مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2079|ئىنكاس: 5

داڭگال لېرىكىللىرى-ئىنتىلىش ‹9-13› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 04:33:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                                        ‹9›

  جىمجىت كۆلبەمگە تىۋىشسىز كىرىپ كارۋىتىندا يېنىچە ئولتۇردۇڭ-دە ئاستا چاچلىرىمنى سىلىدىڭ.ئاھ،مەن نىمە دىگەن بەخىتلىك ھە؟! پۈتۈن ئەزالىرىم زەرەتلەنگەندەك تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خوشلۇقتىن تىترەپ كەتتىم.

  كۆزلىرىمنى ئەتەي چىڭ يۇمۇپ ھېدلىرىڭدىن مۇپەسسەل ھېدلاپ سۆيگۇڭنىڭ بار لەززەتلىرىدىن چۈشلۈرۈمگە قۇرداش قانغىچە ھوزۇرلاندىم.ساڭا ۋە سېنىڭ رۇخسارىڭغا قاراپ ئولتۇرغانسىرى باھاسىز خىيال ۋە  باھادىر ئېرىشمەكلىرىم بارغانچە يېقىنلىشىۋاتقاندەك مىنى ھاياجاندا مۇڭلاندۇراتتى...

  مەن بۇ كىچىنىڭ مەڭگۈ -ئەبەدىل-ئەبەت تۈگەپ قالماسلىقىنى ،سەن بىلەن ئۆتكەن بۇ دەقىقىللىرىمنىڭ تاكى مەن ھېشنىمىنى تۇيمىغىچە داۋاملىشىشىنى نەقەدەر ئارمان قىلمەن-ھە؟!


   مەنبە ؛قەلەم

    مەنبە؛ قەلەم.

  نىھايەت ،ئىشىك غەمسىز چېكىلىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.

                                                                                         ‹10›

  قەلبىم،كۆڭلۈم قېلىپلاندى.يۈرۈكۈم قۇلۇپلانغان خانەڭدە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەسمەن.ماڭا ئايانكى،ۋۇجۇدۇم پۈتۈنلەي سېنىڭ مەھبۇسۇڭغا ئايلاندى.

  سۆيگۈڭ سېرىتمىغىدا بوغۇلۇپ سەندىن يەتمەك بولغان ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىمنى جەننەت دەپ بىلگەن دەملەردە مۇھەببەتسىز ئىقرالىرىڭغا ئىسەدىگەن ئاھۇلۇرۇم ساڭا يىتەرمۇ؟

  تارتىۋاتقان كۈلپەت-ھەرەجلىرىم قوپۇرغان كۆز يەتكۈسىز سېپىلىڭ ئىچرە تۇرساممۇ سۆيگۈڭنىڭ پەقەت ماڭىلا تالىق ئىكەنلىكىدىن كۈلىمەن.چۈنكى مەن ئاداققى تىنىقىمنى يەنىلا ساڭا ۋە سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە تاپشۇرىمەن.

                                                                               ‹11›

   سەن ۋە سېنىڭ ئىسمىڭلا قۇلاق تۈۋۈمدە  تىنىمسىز جاراڭلاپ ئاللىكىملەردۇ  مىنى سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن چاقىرۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.

  نەدە ۋە قانداق ئۇچرىتاي سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئاتالغان ھەر قانداق بىر ئىنسان ماڭا خۇددى سەندەك يېقىملىق ۋە رايىش كۆرىنىدۇ.

  بىلەمسەن،مەن خۇددى ئۆزەمنى سېنىڭ نام-شەرپىڭ روھى خېتىگە ئىلىنغان ھەرىپلەر بىلەن قورشالغاندەك ھېس قىلمەن.جىسمىم،ۋۇجۇدۇم ۋە بار ئىشقىمدا شۇنچە جۇلادار بىر سۆز بىرىكمىسى-سېنىڭ ئىسمىڭلا مىنى توختاۋسىز نەپەسلىنىشكە ئۈندەيدۇ.

                                                                      ‹12›

  مەن ھەر قاچان بۇ كىشەننى پاچاقلاپ ئەركىن بولۇشنى نەقەدەر سېغىنىمەن!؟ بىراقكى،سېنىڭلا مېھرى تۈرمەڭگە مۇددەتسىز بەنىت ئامالسىزلىرىم ھەممىگە بەرداش ۋە كۆنۈك...

  سېنى دەپ تارتقان ئۇۋاللىرىم،ئىشىتكەن ئاھانەتلىرىم،كۆرگەن مۈشكۈللۈرۈم ھەددى ھېساپسىز بولسىمۇ ئۆزەمدىن قىلچە نەپرەتلىنىپ باقمىدىم.تەڭرىمگە ئاھ ئۇرۇپ تەغدىرىمدىن ۋايسايمىدىم.

  شۆھبىسىزكى،ساڭا ئېرىشمەك يولىدا مىنى ئۆرتىگەن ئازاپ،مىنى مۈكچەيتكەن دوقال ۋە مىنى ھالسىراتقان مەغلۇبىيەتلەر يەنىلا مەن سەندىن كۈتمەك بولغان بەخىت ۋە خوشاللىقتەك ماڭا ئارام ۋا ھۇزۇر ئىدى-دىلبىرىم!

                                                                      ‹13›

  بەلىكىم سەن مۇساپەمنىڭ تەڭ يېرىمى تۈگىگەندە ئۇچرۇدۇڭ. لىكىن مەن سەن بىلەن يېڭى بىر ھايات بوستانىغا چۆمدۈم.ئەتراپىمغا يەنە بىر رەت كۈلۈپ باقتىم.گەرچە بۇ بېقىشىڭنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغىننى بىلمىسەممۇ مۇشۇنداق بىر ھالەتنىڭ قايتا شەكىللەنگىنىدىن باسماقلىرىمدىن سۆينەتتىم.

  يۈرۈكۈم قاغجاراپ،دىلىم سۇنۇپ،كۆڭلۈم پەرىشان ،ۋۇجۇدۇم ۋىسالسىز ھايات ئېڭىزلىرىدا تىپچەكلىگەن مەنىسىز ئۆتكۈنلۈرۈمدە سېنىڭ يولۇقۇشۇڭ ماڭا ئۈمۈت ۋە ئىقبالنىڭ ئىشىكىنى قايتا ئاچقاندەك بولدى.

  تەڭرىم خۇددى مەن سېنى ساقلاۋاتقاندەك ،سەن ھامان بىر كۈنلەردە يېنىمغا كېلىمەن دەپ ۋەدە قىلغاندەك سېنى،بىر گۈزەل پەرىشتىنى ماڭا تارتۇقلىدى.ئالەمچە تەبەسسۇم يۈرلۈمدە تەپچىدى،قەلبىم گۈلخان بولۇپ ئىستەكلىرىم شامىنى ياندۇردى.

ئاھ،دىلبىرىم! ئۆكتەبىرنىڭ سالقىن،غېرىۋانە تۈنلىرىدە  ماڭا كۆز قىسىشىۋاتقان يۇلتۇزلارنى قوغلاپ ،ماڭا كۈلۈپ سۈرىلىۋاتقان تولۇن ئايغا ئەگىشىپ ‹دىلبىرىڭ كەلدى› دەپ كىلەرسەنمۇ؟!


   مەنبە- قەلەم.

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23095
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4660 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 10:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تاپتا سېنى قانچىلىك ئىنتىزارلىقتا كۈتىۋاتقانلىقىمنى بىلسەڭ ئىدىڭ ،مېنى بۇنچە ساقلاتماس ئىدىڭ .قەلبىڭ ھەر ۋاقىت مېنىڭ كەلگەنلىگىمنى سىزىپ  تۇراتتى ،ئەجىبا بۈگۈن ساڭا نىمە بولدى ؟ ئاھ! مېنى شۇنچە قىينامسەن ،سېنى باغرىمغا  بېسىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىمغۇ ؟! .
ئاسمانغا تىكىلىپ قاراپ باق سېنى ساقلاپ شۇ بۇلۇتلار ئارىسىدىن بوينۇمنى قىسقىنىمچە سېنىڭ يوللۇرۇڭغا قاراپ تۇرىۋاتىمەن .سۇغاق شامال بەدىنىمنى مۇزلاتماقتا ،لىكىن بۇنىڭغا پىسەت قىلماي ،سېنى كۈتتۈم ،يەنە كۈتتۈم ،ئارمانلىرىمىزغا يىتىش ئۈچۈن كۈتتۈم .سەن شۇنچە مىھرىبان ،مېنىڭ ئۈمۈتلۈك نۇرلۇق يۇلتۇزۇم ئىدىڭغۇ جانىم ،بۈگۈن ساڭا  نىمە بولدى ،نۇرلىرىڭنى كۆرسەرمەي ،جىم-جىم لا تۇرىۋالدىڭ .ماڭا بۇنداق قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى دەپ توۋلىغىم كەلدى ،لىكىن يەنە شۇ  سېنى كىلىدۇ دەپ ئاخماقلارچە ساقلاۋاتتىم ....


-----ئاي يامغۇرى ---------

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 11:46:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاغىلار ئۇچۇپ كەتسە پەرۋايىم پەلەك ئىدى ، ئەمما مەن تازا ھوزۇرلىنىپ كۆرىۋاتقان بىر جۈپ ئاققۇ ئۇچۇپ كىتىۋىدى كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى .
چۈنكى گوياكى شۇ ئاققۇنىڭ بىرى مەن بىرى سەن ئىدىڭ ، قەلبىمدىكى بارچە سۆزلەرنى ساڭا ئېيتىپ بەرگۈم كىلەتتى ئەمما ساڭا قانداق ئېيىتشنى ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيىتتىم .
شۇڭلاشقا سىنىڭ ماڭا ئاز تولا ئىتىبار قىلىشىڭنى ، نەزىرىڭنى ياغدۇرىشىڭىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ، سەن ئۈچۈن ئويلانماقتىمەن ...
ئەپسۇس ، سەن يېنىمدا بولمىغاچ ھىچبىر ئۆزۈمنى بەخىتلىكتەك ھس قىلالمايۋاتىمەن ، ئاشۇ بىرجۈپ ئاققۇ كەبى كۆڭۈللىرىمىز بىر بىرىمىزدىن سۇ ئىچىپ بىر بىرىمىزگە مەدەتكار بولۇپ ئۆتسەك نىمىدىگەن ياخشى ھە ؟ !

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 12:35:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلزارلىقتا كىپىنەكلەرنى كۆرۈپ تۇراتتىم. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قېنى ئۇ كىپىنەكلەر ؟ ھەي، تەبىئەت دىگەن ئاجايىپ سېخى بولىدىكەن...بىزلەرگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىدىكەن... مانا قىش كېلىۋىدى، ئۇنىڭ پەرۋانە ھەركەتلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا. ئۇنى سىغىندىم... كىپىنەكمۇ گۈلزارلىقنى ، باھارىنى سىغىنىۋاتقاندۇ ؟ ! ھەممە- ھەممە نەرسە ئاشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. قاچان كېلەرسەن باھار، يەنە كۆرۈرمەن سېنى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10294
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8235
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 4479 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 10:18:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەل،مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەس ھەم مىسلىسىز خىسلىتىدىن قاناتلىنىپ پەرۋاز قىلىپ كەل! بىزنىڭ بىغۇبار ئىستەك ۋە ھاياجانلىرىمىزدىن زېمىن قايتىدىن ياشناپ، نۇر ۋە شەبنەمدە يۇيۇلۇپ،يېپيېڭى ھۆسنى بىلەن بىزگە قاراپ جىمىرلاپ كۈلسۇن!.

lvoeqma99 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 05:53:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Q26610440洛阳考研替考,安阳雅思代考,西安中级会计师替考

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش