مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2364|ئىنكاس: 8

بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسكى خوتەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59159
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 1382
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 03:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


   فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان. فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى.  فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى. بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە.ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.

فارابى ئۆز يۇرتىدا ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ھەم پارس تىلى، گرىك تىلى، ئەرەپ تىلىنى ئۈگەنگەن. ھىجىرىيە 310-يىلى ئىراققا كەلگەن ۋە بۇ يەردە پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت، ماتىماتىكا، مۇزىكا ھەم ئەرەپ تىلى قاتارلىق مۇھىم تىللارنى ئۈگەنگەن. نۇرغۇن تارىخچىلار فارابىنى 70 خىل تىل بىلەتتى دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ گەرچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، فارابى ئۆز دەۋرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ئەدەبىي تىللارنى ئۈگەنگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى، پارس تىلى ۋە ئالىملار، ھۈنەرۋەنلەر تىلى بولغان گرىك تىلىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلىشىمۇ مۇشۇ تىلدا شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى پەيلاسوپلسر ۋە ماتىماتىكلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردۇر.

فارابى ھىجىرىيە 330-يىلى ئىراقتىن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە ھەمەدانى بىلەن ئۇچراشقان. پادىشاھ فارابىنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغان. فارابى بۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەخمىنەن ھىجىرىيە 338-يىلى ئەتراپىدا بىر قىتىم مىسىرغىمۇ بېرىپ كەلگەن. زور كۆپچىلىك تارىخچىلار: فارابى ھىجىرىيە 339-يىلى دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ. پادىشاھ سەيفۇل دەۋلە ئون بەش نەپەر ئەلەمدار ھەم قەلەمدارلىرىنى باشلاپ، فارابىنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «كىچىك دەرۋازا» سىرتىغا دەپنە قىلغان. فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىيدۇنيا، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى.ئۇ توي قىلمىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگول ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە خەزىنىسىدىن خىراجىتىگە پەقەت تۆت دەرھەم ئېلىشقىلا ئۇنايتى. فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى.

فارابىنىڭ زور بىر قىسىم تىرىشچانلىقى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارىتىلغان. بولۇپمۇ گرىك پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتىل پەلسەپىسىنى ۋە ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇ ناھايىتى كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى. ئىبن خەللىكاننىڭ يازغىنىغا كۆرە، فارابى ئارىستوتىلنىڭ «روھ ھەققىدە» دىگەن كىتابىنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەلىمى بىلەن، «بۇ كىتابنى يۈز قىتىم ئوقۇدۇم» دەپ يېزىپ قويغان. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، فارابى يەنە: «پەيلاسوپ ئارىستوتىلنىڭ ‹فىزىكا› ناملىق كىتابىنى مەن قىرىق قىتىم ئوقۇدۇم، بىراق يەنە چوقۇم ئوقۇشۇم كىرەكتەك ھىس قىلىمەن» دىگەنمىش.

فارابىنىڭ ئەرەب ئىلىم-پېنىگە قوشقان تۆھپىسى:

فارابى – ئەرەب دۇنياسى پەلسەپە تەتقىتاتىنىڭ ھەقىقىي پىشىۋاسى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان ئىلىم ئىگىسى دەل مۇشۇ ئادەم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەرەب پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دىيەرلىك. فارابى – پەلسەپە تارىخى ۋە ھەر قايسى مەزھەپ مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئادەم. ئۇ يەنە ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە كۈچىگەن. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس. مۇزىكا ئىلمى جەھەتتە، فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ تالانت ئىگىسى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ «مۇزىكا دەستۇرى» دىگەن مەشھۇر بىر ئەسىرى بار. ئىبن خەللىكان ئۇنى «قالۇن» دىگەن چالغۇنىڭ ئىجادچىسى دەپ ھىساپلايدۇ.

فارابى ئەسەرلىرى.

فارابى ئەسەرلىرىدىن 40 پارچىسىلا بىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ 32 پارچىسى ئەسلى نۇسخا، 6 پارچىسى ئىبرايچە تەرجىمە، 2 پارچىسى لاتىن تىلىدىكى تەرجىمە. «پەن تەرتىپى»

بۇ ئەسەر فارابىنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى. مەزكۇر ئەسەر 1931-يىلى قاھىرەدە تۇنجى قىتىم نەشردىن چىقىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى. مەزكۇر ئەسەردە فارابى ئىلىمنى بەش رەتكە ئايرىپ، سەككىز تۈركۈم بويىچە تەتقىق قىلىدۇ. فارابى بىرىنچى رەتكە تىلشۇناسلىقنى قويۇپ، ئۇنى يەتتە تارماققا ئايرىيدۇ:

(1) تاق سۆز ھەققىدىكى ئىلى.

(2) بىرىككەن سۆز ھەققىدىكى ئىلىم.

(3) تاق سۆز گىرامماتىكا قائىدىسى ئىلمى.

(4) بىرىككەن سۆز گىرامماتىكىسى.

(5) توغرا يېزىش قائىدىسى ئىلمى.

(6) توغرا ئوقۇش قائىدىسى ئىلمى.

(7) شېئىر قائىدىلىرى ئىلمى.

ئىككىنچى رەتكە لوگىكىنى قويۇپ، لوگىكىنىڭ ئەھمىيىتى، ئورنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تەقەززالىقنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى رەتكە ماتىماتىكىنى قويۇپ، ئۇنى بەشكە تارماقلايدۇ:

(1) ئارفمىتىكا.

(2) گىئومىتىرىيە.

(3) ئاسترونومىيە.

(4) مۇزىكا.

(5) دىنامىكا.

تۆتىنچى رەتكە فىزىكا بىلەن مىتافىزىكىنى (ئىلاھىيەتنى) قويىدۇ. بەشىنچى رەتكە ئەخلاق ۋە سىياسىينى تۆتكە تارماقلايدۇ:

(1) مەىپەت.

(2) فىقىھ.

(3) كالامىيەت.

(4) تەۋھىد.

مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن فارابى ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ھەم ئېنىق ۋە يۈكسەك بولۇپ، باشقا ئەسەرلىرىدەك مۇرەككەپ چۈشىنىكسىز ئەمەس. فارابى تۆھپىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى كىيىنكىلەر يېزىقچىلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلغانلىقىدا. مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە ھەكىم ئىبنىسىنامۇ ئۆزىنىڭ «ئەششىفا» دىگەن كىتابىنى فارابىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. ئىبنىسىنا فارابىنى ئۆز ئۇستازى قاتارىدا كۆرگەن بولۇپ، ئىبنىسىنادىن فارابى پەلسەپىسىنىڭ ۋارىسلىرىغا خاس خىسلەتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

فارابىدىن ئىبارەت بۇ پەيلاسوپنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ۋە ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلارغا ئىبنىسىنادەك ھاكاۋۇر، چوڭچى، ھەتتا ئەپلاتۇننىڭ پەلسەپىسىنىمۇ ئانچىلا ۋاي دەپ كىتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ باھا بەرگەن ئادەمنىڭ فارابىنىڭ ئالدىدىكى كەمتەرلىكىنى ئىشارە قىلىشلا كۇپايە. ئىبنىسىنا مۇنداق ئىتىراپ قىلغان: «مەن ئارىستوتىلنىڭ ‹مىتافىزىكا› سىنى قىرىق قىتىم ئوقۇپ ئازراقمۇ ھەزىم قىلالمىدىم. پەقەت فارابىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شەرھىي ئەسىرى قولۇمغا چىقىشى بىلەن زېھنىم كەڭ ئېچىلىپ كەتتى».

«ئىككى پەيلاسوپنىڭ قاراشلىرىغا مۇرەسسە»

بۇ ئەسەر ناھايىتى يۇقۇرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەردە فارابى ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ.

«ئېسىلبالىق (پەزىلەتلىك شەھەر) ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار»

بۇ كىتاب فارابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.بۇ كىتابتىن بىز فارابىنىڭ پىكىر دۇردانىلىرىنى ۋە پەلسەپەۋى ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىنى كۆرەلەيمىز. كىمكى فارابى قاراشلىرىنى بىلمەكچى بولسا، پەقەت مۇشۇ كىتابنى ئوبدان ئوقۇپ كۆرسە بولىدۇ. بۇ كىتاب 37 باب بولۇپ، پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن.

(مەنبە: داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلغان، مۇسا مۇساۋى(ئىراق) يازغان «ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» 6-باب.

ئەلنى تاشلىغان،ئەر ئەمەس.

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 03:43:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، ئۇلۇغ ئالىمىمىز ھەققىدە نۇرغۇن بىز بىلمەيدىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن. يىنچۇەن شەھىرىدە قۇرۇلغان خۇيزۇلارنىڭ بىر مۇزېيخانىسىدا فارابىنى خۇيزۇ دەپ تونۇشتۇرۇپ ئەسەرلىرىنى قويغانمىش دەپ ئاڭلىغانىدىم، بىر خۇيزۇ يولداشتىن سورىسام بىزنىڭ دادىمىز ئۇيغۇر ئانىمىز خەن بولغاندىكىن، دادىمىزنىڭ ئەجدادىنى بىزنىڭ دېيىشكە ھەقلىق دېگەنىدى، بىر تۇرۇپ ئويلىسام توغرىدەك.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25556
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3569 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 04:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(روھزاد) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

بۇ گەپنى ئەمدى ئاڭلىشىم ، بىلىشىمىز كىرەككى ،ئەتراپىمىزدىكى كۆپ سانلىق مىللەت ھەم ئۇلار بىلەن بىر تىلدىكى ئاكا- ئۇكا مىللاتلەر مەدەنيەت ياساش ھەم تىرىلدۈرۈش جېڭىگە چۈشكىلى خېلى بولدى، بىز بولساق جايىدا بار نۇرلۇق مەدەنيەتنمىۇ تاس قېلىۋاتىمىز ئۆز قولىمىز بىلەن بەربات قىلغىنى ، مەدەنىيتى يوق مىللەت خۇددى توكتىن چىققان چۆجىگە ئوخشايدۇ!!!

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 04:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فارابىنى پەيلەسۇپ، فىزىكا ئالىمى، تېۋىپ (دوختۇر)، دىنى ئالىم (موللا)، شائىر، مۇزىكانت قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىسەك يەنە ئاز... قىسقىسى فارابى زامانىسىنىڭ ئەللامىسى بولغىنىدەك پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىر نەچچە بىلىم ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن تۆھپىكار ئالىم....
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 04:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ جاپا چېكىپسىز. رەھمەت !

ئاللاھ، ھەممە مۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56568
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3894
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2011-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 04:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، رەخمەت

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 1284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24353
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6816 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 08:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، .....    كۆپ جاپا چېكىپسىز....

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8504
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6914 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 09:23:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فارابى ھەقىىدە مەنمۇ ئۇقۇشتا جىق تەلىم ئالغان. بىز پەخىرلىنىدغان داڭلىق ئالىم.

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:06:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر،ياخشى تېمىنى يوللاپتىكەنسىز،ئاۋۇ ئەرەبكە ئوخشىتىپ سىزغان رەسىمنى يوللىماڭە،بەك ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ئاۋۇ رەسىمنى كۆرۈپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سىزغان رەسىمىمۇ بارغۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش