مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2535|ئىنكاس: 13

تومۇر ئاياقلىق ئەزىمەت غۇلجىغا قايتىپ كەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40860
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6785
تۆھپە نۇمۇرى: 1549
توردا: 1009 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 03:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تومۇر ئاياقلىق ئەزىمەت غۇلجىغا قايتىپ كەلدى



ئۇچۇرلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئەھەت يۈسۈپ تۆمۈر سەكرىمە ئاياق بىلەن غۇلجىدىن ئۇرۇمچىگە يولغا چىقىپ 700 كېلومىېتىر يولنى بېسىپ پۈتۈن مۇساپىنى 15 كۇندە تاماملاپ، تۈنۈگۈن 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى دۈشەنبە كۈنى سائەت 2 دە غۇلجىغا قايتىپ كەلدى .( غۇلجىدىن ئۇرۇمچىگە بولغان ئارىلىقنى تومۇر ئاياق بىلەن باستى كېلىش مۇساپىسىنى ماشىنىدا تاملاپ، غۇلجا شەھەر باش بىكەتتىن باشلاپ تومۇر ئاياقنى كىيىپ غۇلجىغا كىردى )  بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇنلىغان مۇشكىلاتلارغا يولۇقتى، ناچار ھاۋا رايى ، سوغۇق ، تىك داۋانلارنى ئاشتى ، ئۇنى بارغانلىكى جايدىكى ئەزىز قېرىنداشلار قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالدى. مەن بۇ يەردە ئۇنى كۈتىۋالغان، ئۇنى مەدھىلىگەن ، ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا سەمىمى رەھىمىتىمنى بىلدۇرىمەن ۋە ئۇنى سەپىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان، ئېلى ئوبلاستلىق دادا فا تىرانسىپورت شېركىتىگە چەكسىز تەشەككۈرىمىزنى بىلدۇرىمەن .
تۈنۈگۈن كۈتىۋىلىشقا مەنمۇ چىقتىم. ئۇ چاغدىكى ھىسىياتىم ۋە شاتلىقىمنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەشكە بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن . مەن بۈگۈن گەرچە ئەدەبىياتچى بولمىساممۇ ، ئومرۇمدە تۈزەك شېئرى ئەسەر يېزىپ باقمىغان بولساممۇ ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتىمنى ئاددى قوشاق ئارقىلىق ئىپادىلەپ، يوللىدىم . كۆپچىلىكنىڭ خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .


    .

باتۇر ئۇيغۇر باللىرى


تەلكىنىڭ تاغلىرى بار،
تاغلىرىدا داۋىنى.
داۋانلاردىن ھالقىغان،
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باللىرى .



پۈتلىرىدا تۆمۇر ئاياق،
يۇرىكىدە كۆپ ئىشتىياق.
داۋان ئاشتى ئەھەت يۈسۈپ،
ئۈمىدسىزلىك ئۇندىن يىراق.



توپ ئوينىتىپ ماڭدى ئەنە،
شىنجاڭ كېزەر دىلشاتجان.
خەلقىم ئاڭا دۇئا بەردى،
يولى بولسۇن شاد ئامان.



قارشى ئالدى تاغ داۋان،
توستى يولىنى يامغۇر بوران.
سوغۇقلاردا توڭلىدى تەن،
باش ئەگمىدى باتۇر ئوغلان.

ھالقىپ ئۆتتى تەلكىدىن،
قالدى ئەنە تاغ- داۋان.
غەيرىتىدىن ئۇيغۇرنىڭ ،
ھەيران قالدى يەر جاھان.

يامغۇر، بوران، تىك چوققا،
توسالمىدى يولىنى .
مۇھەببىتى ئۇيغۇرنىڭ،
تىك رۇسلىدى بويىنى.

ئۇيغۇر ئوغلى تارىختىن،
باتۇر، قەيسەر نەسلىدىن.
مۈشكىلاتقا دۇشمەنگە،
تىز پۈكمەستۈر ئەزەلدىن.

باتۇرلۇقتا ئەرلىكتە،
جاھان ھەممە تونۇيدۇ.
نەرە تاتسا ھۇررا دەپ،
شىر يولۋاسمۇ ئۇركۈيدۇ.

ئارمان كۆپتۇر ئۇيغۇردا،
ئوخچۇپ تۇرار قانلىرى.
ئۈمۈد بىلەن ياشارمىز،
باردۇر جەسۈر باللىرى .

قوللىرىدا مەشئەل بار،
مەرىپەتكە ئاتلانغان.
ئەل ۋەتەنگە، خەلقىغە،
پۈتۈن جىسمى ئاتالغان.

كېتىپ بارار ئوغلانلار،
يۇرىكىدۇر مەشئىلى.
تونىتىشتۇر جاھانغا،
ئۇيغۇرلارنى مەقسىدى.

بېسىپ ئۆتكەن ھەر يۇرتتا،
باغاشلىدى ئەل ئاۋام.
گۈللەر چېچىپ بويىغا،
ئالقىشلىدى ھەر زامان.

ناغرا- سۇناي ساماغا،
چۆمدى بارغان يۈرتلىرى.
بايرام قىلماي چىدامدۇ،
كەلسە باتۇر باللىرى
.

    
تەھرىردىن : ئېلان تەشۋىقات خارەكتىرى ئالغان يوللانمىلار قۇبۇل قىلىنمىغاچقا، يوللانمىڭىزدىكى بىرقىسىم مەزمۇنلار ئۆچۈرۈلدى .

مەنبە : ئۆزۈم

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5972
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 6100 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 09:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ئەزىمەتلەر ....

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.
ئۇيغۇرش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 09:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۈلۈمدىن باشقىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5791
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6287
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 1427 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 09:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان باللا ............

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7287
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 10:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئۇنتۇلغان ئادەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85795
تۆھپە نۇمۇرى: 2015
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 10:16:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەيدۇ . گوگىل قاتارلىق چوڭ ئىزدەش تور بەتلىرىدە باشقا ھەرقانداق بىر مىللەتتىن بولغان . مەيلى تەنتەربىيە بوكىس ساھەسىدە بولسۇن ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق ساھەدە بولسۇن ئازراقلا ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ رەسىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارخىبىنى تېپىش ناھايىتى ئاسان ئىكەن . ئەپسۇس ئويغۇرلار ئارىسىدىن چىققان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ۋە باشقا ساھەدىكى چوڭ -چوڭ  ئۇتۇقلارنى  قازانغان كىشىللىرىمىزنىڭ ماتىرىياللىرىنى ئۇنداق چوڭ تۇربەتلەردىن ئىزدەپ تېپىش تۇلىمۇ تەس ئىكەن ھاتتا تاپقىلىمۇ بولمايىدىكەن . بۇ ئەھۋاللارنى كۈرۈپ تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندىم .......

يۇقارقىدەك جاسارەتلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق تىللاردا داستان بولغىدەك ئىشلارنى ياراتسا ئۇلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن چىققان كىشىلەرنىڭ ئازلىقىدىن. ۋە  تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى ئاددىلىقىدىن  ئەپسۇسلاندىم ...
بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا   خەنزۇچە تور بەتلەردىن   خەن مىللىتىدىن بولغان  بىر ئەرنىڭ ياپۇنيەدە ئۆتكۈزۈلگەن « ئاچچىق شورپا ئىچىپ تەرلەش » مۇسابىقىسىدە 1 - بۇلۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ھۈكۈمەت تەرەپ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقىنى . ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنلىكى . ھەرقايسى تىلۋىزىيە ئىستانىسىللىرى نۈۋەت بىلەن ئۇنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭغا « جۇڭگودىكى ئەڭ ساغلام ئەر » دىگەن شەرەپلىك نام بەرگەنلىكى ھەرقايسى مەھسۇلات شىركەتلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئېلان توختامى ئېمزالىغانلىقى مەلۇم بىر قىزىلمۇچ قىيامى ئىشلەپ چىقىردىغان شىركەت نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن  3 يىللىق مەھسۇلات ئېلانىغا چىقىش توختامى ئىمزالىغانلىقىدەك  بىمەنە ئىشلارنى كۈرۈپ ھەيران قالدىم . شۇنداقلا ئويلۇنۇپ قالدىم .........

مەن بۇ قېتىم ئىپلاس تىنىڭدىكى قانلارنى چۇقۇم كۆپرەك ئاققۇزىمەن ... يەنە كېلىپ بۇ قېتىم ئەشۇ زەھەرلىك قانلىرىڭ جەرىستاندا ئاقىدۇ  ...

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10307
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:29:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز ؟
ياشا ئۇيغۇرۇم ..
بۇنڭىدىن كىىيىن مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىدە مىللىتمىزنىڭ پەخرلىك ئوغلانلىرنىڭ مۇبارەك ئىسمى ۋە ئۆزى بىلەن تۇنۇشۇپ قالارمىز ؟

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىمەتلەرگە ئاپىرىن ، پۇتلىرى تېخىمۇ مەزمۇت بولغاي

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5091
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1746 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:44:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   15 كۈن،

ئارمانلاردىن  د

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25882
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 2016 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 10:55:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ دۇنيادا ھېچكىم سېنىڭ يىغلىشىڭغا  ئەرزىمەيدۇ،ئەرزىگۈدەك ئادەم سېنى يىغلاتمايدۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش