|
|
|
|
ئۈمىدسىزلىك قوينىدىكى ئىزتىراپ
( شەرمىناز )
تاڭ سەھەر ..................
شەرق تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش بىپايان زېمىنغا قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىللىق نۇرىنى چاچتى . زېمىندىكى بارچە مەۋجۇدات ، ھەتتاكى ئۆسۈملەكلەردىن تارتىپ ، بىپايان ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرۈيدىغان ئەركە قۇشلاردىن تارتىپ ھەممىسى قۇياشنىڭ ئۆزلىرىگە يەنە بىر يېڭى كۈننى بەخىش قىلغىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە باشلىرىنى ئېگىپ قۇياشقا سالام قىلىشتى . يېڭى بىر كۈندە يېڭىدىن - يېڭى ھاياتلىق كۈيلىرى چېلىنماقتا . گۈزەل سەھرايىمنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئەتىگەنلىك مەنزىرىسى ئۇستا رەسسامنىڭ رەڭگارەڭ بوياقلارغا چىلانغان قەلىمىدە ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان بىر ئېسىل رەسىمدەك شۇقەدەر چىرايلىق .
كېتىۋاتىمەن ، گۈزەل سەھرايىمنىڭ مامكاپ گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن كەڭ دالاسىدا يەككە - يىگانە ، يالغۇزلا كېتىۋاتىمەن . قەدەملىرىم شۇقەدەر ئېغىر ، تىنىقلىرىممۇ ھەم شۇنچىلىك ھەسرەتلىك . قەلبىم قاراڭغۇلۇققا تولغان ، قۇياشنىڭ پۈتكۈل زېمىننى يۇرۇتۇپ تۇرغان كۈچلۈك نۇرىمۇ قەلبىمدىكى بۇ قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇتالمىدى . ئەتراپتىكى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانماق ئۈچۈن ئۇزۇن كىرپىكلىرىم سايە تاشلاپ تۇرغان بۇلاقتەك چىرايلىق كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا قارىۋىدىم ، ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە كۆزۈمگە رەڭسىز بولۇپ كۆرۈندى . ئاھ ، كۈلرەڭ دۇنيا ! شۇنى ھېس قىلماقتىمەنكى ، ھايات ، تۇرمۇش ، بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆز گۈزەللىكىنى ئاللىقاچان يوقاتقان ، ھەتتاكى ئەتراپىمدىكى بارچە نەرسىلەرمۇ مەن ئۈچۈن ھەم ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان . قەلبىمدىكى قاراڭغۇلۇق كۆزلىرىمنى ھەم تامان توسىۋالغان ...............
كېتىۋاتىمەن ، خلمۇخىل مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان ، رەڭمۇرەڭ گۈللەر خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان ، قۇشلار مۇڭلۇق خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان جانغا راھەت سالقىن ، ساپ ھاۋالىق تولىمۇ چىرايلىق بىر باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چىغىر يولدا يەككە - يىگانە ، يالغۇزلا كېتىۋاتىمەن . مەي بولۇپ پىشىپ كەتكەن مىۋىلەرنىڭ ، گۈللەرنىڭ دىماغنى مەست قىلغۇچى ئەڭ شىرىن پۇراقلىرىمۇ يېقىملىق خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىمۇ ھېچ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ . خىياللىرىم خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەك...... شۇ دەمدە كۆزلىرىم كۆر ، قۇلىقىم پاڭ ، خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ . ئەقىل قۇشۇم روھىمدىن ئۇچۇپ مەن بىلمەيدىغان يىراق يەرلەرگە سەرسانە بولۇپ كېتىپ قالغان ، ئۇنى تۇتىۋېلىشقا ماجالىممۇ ھەم قالمىدى . بىردىنلا چىققان ئىزغىرىن شامال پۇراش سەزگۈسىنى يوقاتقان بۇرنۇمغا ھاياتنىڭ ئەڭ ئاچچىق پۇراقلىرى بولغان ئازاب بىلەن ھەسرەتنى مەجبۇرى پۇرۇتۇپ قويدى ، پۈتۈن ۋۇجۇدۈم ئەلەمدىن تىتىرەپ ھەم مۇزلاپ كەتتى . ئاخىرقى ماغدۇرۇمنى يىغىپ ، قۇياشنىڭ ئىللىق ھارارىتىدىن ۋۇجۇدۇمنى ئىسسىتماق بولۇپ ، قۇيۇق دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن قۇياشقا قارىۋىدىم ، قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم . مەن قۇياشقا لەنەت ئۇقۇدۇم ، قۇياش كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى . قەلبىمدىكى قاراڭغۇلۇق ئۈستىگە قاراڭغۇلۇق قوشۇلدى .
كەچكى گۇگۇم...........................
قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق مەنزىرىسىنى مەندىن قىزغانماقچى بولغاندەك غەرب تەرەپنىڭ ئاسمىنىنى بىر ئالغان قارا بۇلۇتلارنىڭ قېتىنى يېرىپ ، زېمىننى ئۇياتچان قىزنىڭ يۈزىدىكى سۇس قىزىللىققا ئوخشاش قىزغۇچ نۇرغا ئوراپ تۇرغان قۇياش ئەڭ ئاخىرقىى قىزىللىقنىمۇ يوقىتىپ ، زېمىن بىلەن خوشلىشىپ تاغ كەينىگە يۇشۇرۇندى . تۈن پەرىشتىسى زېمىننى قۇياشتىن قىزغىنىپ دەرھاللا قارا لىباسىنى زېمىننىڭ ئۈستىگە يېپىۋالدى . سەھرايىمدىكى بىر كۈن ئەمگەك ناخشىسىنى ياڭراتقان مېھنەتكەش دېھقانلىرىم كەچكى شەپەق بىلەن تەڭ ئۆيلىرى تامان يول ئالدى . سەھرايىمنىڭ كەچكى مەنزىرىسىمۇ ئەتىگەنلىك مەنزىرىسىدەك شۇنچىلىك چىرايلىق . بىر كۈن ئىشلەپ چارچىغان دېھقانلىرىم ئۆيلىرىدە ئارام ئېلىشماقتا ، شۇ سەۋەب سەھرايمنىڭ كېچىسى شۇقەدەر جىمجىت . ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە يۇرۇق تۇرغان چىراق نۇرلىرىدىن ، يىراقتىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازىدىن سەھرايىمدا تېخى ھاياتلىق كۈيىنىڭ تۇلۇق ئاخىرلاشمىغانلىقى مەلۇم .
كېتىۋاتىمەن ، تۈن پەرىشتىسى ئېلىپ كەلگەن قاراڭغۇلۇقتا يەنە يەككە - يىگانە ، يالغۇزلا كېتىۋاتىمەن . قەلبىمدىكى قاراڭغۇلۇققا زېمىننىڭ قاراڭغۇلۇقى قوشۇلۇپ كۆز ئالدىم شۇنچىلىك قاراڭغۇ . ھېچنىمىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ، مانا ئەمدى ھەقىقىي قارىغۇ بولدۇم . ئەتراپىم ئادەمنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك گۆرىستان جىمجىتلىققا چۆمگەن ، قەلبىمدە ئېيتقۇسىز ۋەھىمە . تۇيۇقسىز يېنىمدىلا شامالنىڭ ئۇشقۇرتىشى ، نېمىنىڭدۇر بىر نەرسىنىڭ تىرىقلىشى ئاڭلاندەك بولدى . قەلبىمدىكى ۋەھىمە پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تارقاپ ، بەدىنىمنى سوغۇق تەر باستى . قەدەملىرىمنى توختىتىپ زەن قويۇپ ئاڭلىۋىدىم ، بۇ باشقا نەرسە ئەمەس بەلكى ئۇمىدسىزلىككە ، يىگانىلىققا شۇنداقلا دەرد - ھەسرەتكە تولغان قەلبىمنىڭ ھۇۋلىشى ، ئازابلىق نالىسى ئىكەن . ھەمىمىدىن ، بۇ دۇنيادىكى ھەممىدىن رايىم قايتىپ ، قەلبىمدىكى ھايات شامى ئۆچۈشكە ئازلا قالغاندا يىراقتىن ، تولىمۇ يىراقتىن ئاجىز بىر نۇر كۆرۈندى . بۇ نۇر قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان قەلبىمگە كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ياندۇردى . يۇرۇقلۇققا ئېرىشمەك بولۇپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم . تۈن پەرىسى ئۇنى مەندىن قىزغىنىپ كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقتى . قاراڭغۇلۇقتا نېمىگىدۇر پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتتىم . قەلبىمدە يانغان كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى ھېلىقى نۇرغا قوشۇلۇپ تېخىمۇ جۇلالىماق بولۇپ قەلبىمدىن چىقىپ نۇر تامان ئۇچۇپ كەتتى . ئۇنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزاتقان قوللىرىم قاراڭغۇ ھەم سوغۇق بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالدى .
كېتىۋاتىمەن ، قاراڭغۇ - زۇلمەتتە يىراقتىن مېنى ئۆزىگە چاقىرىۋاتقان ئاشۇ نۇرنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن بار ماغدۇرۇمنى يىغىپ ، مۈدۈرۈپ يىقىلغان ئونۇمدىن تەستە تۇرۇپ يەنە يەككە - يىگانە ، يالغۇزلا كېتىۋاتىمەن . زېمىننىڭ شۇ قەدەر جىمجىتلىقىدىن ، يىقىلغىنىمدا بۇرنۇمنىڭ قاناپ كەتكىنىگىمۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن سۈكۈت قىلغىنىدىن زېرىكتىم . قاراڭغۇ ھايات يولۇمنى يۇرۇتۇپ بەرمەكچى بولۇپ ماڭا ئەگىشىپ تەڭ كېلىۋاتقان ئاينى ئېتەكلىرى بىلەن يېپىۋالغان بۇلۇتلارغا نەپرەت ياغدۇردۇم . قەلبىم ئىختىيارسىز مېنى سوراققا تارتتى :
- سەن نېمىشقا بۇنچە غەمكىن ھەم بۇنچە يالغۇز ؟ ھايات يولۇڭ نېمىشقا بۇنچە قاراڭغۇ ھەم كۈنلىرىڭ شۇنچە مەنىسىز ؟ نە سەۋەب سېنى كىشىلەردىن ، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن بۇنچە يىراق قىلدى ؟ نە سەۋەب..................... ؟
قەلبىمنىڭ بۇ تۈگىمەس سوراقلىرىغا جاۋاب بېرەلمەي قىينالدىم ، جاۋاب بېرىشكە ھەم ئاجىز ئىدىم . قەلبىمنى ئالدىماق بولدۇم .
- ئادەملەرنىڭ شەپقەتسىزلىكى ، نامەردلىكى..........
- چۈشكۈنلۈك ! روھى نامراتلىقىڭ سېنى مۇشۇنداق تەنھالىققا مەھكۈم قىلغان !
قەلبىمنىڭ بۇ خىتابى بېشىمغا گوياكى توقماق كەبى تەگدى ، يۈرىكىمنى پىچاق بىلەن بىلەن تىلغاندەك ئاغرىتتى . گېلىمغا ئاچچىق بىر يىغا كەپلىشىپ قالدى ، تىللىرىم كالۋالىشىپ گەپ قىلىشىمغا ئىمكان بولمىدى . يولۇمغا كېتۋەردىم . مەن پەقەت قەلبىمگە تۇتاشقان ئاشۇ كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە . بۇ يولدا ماڭا پەقەت يالغۇزلۇقۇمغا تەنھالىقىم ، ھەسرەتلىرىمگە قايغۇلىرىم ،ئازابلىرىمغا كۆز ياشلىرىم ھەمرا........
كېتىۋاتىمەن ، ئۈنسىز - ئۈمىدسىز ، گاھى يىغلاپ ، گاھى كىملەرگىدۇر نەپرەتلەر ياغدۇرۇپ ، يىقىلغان ئورنۇمدىن تەستە تۇرۇپ ، چۈشكۈنلۈك پاتقىقى ئىچىدە ئېغىرلاشقان قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ، كىچىككىنە بولسىمۇ ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن . قۇلۇقۇمغا تولىمۇ زەئىپ بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ : سەن نېمىشقا بۇنچە غەمكىن ھەم بۇنچە يالغۇز ؟ ھايات يولۇڭ نېمىشقا بۇنچە قاراڭغۇ ھەم كۈنلىرىڭ شۇنچە مەنىسىز ؟ نە سەۋەب سېنى كىشىلەردىن ، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن بۇنچە يىراق قىلدى ؟
بۇ سۇئاللارنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ ، كۆزۈم ياشلاپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بار كۈچۈم بىلەن ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن...............
يەنە بىر تاڭ سەھەر................
ھەم يەنە كەچكى گۇگۇم.....................
ھاياتلىق داۋاملاشماقتا.............
مەن يەنىلا يالغۇز ، يەككە - يىگانە چۈشكۈنلۈك پاتقىغا تولغان ھايات يولىدا كېتىۋاتىمەن . بىردىنبىر نىشانىم پەقەت كىچىككىنە بولسىمۇ ئۈمىد ئۇچقۇنىغا ئېرىشىش .....................
------------------ شەرمى^^ ناز ----------------------
( قەلىمىم )
[mp3=1]http://www.misranim.com/lirika/lirika1.wma[/mp3]
|
|
|
|
|
|