ئامېرىكىنىڭ فانتازىيلىك كىنولىرىدا قارشى تەرەپنىڭ يانفونىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ ئىز قوغلايدىغان ئىشلارنى كۆرىمىز. بۈگۈن ئاشۇنداق ئىقتىدارى بار بىر يۇمشاق دېتالنى ئۇچىرتىپ قالدىم. ئىشەنمەيراق يانفونغا قاچىلاپ باقسام راستلا ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلىغىلى بولىدىكەن.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ پىرىنسىپى مۇنداقكەن:
يۇمشاق دېتال يانفوندىكى GPS قۇرۇلمىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئورۇننىڭ كوئوردىناتىنى ئېنىقلاپ ھەر 5 ياكى 10 سېكۇنىتتا (قانچىلىك ۋاقىتتا يوللىشنى ئۆزىمىز بەلگىلەپ بېرىدىكەنمىز) تورغا يوللاپ بېرىدىكەن. ئاندىن بىز تور بەتتىكى خەرىتىدىن ئىز قوغلايدىكەنمىز. ئۆزىنىڭ خەرىتىسىمۇ باركەن، Google Earth قىستۇرمىسنى قاچىلساق Google خەرىتىسىدىنمۇ ئىز قوغلىغىلى بولىدىكەن.
خوتۇنىڭىزنىڭ يانفونىغا قاچىلاپ قويسىڭىز، ئاپامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ، رېستۇراندا يۈرسە يالغان گەپ قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىكەنسىز
يانفۇنىڭىز يۈتۈپ كەتسىمۇ ئاسانلا تېپىلالايدىكەنسىز (ئەلۋەتتە ئوغىرى ئېلىۋېلىپ، ئوغرى يانفۇننى ئىتىۋەتسە ئىز قوغىلىغىلى بولمايدۇ)
يەنە ئوغىرلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بار ئىكەن. SIM كارتىنى ئالماشتۇرۋەتسە ئالدىن بەلگىلەپ قويغان باشقا نومۇرغا توختىماي قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش، بەلگىلەپ بەلگەن دائىرە (شەھەر، رايون) سىرتىغا چىقىپ كەتسە باشقا نومۇرغا ئۇچۇر ئەۋەتىش دېگەندەك...
قېنى ئىشلىپ بېقىڭ
راست، بۇ دېتال Android سىستېمىلىق يانفونغا قاچىلىندۇ. يانفوننىڭ GPS ۋە تور ئىقتىدارىنى ئېچىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىڭ.
چۈشۈرۈش ئادېرسى
يانفونغا قاچىلاپ ئىجرا قىلدۇرغاندىن كېين ئۈستىدە نۆۋەتتىكى ئورۇننىڭ كوئورودىناتى كۆرۈنۈپ، ئەڭ ئاستىدا
http://122.194.5.241:8080/gps دىن باشلانغان ئۇزۇن بىر ئادېرىس كۆرۈندۇ، شۇ ئادېرسنى كومپىيۇتېردا (يانفوندا) ئاچسىڭىز يانفوننىڭ تۇرۋاتقان تەپسىلى ئورنى كۆرۈندىكەن.
ئۇ ئادېرسنى كومپىيۇتېردا تۇنجى قېتىم ئاچقاندا Google Earth قىستۇرمىسنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنى يەرنى بېسىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدىكەن.
دىققەت: بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىشقا بولمايدۇ. شۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانسىڭىز پۈتۈن ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.
مەنبەسى:
ئالپ تورى