرىمىز يەنىلا نۇرغۇن.

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10005
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 03:38:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئەلكىندىكى كۈيچى ھە؟

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

باھادىرشاھ دەپ ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63260
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 03:54:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(9-bulak) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

مەن شۇ . مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەليلىدىن مۇشۇنداق بولوپ قالدى « يەنە كەينىگە ئىككى ىۇشۇلۇپ دىگەندەك»

ھەرقانداق شارائىتتا  قىزلار  ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېىىمۇ قەيسەر بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8901
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5347
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2010-9-2
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 05:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈم بىر قسىمىلا بولۇپ قالدا ،ئاللاھ ھەر بەندىسىگە ئامانچىلىقنى بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55640
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1681
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1111 سائەت
تىزىم: 2011-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...            

       شۇنداقمۇ ئىشلار باركەن دېسە . بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەك .

                   ئاللاھ  ...  ئۇزۇن .ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن !

ئۇزنىڭ خاتالىغى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34113
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1735
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇپ بۇلامىغۇدەك مەن  بەك جىقكەن ساقلىۋىلىپ كىيىن ئۇقاي

باھادىرشاھ دەپ ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63260
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 06:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىدىكىسىنىڭ جىقى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەنلەر ، شۇڭا بەزى تورداشلارنىڭ ئۇنداق ئىش بارمۇ ؟مۇنداق ئىش بارمۇ ؟ دەپ قالايمىقان گەپ قىلىپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئاللاھ ئىگەم بەنىدلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ، ئەتراپىڭىزغا قاراپ باقسىڭىز ھەممىنىڭ سىزدەك ئاقكۆڭۆل -ساددا ئەمەسلىكنى بىردەمدىلا بايقىيالايسىز ! ئەمما ھېچىكىمنىڭ پىشانىسىگە يىزىلمىغان !
تىمىغا ئەستايىدىل مۇئائىمىلە قىلىپ ئىنقاس يازغان دوستلارغا رەھمەت !

ھەرقانداق شارائىتتا  قىزلار  ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېىىمۇ قەيسەر بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61087
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1202
تۆھپە نۇمۇرى: 939
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 05:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسڭرلىككەن،ئاللاھ بىر ياخشىغا بىر يامان دەپ توۋا!!!مەن شۇنچە ئەقىدە قىلغان ئىككى يىگىت ماڭا ۋاپاسڭزلىق قىلىپ،ئۇغۇل بالا دىگەندىن شۇنداق خۇشۇم كەتكەن ئىدى،ماۋۇ دوستىمىزنىڭ مۇھەببەت سەزگۈرەشتىسىنى كۆرۈپ مۇھەببەتنىڭ قەدرىگە يىتىدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.

ئارزۇسى يوق ياش تام تۈۋىدىكى تاش ‹ھې ھې›

مۇزلىغان يۈرەك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57395
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 720
تۆھپە نۇمۇرى: 49
توردا: 1052 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 01:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆڭۈل - بىر پارچە نىپىز ئەينەككە ئوخشايدۇ ، ئاۋايلا! ئۇنىڭغا قاتتىق تەگمە! دەز كەتسە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش