مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5357|ئىنكاس: 43

ئۇچۇق يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4735
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3302 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 05:49:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                             ئۇچۇق يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرە              
بۈگۈن2011-يىل1-نۇيابىر ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى
        گەرچە تۈنۈگۈن دەرسىم بىر قەدەر كۆپ بولۇپ بەك چارچاپ كەتكەن بولساممۇ،كۈزۈمگە ھېچ بىر ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك قىلمايىتتى. شۇندىمۇ يەنىلا ئەتىكى دەرىسىمگە دەخلى بولمىسۇن دەپ كومپىيوتىرىمنى ئۈچۈردۈم دە،ئۇخلاش ئۈچۈن كارۋىتىمغا چىقتىم.ئەمما يەنىلا ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم،چۈنكى كۆز ئالدىمغا بىرسىنىڭ سىماسى كىلىۋالغان بۇلۇپ ئۇنىڭدىن كۆز نۇرۇمنى ئۈزەلمەيۋاتاتتىم،نەچچە رەت كۈزۈمنى مەجبۇرى يۇمۇپ ئۇخلاشقا تىرىشتىم،ئەمما بۇنداق قىلساممۇ ئۈزۈمنى ئۇخلىتىشقا قۇدرىتىم يەتمىدى. چۈنكى كۆز يۇمۇلغان بىلەن يۈرەك توختىمايدىكەن،ئۇ تاكى بىز مەڭگۈگە كۆز يۇمغانغا قەدەر توختىماستىن سۇقۇپ بىزنى ھاياتنىڭ بىر-بىرىدىن ئېسىل مىلودىيەلىرىگە  جۆر قىلدىكەن.
      مانا ھازىر ۋاقىت 1-نۇيابىر سەھەر سائەت2:35 مىنۇت ئۈتۈپتۇ،دىمەك مەن ئۇخلاش ئۈچۈن كارۋاتقا چىققىلىمۇ تەخمىنەن ئۈچ يېرىم سائەت بۇلۇپ قاپتۇ،تېخىچە ئۇخلىيالىغىنىم يوق،شۇڭىلاشقا ئورنۇمدىن تۇرۇپ باشقا بىر ئىش قىلىپ  خىيالىمنى بۇراش ئۈچۈن كارۋىتىمدىن پەسكە چۈشتۈم.ۋە  ئەزەلدىن كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتىم يوق ۋە ئۇنى يېزىشقىمۇ قىزىقمايدىغان بىر ئادەم تۇساتتىن  مىنى ئۇيقۇدىن قۇيۇۋاتقان بۇ ئىشنى بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرە تەرىقسىدە خاتىرلەپ قۇيۇش ئۇيىغا كەلدىم ۋە كومپىيوتىرىمنى قايتىدىن ئېچىپ بۇلارنى يېزىشقا كىرىشتىم.
        كونىلاردا :"تۇخۇ داڭگال چۈشەيدۇ،ئۆچكە جاڭگال"دەيدىغان بىر تەمسىل بار.شۇنىڭغا ئوخشاش مەندىمۇ يېقىنقى بېر نەچچە يىللادىن بىرى شۇنداق بىر خىيال باركى ئۇ بولسىمۇ بىر قىزنىڭ(يەنى ئۈزۈم ياخشى كۆرگەن شۇ قىزنىڭ)ھەقىقى مۇھەببىتىگە داخىل بۇلۇش ،ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر خۇشال –خۇرام، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتۇر.گەرچە مەن بۇرۇن قىزغا نەچچە رەت سۆيگۈمنى ئىزھار قىپمۇ ئۇنىڭ:"بىز تېخى كىچىك،بۇ ئىشلارغا ئالدىراش يوق كىيىنچە بىر گەپ بۇلار.""ھازىر ئۇقۇشىمىز بەك ئالدىراش ،دەرىسلەرمۇ قىيىنلىشىپ كىتىپ بارىدۇ،ھەر ئىككىلىمىز ياخشى تىرشىشمىز لازىم." دىگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ  ئۇنى ماڭا مەيلى بار بىراق ئۇقۇش تۈپەيلى ۋاقتىنچە ئۈزىنى قاچۇرۋاتىدۇ دەپ ئۇنى كۈتۈش نىيتى بىلەن ئۆز-.ۈزۈمنى بەزلەپ يۈرگەنتىم.ئەمما يېقىندا ئۇنىڭ چ چ بوشلىقىغا كىرىپ رەسىملىرىنى كۈرگۈم كەلدى ۋە ئەڭ يېقىن ۋاقىتتا چىقارغان بىر رەسىم توپنى تاپتىم ،ئەمما ئۇنىڭغا مەخپى نۇمۇر لاھىلەنگەن بۇلۇپ  سۇئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىغاندىن كىيىن ئاندىن كۆرگىلى بولدىكەن،ئارلىقتا ئۇنىڭ يېڭى قىياپتىنى كۈرۈش تەقەززاسىدا بىلىپ_ بىلمەي بىر سائەت ۋاقىت ئۈتۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مەخپى نۇمۇرنى يىشىپ خۇشاللىق ئىلكىدە رەسىملەرنى كۈرۈشكە باشلىدىم.
              كاللامغا توقماق بىلەن بىرنى قويغاندەك كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى،نىمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم، يىغلايمۇ؟ياكى كۈلەيمۇ؟سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم.
                                                                              يىغلاش يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالدىم،
                                                                                چىرمىغاچ  قەلبىمنى چەكسىز نادامەت.
                                                                              ئاھ تەڭرىم جاۋاب بەر  ئۈتۈنەي سەندىن،
                                                                               بۇمىدى سەن ماڭا قىلغان ئادالەت؟!
     گەرچە كۈزۈمدىن تامچە ياش ئاقمىسىمۇ ئەمما يۈرۈگۈمدىن دەريا –دەريا ياشلار ئېقىپ ۋولقاندەك قىززىق تۇمۇرۇم ئىچدە ئېقىپ ئۇنى سۇۋۇتماقتا ئىدى. ئاھ......خۇدا مىنىڭ كۆرگىنىم باشقا ئادەممۇ ياكى ئۇلار ئىككىسىمۇ؟!
     مەن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي رەسىمنى يەنە قايتىلاپ كۈرۈپ چىقتىم.ئەمما مىنىڭ كۆرگەنلىرىم بولسا مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ ھىساپلىنىدىغان ۋاختى كەلسەئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كىچىشكىمۇ  ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايدىغان ئاغىنەم قادىر ۋە مەن ئەزەلدىن ياخشى كۆرگەن ھەم چىن مۇھاببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بېغىشلىغان قىز گۈلنۇر ئىككىسىنىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ چۈشكەن بىر قاتار سۈرەتلىرى بۇلۇپ نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئاستا گۈلنۇرنىڭ بوشلىقىدىن چىكىنىپ قادىرنىڭ بوشلىقىغا كىردىم دە ئۇدۇللا ئالبۇمنى ئاچتىم.قارىسام< 10-ئاي دۆلەت بايرىمى> دەپ بىر سۈرەت توپى بار ئىكەن،مەن دەرھاللا  ئۇ رەسىملەرنى كۈرۈش نىيتىدە مائۇسنى چەكتىم،ئوخشاشلا بۇنىڭغىمۇ مەخپى نۇمۇر لاھىلەنگەن ئىكەن.يەنە كىلىپ ئۇنىڭ سۇئالى بولسا<مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم كىم>دەپ قۇيۇلۇپتۇ،مەن ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا :"ئاداش مەيلى نىمىلا بولمىسۇن سەن مىنىڭ بۇدۇنيادىكى ئەڭ يېقىن دوستۇم ."دىگەن سۈزىگە ئاساسەن ئۈزۈمنىڭ ئسمىمنى كىرگۈزدىم.راس دىگەندەك بۇ سۈ رەتلەرمۇ ئېچىلدى.
                                                    دەرىتلەرگە تولدىغۇ  يۈرۈگۈم بۈگۈن،                                
                                                    نە سەۋەب بىلمىدىم قىينالدىم شۇنچە.
                                                  ئېيىتقىن سەن مىنى دوستۇڭ چاغلامسەن؟
                                                راسىت سۆزگە تەشنادۇر يۈرۈگۈم شۇنچە!
          
راسىت ! مىنىڭ گۈلنۇرنىڭ بوشلۇقىدا كۆرگەنلىرىم راسىت ئىكەن!دەرھال كومپىيوتىرنى ئەتتىم ۋە پويىز ئىستانسىسىغا قاراپ يولغا چىقتىم.
            _شاڭخەيگە باردىغان پويىزنىڭ بۈگۈننىڭ بىلتى بارمۇ؟ سۇرىدىم مەن بىلەت ساتقۇچى خادىمدىن.
          _بۈگۈننىڭ چۈشتىن كىيىن سائەت 6:00دە قوزغىلدىغان پويىزنىڭ ئۇرۇنسىز بىلتى بار ئىكەن.دەپ جاۋاب بەردى ئۇ توردىن ئاختۇرۇپ كۆرگەندىن كىيىن.
     _مەيلى ئۇرۇنسىز بولسىمۇ  بىر تال بىلەت بىرىڭ. دەپ ئۇنىڭغا بىلەت پۇلىنى سۇندۇم.
      بىلەتنى قۇلۇمغا ئالدىم دە قول سائىتىمگە قارىسام پويىز قوزغىلىشقا يەنە ئىككى سائەت ۋاقىت بار ئىكەن.پويىزدا يىگۈدەك بىر نەرسە ۋە ئىچىملىك سۇ ئالغىلى سىرىتقا چىقتىم،ئۇلارنى .ېلىپ بۇلۇپ يەنە بىر كىچىك ئۇرۇندۇقمۇ  سېتىۋالدىم. پويىز كۈتۈش زالىغا كىرگىنىمدە پويىز قوزغىلىشقا يېرىم سائەت ۋاقىت قالغان بۇلۇپ كىشىلەر ۋوگزالغا كىرىۋاتقان ئىكەن.مەن خەقلەرگە ئەگىشىپ ۋوگزالغا كىردىم ۋە قۇلۇمدىكى بىلەتكە ئاساسەن پويىزغا چىقىپ پويىزنىڭ قوزغىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم.
       گۇاڭجۇدىن شاڭخەيگە بېرىش ئۈچۈن بىر سوتكىدىن ئارتۇقراق ۋاقىت كىتىدىغان بۇلۇپ،پۈتۈن سەپەرنىڭ تىزرەك ئاياغلىشىشىنى ۋە شاڭخەيگە تىزرەك بېرىپ ئىشنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىشنىلا ئويلاپ  ئەتىسى ئولتۇرۇپ بىر كىچە كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزۇپتىمەن.يولدا يۇلۇچىلار چۈشۈشكە باشلىدى،پويىز خادىمىمۇ  بىزنى بىكار ئۇرۇنلارغا بېرىپ ئولتۇرۇڭلار دەپ ئىشىك تۈۋدىن قوغلىدى.مەنمۇ بىر ئۇرۇن تاپتىم ۋە ئۇيەردە بىر ئۇزۇنغىچە شۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ تۇيماستىن ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن.
       _بۇرادەر!  ئويغۇنۇڭ،شاڭخەيگە كەلدۇق.يېنىمدا ئولتۇرغان بىر سەپەرداش مىنى ئويغۇتۇپ بىزنىڭ شاڭخەيگە يىتىپ كەلگىنىمىزنى،پويىزدىن چۈشىدىغانلىقىمىزنى ئېيىتتى.
     _رەھمەت سىزگە!
    ۋوگزالدىن چىقتىم دە قادىرغا تىلىفۇن قىلدىم.
   _ئەسسالامۇئەلەيكۇم  ئاداش! قانداق ئەھۋالىڭ؟
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.نەردە سەن؟ئۇنىڭ بىلەن تىزراق كۈرۈشۈپ ئىشنىڭ ھەققىقى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن تۈزۈكمۇ سالاملاشماي قەيەردە  ئىكەنلىكىنى سۇرۇدۇم.
_مەكتەپتە ئاداش.نىمە بولدى ،  بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
_ياق ھەي.سەن مەكتەپتىن بىر يەرگە كەتمەي تۇرۇپ تۇر .مەن سەل تۇرۇپ مەكتىپىڭگە بارىمەن.
_چاخچاق قىلمىغىنە ئاداش.سەن دىگەن گۇاڭجۇدا تۇرساڭ قانداقسىگە بىردەمدە شاڭخەيگە كىلىپ بۇلىسەن؟  ئۇ مىنى چاخچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئىشەنمەي مىنى سورغۇلىغىلى تۇردى.
_مەن ھازىر شاڭخەيدە.
_نىمە ! نىمىگە كەلدىڭ بۇيەرگە؟ قاچان؟ئۇنىڭ تەلەپپۇزى خۇددى بىر دۈشمىنىگە سۆزلەۋاتقاندەك ئىدى.
_شۇ سىنى كۆرگىلى،ھازىر پويىزدىن چۈشۈشۈم.
_ھە....جېنىم ئادىشىم بۇ راسمۇ؟ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئەمدى بىر خىل ھەيرانلىق ۋە ھاياجانلىقنى بىلدۈرۋاتاتتى.
_شۇنداق. مەن قىسقىغىلا جاۋاب بەردىم.
_ئۇنداقتا تۇرغان جايىڭدا جىم تۇر،مەن سىنى ئالغىلى بارىمەن.
_بولدى سىنى ئاۋارە قىلماي،ئۈزۈم تېپىپ بارالايمەن،توردىن مىترو ۋە كۇچا ئاپتۇبۇس لىنىيەلىرىنى ئاختۇرۇپ بىلىۋالغان.
_شۇنداقتىمۇ جايىڭدا جىم تۇر.مەن ھازىرلا بارىمەن.دەپلا تىلىاۇننى قۇيۇۋەتتى.
مەنمۇ ئامالسىز ئۇنى ساقلاپ تۇرغاچ ئۇنىڭغا نىمە دىيىش توغرىسىدا ويلىنۋالدىم.ئۇزۇن ئۆتمەي بىرىنىڭ ئادىل دەپ ئىسمىمنى چاقىرغانلىقىنى سەزدىم دە ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم .ئەسلىدە ئۇ بۇ يەرگە كىلىپ بوپتۇ.
مىدىرلىماي جايىمدا جىم تۇردۇم.ئۇ يىراقتىن يۈگۈرۈپ كىلىپ ماڭا  گىرە سېلىپ كۈرۈشتى،بىر قۇر ئەھۋال سۇراشقاندىن كىيىن
_ماۋۇ  دۆتلىكىمنى قارىمامدىغان ،،شۇنچە ئۇزاقتىن كەلسەڭ  بىرەر ئاشخانىغا باشلىماي بۇيەردە تۇرغۇنىمىز نىمىسى،خاپا بومما ئاداش،،يۈرە تاماق يەپ بۇلۇپ ئاندىىن مەكتەپكە كىتەيلى.
_بولدى ،قۇسقۇم توق.كەسكىنلا جاۋب بەردىم مەن._ئېيتە !سىنىڭ زادى گۈلنۇر بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟ئاچچىقىمدىن كۆزلىرىم چىڭقىلىپ كۆز چاناقلىرىمغا لىققىدە ياش تولدى.
_ئاداش ساڭا زادى نىمە بولدى ،پەقەت شۇ ئادەتتىكى دوسىتلارغۇ،،بىرەر پىتنى-پاسات ئاڭلىمىغانسە؟ئۇمۇ چىرايلىرى تاترىپ كۆزلىرى يۇغىناپ بۇرۇنلىرى كەڭرىپ كەتتى.
-ئاڭلىمىدىم.ئەكىسچە كۆردۈم.ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۇنىماي تېخى ماڭا ھىلى-نەيرەڭ ئىشلىتىشى تاقىتىمنى تاق قىلغان ئىدى.
_نىمىنى كۆردۈڭ ئاداش؟  تىچلىقتۇ؟ ئۇ مىنى مەسخىرە قىلغان ھالدا مىيىققىدە كۈلدى،ئەمدى مىنىڭ پەقەتلە سەبرىم قالمىغان ئىدى.
_ئاناڭنى،ئاناڭنى كۆردۈم.دىگنىنىمچە ئۇنىڭ يۈزىنىڭ ئوڭ تەرپىگە بىر مۇشىت ئۇردۇم.ئۇ ئەمدى نىمە قىلغانلىقىنى مىنىڭ بىلىپ بولغانلىقىمغا ئىشەندى بولغاي،يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ،بېشىنى يەردىن ئۈستۈن قىلماي،پەس ئاۋازدا
_خاپا بولما ئاداش،مىنىڭ خاتالىقىم،نىمە قىلساڭ مەيلى،مانا مەن ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن،ئىختىيارىڭ!
_ۋو شەرمەندە،مەن تېخى سىنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ يۈرۈپتىمەن، ئىسىت ساڭا بەرگەن مىھرىم،ساڭا باغلىغان ئەقىدەم.ئاچچىقىمدا ئۇنى بىر نەچچە ئېغىز تىللىدىم.
_ئاداش بىزنىڭ دوسلۇقمىز مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى!
_تۈفىي، قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق دوسىتلۇق.ئېيتە سەن زادى نىمە ئۈچۈن ماڭا ئىھانەت قىلىسەن؟مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان؟
_ئاداش ھەممىسى شۇ گۈلنۇرنىڭ ئىشى،ماڭا سىزنى ياخشى كۈرىمەن ،ئىككىمىز يۈرەيلى دەپ تەلەپ قويغان ئىدى،شۇڭا يۈرۈپ قويغان،خالىساڭ ساڭا قايتۇرۇپ بىرەي.
_ئاناڭنى. بېرىپ ئاناڭغا قايتۇرۇپ بەر!ئاچچىقىمدىن يەنە بىر مۇشىت ئۇردۇم ،،بۇدا ئۇنىڭ ئاغزى قانىدى.
_ئەگەر ئىشەنمىسەڭ ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىپ سۇراپ بىرەي .دىدى ۋە  گۈلنۇرغا تىلىفۇن قىلىپ قوش ئاۋازىنى ئېچىپ تىلفۇننى ماڭا بەردى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جېنىم !بۇرۇن ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك يېقىملىق،بىر ئاڭلىسام خۇددى زەم-زەم سۈيى ئىچكەندەك يۈرەكلىرىمنى ياشنىتىدىغان بۇلبۇل كەبى ئاۋازى مانا ئەمدى گۈلدۈرمامىدەك قورقۇنۇشلۇق بىلىنىدى،قۇلاق تۈۋىمدە خۇددى بىر بومبا پارتىلغاندەك بۇلۇپ قالدىم.
_ۋەي ۋەي  گەپ قىلىڭە قەدىرلىكىم؟
_مەن سىزنىڭ جېنىڭىز ھەم قەدىرلىكىڭىز ئەمەس.دەپلا تىلاۇننى قادىرغا تۇتقۇزۇپ كۆزلىرىمگە ياش ئالغان ھالدا ئۈن –تۈنسىز يەنە ۋوگزالغا كىرىپ كەتتىم.
مىنى ئۇيقۇدىن قالدۇرۇپ ئويغا سالغان مانا مۇشۇ ئىشلار.
                                 بىلسە گەر ئاشۇقنىڭ قەدرىنى مەشۇق
                               خارلىماس ئىدى ئۇ ئاشىق سۆيگۈسىنى
                                تاھىر ۋە زۆھرەدەك تۇتۇشۇپ قوللار
                                  بىر-بىرگە بىرەردى چىن مۇھاببىتىنى
  قۇربانجان مەخەم

گۇاڭدۇڭ (ڧوشەن)

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
رافىت + 11 ئىشلىتىشكە بولدۇ ئىشنىشكە بولمايدۇ ...
pasiban707 + 1 سىزمۇ ..........
kvyqi2 + 20 ئەمما دەشەت يىزىپسز، راستەكلا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 32   باھا خاتىرىسى

كۇلۇپ تۇرۇپ يىغل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56641
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 12:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنچىلا كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ....ئۇ قىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىنىڭىز ياخشى بوپتۇ... ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ...اللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن....

دەرت قالاركەن كۇي بولۇپ، دەرتمەن كىتەركەن ئاھ ۇرۇپ. دەرتمەن ئەرزىنى  ئىلىپ ،، قادىر خۇداغا مەن باراي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50736
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5070
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:02:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندىلىك خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى ......

ئوت ئادەمنى ،مۇھەببەت ئالەمنى ئىستىدۇ .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18228
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5945 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(monix) نىڭ تېمىسىغا

(ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا ،پىياز تىقار پوستۇڭغا ) ھازىرقى دوسلارچۇ ؟مىڭنىڭ ئىچىدە بىرەرسى ھەقىقى دوست بولمىسا ،ھەمىسى يېنىڭدىكى پۇلغا ،ھەتتا ئۆيەڭدىكى ھەقلەپ-نىكالاپ ئالغان ئايالىغا دوست بۇلىدىغان زامانكەن بۇ.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22635
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6481 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابرۇيىڭنى ئالت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18532
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6567
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 4980 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2012-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ بۇرادەر، ئادەم بەزىدە ئەقىلسىز، بىلىمسىز كىلىدۇ، بۇ ئىشلارمۇ بۇ كۈنلەرمۇ ئوتۇپ كىتىدۇ، قىزلارغا بەك ۋاي دىسىڭىز شۇنداق ئىشۋالغان، ۋاي دىمسىڭىز ئىسىلۋالغان، ياشلىقتا كويۇپ - پىشىشىقان بىلەنمۇ تەقدىر - پىشانىدا بارىنى كۆرىدىغان گەپ، كىيىن يۈرگىنىڭىز باشقا، نىكاھلاپ ئالىدىغىنى باشقا بولۇپ كىتىدۇ، بۇ ئىشلارنى بەك ئىچىڭىزگە ئىلىپ كەتمەڭ بولمىسا ئۆزىڭىزگە پايدىسىز، مەردانە بولۇڭ، ئۆزەڭ كويگەننىڭ قولى بولغىچە، ساڭا كۈيگەننىڭ خانى بول دەپ ئىيىتقان كونىلار،

ساۋۇتجان

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلۈگە كەلدىكەن

تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56831
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3066
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2011-9-17
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:29:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلىيىڭىز باركەن  ، ھېلىمۇ  ئائىلە قۇرۇپ ،بالىلىق  بولۇپ بۇنداق ئىشلار بېشىڭىزغا كەلمىدى ،تىرىشىپ ئوقۇپ ، ئاتا-ئانىڭىزنى خاتىرجەم قىلىڭ!
ئۇلارنى رازى قىلىڭ ! شۇندۇلا سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان دىيانەتلىك .گۈزەل بىر قىزغا  ئېرىشەلەيسىز......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4561
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10100
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 1347 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(monix) نىڭ تېمىسىغا

ھەي،بولدى بەك كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىپ كەتمەڭ،بۇ ئىشتىن ئۇ ئىككىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىۋالغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ،كېچە ئۇخلىمىغاندىكىن بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭ!ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ شۇ ئەقىدىڭىزگە ئۇ قىزدىنمۇ ياخشى قىز ئۇچرايدۇ.
ئاخىرقى بىر كۇپلىت شېئىرىڭىز بەك يارىدى،ھارمىغايسىز!

كىبىر نىمە قومۇشتىن سوراڭ،پۆپۈكىنى مىۋە دەر ئىمىش.ئەگەر پۆپۈك مىۋە ئاتالسا،نە ئاتىلار شاخ ئەگكەن يىمىش؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13638
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8197
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 663 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىتنىڭ ۋەدىسى ۋەدە، قىزنىڭ ۋەدىسى نەدە...........

ئۇنۇت دوستۇم ئازاپلىرىڭنى ،
ئۆتمۈشۈڭدىن بولغىن سەن جۇدا .
تىرىشقىن بۈگۈننى پۇرسەت دەپ بىلىپ ،
يېنىڭدا دوستۇڭ بار ،ئۈستۈڭدە خۇدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش