مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4987|ئىنكاس: 31

دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان كاتىن ۋەقەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59734
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2011-10-9
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 07:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            كاتىن قانلىق پاجىئاسىنىڭ تارىخى ئارقا كۈرىنىشى
1939-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى،ناتسىس گىرمانىيەسى بىلەن  سىلوۋاكىيە تارماق ئەترىتى بىرلا ۋاقىتتا پولشىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى.يېرىم ئايدىن كىيىنكى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى،سوۋىت تەرەپ ‹‹سوۋىت-گىرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى››دىكى مەخپىي كىلىشىمگە ئاساسەن،پولشا ھۆكۈمىتىنى دولەتنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىش قۇربى يوق دەپ ھېساپلاپ،پولشا بىلەن بولغان ‹‹پولشا-سوۋىت ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى››نى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىدى.شۇ كۈنى سوۋىت قىزىل ئارمىيەسى  شەرقى سەپتىن پولشىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.دەسلىۋىدە،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە،پولشا‹‹ئەنگىلىيە-پولشا ئىتتىپاقى››،‹‹فىرانسىيە-پولشا ئىتتىپاقى››نى قۇرۇپ گىرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزىنى توسىماقچى بولدى.بۇ ئىش مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە ۋە بېرىتانىيە فىدراتسىيەسىدىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەر ئامالسىز گىرمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.ئەمما، فىرانسىيەنىڭ ‹‹مۇداپىئە لىنىيىسى(French attack into the saarland)››باشقا،ئىتتىپاقداش ئارمىيە پولشىغا ھەربىي ياردەم بىرەلمىدى.تارىختا بۇ ئىش‹‹جىم ئولتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى(Phoney war)›› ياكى‹‹غەرپ ئىتتىپاقداشلارنىڭ خائىنلىقى›› دىيىلدى. پولشا ئارمىيەسى يۇقۇردىن سوۋىت ئارمىيەسى بىلەن قارشىلاشماسلىق بۇيرىقىنى تاپشۇرۋالغاچقا،سوۋىت ئارمىيسى تىز سۇرئەتتە ئىلگىرلەپ پولشا زىمىنىغا كىرىدى.شۇنداق دىيىشكىمۇ بۇلۇدىكى،ئاساسەن دىگۈدەك ھىچقانداق توسالغۇغا ئۇچىرمىغان.شۇ مەزگىلدە،250000دىن 454700 پولشا ئارمىيسى ۋە ساقچى سوۋىت ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ھەم قامالغان.تەخمىنەن 250000 ئەسكەر تارقىتىۋېتىلگەن،125000ئەسكەر ئىچكى ئىشلار خەلق كومىتىغا(The NKVDئىچكى ئىشلار كومىتىتى) تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.ئىچكى ئىشلار كومىتىتى 42400ئەسكەرنى تارقىتىۋەتكەن.پولشا ئارمىيەسى ئىچىدىكى تەخمىنەن 170000ئوكرائىنا ۋە بىلروسىيەلىك ئەسكەرلەرنى تارقىتىۋەتكەن.43000غەربى پولشىدا تۇغۇلغان پولشا ئەسكىرىنى گىرمانىيەگە ئوتكۈزۈپ بەرگەن.9-ئاينىڭ19-كۈنىگىچە،ئىچكى ئىشلار خەلق كۆمىتىتى قولىدا 40000پولشىلىق ئەسىر بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە تەىمىنەن 8500ئوفىتسىر ۋە سىتارشىنات،6500ساقچى ئوفىتسىر، 2500 كەسپىي ئەسكەر ۋە ئەسكەرتۇتۇپ تۇرۇلغان.
پولشا ‹‹مىللەت تارىخى تەتقىقات مەركىزى››نامدىكى ئاپرات ) (IPN تۇلۇقسىز سىتاتسىكىسىغا كۆرسىتىلىشىچە:320000پولشا پۇخراسى سۈرگۈن قىلىنغان.IPN سىتاتكىسىغا ئاساسلانغاندا2 -دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،سوۋىت ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى پولشا زىمىنىدا پۇخرالارنىڭ ئۇلگەن سانى 150000گە يەتكەن.1940-1941-يىل مەزگىلدە،10000-12000غىچە پولشىلىق(ئاساسلىق ئەسىرلەر) كولىيما رايۇنىغا ( ھازىرقى روسىيەنىڭ سىبىريە رايۇنىدا Kolyma) پالانغان،بۇنىڭ ئىچىدە 583 ئادەم ھايات قالغان ،ھايات قالغانلار 1942-يىلى قۇيۇپ بىرىلگەن ھەم پولشىنىڭ شەرقى رايۇندىكى قوراللىقلارغا قۇشۇۋېتىلگەن.سوۋىت ئىتتىپاقى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش باشقۇرۇش بۈلىمى(,GULAG NKVDغا قاراشلىق) ئالاھىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خاتىرسىدە:1940-يىل2-ئايدىن1941-يىل6-ئايغىچە،پولشىنىڭ شەرقى رايۇنىدىكى قۇشۇۋېلىنغان زىمىندىن(Kresy) كەلگەن381000 پولشىلىق ‹‹ئالاھىدە ئالماشتۇرۇلدىغانلار توپى(specially displaced people)›› قاتارىغا كىرگۈزىلىپ قوغلاندى قىلىندى،دەپ يىزىلغان.ئۇرۇش مەزگىلى ۋە 1944يىلىدىن كىيىن،جەمئىي570387پولشا پۇخراسى سوۋىت ھاكىمىيىتىبىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدىكى سىياسى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى،سوۋىت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى،دولەت بىخەتەرلىگى باش كومىسسارى لاۋرېنسىي پاۋلوۋىچ بېرىيا(Lavrentiy Pavlovich Beria) ئىچكى ئىشلار كومىتىتىدا ئەسىرلەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇش قارارىنى چىقىرىپ،پولشىلىق ئەسىرلەرنى باشقۇردى.ئىچكى ئىشلار كومىتىتى ھەربىي قىسىم قولىدىن پولشىلىق ئەسىرلەرنى ئۆتكۈزۋالدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەم تەشكىللەپ ئەسىرلەرنى يىغىۋېلىش مەركىزى ۋە ئەسىرلەرنى تۇشۇيدىغان تۈمۈر يول-قاتناش تورى تەسىس قىلىپ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي رايۇنلىرىدىكى ئەسىرلەر لاگىرىغا  تۇتاشتۇردى.بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭ بولغان ئەسىرلەر لاگىرى كېزېلىسك(Kozelsk)، ئاستاشكېف(Ostashkov)ۋە سىتاروبېلسك (starobelsk)قا جايلاشقان.باشقا ئەسىرلەر لاگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇكنوۋا(Jukhnovo)،يۇۋزىشا(Yuzhe)،تىۋاتكىنا(Tyotkino)،كازىيولىسكقىنا(Kozelshchyna)،ئارامكىې(Oranki)،بېلوگۋودىسكىي(Vologda)ۋە گىرىزوۋىتس(Gryazovets) قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان.
كېزېلىسك(Kozelsk) ۋە سىتاروبېلسك (starobelsk)قا ئاساسلىقى ھەربىي ئوفىتسىرلەر قامالغان، ئاستاشكېف(Ostashkov) لاگىرىغا پولشا رازىۋىتكا خادىملىرى،ژاندارما،ساقچى ۋە تۇرمە باشقۇرغۇچىلار قامالغان.بۇ ئەسىرلەر ئىچىدە ئوفىتسىرلاردىن سىرت،يەنە پولشىلىق زىيالىلارمۇ  بار.بىر نەچچە .ەسىرلەر لاگىرىدىكى ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلۇشى مۇنداق: كېزېلىسك(Kozelsk) لاگىرىغا 5000ئەسىر قامالغان، ئاستاشكېف(Ostashkov) لاگىرىغا 6570ئەسىر قامالغان، سىتاروبېلسك (starobelsk) لاگىرىغا 4000ئەسىر قامالغان،جەمئىي 15570پولشىلىق ئەسىر قامالغان.
1939-يىل 10-ئايدىن1940-يىل 2-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە،پولشا ئەسىرلىرى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سوراقنى باشتىن كەچۈردى ھەم ۋاسسىلىي زارۇبىن(Vasily Zarubin) باشچىلىقىدىكى سوۋىت ئىچكى ئىشلار كومىتىت خادىملىرى سىياسى تەشۋىقات ئېلىپ باردى.پولشا ئەسىرلىرى ناھايتى تىزلا ئەركىنلىككە چىقىدىغان بولدۇق دەپ ئويلاشقانىدى،ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى كۇتۇپ تۇرغان سوۋىت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ھايات-مامات تاللىشى ئىدى.ئىچكى ئىشلار كومىتىتىنىڭ دوكلاتىغا مۇنداق دەپ يىزىلغان :ئەگەر ئەسىرلەردە سوۋىتكە مايىل سىياسى قاراش بولمىسا،ئۇنداقتا ئۇلارنى ‹‹سوۋىت دۇشمىنى››دەپ بېكىتىش كېرەك.
1940-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى،دولەت بىخەتەرلىگى باش كومىسسارى لاۋرېنسىي پاۋلوۋىچ بېرىيا(Lavrentiy Pavlovich Beria)نىڭ سىتالىنغا يازغان ئەسلەتمىسىگە سوۋىت مەركىزى سىياسى بىيرونىڭ سىتالىن(Stalin)،ۋىچىسىلاف مولوتوف(Vyacheslav Molotov)،كىلىمىئېنت ۋېرىشوۋوف(Kliment Voroshilov)،ئاناسىتاس مىكوين(Anastas Mikoyan) قاتارلىق تۆت نەپەر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قول قۇيۇپ،غەربىي ئوكرائىنا ۋە غەربىي بىلروسىيەدىكى ئەسىرلەر لاگىرىغا قامالغان 25700پولشا ئەسىرىنى(بۇلارنىڭ ھەممىسى سوۋىت سوراقچىلىرى تەرىپىدىن مىللەتچى ۋە ئىنقىلاپقا قارشى تۇرغۇچىلار دەپ بېكىتىلگەن) بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى قارار قىلغان.
پولشىلىق ئەسىرلەرنى قىرغىن قىلىشقا قارىتا تارىخشۇناس گېرھارد ۋايىنبېرگ(Gerhard Weinberg) مۇنداق قارايدۇ: سىتالىن(Stalin)نىڭ مەقسىدى بولسا،ھەربىي،سىياسى تالانتى بار كىشىلەرنى يوقۇتۇش ئارقىلىق،پولشىنىڭ كەلگۈسى ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلىتىش.«بەزىلەر مۇنداق قاراشنىمۇ .ئوتتۇرغا قويغان،بۇ تىرورلۇق ھەركەتنىڭ(كاتىين ۋەقەسى) مەقسىدى گىرمانىيەگە سوۋىتنىڭ پولشىغا قارشى سەمىمىيىتىنى بىلدۇرۇپ،گىرمانىيەنى خاتىرجەم قىلىش.بۇ خىل قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ،چۇنكى سوۋىت تەرەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنى(كاتىيىن ۋەقەسى) گىرمانىيە تەرەپتىن قاتتىق مەخپىي تۇتقان.بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بېرىشتىكى ھەقىقى مەقسەت شۇكى،سوۋىت پولشىنىڭ كەلگۈسىدە سوۋىتنىڭ غەربىي لىنىيەسىدە پەيدا بۇلۇپ،باش ئاغرىتىشتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت يىراق كەلگۈسىنى ئويلىغان. سىتالىن(Stalin) بەلكىم ھەر قانداق شەكىلدىكى ياكى ھەرقانداق سىياسى تۇزۇمدىكى پولشا مەڭگۈ سوۋىتنىڭ دۇشمىنى دەپ قارىغان بۇلىشى مۇمكىن.شۇ سەۋەپتىن، سىتالىن(Stalin) پولشىنىڭ ھەربىي ۋە زىيالىلار ئارىسىدىكى ئختىساسلىقلارنى يوقۇتۇپ پولشىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان بۇلىشى مۇمكىن.
                                    
                                  چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى
1990-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاشكارلانغان مەخپىي ئارخىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە،1940-يىلى4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچەبولغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە،21857نەپەر پولشىلىق ئەسىر ئوخشىمىغان جازا مەيدانىدا ئېتىپ ئۆلتۇرۇلگەن بۇلۇپ،14552ئەسىر روسىيەنىڭ ئۈچ چوڭ جازا لاگىرىدىن كەلگەن،7305ئەسىر بىلروسىيە ۋە ئوكرائىنانىڭ غەربىي رايۇنىدىكى جازا لاگىرىدىن كەلگەن.بۇنىڭ ئىچىدە كېزېلىسك(Kozelsk) لاگىرىدىن 4421ئەسىر، سىتاروبېلسك (starobelsk) لاگىرىدىن 3820ئەسىر، ئاستاشكېف(Ostashkov) لاگىرىدىن 6311ئەسىر،بىلروسىيە ۋە ئوكرائىنانىڭ باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن 7305ئەسىر بار .سوۋىت ئىچكى ئىشلار كومىتىتىدا ئەسىرلەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرىنچى قول رەھبىرى مايۇر گېنرال پىتىر.كاربوۋىچ.سېپرىيونىنكې(Maj. General P.K. Soprunenko) كاتىيىن ۋە باشقا جايلاردا پولشا ئوفىتسىرلىرىغا قارىتا «تاللاش»ئېلىپ بارغان.
تۇلۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،كاتىيىندا زىيانكەشلىككە ئۇچىرغانلار ئىچىدە بىر نەپەر دېڭىز ئارمىيە گېنرالى،2نەپەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرالى،24نەپەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىك،79نەپەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە پودپولكوۋنىك،258نەپەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە مايور،654نەپەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە سىتارشى لېيتنات،17نەپەر دېڭىز ئارمىيە سىتارشى لېيتنات،3420نەپەر كەسپىي ئەسكەر،7نەپەر ھەربىي پوپ،3نەپەر پومشىچىك،بىر نەپەر كېنەز،43نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى،85نەپەر ئەسكەر،131نەپەر مۇساپىر بار.ئۇنىڭدىن باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىلار ئىچىدە ماتىماتىك سىتەفىن.كەرچمازش(Stefan Kaczmarz) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20نەپەر ئالىي مەكتەپ پروفېسسور،300نەپەر دوختۇر،نەچچە يۇز ئادۋۇكات،ئىنژېنېر،ئوقۇتقۇچى،يۇزدىن كۆپرەك يازغۇچى،مۇخپىر ۋە 200نەپەر ئۇچقۇچى بار.يېرىمدىن كۆپرەك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى ئىچكى ئىشلار كومىتىتى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن.
قىرغىنچىلىق مەزگىلىدە،سوۋىت دائىرلىرى لېئون.بىلەۋىچ(Leon Billewicz)،
بىرانىسلاف بوخەترەۋىچ(Bronisław Bohatyrewicz)،كىسساۋېر چېرنىتىسكى(Xawery Czernicki)، سىتەنىسۋاف خاللېر(Stanisław Haller)،ئالېكساندېر كوۋالېۋىلىسكى(Aleksander Kowalewski)، خېنرىك مىنكېۋىچ(Henryk Minkiewicz)،كاژىمىئېشىك ئارلىك ۋوۋكاسكى(Kazimierz Orlik-Łukoski)،كونىستەنتى پلىسوۋىسكى(Konstanty Plisowski)،رودالىف پىرىخ(Rudolf Prich)، فىرەنچىشې چىكورىسكى(Franciszek Sikorski)،لېئونارد سىكېرىسكى(Leonard Skierski)،
پىئاتۇر سىكۇراتاۋىچ(Piotr Skuratowicz)،مىچىزۋاۋ سىماراۋىنىسكى(Mieczysław Smorawiński)، ئالازى ۋېر كوۋناس(Alojzy Wir-Konas) قاتارلىق 14 نەپەر پولشا گېنرالى ئۆلتۇرگەن،پەقەت 395نەپەر ئەسىرلا قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان،ھەم يۇخنوف(Yukhnov) لاگىرىغا ئاپىرۋەتكەن،كىيىنچە يەنە بۇ  ئامان قالغۇچىلارنى گىرىزوۋىتس (Gryazovets)قا يۆتكىۋەتكەن. ئېشىپ قالغان ئەسىرلەرنىڭ %99 كىيىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان. كېزېلىسك(Kozelsk) لاگىرىدىكى پولشىلىق ئەسىرلەر  سىمولەنسك(Smolensk) سىرتىدىكى كاتىن ئورمانلىقىدا ئۆلتۇرۇلگەن. سىتاروبېلسك (starobelsk) لاگىرىدىكى پولشىلىق ئەسىرلەر خاركوف(Kharkov) ئىچكى ئىشلار كۆمىتىتىنىڭ ئىچكى تۇرمىسىدە ئۆلتۇرلۇپ،جەسىدى بىتىيخاتكىي(Piatykhatky) يېزىسىغا كۇمىۋېتىلگەن. ئاستاشكېف(Ostashkov) لاگىرىدىكى ساقچى ئوفىتسىرلىرى كالىينىن(Kalinin)دىكى ئىچكى ئىشلار كۆمىتىتىنىڭ ئىچكى تۇرمىسىدە ئۆلتۇرلۇپ،جەسىدى مەدنويې(Mednoye)  گە كۇمىۋېتىلگەن.ئوكرائىنا ۋە بىلروسىيە تۇرمىسىگە قامالغان تەخمىنەن 3000دىن4000گىچە پولشىلىق ئەسىر ئۆلتۇرۇلگەندىن كىيىن بىكىۋنىيې(Bykivnia) ۋە كۇرۇپپېكې(Kurapaty) گە كۆمىۋىتىلگەن. گېنىرال يۇزېف داۋبور-مۇشنىتىسكى(Józef Dowbor-Muśnicki) نىڭ قىزى يانىنا لېۋەندوۋسكې(Janina Lewandowska) كاتىن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان بىردىنبىر ئايال بۇلۇپ قالدى. ئىچكى ئىشلار كومىتىتى كالىينىن(Kalinin)رايۇنىنىڭ سابىق بىرىنچى قول رەھبىرى دىمىترى تاكارىياف(Dmitrii Tokarev) تەمىنلىگەن ئۇچۇر مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا،ئېتىپ ئۆلتۇرۇش گۇگۇمدا باشلىنىپ ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئاياقلاشقان. تۇنجى تۇركۈمدە ئەسىرلەرنى تۇشۇش 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغان،شۇ كۈنى 390پولشىلىق ئەسىر ئېلىپ كىلىنگەن بۇلۇپ،ئىجراچى خادىم بىر كېچىدە بۇنچە كۆپ ئەسىرنى ئېتىپ ئۆلتۇرۇپ ، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقاپ،ھەر كۇنلۇك بىر تەرەپ قىلىش سانىنى 250تىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى بېكىتكەن.بىر تەرەپ قىلىش موسكۇۋا تەرەپ تەمىنلىگەن گىرمانىيەدە ياسالغان mm7.65 ۋالتې(PP Walther  ) تىپلىق تاپانچا بىلان ئىجرا قىلىنغان،ئۇنىڭدىن باشقا سوۋىت ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ناگان 7.62×38mmR (Nagant M1895) تىپلىق رېۋولۋېر تاپانچىمۇ ئىشلەتكەن.ئىجراچى خادىم ئەسىرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلىقى گىرمانىيە ئىشلەپ چىقارغان ياپانچىنى ئىشلەتكەن،سەۋەبى سوۋىت ياسىغان رېۋولۋېر تاپانچىنىڭ ئارقىغا تىپىش كۇچى كۇچلۇك بولغاچقا ،ئاتقۇچىنىڭ بىلىكى ئاغرىپ كەتكەن.ئىچكى ئىشلار كومىتىتى باش ئىجراچى ۋاسسىلى بېلاكخىن(Vasili Blokhin) تارىختىن بۇيانقى ئەڭ داڭلىق جاللات بۇلۇپ قالغان،مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا باش ئىجراچى ۋاسسىلى بېلاكخىن(Vasili Blokhin) 1940-يىل4-ئايدىكى28كۈن ئىچىدە كالىينىن(Kalinin)تۇرمىسى ۋە ئاستاشكېف(Ostashkov) لاگىرىدىكى 7000ئەسىرنى ئېتىپ ئۆلتۇرگەن،بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ يېشى ئەمدىلا 18 گە كىرگەن. قىرغىنچىلىق ناھايتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان.زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىنىڭ ئۇچۇرى تەكشۇرۇلگەندىن كىيىن،ھەممە تەرىپى ھىم ئىتىلگەن كىچىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلىگەن.كېچىچە شاۋقۇن چىقىرىدىغان ئۇسكىنىنى(بەلكىم شامالدۇرغۇچ) توختاتماي ئوق ئاۋازىنى ياپقان.زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى كىچىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلگەن ھامان ئارقا مېڭە تەرەپتىن تاپانچا ئوقى بىلەن ئۆلتۇرۇلگەن.جەسەت دەرھال ئۇدۇل ئىشىك بىلەن ئېلىپ چىقىلىپ سىرتتا ساقلاپ تۇرغان كۇزۇپلۇق ماشىنىغا تاشلانغان.شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى كىچىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلىپ ئالدىنقىسىغا ئوخشاش ئېتىپ ئۆلتۇرۇلگەن.ئېتىپ ئۆلتۇرۇش ماي بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا،ھەر كۈنى كەچتە دىگۈدەك ئېلىپ بېرىلغان.
بىر تەرەپ قىلىش(ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ يەنە 22000سابىق پولشا ئەسىرلىرى ئىچىكى ئىشلار كومىتىتىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا قامالغان. لاۋرېنسىي پاۋلوۋىچ بېرىيا(Lavrentiy Pavlovich Beria)نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،1940-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۆلۈم 2نەپەر گېنرال،39نەپەر پولكوۋنىك ۋە پودپولكوۋنىك،222نەپەر سىتارشى لېيتنات ۋە مايور،691نەپەر لېيتېنات،4022نەپەر سىتارشىنا ۋە كەسپى ئەسكەر،13321نەپەر ئۇرۇش دەۋرىدە ئارمىيەگە قاتناشقۇچى تۇتۇپ تۇرۇلغان.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سوۋىت ئىتتىپاقى لىتۋانى يۈتۈۋالغان مەزگىلدە ئەسىرگە چۇشكەن 3300نەپەر پولشا ئەسكىرى بار.

                                 ناتسىس گىرمانىيەنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جىنايىتىنى ئېچىپ تاشلىشى
قانلىق پاجىئە 1941-يىلى6-ئايدا ناتسىس گىرمانىيەنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز
قىلىپ  كىرىشىگە ئەگىشىپ ئاشكارلىنىشقا باشلىدى.ئەينى ۋاقىتتا پولشا سەرگەردان
ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى«سىكورىسكى-مېيىسكى كىلىشىمنامىسى»
(Sikorski–Mayski) نى ئىمزالاپ،ناتسىس گىرمانىيەسىگە بىرلىكتە  قارشى تۇردى،ھەمدە سوۋىت چىگرىسى ئىچىدە پولشا ئارمىيەسىنى تەشكىللەپ چىقتى.پولشا گېنرالى ۋودىسۋاف ئاندېرۇس(Władysław Anders) پولشا ئارمىيەسىنى تەشكىللىگەن ۋاقىتتا،سوۋىت تەرەپتىن
«غايىپ بولغان»پولشا ئوفىتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلدى.بىر قېتىملىق شەخسىي يۈز كۆرىشىشتە ، سىتالىن(Stalin) ئۇ(پولشا گېنرالى ۋودىسۋاف ئاندېرۇس) ۋە پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ۋادىسۋاف شىكورىسكى(Władysław Sikorski) غا :قاماقتىكى بائارلىق پولشا ئەسىرلىرى ئاللىبۇرۇن قۇيۇپ بىرىلدى .بىراق مانجۇرىيەدە يوقاپ كەتكەچكە سىتاستىكىلاشقا ئامالسىز قالدۇق،دېدى. 1942-يىلى پولشا ئىشچىلىرى كاتىن رايۇنىدا نۇرغۇنلىغان جەسەتلەرنى بايقىدى.ھەمدە بۇ ئىشنى پولشا يەر ئاستى ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلدى.ئەمما بۇ خەۋەر كىشىلەرنى ئىشەندۇرەلمىدى،ئاڭلىغانلارمۇ بۇ ئىشنىڭ راستلىقىدىن گۇمان قىلىشتى.«يوقاپ كەتكەن»ئەسىرلەرنىڭ تەقدىرى سىر پېتىچە قالدى،1943-يىلى4-ئايغا كەلگەن ۋاقىتتا،رۇدوۋف كىخستوف فىخايھې فون گەستوف(Rudolf Christoph Freiherr von Gersdorff) قوماندانلىقىدىكى گىرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى كاتىن ئەتراپىدىكى تېكە تېغى(Goat Hill) دىكى ئورمانلىقتا 4243پولشا ئوفىتسىرلىرىنىڭ جەسىدىنى بايقىدى.ناتسىس گىرمانىيەسى تەشۋىقات مىنىستىرى يۇزېف گېبلس(Joseph Goebbels) بۇ ئىشنى پولشا،سوۋىت بىلەن غەرپ مۇناسىتىنى يىرىكلەشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت، دەپ قارىدى.4-ئاينىڭ 13-كۈنى،بېرلىن رادىئو ئىستانىسى گىرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ سىمولەنسك(Smolensk) ئەتراپىدىكى كاتىن ئورمانلىقىدا ئۇزۇنلىقى 28مىتىر،كەڭلىگى16مىتىر كىلىدىغان جەسەت ئازگىلىنى بايقىغانلىقىنى ،ئازگال ئىچىگە 3000دىن كۆپرەك پولشا ئوفىتسىرلىرىنىڭ جەسىدى 12 قۇر قىلىپ تىزىپ كۈمۈلگەنلىكىنى پۇتۇن دۇنياغا ئاڭلاتتى.ھەمدە رادىئو ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 1940-يىلى ئېلىپ بارغان چوڭ قىرغىنچىلىقىنى شىكايەت قىلدى.
گىرمانىيە ناھايتى تىزلا بولغارىيە،دانىيە،فىللاندىيە،فىرانسىيە،ئىتالىيە،شىۋىتسيە،
كىرودىيە،گوللاندىيە،رومىنىيە،سىلوۋاكىيە،ۋېنگىريە قاتارلىق 12 دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك مۇتەخەسىسنى تەشكىللەپ «كاتىن قانلىق ۋەقەسى»گە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،بولغارىيە،چېخ دىن كەلگەن مۇتەخەسىستىن باشقا دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر 1943-يىلى سوۋىتنىڭ جىنايىتى بولغان بۇ ۋەقەگە قايتا قاراپ چىقتى. «كاتىن قانلىق ۋەقەسى» سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يۇزىنى قاتتىق چۇشۇرۇپ،ناتسىس گىرمانىيەسىنى ئارىدىن پايدىغا ئېرىشتۈردى. يۇزېف گېبلس(Joseph Goebbels) 1943-يىلى4-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرسىگە مۇنداق يازىدۇ:«بىز ھازىر سوۋىت دۆلىتى سىياسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى 12000پولشا ئوفىتسىرنى قىرغىن قىلغانلىقتەك پاكىتتىن پايدىلىنىپ،داغدۇغۇلۇق ھالدا بولشىۋىزىمغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز بىتەرەپ مەيداندىكى مۇخپىرلار ۋە پولشا زىيالىلىرىنى قىرغىن بولغان مەيدانغا زىيارەت تەشكىللەپ ئەۋەتتۇق،ئۇلارنىڭ بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىز ناھايتى چوڭ ئۈنۈم بەردى.دۆلەت باشلىقىمىز ئالاھىدە ئىجازەت بىرىپ،بىزنىڭ بۇ بايقىشىمىزنى(كاتىن قانلىق ۋەقەسى) گىرمانىيە ئاخپارات ۋاستىسى ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەكىتلىدى.مەن تەشۋىقات ماتىرياللىرىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈم.بىز بۇ تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر نەچچە ھەپتە پۇت دەسسەپ تۇرالايمىز.» گىرمانىيە پۈتۈن دۇنياغا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىللىكىنى ئاشكارلاپ،سوۋىت سوتسىيالىزىمىنىڭ غەرپ مەدىنىي دۇنياسىدىكى ئەكىس تەسىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. ۋادىسۋاف شىكورىسكى(Władysław Sikorski)  تەشۋىقاتى ئىتتىپاقداش دۆلەت بىلەن سوۋىت مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سالدى.
سوۋىت ھاكىمىيىتى گىرمانىيەنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى ئىنكار قىلىپ،بايانات ئېلان قىلدى.باياناتتا:پولشا ئەسىرلىرى ئەسلىدە سىموليەنسك(Smolensk) دا قۇرلۇش قىلىۋاتقان،نەتىجىدە 1941-يىل8-ئايدا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گىرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن،دەپ يىزىلغان.سوۋىت ئاخپارات تارمىقى گىرمانىيەنىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى رادىئو تەشۋىقاتىغا قارىتا،4-ئاينىڭ 15-كۈنى قايتۇرما تەشۋىقات ئېلىپ باردى،ھەمدە «1941-يىلى سىموليەنسك(Smolensk) دا دۆلەت ئۈچۈن قۇرلۇش قىلىۋاتقان پولشا ئەسىرلىرى گىرمانىيە فاشىس جاللاترىنىڭ ئىبلىس قولىغا چۈشۈپ قالدى،»دىدى.
گىرمانىيە ھەربىي رادىئو سىگنالى ئەنگىلىيەنىڭ بىلەتچىلى پارك( Bletchley Park 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى  ئاخپىرات-ئۇچۇر مەركىزى )  مەركىزى  تەرىپىدىن  يىشىلىپ،
ئىتتىپاقداش ئارمىيە گىرمانىيەنىڭ جەسەت ئازگىلى بايقىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرغا ئېرىشتى.
گىرمانىيە مۇتەخەسىسلىرى ۋە خەلقئارا كومىتىت كاتىن رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشتى،ھەم «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»نىڭ 1940يىلىنىڭ
بېشىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بېكىتىپ چىقتى.ئۇ ۋاقىتتا بۇ رايۇن سوۋىتنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ئىدى. 1943-يىلى 4-ئايدا،پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى سوۋىت بىلەن بولغان سوھبەتتە سوۋىتنىڭ بۇ ئىشقا(كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى) چۈشەنچە بىرىشىنى،ھەمدە خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمىئىتىنىڭ تەكشۈرىشىنى تەلەپ قىلدى. سىتالىن(Stalin) پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى ناتسىس گىرمانىيە بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ ئەيىپلەپ، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەرگەردان ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى.ھەمدە غەرپ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سوۋىت قوللىغان« پولشا ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى» نى ئىتراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەشكىلات كومىنىست ۋاندا ۋاششىلەۋىسكا(Wanda Wasilewska) تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇلۇپ،باش ئورگىنى موسكواغا تەسىس قىلىنغان.ئەمما ۋادىسۋاف شىكورىسكى(Władysław Sikorski)  نىڭ تەۋرەنمەس مەيدانى ئىتتىپاقداش دۆلەت بىلەن سوۋىت ئوتتۇرسىدىكى ھاڭنى چوڭايتىۋەتكەن.ئەپسۇس ۋادىسۋاف شىكورىسكى(Władysław Sikorski)  2ئايدىن كىيىن ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە بەحىتسىزلىككە ئۇچىرعان. سوۋىتنىڭ جىنايىتىنى ناتسىس گىرمانىيەگە ئارتىپ قۇيۇشى يۇزېف گېبلس(Joseph Goebbels) گىرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ پات-يېقىندا كاتىن رايۇنىدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ناھايتى ئەپسۇسلىنىدۇ،ئۇ 1943-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كۈندىلىك خاتىرسىگە مۇنداق يازىدۇ: «ئەپسۇسكى،بىزنىڭ كاتىن رايۇنىدىن ۋاز كەچمەي ئامالىمىز قالمىدى،بولشىۋىكلار ناھايتى تىزلا 12000پولشا ئوفىتسىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئازگالنى«بايقايدۇ»،سىتالىننىڭ بۇ رەزىل چاقچىقى كەلگۈسىدە بىزگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ.سوۋىت بولشىۋىكلىرى بائارلىق جەسەت ئازگاللىرىنى بىر بىرلەپ ئېچىپ،ھىچ ئىككىلەنمەيلا بائارلىق گۇناھنى بىزگە ئىتتىرىپ قۇيىدۇ.» سوۋىت قىزىل ئارمىيەسى سىموليەنسك(Smolensk) رايۇنىنى قايتا ئىگەللەپ كاتىن رايۇنىنى كونتىروللۇق ئاستىغا ئالغاندىن كىيىن،سوۋىت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىتىتىدەرھال ئادەم تەشكىللەپ قانلىق قىرغىنچىلىقنى يېپىشقا ھەركەت قىلدى.پولشا قىزىل كىرىست جەمىيىتى گىرمانىيەنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ياساتقان قەپرە تاشلىرى چېقىپ تاشلىنىپ،ئىسپات يوقىتىۋېتىلدى.1944-يىلى1-ئايدا،سوۋىت ئىتتىپاقى«گىرمانىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پولشا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى كاتىن ئورمانلىقىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئالاھىدە كومىتىتى»نى قۇرۇپ،سوۋىت ئىتتىپاقى تىببى ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى نىكالاي بوردىئېنكې(Nikolay Burdenko) نى بۇ كومىتىتنىڭ باشلىقى قىلىپ،بۇ ۋەقەنى(كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى) قايتىدىن تەكشۈردى،كومىتىتقا چەتئەللىكلەرنىڭ كىرىپ بىرگە تەكشۈرىشىگە يول قويمىدى.« بوردىئېنكې كومىتىتى» جەسەت يېرىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ،بائارلىق قىرغىنچىلىقنىڭ 1941-يىل كۈزدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گىرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ ئوتتۇرغا قويدى.كومىتىتنىڭ(بوردىئېنكې كومىتىتى) خۇلاسە دوكلاتىدا بىر قاتار ماددىي بۇيۇملارنى ئوتتۇرغا چىقاردى،بۇنىڭ ئىچىدە جەسەت يېنىدىن تېپىلغان ئالتۇن قول سائەت،خەت-چەك،رەسىم قاتارلىق نەرسىلەر بار،بۇ نەرسىلەردە قالدۇرۇلغان چىسلا 1940-يىلى11-ئايدىن1941-يىلى6-ئايغىچە بولغان مەزگىل.بۇ خۇلاسە گىرمانىيە تەرەپ ئوتتۇرغا قويغان پولشا ئەسىرلىرى 1940-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆلتۇرۇلگەن دىگەن قاراش بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.


                                                      ئەنگىليە ۋە ئامرىكىنىڭ ئىنكاسى


ئەنگىليە باش ۋەزىرى ۋېنىستېن چېرچېل(Winston Churchill) «كاتىن قانلىق ۋەقەسى»نى سوۋىتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا شەخسەن ئۆزى ئىشەنگەن.پولشا سەرگەردان ھۆكۆمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېدۋارد بەرنارد راچىينىسكى(Edward Bernard Raczyński) نىڭ خاتىرسىدە، ۋېنىستېن چېرچېل(Winston Churchill)1945-يىلى4-ئاينىڭ15-كۈنى گېنرال ۋادىسۋاف شىكورىسكى(Władysław Sikorski)بىلەن بولغان سوھبەتتە:«گىرمانىيەنىڭ ئاشكارلىغىنى(كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى) ئېھتىمال راست بۇلىشى مۇمكىن،بولشىۋىكلار بەك رەزىل.»دىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىت يەنى 1943-يىلى4-ئاينىڭ24-كۈنى، ۋېنىستېن چېرچېل(Winston Churchill) سوۋىت ئىتتىپاقىغا كېپىللىك بىرىپ :«بىز چۇقۇم قەتئىي ھالدا خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمىئىتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار،گوروھلارنىڭ گىرمانىيە كونتىروللىقىدىكى رايۇنلاردا ھەر قانداق شەكىلدىكى” تەكشۈرۈش پائالىيىتى” گە قارشى تۇرىشىمىز كېرەك.بۇ خىل تەكشۈرۈش ئالدامچىلىق،تەكشۈرۈش نەتىجىسى فاشىزىمنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن چىقىرىلغان.»دېدى.ئەنگىليەدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ مەخپىي ئارخىپلاردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىپ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جىنايىتىنى«ئاساسەن بېكىتىشكە بۇلىدۇ»دىگەن.ئەمما سوۋىت بىلەن بولغان ئىتىتپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئەخلاقتىن يۇقىرى ئۇرۇنغا قويغان ئەنگىليە ھۆكۈمىتى سوۋىت تەرەپ چىقارغان يەكۈننى قوللىغان. ۋېنىستېن چېرچېل(Winston Churchill) ئۇرۇشتىن كىيىنكى ئەسلىمىسىدە كاتىن ۋەقەسىنى ئاددىيلا تىلغا ئېلىپ ئۈتۈپ كەتكەن،ئەسلىمىدە ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-يىلى گىرمانىيەنىڭ قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئەيىپلىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.ئۇ يەنە«قايسى يەكۈنگە ئىشىنىشتە،قايسى ئىتىقاتتا ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك»دەپ يازغان. ئامرىكىمۇ ئەنگىليە بىلەن ئوخشاش سىياسى كۆز قاراشتا بولغان، ئىككى گوروپپائاخپارات خادىملىرىنىڭ باشلىقى ھۆكۈمەتكە سۇنغان«كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»توغرىسىدىكى دوكلات ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى بىلەن زىت بۇلۇپ قالغان.1944-يىلى ئامرېكا زۇڭتۇڭى فىرەنكىلىن روزۋېلت(Franklin  Roosevelt) دېڭىز ئارمىيە لېيتناتى جورج ھەۋېرد (George Howard) نى بالقانغا ئەۋەتىپ،بولغارىيە،رومىنىيەدىكى خادىملىرىدىن كاتىنغا ئائىت ئۇچۇرغا ئېرىشتى. جورج ھەۋېرد (George Howard) نىڭ خۇلاسەقىلىپ «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»نى سوۋىت ئىتتىپاقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىدى. روزۋېلت ئۇرۇش ئاخپارات-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئېلمېر دەيۋىس(Elmer Davis)بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، پەۋقۇلادە ئەلچىنىڭ يەكۈنىنى ئىنكار قىلدى. كاتىن ۋەقەسىنى ناتسىس گىرمانىيە كەلتۈرۈپ چىقاردى دوپ ئېلان قىلدى،ھەمدە جورج ھەۋېرد (George Howard)نىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى باستۇرۇپ قۇيۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. جورج ھەۋېرد(George Howard) خۇلاسە دوكلاتىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا،زۇڭتوڭ ئۇنىڭغا يازمىچە تەقىپ بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ خىزمىتىنى يۆتكىۋەتتى. جورج ھەۋېرد(George Howard) كىيىنكى ھاياتىنى ئامرىكىغا قاراشلىق ساموئا(Samoa)دا
ئۆتكۈزدى. 1945-يىلى جورج ھەۋېرد(George Howard)نىڭ دوكلاتىغا ئوخشاش دوكلات ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ،كىيىن باسۇرۋېتىلدى.1943-يىلى،ئىككى ئامرىكىلىق ئەسىر پودپولكوۋنىك دانولد B.سىتىۋېرت (Donald B. Stewart) بىلەن پولكوۋنىك جون H.ۋەنۋېليت(John H. Van Vliet) گىرمانىيە تەرىپىدىن كاتىن رايۇنىغا ئېلىپ بېرىلىپ خەلقئارا ئاخپارات يىغىنىغا قاتناشتۇرغان.1945-يىلى، جون H.ۋەنۋېليت(John H. Van Vliet) كاتىن توغرىسىدا ئالاھىدە بىر دوكلات يازغان،دوكلاتتا:  «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»غا گىرمانىيە ئەمەس سوۋىت ئىتتىپاقى مەسئۇل بۇلىشى كېرەك ،دەپ يازغان.ئۇ بۇ دوكلاتنى گېنرال جورج مارشېل (George Marshall) نىڭ ئاخپارات بۈلىمىنىڭ باش ياردەمچىسى مايۇر گېنرال كېلېيتېن بىسېل(Clayton Bissell)غا تاپشۇرغان،ئەمما كېلېيتېن بىسېل بۇ دوكلاتنى كۆيدۇرۋەتكەن. 1951-يىلدىن1982-يىلغىچە بولغان تەكشۈرۈشتە ، كېلېيتېن بىسېل(Clayton Bissell) ئامرىكا پارلامىتىدا ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى ئاقلاپ:«بۇ دوكلات ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلىشتىكى ئىتتىپاقدېشىمىزنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرىدۇ،بۇنداق قىلىش ئامرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس»دىگەن.

                                         نىيورېنبېرگ سوتى
1945-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنىدىن1946-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنىگىچە،7نەپەر نىمىس ئوفىتسىرى لېنىنگىرادتا سوۋىت ئىتتىپاقى ھەربىي سوتى تەرىپىدىن سوتلاندى.سوتلانغۇچى ئىچىدىكى ئانو دىغې(Arno Diere) ئىسىملىك نىمىس ئوفىتسىرى پىلىموت بىلەن سوۋىت پۇخراسىنى قىرغان دەپ ئەيىپلەندى،بۇ نىمىس ئوفىتسىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»دا 15000دىن20000غىچە بولغان پولشا ئەسىرىنىڭ جەسىدىنى كۈمۈش خىزمىتىنى قىلغانلىقىنى(ئەمما ئۆلتۈرۈشكە قاتناشمىغان)ئىتراپ قىلغان،شۇ سەۋەپتىن ئانو دىغې(Arno Diere)نىڭ ئۈلۈم جازاسى كەچۈرۈم قىلىنىپ15يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ھۆكۈم قىلىنغان. ئانو دىغې(Arno Diere) نىڭ دىگىنى قىپقىزىل يالغان گەپ بۇلۇپ،كىيىن نىيورېنبېرگ سوتىدا گۇۋاھلىق سۈزى قىلىنمىغان. ئانو دىغې(Arno Diere)نىڭ 1954-يىلى يازغان بىر بىر پارچە خاتىرسىدە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدىن يېنىۋالغان بۇلۇپ،ئۆزىنىڭ تەكشۇرگۈچى خادىملار تەرىپىدىن قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى يازغان.بۇ خاتىرە مەزمۇنى ئۇنىڭ لېنىنگىرادتىكى ھەربىي سوتتا بەرگەن ئىقرارى بىلەن زىت . لېنىنگىراد ھەربىي سوتتىدا پەقەت ئانو دىغې(Arno Diere)لا  «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»غا ئالاقىدار دەپ ئەيىپلەنگەن. نىيورېنبېرگ سوتى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئېچىلغان لوندون يىغىنىدا گىمانىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى ئەيىپلىگەن ۋاقىتتا،سوۋىت ۋەكىللىرى «1941-يىلى9-ئايداسىمولىيەنىسك (Smolensk)نىڭ كاتىن رايۇنىدا 925نەپەر پولشا ئەسىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان »دىگەن مەزمۇننى قۇشۇشنى تەلەپ قىلدى.ئامرىكا بۇ تەلەپكە قۇشۇلدى ،بىراق بۇئىشقا «ئېھتىيات»پوزىتسىيەسىنى تۇتتى،مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئىشنى سوۋىت بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى.1946-يىلدىكى سوتتا،سوۋىت گېنرالى رامان رۇدىيونكې(Roman Rudenko) ئەيىپلەپ:«گىرمانىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرى سىمولىيەنىسك(Smolensk) نىڭ كاتىن رايۇنىدا ئېلىپ بارغان قىرغانچىلىققا مەسئۇل بۇلىشى كېرەك،بۇ بىر چوڭ ئۇرۇش جىنايىتى»دېدى،ئەمما بۇ ئەيىپلەش ئامرىكا،ئەنگىلىيەنىڭ سوت خادىملىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىردى. ئامرىكا،ئەنگىلىيەنىڭ سوت خادىملىرى :«بۇ سوتنىڭمەقسىدى گىرمانىيە ياكى سوۋىتنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىكى مەسئۇليىتىنى سۇرۇشتە قىلىپ مەسئۇليەتنى مەلۇم بىر تەرەپكە ئارتىش بولماسلىقى كېرەك،»دېدى.بۇنىڭ بىلەن سوۋىتنىڭ پىلانى سۇغا چىلاشتى.

                         سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى تەرەققىيات
1951-يىلدىن1952-يىلغىچە چاۋشىيەن ئۇرىشىنىڭ تەسىرىدە تارىخى تەسىرى تۇپەيلىدىن،ئامرىكاپارلامىتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى رۇئەيJ.مەدېن(Ray J. Madden) باشچىلىقىدىكى«مەدېن كومىتىتى»نى قۇرۇپ «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»غا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ،خۇلاسىگە پولشا ئەسىرلىرىنى سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆلتۇردى دىگەن يە كۈننى چىقاردى.كومىتىت يەنە سوۋىت ئىتتىپاقىنى خەلئارا سوتتا سوتلاشنى تەلەپ قىلدى پولاتتەك پاكىت ئالدىدىمۇ غەرپ دۇنياسى جىنايى جاۋاپكارلىق مەسىلىسى ئۇستىدە ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىپ كەلدى،ھەتتا «تۈمۈر پەردە»سىياسىتىدىن كىيىنمۇ يەنىلا بىر قارارغا كىلەلمىدى. 1969-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلروسىيەدىكى ئىلگىركى نامى خاتتىن(Khatyn) دوپ ئاتىلىدىغان بىر كەنىتتە ئابىدە تىكلەپ ،1943-يىلى ناتسىس گىرمانىيەسى بۇ كەنتتە ئېلىپ بارغان قىرغانچىلىقىنى خاتىرلىدى.سوۋىتنىڭ بۇھەركىتى دۇنيا ئەھلى تەرىپىدىن «كاتىن»بىلەن«خاتىن» قەستەن ئوخشاتقانلىق،باشقىلارنى قايمۇقتۇرغانلىق دەپ قارالدى،چۇنكى بۇ ئىككى سۆزدە پەقەت ئىككى ھەرپ پەرق بار،شۇ سەۋەپتىن تا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشى بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقنى دائىم ئالماشتۇرۇپ قۇيىدۇ. سوۋىتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ماسلىشىش ئۈچۈن،پولشا سوۋىتپەرەس ھۆكۈمىتى  «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»غا ئائىت بائارلىق سۆز-چۆچەك ۋە ئۇچۇرلارنى باستۇرۇپ،بۇ ۋەقەگە ئائىت بولغان ئۇچۇرلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ چارە كۆردى.ھۆكۈمەت كاتىنغا ئالاقىدار بائارلىق ئۇچۇرلارنى يوق قىلىپ باسۇردى،شۇ سەۋەپتىن كاتىن سۆزى دىيىش بولمايدىغان سۆز قاتارىغا كىرىپ،بۇ توغرىسىدا سۆزلەش چەكلەندى.  «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى» گەرچە پولشا تارىخىدىن ئۈچۈرۋېتىلسىمۇ،ئەمما دۇنيا تارىخىدا ساقلىنىپ قالدى.1981-يىلى ،پولشا ئىشچىلار ئىتتىپاق كومىتىتى ئۇستىگە«كاتىن،1940»دەپ يىزىلغان ئابىدە ئورناتتى،بىراق ساقچىلار تەرىپىدىن ئورنىتىش مەنئىي قىلىنىپ،«كاتىندا ناتسىسلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن پولشا ئوفىتسىر-ئەسكەرلىرىنى مەڭگۈ ياد ئىتىمىز»دەپ ئۆزگەرتىۋېتىلدى.ئەمما ھەر يىلقى روھلار بايرىمى(Zaduszki) مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئابىدە ۋە كىرىستلار پوۋازسكى(Powązki) قەپرىستانلىقى ۋە پولشىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قەبرىستانلىقلاردا پەيدا بۇلۇپ قالاتتى،ساقچىلار پۇتۇن كېچە مۇشۇنداق ئابىدە،كىرىستلارنى يوقىتىش ،چېقىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.1989-يىلدىكى شەرقى ياۋرۇپا ئۆزگىرىشىگىچە،كاتىن سوتسىيالىزىم تۈزىمى ئاستىدىكى پولشىدا تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغان سىياسى تەقىق ئىدى.

                                           ھەقىقى ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىنىشى
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى،شەرقى ياۋرۇپا ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتتى،پولشا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى تېخىمۇ ئېغىر ئىجتىمائىي بېسىمغا دۇچ كەلدى.پولشا ئالىملىرى  «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»نى 1987-يىلىدىكى پوشا-سوۋىت بىرلەشمە كومىتىت يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىۋىگە گىرگۈزۈپ،پولشا-روسىيە ئالاقە تارىخىدىكى چەكلەنگەن ۋەقەنى تەكشۈرمەكچى بولدى.1989-يىلى سوۋىت ئالىملىرى سىتالىن(Stalin)نىڭ پولشا ئەسىرلىرىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرىقىنى چۈشۈرگەنلىك ئىسپاتىنى ئاشكارىلايدۇ.1990-يىلى،سوۋىت كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتىتنىڭ سېكىرتارى(شۇجى) مىكايېل گورباچېف (Mikhail Gorbachev) پولشا ئىچكى ئىشلار خەلق كومىتىتىنىڭ پولشا ئەسىرلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە كاتىندىن باشقا يەنە ئىككى پولشا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىدى كۈمىلگەن جاي مەدنويې(Mednoye) بىلەن بىتىيخاتكىي(Piatykhatky)نى ئاشكارلىدى.1989-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنى، مىكايېل گورباچېف (Mikhail Gorbachev)نىڭ قۇشىلىشى بىلەن «كاتىندا زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى»ئۆمىكىدىكى نەچچە يۈز ئادەم كاتىن ئابىدىسىنى زىيارەت قىلىدۇ.بۇ ئۆمەكتە يەنە ئامرېكا سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى زىبىنېۋ بېرژىنىسكى(Zbigniew Brzezinski) بار ئىدى.پوپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھەغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.ھەمدە تىنىچلىق ھەركىتىنىڭ سىموۋۇلى بولغان بايراق ،لۇزۇنكىنى ياپتى.بىر نەپەر تەزىيە بىلدۈرگۈچى «NKVD (ئىچكى ئىشلار خەلق كومىتىتى) » بەلگىسىنى،ئابىدىدە ئەسلىدە بار « Nazis(ناتسىس)»دىگەن بەلگىنى ئېلىۋېتىپ ئورنىغا چاپلاپ قويدى.مانا ئەمدى بۇ ئابىدە «كاتىندا NKVD(ئىچكى ئىشلار خەلق كومىتىتى)نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن پولشائەسكەرلىرىنى ياد ئىتىمىز»دەپ ئۆزگەردى.بىرنەچچە خاتىرلەشكە قاتناشقۇچىلار ئۆلگۈچىلەرگە ئاتاپ شام ياندۇردى. زىبىنېۋ بېرژىنىسكى(Zbigniew Brzezinski) تەزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ: مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىم شەخسى ئازاپ،ئۆچمەنلىك ئۈچۈن ئەمەس،مۇشۇ يەردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ئوخشاش مەنمۇ بۇ يەرگە «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»نىڭ ئىتراپ قىلىنغانلىقىغا گۇۋاھ بۇلۇش ئۈچۈن كەلدىم.ئازاپ ئىچىدە ئۈلۈپ كەتكەن پولشىلىقلار،روسىيەلىكلەر بۇ جايدا مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتتى.ماڭا نىسپەتەن ئەڭ مۇھىمى،ھەقىقىي ئەھۋال دونياغا ئېچىپ بېرىلدى،پەقەت ھەقىقىي ئەھۋاللا سوۋىت يېڭى رەھبىرى بىلەن سىتالىن ۋە ئىچكى ئىشلار
كومىتىتىنىڭ جىنايىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئايرىپ تۇرى،پەقەت ھەقىقىي ئەھۋاللا سوۋىت-پولشا دوسلىقىنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.مەن باشتىن-ئاخىر شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ھەقىقەت ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ يولىنى تاپىدۇ ،كۈمۈلۈپ قالمايدۇ.بۈگۈن مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىممۇ بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتى. زىبىنېۋ بېرژىنىسكى(Zbigniew Brzezinski)يەنە مۇنداق دىدى:سوۋىت ەۆكۈمىتىتىنىڭ مىنىڭ سىياسى مەيدانىمنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ يەرگە كەلەىلى قويغانلىقى،سوۋىت ئىقتىسادى ئىسلاھاتىنىڭ«سىتالىنىزىم»بىلەن چەك-چىگرىنى ئايرىغانلىقنىڭ سىموۋۇللۇق بەلگىسى.زىبىنېۋ بېرژىنىسكى(Zbigniew Brzezinski)نىڭ سۆزى سوۋىت تېلۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن تارقىتىلدى.مۇراسىمدا ئۇ ئۈستىگە پولەكچە ۋە ئېنگىلىزچە«سىتالىن ۋە ئىچكى ئىشلار كومىتىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرغانلارغا تەقدىم. زىبىنېۋ بېرژىنىسكى »دەپ يىزىلغان بىر دەستە قىزىل گۈلنى ئابىدىگە قويدى.1990-يىل4-ئاينىڭ13-كۈنى«كاتىن جەسەت ئازگىلى»بايقالغانلىقىنىڭ 47 يىل بولغانلىقى خاتىرە كۈنىدە،سوۋىت ھۆكۈمەت تەرەپ رەسمىي ھالدا ئىپادە بىلدۈرۈپ«چىن كۆڭلىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز»دېدى،ھەمدە سوۋىت مەخپىي ساقچى ئورگىنىنىڭ بۇ ئىشقا
مەسئۇل بۇلىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلدى.بۇ كۈن دۇنيا« كاتىن خاتىرە كۈنى» دەپ ئېلان قىلىندى. پولشىلىقلار ۋە ئامرىكىلىقلار 1991-يىلدىن1992-يىلغىچە بولغان ئەزگىلدە  «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»غا ئائىت نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئېرىشكەندىن كىيىن،روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ زوڭتوڭى بارىس يېلتسېن(Boris Yeltsin) ئەڭ مەخپىي ئارخىپ بولغان«بىرىنچى توم»نى پولشىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زوڭتوڭى لەخ ۋاۋېنسا(Lech Wałęsa)غا تاپشۇردى.ئارخىپتا: لاۋرېنسىي پاۋلوۋىچ بېرىيا(Lavrentiy Pavlovich Beria)1940-يىل3-ئاينىڭ5-كۈنى سۇنغان غەربىي ئوكرائىنا،بىلروسىيەدىكى كېزېلىسك (Kozelsk) لاگىرى، سىتاروبېلسك (starobelsk) لاگىرى،ئاستاشكېف(Ostashkov) لاگىرىدىكى25700نەپەر پولشا ئەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش لاھىيەسى بۇلۇپ،ئۈستىگە سىتالىن قاتارلىق سوۋىت مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىۋاشلىرى قول قۇيۇپ تەستىقلىغان.1943-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى سىياسى بىيرو ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.ك گ ب نىڭ باشلىغى ئالىكساندېر شېلىپىن(Alexander Shelepin)1959-يىل3-ئاينىڭ3-كۈنى سوۋىت كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتىتنىڭ شۈجىسى نىكىتا خىرۇشېف(Nikita Khrushchev)قا سۇنغان دوكلاتىدا ئېتىپ ئۆلتۇرۇلگەن ئادەم سانى21857ئىكەنلىكىنى ئېنىق جەزىملەشتۇرگەن،ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئارخىبىنى دەرھال يوق قىلىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن.1991-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ئالى ھەربىي سوتى پىتىر.كاربوۋىچ.سېپرىيونىنكې(Maj. General P.K. Soprunenko)نى «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»غا قاتناشتى دەپ ئەيىپلەپ سوراققا ئەپچىققان،بۇ ۋاقىتتا پىتىر.كاربوۋىچ.سېپرىيونىنكې يېشى 83تىن ھالقىغان،كۈزى تۈزۈك كۆرمەيدىغان،يەنە كىلىپ راك سەۋەبىدىن داۋالىنىپ ئەمدىلا دوختۇرخانىدىن چىققان بۇلۇپ،سوراق جەريانىدا ئىمزاسىنى قويماسلىق قاتارلىق ئىلگىرى ناتسىس گىرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئەنست كەيتىنپورنا(Ernst Kaltenbrunner) قوللانغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سوتقا قارشى تۇردى. 1998-يىل6-ئايدا، بارىس يېلتسېن(Boris Yeltsin)بىلەن ئالىكساندېر كىۋاشنىۋېسكى(Aleksander Kwaśniewski) كىلىشىم ھاسىل قىلىپ،كاتىن(Katyn)ۋە مەدنويې(Mednoye)دىكى سابىق ئىچكى ئىشلار كومىتىتى زىيانكەشلىق قىلغان ئۇرۇننىڭ روسىيە دائىرسىدىكى جايلاردا ئابىدە تىكلەشكە كىلىشتى.شۇ يىلى 9-ئايدا،روسىيەمۇ سوۋىت-پولشا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى(1919-1924) سوۋىت ئەسىرلىرىنىڭ پولشىدا ئۆلگەنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى. سوۋىت-پولشا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،تەخمىنەن 16000دىن20000غىچە سوۋىت ئەسكىرى پولشا ئەسىرلەر لاگىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۈلۈپ كەتكەن.بىر قىسىم روسىيە ئەمەلدارلىرى بۇ ئىشنى «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقتىنمۇ ۋەھشىي بولغان »دىگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلار 1994-يىلى ئوتتۇرغا چىققانىدى.پولشىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈردىغىنى شۇكى،روسىيەلىكلەرنىڭ«كاتىنغا قارشى تۇرۇش»ۋە«تارىخنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش» داۋرىڭىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقى پولشىلىقلارنى ئۈمىدسىزلەندۇرگەن. ئالىكساندېر كىۋاشنىۋېسكى (Aleksander Kwaśniewski)2004-يىلى9-ئايدا رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندا،روسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ،كاتىنغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى يىشىلگەندە دەرھال پولشا ھۆكۈمىتىگە ئۇختۇرىمىز دىگەن. 2005-يىل،روسىيە فىدراتسىيەسى ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى«كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 10يىلغا سۇزۇلغان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئالىكساندېر سەۋىنكوف (Alexander Savenkov) تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ،ئۈچ سوۋىت ئەسىرلەر لاگىرىغا قامالغان14542ئادەم ئىچىدىكى1803پولشا پوخراسى زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان.ئەمما ئۇ 7000نەپەر ئەسىرلەر لاگىرىدىن باشقا تۈرمىلەرگە قامالغان زىياكەشلىككە ئۇچىرغۇچىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. ئالىكساندېر سەۋىنكوف (Alexander Savenkov) «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى» ئېرقى قىرغىنچىلىق ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇستىگەبۇ گۇناھنى ئۈستىگە ئالىدىغان سوۋىت ئەمەلدارلىرى ئاللىبۇرۇن ئۈلۈپ كەتتى،شۇڭلاشقا«بۇ ئىشقا سوت ئېچىشنىڭ ئاساسى يوق»دېدى.روسىيە تەرەپ تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان183توم ئارخىپ ئىچىدىكى 116تومنى دۆلەت مەخپىيەتلىگى دەپ پېچەتلىۋەتتى.
                                    
                                                 يېقىنقى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ4-كۈنى ۋىلادىمىر پۇتىن(Vladimir Putin)پولشا زۇڭلىسى دانالدتۇسۇك(Donald Tusk)4-ئايدا كاتن قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرلەش بائالىيىتىگەتەكلىپ قىلدى.2010-يىل4-ئاينىڭ7-كۈنى ۋىلادىمىر پۇتىن(Vladimir Putin)بىلەن تەكلىپ بىلەن كەلگەن دانالد تۇسۇك(Donald Tusk) «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»نىڭ70يىللىق خاتىرلەش بائالىيىتىگە قاتناشتى.بۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ قەبرىستانلىقتا بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تەبرىكلەش ئائالىيىتى. ۋىلادىمىر پۇتىن سوۋىتنىڭ «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»ۋەقەسىنى يېپىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئەيىپلەپ:«بۇنداق جىنايەتنى ئاقلايدىغان ھەرقانداق توغرا سەۋەپ يوق»،«بۇ يالغان گەپ نەچچە ئون يىل سۆزلەندى،ئەمما بىز بۇنى دەپلا روسىيە خەلقىنى ئەيىپلىسەك بولمايدۇ»دېدى.ئۇ يەنە روسىيە،پولشا ئىككى دۆلەتنىڭ بالدۇراق يارىشىپ قېلىشىنى ئۆمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دانالد تۇسۇك(Donald Tusk) :«ئىككى دۆلەتنىڭ يارىشىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل تىرىشىش كېرەك»،«ھەقىقىي ئەھۋال ئىككى دولەت خەلقىنى يارىشىش يۇلىنى تېپىش ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرىدۇ.بىز كەلگۈسىدە بۇ يالغانچىلىقنى يارىشىشقا ئايلاندۇرالايمزمۇ-يوق؟بىز شۇنىڭغا چۇقۇم ئىشىنىشىمىز كېرەككى،بىز چۇقۇم بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز»دېدى.2010-يىل4-ئاينىڭ10-كۈنى، پولشا زۇڭلىسى دانالدتۇسۇك(Donald Tusk) ۋە خانىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى  «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»غا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن روسىيەگە كىتىپ بارغاندا،قۇيۇق تۇمان ۋەسۈنئىي ئامىل سەۋەبىدىن ،ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ 300مىتىر ئۇچقاندىن كىيىن ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتكەن.ئايرۇپىلاندىكى ولشا زۇڭلىسى دانالدتۇسۇك خانىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پولشا ۋەكەللەر ئۆمىكىدىكى 88نەپەر ۋەكىل ۋە 8نەپەر ئايرۇپىلان خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96ئادەمنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغان.
2010-يىل11-ئاينىڭ26-كۈنى روسىيە دوماسى بايانات ئېلان قىلىپ. «كاتىن قانلىق قىرغىنچىلىقى»نى سىتالىننىڭ بۇيرىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى.

مەنبە:http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5 ... 7%E5%B1%A0%E6%AE%BA

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 50 جاپا چەكتىڭىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 09:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىق سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ بۇنداق سۈيقەسىتلىرى جىق، ئاشكارىلانمىغانلىرى خېلى بار ..........

ئۇيغۇر ئوغلانى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13061
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 6475 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 09:39:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ۋەقەگە ئالاقىدار  ،روسلارنىڭمۇ ياكى پولىكلارنىڭمۇ بىر ھۆججەتلىك فىلىمى بارغۇ،فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەر بەكلا ئىچىنىشلىق،قىرىلىپ كەتكەن بىچارە پولشالىقلارنى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىدا تۈتۈپ ئازگالغا كۆمۈۋاتقان...

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59734
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2011-10-9
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 09:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە جەريانىدا ئويغۇرچە خەتتە ئازراق خاتالىق باركەن ،تۈزۈتۈپ ئۇقۇشىڭلارنى سورايمەن

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:04:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنى دىسەم مۇشۇ سىياسىنى پەقەت چۇشەنمەيمەن ،ھەم چۇشەنگىممۇ يوق.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇسلار تىرىگ كۆمۈۋەتكەن پولشىلىقلارمۇ نەچچە ئونمىڭغا يېتىدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60628
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4813
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىتالىن گېتلىردىن نەچچە ھەسسە ياۋۇز جاللات .ئۇنى روسلامۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.بولۇپمۇ ئۇ توڭگۇزنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان سۈيقەستلىرى تېخى ئاشكارلانمىدى.بىراق چۆلدە قالغان جەسەتمۇ ھامان بىر كۈنى ئاشكارلىنىدۇ....................

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15148
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9542 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 02:00:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانلىق تارىخنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ!

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 03:18:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يىلى ئاشۇ ئايرۇپىلان ۋەقەسى  يۈز بەرگەندە كاتىئن ۋەقەسىنى بىلگەن ئىدىم ...ئەمدى تۇلۇق خەۋەردار بولدۇم ،،،تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت ...

مەن ئەسكىلەرگە ي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28623
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2685 سائەت
تىزىم: 2011-2-1
ئاخىرقى: 2012-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 03:50:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن تارخ كىتابلىرىمىزدىكى بايانلارغا قاراپ ستالىن بىلەن يېقىنراق ‹سۆيۈملۈكلىرىمىز ›گە ھۆرمەت قىپتىكەنمەن ، كېيىن چوڭ بولۇپ ، ئەينى تارخنى يات تىللاردا قانداق خاتىرلەنگەنلەرنى كۆرۈپ ستالىنلارنى شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتتىمكى ... بولدى ... بۇرۇنقى ھۆرمەت تۇيغۇمنى مەندىن كۆرۈشكە بولمايدۇ ...

j'aime la FRANCE , mais je préfère URUMQI .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش