دېھقان ئانا(شېئىر) جان ئانا كەل چاچلىرىڭنى تاراپ قوياي، پۇرىۋالاي ھىدلىرىڭنى شۇ بانىدا. سېلىپ بەرگىن كۆڭلىكىڭنى يۇيۇپ بىرەي، مەيىن شامال قۇرۇتسۇن ئۇنى تانىدا. جان ئانا، ئارام ئالغىن مەن ئىتەي ئاشنى، تارتىدۇ كۆڭلۈڭ سېنىڭ، قايسى تاماقنى؟ كۆزىڭدىن نۇرلار كېتىپتۇ، تۇتمىغىن يىڭنە، گۈل كەلتۇرۇپ ياماپ بىرەي ئاشۇ ياماقنى. جان ئانا كۆتۈرمىگىن ئەمدى ئەلگەكنى، تالغاندۇ بىلەكلىرىڭ <دۇنيا> تەۋرىتىپ. مەن ئالاي ئېتىزدىن ئوتنى تاغارغا، سەن ماڭا مەدەتلا بەر، <قىزىم> دەۋىتىپ... جان ئانا بىرى كەل كۆرپىگە چىققىن، بەللىرىڭنى تۇتۇپ قوياي ھاردۇغۇڭ چىقسۇن. يۈگۈرمە ئەمدى ئېتىزغا ئەمدى <دان> پىشتى دەپ، خاماننى زەبەردەست باللىرىڭ يىغسۇن. (ئۆزۈم) جاپپار ئابدۇللا بەگيار
ئاكتىپ ئەزا
پاش قىلىش
بىردەملىك تاقەت
ئۈمىدلىك ئەزا
ئەي ئويغۇرلار قې
يىـڭى ئــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ