مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5289|ئىنكاس: 139

دوختۇرلار قويمىچى ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 11:38:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى قايسى كۈنى بىر تېما يوللىغان ئىدىم تېمىسى «يېڭى»دىن بىزار بولدۇم، بۈگۈن تورداشلار مىنى يەنە بىر تېما يوللىغىلى مەجبۇرى قىلدى. بۇلارنى كۆرۈپ مىنى ئوبزورچىمۇ نىمە سىز دەپمۇ قالارسىلەر بەلكىم.

قايسى كۈنى «دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تېلىۋۇزۇر ياسىتىشى» دىگەن ھەجىۋى ھىكايىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەك  ھەيران بولدۇم. ھەم ئاچچىقىم كەلدى. ئەگەر ئاشۇ گەپلەرنى مىنىڭ ئالدىمدا كىم دىگەن بولسا ئاشۇنى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر ئىشخانىسىغا بىر كۈن ئەكىرىپ سولاپ قويغان بولار ئىدىم. سىقىشىپ ئورۇشۇپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ ئىدى. تورداشلار دىگەندەك ئورۇنسىز تەكشۈرۈشلەرمۇ ئاز ئەمەس ئەمما مۇشۇ ئورۇنسىز تەكشۈرۈشلەرنى كىم كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ؟ كىم دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنسىز تەكشۈرۈش دەيدۇ؟ كىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق دوختۇرلار قورسىقىنى باقىدىكەن دەيدۇ؟ شۇ بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك نەرسە سەرىپ قىلىندىغىنىنى كىم بىلىدۇ؟
بەزى گەپ چۈشەنمەيدىغان تورداشلىرىمىزغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ. دوختۇرلار قايسى بىرنىمىڭىزنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئادەم قويۇپتۇ؟ ئەگەر شۇ دوختۇر ۋە دۇختۇرخانا بولماي باقسۇنچۇ قانداق قىلىسىلەركىن. ئاددىسى بىر زۇكامغا داۋا تاپالماي دوختۇرخانىغا كېلىسىلەر. بىلەمسىزكىن؟ كېسەلنىڭ ئانىسى زۇكام. ھەر قانداق كېسەل زۇكام سەۋەبىدىن قوزغىلىپ تارقىلىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ھەر قانداق بىر مۇتەخەسىسنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇشۇ گەپنىڭ راست يالغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ. ئەمدى قۇشۇمچە تەكشۈرۈشنىڭ مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ئاساسىنى سۆزلەپ ئۆتەي.

مىنىڭ ئالدىمغا بىر بىمار ئادەتتىكى بىر زۇكام بىلەن كىردى. ئەمما ئۇدا قىززىۋاتقىلى بىر نەچچە ئاي بولغان ئىكەن، ھەم تۇراقسىز قىززىيدىكەن، شۇڭا مەن بىمارغا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق قان تەكشۈرتۈشكە بۇيرۇدۇم قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانداق چىقتى بىلەمسىز؟ ئۇ بىمار A تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن. مەن شۇنداق دىسەم ئىشەنمەي ۋىلايەتلىك دوختۇخانىغا بارىمەن، ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن، ماڭا قالايمىقان دىئاگىنوز قويۇپ مىنىڭدىن كۆپ پۇل ئالماقچى بولىشىۋاتىسەن، دەپ بىرمۇنچە كايىپ چىقىپ كەتتى. ئەلۋەتتە مەنمۇ بار ئاساسىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم، ئارلىقتا سەت گەپ بىلەن ئۇرۇشۇپمۇ قالدۇق. ئۇ بىمار ئۇدۇللا بېرىپ ناھىيلىك سەھىيە ئىدارىسىگە ئەرز قىلىپتۇ. ناھىيلىك سەھىيە ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنى قايىل قىلالماي ئاخىرى ناھىيلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ بېرىپتۇ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ كۇسسىيىپ قېلىپ كېيىن مىنىڭ ئالدىمغا ئەپۇ سوراپ كەلدى، مەن دوختۇرخانىمىزدا بۇ كېسەلنى داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈپ ئۇ بىمارنى ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا يوللاپ بەردىم. بۇ دىگەن شۇنداقلا بىر مىسال، بۇنداق ئىشلار دىگەن ئالدىمىزغا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئەگەر مەن ئاشۇ بىمارنىڭ دىگىنى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايلا زۇكامنىڭ دورىسىنى يېزىپ بەرگەن بولسام سىزنىڭچە توغرا بولامدىكەن؟ A تىپلىق جىگەر كېسىلى دىگەن يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇ ئادەم ئېغىرلىشىپ كېسىلىنى تەكشۈرتۈپ بايقىغىچە بولغان ئارلىقتا قانچىلىك ئادەمگە شۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇپ بولار؟ بوپتۇ ئۇ كېسەل تارقالمىسۇنمۇ دەيلى، سىزنىڭچە مەن زۇكامغا بەرگەن ئاشۇ دورىلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەرى شۇ بىمارنىڭ جىگەا كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ماسئۇلىيەت ماڭا كېلىدۇ، نىمشقا دەمسىز؟ چۈنكى يۇقىرىدىن ماڭا سەن نىمىشقا ئاشۇ كېسەلنى ئەتىراپلىق تەكشۈرمەي تۇرۇپ دورا يېزىپ بەردىڭ؟ سەن قانداق دوختۇر؟ دەپ سىز ئەمدى دەپ بېقىڭە دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاشۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمىكەن؟


wida ئىسىملىك يەنە بىر توردىشىمىزنىڭ ئېيتقىنى:

医闹نىڭ تېخى ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بولمىغاچقا مۇشۇنداقلا ئاتاي.
كەينى-كەينىدىن چىقىرىلغان قانۇنلار مۇشۇ ساھەدىكىلەرنىڭ ئەسلىدىمۇ خېلىلا ئېغىر بولغان خىزمەت بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتتى.
بۇرۇن زۇكام بولۇپ قالسىڭىز،تەكشۈرۈش قىلمايلا زۇكام بولۇپ قاپسىز دەپ دورىلا يېزىپ بېرەتتى.ھازىر بېرىپ قىزىدىم دېسىڭىز قىزىتمىغا مۇناسىۋەتلىك قان تەكشۈرۈشلەردىن بىر يۈرۈش يېزىپ بېرىدۇ.بېشىم ئاغرىدى دېسىڭىز بېشىڭىزنى س ت دا تەكشۈرۈش قەغىزى يېزىپ بېرىشى مۈمكىن.يۆتىلىمەن دېسىڭىز رېنتىگىن تەكشۈرۈشى يېزىپ بېرىدۇ.سىزنىڭ ئۆپكە ياللۇغى،تىبىركىلوز،بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دىگەندەك بىر قاتار كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن سىزگە زۇكام دەپ دىئاگىنور قويىدۇ ۋە نەچچە يۈەنلىك دورا يېزىپ بېرىدۇ.قانچە يۇقىرى دەرىجىدىكى دوختۇرخانىغا بارسىڭىز شۇنچە كۆپ ۋە قىممەت تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرىسىز.بۇنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى؟دەل بېمارلار ئۆزى.
سىزلەرگە بىر قانچە مىسال ئېلىپ سۆزلەي.بىر كۈنى بىر ياش ئاتا-ئانا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلىنى كۆتۈرۈپ كېسەل كۆرسەتكىلى كەپتۇ.كېسەلنى مۇتەخەسىسىمىز كۆردى.بالىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ۋە كۆرگەندىن كېيىن تەجىربىسىگە ئاساسەن بالىغا 脑瘫 دەپ دېئاگىنوز قويىۋىدى ئەر-خوتۇن ئىككىسى دوختۇرنىڭ ياقىسىغىلا ئېسىلدى ئېغىزىڭغا كەلگەننى جۆيلۈدۈڭ،نېمە دەپ ساپ-ساق بالامنى پالەچ دەيسەن دەپ.دوختۇر دىدى بالا ساپ-ساق بولسا دوختۇرخانىغا نېمە دەپ ئېلىپ كەلدىڭ دېسە پەقەتلا شۇ ئۈچ ياشقا كىرگۈچە دەسسىيەلمىگەن،گەپ قىلالمىغان يېرىلا بار دەيدۇ.توۋا دەپ قاپتىمەن.بالا خۇددى لاتا قونچاقتەكلا ياتاتتى،ئىنكاسمۇ قايتۇرمايتى.ئۈچ ياشلىق بالىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئەقلى ئىقتىدارمۇ يوق.ئاشۇنداق تۇرۇپ ساپ-ساق بالامنى پالەچ دېدىڭ،نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيتىڭ دەپ دوختۇرخانىنى كۆتۈرۋەتكىچە سوقۇشتى.شۇنىڭ بىلەن باشقا بىر ياش دوختۇرىمىز كېلىپ كېسەلنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە تەسەللىي ئېيتىپ،بالىڭىزنى مەن تەكشۈرۈپ باقاي دەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ بىر قۇچاق تەكشۈرۈشنى يېزىپ قولىغا تۇتقۇزدى.پۈتۈن تەكشۈرۈشكە نەق ئىككى كۈن كەتتى.پۈتۈن تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن بالىغا يەنە شۇ 脑瘫 دەپ دىئاگىنوز قويدى ۋە بۇ يەردە داۋالىيالمايمىز شاڭخەي بېيجىڭغا ئاپىرىپ باق دىدى.ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا قەيەرگىلا ئاپارمىسۇن ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلى يوق ئىدى.ئۇلار ئاشۇنداق ئۇشۇق بولغاچقا مۇتەخەسىسىمىز داۋالىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ دىيىشكە تەييار بولغان ئېغىزىنى يۇمۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.ئۇنداق دېسە يەنە بىر نەرسە دەپ ياقا سىقىدىغان چىراي.شۇ كۈندىن بۇيان بۇ مۇتەخەسىمىزمۇ تەجىربىسىگىلا تايانمايدىغان،تەكشۈرۈشلەرنى تۇلۇق قىلىپ دىئاگىنوز قويۇپ،بۇنداق كېسەل دەيدىغان نېمە ئىسپاتىڭ بار دېسە تەكشۈرۈش قەغەزلىرىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان بولدى.
ھەممە بىمار بۇنداق ئۇشۇق ئەمەس ئەلۋەتتە.لېكىن يىلاندىن قورققان كىشى ئارغامچىدىنمۇ چۆچۈيدۇ-دە.
كېسىلىنى يۇشۇرىدىغان بىمارلارمۇ بار،ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيىتمايدىغانلارمۇ بار.كېلىنكىدا ئىشلەپ باقمىغانلارغا مىڭ چۈشەندۈرسىمۇ چۈشەنمەيدۇ بۇ ئىشلارنى.
كېلىنكىدا ئىشلەيدىغان دوختۇر-سېستىرالارنىڭ جاپاسىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ.يا دەم ئېلىش يوق.بەزەنلەر ئېيىتقاندەك شۈكرى قىلىپ كەتكۈدەك مائاشىمىزمۇ يوق.ھۆكۈمەت بېرىدىغان مائاشىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن.خىزمەت ۋاقتىمىز قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ.ھېيىت-بايرامدا ئىشلىسە ئۈچ ھەسسە مائاش بېرىدۇ دىگەننى ئاڭلىدۇق لېكىن كۆرۈپمۇ باقمىدۇق. >M}\_c=  
مىجەزىمىز زىيادە چارچاش ۋە ئېغىر خىزمەت بېسىمىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.تىلگىراف شېركەتلىرىدەك ئېسىل مۇلازىمەت قىلالمايمىز بۇنىڭغا ئىقرارمەن.سىز تېلىفۇنىڭىزنى سائىتىگە بىر قېتىم جىرىڭلايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇپ بېقىڭ.جېق دىمىدىم.ئۈچ كۈنلا سىناپ بېقىڭ.ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىت مىجەز بولامدىكەنسىز يوق كۆرەي.بىر ۋاق تاماقنى خاتىرجەم يىيەلمەيمىز،بىرەر ئاخشام خاتىرجەم ئۇخلىيالمايمىز.ئۇبۇرنىغا كىرىپ يېرىمىنى چىقىرىپ بولغىچىمۇ كېسەل ئۆزگىرىپ قالدى ياكى كېسەل كەلدى دەپ توۋلاۋاتقان.پۈتۈن ئاچچىقىمزنى قاتتىق بېسىۋېلىپ تۇرۇپ كەيپىياتىمىزنى كونتىرول قىلىپ كېسەللەرگە يۈزلىنىمىز.ئاشۇنداق ئاران تۇرغان چاغدا پىلتىگە ئوتنى يېقىپ قويدىڭىزمۇ ئىش چاتاق بەزىدە پارتىلاپ كېتىپمۇ قالىمىز.
خىزمەتتى چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئۆيدىكىلەرگە گەپ قىلىشمۇ خۇشياقمايدۇ.ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۆيدىكىلەرگە بىر كۈن ئىچىدە قىلىدىغان سۆزۈم دوختۇرخانىدا بىمارلارغا قىلىدىغان سۆزۈمنىڭ مىڭدىن بىرىگە توغرا كەلمەيدۇ.ئۆيدىكىلەر مېنىڭ كەمسۆز بولۇپ كېتىشىمدىن ۋە ئاسان ئاچچىقلىندىغان بولۇپ قالغىنىمدىن رەنجىشتى.بولۇپمۇ ئاپام.ئاپامنىڭ ئاپىسى قاتتىق ئاغرىپ قالدى.ئاپامدىن باشقا قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ قويىدىغانغىمۇ كېچىنى كېچە كۈندۈزنى كۈندۈر دېمەي سائىتىدە بىر تولا چاقىرپ كېچىلەردە ئۇخلاتمىغاچقا ،ئاپام قاتتىق چارچاپ مىجەزى مەندىن ئۆتە بوپ كەتتى.ھەپتە بولغاندا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتۇ.نېمە ئويلاتىسىز دېسەم سىزنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم.شۇنچە يىلدىن بۇيان قانداق چىداۋاتىسىز.مەن سىزنى خاتا كەسىپتە ئوقۇتۇپ قويۇپتىمەن دەپ كۆزىگە ياش ئالدى.كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ قانچىلىك شىرىنلىكىنى بىلىسىلەر.سىلەر شىرىن ئۇيقۇدا ياتقاندا مىدىرلاپ ئىشلەپ يۈرگەن ئاشۇ ئادەملەرنىڭ نېمىلەردىن ۋاز كېچىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قويۇڭلار.
بىزنىڭ دوختۇرخانىدا دىيەلمەيمەن،لېكىن بىزنىڭ بۆلۈمدە مەندىن باشقا مۇنبەر كۆرىدىغان ئادەم يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق.ئۇلارغا ئازراق ئارام ۋاقتى چىقسا ئۇخلاپ كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىشىدۇ.مېنىڭ ئۇيقۇم ئاز.ئۇقۇۋاتقان چاغلاردىلا دەرىسلەرنىڭ قىيىنلىقىدىن ئۆگىنىش ۋاقتىم يېتىشمەي ئاز ئۇخلاشقا كۆنۈپ كەتكەن.ئۇزۇن دىگەندىمۇ 5 سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىمايمەن.ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتىم 3-4 سائەت ئەتراپىدا.24 سائەت ئۇخلىماي ئىشلەش مەن ئۈچۈن ھېچكەپ ئەمەس.3 كۈن ئۇخلىماي توختىماي خىزمەت قىلغان رىكورتىم بار.80 نەچچە سائەتتىن ئاشىدۇ.مېنىڭ خىزمەتداشلىرىمدىن باشقا يەنە قانچە ئادەم شۇنداق قىلالايدۇ؟چوڭ ئوپراتسيە بولۇپ قالسا نەچچە سائەت ئۆرە تۇرۇپ،كۆزنى بۈركۈتتەك ساق تۇتۇپ تۇرىدىغان گەپ.چۈش بوپتۇ قورساق ئاچتى.تاماق يەپ بولۇپ ئاندىن قىلايلى دەپ بىمارنىڭ قورسىقىغا لاتا يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئۇيقۇ كەلدى،بىر مىنۇت ئۈگدىۋالاي دىگىلى بولمايدۇ.چوڭ-كىچىك تەرەپ قىستاپ كەتسىمۇ چىڭ قىسىپ تۇرىدىغان گەپ.سۆزلەپ كەلسەم گەپ بەك جېق.بىز شۇنداق ئالدىراش يۈرگەچكە جاپادىن غىڭشىيدىغان ۋاقتىمىزمۇ يوق.شۇڭا دوختۇر بولماق تەس،سېستىرا بولماق تەس دەپ شېئر يازىدىغان بىكار ئادەممۇ يوق.ئۇلار ئۆزلىرىنى چۈشەندۈرمەيدۇ،ۋاقتى يوق ھەم چۈشەنمەيسىلەر.شۇڭا ئارىمىزدا باشتىن-ئاخىر چۈشىنىش كەمچىل.
قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسلىسىنى دەي.ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلاردا بۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس،چۈنكى بىزنى نازارەت قىلىدىغان ئاپاراتلار بار.مەخسۇس ھېسابات تەكشۈرىدۇ.بىر موچەن ئۇيان-بۇيان بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ.ئارتۇق ئېلىنغان ھەق بايقىلىپ قالسا نەچچە ئون ھەسسىلەپ جەرىمانە قويىۋېتىدۇ.شۇڭا بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار.ئارتۇق ھەق ئېلىنغان بولسا ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك كىشىگە مەلۇم قىلىڭ.شۇنداق قىلسىڭىز بىزنى جەرىمانىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان بولىسىز.شەخسىي دوختۇرخانىلاردا قانداق بىلمەيمەن.ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى دۆلەت بېكىتىپ بەرگەن بويىچە بولىدۇ.دوختۇرخانىنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.بۇنى دۆلەت بېكىتىدۇ.دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆلچەم بېكىتىش ھوقۇقى يوق.


ئۆزۈمنىڭ قارىشى

ئادەمنىڭ مەلۇم ئەزاسىدا كېسەل بولسا ئادەمنىڭ بەدىنى ئاغىرىيدۇ. ساقىيىپ قالىمەنغۇ دەپ يۈرىۋەرسىڭىز ئاز ساندىكىلىرى ساقىيىپ قالغان بىلەن كۆپ ساندىكىلىرى ئېغىرلاپ ماڭىدۇ. بۇ كېسەل تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر ئەزانى زائىپلەشتۈرۈپ يەنە بىر ئەزانىڭ كېسەل بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل داۋالانماي تاشلىۋەتسىڭىز ئۆلۈپ قالىسىز. ئەڭ ئاددىيسى ئەيدىز كېسىلى دىگەننى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما بۇ كېسەلنىڭ ئادەم بەدىنىدە قانچىلىك ۋاقىت يۇشۇرۇن ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى دىسەم چۈچۈپ كېتىسىز. بۇ كېسەل ئادەم بەدىنىدە ئاز دىگەندە 7 يىل بولمىسا 15 يىل يۇشۇرۇن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يۇشۇرۇن دەۋر دىگىنىمىز. كېسەللىك باكتىرىيىسى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ بولغان ئەمما ئادەم بەدىنىدە شۇ كېسەلگە نىسبەتەن مەلۇم بىر ئالامەت بولمىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. 7 يىل دىگەن ئاز ۋاقىتمۇ؟ ئەگەر بىر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 7 يىل ھېچنىمىنى بىلمەي نورمال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ يۈرىۋەرسە سىزنىڭچە دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىنى ئازايتقىلى بولامدىكەن؟ يەنە قانچىلىك ئادەمنى مۇشۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقتۇرىشى مۇمكىن ئىكەن؟ ئاشۇ نىجىس كېسەل بىلەن سىز يۇقۇملىنىپ قالغان بولسىڭىزچۇ؟ قېنى ئەمدى دەپ بېقىڭە دوختۇرخانىلاردا قۇشۇمچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمىكەن؟

ئەگەر دوختۇرلار ياكى دوختۇرخانا قويمىچى دېسىڭىز قېنى بىرەر دوختۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەپ بېقىڭە سىزگە قانداق چۈشەندۈرۈپ قويمايدىكىن؟ ئەگەر مىنىڭ ئالدىمغا شۇنداق دەپ كېلىدىغان بولسىڭىز سىز چوڭكەنسىز سىز كىچىككەنسىز دەپ ئولتۇرماي ياقىڭىزدىن سۆرىگەن پېتى بىر كۈن دوختۇرنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويىمەن. قېنى سىز قانداق بولۇپ قالارسىزكىن؟ غەيۋەت دىگەن ئادەمنى سېسىتىدىغان نىمە گەپ بولسا يۈزدە دەڭ.


مەنبە: سەپرا مىجەزىم

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
andarbag0997 + 20 خو...نەق گەپنى قىپسىز ...
زامانى + 111 مۇئاشىمىزنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز؟؟
nazila998 + 100
رىشتەم + 11 ھى ھى ھى بەك قايىل قىلارلىق يىزىپلا
ark-ay + 1 يائاللا ،ھاردۇقۇم ئازراق چىقتى.....
zulayha + 50 چۈچۈپ قالدىميا...
yusup180 + 10 سىزمۇ دۇختۇرمۇ ئاغىنەياخشى يۇللاپسز

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 303   باھا خاتىرىسى

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

بۇ جاھاننىڭ ئىشل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48277
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1779
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 3672 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 11:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق مەنمۇ بىر دۇختۇر ،بىز دۇختۇرلارغا ھاقارەت قىلماڭلار  ،ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدگىلى بولمايدۇ

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:14:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس، يېزىدىكى كەنت دوختۇرلىرى دىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن قويمىچىلارمۇ بار ، لېكىن ھەممىسى ئەمەس ئاز بىرقىسمى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:21:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر دۇنيادا دوختۇر ۋە دوختۇرخانا مەۋجۇت بولمىسا قانداق بولۇپ كېتەر ھە...

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:52:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  kahrizat كە 2011-10-31 12:14 AMئەۋەتىلدى  :
ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس، يېزىدىكى كەنت دوختۇرلىرى دىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن قويمىچىلارمۇ بار ، لېكىن ھەممىسى ئەمەس ئاز بىرقىسمى  
ماۋۇ ئىنكاستا دىيىلگەنلەر ئەمىلىيەت ئەمما كىشىلەرمۇ شۇنداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قولايلىقىنى ھەم نىسى قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇلارنىڭ قېشىغا بارىدۇ. ئەمما ھازىر سىياسەت شۇنداق ياخشىلىنىپ كەتتى دېھقان-چارۋىچىلارغا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتتىسى بىجىرىپ بېرىپ ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلدى.

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:52:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  wahxi كە 2011-10-31 12:21 AMئەۋەتىلدى  :
ئەگەر دۇنيادا دوختۇر ۋە دوختۇرخانا مەۋجۇت بولمىسا قانداق بولۇپ كېتەر ھە...


كېسەل ئېغىرلىشىپ ئادەم ئۆلىدۇ. جاھاننىڭ تەرەقىياتى زور توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ شۇ.

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33283
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1307
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 1201 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2011-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:53:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇر دىگەن ((ئاق خالاتلىق سودىگەر))

شۈكرى ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4153
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 4244 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:54:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كەسىپنى چۈشىندىغانلار بەك ئازمىكىن دەيمەن،،، سىز دىگەندەك ناھايىتى
كۆپ ساندىكى ئۆزىنى خەلىق ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن جاپاكەش دوختۇرلىرىمىزغا مىڭ رەھمەت ئېيتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ،، ئۇلار راستىنلا ئاللاھ تائاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن تىرىك پەرىشتىللىرى ھىساپلىنىدۇ،،،، يەنە بىر قىسىم ئاز ساندىكى  مۇشۇ توننى كىيۋالغان ئۆزىنى ئاشۇنداق ئاتىۋالغان ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتىنى باشقىلار ئالدىدىكى رولىنى بىلەلمەيۋاتقان ئاچكۆزلىككە بىرىلىگەن كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورۇقمايدىغان جانغا ئىچى ئاغرىمايدىغان تاش يۈرەك لەرمۇ بار ‹دوختۇر دىيىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ› ،،،،،، ئاچچىقلانماڭ،،،، ئاددى مىسال قىلساق بىز ئۇيغۇر دەپ ئىچكىردە ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ساتقان بەزى كىشلەر ئۇيغۇر خەلقىمىزگە ۋەكىل بولالامدۇ؟؟؟ شۇنىڭدەكلا،،،ھەقىقەتەن كۆپ ساندىكىللىرىمىز ھەر بىر ئىشنىڭ ھەقىقى ماھايىتىنى چۈشەنمىگەچكە سىرتقا قاراپلا باھا بىرىشكە ،، ئازراق نامۇۋاپىق ئىشلارنى كۆرۈپلا شۇنىڭغا ئېسىلۋالغاچقا بەزى بىر توقىنىشلار كىلىپ چىقىۋاتىدۇ،،،
سىرتىدىكى چاپاننى كىملا كەيسە ئوخشاش ئەمما بىر ئىشقا باھا بەرگەندە تېىشىدا كيىۋالغان چاپىنىغا ئەمەس ،، ئاشۇ چاپان كەيگۈچىنىڭ ئىچكى ئوبرازىغا قارىتا باھا بىرەيلى،،،،،،،،،،،، مەيلى مۇشۇ دوختۇرلۇق بولسۇن،ياكى باشقا كەسىپلەر بولسۇن  ھەممىسىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى چوڭ رولى بار،،،، كۆچمە خەۋەرلىشىش دىگەن ھەجۋى ھىكايىنى مەنمۇ ئوقىغان بۇرۇن،،،، ئاشۇلارنىمۇ خېلى سۆككەن يەرلەر بار،،، ئەمما قاراپ باقساق كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا نىمىدىن ئەڭ ئايرىلالمايمىز؟؟؟؟؟؟ تېلفۇندىنمۇ؟؟  ئاشۇ بىزگە قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى؟؟؟؟؟ ئاشۇ بولمىسا بىز قانچىلىك ئىشلاردا ئاۋارچىلقلارغا ئۇچرايمىز ،،، يىغىپ ئېيتقاندا زىيانلىق تەرپىدىن پايدىلىق تەرپى مىڭ ھەسسە كۆپ،،،، يەنىلا ئىشلىتىۋاتىمىز،،، بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىۋاتىدۇ،،شۇڭا بىزمۇ پۇل ئارقىلىق ئاشۇ ھاجىتىمىزدىن چىققان نەرسىگە ئىرىشتۇق،،، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كىلۋېلىپ مەجبۇرى ئىشلىتسەن دىگىنى يوق،،ئۆزىمىزنىڭ خالىشىدا بولىۋاتىدۇ،، دىمەك بىزنى قويىۋەتتى دىگەن گەپ يوق،،،، ھەرقانداق كەسىپنى قىلدىغان يەردە ئادەملەر ئىشلەيدۇ،، ئادەملەر ئارىسىدا ياخشىسىمۇ يامىنىمۇ بولىدۇ،،شۇڭا ھاقارەتنى كەسىپكە قىلماي ، ئاشۇنداق پەسلىشىپ كەتكەن ئادەملەرگە قىلغان تۈزۈك

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11130
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:59:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇرلاردا كۆپ  مەسلە  يوق،   گەپ  ئۈستىقۇرۇلمىدا.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11130
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 01:01:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇكېرىم ئابلىز دەيدۇ: بىچاۋ،سىچاۋ  ،سىتى دەپ  ئايرىم - ئايرىم ...............ئەڭ  يامىنىدىن بىرسىگە سالمامدۇ  دەيمەن..

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش