مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5285|ئىنكاس: 44

سادامنىڭ قىزى ئاتىسىنىڭ تەرجىمىھالىنى چىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23872
تۆھپە نۇمۇرى: 3095
توردا: 6109 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 11:58:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادامنىڭ قىزى ئاتىسىنىڭ تەرجىمىھالىنى چىقارماقچى


   غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ مەرھۇم سابىق پىرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ قىزى لاگاردى ھۈسەيىن سادام ئۆز قولى بىلەن يازغان كۈندىلىك خاتىرىدىن بىر ئەسلىمە تەييارلاپ نەشىر قىلدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ. لاگاردىنىڭ ئىئوردانىيەلىك ئادۋوكاتى ھاسام.ھېلىسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئەسلىمە سادامنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، مەزمۇنى ئىشەنچلىك ئىكەن. لاگاردى ئادۋوكاتىغا بىر قىسىم نەشرىيات شىركەتلىرى بىلەن ئەسلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار قانۇنى ھۆججەتلەر ھەققىدە كېڭىشىشنى ھاۋالە قىلغان، بۇ ئەسلىمىنى قاچان نەشىردىن چىقىرىش نەشرىيات شىركەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بېكىتىلىدىكەن. لاگاردى بۇ ئەسلىمىنى چىقىرىش ئارقىلىق، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئەڭ مۇھىمى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاتىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
  بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن لاگاردىنى سادامنىڭ بىرىنچى خوتۇنى ساجىدە تۇغقان، شۇنداقلا ئۇ سادامنىڭ چوڭ قىزى. لاگاردىنىڭ ھاياتىنى داۋالغۇش ئىچىدە ئۆتكەن دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قانچە مۇھىم مەزگىلى ئاتىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، لاگاردى ناھايىتى تەكەببۇر ئىدى، شۇنداقلا بىر ئىشنى قىلىمەن دېسە، باشقا ئېلىپ چىقمۇغىچە بولدى قالمايتتى، شۇ چاغدا تاراتقۇلار ئۇنى «كىچىك سادام» دېيىشەتتى.
  لاگاردى 1987-يىلى ئاتىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن، ئىراق-ئىران ئۇرۇشىدا ئىپادىسى ياخشى بولغان ھۈسەيىن.كامىل.مەجىدكە ياتلىق بولغان. مەجىد جەمەتى بولسا سادامنىڭ يۇرتى تىكرىتتا مەرتىۋىلىك جەمەت بولۇپ، سادام جەمەتى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق ئىدى. كېيىن لاگاردىنىڭ سىڭلىسى مەجىدنىڭ ئىنىسىغا ياتلىق بولدى.
  دۇنيادىكى ئىشلارنى پەرەز قىلىش ھەقىقەتەن تەس. مەجىد ئاكا-ئۇكا نېمە سەۋەبتىنكىن سادامنىڭ چوڭ ئوغلى ھۇدەينى رەنجىتىپ قويدى، بۇ ئىككىيلەن ھۇدەينىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 1995-يىلى 8-ئايدا لاگاردى ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىنى ئېلىپ ئىئوردانىيەگە قېچىپ باردى. بىر ياندا ئېرى، يەنە بىر ياندا ئاتىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بولغاچقا شۇ چاغدا لاگاردى ناھايىتى تەس كۈندە قالدى. 2-يىلى، سادام مەجىد ئاكا-ئۇكىنى كەچۈرۈم قىلدى، ئۇلار باغداتقا قايتىپ كېلىپ 3-كۈنىلا ئېتىۋېتىلدى. ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر سادام بۇ ئاكا-ئۇكىنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن دەپ پەرەز قىلىشتى. بىراق لاگاردى بولسا ئاتام ھەقىقىي قاتىل ئەمەس، ئېرىمنى ئۆلتۈرگەن تاغام، دېدى. نېمىلا دېگەن بىلەن سادام بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئىراققا قايتىپ كېلىشى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، شۇڭا لاگاردى بىلەن ئاتىسى ئارىسىدا بىر مەھەل نىزا كۆرۈلگەن.
  2003-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا ھۇجۇم قىلدى، لاگاردى سىڭلىسى لانا ھەمدە ئىككىيلەننىڭ توققۇز بالىسىنى ئېلىپ ئىئوردانىيەگە قېچىپ بېرىۋالدى. سادام ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، لاگاردى ئاتىسى بىلەن بولغان ئاداۋەتنى بىر ياققا قايرىۋەتتى.
  لاگاردى مۇخبىرغا: «مەن سادامنىڭ قىزى، مېنىڭ بالىلىرىم ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، غەربلىكلەر بۇنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى مېنىڭ فامىلەم ھۈسەيىن، مەن مۇشۇ فامىلىنى قوغدايمەن، بۇنداق قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم» دېگەن. سادام سوتلىنىشتىن ئىلگىرى، لاگاردى سادامنى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، لاگاردى مانا شۇ چاغدىن تارتىپ سادام جەمەتىنىڭ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قولىغا ئالغان. 2005-يىلى 8-ئايدا، لاگاردى كەسكىنلىك بىلەن ئەسلىدىكى ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنى تارقىتىۋېتىپ، ئىراقلىق ئادۋوكات خەلىل دۇرەيمىنى ئاتىسىنىڭ بىردىن بىر ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىغا كۆرسەتكەن. شۇ چاغدا مۇشۇنداق كەسكىن ھەرىكىتى بىلەن لاگاردىنىڭ شۆھرىتى ئاشقان. بىراق لاگاردى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، 2006-يىلى 12-ئايدا سادام يەنە دارغا ئېسىلدى.
  ئىگىلىنىشىچە، لاگاردى 2004-يىلى ئىراقنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا بىر مەھەل تەييارلىق قىلغان. لېكىن ئىزچىل تۈردە ئىئوردانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان لاگاردى يەنىلا ئىراق يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ قولغا ئېلىش ئوبيېكتى بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سايلامغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ: «مەن چوقۇم سىياسىيغا قاتنىشىپ، بىر سىياسىيون، يەنى سادامنىڭ سىياسىي ۋارىسى بولىمەن» دەيدۇ. 
  بۈگۈنكى كۈندە، لاگاردى سادام جەمەتىگە بولغان قەتئىي ئېتىقادى بىلەن، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلماقتا. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاتىسىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەپ «ئاتام ئىنتايىن ياخشى، مېھرىبان، كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەم ئىدى. ئۇ بالا-ۋاقىلىرىنى قەدىرلەيتتى» دەيدۇ. لاگاردى يەنە باشقىلارنىڭ قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئاتىسىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشىنى ئىزچىل ئۈمىد قىلىپ كەلمەكتە.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئادەم بولماق تەس

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 02:39:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(hasalharisi) نىڭ تېمىسىغا

ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، ناۋادا مۇشۇ تېمىدا دىيىلگەنلەر ئەمەلگە ئاشسا مەنمۇ خوشال بۇلاتتىم.

مۇھەببەت ھەم ئاچ

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3934
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 4332 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 03:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كازافى سادام دەك بولدى  ھى

كىشلەرنىمە كويدا

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11140
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 05:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھەي  تارىخ، بەزىدە  ئادەمگە كۆتۈرەلمىگۈدەك  چاقچاقلارنى  قىلىپ  قويىدۇ  دە!  بىرلىرىمىزنىڭ  نەزىرىدە  مۇستەبىت، بىرلىرىمىزنىڭ  نەزىرىدە  قەھرىمان. بىر  ياققا  قارىسا تۆھپىسى،  بىر ياققا  قارىسا  خاتالىغى........
             بۇلارغا  بەزىدە   تارىخمۇ ،خەلىقمۇ  ئادىل  باھا  بېرىپ  بۇلالمايدۇ،  ھەممىنى بىلگۈچى  ئاللاھتۇر.

   لېكىن  نىمىلا بولمىسۇن  ئۇلارنىڭ  باتۇرلىغى، قەيسەرلىكىنى  ئىنكار  قىلماسلىغىمىز لازىم.

        

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 5001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53413
تۆھپە نۇمۇرى: 3673
توردا: 6432 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 06:45:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادامنىڭ بەلكى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلىرى بولغان بولغىيتى، لېكىن ئۇنى قۇربان ھېيت كۈنى قۇربانلىق قىلىش ماڭا بىر خىل ھاقارەتتەك بىلىنگەن ئىدى.
سادامنىڭ قىزى ھەقىقەتەن دادىسىغا ۋاپادار ئىكەن... قايىل بولدۇم....

بىرسى دىدى تۇخۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 09:42:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھلى سەلىپكە خۇشامەت قىلمايدىغان ئەرەب كاتتىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۈرەكلىك بىرى ئىدى،ئەپسۇس.....................
ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىدا بىر نەچچە قەدەمنى خاتا بېسىپ قېلىپ ،تاجاۋۇزچىلارغا،ۋەتەن ساتقۇچ،ئەرەپ مىللىي مۇناپىقلىرىغا باھانە تېپىپ بەردى،ئاخىرىدا خائىننىڭ ساتقىنلىقى بۇ كىشىگە كۈتمىگەن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى،نىمىلا  بولمىسۇن ئەركەكتەك ئۆلدى،ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە بىېراۋغا يېلىنمىدى،ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان  يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،مېنىڭ قەلبىمدىكى ئارزۇسى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدىغان جىگەرلىك ئەزىمەت،قەھرىمانلارنىڭ بىرسى دەل سادام ھۈسەيىندۇر!

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11140
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 09:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  توخار كە 2011-10-30 09:11 PMئەۋەتىلدى  :
سادام ئۆلۈپ مېنىڭچە ياخشى بولدى.پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىش كېرەك.

           توۋا؟؟؟

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2059
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 09:59:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادام  ئۇبىر ئسلام قەھىرمانى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 10:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادام ئۆلۈپ ياخشى بولدىمۇ ....ئىراق سادام ۋاقتىنى سېغىنماقتا ...كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى كۈنسىرى ناچارلاشماقتا ...كىشىلىك ھۇقۇق ئېغىر دەرىجدە دەپسەندە بولماقتا ... پارتىلتىش ۋەقەلىرى كۈنسىرى داۋام ئەتمەكتە ... ھازىر  ئىراقنىڭ تەرەققىياتى سادام ۋاقتدىنمۇ ناچار ... قېنى ئامىركىلىقلار ئۇلارغا ئەكىللىپ بەرگەن تەرەقىيات ..كىشلىك ھۇقۇق ... قېنى دىموكىراتىيە  ؟؟؟  ھىچنىمىدىن ئەسەر يوق ...شۇنچە بايلىققا كۈمۈلگەن دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى شۇنچە نامرات ...شۇنچە غەمكىن ... سادام ۋاقتىدا دۆلەت مۇنچىلىك قالايمىقان ئەمەس ئىدى ...سادام كەتتى  بۇ دۆلەت غەرىبلىكلەرنىڭ بايلىق بۇلايدىغان زىمىنىغا ئايلاندى ... غەرىبلىكلەر داۋراڭ سالغان دىموكىراتىيە   تىنچلىق ئاتالمىش كىشىلىك ھۇقۇق  قۇرۇق گەپكە ئايلاندى ...

ئالدىراشلىق .....

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 579
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 4037 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 11:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11140
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 11:32:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت  توخار كە 2011-10-30 10:43 PMئەۋەتىلدى  :
پىشانىسى قاچان،نەدە پۈتۈلسە،ئەجەل قۇشى كەلدىمۇ،جەرۋائىل جېنىنى ئالىمەن دېگەن ئادەمنىڭ جېنىنى ئالماي قالمايدۇ،سادام توغۇرلۇق مەندە 20قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىمى بار،ئۇ ئىلگىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلاردا،خەلقىنى بەكلا باستۇرغان،ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلسىمۇ،لېكىن،ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن،تاماق يېگەندىمۇ،ئۆز دۆلىتىنىڭ تامىغىنى ياراتماي،ئايرۇپىلان بىلەن 3ۋاق تامىغىنى تۇشۇغان،ئۇنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇممايمىز،ئۇنىڭ  كەمچىلىكىگى  نۇرغۇن،مۇنبەردە كۆپ داۋالاشقىم يوق،سادام ھۈسەيىنىڭ پۈتۈن تارىخىنى دېگۈم يوق،مەن كۆرگىنىم پەقەت خەۋەرلەر،ئۇنىڭ تۇغۇلۇش ھاياتى،بېسىپ ئۆتكەن جەريانى،ئەلۋەتتە،ئېراق خەلقى بەك يامان كۈندە قالدى،بۇنى كۆرسە،ھەممە مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ،خەلقى ئىتىپاق بولمىغان،ئۇيشمىغان،تەييار ئاللاھ ھەدىيە قىلىپ،زېمىنىغا شۇنچە كۆپ تەبىي بايلىقلارنى ئاتا قىلسىمۇ،شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ،كاللا ئىشلەتمەي،غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان خەلقنىڭ تەغدىرى شۇنداق بۇلۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.
ئارتۇق گەپ تالاشمايمەن.
ئاللا بىر520 بۇرادەر،گەپ سۆزدە سىپايە بۇلۇڭ،ئانامنى چىشلەپ تاتماڭ،بۇ دېگەن مۇنبەر،ئاغزىمغا كەلدى دەپلا سۆزلىمەڭ،ئاساسىنى،نېگىزىنى قۇيۇپ تۇرۇپ سۆزلەڭ،ئانامنى چىشلەپ تارتىدىغانغا ھوقۇقىڭىز يوق،گەپتە سىپايە بۇلۇڭ،مېنىڭ ئانام-دادام مەندىن باشقا بەش پەرزەنتىنى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۇقۇتۇپ،جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىپ تەربىيلەپ چىقىپ بولغان،ئۇلار ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىمەكتە.دادام-ئانامنىڭ پەرزەنت تەربىيسى بەك كۈچلۈك بولغاچقا،سىزنى‹‹سەن››دېيىشكە تىلىم بارمىدى،ئويلاپ گەپ قىلارسىز،مەلۇم بىر كۈنلەردە مېنىڭ ئانامنى چىشلەپ تارتىڭىز،بىر كۈنلەردە ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ،سىزگىمۇ بىرسى شۇنداق دېگىننى بىر ئۆزىڭىڭز،يەنە بىرگە ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىپ قالار،مۇنبەر جېدەل تېرىيدىغان،ئۇرۇشىدىغان يەر ئەمەس،بولمىسا،خۇي-پەيلىم يامان بولغان بولسا،چەكلەنگەن ئەزا قاتارىغا كىرىپ بولاتتىم.
سادام ھۈسەيىن ئۆز ئەجىلى بىلەن رېھلەت قىلدى،ئەجەل دېگەن شۇنداق نەرسە،كىشىلەرنىڭ سادامنىڭ ۋاپات بۇلۇشىنى ئېراق مەسىلسىگە چېتىۋالماسلىقىنى،پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقئارالىق سىياسىي ئۆزگىرىشكە،نېمە ئىشلار بۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،شۇ ئىشلارغا باغلاپ تۇرۇپ،مۇھاكىمە قىلىشنىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەينى ۋاقىتتا پەلەستىن رەھبىرى ئەرافات تۈگەپ كەتتى،2004-يىلى كۈزدە،شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىن-ئىسرالىيە مەسىلسى،خەلقئارالىق تۇقۇنۇش قانداق يۈز بەردى،بۇنىمۇ ئويلاپ بېقىڭلار،ئاخىرىدا دەيدىغىنىم،غورۇرۇغا تېگىدىغان گەپلەرنى مۇنبەردە قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.
.......

       سىز دېگەن  ھېلىقى  كۆپ  قىسىملىق  فىلىمنى  قايسى  دۆلەتتىن  ئىشلەپتۇ؟  دېمەك  ماۋۇلارنىڭ  بىزگە  يېزىپ  بەرگەن  تارىخىمۇ  مۇتلەق  ھەقىقەتكەندە.  سىز ئۇنىڭ شۇنداق يامان تەرەپلىرىنى  يېزىپسىز ، شۇ  چاغدا يېنىدا  بارمىدىڭىز؟  تارىخ  غەلىبە  قىلغانلارنىڭ  ئىدىيسى  بويىچە  مەغلۇپ  بولغانلارنىڭ  دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ. ئۆكتىچىلەرنى  يۇقۇتۇش ھەرقانداق  دۆلەتتە  مەۋجۇت.مۇتلەق كۆپ سانلىق  دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تۇرمۇشى  ئادەتتىكى  پۇقرالارغا  قارىغاندا ئالاھىدە بولىدۇ،( سادامنى مۇستەبىت دەپ ئۇرۇش  قوزغىغان ئامېرىكا  زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تېخىمۇ شۇنداق)  .بىزنىڭمۇ ھەم  شۇنداق.ئەينى چاغدا ئىقتىسادى  ئىمبارگو  سەۋەبىدىن ئىراق خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن بىلەن  دۈشمەنگە تېز پۈكمەي، قەيسەرلىك  بىلەن ياشىغان ئىدى.ئەمدىچۇ؟ ئەمەلدارلىرى كاپىرلارغا   غالچا، مەزھەپلەر  بىر-بىرىگە دۈشمەن. پۇقرالىرى خار زەبۇن.  بولسا  تېخىمۇ  كۆپ  ماتىريال  كۆرۈپ  ئويلىنىڭ.ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش  قوزغاش  سەۋەبىنى  تەپسىلى  ئانالىز قىلىڭ، كافىر دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش  قوزغاپ  پارچىلاۋاتقىنى،تىغ تەڭلەۋاتقىنى  قانداق  دۆلەتلەر؟ ھەممىسى دەل مۇسۇلمان دۆلەتلەر.        سادامنىڭ ئەينى چاغدىكى   بىرلىككە كېلىش ئېدىيسىگە  قارشى  تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى ھالىغا  قاراپ  بېقىڭ،نۆۋەتتە  ئامىرىكا  باشچىلىغىدىكى  دۆلەتلەرنىڭ ئەمدىكى  نىشانىغا  ئايلىنىۋاتىدۇ. خۇددى بۆرە   قاسساپنىڭ،ئاشپەزنىڭ، ناۋاينىڭ، دېھقاننىڭ  ئىتلىرىنى جايلىغانغا ئوخشاش.
        گەپ  قىلىشتىن ئىلگىرى  سەل  ئويلىنىڭ، ھەرقانچە  ئەسكى  (سورىقىنى ئاللاھ قىلىدۇ )بولسىمۇ بىزگە ئوخشاشلا  مۇسۇلمان،    ھىچ بولمىسا  دىنىمىز   بىر، پەيغەمبىرىمىز  بىر،خۇدايىمىز  بىر .......
       ئۇنىڭ  قىزىنىڭ   ئىشلىرىغا  ئۇتۇق  ،ئائىلە  تاۋاباتلىرىغا بەخىت  ۋە  ئەمىنلىك  تىلەيمەن.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11140
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 11:32:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت  توخار كە 2011-10-30 10:43 PMئەۋەتىلدى  :
پىشانىسى قاچان،نەدە پۈتۈلسە،ئەجەل قۇشى كەلدىمۇ،جەرۋائىل جېنىنى ئالىمەن دېگەن ئادەمنىڭ جېنىنى ئالماي قالمايدۇ،سادام توغۇرلۇق مەندە 20قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىمى بار،ئۇ ئىلگىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلاردا،خەلقىنى بەكلا باستۇرغان،ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلسىمۇ،لېكىن،ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن،تاماق يېگەندىمۇ،ئۆز دۆلىتىنىڭ تامىغىنى ياراتماي،ئايرۇپىلان بىلەن 3ۋاق تامىغىنى تۇشۇغان،ئۇنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇممايمىز،ئۇنىڭ  كەمچىلىكىگى  نۇرغۇن،مۇنبەردە كۆپ داۋالاشقىم يوق،سادام ھۈسەيىنىڭ پۈتۈن تارىخىنى دېگۈم يوق،مەن كۆرگىنىم پەقەت خەۋەرلەر،ئۇنىڭ تۇغۇلۇش ھاياتى،بېسىپ ئۆتكەن جەريانى،ئەلۋەتتە،ئېراق خەلقى بەك يامان كۈندە قالدى،بۇنى كۆرسە،ھەممە مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ،خەلقى ئىتىپاق بولمىغان،ئۇيشمىغان،تەييار ئاللاھ ھەدىيە قىلىپ،زېمىنىغا شۇنچە كۆپ تەبىي بايلىقلارنى ئاتا قىلسىمۇ،شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ،كاللا ئىشلەتمەي،غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان خەلقنىڭ تەغدىرى شۇنداق بۇلۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.
ئارتۇق گەپ تالاشمايمەن.
ئاللا بىر520 بۇرادەر،گەپ سۆزدە سىپايە بۇلۇڭ،ئانامنى چىشلەپ تاتماڭ،بۇ دېگەن مۇنبەر،ئاغزىمغا كەلدى دەپلا سۆزلىمەڭ،ئاساسىنى،نېگىزىنى قۇيۇپ تۇرۇپ سۆزلەڭ،ئانامنى چىشلەپ تارتىدىغانغا ھوقۇقىڭىز يوق،گەپتە سىپايە بۇلۇڭ،مېنىڭ ئانام-دادام مەندىن باشقا بەش پەرزەنتىنى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۇقۇتۇپ،جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىپ تەربىيلەپ چىقىپ بولغان،ئۇلار ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىمەكتە.دادام-ئانامنىڭ پەرزەنت تەربىيسى بەك كۈچلۈك بولغاچقا،سىزنى‹‹سەن››دېيىشكە تىلىم بارمىدى،ئويلاپ گەپ قىلارسىز،مەلۇم بىر كۈنلەردە مېنىڭ ئانامنى چىشلەپ تارتىڭىز،بىر كۈنلەردە ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ،سىزگىمۇ بىرسى شۇنداق دېگىننى بىر ئۆزىڭىڭز،يەنە بىرگە ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىپ قالار،مۇنبەر جېدەل تېرىيدىغان،ئۇرۇشىدىغان يەر ئەمەس،بولمىسا،خۇي-پەيلىم يامان بولغان بولسا،چەكلەنگەن ئەزا قاتارىغا كىرىپ بولاتتىم.
سادام ھۈسەيىن ئۆز ئەجىلى بىلەن رېھلەت قىلدى،ئەجەل دېگەن شۇنداق نەرسە،كىشىلەرنىڭ سادامنىڭ ۋاپات بۇلۇشىنى ئېراق مەسىلسىگە چېتىۋالماسلىقىنى،پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقئارالىق سىياسىي ئۆزگىرىشكە،نېمە ئىشلار بۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،شۇ ئىشلارغا باغلاپ تۇرۇپ،مۇھاكىمە قىلىشنىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەينى ۋاقىتتا پەلەستىن رەھبىرى ئەرافات تۈگەپ كەتتى،2004-يىلى كۈزدە،شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىن-ئىسرالىيە مەسىلسى،خەلقئارالىق تۇقۇنۇش قانداق يۈز بەردى،بۇنىمۇ ئويلاپ بېقىڭلار،ئاخىرىدا دەيدىغىنىم،غورۇرۇغا تېگىدىغان گەپلەرنى مۇنبەردە قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.
.......

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4429 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:45:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىلارنى  ئىلىمىي مۇلاھىزە قىلايلى قېرىنداشلار ،بىر ئېغىز  گەپتىنمۇ شۇ ئادەمنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى ، قۇرساقتىكى ئومىچىنى  بىلگىلى بولىدۇ . باشقىلارنىڭ ئانىسىنى چىشلەپ تارتقاننىڭ ئورنىغا ئىككى ئېغىز ئىلىمىي ئاساسىڭىز بىلەن رەددىيە بەرسىڭىز بولىدىغۇ ؟ مېنىڭچە بۇنداق گەپلەرنى قىلىش ئوغۇلبالىدارچىلىققا ، ئەركەكلىككە يات جۇمۇ !

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4429 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:58:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  allabir520 كە 2011-10-30 09:58 PMئەۋەتىلدى  :
تۇخار
سادام ئۈلۇپ ئاناڭ ئىككىزەك تۇغدىمۇ  

                 توۋا ، ھەيرانمەن !  بەزى خەقلەر نېمىشقا ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسىلا خەقنىڭ ئانىسىنى چىشلەپ تارتىدىغاندۇ دەيمەن . دۇنيادا كىمنى ئانا ئاپرىدە قىلمىغان ؟ كىم ئانىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىنساندىن مۇستەسنا دۇنياغا كەلگەن ؟ رەسۇلىللا  ھەدىستە : « جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا » دېگەن ئەمەسمىدى ؟  ئەجىبا سىز ئۇنى تىل - ھاقارەت ئورنىدا ئىشلەتسىڭىز تىلىڭىز كۆيمەمدۇ ؟ .............
                   مەنمۇ بىر ئانا ، ئانا بولغۇچىنىڭ قەدرىنى تېخىمۇ چۈشەنگۈچى ، شۇڭا ، سىز گە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن :  باشقىلارنى ئانىسى ئارقىلىق ھاقارەتلىمەڭ ! بۇ يىگىت قىلىدىغان ئىش ئەمەس ، ئەقەللىيسى ئادەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس ! ....

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4429 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 01:19:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

16قەۋەتتىكى(توخار) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

           سالام سىزگە !
مەن سىزنى تونۇمايمەن ، ئەمما ، مۇنبەرگە يوللىغان تىرەن پىكىرلىك ،تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە تېمىلىرىڭىز ، قايىل قىلارلىق ، سالماق ، چوڭقۇر پىكىر ، ئىنكاسلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ سىزگە ئىچىمدىن قايىل بولۇپ قالاتتىم .........
           بۈگۈن بۇ سۆزلىرىڭىزدىن قاتتىق رەنجىگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم . لېكىن سىزگە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ : بەزى ئەھۋالدا بەزى ئىشلارغا پىسەنت قىلماسلىق ئەڭ ياخشى چارە بولۇشى مۇمكىن !
              سىزدەك زېھنى ئۆتكۈر يىگىتنى تەربىيلىگەن ئانىڭىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !!! ...
  باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىماڭ ! ............
       سىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن ، قېرىندىشىم !!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش