مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3637|ئىنكاس: 21

Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋاتق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ماڭغان يولۇڭدا ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2358
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10229
تۆھپە نۇمۇرى: 755
توردا: 2923 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىشىلەر سەل قارايدىغان Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋاتقان 8 سەۋەب


ھەممىمىز كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە كونۇپكىسىنى بېسىپ بولغۇچە Windows قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئارزۇ قىلمىز، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپۈيلىدىن، بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشمايلا قالماي، تېخى پات-پات كومپيۇتېر قېتىۋالدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە Windows قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى Windows نىڭ مەسلىسى ئەمەس، بەلكى بەزى ئۈسكۈنە ۋە قوللىنىشچان يۇمتال(يۇمشاق دېتال) لار كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۆۋەندە سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىدىكى 8 خىل سەۋەبنى كۆرۈپ، سىزمۇ كومپيۇتېرڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ كومپيۇتېرڭىزدىمۇ ئاشۇنداق مەسلىلەر بارمۇ؟
1. USBلىق قاتتىق دىسكا ۋە سايىچى( (Scanner )قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر.
ئەگەر كومپيۇتېرڭىزغا سايىچى( (Scanner)قاتارلىق ئۈسكۈنلەر چېتىلغان بولسا ياكى كومپيۇتېر قوزغۇلىۋاتقانداUSB لىق قاتتىق دىسكا ئۇلانغان ھالەتتە بولسا، ئۇلارنى ئۈزىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ، Windows ئۈستەل يۈزى بۇرۇنقىدىن بالدۇرراق كۆرۈنەمدۇ قانداق؟ ئادەتتە، USB ئېغىزىنىڭ ئۇلنىش سۈرئىتى ئاستىراق، شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر ئۇلانغان ھالەتتە بولسا، كومپيۇتېرنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئامال بار كومپيۇتېر قوزغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن USB ئېغىزغا ئۇلىندىغان ئۈسكۈنىلەرنى چېتىڭ. ئەگەر USB ئېغىزغىغا ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنلەر بولمىسا BIOSقا كىرىپ USB ئۇلىنىش ئېغىزىنى ئېتىۋېتىڭ.
ئەسكەرتىش : Windows قوزغالغاندا، ھەر قايسى ئۇلانغان قوزغاتقۇچلارنى بىر قېتىم تەكشۈردىغان بولغاچقا، ئوپتىك قوزغاتقۇچتا دىسكا بولسا ، قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2. ئىشلەتمەيدىغان تور دىسكىلارنى ئۈزۋېتىڭ.
Windowsنىڭ قايتىدىن ئۇلىندىغان تور ئۇلىنىشلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن  ئىشلەتمەيدىغان تو دىسكىلارنى (Network driver،网络驱动器) توختىتىپ قويۇش كېرەك. «كومپيۇتېرىم»(我的电脑) نى ئېچىپ بۇرۇن ئۇلانغان تور دىسكىلارغا ئەكىلىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ «ئۈزۈش» نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
3. ھۆججەت ياكى پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش
بەزى WindowsXP نىڭ كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردىمۇ قوزغىلىش ناھايتى ئاستا بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا 1 مىنۇت 40 سىكۇنتتىنمۇ كۆپ! خۇددى سېستىما قېتىپ قالغاندەكلا، سېستىما قوزغالغاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، كومپيۇتېردا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، بىر مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى Bootvis.exe ھۆججىتى قوزغالغاندىن كېيىن ، ئىچىدىكى Mrxsmb.dll ھۆججىتى كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىغا 67 سىكۇنت ۋاقىت قوشۇپ قويىدۇ.
بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سېستىمىنىڭ ھۆججەت ۋە پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئىختىدارىنى توختىتىۋەتسەكلا بولىدۇ: (باشلاش›››تەڭشەك›››تور ۋە بۇراپ تورغا چىقىش) نى چىكىپ چىققان كۆزنەكتىن «يەرلىك ئۇلىنىش»قا ئەكلىپ مائۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ «خاسلىق»نى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن « بۇ ئۇلىنىش تۆۋەندىكى تاللانغان بۆلەكلەرنى ئىشلىتىدۇ» نىڭ ئاستىدىكى « Microsoft تورىنىڭ ھۆججەت ۋە پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش» دىگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى تاللاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
ئەسكەرتىش: Microsoft مىكروسوفىت شىركىتى Bootvis.exe ھۆججىتىگە قارتا كۆپ قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ بېرىپ WindowsXP نىڭ قوزغىلشىنى تىزلەتتى. بۇ قورالنى چۈشۈرۈڭ http://bootvis.soft32.com/
4. ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇردىغان تور كارتىسى
ئەگەر تەڭشەش مۇۋاپىق بولمىسا ، تور كارتىسىمۇ سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ تور كارتىسى ئىشلەتمەيدىغان كومپيۇتېرلىرىڭىز بولسا، تور كارتىسىنى سۇغۇرىپ چىقىرۋېتىڭ، ئاشۇنداق قىلسىڭىز سېستىمىنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز دائىرلىك تور ئىچىدە بولسا، تور كارتىسى قوزغاتقۇچى پىروگىراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، ئادەتتە ئاپتوماتىك ھالدا DHCP مۇلازىمىتېر ئارقىلىقIP ئادرىسىغا ئىرىشىدۇ، بىراق كۆپ قىسىم شىركەت ۋە دائىرلكى تورلارنىڭ DHCP مۇلازىمىتېر بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئىشلەتكۈچىلەر تور كارتىسىنى ئاپتوماتىك IP ئادرىسىغا ئىرىشىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسا، توختىماستىن دائىرلىك توردىن DHCP مۇلازىمىتېر ئىزدەيدۇ،  تاكى IP ئادرىسىغا ئىرىشىكىچە ياكى ئۇلىنىش ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە، بۇ تەبىئىيلا قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا دائىرلىك توردىكى كومپيۇتېرلارغا ئەڭ ياخشىسى مۇقۇم IP ئادرېىسى بىكتپ بىرىش كېرەك.
5. قاتتىق دىسكا رايونلىرىدا خاتالىق كۆپ
ئەگەر2000 Windows نى SP3 ياكى SP4 غا دەرىجىسىنى ئۆستۈرمىگەن بولسىڭىز Windows قوزغۇلۇش سۈرئىتى ئاستىلاپ كىتىدۇ. شۇڭا SP4 غا يېڭىلىۋېلىڭ. ھەمدە قاتتىق دىسكىنى بەك كۆپ رايونغا ئايرىماڭ. چۈنكى Windows قوزغالغان ۋاقىتتا چوقۇم ھەر بىر دىسكا رايونىنى تونۇشى كىرەك، دىسكا رايونىنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا تونۇش مەشغۇلات ۋاقتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
6. ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر بەك كۆپ بولسىمۇ بولمايدۇ.
ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسمۇ ، سېستىمىنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. Windows ھەر قېتىم قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزىنى كۆرسەتكەندە ، ئۈستەل يۈزىدىكى تېزلەتمە بەلگە ۋە سىنبەلگىلەرنى بىرمۇ-بىر ئىزدەپ ئۇلارنى قاتىدۇ، سىنبەلگە قانچە كۆپ بولسا ، سەرپ قىلدىغان ۋاقتىمۇ كۆپ بولىدۇ دە ئەلۋەتتە. شۇڭا بىز ئىشلەتمەيدىغان سىنبەلگىلەرنى ئۆچۈرۋېتىشىمىز كېرەك.
ئەسكەرتىش : بەزى ۋىرۇسخورلار سېستىما قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزى كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى ئېچىلغان بولۇپ ، ۋىرۇس تازلاش جەريانى بىرمۇنچە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، ئەگەر سىزمۇ ۋىرۇسخورنىڭ ئاشۇ ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويغان بولسىڭىز ئىتىۋەتسىڭىز ئۈستەل يۈزى تىزراق كۆرۈنىدۇ.
7. خەت شەكلى كۆپ بولسىمۇ چاتاق
گەرچە مىكروسوفىت(Microsoft) Windows قا 1000~1500 گىچە خەت شەكلى قاچىلىغىلى بولىدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قاچىلانغان خەت شەكلى سانى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن ھامان چاتاق چىقىدۇ، مەسلەن : پروگىراممىدىكى «خەت شەكلى» تىزىملىكىدىكى خەت نۇسخلىرى كۆرۈنمەسلىك دېگەندەك . ھەمدە Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ كىتىدۇ. شۇڭا ئىشلەتمەيدىغان خەت شەكىللىرىنى ئۆچۈرۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، خاتا ئۆچۈرۋېتىپ كۈتۈلمىگەن ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەت شەكلى ھۆججەتلىرىنى زاپاسلىۋېلىش كېرەك.  Windows نىڭ خەت شەكلى ھۆججەتلىرى X:\Windows\Fonts مۇندەرىجىسى ئاستىدا بولىدۇ.
8. مىكروسوفىت(Microsoft) ئۆزى تېرىغان بالا
بىر قانچە يىل بۇرۇن WindowsXPنىڭ بەزى ياماقلىرى سېستىما قوزغىلىش ۋە ئېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتكەن. ( مەسلەن: Q328310 نۇمۇرلۇق ياماق سېستىمنىڭ قوزغىلىش ۋە ئېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىپلا قالماي يەنە رويخەتنى قۇلۇپلاپ قويغان.) ئەگەر سىز مەلۈم ياماقنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتسە ، تەكشۈرۈپ بېقىڭ بەلكى ئاشۇ ياماقنى يېڭىلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان چاتاق بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە : يولۇچى بلوگى

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 25983
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6015 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 02:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ كومپيۇتېرىم نەچچە كۈندىن بېرى ئاساسەن  29 سىكونتتا قوزغىلىۋاتىدۇ.  تۆنۈگۈن بىر قېتىم 28 سىكونتتا قوزغالدى.

http://riziq.cn

ھايات ئادەمگە پە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 03:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا تەپسىلى چۈشەندۈرمەپسىز، http://bootvis.soft32.com/ Th)  
ھەممىسى ئېنگىلىزچە ئىكەنغۇ

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 03:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ كومپيۇتېرىم نەچچە كۈندىن بېرى ئاساسەن56 سىكونتتا قوزغىلىۋاتىدۇ.  تۆنۈگۈن بىر قېتىم 57 سىكونتتا قوزغالدى

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

پاك يۈرەكنى قورق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44516
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3581
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 3075 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 04:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ كومپيوتىرىم 26 سىكۇنتتا قوزغىلىپ بولىدىغان،سېستىما ئالماشتۇرمىغىلى ئۈچ ئاي بولدى .ئەمدى بىر مىنۇتتىن ئېشىپ كەتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 04:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە   window 8  قاچىلغان    ھەيرانلا قالدىم   11سىكىنوتتا قوزغۇلۇپ بولدى كىيىنچە قوللىنىشچان دىتاللا بەكئاز دەپ يانا  window 7كۈچىۋالغان    25~30نىڭ ئارلىقىدا قوزغۇلۇپ  ئىچىمنى سىققىلى تەگدى

بۇنىمۇ بىلۋالدۇق  رەھ مەت ھە

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60874
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 05:37:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى مەسلىھەت بېرىپسىز،مېنىڭ كومپىيوتىرىم غەيرىلا بولۇپ قالدى،7-ئاي مەزگىلىدە بىر تال پىرىنتىر ئالغان ئىدىم،بۇ پىرىنتىر پەقەت WindowsXPنىلا قوللايدىكەن،يېڭى چىققان ghostدېگەنلەرنى مۇمكىن قوللىمايدىكەن،تونىتالماي پىرىنتىر ئالغان خەنزۇ ئۆزەم تونۇتۇپ بېرەي دەپ تۇرىۋېلىپ بىر سېتىمىنى قاچىلاۋاتاتتى،يېرىمىغا كەلگەندە توختىۋالدى يا ئېچىلمايدۇ يا ئىتىلمەيدۇ،توك مەنبەسىنى ئايرىۋىتىپ بىردەمدىن كېيىن ئۆزەم بىر سېستىمىنى قاچىلىسام تۇللۇق قاچىلىدى پىرىنتىرمۇ تونىدى،بىراق كومپىيوتىر قوزغىلىشتىن ئاۋال يېرىم ئېكرانلىق بىر مۇنچە ئېنگىلىزچە خەت چىقىۋالىدۇ،(1998-2006)دېگەندەك خەتلەرمۇ بار،ئاستىدا بىر نەرسە بار ئايلىنىپ ئايلىنىپ 7 تال سىزىق چىققاندا ئاندىن قوزغۇلۇشنى باشلايدۇ،بەكلا ئۇزاقتا بەزىدە تاسلا قالىمەن بىر نەرسە قىلىۋەتكىلى شۇنىڭ ياقىسىمۇ نەچچە قېتىم سېسىتما ئالماشتۇردۇم لېكىن يەنىلا ئوخشا شۇ نەرسىنى قەتتىيلا ئوڭشىيالمىدىم.بۇ نېمىنىڭ ئىشىدۇ؟

تەڭ ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا، ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا. كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 07:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كومپيۇتېردا ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرۈش، پات-پات ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. كۆرگەنلا يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلىۋېلىشمۇ ياخشى ئەمەس. زۆرۈر بولسا قاچىلاش كېرەك. بولمىسا ئامال بار قاچىلىمىغان ياخشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49395
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2407
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 07:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقكەندە......

پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ،ئاغرىمىسا كىشىگە.

ھۆپۆپۆپ چۈش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3918
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 07:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما  ئالامەت  رەخكىن ماۋۇ

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش