|
|
|
|
2011-يىلى10-ئاينىڭ31-كۈنى، فېلىپىننىڭ پايتەختى مانىلادا كەمىل كېلىر ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان قىزى دانىكا.كاماچونى باغرىغا باستى.
دانىكا دۇنيادىكى 7 مىلىياردىنجى بوۋاق بولۇپ قالدى. ئۇ شۇ يەردىكىDr. Jose Fabella دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلدى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىتاتسىتىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا نوپۇسى 1مىلىياردتىن 2 مىلىياردقا يېتىشىگە بىر ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت كەتكەن، 2مىلىياردتىن 3 مىلىياردقا يېتىشىگە 32 يىل ۋاقىت كەتكەن. 1987-يىلىدىن باشلاپ بولسا، ھەر 12 يىلدا 1 مىلىيارد نوپۇس ئېشىپ بارغان.
دانىكا.كاماچو يالت-يۇلت قىلىپ تۇرغان ئاپارات چىراقلىرى ئاستىدا، 31-ئۆكتەبىر نۆلگە ئىككى مىنۇت قالغاندا فېلىپىننىڭ پايتەختى مانىلادىكى بىر دوختۇرخانىدا تۇغۇلدى. ئۇ يەر شارى مىقياسىدا سىموۋۇللۇققا ئىلان قىلىنغان بىر قانچە بوۋاق ئىچىدىكى 7مىلىياردىنجىسى بولدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى فېلىپىنغا بېرىپ بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلىدى ھەمدە دانىكاغا تورت سوۋغا قىلدى. كاماچو ئائىلىسىدىكىلەرمۇ شۇ يەرلىكلەرنىڭ نۇرغۇن سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرىۋالدى. سوۋغاتلار ئىچىدە دانىكا ئۈچۈن تەييارلانغان ئوقۇش ياردەم فوندى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ مىلىچ مال دۇكىنى ئېچىشىغا كېتىدىغان خىراجەتلەر بار ئىدى.
بانكىمون بىر قانچە كۈن ئىلگىرى نۇتقىدا: بۇ سان-سىفىرنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇ ئىنسانىيەتكە چېتىلىدىغان ئىش. 7مىلىيارد ئادەم __ تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك، تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ھوقۇقى ھەمدە كۆپىيىش ۋە بېقىش تەربىيىلەش ئىھتىياجىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئەلتېكىن تەرجىمىسى
|
|
|
|
|
|