 |
 |
 |
 |
| ھاياتلىق دوقمۇشۇم سېنىڭسىز غۇۋا، |
| شۇندىمۇ ئۈمىدۋار، ئاقتۇرمايمەن ياش. |
| ياپرىقىم قۇرىسىمۇ ئازاپلىرىڭدىن، |
| كۈلىدۇ خاتىرەم سەن بولغاچ قۇياش. |
| كۆزلىرىم سۆزلىسە كۆرگەندە سېنى، |
| تۆكىمەن ھاياجان ھىسىمدىن مىسرا. |
| ئازابىم يېنىكلەر شەپەقلىرىڭدىن، |
| زوقلىنىپ ئۆزۈڭگە بولىمەن ئەسرا. |
| پۈتكەنمۇ تەقدىرىم شۇنداق ياشاشقا، |
| قەلبىڭدە يوق ئەكسىم ئۆچۈردىڭ چىراق. |
| يامانكەن ئايرىلىش قىينالدى جېنىم، |
| سېنىڭسىز تىترەيمەن مەن گويا ياپراق. |
| ئازاپتىن سارغىيىپ دوڭمۇشىڭدا مەن، |
| يانالماي كەينىمگە باقىمەن ئۇزاق. |
| ئاچچىقتىن تىلىنغان يۈرىكىم مېنىڭ، |
| يىغلايدۇ پىغاندىن كۈلىمەن بىراق. |
| ئىچىمدە يىغلايمەن تېشىمدا كۈلكە، |
| ئامالسىز ھاياتتىن پۈتىمەن داستان. |
| دۈشمەننى كۈلدۈردىڭ تەنتەكلىكىڭدىن، |
| ئويۇن قويدۇڭ ئەلگە مېنى دەپ يامان. |
|
 |
 |
 |
 |
|