« قۇتادغۇ بىلىك » داستانى 11- ئەسىر قاراخانىلار خاندانلىغى ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىدىئولوگىيىسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى. ئۇ، 11- ئەسىر ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ قىممەتلىك يادىكارلىغى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ مەدىنىيەت غەزىنىسىدە، جۈملىدىن مەملىكىتىمىز مەدىنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ، ئالىملارنىڭ دىققەت – ئېتىۋارىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
« قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ مۇئەللىپى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خاندانلىغىنىڭ كۈچەيگەن، ماددى ۋە مەنىۋى مەدىنىيەت گۈللىنىشكە باشلىغان دەۋردە ياشىغان بولۇپ، ئۇ، قەدىمقى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئىلىم – پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرغان كەڭ بىلىمگە ئىگە ئالىمدۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ راتسىيونالىزىملىق كۆز قاراشلىرى بىلەن غايىلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئىجتىمائىي تەجرىبىلىرىنى ھەمدە ئۆزى بىۋاستە كۈزەتكەن ئىجتىمائى ھادىسىلەر بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى «قۇتادغۇ بىلىك »دە ئومۇملاشتۇرغان. ئۇ، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە ئۆزى بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ئىلىم – پەن نامايەندىلىرىنىڭ ئىلغار پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىلىم – پەن ئۆگىنىش ۋە ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەرغىپ قىلغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئىلغار پىكىرلىرىنى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر يۈرۈش كۆز قاراشلىرىنى ئەينى زامان شارائىتىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى، بىۋاستە ئۇسۇلدا ئەمەس، بەلكى ئۇستىلىق بىلەن ئوبرازلاشتۇرۇلغان دىيالوگ شەكلىدىكى داستان ژانېرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
« قۇتادغۇ بىلىك» دە ئاسترونومىيىگىمۇ بەلگىلىك ئورۇن بېرىلىپ، ئەينى زامان ئاسترونومىيىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە كوسمولوگىيىلىك كۆز قاراشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ توغرىسىدىكى ۋە باشقا تەبىئەت كۆز قاراشلىرىدا، ئۆز دەۋرىنىڭ قېئوداللىق مۇھىت چەكلىمىسگە ئۇچرىغان ۋە روھانىيەتچىلىكتىن خالى بولالمىغان كوسمولوگىيىلىك كۆز قارىشى بۇيىچە، ئوتتۇرا ئەسىر ئاسترونومىيىسىنىڭ ئورگىنال تېمىسى بولغان ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى روھىي كۈچكە باغلاپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسمان جىسملىرىنىڭ ئۇبىكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېتراپ قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەم كۆز قارىشىدىكى بۇ خىل نوقسانلاردىن ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىم پەن نامايەندىلىرىدىن بولغان مۇھەممەت مۇسا خارازىمى، ئەبۇ نەسىر فارابى، ئەبۇ رەيھان برونىلارمۇ خالىي ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئىسلام تەسىرى كۈچەيگەن فېئودال مۇھىت ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەن ئەرباپلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۆز تامغىسىنى باسماي قالمايتتى. بۇ رىيال مۇھىت شارائىتىدا بەزى ئىلغار پىكىرلىك مۇتەپەككۇرلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى زور ئېھتىياتچانلىق بىلەن بايان قىلغان. بەزىلىرى ئىدىيالىستىك پۇزىتسىيدە تۇرۇپ، تەڭرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنى پەش قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئىلمىي نوقتىنەزەردىن قارىشى نەتىجىسىدە، ئىستىخىيىلىك – ماتىرىيالىستىك خاراكتېردىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرىمۇ دەل شۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىتتا يېزىلدى، بۇ خىل مۇھىت ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىغا ھەمدە ئىجادىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمايدۇ. بىز ئۇنىڭ تەڭرى مەدھىيسىدىكى:
[4781] ئىگەمنى ئىستەيمەن، كۆزدە ئۇيقۇم يوق،
تاپساممۇ نىشاندىن، ھېچ كۆرگىنىم يوق.
[12] ئىرور بارلىغىڭ كۈن ۋە ئايدەك يورۇق،
تىگىگە يېتۇچى كۆڭۈل – ئەقىل يوق.
[17] ئۇ يۈرمەس، ئۇ پاتماس، ئويغاق، ئۇخلىماس،
ئۇنىڭدىن يىراقتۇر تەسەۋۇر قىياس.
دېگەن مىسرالىرىدىن تارىخىي ئىدىيالىزىم دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەنلىكىنى كۆرىمىز.
بۇنى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ بايانىدىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:
[125] ياراتتى ئالەمنى ئۇ خالاپ ئۆزى،
يۇرۇتتى كۈن، ئاي بىرلە دۇنيا يۈزى.
[127] ياراتتى يېشىل كۆكتە يۇلتۇزى ئۇ،
ياراتتى قارا تۈن ۋە كۈندۈزى ئۇ.
« قۇتادغۇ بىلىك» دىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر يۈرۈش تەبىئەت پەلسەپە كۆز قارىشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولۇپ، ئۇنىڭدا گېرىك ئاسترونومى كلاۋدى پىتولېمىنىڭ ئالەم سېستىمىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسترونومى فارابى، بىرونىلارنىڭ ئىلغار ئالەم كۆز قاراشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەينى زامان ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرى ئەينى زاماندىكى ھەر خىل روھانىيەتچىل كۆز قاراشلاردىن خېلى يۈكسەك تۇرىدۇ. مۇئەللىپنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرى يەتتە يۇلتۇز بايانىدا مۇنداق يېزىلغان:
[131] بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكەنتىر تۇرۇر،
ئىككى يىل سەككىز ئاي بىر بۇرچتا قالۇر.
[132] ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي،
قالۇر بىر بۇرچتا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي.
[133] ئۈچىنچى كۈرۈددۇر غەزەپتە يۈرۈر،
قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر.
[134] تۆتىنچى قۇياشتۇر، يۇرۇتار جاھان،
يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.
[135] بەشىنچى سەۋىتتۇر، سۆيۈملۈك ئۆزى،
ئۇ باقسا كۆرۈرسەن خۇشاللىق يۈزى
[136] ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ كېلەر،
ئۇ كىمگە يۇقۇشسا، تىلەككە يېتەر.
[137] بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق تۇرار،
قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تۇلۇن بولۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىرىدىكى بايانلىرىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ، ئەينى زامان ئاسترونومىيسىنىڭ يۇقىرى چېكى ھىساپلانغان، يەر مەركەز چۈشەنچىلىرىگە ئاساسلانغاندا كلاۋدى پىتولېمىنىڭ ئالەم سېستىمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرنى ئالەمنىڭ مەركىزى، قۇياشنى سەكەنتىر (ساتورىن)، ئوڭاي (يوپتىر)، كۇرود (مارىس)، سەۋىت (ۋېنرا)، ئارزۇ (مېركورى)لار بىلەن بىللە ئوخشىمىغان ئوربىتىلارنى بويلاپ يەرنى ئەگىپ ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان پلانىتا دەپ چۈشەندۈرگەن؛ قۇياشنى شۇ پلانىتلار ئىچىدە ئۆزىدىن يۇرۇقلۇق چىقىرىدىغان بىردىن – بىر ئاسمان جىسىمى دەپ تۇنۇپ، ئۇنى يەر ۋە باشقا پلانىتلار ئۈچۈن يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنىڭ مەنبەئى قىلىپ كۆرستىپ، قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە يۇرۇقلۇغىسىز يەردە ھاياتلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھەقىقەت ئۈستىدە ئىجادىي پىكىر يۈرگۈزگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە پلانىتلارنىڭ يىللىق ئايلىنىش دەۋرىنىڭ بىردەك بولمايدىغانلىقىنى، يەرگە نىسپەتەن ئارىلىقىنىڭ يېراق – يېقىنلىقىنى ۋە بۇ پلانىتلارنىڭ ھەركەت يوللىرىنىڭ ھەرخىل تەكشىلىكلەردە ياتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن؛ پلانىتلارنى تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ خاراكتىرلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئىزاھلىغان؛ مەسىلەن، ئۆزىنىڭ رەڭگى بىلەن بىر تامچە قانغا ئوخشايدىغان قىزغۇچ مارس پلانىتنى ئاپەت، ھەممىدىن روشەن ھەم چىرايلىق ۋېنېرا پلانىتىنى خوشاللىق خاراكتىر سىتكىسى بىلەن گەۋدىلەندۈرگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك »نىڭ يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرۇچ بايانىدا ۋە 16- بابىدىكى ئايتولدىنىڭ ئىلىگكە قىلغان جاۋابىدا:
[137] بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق تۇرۇر،
قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن بولۇر.
[731] ئاي ئاۋال تولىمۇ كىچىك تۇغۇلۇر،
كۈندىن – كۈن چوڭىيىپ يۇقىرى چىقۇر.
[733] تولۇپ ئاي ئىگىزگە ئۆرلىگەچ كېيىن،
كېمىيىپ ئاستا، كۆركى كېتەر يۈزىدىن.
[734] يۇرۇغى ئاز – ئازدىن يەنە يۇقىلۇر،
تۇغۇلۇپ كىچىك ئۇ قايتىدىن تولۇر.
[743] بۇ ئاينىڭ ئۆيى ھەم ئورنى مۇنقەلىپ،
مۇنقەلىپ قالار ئۆيسىز ئاخىر بېرىپ.
[744] بۇ ئاي بۇرچى سەرەتان، بۇ بۇرۇچ ئۆزگىدۇر،
ئۆيى ئۆزگىدۇر ھەم ئۆزى چۆرگىلۇر.
[745] قايۇ ئۆيگە كىرسە بۇ ئاي تېز چىقار،
چىقىشقا ئالدىراپ ئۆيىن تېز بۇزار.
دەپ كۆرسىتىش بىلەن يەرنىڭ ھەمرىيى ئاي ئۈستىدە توختالغان، ئاينىڭ دۈگىلەك شەكلىدىكى يۇرۇقلۇق چىقارمايدىغان، پەقەت قۇياشنىڭ يۇرۇقلۇغى بىلەن يۇرۇپ تۇرىدىغان يەرگە ئەڭ يېقىن ئاسمان جىسىمى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاينىڭ يەر ئەتراپىدا ئايلىنىشى بىلەن بىرگە داۋاملىق يۇلتۇزلار ئارىسىدا بەلگىلىك يۆنۈلۈش بۇيىچە سۈرۈلۈپ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئۆتىدىغان يولىنىڭ زودىياك يۇلتۇز تۈركۈملىرى بۇيىچە ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلمى ئاساستا بايان قىلىپ بەرگەن. دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاينى بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى ھەركەتكە – پۈتۈن ئاسمان گۈمبىزىنىڭ سوتكىلىق ئايلىنىشىغا ۋە ھازىرقى، يەر ئەتراپىدىكى سوتكىلىق ئايلىنىشىغا قاتنىشىدۇ – دەپ تونۇغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە بۇ بايانىدا ئاي فازىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىۋى ۋە ئاي فازىلىرىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت بىر قاتار ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىيالېكتىك كۆز قاراش بىلەن ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاي فازىلىرىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇش سەۋەپلىرىنى ئاينىڭ ئۆز يۇرۇقلۇغىنىڭ بولمىغانلىقىغا ۋە ئاينىڭ ئورنىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ، يەرگە نىسپەتەن ھەرخىل ئورۇنلاردا بولۇشىغا باغلاپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئاي فازىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسەن، ئاۋال تۇغۇلۇش،چوڭىيىپ تولۇش، ئارقىدىن كىچىكلەپ يوقىلىش تەرتىۋى بۇيىچە دەۋر قىلىپ، تەكرارلىنىپ بارىدىغانلىقىنى روشەن بايان قىلغان.
[131] بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكەنتىر تۇرۇر،
ئىككى يىل سەككىز ئاي بىر بۇرۇچتا قالۇر.
[132] ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇر ئوڭاي،
قالۇر بىر بۇرۇچتا ئۇدۇل ئون ئىككى ئاي.
دىگەن مىسرالار ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا مەلۇم بولغان بەش پلانىتنىڭ ئىچىدە ساتۇرىن ۋە يوپتىرلارنىڭ يىللىق ئايلىنىش دەۋرلىرىنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھىساپلاپ ئېنىقلىنىپ چىقىلغان يىللىرىنى يەرنىڭ ئون ئىككى بۇرۇچ ئاساسىدىكى يىلغا سۇندۈرۈپ، ئۇنى بۇرۇچ بويىچە كۆرسەتكەن. شۇ بۇيىچە ئالغاندا، ساتورىن پلانىتىسىدىكى بىر ئاي يەردىكى ئون ئىككى ئايغا باراۋەر بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى زامان ئاسترونومىيىسىدە ئېنىقلانغان ئاي سانلىرى بويىچە سېلىشتۇرغاندا، ساتورىن پلانىتىسىنىڭ ئۈچ ئاي، يوپىترىلار پلانىتىسىنىڭ يېرىم ئاي پەرق قىلىدۇ. يەرگە سۇندۇرۇپ ھىساپلانغان بىر بۇرۇچ ۋاقىتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئالغاندا ساتورىننىڭ87.9% ، يوپىتىرنىڭ %98.8 گە يېتىپ بارىدۇ. بۇلاردىن، يۇلتۇز ۋە پلانىتلارنى كۈزىتىشنىڭ ھېچقانداق ۋاستىلىرى تېخى كەشىپ قىلىنمىغان ئەينى زاماندا، ئاددى كۆزلەر بىلەن كۈزىتىپ، پلانىتلارنىڭ بۇرۇچلۇق ۋاقتىنى (يىللىق ھەركەت دەۋرىنى) يۇقىرى ئېنىقلىق بىلەن ھىساپلاپ چىقىشتەك ئاسترونومىيە پېنىنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتىنى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقۇرى ئىلمىي ماھارىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ پلانىتلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلىش بىلەنلا قالماي، ئېكلىپتىكا بېسىپ ئۆتىدىغان، يىلنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدە ئاسمان بوشلۇغىدا قوراللانمىغان ئادددى كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى ئون ئىككى بۇرۇچقا يەنى زودىياك يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە بۆلۈپ كۆرسەتكەن:
[138] ئون ئىككى بۇرۇچ باردۇر بۇلاردىن بۆلەك،
جۈپ ئۆيلۈك بەزىسى ۋە بەزىسى يەك.
[139] قوزى يازغى يۇلتۇز، كېيىن ئۇي كېلۇر،
جەۋزا بىلەن سەرىتان تۈرتۈشۈپ يۈرۈر.
[140] ئىرور خوشنا بۇغداي بېشى، ئارسلان،
كېلەر ئارقىدىن قەۋس، ئەقرەپ، مىزان.
[141] كېلۇر ئاندىن ئوغلاق، سوغا ھەم بېلىق،
تۇغۇلسا بۇلار كۆك بولغۇسى يورۇق.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ بايانىدا قوياش، ئاي ۋە پلانىتلاردىن باشقا يەنە ئون ئىككى بۇرۇچنىڭ بارلىغى تەكىتلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندا بىر – بىرى بىلەن خوشنا يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئىكەنلىكى ۋە يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى پەسىللىك كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغانلىغى ھەمدە ھەربىر بۇرۇچنىڭ بەلگىلىك پەسىللەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىغى ئۇچۇق كۆرستىلگەن.
بۇ ئون ئىككى بۇرۇچ ئەمىليەتتە ئاسترونومىيىدە زودىياك دەپ ئاتىلىپ كىلىۋاتقان قوياشنىڭ يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى يىللىق كۆرۈنمە ھەركەت يولى يەنى ئېكلىپتىكا ئىچىدىكى ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، ئەينى زاماندا بۇ تۈركۈملىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىغا ئوخشىتىش ئۇسۇلى بىلەن ھايۋانات دۇنياسىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى قويۇلغان. مەسىلەن: قۇۋى (ھەمەل)، ئود (سەۋر)، ئەرەنتىر (جەۋزا)، قۇچىق (سەرەتان)، ئارسىلان (ئەسەد)، بۇغداي بېشى (سۇمبۇلە) ئۈلگى (مىزان)، چادال (ئەقرەپ)، يا (قەۋس)، ئوغلاق (جەددى)، كۆنەك (دەلۋ)، بېلىق (ھوت). ئاسترونومىيىدە بۇ ئون ئىككى بۇرۇچ (زودىياك) يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ نامى شۇ بويىچە ھەر خىل تىللاردا ئاتىلىپ كەلمەكتە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇياشنىڭ ھەر قايسى بۇرۇچلاردا تەخمىنەن بىر ئايغىچە بولىدىغانلىغى ۋە بىر پەسىلدە قۇياشنىڭ ئۈچ بۇرۇچتىن ئۆتىدىغانلىقىغا ھەمدە ھەرقايسى بۇرۇچلاردىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى پەسىللىك كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسەن:
[142] ئۈچ يۇلتۇز باھارنىڭ، ئۈچى يازغىدۇر،
قىشنىڭدۇر ئۈچىسى، ئۈچى كۈزگىدۇر.
دەپ بۇ ئون ئىككى بۇرۇچنى ئۈچتىن تۆتكە ئايرىپ چىققان.
ئالىم بۇ بايانىدا، ھەمەل، سەۋر، ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىنى باھار بۇرچىغا؛ جەۋزا، سەرەتان، ئەسەت يۇلتۇز تۈركۈمىنى ياز بۇرۇچىغا؛ سومبۇلە، مىزان، ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىنى كۈز بۇرۇچىغا، قەۋس، جەددى، دەلۋ يۇلتۇز تۈركۈمىنى قىش بۇرۇچىغا بۆلۈپ تۆت پەسىلنى ئايرىغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدىكى بەزىبىر كۆز قاراشلىرى ھازىرقى زامان ئاسترونومىيسىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە قارىغاندا يېڭىلىق ھىساپلانمىسمۇ، لېكىن ئۆز دەۋرىگە كۆرە ئاسمان جىسىملىرىنى بىلىش ۋە ئىزلىنىش يولىدا قازانغان زور نەتىجە، بولۇپمۇ ساتورىن ۋە يوپىتىر قاتارلىق پلانىتلارنىڭ يىللىق ئايلىنىش دەۋرىنىڭ خېلى ئېنىقلىق بىلەن ھىساپلىنىشى، بۇرۇچ (زودىياك) دەپ ئاتالغان ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى بويىچە پەسىللەرنى ئايرىش، قۇياشنىڭ پلانىتلار ئىچىدە ئۆزىدىن يۇرۇقلۇق چىقىرىدىغان بىردىن – بىر ئاسمان جىسىمى بولۇپ، دۇنيا يۇرۇقلۇغىنىڭ ئۇنىڭغا باغلىق ئىكەنلىگى، ئاي فازىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىۋى ۋە ئاي فازىلىرىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇش سەۋەپلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى كۆز قاراشلىرى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئىلمى قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرىدە تەبىئەت پەلسەپىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىدىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلىرى غايەت زور پەلسەپىلىك ئەھمىيەتكە ۋە ئىلمى قىممەتكە ئىگە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاسترونومىيىلىك كۆز قاراشلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىگە ئۆز دەۋرىنىڭ دىنىي ۋە فېئوداللىق ئالاھىدىلىگىنى ھەمدە بىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچراشتەك تەرەپلەرنى ھىساپقا ئېلىش شەرتى ئاستىدا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم – پېنى تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى نەرسىلىرىگە ئاساسەن، تارىخىي ماتىرىيالىزىملىق كۆز قاراش بىلەن توغرا باھا بېرىشىمىز لازىم. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئولۇغ ئالىمى بولۇشقا مۇناسىپ. شۇنداقلا ئۇ جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پەخرى بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇنىڭ شانلىق ئەسىرى - «قۇتادغۇ بىلىك» جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدىنيەت غەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر. قەدىمقىنى بۆگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش روھى بويىچە، بۇ ئەسەرنىڭ جەۋھەرلىرىگە ۋارىسىلىق قىلىپ، ئۇنى ۋەتىنىمىزنىڭ مەنىۋى – مەدىنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
« شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى » 84 - يىل 4 – ساندىن.
ئاپتۇر :مەھەممەت ئوسمان
بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
http://matimatik.blogbus.com/logs/169702348.html