مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4827|ئىنكاس: 43

ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54371
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-9-2
ئاخىرقى: 2011-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
باي ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
باي ناھىيە ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى



ھازىرغىچە باي ناھىيە تەۋەسىدە ئويغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز… قاتارلىق 15 مىللەت  ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسى ئىككى يۈز مىڭ ئەتىراپىدا.        
ئويغۇرلار: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى مۇڭغۇل يايلاقلىرى ۋە سىبىريە ئەتراپى بولۇپ، ئۇلار مىلادىي 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرپكە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇپ- شىمالىغا كۆچكەن. ئۇلار غەرپكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى مانى دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. غەرپكە كۆچكەندىن كېيىن، كۆسەن خانلىقى بۇدىستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلغان. بۇددا دىنى تەخمىنەن مىلادىيە 1- ئەسىرلەردە ھىندىستاندىن ئېلىمىزنىڭ غەرىبىي رايۇنلىرىغا جۈملىدىن باي ناھىيىسىگە كىرگەن. 10-ئەسىردە سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەخت ۋارىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي پاناھلىق تىلەپ، قارا خانىيلار تەۋەسىگە كەلدى. ھەم قارا خانىيلارنىڭ تەخت تاماسىدا يۈرىۋاتقان شاھزادىسى ساتۇق بىلەن ئۇچىراشتى. نەتىجىدە تەخت تاماسىدا پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۋاتقان بۇ ئىككى شاھزادە تېزلا چىقىشىپ قالدى. ساتۇق ئەبۇ نەسىر سامانىيدىن تۇنجى بولۇپ قۇرئان ئايەتلىرىنى، ناماز ئوقۇشنى ئۆگەندى. كېيىن ئۇ پادىشا بولۇپ، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنىي قىلىپ بەلگىلىدى ھەمدە ئۇنى  پۇتۇن قارا خانىيلار تەۋەسىدە ئومۇملاشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئويغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىدى.
ھازىر ناھىيە تەۋەسىدىكى ئويغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى   نەپەرگە يىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يىمەك-ئىچمىكى نان، پولو، لەڭمەن، مانتا، كۇچا، سامسا، چۆچۈرە، قاتلىما، يوتازا، ساڭزا، ئۈگرە، قۇيماق، پوشكال، ئۆپكە-ھېسىپ، شورپا، كاۋاپ، پەرمۇدە، چۆپ، شويلا، سۈملەك، ھالۋا، پۆرە، شىرنە، ھەرخىل مىۋە ۋە مىۋە سۈيى، قېتىق، سۈت، دوغاپ، قوغۇن-تاۋۇز، مۇراببا، گۈلقەنت، ھەسەل، يەرلىك چايلار، قەنت-ناۋات، تۇخۇم، سەي- كۆكتات، مۇسەللەس، بۇزا قاتارلىقلار  
كىيىم-كېچەك ئادىتى: ئەرلەر باش كىيىملەردىن رايۇن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەر خىل دوپپا، تۇماق ۋە قۇلاقچىلارنى كىيىپ يۈرەتتى. تونچە ئۇزۇن چاپان كىيىپ بېلىگە بۇلۋاق باغلايتى. ئېغى كەڭ ئۇزۇن ئىشتان كىيەتتى. پۇتىغا كوسەي، چۇرۇق، بەتىنكە، ئۆتۈك، مەسە-كالاچ، پىما قاتارلىقلارنى كىيەتتى. 1960-يىللاردىن باشلاپ تۆت يانچۇقلۇق «جۇڭسەن» پاسۇندىكى چاپان كىيىدىغان بولدى. ئاياللار ياغلىق چىگىپ رومال ئارتاتتى. چىرايلىق دوپپىلارنى ياراشتۇرۇپ كىيەتتى. ئۇزۇن چاچ قويۇپ، چىرايلىق تاراپ يۈرەتتى. توي قىلغان ئاياللار ماڭلاي چاچ قويماي، چېچىنى ئارقىغا تاراپ ئىككىگە ئايرىپ ئۆرىۋالاتتى. قىزلار ماڭلاي چاچ قويغاندىن باشقا يەنە چېچىنى ئارقىغا تاراپ، ئىنچىكە قىلىپ ، نەچچىگە ئايرىپ ئۆرىۋالاتتى. كىشىلەر ئايال زاتىنىڭ توي قىلغان ياكى توي قىلمىغانلىقىنى چېچىغا قاراپ ئايرىۋالاتتى. ھازىر بۇ ئەھۋال بەكمۇ مۇررەككەپلىشىپ كەتتى.چىرايلىق يارشىملىق ئوزۇن كۆينەكلەرنى كىيىدىغانلار بارغانسىرى ئازلاۋاتىدۇ. ئۇزۇن كۆينەككە ئۇزۇن ئىشتانى پارا كەلتۈرۈپ كىيىدىغان ئاياللارنى «ساراڭ»، «مەتۆ» ياكى«قېرىلارنىڭ كىيىمى» دەپ قاراش ئومۇملۇققا ئايلاندى. ئۇزۇن كۆينەك يوپكىغا ئايلاندى. ئىشتانلار كۇسارغا ئورۇن بوشاتتى. ھازىر قىزلار، ياش ۋە ئوتتۇر ياش ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قىسقا ياكى ئوتتۇرا ئىتەك يوپكا بىلەن كۇسارنى، ياكى بولمىسا «ۋاسسىدە» ئېتىلىپ كىتەي دەپ قالغان ئىشتان بىلەن بەدەنلىرى لىققىدە كەلگەن چاپانلارنى پار كەلتۈرۈپ كىيىشىدۇ. پۇتىدا چەتنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىقى. چاچ كېسىش. بۈدىرە قىلىش، چاچنى قويىۋېتىش، تۈرمەكلىۋېلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندى. «قېنى قارا چاچ» دىگەن ناخشىلار، سابىق ئۆلكە رەئىسىمىز تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ 1985-يىللىرى ئويغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇپ، ئوزۇن كۆينەك كىيىپ يۈرىشى توغرىسىدا چىقارغان باياناتى ھىچ قانداق ئۈنۈم كۆرسىتەلمىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئىچىدىن بىرەر ئويغۇر ئايالنى، ھەتتا ئۆز ئانا، خوتۇن-قىزلىرىمىزنى پەرق ئەتمەكمۇ تەس بولدى.«ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دىگەن ھېكمەت سەۋەبى نۇرغۇن ئىشلاردا ئاياللارنى گۇناھكار قىلىپ كەلگەن ئىدۇق.« ئەر»دىگەن شۇنداق قۇدىرەتلىك، شۇنداق جاسارەتلىك. تەڭرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا شۇنداق كۈچ- غەيرەتنى، شۇنداق ئىرادىنى مۇجەسەملىگەن. شۇڭا ئۇنىڭغا بىرەر ئائىلىنى، بىرەر ئايماقنى، مەھەللىنى، جەمىيەتنى، ھەتتا پۈتۈن بىر دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. بىزگە لازىم بولغىنى مىقدارى جەھەتتىكى ئەرلەر ئەمەس، بەلكى غورورى، ۋىژدانى، سۈپەت جەھەتتىكى ئەرلەر. ھازىرقى جەمىيەت ئوچىقىنى ئېيتساق ئاياللارنىڭ ئەمەس بەلكى ئەرلەرنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنى ئۇلار يۇمشاقلىشىپ كەتتى. كۆپقىرلىق ھالىتى بۇزۇلۇپ، يۇملاق، سىلىق، غىلتاڭ بولۇپ كەتتى. خانىشلار ھاكىميەت ئىشلىرىغا ئارلاشقاندەك، ئائىلىدە، جەمىيەتتە ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئېغىزىغا باقماس بولدى. قىسقىسى ئەرلەر ئائىلە، جەمىيەت، مەھەللە- ئايماق ئەمەس ئۆزىنى- ئۆزى قوغدىيالمىدى. ياكى شۇنچىلىك ئىختىدار ئۇلاردا قالمىدى.
        خەنزۇلار: ناھىيە تەۋەسىگە خەنزۇلار ئاساسەن چىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ كېلىشكە باشلىغان. مىنگو دەۋرىدە ناھىيە تەۋەسىدە نەچچە 10 خەنزۇ ئاھالىسى بار ئىدى. 1950- يىللاردا بىر قىسىم خەنزۇ كوماندىر-جەڭچىلەر كەسپ ئالماشتۇرۇپ، باي ناھىيىسىگە خىزمەتكە كەلدى. 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا زور بىر تۈركۈم خەنزۇ كادىرلار كەلدى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شەندۇڭ، جاڭسۇ قاتارلىق جايلاردىن يەنە كۆپ مىقداردا خەنزۇ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر كەلدى. ئۇلار ئاساسەن ناھىيىمىزنىڭ باي بازىرى، تېرەك بازىرى ۋە داۋانچى، ياقېرىق دىخانچىلىق مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتى.
        قىرغىزلار: مىنگونىڭ 9-يىلى (1920-يىلى) قارا كۆل ئەتراپىدىكى بىر قىسىم قىرغىزلار ئۈچتۇرپان، ئاقچى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەلدى. كېيىنچە ئۇ جايلاردىن ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى قاراباغ، ياقائېرىق، داۋانچى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەلدى.
        خۇيزۇلار: چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇڭجى يىللىرىدا بەي يەنخۇا توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم قالدۇق قىسىملىرى باي ناھىيىسىگە قېچىپ كەلدى.گۇاڭشۈنىڭ 34-يىلى (1908-يىلى)، مىنگونىڭ 3-4-يىللىرى(1914-1915-يىللىرى) ۋە 21-22-يىللىرى (1932-1933-يىللىرى) شىنجاڭدا يۈز بەرگەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەلبە مىۋىسىگە شېرىك بولۇش ئۈچۈن گەنسۇدىن چىققان ماجۇڭيىڭنىڭ بىر قىسىم قالدۇق كۈچلىرى، ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم خۇيزۇلار باي ناھىيىسىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشتى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى،مەنزىرلىك جايلار ۋە ساياھەتچىلىك

باي ناھىيىسى قەدىمدە كۆسەن دۆلىتى قۇم بەگلىكىگە تەۋە ئىدى. ناھىيە تەۋەسىدە ھەر قايسى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارە- ئەتىقىلەر بار. 2000- يىلى 10- ئايدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 67 سى تىزىملىنىپ روھىخەتكە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن: قىزىل مىڭ ئۆيى، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: ئونباش مىڭ ئۆيى، لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما، دۇگان قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قۇملۇق ئېقىن قاتارلىقلار بار. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: 61 ى بار.
ناھىيە تەۋەسىدە ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، گۇمانتارلىق مەنزىرە نوقتىسى ۋە تەبىئى مەنزىرە نوقتىسىدىن 124 ى بار. ئۇلار يالغۇز باي ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرلىك جايلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تارىخي، ئارخىلوگىيەلىك قىممەتكىمۇ ئىگە.

ساياھەتچىلىك

70- يىللاردىن بويان ناھىيە قىزىل مىڭ ئۆيىدە مۇللازىمەت نوقتىسى قۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپ قېتىم كۈتىۋالدى. چەتئەللەردىن، چەتئەللەردىكى جوڭگو مۇھاجىرلىرىدىن، شاڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر باي ناھىيىسىگە ئارقا- ئارقىدىن ساياھەتكە كەلدى. 90- يىللاردىن باشلاپ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىدە كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكتىن، ساياھەتچىلىك خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى موھىم بىر تۈر بولۇپ قالدى. ھازىر ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلغان، كۆللىكتىپ ۋە شەخسلەر باشقۇرۇشىدىكى ساياھەت نوقتىلىرى قۇرۇلۇپ، ساياھەت تورى شەكىللەندى.
1997- يىلى تاشقى ئىشلار ــ مۇھاجىرلار ئىشلىرى ــ ساياھەتچىلىك ئىشخانىسى قۇرۇلدى. 1999 - يىلى 7- ئايدا ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى قۇرۇلدى. 8- ئايدا ساياھەت شېركىتى قۇرۇلدى.

ساياھەت تۈرلىرى

ناھىيىنىڭ ساياھەت تارمىقى ئېچىپ يولغا قويغان ساياھەت تۈرلىرى ئاساسلىقى قىزىل مىڭ ئۆي، قىزىل سۇ ئامبىرى، تېرەك ئارشىڭى، باراباغ- قېيىر خەلقئارا ئوۋچىلىق مەيدانى، قىزىل ئالۋاستى شەھرى، باي ناھىيە بازىرى، قارا2- گازلىقى، چوڭ ئاپا ھور ئارشىڭى، قىزىل كۆل بويى ئارامگاھى، ئەسىر مەيدانى، ياقا ئېرىق يارداڭلىقى، تېرەك ئورمان باغچىسىدىن ئىبارەت 12 ساياھەت نوقتىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىرچە ئېچىلغان ساياھەت لېنىيىسى تۆت.
1- لېنىيە: قىزىل مىڭ ئۆي ← قىزىل سۇ ئامبىرى ← قىزىل كۆلبويى ئارامگاھى ← مىللىي تۇرالغۇ ← مىللىي ئۆرپ- ئادەت كوچىسى ← باي ناھىيە بازىرى.      
2- لېنىيە: قىزىل مىڭ ئۆيى ← قىزىل ئالۋاستى شەھرى ← قارا 2- گازلىقى ← لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما ← باي ناھىيە بازىرى.
3- لېنىيە: ياقا ئېرىق يارداڭلىقى ← ئەسىر مەيدانى ← تېرەك ئورمان باغچىسى ← تېرەك ئارشىڭى ← باي ناھىيە بازىرى.
4- لېنىيە: ئېكىسپىدىتسىيەلىك ساياھەت ← قار لەيلىسى چوققىسى ← چوڭ ئارپا ھور ئارشىڭى.



ئەسلى مەنبە:  گۈزەل باي تورى
www.guzalbay.com

مىسرانىم مۇنبىردىكى دوستلارنىڭ گۈزەل باي ناھيىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم ،دوستلارنىڭ ياخشى ئۇقۇپ چىقىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە مەن ئاقسۇدا چوڭ بولغان بولساممۇ ،باي ناھىيىسىگە بېرىپ باقماپتىكەنمەن ،ئەمدى قاراپ باقسام ھەقىقەتەن كۆرگىچىلىگى بار ، گۈزەل شەھەركەن ،پۇرسەت بولسا چۇقۇم بېرىپ ئۆز كۈزۇم بىلەن كۆرۇپ كەلمىسەم .
  تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇر،بىزنى تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا.

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8474
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:43:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باي ئېتى يوللۇك كۈمۈر ماكانى لىكىن قىممەتلىگىدىن ئۈزىمىز ئاران ئالالايمىز،نۇپۇسى ھازىر شىددەت بىلەن ئۈسۈپ240مىڭ ئەتىراپىدا تۇرۋاتىدۇ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېڭىدىن قۇرۇلغان باۋگاڭ پۇلات زاۋۇدى بەش يىل ئىچىدە120مىڭ ئادەم ئىشلەيدىغان زاۋۇت بۇلارمىش كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە نۇپۇسىمىز500مىڭ نۇپۇسقا يىتىشىدە گەپ يوق.ناھىيمىز تېخىمۇ گۈللەپ ياشىغۇسى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2431
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9260
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1765 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ گۈزەل ماكان..

ئەڭ يېڭى خاككىرلىق بىلىملىرى ،پىروگىرامما تۈزەش بىلىملىرى(android,php,js/css/jquery ...) ،سۈرئەتلىك دەرىسلىك نىشانىم تورىدا http://www.nishanim.com

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:49:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باي نايىسى گاز بىلەن شاڭخەينى تەمىنلەيدۇ، كۆمۈر بىلەن  پۈتۈن جەنۇبى شىنجاڭنى تەمىنلەيدۇ ، لېكىن باي نايىسىنىڭ دېھقانلىرى نامرات ، .ئاينۇر مەخسەت ھاكىم بولغان چاغدا دېھقانلارغا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن ، لېكىن ھازىرقى ھاكىمچۇ؟

سېنى سېزنى سېلەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62587
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3407
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  بېرىپ باكماپتىكەنمە ؟!~  بۇدا چوقۇم بىر  بارمەن !~

سېنى سېزنى سېلەنى دەپ ياشايدىغان ئۆمەرجان يوق !

كصشص كصشصگة مؤهت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29944
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13678
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 5821 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ باي ناھىيىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق گۈزەل، باي ماكان،مەن مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن.

كصشصنص كصشصگة مؤهتاج قصلصشتصن خؤدا ساقلصسؤن

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 07:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھتىن موللا مۇسا سايرامىنىڭ مۇبارەك ئىزى چۈشكەن بۇ يۇرتنى زىيارەت قىلىشقا نېسىپ قىلىشنى تىلەيمەن.

كصشص كصشصگة مؤهت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29944
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13678
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 5821 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 08:00:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  kahrizat كە 2011-10-30 07:49 PMئەۋەتىلدى  :
باي نايىسى گاز بىلەن شاڭخەينى تەمىنلەيدۇ، كۆمۈر بىلەن  پۈتۈن جەنۇبى شىنجاڭنى تەمىنلەيدۇ ، لېكىن باي نايىسىنىڭ دېھقانلىرى نامرات ، .ئاينۇر مەخسەت ھاكىم بولغان چاغدا دېھقانلارغا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن ، لېكىن ھازىرقى ھاكىمچۇ؟
ئاينۇر ھاكىمدەك ھاكىملار ئەمدى چىقماسمىكىن،ئۇ ئايال بولغىنى بىلەن ئەرلەردىنمۇ جاسارەتلىك،جىگەرلىك ئايال ئىدى،ناھىيىمىزدىكى نامرات پۇقرالارغا ناھايىتى كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن،ھەممە ھاكىملار شۇنىڭدەك بولغان بولسا .........................

كصشصنص كصشصگة مؤهتاج قصلصشتصن خؤدا ساقلصسؤن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 2308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26698
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 08:04:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ئىسمى جىسمىغا لايىقكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش